ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ داﻣﻮﻟﻼم )ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﭼﯧﺮﻙ(
ﻗﻪﻟﻪﻣﺪار ﺧﯧﯟﯨﺮ ﺗﯚﻣﯜر
-1 -
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ …! -1920ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﺎﺳـﻤﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﻣﺎﻥ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩـــﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﻧﻐـــﺎﻥ ﺷـــﺎﻣﺪﻩﻙ ﻏـــﯘﯞﺍ ﻛـــﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺷـــﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﺘـــﺎﻥ ﺳــﻮﻏﯘﻕ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐــﺎﻥ .ﺭﻩﺳــﺘﻪ ﻛــﻮﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋـــﺎﺩﻩﺕ ﺑـــﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜـــﻰ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻧﯧﭙﯩـﺰ ﺳــﯘ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺑﯩــﺮ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﻣﯘﺯ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻧﺠــــﺎﻥ ﺭﻩﺳﺘﯩــــﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷــــﻘﺎ ﻛــﻮﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﻰ ﺩﯗﻛﺎﻧــﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﻪﻗﻪﺳﻪﻡ ﺗﻮﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﻛﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﭙﺘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗﭖ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩـﻨﻪ ﺳﻪﻧﺪﻩﻟﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺠﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﻮﻏﻨﻰ ﺳــﯘﻧﯘﭖ ،ﺗﻪﺳــﯟﻯ ﺗﺎﺭﺗﻘــﺎﻥ ﻗــﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘــﺎﺕ-ﭘــﺎﺕ ﺋﯩﺴــﺴﯩﺘﯩﭗ ،ﭼــﻮﻏﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﺯﯗﺗـــﯘﭖ ﻗﻮﻳـــﺎﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺷـــﭙﯘﺯﯗﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻳـــﯘﻕ ﮬـــﻮﺭ ﭘـــﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺗـــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺷـــﭙﻪﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺮﯨـــﺪﺍﺭ ﭼﯩﻠﻠﯩﻐــــﺎﻥ ﺋـــﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ،ﻗﺎﺳـــﻘﺎﻥ ﺋﺎﭼﻘـــﺎﻥ ﻳـــﺎﻛﻰ
ﺗﻪﺧﺴﯩﮕﻪ ﻣﺎﻧﺘـﺎ ﺳـﺎﻧﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺷـﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩــﭗ ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻛﻮﭼﯩــﺪﺍ ﺋــﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻛــﺴﯜﻣﻪﻱ ﺋﯘﻳــﺎﻥ-ﺑﯘﻳــﺎﻥ ﺋﯚﺗﯜﺷــﯜﭖ ﺗـــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺗـــﻮﻻ ﺋـــﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﭼﻪﻛـــﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘـــﺎﻧﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷـــﯩﭽﻪ ﭼﯩـــﯔ ﻳـــﯚﮔﻪﭖ ﺋﯧﯖﯩﻜﯩﻨــﻰ ﻣﻪﻳﺪﯨــﺴﯩﮕﻪ ﺗﯩﻘﯩــﭗ ،ﺑﯩــﺮ ﻣﯜﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩـﺰ ،ﺑﯩـﺮ ﻣﯜﺭﯨـﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﺳـﯩﯖﺎﺭﻳﺎﻥ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧـﺪﻩﻙ ﺋﯩﻠــﺪﺍﻡ ﺋﯚﺗــﯜﭖ ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑﯘﺭﻧﯩــﺪﯨﻦ ﭘﻮﺗﻠﯩــﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺑــﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ، ﭼﯘﺭﯗﻗﻠﯩــﺸﯩﭗ ﺋــﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﻏﯩﻠﺘــﺎﯓ ﻣــﯘﺯﻧﻰ
ﻛﯚﺭﺳﻪ ،ﺷﯘ ﺋﺎﻧﻼ ﻧﺎﮬﺎﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺳﺎﺭﺍﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﺗﺎ- ﭼﻪﻛﻤﻪﻥ ﺗﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﺎﻣﻤـﺎﻟﻼﺭ ﻳﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯜﻛﭽﯩﻴﯩﭗ ﺋﺎﺳـﺘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺷــﻼﭖ ﺋــﯚﺗﻪﺗﺘﻰ .ﮬﯧﻠــﻰ ﺋــﯘ، ﮬﯧﻠﻰ ﺑﯘ ﻛﯚﻟـﺪﯨﻦ ﺳـﯘ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺳــﻮﻏﯩﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩــﺮﻩﺭ ﺗــﯧﻤﯩﻢ ﺳــﯘﻧﯩﻤﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﯚﻛﻤﻪﺳــﺘﯩﻦ ،ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻼﺷــﻘﺎﻥ ﺋــﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺑﯘ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺳـﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺩﯗﻏﺪﺍﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﭼﯩـﺴﯩﻐﺎ ،ﺑﻪﻗﻪﺳـﻪﻡ
ﻳــﺎﻛﻰ ﺋــﺎﯞﺍﺕ ﭼﻪﻛﻤﯩﻨﯩــﺪﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠــﮕﻪﻥ ﺳﯩﭙﺘﺎ ﺗﻮﻥ ،ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻣﭽﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻣﺎ ﺗﯘﻣﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﺑـﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﻪﺭ ﺷــﺎﻻﯓ ﻛــﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ .ﺋﻮﻣــﯘﻣﻪﻥ ﺋــﺎﺩﺩﯨﻲ ﭼﻪﻛـــﻤﻪﻥ ﻛﯩـــﻴﮕﻪﻥ ﻳﯧﻠﯩـــﯔ-ﻳﻮﭘـــﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯩﭽﯩـﺪﻩ ﭼﺎﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﻳـﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐـﺎﻥ، ﺳـــﻮﻏﯘﻗﺘﺎ ﭼﺎﭘـــﺎﻧﻨﻰ ﭼﯩـــﯔ ﻳـــﯚﮔﻪﭖ، ﻗﻮﻟﺘــﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩــﭗ ﻣــﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼــﯘﯞﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐــﺎﻥ ﺩﻭﻏــﺪﺍﻳﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﺗــﻮﻻ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩــﺴﻰ ﻗﺎﺳــﻘﺎﻥ
ﺗﯘﻣﺎﻕ ﻛﯩﻴﻪﺗﺘﻰ .ﻛﯚﻙ ﻣـﻮﯞﯗﺕ ﺗﺎﺷـﻠﯩﻖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﯘﻣﯩﻘﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﺷـﺎﻻﯓ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ…. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺴﯘﻥ ﻧـﻮﭼﻰ ﺷـــﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩـــﺪﻯ .ﻗﻪﮬﺮﯨﺘـــﺎﻥ ﺳـــﻮﻏﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ،ﻳـﯘﻣﯩﻼﻕ ﺷــﻪﮬﻪﺭ ﻛﯚﻟﯩــﺪﻩ ،ﺗﯘﺭﯗﻣﺘــﺎﻱ ﻛﯚﻟﻠﯩﺮﯨــﺪﻩ ﻳﺎﺷــﻼﺭ ﻧﺎﮬــﺎﻝ ﻗﻮﻳــﯘﭖ ﻣــﯘﺯ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩــﭗ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩـــﭗ ﻓﯩﮕـــﯘﺭﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـــﭗ ﺋﻮﻳـــﯘﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻗﻪﺷــــﻘﻪﺭ ﮬﻪﯞﻩﺳــــﻜﺎﺭ ﺷــــﻪﮬﻪﺭ.
ﻧﺎﯞﺍﻳﺨــــﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ،ﺗﻮﻧــــﯘﺭ ﺑﯧــــﺸﯩﺪﺍ، ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻐــﺎﻥ ﺭﺍﯞﺍﺏ ﺳــﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﻗــﯘﻻﻗﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻣﻤـﺎﻡ ﻛﻮﭼﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩـﺮ ﺗﻮﭖ ﺟﯧﻨﻰ ﭼﯩﯔ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﻮﭼﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ،ﭘـﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻻﯕﻐﯩـﺪﺍﻕ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺑــﯘﻻﺭ ﺳــﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤــﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﮬﺎﻣﻤــــﺎﻡ ﻛﯜﻟﺨﺎﻧﯩــــﺴﯩﻨﻰ ﺗــــﻮﻻﺭﺍﻕ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. “ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳــﺎﺵ ﺑــﺎﻟﻼ ﮬﺎﻣﻤــﺎﻡ
ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻛﯜﻟﺪﻩ ﻳﺎﺗﯘﺭﻻﺭ ” …… ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺮﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨـﻦ ﺑﯘﻳــﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴــﺎﻝ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠــﺪﯨﻦ- ﺗﯩﻠﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛـﺘﻪ .ﺑـﯘ ﻣﯩــﺴﺮﺍ ﺗــﻮﻻﺭﺍﻕ ﮬﺎﻣﻤــﺎﻡ ﻛﯜﻟﺨﺎﻧﯩــﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩـﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩـﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑــﯘ ﺑﯩــﺮ ﺗــﻮﭖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺑــﺎﺵ- ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛـﯜﻟﮕﻪ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐـﺎﻥ ،ﭼـﺎﭼﻠﯩﺮﻯ
ﭘﯧــﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﮔﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻳﺎﭘﻘﺎﻥ ،ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺳﻤﺎﻕ ،ﻛﯩﺮﻟﻪﺷـﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﻛــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﻣﭽــﺎﻗﺘﻪﻙ ﺋﻮﻳﻨــﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯧﻨﻰ ﭼﯩـﯔ ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺯﯦﺮﯨﻜﺴﻪ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻛـﯜﻟﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯜﮔـــــﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨـــــﭗ ﻧﺎﯞﺍﻳﺨﺎﻧـــــﺎ، ﺋﺎﺷــﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩــﻚ ﻗﯩﻠﯩــﭗ، ﺗﺎﭘﻘــــﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩــــﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﻗﻮﺭﺳــــﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐــــﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .ﻛﯧﭽﯩــــﺴﻰ ﮬﺎﻣﻤــــﺎﻡ ﻛﯜﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﻗﻪﮬﺮﯨﺘﺎﻥ
ﺳــﻮﻏﯘﻗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻼﻧــﺪﻩﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩــﺮﻯ ،ﺑــﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺑــﺎﺵ-ﻛ ـﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳــﺎﻻﻳﺘﺘﻰ. ﻳﯩﻼﻧـــﺪﻩﻙ ﺳـــﻮﻏﯘﻕ ﮬﻪﻡ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩـــﻚ ﻗﺎﻣﭽﯩـــﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﺷـــﯘ ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩــﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘــﺎﺗﺘﻰ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺑــﯘ ﺑــﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑــﻮﺯﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤــﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺳــﻮﻏﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷـــﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩـــﻲ ﻛـــﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻼﺗﺘـــﻰ. ﺋــــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﺘــــﺎﻥ ﺳــــﻮﻏﯘﻗﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤـﯘ ﺑـــﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩـــﯔ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩـــﺮﻯ ﭼﯩـــﯔ،
ﻣﻪﯕﺰﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨـﻞ ﺋﯩـﺪﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧـﺪﻩ “ﺗـﻮﯓ ﺗﯧــﺰﻩﻛﺘﻪﻙ ﭼﯩــﯔ ﺑــﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯩــﻜﻪﻥ” ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ﺷــﻪﮬﻪﺭ ﺋــﯚﺯ ﮬﺎﻳــﺎﺗﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﻳـﻮﻟﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﻛـﯜﻧﻰ ﺑـﯘ ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯜﻟﺨﺎﻧﯩــﺪﯨﻦ ﭼـــﻮﻍ ﺗﯧﭙﯩـــﭗ ﭼـــﻮﻏﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ-ﻗﻮﻟﻐـﺎ ﻳـﯚﺗﻜﻪﭖ ،ﻛﯩـﻢ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘـﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨــﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩــﺸﯩﭗ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤــﯘ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻜﻰ ﭼــﻮﻏﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘــﺎ ﻳﻪﺗﻜــﯜﺯﯛﺵ
ﺋﯜﭼــــــﯜﻥ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷــــــﯜﭖ ﺷــــــﻮﺥ ﺋﻮﻳﻨﯩـــﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺩﻩﻝ ﺷـــﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘـــﺎ، ﺋﻮﺗﺘــﯘﺭﺍ ﺑــﻮﻱ ،ﻳﻮﻏــﺎﻥ-ﻳــﺎﻟﭙﯘ ،ﻛﻪﯓ ﻳﻪﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ،ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﺘﻪﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻛﯚﺯﻟـﯜﻙ، ﻛﻪﻛﻪ ﺳــﺎﻗﺎﻝ ﺑﯩــﺮ ﺋــﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺑــﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺯﯨـــﺰ ﺑـــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩـــﻚﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ! -ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻣﯧﮫﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ. -ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﮬﺎﻟﯩﯖﻼﺭ ﺋﯘﺷـﺒﯘ
ﻛــــﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﻐــــﺎﻧﻤﯘ؟ ﺑﯧــــﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨـﺪﯨﻦ ﺳـﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﻛﯩـــﺸﯩﻨﻰ ﻛـــﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑـــﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﮬـــﺎﻝ ﻛﯜﻟﺨﺎﻧﯩﮕﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﻏﯘﮊﻣﻪﻛﻠﯩـﺸﯩﭗ، ﻗﯘﻣﭽﺎﻕ ﻛـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﯨﺘﯩـﭗ ﻗـﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـــﺎﺗﺘﻰ .ﺑـــﯘ ﻛﯩـــﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏـــﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ : ﺋﻪﻱ ﺋﻪﺯﯨــﺰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩــﺮﯨﻢ ﻧــﯧﻤﻪﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺑــﯘ ﻛﯜﻟﺨﺎﻧﯩــﺪﻩ ﻳﺎﺗﯩــﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﯖﻼﺭ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
ﺩﺍﺩﺍ! -ﺩﯦﺪﻯ ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ،ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﻛـﯜﻟﮕﻪﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﯗﻕ… -ﺑﺎﻻ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟـﯘﭘﻼ ﻳﯧﻨﯩـــﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏـــﺎ ﻗـــﺎﺭﺍﭖ ﺗﯩﻠﯩﻨـــﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩــﯔ! ...ﺩﯦــﺪﻯ ﺑــﯘﻛﯩﺸﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪﺍ- ،ﺳـﻮﻏﯘﻕ ﺩﯦـــﮕﻪﻥ ﺑـــﯘ ﺩﻩﮬـــﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻩﺯ ﺋـــﯚﺯ ﻧﻪﺷـــــﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳـــــﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋـــــﺎﭺ- ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺳـﺎﻧﭽﯩﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺷﯘﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻜﻰ ﺋﺎﺗـﺎ-ﺋﺎﻧـﺎﯕﻼﺭ،
ﺋﯚﻱ-ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﯖﻼﺭ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺋﺎﺗــﺎ-ﺋــﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﺋــﯚﻱ-ﻣﺎﻛــﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺑﯩﺰﻣــﯘ ﺳــﻪﻧﺪﻩﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩـــﭗ ﻛﯩﺮﯨـــﭗ ﻳﻮﺗﻘـــﺎﻧﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﯩـــﭗ ﺋﯘﺧﻼﻳﺘﺘﯘﻕ.!.. ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ ،ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﺟـﺎﯞﺍﺏﺑﻪﺭﺩﯨﯔ! ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ!... ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﻛﻮﭼﯩـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽـــﻰ ﺋﺎﻳـــﺎﻝ ﭼﯚﭼﯜﺭﯨـــﺪﻩﻙ ﺋـــﯜﭺ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩـــﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘـــﻰ ﺷـــﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘـــﻜﻪ
ﺑﯘﺭﺍﻟﺪﻯ. ﭘﺎﺗﯩﻤﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻰ، ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻣﺎﻗﻰ … …… ﺑـــﯘ ﻛﯩـــﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐـــﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ : ﺳــــﯩﯖﻠﯩﻢ! ...ﺑــــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻪﻙﻳﻮﭘﯘﯕﻜﻪﻥ .ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﺎ ﺗﻮﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ! ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐــﺎ ﻳﯧﻘﯩــﻨﻼﭖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩــﯔﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﺪﻯ ،ﯞﻩ : -ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ-ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ! ...ﻣﯘﻧـﺪﺍﻕ
ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ! ﻳـﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﯖـﻼﺭ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﺋﯚﻳــﯜﻣﮕﻪ ﺑﯧــﺮﯨﯖﻼﺭ! ﻣﯧﮫﻤــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘﯕﻼﺭ! ﺳــﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋــﻮﺕ ﺳــﯩﻨﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯩﺴــﺴﯩﺘﺎﻱ، ﺗﺎﻣــﺎﻕ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﺗﻮﻳﯘﻧــﺪﯗﺭﺍﻱ ،ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﯕﻼﻧﻐـﺎﻥ ﺑـﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺭﺍﺳــﺖ ﻳــﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩــﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻐـــﺎﻥ ﺑـــﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩـــﺮ-ﺑﯩـــﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﺟﯩـﻢ ﺗﯘﺭﯗﺷـﺎﺗﺘﻰ .ﺑـﯘ ﻛﯩـﺸﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ : -ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺭﯛﯕﻼﺭ،
ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯧﮫﻤﺎﻥ ﻗﯩﻼﻱ!... ﺩﯦﺪﻯ.ﺑﺎﺭﺳــﺎﻕ ﺑــﺎﺭﺍﻳﻠﻰ- ،ﺩﯦﻴﯩــﺸﻜﻪﻥﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻛﯩـﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩـﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕـﺪﻯ. ﺋﺎﻳــــﺎﻝ ﮔﻮﻳــــﺎ ﻗﺎﻧــــﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩــــﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺳــــﯩﻠﯩﻤﯘ ﺷــــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠــــﺴﯩﻼ.ﻗﻮﺭﯗﻧﻤﺎﻱ ﻣﺎﯕﺴﯩﻼ- ،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ. ﺑــﯘ ﻛﯩــﺸﻰ ﺋﺎﻳــﺎﻟﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺑﯩــﺮ ﺗــﻮﭖ ﺑــﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷــﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋــﯚﺯ ﺋــﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
- 2-
ﺋﺎﺑـــــــــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣـــــــــﻮﻟﻼﻡ ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﯚﺯ ﺋـﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ ﻣﻪﺧـﺴﯘﻡ ﺑﺎﻟﯩـﺴﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨـﭗ، ﺋﯩﭽﻜﻪﺭﻛــﻰ ﺋﯚﻳــﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟــﻠﻪ ﺳــﺎﻧﺪﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﭼﯩﻘﯩـــﺸﻘﺎ ﺑـــﯘﻳﺮﯗﺩﻯ .ﻏﻪﻟـــﻠﻪ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐـﺎﻥ ﻣﻪﺧـﺴﯘﻡ ﺧﯘﺷـــﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﯩـــﻦ-ﻗﯩﻨﯩﻐـــﺎ ﭘﺎﺗﻤـــﺎﻱ ﻳﯜﮔــﯜﺭﮔﻪﻥ ﭘﯧﺘــﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻛــﻰ ﺋــﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﺳـﺎﻧﺪﯗﻗﻨﻰ ﻛﯚﺗـﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘـﻰ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــــﺎ ﺋﻪﮔﯩــــﺸﯩﭗ ،ﻣﻪﺳــــﯘﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﺪﻩﺳــﻰ ﻧــﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧــﺎﻧﯩﻢ ،ﮬﻪﻣﻤﯩــﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﻯ ﺋﺎﻣﯩﻨﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻳﺎﺋــــﺎﻟﻼ ،ﺋــــﻮﻻﺵ-ﭼــــﻮﻻﺵﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻧـﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷـﺘﯘﯕﻼﺭ؟ ﺩﯦـــﺪﻯ ﺩﺍﻣـــﻮﻟﻼﻡ ﮬﻪﻳـــﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻥﺗﻪﺭﺯﺩﻩ. ﻏﻪﻟﻠﻪ ﺳـﺎﻧﺪﯗﻕ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐـﯘﺩﻩﻙ ﺩﻩﭖﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩـﺰ ﺧﯘﺷـﺎﻝ ﭼﯩﻘﺘـﯘﻕ ،ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ، ﺑﻮﻟﻤــﺎﭘﺘﯘﻣﯘ؟ -ﺩﯦــﺪﻯ ﻧــﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧــﺎﻧﯩﻢ ﻣﯩﻴﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﯜﻟﯜﭖ.
ﭼﯩﻘﻘــــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﭘﺘــــﯘ ،ﺋﻪﻣﻤــــﺎﮬﻪﺭﻗﺎﻳـــﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯﻩﺭﺭﯨـــﭽﻪ ﻣﻪﻧـــﭙﻪﺋﻪﺕ ﺗﻪﮔﻤﻪﺳﻤﯩﻜﯩﻦ ! ﻣﻪﻳﻠــﻰ… ﻏﻪﻟﻠﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨــﻰﻛﯚﺭﺳﻪﻛﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻳﺪﺍ -- ،ﺩﯦﺪﻯ ﻧﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧــﺎﻧﯩﻢ ﺳــﻪﻝ ﻧــﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟــﯘﭖ- ،ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨـــﻰ ﺋﯚﻣـــﯜﺭﯞﺍﻳﻪﺕ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳـــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳـــﺎﻧﺪﯗﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭘـــﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺑﯩﭽـــﺎﺭﻩ ﻣﻪﺧــﺴﯘﻡ ﺑــﺎﻻﻡ ﻏﻪﻟﻠﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩــﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﮬــﯧﭻ ﮬــﺎﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩــﺪﻯ. ﺳــﺎﻧﺪﯗﻗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟــﯘﭘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﻛــﯜﻧﻰ ﻳــﯜﺯ
ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﺗﺎﺭﺍﻗﻠﯩﺘﯩــﺪﯗ .ﺗﯘﺗﻤﯩــﺴﯩﻼ ﺑــﺎﻻﻡ، ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩـﺮﻯ ﺧﺎﭘـﺎ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﺗﻮﺳـﯘﭖ ﻛﻪﻟــﺪﯨﻢ ،ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳــﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻗﯘﻟـﯘﭘﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼـﺎﻥ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺘﺘﻰ. ﮬﻪ… … ﺗﯧﺨﻰ ،ﻣﻪﺧـﺴﯘﻡ ﺑـﺎﻻﻡﻛﻪﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﭙـﺘﯩﻜﻪﻥ-ﺩﻩ! -ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﻣﻪﺧـــﺴﯘﻡ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐـــﺎ ﻗـــﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳـــﺪﻯ. ﻣﻪﺧــﺴﯘﻡ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺳــﻪﻝ-ﭘﻪﻝ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨــﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﻛﯩﭽﯩـﻚ ﻗﯩـﺰ ﺋـﺎﻣﯩﻨﻪ ﺳﻮﺭﺍﺷـﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ:
ﺩﺍﺩﺍ ،ﺩﺍﺩﺍ ،ﺑــﯘ ﺳــﺎﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﻳــﯧﻤﻪﺑﺎﺭ؟ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﻟﯩﭙﺎﭘﺎ ﺑﺎﺭ.ﻳﯩﺘﺎﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯩﭽﯩــﺪﻩ ﻧ ـﯧﻤﻪ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳــــﯩﻠﯩﻨﻰ ﮔﻮﻟﻼﯞﺍﺗﯩــــﺪﯗ،ﻟﯩﺘﺎﭘﯩﻨﯩـﯔ ﺋﯩﭽﯩــﺪﻩ ﻟﯩـﻖ ﭘــﯘﻝ ﺑــﺎﺭ- ، ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺘﺘﯩﻜﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ. ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻳـﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ؟ -ﻛﯩﭽﯩـﻚﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﺳـﻪ ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﻤﯩـﺰ،ﺩﯦــﺪﻯ ﻣﻪﺧــﺴﯘﻡ ﺳﯩﯖﻠﯩــﺴﯩﻐﺎ ﻳــﻮﻝﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ. ﺳــــﯩﻠﻪﺭ ﺧﻪﺟﻠﯩــــﺴﻪﯕﻠﻪﺭ ﺗــــﻮﻏﺮﺍﻛﻪﻟﻤﻪﺳــﻤﯩﻜﯩﻦ! -ﺩﯦــﺪﻯ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼ ﺋــﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﺯ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ. ﺑﯘ ﺳﺎﻧﺪﯗﻕ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧـﺮﻯ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﺎﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﭘﯘﺷﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﮬﯩﺠــﺮﻩﺗﺘﯩﻦ
ﻗﺎﻳﺘﯩــﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘــﻰ ﺑﯧــﺸﯩﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩــﺪﻩﻙ ﮬــﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ ،ﺑﻪﺯﻣﯩـﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩــﭗ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﭼــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻐﺎ ﭘــﯘﻝ ﻗﻮﻳــﯘﭖ ﺩﯗﺋﺎﺳــﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟــﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـــﻘﺎ ،ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐـــﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪﺭ ﺧﯩـــﻞ ﻛﯩــﺮﯨﻤﻠﻪﺭ -ﺋﯚﺷــﺮﻩ ،ﺯﺍﻛــﺎﺕ ،ﺳــﻪﺩﯨﻘﻪ، ﺋﯧﮫﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻘﺎﺕ ﻟﯩﭙﺎﭘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻛﯩﺮﯨﻤﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻣـﻮﻟﻼ-ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺭﯨﺰﻗﻰ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐـﺎ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ
ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺋـﯚﺯ ﺷﻪﺧـﺴﻜﻪ ﯞﻩ ﺋـﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧﯩـــــﺮﺍﺟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠـــــﭽﻪ ﺗﻪﺳـــــﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﯘﻝ ،ﻟﯩﭙﺎﭘﯩﻼﺭﻧﯩـﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩــﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺯﻛــﯘﺭ ﻏﻪﻟــﻠﻪ ﺳــﺎﻧﺪﯗﻗﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷـــﻼﭖ ،ﻳﻮﻏـــﺎﻥ ﻗﯘﻟـــﯘﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧـــﻰ ﺳــﯧﻠﯩﭗ ،ﺋــﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋــﯚﺯﻯ ﺳــﺎﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘـــﻰ .ﺋـــﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩـــﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑـــﯘ ﺳــﺎﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﭘــﯘﻝ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋــﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘــﻰ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﺋــﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ ﻳﯧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟـﺴﻪ ﻳـﺎﻛﻰ
ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﺴﯩﻼ ﺳـﺎﻧﺪﯗﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﻟﯘﭘﻨﻰ ﺗﺎﺭﺍﻗﻠﯩﺘﺎﺗﺘﻰ .ﯞﺍﻟﯩﺪﻩﺳﻰ ﻧـﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧــﺎﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﺧﺎﭘﯩــﺴﻰ ﺋـــﯚﺭﻟﻪﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩـــﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺧـــﺴﯘﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺳـﺎﻧﺪﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﺳــــﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤــــﯘ ﺋﯩﭽــــﻰ ﭘﯘﺷﺎﺗﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﮬـﺎﺯﯨﺮ ﻏﻪﻟـﻠﻪ ﺳـﺎﻧﺪﯗﻕ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ،ﻧﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﻨـﻰ ﺑﻮﺷــﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﺩﻩﺭﮬــﺎﻝ ﺳــﯚﺯ ﺋﺎﭼﺘﻰ : -ﺑﯘ ﻏﻪﻟﻠﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋـﯧﭽﯩﻼﺭﻛﯩﻦ ﺩﻩﭖ
ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩـﺰ ﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻕ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮔﯧﻠـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻗﻪﺭﺯﮔﻪ ﺑﻮﻏﯘﻟــﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﺋﻪﻻ ﺧﯧــﻨﯩﻢ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﺍﺳـﺘﯩﺨﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﻳﺎﻧـﺪﯗﺭﻏﯘ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩــﺪﯨﻢ .ﮬــﺎﺟﻰ ﺧﯧــﻨﯩﻢ ،ﺋﺎﻣــﺎﻧﮕﯜﻝ ﺧﯧـــﻨﯩﻢ ،ﻧﻪﺟـــﻼ ﺧﯧﻨﯩﻤﻼﺭﻣـــﯘ ﻗـــﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤــﺪﯨﻦ ﺩﺍﺳــﺘﯩﺨﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻛﻪﻟــﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩــــﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩــــﺴﻰ ﻗﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟــــﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩــﺪﯗ .ﺑﯩﺰﻣــﯘ ﺩﺍﺳــﺘﯩﺨﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭼﯩﻘﺘـﻰ .ﺑـﺎﺭﺍﻳﻠﻰ
ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﻮﻕ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩـﻢ ﺩﯦـﺴﻪ، ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﺷﻨﺎﭼﻰ ﺩﻩﻳـﺪﯗ .ﺋﯧﺘﯩﻤﯩـﺰ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ،ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺑﯩــﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺳــﺘﯩﺨﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـــﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩـــﺪﻩﻙ ﮬـــﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﻳـــﻮﻕ. ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛـﺎﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ .ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﺳـﯧﻠﯩﭗ، ﮬــﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻤﻪﻳﻼ .ﮬــﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﺧﯩﺠـﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﺋﯩــﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﯧــﺸﯩﻤﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳــــــــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــــــــﺪﯗﻡ. ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ! -ﺧﯧـــــﻨﯩﻢ ،ﺭﺍﺳـــــﺎ ﺗﻮﺷـــــﯘﭖ
ﻛﯧﺘﯩﭙـــﺘﯩﻜﻪﻧﻼ -- ،ﺩﯦـــﺪﻯ ﺩﺍﻣـــﻮﻟﻼ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ،ﻧﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛـﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ- ،ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ،ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺳـــﺘﯩﺨﺎﻥ ﻛﯚﺗـــﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﺳـــﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩــﻚ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ،ﺩﺍﺳــﺘﯩﺨﺎﻥ ﻛﯚﺗــﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩــﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩــﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣــــﺪﯨﻜﻪﻥ؟ ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻠﯩــــﺮﻯ ﺑــــﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻻﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻤــﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩــﻚ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﮔﻪﭖ .ﮬﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺗــﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺳـﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋـﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ
ﺋــﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ،ﺋــﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺭﻩﺳـﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘــﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩــﺪﯗ .ﻛــﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺯﻩ ﻛﯚﺗـــــﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘـــــﺎﻧﻼﺭ ﻳـــــﺎﻛﻰ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ-ﺗﺎﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﻩﻣﺒﯩﻠﮕﻪ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﻘــﺎﻧﻼﺭ ﺗــﻮﻻ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳــﺪﯗ .ﺑــﯘﻻﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩــــﻢ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩــــﻚ ﻗﯩﻠﯩــــﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧـــﺪﯗﺭ .ﺋﻪﺟﻪﺑـــﺎ ،ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـــﯔ ﺩﺍﺳــﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﺍ ﮬﯧﭽﻨﻪﺭﺳــﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺠﺎﻟﯩﺘﻰ ﻳـﻮﻕ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋـﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺑﯧﻴﯩــﭗ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﻗــﺎﺯﻯ-ﻗﯘﺯﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩــﯔ،
ﺋﻪﻣﻪﻟــﺪﺍﺭ-ﺑﻪﮔﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺋــﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﺷــﯘ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯧﻨﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺑﯘ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﻍ ﺗﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩـــﺮ ﺋﯩـــﺶ .ﻗﻮﺷـــﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳــــﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧــــﺎ ﻣﯘﺷــــﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ. ﺧﯧﻨﯩﻤﻼﺭﻧﯩــــﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩــــﻚ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺗــــﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﯕﻐــــﺎﻥ ﺩﺍﺳــــﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﭺ-ﻳﺎﻟﯩﯖـﺎﭺ ﻳـﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺗــﯘﻝ ﺧﻮﺗــﯘﻥ ،ﻳﯧــﺘﯩﻢ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻏــﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋـﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳــﺪﯗﻳﺎ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺑــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﺎﻣﻤــﺎﻡ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ
ﻛﯜﻟﺪﻩ ﻳﺎﺗﺴﺎ ،ﻛـﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩـﻠﻪﺭ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟـــﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗـــﺴﺎ ،ﭘﯜﺗـــﯜﻥ ﺷــــﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩــــﻚ ،ﺋــــﺎﭺ- ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻠﯩﻖ ،ﻗﻪﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ،ﺑﯘ ﺧـﺎﺭﯗ-ﺯﺍﺭﻟﯩﻘﻘـﺎ ﮬـﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﯗﻕ، ﺋﯚﺳﺘﯘﻕ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛـﯜﻧﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﯩﻨـﺸﺎﺋﺎﻟﻼ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﻗـﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﻟﺴﻪ ،ﺑﯩـﺰ ﺋـــﯘ ﺋـــﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﮬـــﺎﻻﯞﻩﺗﺘﯩﻦ
ﻛﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ،ﺑﯘﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻍ ﺗﯧﻤﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺧﯧﻨﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳـﺘﯩﻦ، ﺑﯩﭽــﺎﺭﻩ ،ﺯﻩﺋﯩــﭗ ،ﻣﯧﻴﯩــﭗ ،ﻳﯧــﺘﯩﻢ- ﻳﯧﺴﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﻪﻣــﺒﻪﻏﻪﻝ ﺟﯩــﻖ ،ﮬﻪﻣﻤﯩــﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﻗــــﯘﺭﺑﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳــــﺪﯗ .ﺋﻪﻣــــﺪﯨﮕﯩﻨﻪ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﯩــﺪﻩﻙ ﻳﯧــﺘﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩــﻚ ﻗﯩﻠﯩــﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻨــﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ،ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺶ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ .ﻗﯧﻨﻰ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﻳﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ،
ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﺷــﻪﮬﻪﺭﮔﻪ – ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺑـﻮﻻﺗﺘﻰ، ﮬـﺎﺯﯨﺮ ﺑــﺎﻳﻼﺭ ،ﺋﯚﻟﯩﻤــﺎﻻﺭ ،ﺋﻪﻣﻪﻟــﺪﺍﺭﻻﺭ، ﺷﻪﻳﺦ ،ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩـﺴﻰ ﻣﺎﯕـﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩــﺪﯗ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨــﺴﻪ، ﯞﻩﺧﭙﯩﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳـــﻪ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩـــﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣـﯘﺗﻠﻪﻕ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﻛﻪﺳـــﭙﻰ-ﻏﯧﻤـــﻰ ﺋـــﯚﺯ ﻳـــﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺷــﺘﺎ .ﺑــﯘ ﻏﻪﻟﻠﯩــﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳــﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕــﺎ ﺗﻪﯞﻩ .ﻳ ـﯘﺭﺕ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻤﻐﺎ ﻗﻮﻳــﺪﻯ، ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻡ ﺭﻩﻧﺠﯩﻴﺪﯗ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯚﺯ
ﺧﻪﺟﯩﻤﮕﻪ ﺗﻪﺳـﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠـﺴﺎﻡ ﻣﺎﯕـﺎ ﺭﺍﯞﺍ ﺑﻮﻻﻣـــﺪﯗ؟ ﻣﻪﺋﯩـــﺸﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮬـــﺎﻝ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺋــﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳــﻪﺩﯨﻘﻪ-ﺋﯧﮫــﺴﺎﻥ ﻳﯧﺴﻪﻙ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﻣـﺪﯗ؟ ﻛﯩﺘـﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺳـــﻪﺩﯨﻘﻪ-ﺋﯧﮫـــﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﯩـــﺴﻰ - ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ،ﺋـﺎﺟﯩﺰ ،ﻳﯧـﺘﯩﻢ-ﻣﯩـﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯩــﺰ ﻏﻪﻟﻠﯩــﮕﻪ ﻗــﻮﻝ ﺳــﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯩﮕﯩــﺴﻰ -ﻛﯩﻴﯩﻤــﺴﯩﺰ ،ﺋــﺎﺵ-ﻧﺎﻧــﺴﯩﺰ، ﻛﻮﭼﯩــﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﻳﯧــﺘﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ. ﻣﺎﯕﺴﯩﻼ ﺑﺎﻻﻡ ،ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣـﻮﻟﻼ
ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺋﺎﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟـﺴﯩﻠﻪ، ﻏﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺴﯘﻥ. ﻧـــﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧـــﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩـــﭗ ﺋﯘﻟـــﯘﻍ ﮬﻪﺩﯨـــﺲ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐـــﺎﻥ ﺋﯩـــﺪﻯ .ﺗﻮﻟـــﯘﻕ ﭼﯜﺷــﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩــﮕﻪ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ،ﺧﯘﺷــﺨﯘﻱ ﻗﯩﻴــﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩــﺮ ﺗﯩﻨﯩــﻖ ﺋﯧﻠﯩــﭗ، ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ : ﻣﺎﯕــــﺴﯩﻼ ﺑــــﺎﻻﻡ ،ﭼﺎﭘــــﺴﺎﻥﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺮﺳﯩﻠﻪ- ،ﺩﻩﭖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧــﺪﯛﺭﺩﻯ .ﻣﻪﺧــﺴﯘﻡ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺋــﺎﻧﭽﻪ ﮬﺎﻳــﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤــﺎﻳﻼ ﻣــﻮﻟﻼ
ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣــﺎﯞﯗ ﻏﻪﻟﻠﯩﻨــﻰ ﺑﯜﮔــﯜﻥ ﺳــﯩﻠﯩﮕﻪﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺍﻱ .ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩـﭗ، ﺋﯩﭽﯩــﺪﻩ ﻧــﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﺳــﺎﻧﺎﭖ، ﺩﻩﭘــﺘﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﺗﯩﻠﯩــﻖ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩــﭗ، ﻳﯧــﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏــﺎ ﺳــﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠــﺴﯩﻼ .ﺑﯩــﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﻘﺎﻝ ﭘﯘﻝ ﺋﯘﻳـﺎﻥ-ﺑﯘﻳـﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩــﺴﯘﻥ .ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﮬــﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩـــﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩـــﺮ ،ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻤﯩـــﺰ ﭼـــﻮﯓ. ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺗﻪﻧﻪﺯﺯﯗﻝ ﺑﻪﻛﻤــﯘ ﺋﯧﻐﯩــﺮ ،ﺋــﺎﺯﺩﯗﺭ-ﻛﯚﭘﺘــﯘﺭ ﺋــﺎﻏﻪ
ﻗﯩﻠﻤﯩــﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﻣــﺪﯗ؟ ﮬــﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩــﺰ ﻛﺎﻧﺎﺭﯨﻐــﺎ ﺋﯧــﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔــﯚﺵ ،ﻛـــﺎﯞﺍﭖ ﺯﯨﺨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﻴﻤـﺎ ،ﺑـﺎﻳﻼﺭ، ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ،ﺋﻪﻣﻪﻟـﺪﺍﺭ-ﺑﻪﮔـﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﮔﯚﺷــﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺭﻩ ﻛــﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯩــﺸﺘﯩﮫﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘــــﺎ .ﺋﻪﻏﻴــــﺎﺭﻻﺭ )ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــــﺰﻻﺭ، ﺷﯩﯟﯨﺘﻼﺭ( ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﺋﻪﻣـﮕﻪﻙ ﺗﻪﺭﻟﯩـﺮﻯ، ﺋﯩﺴــــﺴﯩﻖ ﻗــــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﺩﻩﮬــــﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟـﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛـﺘﻪ .ﻣـﻮﻟﻼ ﺳـﺎﯞﯗﺕ، ﮬﻮﺷـــــﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟـــــﺴﯩﻼ ،ﻛـــــﺎﻟﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﺴﯩﻠﻪ .ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ … ﻗﯧﻨﻰ،
ﻏﻪﻟﻠﯩﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺑﺎﻗﺴﯩﻼ. ﻣــﻮﻟﻼ ﺳــﺎﯞﯗﺕ ﻏﻪﻟﻠﯩﻨــﻰ ﺗﯚﻛــﯜﭖ، ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ ،ﻛﯜﻣﯜﺵ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗـﻮﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳــﺎﻧﺎﭖ ﺩﻩﭘــﺘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺷــﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﺋـﯚﺯ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩـﺪﯨﻦ ﺑﯩـــﺮ ﺳـــﻪﺭ ﺗﻪﯕـــﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـــﭗ ،ﺋـــﯚﻱ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺑﺎﻟﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎﻣﯩﻨﻪ ﻗﯩﺰﻧـﻰ ﮬﻪﻡ ﻧﺎﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯩﻴﯩﻦ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
-3-
ﺑﯧﺸﻰ ﺋﯩﺸـﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋـﺎﺩﻩﻡ-ﺩﻩ-،ﺩﯦــﺪﻯ ﻗــﺎﺭﺍ ﺳــﺎﻗﺎﻝ ،ﻳــﯘﻣﯩﻼﻕ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﮬﯩﺮ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼ، ﻛﻮﭼﯩــﺪﺍ ﻳــﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩــﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯧــﺘﯩﻢﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ ،ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﻮﻗﯩﻼﯓ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ- ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ! ﺧﯘﺩﺍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻱ ﺩﯦﺴﯩﻠﻪ ،ﺋﯘﻧﻰﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻱ ﻧﻪ ﭼﺎﺭﻩ! -ﺩﯦﺪﻯ ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨـﻦ
ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﭖ. ﺋـــﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﭼﺎﻏﻠﯩﻤـــﺎﻱ ﺷـــﯩﻠﺘﯩﯔﺋﯧﺘﯩﭙــﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﭘﺎﻻﺳــﻘﺎ ﻳﯚﮔﯩﻨﯩــﭗ ﮬﻪﭘــﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭙـﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺷـﯘ-ﺩﻩ؟ -ﺩﯦــﺪﻯ ﺋﯘﭼﻠـــﯘﻕ ﺳـــﺎﻗﺎﻝ ،ﭘﺎﻛـــﺎﺭ ﺑﻮﻳﻠـــﯘﻕ ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳــــﯩﻢ ﻣﯚﺗﯩــــﯟﻩﻟﻠﻰ- ،ﻳﯧــــﺘﯩﻢ ﺋـــﻮﻏﻼﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﭼﯩـــﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩـــﭗ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺗﻪﺭ-ﺋـﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺑﺎﻗﻤـﺎﻕ ﺋﯧﻐﯩـــــﺮ ﻛﯧﻠﯩـــــﭗ ،ﻣﻪﺩﺭﯨـــــﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻗﺎﭘﻠﯩﺮﯨـــﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳـــﻪ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩـــﭗ ﺑﯧــــﺮﯨﯖﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨــــﻰ ﺋــــﺎﯞﺍﺭﻩ
ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.!.. ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﭘﯧﺸﯩﻨﻨﻰ ﺋﻮﻗـﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﺑﯩــﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﻪﻗــﯟﺍﺩﺍﺭ ﻛﯩــﺸﻰ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﭘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـﯘﭖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑـﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺷـﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘـﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﻛـﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋـﯚﺯﻯﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻥ ﻳﻮﺗﻘـــﺎﻥ ﺗﯧـــﺸﻰ ﮬﺎﺭﺍﻣﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﺑﺎﻗﻤـﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯞﻗﺎﭘﻘﺎ ﭼﺎﯕﮕﺎﻝ ﺳﺎﻟـﺴﺎ
ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﻪﻣــﺪﯨﻜﻪﻥ؟ -ﺩﯦــﺪﻯ ﺗــﺎﮬﯩﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﻮﺷﯘﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ- ،ﮬﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨـﺸﺎ ﻗﻮﺭﺳـﯩﻘﻰ، ﻳﯩﻘﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺗﯧﻤـﻰ ،ﻳﺎﻣﺎﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺷــﯜﻛﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻗﻮﺭﺳـﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑـﯧﻘﯩﺶ، ﺗﯚﺷــﯜﻛﻨﻰ ﻳﺎﻣــﺎﺵ ﻛﯧــﺮﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺳــﻤﯘ؟ ﺋﻪﯞﻗـــــﺎﭘﻨﻰ ﻳﯧـــــﺘﯩﻢ ﺋﻮﻏﻼﻗﻼﺭﻏـــــﺎ ﻳﯧﺪﯛﺭﯨﯟﻩﺗــﺴﻪﻙ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯘﻟﯘﻕ؟ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯧﻐﺰﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﺘﻪﻙ ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. -ﮬـــﺎﺯﯨﺮ ﺑـــﯘ ﺋـــﺎﺩﻩﻡ ﺷـــﻪﮬﻪﺭﮔﻪ
ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ- ،ﺩﯦﺪﻯ ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﻗـﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ- ،ﺋـﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘــﺎﻥ ،ﺑــﯘﻧﻰ ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘــﺎﻥ، ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩـــﯔ ﻳﺎﻗﯩـــﺴﯩﻐﺎ ،ﺋﯚﻟﯜﻣﺎﻻﺭﻧﯩـــﯔ ﭘﯧـــﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧـــﺴﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻳـــﺴﻰ ﺧﺎﻧﯩﻘــﺎ-ﻣﻪﺩﺭﯨــﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩــﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩــــــﺴﯩﻐﯘ ﻣﻪﻳﻠــــــﻰ ،ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــــــﺰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩـــــــــﺴﻰ ،ﺷـــــــــﯩﯟﯨﺖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧــﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺗﯩــﻞ ﺳــﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﺩﯦﺴﯩﻠﻪ! ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩــــﺰﮔﻪ ﻧــــﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠــــﺪﻯ؟ ﺷــــﯩﯟﯨﺖ
ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠـﺪﻯ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋـﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﯜﻣـﺎ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘﺟﻪﺩﯨﺘﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗـﺎﭘﺘﯘ .ﺷـﯘﯕﺎ ﺟﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﺕ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﭼﺎﯓ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ! ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷـﯩﯟﯨﺘﻼﺭﻏﺎ ﭼـﺎﯓﺳﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩــﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﺩﯦـــﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴـــﺎﻧﻰ ﺳـــﻮﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻕ! ﺗﻪﻗــــﺴﯩﺮ ﺩﺍﻣــــﻮﻟﻼﻡ“ ،ﺟﺎﮬــــﺎﻧﮕﯩﺮ”
ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩـــﯔ ﺳﯩﻐﯩـــﺴﻰ ﻧـــﯧﻤﻪ؟ -ﺩﻩﭖ ﺳـــﻮﺭﯨﺪﻯ ﮬـــﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨـــﻦ ﺳـــﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ. “ﺟﺎﮬـــﺎﻥ” ﺩﯦـــﮕﻪﻥ 18ﻣﯩـــﯔﺋــﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﺪﯗ“ .ﮔﯩــﺮ” ﺩﯦﮕﯩﻨــﻰ ﺗﯘﺗﻘـــﯘﭼﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘـــﯘﺭ .ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻧﯩـــﯔ ﻣﻪﻧﯩـــﺴﻰ ﺟﺎﮬـــﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘـــﯘﭼﻰ ﺩﯦـــﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩـــﺪﯗ“ .ﻻﺧـــﺸﻪ” ﺩﯦـــﮕﻪﻥ ﭼـــﻮﻍ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ ،ﺋـﻮﺕ ﺗﯘﺗﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳـﯟﺍﺑﻨﻰ ﺷـــﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ “ﻻﺧـــﺸﯩﮕﯩﺮ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﯩﺰ .ﯞﺍﻟﻼﮬﯘ ﺋـﺎﻟﻪﻡ ﺑﯩﺴـﺴﺎﯞﺍﭖ …
… -ﺗﺎﮬﯩﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻳﺎﺋــــﺎﻟﻼ ،ﻳﺎﺋــــﺎﻟﻼ ﺩﺍﻣــــﻮﻟﻼﻡ.ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﺑﺎﻱ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩـﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﭼـﯘﭖ ﺋﯘﻣــﺎﭺ ﻗﯩﻠﯩــﯟﻩﺗﺘﻰ- ،ﺗــﺎﮬﯩﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼ ﻗﻮﺷﯘﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ ،ﭼـﻮﯓ ﻣﻪﺳـﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﭼﯜﺷـﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺗﻪﺭﺯﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠـــــﺪﻯ- ،ﻣﻪﺩﺭﯨـــــﺴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺟـﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ،ﺗـﺎﺭﯨﺦ ،ﮬﻪﻧﺪﻩﺳـﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩـــــــــﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧـــــــــﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗــﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺗﺘﻰ .ﺗــﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﮬــﺎﺯﯨﺮ ﻳــﺎ
ﺋﯘﻧﯩﯖـــﺪﯨﻦ ،ﻳـــﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖـــﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬـــﺮﻯ ﺋﺎﻻﻟﻤــﺎﻱ ،ﻛﻪﭘﺘﻪﺭﯞﺍﺯﻧﯩـــﯔ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩـــﺪﻩﻙ ﺷـــــﯘﺭﯗﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘـــــﻰ ،ﺋﻪﺯﻩﻟـــــﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕـﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﻣﻪﻣﺘﻰ؟ ! ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺩﻩﺑﻪﺭ؟ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﺑﺎﻱ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﮔﯜﺭ…ﮔﯜﺭ… ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ، ﺧﯘﺩﺍﻳـــﺎ ﺗـــﻮﯞﺍ ﺩﻩﭖ ﻗـــﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺑـــﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩــﯔ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﺧﯘﺩﺍﻳــﺎ ﺗــﻮﯞﺍ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ ،ﺑﻮﻟﻤﯩـﺴﺎ
ﻣﻪﺩﺭﯨــﺴﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩــﯔ ﺗــﺎﺋﻪﺕ-ﺋﯩﺒــﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟـﺎﻱ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ،ﻧﺎﺧـﺸﺎ ﺗﻮﯞﻟﯩﺴﺎ ﮔﯘﻧـﺎﮪ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋـﯚﺯﻯ ﺋﻮﺑــﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷــﯩﻨﯩﺪﯗ- ،ﺩﯦــﺪﻯ ﻗﺎﺳــﯩﻢ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﻟﻠﻰ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷــﯩﻜﺎﻳﻪﺕﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺭﺩﯗﻗﻘﯘ؟! ﺑﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ - ﺩﯦـــﺪﻯ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧـــﺪﯨﻦ ﺑﯧـــﺮﻯ ﺳـــﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷـــﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜـــﯜﻝ ﺧﻪﻟـــﭙﻪﺕ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ- ،ﺑﯘ ﺋـﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ،ﺋﯘﻟﯘﻍ
ﭘﻪﻳﻼﺳـــﻮﭖ .ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩـــﯔ ﻧﯘﺭﻏـــﯘﻥ ﻛﯩﺘـــــﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺷـــــﻜﻪﻧﺖ ،ﻗـــــﺎﺯﺍﻥ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﻟﯩﺮﯨــــﺪﻩ ﻧﻪﺷــــﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘــــﻰ، «Ëﺭﺷــﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﺳــﻠﯩﻤﯩﻦ«» ،ﻣﯘﭘﺘﺎﮬﯩــﻞ ﺋﻪﺩﻩﭖ«» ،ﺋﻪﻗﺎﻳﯩـــــﺪ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨـــــﻴﻪ«، »ﺋﯩﺒــﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩــﺴﻼﻣﯩﻴﻪ«» ،ﺑﯩــﺪﺍﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺭﭖ«» ،ﮬﯩﺪﺍﻳﯩﺘﻰ ﻧﻪﮬﯟﻯ«» ،ﺷـﻪﺭﮪ ﺋﺎﻣــﺎﻟﻰ« ﯞﻩ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭ .ﺑــﯘ ﻛﯩﺘــﺎﺑﻼﺭ ﻧﻪﺷــﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ،ﺩﻩﺭﺳــﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﯞﺍﺗﯩـــــﺪﯗ ،ﻳﻪﻧﻪ »ﺟـــــﺎﯞﺍﮬﯩﺮﯗﻝ ﺋﯩﻘﺎﻥ« ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﻩﻙ ﭼـﻮﯓ ﺋﯧﺮﻓـﺎﻥ
ﺷــﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩــﺪﻩ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﮔﻪ ﺋﯩــﮕﻪ. ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ،ﮬﻪﻣﺪﯨـﺴﻪ )ﺋـﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ( ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ،ﻳﯩﻐﯩـﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ،ﺑــﯘ ﻛﯩــﺸﻰ ﺑﯩــﺮ ﺋــﺎﻟﯩﻢ. ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜـــﯘﺭ ،ﭘﻪﻳﻼﺳـــﻮﭖ ،ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭼﯩﻘـﺴﯘﻧﯘ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺨــﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨــﭗ ﻗﻮﻳــﯘﭖ، ﻏﺎﺟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺭ؟! … … ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﺑـــﯘ ﭘﯧﺌﯩﻠﯩﻤﯩـــﺰ! ﮬﻪﻱ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺑ ـﯘ ﭘﯧﺌﯩﻠﯩﻤﯩــﺰ ﺑﯩﺰﻧــﻰ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺭﯨﺰﺍﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺷﻼﺭﻛﯩﻦ … !...
ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧـــﺪﯨﻦ ﻗﯩـــﺰﻏﯩﻦ ﺷـــﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـــﯘﭖ ﺑﯩـــﺮ ﮬـــﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ…
-4-
ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭ -1ﻣﻪﺩﺭﯨــﺴﻪ )ﺋﺎﺑــﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩـــــﺴﻰ ﺩﻩﭘﻤـــــﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩـــــﺪﯗ( ﺋﺎﻳﯟﺍﻧﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑــﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﻗﻪﺷــﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﺘــﺎ. ﻳــﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺗــﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﯞﯗﺟــﯘﺩﻯ،
ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻻﻕ ﺳـﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳـﯚﺯ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨـﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ »ﻧﻪﺳﯩﮫﻪﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﻪ« ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ : ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮬﯩﺮ ﺭﻩﮬﻤﺎﻧﯩﺮ ﺭﻩﮬﯩﻢ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻧﯩـﺸﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﯨﻴــﺎﻧﻪﺕ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩــﯔ ﺋﯩﺨﻼﺳــﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﯞﻩ ﮬﯘﯞﻩﻳـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﺩﯗﻧﻴـﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻨﯩــﯔ ﺳــﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﺷــﺎﺭﺍﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﮬﺎﺳـﯩﻞ ﺑﻮﻟـﯘﺭ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﺮﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜـﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣـﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ
ﯞﺍﻗﯩــﭗ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ،ﺗﺎﻣــﺎﻡ ﮬﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧــﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻘــﺎ ﯞﻩ ﺋــﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷــــﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﻠــــﺪﯛﺭﻣﻪﻛﻜﻪ ﺳــــﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩـــﺸﺘﻰ .ﺷـــﯘﻝ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﮬﯩﻤـــﻤﻪﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻠﯩـــﺮﻯ ﺳﺎﻳﯩـــﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺋـﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻕ ،ﺋﯩﻠﯩـﻢ- ﻣﻪﺭﯨــﭙﻪﺕ ،ﺋﯩﻨــﺴﺎﭖ ،ﺋــﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺋﺎﺷــﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ،ﺯﯗﻟــﯘﻡ-ﺳــﯩﺘﻪﻡ ،ﺋﯩﺨــﺘﯩﻼﭖ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﺎﮬـﺎﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳـﯩﻨﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﭘــﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﻗﺎﻳــﺴﻰ ﻛــﯜﻧﯩﻜﻰ
ﺋﻪﻟﻨﯩــﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩــﺮﻯ ﺑﯘﺯﯗﻟــﯘﭖ ،ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺳﺎﻟﯩﮫﻪﻟﯩﺮﯨﻐﻪ ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﺎﻟـــﺪﻯ .ﺳﯘﺳـــﻠﯘﻕ ،ﺑﯩﻜـــﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺯﯗﻟــﯘﻡ-ﺧﯩﻴــﺎﻧﻪﺗﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﺑﻮﻟــﺪﻯ. ﺋﯩﻠﯩــﻢ-ﻣﻪﺭﯨــﭙﻪﺕ ﻛﯧﻤﻪﻳــﺪﻯ .ﺋﻪﻟﻨﯩــﯔ ﺷـــﺎﻥ-ﺷـــﻪﯞﻛﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩـــﭗ ،ﺧـــﺎﺭ ﺯﻩﺑﯘﻧﻠــــﯘﻗﻼﺭ ﻳــــﯜﺯﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺳــــﻪﭘﻪﺭ ﻳﯜﺭﯛﺷـــــــﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﯘﺭﺍﭘـــــــﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷـــﺘﻰ .ﺋﯩـــﺰﺯﻩﺕ-ﺋـــﺎﺑﺮﯗﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻮﻟـــــﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘـــــﻰ .ﻣﯘﺧـــــﺎﻟﯩﭙﻼﺭ )ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻻﺭ( ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﻝ ﺳﯘﻧﯘﺷﻘﺎ
ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯩﻨــﺴﺎﭖ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ،ﺑﯘ ﺯﻩﺑﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺋﯚﺯ ﭘﯧﺌﯩﻠـﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒـﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯗﺭ .ﮬـﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩـﺰ ﮬﻪﻣــﻤﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗــﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨــﺸﺎﻥ ،ﺧــﺎﺭ- ﺯﻩﺑﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ،ﻏﻪﻡ-ﻛﯜﻟﭙﻪﺕ ،ﺋﻪﭘـﺴﯘﺱ- ﻧــﺎﺩﺍﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺋﯩﻼﺟﯩﻤﯩــﺰ ﻳﻮﻗﺘــﯘﺭ. ﺯﯨــﺮﺍﺋﻪﺕ ،ﺗﯩﺠــﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺳــﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ )ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ(ﺩﯨـﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧــــــﺪﯗﺭﻣﯩﺰ .ﻛــــــﯧﻠﯩﯖﻼﺭ ،ﺋﻪﻱ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯘ ﺯﻩﺑﯘﻥ-ﺟﺎﮬـﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﻜﯩــﺮ-ﻣــﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻼﻳﻠــﻰ،
ﮬــﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﻪﻧﻪﺯﺯﯗﻟــﺪﯨﻦ ﻏﻪﻡ-ﺋﻪﻧﺪﯨــﺸﻪ ﻗﯩﻼﻳﻠــــﻰ! ﺋﯚﻟﯜﻣــــﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺧــــﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧــــﻰ ﺑﯩــــﺰﮔﻪ ﻛﻪﻣﻪﻳﻪﻧﺒﻪﻏــــﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳــــــــﯘﻧﻠﻪﺭ .ﺭﺍﺳــــــــﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﯘﻧﻠﻪﺭ، ﮬــﺎﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻳﯧــﺘﯩﻢ-ﻣﯩــﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ،ﺋﯚﺷـــﺮﻩ-ﺯﺍﻛـــﺎﺕ ﯞﻩ ﺳــﻪﺩﯨﻘﻪ-ﺋﯧﮫــﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋـــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴـﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﺯﯗ-ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﺴﯘﻧﻠﻪﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻣــﯘ ﺧﻪﻟــﻖ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﻜﻪ ﺧﯩــﺰﻣﻪﺕ
ﻗﯩﻠــﺴﯘﻧﻠﻪﺭ ،ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻐــﺎ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻠﯩــﻢ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻨﯩــﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟــﯜﻛﯩﻨﻰ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏـﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ،ﻗﯩﺰﻻﺭﻏـﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻨـﺎ ﻗﯩﻠـﺴﯘﻧﻠﻪﺭ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑـﺎﻻ ﻧـﺎﺩﺍﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯘﻟﯘﻕ- ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳـﯩﭗ ﻗﯩﻠـﯘﺭ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜـﺘﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯘﻟـﯘﻕ ﯞﻩ ﻧـﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻤﻪﻙ ﻣﯘﺷـﻪﻗﻘﻪﺗﺘﯘﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻧﯩـﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏـــﺎﻥ ،ﺑﯩﻠـــﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟـــﺴﺎ ،ﺑـــﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩـﻴﻪ ﻗﯩﻠـﯘﺭ.
ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩـﻴﻪ ﻛـﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑـﺎﻻ ﭼـﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘﺭ .ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩــﺰ ﺋﯩﻨــﺴﺎﭖ ﻗﯩﻼﻳﻠــﻰ! ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨــﺸﻪ ﻗﯩﻼﻳﻠــﻰ، ﻣــﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧــﻰ ،ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧــﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩــﻞ ﺗﻪﺩﺑﯩـــﺮ-ﺋﯩﻼﺟــﻼﺭ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻣﯘﮬــﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻼﻳﻠــﻰ .ﺗــﻮﻻ ﺑﯩﭽــﺎﺭﻩ ﻳﯧــﺘﯩﻢ-ﺋــﺎﺟﯩﺰ ﺑــﺎﻟﯩﻼﺭ ﭼﺎﺭﯨــﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯩﻠﯩــــﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﯩــــﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩــــﺪﯨﻦ ﺑﯩﮕﺎﻧﯩﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨــﺪﻩ )ﺷــﯩﯟﯨﺖ ﻣﯩﺴـــﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘـــﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨـــﻰ
ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ( ﺋﺎﺵ-ﻧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗـﯘﭖ ﮔــــﯘﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷــــﯘﺭﻟﻪﺭ .ﺋﯩﻨــــﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩــﺰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧــﺎﻻﺱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻘــﺎ ﭼــﺎﺭﻩ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﻠــﻰ .ﺑــﯘ ﺯﺍﻣــﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﺒــــﺎﮪ )ﺗﻪﻧﺒﯩــــﮭ( ﯞﻩ ﺋﺎﮔــــﺎﮬﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩـــﺪﯗﺭ .ﻏﻪﭘـــﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩـــﻖ ﺯﺍﻣــﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳــﺘﯘﺭ .ﺋﯩﻠﯩــﻢ-ﻣﻪﺭﯨــﭙﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯗﺭ ،ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ .ﺳﻪﺋﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩـﺪﯗﺭ. ﺳﯘﺳـــــﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺑﯩﻜـــــﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳــﺘﯘﺭ .ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﯩــﻢ-
ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳـﯩﺪﻩ ﮬـﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﭼﻤﺎﻗﺘـﺎ، ﺳـــﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺘﯩـــﺪﻩ ﮔﻮﻳـــﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘـــﺎ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ .ﺑﯩـﺰﻟﻪﺭ ﮬﻮﻧـﯘﺯ ﯞﻩ ﻏﻪﭘـــﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳـــﯩﺪﺍﺩﯗﺭﻣﯩﺰ .ﺋﯘﻳﻘـــﯘ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩـﺴﯩﺪﯗﺭ .ﺑـﯘ ﺗﻪﺭﺯﺩﻩ ﺩﺍﺋﯩــﻢ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤــﺎﻕ ﭘﺎﻧــﺎ ﯞﻩ ﮬــﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺋﯘﻳﻘــﯘﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺪﺍﺭ ﺑــﻮﻻﻳﻠﻰ .ﮬﯧﻠــﻰ ﮬﻪﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ .ﻧﺎﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺭﺍﯞﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﺳـﯩﭗ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﻪﭘــﻠﻪﺭ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨــﺴﯩﺰ ﻣﻪﺗﻠــﯘﺏ ﮬﺎﺳــﯩﻞ ﺑــﻮﻟﻤﯩﻘﻰ ﺋــﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺟــﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧــﺪﯗﺭ.
ﺟﻪﺩﺩﯗ-ﺟﻪﮬﻪﺕ ﺳﻪﺋﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﮫﺎﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺯﯙﺭﯛﺭﺩﯗﺭ. ﯞﻩﺳﺴﺎﻻﻡ ﺗـــﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐـــﺎﻥ ﮬﺎﻟـــﺪﺍ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﺗﻪﻟﻤـﯜﺭﯛﭖ ﻗـﺎﺭﺍﭖ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺩﺍﻣـــﻮﻟﻼﻡ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭﻏـــﺎ ﺑﯩـــﺮ ﻗـــﯘﺭ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ : ﺋﯘﺷـــﺒﯘ »ﻧﻪﺳـــﯩﮫﻪﺗﻰ ﺋـــﺎﻣﻤﻪ«ﯞﻩﺭﻩﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﻣﻪﺯﻣـﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﮬــﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﺳــﻜﯩﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩــﺰ -
ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﯩﺪﯗﺭ .ﺑـﯘ ﯞﻩﺭﻩﻗﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﻧﯘﺳﺨﯩﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻳﻮﻟﯩـــﺪﺍ ﯞﻩﺯﯨـــﭙﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩـــﺰ .ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩـــﺰ ﭼﯜﺷﻪﻧــﺴﯘﻥ ،ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻤﯩــﺰﮔﻪ ﺑﯩــﺮ-ﺑﯩــﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻟﻪﺭ .ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋــــــﯚﻱ-ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨــــــﺪﻩ ﺋﻮﻗــــــﯘﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺳﯘﻥ .ﺑﯘ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟــﻠﻪﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧـــﯘﭖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻼﻻﻣﺴﯩﺰﻟﻪﺭ؟
ﺗــﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﺑﯩــﺮﺩﯨﻦ ﭼﯘﻗــﺎﻥ ﺳــﯧﻠﯩﭗ: “ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩـﺰ!” ﺩﻩﭖ ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ﺋﯩﭙـﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻰ ،ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯜﺳﺘﻰ-ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ “ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ! ”… ...ﺋﯧﻴﺘﯩـﭗ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭﻏـﺎ ﯞﻩﺭﻩﻗﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ.
-5-
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯧﻴﺘﮕـﺎﮪ ﺋﯩﭽـﻰ .ﺟﻪﻧـﯘﺑﯩﻲ ﻳـــﺎﻥ ﺋﯩـــﺸﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜـــﻰ ﭘﯧـــﺸﺎﻳﯟﺍﻥ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ،ﭼﺎﻗﻘــﺎﻧﻐﯩﻨﻪ ﺋﯩﮫــﺎﺗﻪ ﺗﺎﻏــﺎﻕ )ﯞﺍﺩﻩﻙ( ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧـﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷـﻘﺎﻥ.
