ئىزدىنىش ژۇرنىلى izdinish_jurnili

http://uyghuredebiyati.net ژۇرنال ھەققىدە مەزكۇر ژۇرنال ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى كىلاسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش، ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپ ئىگىلىرى ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ۋە ئەدەبىي تىلىنى باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر ژۇرنالنى مەزمۇن ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارادىكى سۈپەتلىك ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغان پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنال. مەزكۇر ژۇرنالدا پەقەت ئەدەبىي ئەسەرلەرلا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىلغان ياكى باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەلەر قۇبۇل قىلىنىدۇ. ژۇرنالغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى كلاسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەر ئىجادىي ئەسەرلەر باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر خەلق ئارىسغا تارقالغان ئەقلىيە سۆز، ماقال-تەمسىل، چۆچەك، قوشاق، يۇمۇر قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنى تەسۋىرلىگەن رەسىملەر، فوتو-سۈرەت،