ﺗﺎﻏﺎﻕ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺳـﯜﭘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ،ﺑـﻮﺭﺍ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﺑﻮﺭﺍ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋـﺎﻕ ﻛﯩﮕﯩـﺰ، ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯜﺳــﺘﯩﮕﻪ ﻧﯧﭙﯩــﺰ ﻳــﯚﮔﻪﻙ ﻛــﯚﭘﻪ ﺗﺎﺷــﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗــﯚﺕ ﻗﺎﺯﯨــﺴﻰ ﻳﯜﻛﯜﻧــﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻳــﺎﻥ ﺋﯩــﺸﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﭘــﺘﻪ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩــﺪﯨﻦ ﺳــﻪﻝ ﻧﯧﺮﯨﺮﺍﻗﺘـــﺎ ﺳﻪﻟﻠﯩـــﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻣـــﯘﺵ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻼﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯘﺭﺳﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺷــﯘ ﭘﻪﻳﺘــﺘﻪ ﻧﻪ ﺩﻩﯞﺍﮔﻪﺭ ،ﻧﻪ ﺋﻪﺭﺯ ﻳـــﺎﺯﺩﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﻳــــﻮﻕ ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳـــﻪﻝ ﺋـــﺎﺭﺍ ﺋﯩـــﺪﻯ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑـﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻼﺭ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺗـﯘﺭﯗﭖ ﺳــﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﮬــﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﺘﻰ. ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺋﯩﻠﯩــﻚ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ، ﺗﻮﭘﺘﻮﻏﺮﺍ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ : ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ !...… ﯞﻩﺋﻪﻟﻪﻳﻜــﯘﻡ ﺋﻪﺳــﺴﺎﻻﻡ… … -ﺗﯚﺕ ﻗﺎﺯﻯ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬـﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯩـﺴﺎﺗﻘﺎ
ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ- ،ﻛﻪﻟـﺴﯩﻠﻪ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ، ﺑﯩﺴﺎﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﯩﻠﻪ ! ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩـﺶﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻛﻪﻟــﺪﯨﻢ ،ﺩﻩﯞﺍﮔﻪﺭ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷــﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋــﯚﺭﻩ ﺗــﯘﺭﺍﻱ- ،ﺩﯦــﺪﻯ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ. ﻧــﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩــﺮﻯ ﺋــﯘ ،ﻛﻪﻟــﺴﯩﻠﻪﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ- ،ﺩﯦﺪﻯ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗـﺎﺯﻯ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ. ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻘــﺎ ﯞﺍﻗﯩــﺖ ﺯﺍﻳﻪﺩﯗﺭ ،ﺑــﯘﻣـﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩــﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻢ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ ،ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧـــﺴﯩﭗ ﻛﯧﭙﻘﺎﻟـــﺪﯨﻢ .ﻣﺎﺋـــﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺴﯩﻼ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯚﺗـﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﻛــﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﺍﺩﯨــﻼ ﻗﺎﻧــﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩــﺪﯨﻢ، ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩـﺰ – ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩـﺰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ،ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ ،ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﻗﺘـــﺎ .ﺑـــﯘ ﻳﺎﺧـــﺸﻰ ﮬﺎﺩﯨــﺴﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭﺑﯩــﺮ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺴﯘﻥ! ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻧـﺎ ﻗﯧﻠﯩﭙﺘـﺎ
– ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳـﻮﻕ .ﯞﺍﻗﯩـﺖ ،ﺩﻩﯞﺭ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ! ﺑﯘ ﻗﺎﺗﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳـﯘﺭﺕ ﺋﺎﺗﯩــﺴﻰ ،ﺋﯚﻟﯜﻣــﺎ-ﻛﯩــﺮﺍﻣﻼﺭ ،ﺋﻪﻟــﯟﻩﺗﺘﻪ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩــﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨــﻰ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﺑﯧـــــﺸﯩﻨﻰ ﺋـــــﻮﯕﻼﭖ ،ﺋـــــﺎﯞﺍﺗﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩـــﻚ ،ﺑﻪﺧـــﺖ-ﺳـــﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯧﯖﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ ﻻﺯﯨﻤـﺪﯗﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺧﯩﻴــﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋــﯚﻟﭽﻪﭖ ﻛﯚﺭﯨــﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜﻣﺎ ﻓﻪﺯﻻﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻣﻪﺭﯨــــﭙﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺷــــﻼﺵ ،ﺋــــﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩــﺰ ﺑــﺎﺭﺩﯗﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺑﯩﺰ ﻧـﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﻮﻗـﯘﺩﯗﻕ؟ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐــﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩــﯔ ﻧــﯧﻤﻪ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘــﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﻛﻪﻟـــﺴﯩﻠﻪ ﺩﺍﻣـــﻮﻟﻼﻡ ،ﺑﯩـــﺴﺎﺗﻘﺎﻛﻪﻟﺴﯩﻠﻪ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳـﻪﻝ-ﭘﻪﻝ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩـﭗ ﻗﺎﭘﻼ ،ﻛﻪﻟﺴﯩﻠﻪ ،ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟـﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ
ﺳﯚﺯﻟﯩــﺸﻪﻳﻠﻰ! -ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑـــﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺗﻪﺋﻪﺩﺩﻯ ﻗﯩﻠﻐـــﺎﻥ ﺗﻪﺭﺯﺩﻩ ﺩﺍﻣـــﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺑﯩﺴﺎﺗﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﻧﻐﯘ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﯩـﻨﯩﻢ ﻳـﻮﻕ ،ﻟـﯧﻜﯩﻦﭼﯧﭽﯩﻠــﺴﺎﻣﻤﯘ ﮬﻪﻗﻘﯩــﻢ ﺑــﺎﺭ- ،ﺩﯦــﺪﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩـﭗ، ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠـﻼﺭ ﺭﯨﻴـﺎﺯﻩﺕﭼﯧﻜﯩــﭗ ﺋﻮﻗــﯘﭖ ﻛﻪﻟــﺪﯗﻕ .ﺧﻪﻟﻘﻨــﻰ ﻧــﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟــﺪﯗﺭﯗﭖ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘــﺎ، ﺟﺎﮬــﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟــﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﻪﺭﯨــﭙﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻕ .ﮬـﺎﻻ ﺑﯜﮔـﯜﻥ
ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻗﺎﺯﻯ-ﻗﯘﺯﺯﺍﺕ ،ﻣﯘﭘﺘﻰ- ﺋﻪﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻣــﯘﻧﭽﻪ ﻣﻪﺭﺗﯩــﯟﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩــﮕﻪ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﮬــﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳــﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﻗﺎﻧــﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠــﺴﺎﻕ، ﮬـــﻮﺯﯗﺭ-ﮬـــﺎﻻﯞﻩﺕ ،ﺭﺍﮬﻪﺕ-ﭘـــﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﺴﻪﻙ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩـﺴﯩﺪﺍ ﻳــﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺟﺎﮬــﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟــﺴﺎ ،ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩــﺰ ﺧﯘﺭﺍﭘــــﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐــــﺎ ﭼﯚﻛــــﺴﻪ ﺋـــﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧـــﺪﺍﻕ ﺑـــﻮﻻﺭ؟ ﺑـــﯘ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﻣـﺎﻳﻤﯩﺰ؟ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺷﻨﺎ،
ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘــﺎ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘــﺎ ،ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺧﻪﻟﻘﻨـــﻰ ﻣﻪﺭﯨـــﭙﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘـــﺎ ﺑﺎﺷـــﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧـــﺪﺍﻕ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻤﯩـــﺰ ﻳﻮﻗﻤﯩــــﺪﯗﺭ؟ ﺋﯚﻟﯜﻣﺎﻻﺭﻧﯩــــﯔ ﻧﺎﻣــــﺎﺯ ﭼﯜﺷـﯜﺭﯛﺵ ،ﺋﯩــﺴﻘﺎﺕ ﺋــﯧﻠﯩﺶ ،ﻧﻪﺯﯨــﺮ- ﭼﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ،ﺩﯗﺋﺎﺧـﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩـﺸﺘﻪﻙ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺠﺮﺍﺳـﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧـــﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧـــﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩـــﺰ ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﯗﺭ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﻳﻤﯩﺰ؟ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨـﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻠﯩﻐـﯘ! ﺑـﯘﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺗﻪﻗـﺴﯩﺮ!
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﺎﺯﻯ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻧﻪﺳﯩﮫﻪﺕﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻗﺎﻳﻨﯩﻐــــﺎﻥ ﺑﻮﻟــــﺴﺎﻡ ﻳﺎﺧــــﺸﻰﻗﯩﭙـــﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺑﯩـــﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏـــﺎﻥ ﺋﯚﻟﯩﻤـــﺎﻻﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﺎﻧﺎﺭﯨـﺪﯨﻜﻰ ﮔﯚﺷـﻜﻪ ﺋﻮﻻﺷـﻘﺎﻥ ﭼﯩــﯟﯨﻨﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﻣﻪﺩﺭﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻗﺎﭘﻘــﺎ، ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩــــﺪﯨﻜﻰ ﻣﯚﮬــــﯜﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩــــﮕﻪ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏــﺎ ،ﺋﯩﻨــﺴﺎﭖ ﮬﻪﯞﺯﯨﻨــﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗــﯘﭖ ،ﺗﻪﻣﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﭼﯚﻛﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ،ﯞﻩﺗﻪﻥ-ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ
ﮬــﺎﻟﯘ-ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐــﺎ ﻛــﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻣــﯘﭖ، ﺩﻩﺭﺕ-ﭘﻪﺭﻳﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗـﯘﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩـﭗ ﮔﺎﺱ-ﺋﻪﻣـﺎ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏـﺎ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧـﺸﻰ .ﻧـﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ؟ ﻗﯧﻨﻰ ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩـﺪﯗ؟ ﺋﻪﺯﯨـﺰ ﺑــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﺎﻣﻤــﺎﻡ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ﻛﯜﻟــﺪﻩ ﻳﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ-ﺳﺎﺋﯩﻠﻼﺭ ﻛﯜﻧـﺴﺎﻧﺎﭖ ﻛــﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ .ﮬــﺎﺯﯨﺮ ﺋﯚﺷــﺮﻩ-ﺯﺍﻛــﺎﺕ، ﺋﻪﯞﻗــﺎﭖ ﻣــﺎﻟﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋــﯚﺯ ﻧﻪﭘــﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩـــﭗ ،ﻳﯧـــﺘﯩﻢ-ﻳﯧـــﺴﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺳـــﻪﺭﭖ
ﻗﯩﻠﻤــﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ .ﻧــﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺧﻪﻳﺮﺧــﺎﮬﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤــﺎﻳﻤﯩﺰ؟ ﻣﻪﻛــﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩــﭗ ﺋــﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏــﺎ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟــﯘﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ؟ ﺩﺍﺭﯨﻠﺌﯧﺘﺎﻡ ﻗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣـــﺪﯗ؟ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳـــﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩـــﯔ ﻛــﯚﺯﻯ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﺑﯧــﺸﻰ ،ﮬــﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧــــﻰ ﺋﯩﻠﯩــــﻢ-ﻣﻪﺭﯨــــﭙﻪﺗﻜﻪ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘـــﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﺳـــﺘﯩﻦ ،ﭘﯜﺗـــﯜﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﮫــﺎﺕ ،ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﺋﯩــﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﯚﮬﯜﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﯜﻧـﺪﻩ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺋﻪﯞﺭﻩﺯﮔﻪ ﻛﯚﻣـﯜﭖ
ﺧــﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻼﺷــﺴﯩﻼ ،ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﮬـــﺎﻟﻰ ﻗﺎﻧـــﺪﺍﻕ ﺑـــﻮﻻﺭ؟ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳـــﻰ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﻧﻪ ﻛــﯜﻟﭙﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘــﺎﺭ ﺑﻮﻻﺭ؟ ﺑﯩﺰ ﺋـﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏـﺎ ﻣﻪﻛـﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﻤﺎﻱ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯘﻕ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﻻﺭ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋـﯚﺯ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐـﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘــــﺎ .ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــــﺰﻻﺭ ،ﺷــــﯩﯟﯨﺘﻼﺭ ﺷــﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗــﯘﺭﯗﭖ ﮬﻪﻗــﺴﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳــﯘﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧــﻰ ﺋــﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻗﺘــﺎ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘــﻘﻪ ﺑﯩــﺮ ﻣﯩــﺴﻘﺎﻝ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻳـﯜﺯ ﺳـﻪﺭﻟﻪﭖ
ﺗﻪﯕــﮕﻪ ﺳــﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘــﺎ .ﺑﯩــﺰ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻕ ﺧﻪﻟﻘﻨـــــﻰ ﺋـــــﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤـــــﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺩﻩﭖ ﺧﻪﻟﻘـﺘﯩﻦ ﻛــﯚﭘﻠﻪﭖ ﭘــﯘﻝ ﺋﺎﻟﻤــﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ .ﮬﻪﺭ ﺧﯩــﻞ ﺟــﺎﺯﺍ ﭼــﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩــﭗ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﺑﯧـــــــــــﺸﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﺭﻩ ﺳـــــــــــﯧﻠﯩﭗ ﺟﺎﺭﺍﮬﻪﺗﻠﻪﻧــــﺪﯛﺭﻣﻪﻛﺘﯩﻤﯩﺰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑــــﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨـــﺪﺍ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﻣﺎﻳـــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـــﺴﺎﻕ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳــﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩــﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﺑــﻰ ﻧﺎﮬــﺎﻳﻪﺕ ﺋﯘﻳﺎﺗﻘــﺎ ﻗﯧﻠﯩــﺸﯩﻤﯩﺰ ،ﻟﻪﻧﻪﺕ- ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻜﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺷﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﮔﻪﭖ !
ﭼﯧﭽﯩﻠﯩــﭗ ،ﻗﺎﻳﻨــﺎﭖ ﺑﯧــﺴﯩﻠﻤﺎﻱ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯩـﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷـﻜﻪ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﯨﻼ ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ ،ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳـﻪﻝ ﺑﯧـﺴﯩﯟﺍﻻﻳﻠﻰ، ﺋﯚﺯ ﻣﯘﺟﺎﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻠﻰ! ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـــــﺰﻻﺭ ،ﺷـــــﯩﯟﯨﺘﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩـــــﻞ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﻣﻪﻳﻠﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮫﻤـﺎﻥ!... … -ﺩﯦــــﺪﻯ ﺋﺎﺑــــﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺩﺍﻣــــﻮﻟﻼ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭ ﺑﻮﻻﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡﻣﯩـــﯔ ﻗﻪﺗﻠـــﻰ ﺷـــﯜﻛﺮﻯ- ،ﺩﯦـــﺪﻯ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻻﺭ ،ﺷـﯩﯟﯨﺘﻼﺭﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻣﯧﮫﻤـﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﭼﯩﻠـﻼﭖ ﻛﻪﭘﺘـﯘ؟ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﯩﻠﻠﯩﻐـﺎﻧﻤﯘ-ﻳـﺎ؟ ﻳـﺎﻛﻰ ﻗـﯘﺩﺍ ﭼﯜﺷــﯜﭖ ﻗﻮﻳﻠﯩﻤــﯘ؟ ﺗﻪﻗــﺴﯩﺮ ﻛــﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺳــﯩﻠﻜﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﯩــﺴﯩﻠﻪ! ﺋــﯘﻻﺭ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﻣﯧﮫﻤـــﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳـــﺪﯗ .ﻣﯧﮫﻤـــﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷـــﯩﻤﯘ ﻣـــﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋـــﯘﻻﺭ ﺗﺎﺟــﺎﯞﯗﺯﭼﻰ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﺟﺎﮬــﺎﻧﮕﯩﺮ ،ﮬــﺎﺯﯨﺮ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﺷﯩﭙﺎﯕـﺸﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ،
ﺋﺎﺳــﺘﺎ-ﺋﺎﺳــﺘﺎ ﮔﯩﻠﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧــﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﺑﻮﺭﯨﻴـﺎ ﻗﺎﻟـﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑــﯘﻻﯕﭽﻰ. ﺑﯩــﺰ ﻗــﺎﻧﭽﻪ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻘــﺎ ﭼﯚﻛــﺴﻪﻙ ﺋــﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻏﻪﭘـﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳـــــﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳـــــﺖ ﻗﯩﻠﻐـــــﯘﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤــــــﯘ ﺋــــــﯘﻻﺭ ﺑﯩــــــﺰﮔﻪ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﮔﻪﻧــﺪﯗﺭ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﻣﯧﮫﻤــﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜــــــﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧــــــﻰ ﻗﯩﺮﻗﯩﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯛﻟﯜﻙ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﭽﻰ ،ﻛـﺎﻟﻼ ﻛﯧـــﺴﻪﺭ ،ﻗﺎﺗﯩـــﻞ ،ﻗـــﺎﻥ ﺷـــﻮﺭﯨﻐﯘﭼﻰ ﻳﺎﻟﻤـــﺎﯞﯗﺯ .ﻣﯧﮫﻤـــﺎﻥ ﺩﯦـــﮕﻪﻥ ﺳـــﯚﺯﻧﻰ
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻼ ،ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋـــﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨـــﺪﺍ ﺋﺎﺳـــﯩﻲ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜـــﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻼ… ﺋﯘﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ ! ﻣﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟـﺪﯨﻤﻤﯘ؟ﺋﺎﺑــــﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺩﺍﻣــــﻮﻟﻼ ﭼــــﺎﭼﺮﺍﭖﺗﻪﺋﻪﺩﺩﯨﻠﯩـــﻚ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺟـــﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﺳـــﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ- ،ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩـﻼ؟ ﺋﯩـــﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗـــﯜﺭﻣﻪﻙ ﺋﺎﺳـــﺎﻥ ،ﻟـــﯧﻜﯩﻦ ﺋــﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣــﺎﻕ ﺗﻪﺱ .ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــﺰ، ﺷــﯩﯟﯨﺖ ﺩﯦﮕﻪﻧــﮕﻪ ﺗﯩــﻞ ﺗﻪﮔﻜــﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣــﺪﯨﻐﺎﻥ! ﺋــﻮﻳﻼﭘﺮﺍﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠــﺴﺎﻕ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ! ...ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻮﻻ … ﻣﺎﻧــﺎ ﻣﻪﻧــﺪﯗﺭﻣﻪﻥ ،ﮬﯚﺩﺩﯨــﺴﯩﺪﯨﻦﺋــﯚﺯﯛﻡ ﭼﯩﻘﯩــﻤﻪﻥ .ﺳــﯩﻠﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﺍ ﺋﯚﻳﯜﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﻣﯧﮫﻤﺎﻥ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩـــﺪﯨﻜﻪﻥ-ﺩﻩ؟- ...ﺋﺎﺑـــﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩــﯔ ﺳــﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯧــﺴﯩﭗ ﺟــﺎﯞﺍﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ. ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﻪﯞﺭﻯ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ- ،ﺩﯦﺪﻯﺋﺎﺑــﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼ ﺋــﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺳــﻪﻝ ﭘﻪﺳــﻪﻳﺘﯩﭗ ،ﻧﻪﺳــﯩﮫﻪﺕ ﺋﺎﮬﺎﯕﯩــﺪﺍ- ،
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺭﯨﻴـﺎﺯﻩﺕ ﺋـﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯩﻠﯩـــﻢ-ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗـــﺘﻪ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤـــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻡ ﻗﺎﻟﻤـﺎﻳﻼ ،ﻛـﯚﭖ ﻳﯩﻠـﻼﺭ ﺋﯩﻠﯩـﻢ ﺗﻪﮬـﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠــﺪﯨﻼ ،ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﻪﺟﯩﺮﻟﯩــﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨــﺸﺎ ﺧﯘﺩﺍﯞﻩﻧــﺪﯨﻜﯧﺮﯨﻢ ﺋﯩﻠﯩــﻢ ﺋﺎﺗــﺎ ﻗﯩﻠــﺪﻯ، ﻣﻪﺭﺗﯩــﯟﻩ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﺭﯨﺰﻗــﻰ-ﻧﻪﺳــﯩﯟﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﭼﺎﭼﺘﻰ .ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤـﯘ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺵ ﻳﯘﺭﺗﻘــﺎ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺭﯨﺰﻗﻰ-ﻧﻪﺳﯩﯟﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﻩﺭﻳـﺎﺩﯨﻦ ﺑﯧﻠﯩــﻖ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧــﺪﻩﻙ ،ﺑﺎﻏــﺪﯨﻦ ﺷــﺎﭘﺘﯘﻝ ﺋﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻳﻪﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩـﺮﻯ
ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﻣﺎﻧــﺎ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﻠﯩــﺴﯩﻼ ،ﺑﯩــﺰ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻏــﯘ! ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﻧــﯧﻤﻪ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟـﺴﻪﻙ، ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺗﯚﺕ-ﺑﻪﺵ ﺳﻪﺭ ﺗﻪﯕﮕﻪ ﺗﺎﭘﺎﯞﻩﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﻪﺭﻧـﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻘـﺎ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﺋــﯚﻳﮕﻪ ﻗــﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ .ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﺍ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ- ﻛﯜﻣﯜﺷﻨﯩﯔ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﯘﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﮬﺎ-ﮬـﺎ-ﮬـﺎ… ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ- ﻛﯜﻣﯜﺷﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋـﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﯩـــﻨﭻ ﻳﺎﺗـــﺴﺎﻕ ،ﺑـــﯘ ﻧـــﯧﻤﻪ ﺩﯦـــﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪ! ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩـﺸﻰ،
ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩــﺶ .ﺧﯘﺩﺍﻧﯩـــﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨـــﺴﯩﺰ ﻗﯩـــﻞ ﺗﻪﯞﺭﯨﻤﻪﻳــﺪﯗ .ﺑﯩــﺰ ﺑﻪﻧــﺪﯨﻠﻪﺭ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩــﯔ ﺋﯩــﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰﻣــﯘ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ ،ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ.!.. ﻳﺎﺋــــﺎﻟﻼ ،ﻳﺎﺋــــﺎﻟﻼ!-ﺩﯦــــﺪﻯﺋﺎﺑـــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣـــﻮﻟﻼ ،ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺗﯩﺘـــﺮﻩﭖ- ،ﺋﺎﺟﺎﻳﯩـــﭗ ﻛﻪﻡ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩـــﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﻼ .ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤــﯘ ﻛــﻮﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧــﻼ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳــﯩﻠﯩﺪﻩﻙ
ﺋﯚﻟﯜﻣﺎﻻﺭﻧﯩــﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩــﺴﻰ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻗﯩﻴﺎﺳــﯩﻤﯩﺰ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻻﺭ؟ ﺗﺎﯕﻼ ﻣﻪﮬﺸﻪﺭﺩﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﻣﯘﺑﻪﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ؟ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨـــﻰ ﺳـــﯩﻠﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠـــﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏـــﺎﻥ، ﺋﯩﻘﺘﯩــﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ،ﻣﻪﻧﺘﯩــﻖ ﺋﯩﮕﯩــﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﺗــــﺘﯩﻢ ،ﺋﻪﺟﻪﺑــــﺎ… ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨــــﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋـﺎﯞﯗ ﻳﻮﻏـﺎﻥ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟ ﻗﻮﺭﺳـــﺎﻗﺘﺎ ﺗﻪﻗـــﺴﯩﺮ ،ﺋﻪﺗﯩـــﮕﻪﻥﺋﯩﭽــﻜﻪﻥ ﻗﺎﻳﻤــﺎﻕ ﭼــﺎﻱ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﮬــﺎﻟﯟﺍ،
ﺋﺎﻧــﺪﯨﻦ ﺧــﯘﺩﺍ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺭﯨــﺰﻕ-ﻧﻪﺯﯨــﺮﺩﻩ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺑﻪﺗﺘﻪ ﭘﻮﻟـﯘ ﺑـﺎﺭ .ﺧـﯘﺩﺍ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺭﯨﺰﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ،ﻛﯧﻠﯩـﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯧـــﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩـــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳـــﯩﻘﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﭘـﯘﭼﻪﻙ ﺗﯘﺭﯨــﺪﯗ .ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﺷــﻨﺎﭼﯩﻢ ﺋﻪﺗﯩــﮕﻪﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋــﺎﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩــﭙﻼ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﻼ!-ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼ ﻣـﯘﺯﻩﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﺪﻯ. ﺗـــﻮﻏﺮﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩـــﮕﻪﻥ ﺋـــﺎﺗﯩﻼﺋﯩﭽـــﺘﯩﻢ ،ﺋـــﺎﺗﯩﻼ ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﺗـــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ
ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩــﯟﻯ ﻏﯩﺰﺍﻳﯩﻤﯩــﺰ .ﺋــﯚﺯﻯ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ﻏﯩﺰﺍ .ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﯩﻼ ﺋﯩﭽﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺷﯜﻛﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩـﺰ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨـــﺎﺭﻟﯩﻨﯩﻤﯩﺰ .ﺳـــﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺩﻩﺭ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻤــﯘ ﺋــﺎﺗﯩﻼ ﺋﯩﭽــﻜﻪﻥ ،ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﻛـــﯜﭼﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺋـــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨـــﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻼ! ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨــﻰ ﺳــﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻏــﺎﻥ ﻗﻮﺭﺳــﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﺋﯩﺮﻓﺎﻥ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘﻕ. ﺑﯜﮔــﯜﻥ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﻮﻟــﺪﯨﻜﻰ ،ﺳــﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺮﻓﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ
ﭼﯩﺮﯨﻨــﺪﯨﻠﻪﺭ ﺗﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ ،ﺑــﯘﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﺑﻮﻟﯩﻼ ! ﺑﻪﺱ… ﺑﻪﺱ- ،ﺩﯦــﺪﻯ ﺋﯩــﺴﻼﻡﻗﺎﺯﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻧﯩـﯔ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻧﭽﻪ ﭼﯩﯖﻘـــﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛـــﯚﺭﯛﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـــﺎ ﭼﯜﺷـــﺘﻰ- ،ﺋﺎﺑـــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﺍ .ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗﺵ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩـﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯩـﺰ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﺋﻪﻟـﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣـﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ !
ﺩﺍﻣـــﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑـــﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ،ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨـــﻰ ﺑﯧـﺴﯩﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ،ﺋﻮﺭﻧﯩــﺪﯨﻦ ﺩﻩﺱ ﺗــﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺕ ﻗﺎﻣﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﺩﻩ ،ﺗﺎﺷـﻘﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕـﺪﻯ .ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﻗـﺎﺯﻯ ﺳـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯘﺭﺍﭖ : ﺧـــﻮﺵ ﺗﻪﻗـــﺴﯩﺮ ،ﻧﻪﮔﻪ؟ -ﺩﻩﭖﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺧــــﻮﺵ ،ﻣﻪﻥ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐــــﺎﺑﯧﺮﯨــﭗ ﻛــﯧﻠﻪﻱ! -ﺩﯦــﺪﻯ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ .ﺋﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘـﻰ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺯﯨﻼﺭ ﻻﻡ-ﺟﯩﻢ ﺩﯦـﻤﻪﻱ ﺳـﯜﻛﯜﺕ
ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﻮﻻﭘﺘﯘ! ﭼـﻮﯓ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩـﯔﺋﺎﻟــﺪﯨﻐﺎ ﺑــﺎﺭﺍﺭ! -ﺩﯦــﺪﻯ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﭘﯩــﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤــﺎﻱ- ،ﺑﯩﺰﻧــﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺵ-ﻧﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺑﯧـــﺸﯩﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘـــﺎﻥ ﺋﻪﻝ-ﻳـــﯘﺭﺗﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧـﺮﻩﻙ .ﺋﯚﺷـﺮﻩ- ﺯﺍﻛﺎﺕ ،ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ-ﺋﯧﮫﺴﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻕ ﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﯩــﺪﻯ .ﺋــﺎﺯ ﺳــﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺯﺍﻳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻕ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺳـﻪﺭﭖ
ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺋــﯚﺯ ﺑــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩــﻴﻪ ﻗﯩﻠـــﺴﺎﻕ ،ﺑﯘﻧﯩـــﯔ ﻧـــﯧﻤﻪ ﺯﯨﻴﯩﻨـــﻰ؟ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎﻕ ﻧـﯧﻤﻪ ﻳــــﺎﻣﯩﻨﻰ؟ ﻳــــﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐــــﺎﻥ، ﺗـــﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩـــﺰ ﺋـــﺎﭺ- ﻳﺎﻟﯩﯖــﺎﭼﻠﯩﻖ ﺋــﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻤﻪﻛــﺘﻪ .ﺑــﯘ ﺳــــــﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋــــــﯘﻻﺭ ﺋــــــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺩﺍﺧﯩﻠﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳــﻤﺎﻱ ﺑﻮﻻﻣــﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﯞﯗﻝ ﺧﻪﻟـﻖ ﺋﯩـﺪﯗﻕ. ﭘــﺎﻣﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗــﺎﻛﻰ ﺋــﯘﺯﺍﻕ ﺋﺎﻟﺘــﺎﻳﻐﯩﭽﻪ
ﭼـــﺎﺩﯨﺮ-ﺑﺎﺭﯨﮕـــﺎﮪ ﻗﯘﺭﻏـــﺎﻥ ﺋﯩـــﺪﯗﻕ. ﺋﻪﭘـــﺴﯘﺳﻜﻰ ﺟﺎﮬـــﺎﻟﻪﺕ ،ﻧـــﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺨﯘﺩﻟــــــﯘﻕ ،ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗــــــﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳـــــــﻠﯩﻚ ،ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﻠﯩـــــــﻚ، ﺷﻪﺧــــﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺰﻧــــﻰ ﮔــــﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘـﺎ .ﺋﻪﻟـﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋـﻮﻳﻼﭖ ﻛــﯚﺭﻩﻳﻠﻰ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤـﺎﻳﻠﻰ! ﺧﻪﻳـﺮ-ﺧـﻮﺵ ،ﻣﻪﻥ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩــﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗـﺎﺯﯨﻼﺭ ﺑﯧـﺸﯩﻨﻰ ﺗــﯚﯞﻩﻥ ﺳــﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯧﺘــﻰ ﺑﯩــﺮ ﮬــﺎﺯﺍ ﺟﯩــﻢ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﻰ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗـﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ. ﺑــﯘ ﺋــﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯩﻠﻪ! -ﺩﯦﺪﻯ ﻗﺎﺯﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. ﺧﻪﭘﺸﯜﻙ! -ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﻯ.ﺋﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﯩﻠﯩﻤــﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ- ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﺎﺯﻯ- ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩـﺶ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩــﯔ ﺗﻪﻗـــﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﺑــﺎﻏﻠﯩﻖ ،ﺑـــﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩـﯔ ﺩﯨﻠﯩﻐـﺎ ﺑـﯘ ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﻗــﺎﻳﻐﯘﻧﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﺳـﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺯﺍﺭﯨﻨـﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ!- ...ﺋـﯘ ﺋﯘﻟـﯘﻍ-
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﻨﺪﻯ.
-6-
ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﺭﻩﺳﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛــــﺎﻧﺘﯘﺭ ﮬﻮﻳﻠﯩــــﺴﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗــــﺎﺭﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟــــﺴﯩﻤﯘ ،ﮬﻪﺷــــﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩــــﺪﻯ. ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ،ﺋﻮﻳﻤﺎ ﮔﯜﻟﻠـﯜﻙ ﮔــﺎﺭﻧﯩﺰﻻﺭ ﮬﻮﻳﻠﯩﻨﯩــﯔ ﮬﯚﺳــﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤــﯘ ﺋﺎﭼﻘــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺗﻪﺷــﺘﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﯜﻝ ،ﻗﻪﭘﻪﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﺎﺗﯘﺗﻼﺭ ،ﺋﯚﺯ ﻳﺎﺭﯨــﺸﯩﻘﯩﺪﺍ ﺭﻩﺗﻠﯩــﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷــﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩـــﺪﻯ .ﺋـــﯚﻣﻪﺭ ﺑـــﺎﻱ ﺑـــﯘ ﻛـــﯧﭽﻪ
ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﺎﻏـــﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﻳﻠﯩـــﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻤـــﺎﻱ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜـﺘﻪ ﺑﺎﻣــﺪﺍﺗﻨﻰ ﺋﯚﻳــﺪﻩ ﺋﻮﻗــﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻛﺎﻧﺘﯘﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻧﺎﺷﺘﯩﻐﺎ ﭼــﺎﻱ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟــﯜﺵ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩــﺪﺍ ﺗﻪﺳــﯟﻯ ﺳــﯧﺮﯨﭗ ﺩﯗﺋــﺎ ﺋﻮﻗــﯘﺵ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﻪﻧــﺪ ﺋﻮﻟﺘـــــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑﯩـــــﺮﺩﯨﻨﻼ ﮬـــــﻮﻳﻼ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨـــﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﻘﯩـــﺴﻰ ﺗـــﺎﺭﺍﻗﻼﭖ، ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨـﻰ ﺑـﯘﺯﺩﻯ .ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜـﺎﺭ ﺑﺎﻻ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬـﻮﻳﻼ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨـﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ ،ﮬﻮﻳﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﺑـﺪﯗﺭﯦﮫﯩﻢ ﺑـﺎﻳﯟﻩﭼﭽﻪ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ 3ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳـﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋـﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﻳﻐـﺎ ﻗـﻮﻝ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷــــﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــــﻴﯩﻦ ﻛــــﺎﻧﺘﯘﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﯩـﺴﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﺎﻣــــﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﺷــــﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــــﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮫﯩﻢ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﻪ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﺘﻰ : ﺑﯜﮔــﯜﻥ ﻛــﯧﭽﻪ ﺷــﻪﮬﻪﺭ ﺋــﻮﯕﺘﻪﻱ-ﺗــﻮﯕﺘﻪﻱ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ،ﺋــﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧــﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟ ﺗﻮﭘـﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳـﻰﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧــﺪﯗ؟ -ﺋــﯚﻣﻪﺭ ﺑــﺎﻱ ﺑﯩــﺨﻪﯞﻩﺭ
ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﻪﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻥ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ! -ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﺑﻠﯩﺮﺍﺧﯘﻥ ﺑﺎﻱ. ﮬﻪ ،ﻧﯧﻤﻪ ﮔﻪﭖ؟ﻛــﯧﭽﻪ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺋــﯚﺯ ﺗــﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺷـﯩﯟﯨﺖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩـﺴﻰ ﺋﺎﭼﻘـــــﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨـــــﻰ ،ﺋﯘﻧﯩـــــﯔ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ ! ﻧـــﯧﻤﻪ؟ -ﺋـــﯚﻣﻪﺭ ﺑـــﺎﻱ ﺳـــﻪﻝﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋـﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﭽﻪﻳﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟـﺪﺍ ﺳـﻮﺭﯨﺪﻯ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ؟ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺑـﻮﻻﺗﺘﻰ! ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔﺋﺎﺑﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺴﭽﯘ ! ﮬﻪ ،ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼ ﻗــﺎﺩﯨﺮﻣﯘ؟ ﻣﻪﻛــﺘﻪﭖﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻗﯩﺸﯩﭙﺘﯘ؟ ﺷــــﯘﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻣــــﻼ؟ -ﺩﯦــــﺪﻯﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮫﯩﻢ ﺑﻪﻳﯟﻩﭼﭽﻪ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ،ﺋـﯚﺯﯨﭽﻪﻣﻪﺳﻠﻪﻙ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟـﯘﭖ ،ﺑﯘﺭﻏﯘﺳـﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠـﻤﻪﻱ ﻛـﯚﺯﯨﮕﻪ ﮬﯧﭽﻨــﯧﻤﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳــﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ- ،ﺩﯦــﺪﻯ
ﺋﺎﺑﻼ ﺋﺎﺧﯘﻧﺒـﺎﻱ ﺟﯩـﺪﺩﯨﻲ ﺋﺎﮬﺎﯕـﺪﺍ- ، ﺑﯩﺰﻏــﯘ ﻣﻪﻳﻠــﻰ ،ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــﺰ-ﺷــﯩﯟﯨﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷــﺖ ﻛﯚﺗــﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷــﻤﯩﺪﻯ .ﺋــﯘ ﺧﻪﻕ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﻧــﯧﻤﻪ ﻳﺎﻣــﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠــﺪﻯ؟ ﺷــﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩــﺮﺍﻕ ﺟــﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩــﭗ، ﻗﻮﻟﯩــــﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩــــﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺧــــﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺑﯩـﺰﺯﻩ ﯞﺍﭘﺎﻏـﺎ ﺟﺎﭘـﺎ ﺑـﺎﺭﻣﯘ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻗﺎﻣﻠﯩﺸﺎﻣﺪﯗ؟ ﺑــﯘ ﺭﺍﺳــﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗــﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺋــﯘ ﺧﻪﻗﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻛـﯚﯕﻠﻰ ﺑـﺎﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟـﺴﺎ ،ﺗﺎﻣﺎﺷـﯩﻨﻰ ﺷـﯘ
ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺟــﺎﻥ ﺗﻮﻣــﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺷــﯘ ﺧﻪﻗﻨﯩــﯔ ﻗﻮﻟﯩــﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﻪﺳﺘﺎﻏﭙﯘﺭﯗﻟﻼ!- ...ﺋـﯚﻣﻪﺭ ﺑـﺎﻱﺳــﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗــﺎﻣﻼﭖ ﺳــﯩﻴﺮﯨﭗ ،ﺩﻩﺭﻗﻪﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺩﯦﺪﻯ، ﺑﯘ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺗﺎﯞﺍﻗﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘـﯘ-ﺩﻩ ! ﮬــﻮﻳﻼ ﺋﯩــﺸﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﻘﯩــﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺭﺍﻗﻠﯩــــﺪﻯ .ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜــــﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨــــﭗ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﮬﻮﻳﻠﯩﻐﺎ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮒ
ﻛﯩﺮﯨـــﭗ ﻛﻪﻟـــﺪﻯ .ﺑـــﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩـــﯔ ﻗﻮﺷﯘﻣﯩــﺴﻰ ﺩﺍﺋﯩــﻢ ﺗﯜﺭﯛﻛﻠــﯜﻙ ﺑــﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﻣـــﺎﻣﯘﺕ ﺧـــﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﭘﻤـــﯘ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ : ﺳــﻪﮬﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﮬﻪﺳــﻪﻥ ﺷــﯩﯟﯨﺖﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷـﺘﯩﻢ .ﺋـﯘ ﻛﯩـﺸﻰ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﺎﻳﯩــﺪﻯ .ﻛﺎﻟﻠﯩــﺴﻰ ﻗﯧﺘﯩــﭗ ،ﺋﯩــﺸﻨﯩﯔ ﺋــﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺑ ـﻮﻻﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﯧــﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ … ﺋﻪﻟــﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ- ،ﺩﯦــﺪﻯ ﺋﺎﺑــﺪﯗﺭﯦﮫﯩﻢ ﺑــﺎﻳﯟﻩﭼﭽﻪ ﺳــﯚﺯﯨﻨﻰ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷــﺘﯘﺭﯗﭖ- ،ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺳﻪﺭ ﻳﯩﭙﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ،ﺗـﯜﻣﻪﻥ-ﺗـﯜﻣﻪﻥ ﺗﯧــﺮﻩ-ﺋــﯜﭼﻪﻳﻠﯩﺮﻯ ،ﻣﯩﯖــﻼﭖ ﺯﯨﻠﭽــﺎ- ﮔﯩﻠﻪﻣﻠﯩـــﺮﻯ ﺋـــﯘ ﺧﻪﻗﻨﯩـــﯔ ﻗﻮﻟﯩـــﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗـــﺴﺎ ،ﺋـــﯘﻻﺭ ﺷـــﯘ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩـــﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻣﻪﻧـﭙﻪﺋﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗـﺴﺎ، ﺑﯩـــﺰ ﻗﻪﺷـــﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗـــﯘﺯﯗﯕﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩـــﭗ ﺗﯘﺯﻟﯘﻗﯘﯕﻨﻰ ﭼﺎﻗﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻗﺎﻣﻠﯩﺸﺎﻣﺪﯗ؟ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩــﺰ؟ -ﺋــﯚﻣﻪﺭ ﺑــﺎﻱ ﻗﻮﺷﯘﻣﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺗــﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻗﯩـــﻞ ﺳـــﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳـــﻮﺋﺎﻝ
ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﯟﯨﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩـﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺋــﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩــﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧــﺮﻩﻙ- ،ﺩﯦــﺪﻯ ﺑﯩﺮﺳﻰ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻟﯩﯖــﺸﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﺷﺘﻰ. ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑـﺎﻱ ،ﺋﺎﺑـﺪﯗﺭﯦﮫﯩﻢ ﺑـﺎﻳﯟﻩﭼﭽﻪ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻧﻐـﺎ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﭼـﻮﯓ-ﭼـﻮﯓ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻧﻮﺑﯧﺸﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳـﻪﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘــــــﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩــــــﭗ ﺷــــــﯩﯟﯨﺖ
ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩــﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧــﺪﻩ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧـــــﺴﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨـــــﺪﯨﻦ ﺑﯩـــــﺮﻯ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟــــﺪﻯ .ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩــــﯔ ﻛــــﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﻮﻳﻠﯩــﺪﺍ ﻗﺎﻟــﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﺋــﯚﺯﻯ ﺋﯩﭽﻜﯩــﺮﻯ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﺑــﺎﻳﻼﺭ ﮬﻮﻳﻠﯩــﺪﺍ 10 ﻣﯩﻨــﯘﺕ ﺳــﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﮬﯧﻠﯩﻘــﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻮﻧـﺴﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﯧﮫﻤـﺎﻥ ﻗﻮﺑﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺑـﺎﻳﻼﺭ ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐــﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﺋــﯚﺯ ﮬــﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ،
ﮬﯧﻠﯩﻘــﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜــﺎﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭﻏــﺎ ﻗــﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﯞﻩﺯﺯﯗﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﺪﻯ : ﺟﺎﻧــﺎﺑﻰ ﻛﻮﻧــﺴﯘﻝ ﻣــﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩــﺶﺑﯩــــــﻠﻪﻥ ﺑﻪﻧــــــﺪ ﺑﻮﻟﻐــــــﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ 10ﻣﯩﻨــﯘﺕ ﺳــﺎﻗﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩـــــــــﺪﯨﻦ ﺧﯩﺠـــــــــﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻳﻮﻏﯘﺳﯘ ،ﻳﻮﻏﯘﺳﯘ… ﺋـﻮﻥ ﻣﯩﻨـﯘﺕﺩﯦـــﮕﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘـــﺎﻧﭽﻪ ﮔﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ- ، ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ. ﺑــﺎﻳﻼﺭ ﻟــﯚﻡ-ﻟــﯚﻡ ﺋﻮﺭﯗﻧــﺪﯗﻗﻼﺭﺩﺍ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـــﺘﻰ ،ﺑﻪﺯﻩﻧﻠﯩـــﺮﻯ ﭘـــﺎﭘﯩﺮﯗﺱ ﭼﯧﻜﯩــﺸﺘﻰ .ﺗﺎﻣــﺎﻛﯩﻨﻰ ﭼــﻮﯓ-ﭼــﻮﯓ ﺗﺎﺭﺗﯩـــﭗ ،ﺋـــﯘﺯﯗﻥ-ﺋـــﯘﺯﯗﻥ ﺗﯜﺗـــﯜﻥ ﭘﯜﯞﻟﻪﺷﺘﻰ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﺎﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ : ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰﺋـــﺎﻧﭽﻪ ﻛـــﯚﭖ ﺑﻮﻟﻤـــﺎﻳﺘﺘﻰ- ،ﺩﯦـــﺪﻯ ﻛﯜﻟﯜﻣـــــﺴﯩﺮﻩﭖ- ،ﺑﻪﺯﻩﻥ ﺷـــــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﯩــﺪﺩﯨﻲ ﯞﺍﻗﯩــﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩــﺸﻰ ﺋﺎﻟــﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.!.. ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩـــﯔ ﻳـــﯜﺭﻩﻛﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﻐﻐﯩـــﺪﻩ
ﺳــــﯩﻠﻜﯩﻨﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــــﯔ ﺧﯩﻴــــﺎﻟﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻟﺌﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺴﻴﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﺗﺎﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺑﻪﻟﻜــﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩـﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﻮﻧـﺴﯘﻝ ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻨﻰ ﺋـﯚﺯ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ﻛﯧـﺮﻩﻙ، ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺋﻮﻳﻐــﺎ ﻛﯧﻠﯩــﺸﺘﻰ-ﺩﻩ ،ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻐـــﺎ ﺗﯩﺘـــﺮﻩﻙ ﺋﻮﻟﯩـــﺸﯩﭗ ،ﻛـــﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﻳﯩـــﭙﻪﻛﻠﻪﺭ ،ﺋـــﯜﭼﻪﻳﻠﻪﺭ، ﺗﯧﺮﻩ ،ﺯﯨﻠﭽﺎ-ﮔﯩﻠﻪﻣﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬــﺎﻟﯩﻖ ﻣــﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺗﯜﺷــﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ.
ﮬﯧﻠﯩﻘــﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽــﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺭﻭﮬﯩــﻲ ﮬــﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳــﯩﻨﭽﻰ ﻛــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋﯩﭽﻜﯩـﺮﻯ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﺋﺎﺭﯨــﺪﯨﻦ 5ﻣﯩﻨــﯘﺕ ﺋﯚﺗـــﯜﭖ ﺟﺎﻧـــﺎﺑﻰ ﻛﻮﻧـــﺴﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩـــﭗ ﻣﯧﮫﻤــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﻛﻮﻧــﺴﯘﻝ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺩﻩﺭﺭﯗ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗـﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﮫﺘﯩــﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠــﺪﯛﺭﺩﻯ .ﻛﻮﻧــﺴﯘﻝ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ : ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ! ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ! ﺋـــــﯚﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮫﯩﻢ ﺑﺎﻱ ،ﻣﺎﻣﯘﺗﺨﺎﻥ ﺑﺎﻱ،
ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ! -ﻛﻮﻧــــــﺴﯘﻝ ﺑﯧــــــﺸﯩﻨﻰ ﻟﯩﯖــﺸﯩﺘﯩﭗ ﮬﻪﺭﺑﯩــﺮ ﻛﯩــﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩــﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙـﺎﺕ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷــﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩــﭗ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺑــﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩــﻚ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺟــﺎﻱ-ﺟﺎﻳﯩــﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـــﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﻣـــﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﺷﺘﻰ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﻱ ﺋﻮﺭﻧﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ : ﻛــﯧﭽﻪ ﺑﯩﺰﻧــﻰ ﻏﻪﭘــﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳــﻰﺑﯧﺴﯩﭙﺘﯘ .ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﯩـﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻠـﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ،ﺯﻩﺭﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ
ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ! ﺑﯘ ﻗﻪﺷـﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩـﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋــــــﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯩــــــﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﮫﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﻪﺗﯩـﮕﻪﻥ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺭﻩﻧﺠﯩـﺪﯗﻕ… ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﺋﻪ…ﭘﻪﻥ…ﺩﯨﻢ … ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳـــــﯩﻼ ﺑـــــﺎﻱ… ﺩﯨـــــﻞﺭﻩﻧﺠﯩﮕــﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩــﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ- ،ﺩﯦــﺪﻯ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ- ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﯩﻼ ،ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ،ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩـــﺸﻘﯘ! ﺋﯘﻟـــﯘﻍ ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﯞﺍﭘــﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﻳﻮﻟﯩــﺪﺍ
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩـﻴﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩـﺶ ﻗﯩﻠـﺪﯗﻕ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻏـﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺰ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺋﯩـﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻧــﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷــﺴﯩﻼ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳـﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑـﺎﺵ ﺋﯜﺳــﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﯚﺗــﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ … ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ! -ﺩﯦﻴﯩــﺸﺘﻰﺑﺎﻳﻼﺭ. -ﺑﯩﺰ ﻗﻪﺷـﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺟـﺎﯞﺍﺏ
ﺑـــﻮﻻﺭ ﺩﻩﭖ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼـــﺎﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐـــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﯗﻕ- ،ﺩﯦــﺪﻯ ﻛﻮﻧــﺴﯘﻝ ﺳــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ. ﺑﻪﻙ ﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩـﺰﻛﯚﭖ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻮﻧـﺴﯘﻝ ﭼﯩﻤﭽﯩـﻼﻕ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩـﯔﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ- ،ﺗﻮﻟﯩﻤـﯘ ﻛﯩﭽﯩـﻚ ﺋﯩــــﺶ .ﻟــــﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩــــﺰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘــــﺎﻟﯩﻖ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺟــﺎﺭﺍﮬﻪﺕ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧــــﺪﺍﻕ ﺋــــﺎﺯﺍﺏ-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻨﯩــــﯔ
ﺩﻩﺳــــﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩــــﻚ ﻧﻪﺭﺳــــﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷــﯩﻨﯩﻤﯩﺰ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧــﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﺷــﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩــﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩــﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳــﺘﯩﻦ ﻛﯧــﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ ﺋـﺎﺯﺍﺑﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟــﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗــﺎﻟﯩﻤﯩﺰ .ﺑــﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳـــﯘﻟﯩﻤﯩﺰ .ﻛـــﯧﭽﻪ ﭘﻪﻳـــﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐــــﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪ ﻣﯘﺷــــﯘ ﻗﯩــــﺴﻤﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻏﯘ! ﮬﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ،ﮔﯜﻝ ﺗـﺎﺟﻰ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺋﯩـﺶ ﺳـﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﺋـﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩـــﺸﯩﭙﻼ .ﻣﻪﻥ ﺑـــﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷـــﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩــﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧــﺮﻩﻙ .ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﻻﺭﺩﺍ “ﺋــﯚﺯﯛﻡ ﺗﺎﭘﻘــﺎﻥ ﺑﺎﻻﻏﺎ ،ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺍﻱ ﺩﻩﯞﺍﻏـﺎ” ﺩﻩﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﺪﯨﻼ ،ﺑﯩــﺰ ﺋــﯚﺯ ﻳﺎﺧـﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ
ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﯩﺰ … ﺑــﺎﻳﻼﺭ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩــﭗ ﺧــﯘﺵ ﺋﯧﻴﺘﯩــﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧـــــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــــﻴﯩﻦ ،ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـــــﺰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋـﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﺘـﻰ. ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﻗﻮﺑﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ : ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜــﺘﻪ ﯞﻩﻗﻪﻧــﻰ ﺋــﺎﯕﻼﭖﻗـــﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﭘـــﺴﯘﺳﻼﻧﺪﯨﻢ .ﻗﻪﺷـــﻘﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳـﻼ ﻛـﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. -ﺭﺍﺳﺖ-ﺭﺍﺳﺖ- ،ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ،
ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩـﺶﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺋﯩـﺶ ﺑﻮﻟـﺪﻯ- ﺩﻩ ! ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯩﻠﻐـﺎﻣﯘﺷــﺖ ﺋﺎﺗﻤــﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﯗﺭ ،ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺋﯩﻤﭙﯧــﺮﯨﻴﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐــﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼ ﻛــﯚﭖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏـــﺎ ﺑﺎﺭﻏـــﺎﻥ ﺑﻮﻟـــﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻗﯩـــﻞ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐـــﺎﻥ ،ﺩﯗﻧﻴـــﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷـــﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩــﯔ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨــﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩــﯔ ﻗﻮﻟﯩــﺪﺍ، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ،ﺑﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ
ﺯﻩﺭﺭﯨـــﭽﻪ ﺳـــﺎﯞﺍﺗﻰ ﻳـــﻮﻕ .ﯞﻩﻗﻪ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺗﻪﺳـﯩﺮﻯ ﻳﺎﻣـﺎﻥ! ﺑـﯘ ﺋﯩــــﺸﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘــــﺴﯩﺰ ﺋــــﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷﻪﺧـﺴﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩـﯔ ﻗﻮﺭﻗﻘﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯗ- ،ﺩﯦـﺪﻯ ﻛﻮﻧـﺴﯘﻝ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﺷــــﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻛﻮﻧــــﺴﯘﻝﺟﺎﻧـــﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ،ﺑـــﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﯩﺰﻧـــﻰ ﺟﯩـــﻖ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻜﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ- ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﻱ. ﺋﺎﺑـــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣـــﻮﻟﻼﻡ ﻗﻪﺷـــﻘﻪﺭﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﮬﯧــﺴﺎﺑﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟــﺎﻥ ﺗﻮﻣــﯘﺭﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨــﻦ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩــــﺪﯗ ،ﺑــــﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠــــﭽﻪ ﭼﯜﺷــﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﭼﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻼ ،ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨـﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯩﺴﯩﻼ! ﺋﯩﺶ ﺋﻮﯕﺸﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ! - ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ. ﺑــﺎﻳﻼﺭ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻨﻤــﯘ ﺧﻮﺷﻠﯩــﺸﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ.
-7 -
ﻣـــــــﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮒ ﺋﯩﭽﻜﻪﺭﻛـــــــﻰ
ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﮬﻪﺳـﻪﻥ ﺷـﯩﯟﯨﺖ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺩﺍﺳـــﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﯜﺳـــﺘﯩﺪﻩ ﭼـــﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩـــﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺟﺎﻧــﺎﺑﯩﻲ ﻛﻮﻧــﺴﯘﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻨﯩﯔﻗﻮﺷﯘﻣﯩـــﺴﻰ ﺗـــﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨـــﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﯩﻐﺎﻧﯩـــﺪﯨﻢ- ،ﺩﯦـــﺪﻯ ﮬﻪﺳـــﻪﻥ ﺷﯩﯟﯨﺖ ﻗﻮﻟﯩـﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻴـﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩـﭗ، ﺑـــــﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧـــــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــــﻴﯩﻦﻗﻮﺷﯘﻣﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺗــﯜﺭﮔﻪﻥ ﭘﯧﺘــﻰ ﺧﯩﻴــﺎﻝ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﮬﺎﺯﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻧـﺪﯨﻦ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳـــﺘﯩﻦ ﺋﯚﻳﻨﯩــــﯔ ﺋﯩﭽﯩــــﺪﻩ
ﻣــﺎﯕﻐﯩﻠﻰ ﺗــﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﻟﭙﺎﺯﯨــﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﮬﯧﭽﮕﻪﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ- ،ﺩﯦﺪﻯﻣﺎﻣﯘﺕ ﺧـﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻣﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﺗــﯜﺭﯛﭖ- ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻤﻨــﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻣﺪﯨﻤﻪﻥ ،ﻳﺎ ﺋﯘ ﻳﺎﻥ ،ﻳﺎ ﺑﯘ ﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ- ﺩﻩ! ﻛﻮﻧـﺴﯘﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ ﮬﯧﻠﯩﻤــﯘ ﺋــﺎﻧﭽﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. -ﺟﺎﻧـــﺎﺑﻰ ﻛﻮﻧـــﺴﯘﻝ ﺑﯩﺮﮬـــﺎﺯﺍﺩﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﻗـﺎﺭﺍﭖ ،ﮬﻪﺭﻩ ﺋـﯚﺯ ﻛﯚﻧﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ! -ﺩﯦﺪﻯ- ﺩﻩ ،ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﺑــﯘ ﮔﯧﭙﯩﻨــﻰ ﺧﯧﻠــﻰ ﺋــﻮﻳﻼﭖ ﻛـــــﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟـــــﺴﺎﻣﻤﯘ ﻣﻪﻧﯩـــــﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺸﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﮔﻪﭘﻨﯩـــﯔ ﺋـــﯚﺯﻯ ﻣﻪﻧﯩـــﺴﯩﺰ ﮔﻪﭖﺋﻪﻣﻪﺱ- ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮒ. ﺋﻪﻟـــﯟﻩﺗﺘﻪ ﺟﺎﻧـــﺎﺑﯩﻲ ﻛﻮﻧـــﺴﯘﻝﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳـﺪﯗ .ﻣـﺎﻣﯘﺕ ﺑﯧﮕﯩﻤﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ .ﺯﺍﺩﻯ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﺪﻯ؟ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋـﯚﺯﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩـﺴﯘﻥ ،ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩـﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯗ؟ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﻪﻻﻧـﯘﺭ- ،ﺩﯦـﺪﻯ ﮬﻪﺳـﻪﻥﺷــﯩﯟﯨﺖ ﻣــﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮔﻨﯩــﯔ ﺩﻭﻟﯩــﺴﯩﻐﺎ ﻗﯧﻘﯩــﭗ- ،ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩﻣﻤــﯘ ﺷــﯘ ﺋﯩﺪﻯ .ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯ ﺷـﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋـﯚﺯﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﯩﺴﺎ ،ﻛﯩﻢ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘـﻰ؟ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷــــﯘﻧﻰ ﻗﯩــــﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐــــﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯗﻛﻰ ،ﺋﺎﺗﯩــﺴﯩﻐﺎ ﻳــﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐــﺎﻥ
ﺳــﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﭘﺎﻳــﺪﺍ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﺑــﯘﻧﻰ ﺋﻮﺑــﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷــﯩﻨﯩﻼ ،ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﺩﻩ ﺑــﺎﻱ، ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺗـﻮﻻ .ﺑﯘﻻﺭﻏـﺎ ﭘﺎﻳـﺪﺍ ﻛﯧـﺮﻩﻙ، ﭘﺎﻳــﺪﺍ ﮬﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑــﺎﻏﻠﯩﻖ .ﺗﯧﮕــﻰ- ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧـﺪﺍ ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺑﺮﯨﺘـﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑــﺎﻏﻠﯩﻖ ،ﺑﺮﯨﺘــﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩــﺴﻰ ﺧﺎﭘــﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳـﺎﺗﻰ ﻳـﻮﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ .ﺧـﺎﭘﯩﻐﯘ ﺑﻮﻟﻤـﺎﺱ ،ﻧـﺎﯞﺍﺩﺍ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨـﭗ ﻗﻮﻳﻐـﺎﻥ ﻛـﯜﻧﻰ ﺋـﯚﻣﻪﺭ ﺑــﺎﻱ ،ﺋﺎﺑــﺪﯗﺭﯦﮫﯩﻢ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩــﯔ ﭘﺎﻳــﺪﺍ-
ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑـﻮﻻﺭ؟ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ-ﻛﯜﻣــﯜﺵ ،ﻳــﺎﻣﺒﯘ ﻳــﯜﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮬﺎﯕﻐـﺎ ﺩﻭﻣﯩﻼﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛـﯜﻧﻰ ﺋـــــﯚﻣﻪﺭ ﺑـــــﺎﻳﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﺏ ﻛﯚﺗـــــﯜﺭﯛﭖ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒـﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻠــﻰ ﺑﻮﻻﻣــﺪﯗ؟ ﺑــﯘ ﺗﻪﺳــﻪﯞﯞﯗﺭﻧﻰ ﻗﻪﺷــــﻘﻪﺭ ﺑــــﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﻛــــﯚﺯ ﺋﺎﻟــــﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ؟ ﺋﻪﻟـــﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷـــﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺋﻪﻟـــﯟﻩﺗﺘﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ !
ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﭘﺎﻳﺪﺍﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘـﺎ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷــﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳــﻪﯞﻩﺏ ،ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﺎﺗﯩــﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺗﯩــﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﮬــﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻳــﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳـــﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨـــﻢ-ﺩﻩ… -ﺩﯦـــﺪﻯ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﺷﯩﯟﯨﺖ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ. ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩـﺰ ﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ،ﺩﯦــﺪﻯ ﻣــﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮒ ﺋــﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺳــﻪﻝﭘﻪﺳــﻪﻳﺘﯩﭗ- ،ﺑــﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻛــﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ …
ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ! ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻧﯘﺭ ﺋﻪﻻﻧﯘﺭ.ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮒ ﺗﯧﺘﯩـﻚ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺷـﻼﭖ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﮬﺎﻳـﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻳﻼ ﺯﻭﺭ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ : ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧــﺪﯨﻦ ﺑﯧــﺮﻯ ﺗﻮﻧﯘﺷــﺘﯘﺭﻏﺎﻥﺩﯨﯟﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭘﺎﻟﯟﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻛﯩـﺸﻰ، ﺋﯩﺴﻤﻰ ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ.!.. ﺑﺎﺭﯨﻜـــــﺎﻟﻼ ،ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐـــــﺎﻥ،ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑـﺎﺗﯘﺭ ﺋـﺎﺩﻩﻡ، ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ،ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯓ.
ﻣــﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮒ ﺑﯩــﺮ ﭘﯩﻴــﺎﻟﻪ ﭼــﺎﻱﺗﯘﺗﺘﻰ .ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻦ ﭼـﺎﻱ ﺋﻮﺗﻼﯞﺍﺗﻘـﺎﻥ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻣــﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮒ ﺋﻮﺭﻧﯩــﺪﯨﻦ ﺗــﯘﺭﯗﭖ ﺩﺍﺭﺍﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﻳﻮﻏـﺎﻥ ﺳـﺎﻧﺪﯗﻗﻨﻰ ﺋـﺎﭼﺘﻰ- ﺩﻩ ،ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐـﺎﻥ 6ﻳـﯚﮔﻪﻡ ﺗﻪﯕﮕﯩﻨـــﻰ ﯞﻩ ﺑﯩـــﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻧــــﻰ ﺋﺎﻟــــﺪﻯ-ﺩﻩ ،ﺩﺍﺳــــﺘﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩــــﺮ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ- ،ﺋﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺗﺎﻏـﺎ ،ﺑﺎﺷــﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩــﺰ ﮔﻪﭖ، ﯞﻩﺩﯨﻤﯩـﺰ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ .ﻣﺎﻧــﺎ ﺑــﯘ 300 ﺳــﻪﺭ ﺗﻪﯕــﮕﻪ ،ﺑﯩــﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺧﻪﻧــﺠﻪﺭ ،ﺑــﯘ
ﺧﻪﻧـــﺠﻪﺭ ﺋـــﯚﺯ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩـــﺰﺩﻩ ﺳـــﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻦ ﺋﻮﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﯕﮕﯩـﻠﻪﺭﮔﻪ، ﭘﻮﻛﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﻰ ،ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. ﻗﯧﻨـــﻰ ﺋﯧﻠﯩـــﯔ ،ﻗﺎﻟﻐـــﺎﻥ ﺋﯩـــﺶﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺋﯧﻠﯩﯔ ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ. ﮬـــﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻨﻨﯩـــﯔ ﻳـــﯘﯓ ﺑﺎﺳـــﻘﺎﻥ ﻗــﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺘــﺮﯨﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟــﺪﺍ ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﺑﻪﻟﯟﺍﻏﻘـــﺎ ﭼﯩﮕـــﺪﻯ .ﺋﺎﻧـــﺪﯨﻦ
ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻧــﻰ ﻗﻮﻟﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ،ﺋــﯚﺭﯛﭖ- ﭼﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻪﻳﺮ-ﺧﻮﺵ.!..ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺟـﺎﻥ-ﺗﯧـﻨﯩﻢ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋــﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻳﻤﻪﻥ! ...ﺧﻪﻳــﺮ-،ﺩﯦــﺪﻯ ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻦ. ﻣــــﺎﻣﯘﺕ ﺑﻪﮒ ﮬــــﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻨﻨــــﻰ ﮬﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﭗ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩـﭗ ﻗﻮﻳـﺪﻯ. ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻨﻨﯩﯔ ﮔﻪﯞﺩﯨـﺴﻰ ﻗـﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩـــﺪﻩ ﭼﺎﭘـــﺴﺎﻧﻼ ﻛـــﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩـــﺐ
ﺑﻮﻟﺪﻯ … ﺑﯜﮔـــﯜﻥ ﺑﺎﺷـــﻘﯩﭽﻪ ﺗـــﺎﯓ ﺋـــﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟـﺴﯩﺰ ﺗﯘﻣـﺎﻥ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐـﺎﻥ. ﮬﺎﯞﺍﻧﯩـــــﯔ ﻗﺎﻧـــــﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﻛﯚﯕـــــﯜﻟﻨﻰ ﺧﯩﺮﻩﻟﻪﺷــﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩــﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨــﺸﺎ ﻗﺎﻧـــﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺩﻩﮬـــﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﻪﺷـــﺌﯘﻡ ﺧﻪﯞﻩﺭﻣﯘ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳـــﭽﯩﺖ ﺟﺎﻣـــﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﻮﻧﻠﯩﻐـــﺎﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨـــﺴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗـــﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ،ﺷـــﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ،ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻥ
ﻛﺎﺳـــﯩﭙﻼﺭ ،ﺗـــﯘﻝ ﺧﻮﺗـــﯘﻥ ،ﻳﯧـــﺘﯩﻢ- ﻳﯧــﺴﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩــﺴﻰ ﺑــﯘ ﻣﻪﺷــﺌﯘﻡ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ،ﮔﻮﻳﺎ ﻗﯩﻴـﺎﻣﻪﺕ ﻗـﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﻩﻙ ،ﮔﻮﻳــﺎ ﻗﯘﻳــﺎﺵ ﻛﯚﭼــﯜﭖ ﭘﺎﻳﺎﻧــﺴﯩﺰ ﻛﺎﺋﯩﻨــﺎﺕ ﺑﻮﺷــﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯧﻘﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩـــﭗ ﺟﺎﮬـــﺎﻥ ﺯﯗﻟـــﻤﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩـــﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩـﺴﻰ ﺑـﯘ ﺯﯗﻟـــﻤﻪﺕ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩـــﯔ ﺑﯩـــﺮ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩـــﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘـــﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧـــﺪﻩﻙ ﺑﺎﺷـــﻘﯩﭽﻪ ﺗﯘﻳﻐــﯘﺩﺍ ،ﺗــﻮﯞﺍ ،ﺗــﻮﯞﺍ! ﺩﯦﻴﯩــﺸﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯗ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﯜﺯ
ﻗـــﺎﺭﺍ ﻗﻮﺭﺳـــﺎﻕ ﺷـــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧـــﺪﯗ! ﺧﯘﺩﺍﻟﯩــﻖ ﺋــﺎﻟﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﺳــﻤﯘ؟ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺋﯚﻟﮕﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩـﯔ ﺋـﯚﻟﮕﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳـﻤﯘ؟ ﺗــﻮﯞﺍ ،ﺗــﻮﯞﺍ! ﺩﯦﻴﯩــﺸﻪﺗﺘﻰ .ﺋﻮﻣــﯘﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﭼﻪﻛﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﭘـﯘﺭ ﻛﻪﺗﺘـﻰ. ﻗﻮﻏﺎﻥ ،ﺳﻪﻣﻪﻥ ،ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﺎﻍ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﺗﻮﻗﻘــــﯘﺯﺍﻕ ،ﺑﻪﺷــــﻜﯧﺮﻩﻡ ،ﺋــــﺎﺗﯘﺵ، ﭘﻪﻳﺰﯨﯟﺍﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﭖ-ﺗﻮﭖ ﺧﻪﻟﻖ ﺷــﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻗﻤﺎﻗﺘــﺎ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺑﯜﮔــﯜﻧﻜﻰ
ﻣﺎﺗﻪﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬﺘﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﯩﻤﺨـﺎﺏ ﻳﻮﭘﯘﻕ ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﺧﻪﻟـﻖ ﺩﯦﯖﯩـﺰﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮔﻮﻳﺎ ﻛﺎﺭﺍﭘﺘﻪﻙ ﺋﯜﺯﻣﻪﻛﺘﻪ. ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـــﯔ ﻣـــﯘﯓ-ﺯﺍﺭﻯ ،ﻧـــﺎﻟﻪ- ﭘﯩﻐــــــــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳــــــــﻤﺎﻥ-ﭘﻪﻟﻪﻙ ﻛﯚﺗــﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺳــﻪﻟﻠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ،ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﺗﻮﻧﻠﯘﻗﻼﺭ ،ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ،ﭘﻪﺭﻩﻧـﺠﻪ ﻳﯧﭙﯩﻨﻐـــﺎﻥ ﺋﺎﻳـــﺎﻟﻼﺭ ،ﻛـــﻮﻻ ﻛﯩـــﻴﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﯞﯨــﺸﻠﻪﺭ ،ﺳــﺎﭘﺎﻳﯩﭽﯩﻼﺭ ،ﻣﻪﺩﺩﺍﮬــﻼﺭ،
ﺭﺍﯞﺍﺑﭽﯩــﻼﺭ ،ﺋﯩــﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻣــﻤﻪ ﺟﺎﮬــﺎﻥ ﻳــﺎﺵ ﺗﯚﻛــﯜﭖ ﻗــﺎﻥ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻗﺘــﺎ .ﻧﺎﻣــﺎﺯ ﭼﯜﺷــﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ،ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬﻨﯩــﯔ ﺋﯩﭽــﻰ- ﺗﯧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ. ﻧﺎﻣــﺎﺯ ﭼﯜﺷــﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻗﯘﺗﻠــﯘﻕ ﺷــﻪﯞﻗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐــﺎﻥ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻟﺪﻯ. ﻣﯩﯖﻠﯩﻐــﺎﻥ ﺗــﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﮬﺎﺳــﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗـﯜﺭ ﻛﯩﻴﯩـﭗ ،ﺋـﺎﮪ ﺋﯩﺴﯩﺖ ،ﯞﺍﺩﻩﺭﯨـﺦ ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐـﻼﭖ ﺗﻪﺯﯨـﻴﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ :
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﻧﺎﮬﻪﻕ ﻛﻪﺗﺘﯩﻠﻪﺭ، ﻗﺎﻟﺪﯨﻠﻪﺭ ﻳﺎﺵ ﺑﺎﻟﻼ ،ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻛﯜﻟﺪﻩ ﻳﺎﺗﯘﺭﻟﻪﺭ. ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯗﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﻩﻙ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻱ ﻗﻮﻝ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﻗﺎﺷﻘﯩﺮﻻﺭ ﻛﻪﺑﻰ ﺩﻩﻳﯜﺯ ﻗﺎﺗﯩﻠﻼﺭ، ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ. ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﻏﺪﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ،
ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭ ﺑﯘ ﭘﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻼﺭ. ﺋﺎﮪ ﺋﯩﺴﯩﺖ ،ﯞﺍﺩﻩﺭﯨﺦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯗﻕ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﭘﯧﺮﯗ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﺩﯨﻦ، ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﯩﺰ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﻪ ﺩﺍﻏﯘ-ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﺟﯩﻤﻰ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ. ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﭘﻠﯩﺴﯘﻥ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩﻙ ﻳﻪﺭ ﯞﻩ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ، ﺋﺎﮬﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﭘﻠﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻗﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺴﯘﻥ ﺑﻮﺭﺍﻧﻼﺭ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﭘﻤﺎﻱ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﻗﺎﺗﯩﻠﻨﻰ، ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻜﻪ ﺯﻩﺭﺩﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺷﺘﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻼﺭ. ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭﻧﯩـــﯔ ﺗﻪﺯﯨـــﻴﻪ ﺳﺎﺩﺍﺳـــﻰ،
ﻳـــــﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﯞﯨـــــﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺳﺎﻣﺎﺳﻰ ،ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧـﺎﻟﻪ- ﭘﻪﺭﻳﺎﺩﻯ ،ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷـﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩـﺪﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻨﻨـﻰ ﺋﺎﺑـــﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﻗﻪﺷـــﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳـــﯩﺘﻰ -1924ﻳﯩﻠــﻰ )ﮬﯩﺠــﺮﯨﻴﻪ -1343ﻳﯩﻠــﻰ( ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻠﻪﺭ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟـﯘﭖ 10ﻳﯩـــﻞ ﺋـــﯚﺗﻜﻪﻥ -1934ﻳﯩﻠـــﻰ ﻣﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ »ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﻧﺎﮬﻪﻕ ﻛﻪﺗﺘﯩﻠﻪﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑـﯘ
ﺗﻪﺯﯨــﻴﻪ ﺷــﯧﺌﯩﺮﻯ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩــﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋــﯘﻧﻰ ﮬﻪﺗﺘــﺎ ﻛــﻮﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ،ﺋــﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺷـﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﮬـﺎﯕﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﯩـﺴﻤﻪﻥ ﺑﯧﻴﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘـﯘ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﺷـﻘﻪﺭﺩﻩ ﺭﺍﯞﺍﭘﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻨﻤـﯘ، ﺋﺎﻗـــﺴﯘ ،ﻛﯘﭼـــﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻤـــﯘ ﺷـــﯘ ﻗﯩـــﺴﻤﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﺷـــﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐـــﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ : ﺗﺎﻏﻼﺭ-ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﭗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟
ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍﺳﯩﻨﻰ، ﭼﺎﯓ-ﺗﯘﻣﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﮬﺎﻧﯩﻨﻰ، ﻗﺎﻳﻐﯘ-ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﺋﺎﻱ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﺱ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﺱ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻐﺎ ﺩﯙﻳﯜﺯﻟﻪﺭ،
ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﯩﺰ. ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺳﺘﯩﯖﻨﻰ، ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺘﻰ؟ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﭽﺎﻗﻨﻰ، ﻣﺎﯕﺎ ﺳﺎﻟﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺘﻰ؟ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺷﯧﮫﯩﺖ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻳﺎﺗﺎﺭ ﺟﺎﻳﻰ ﺑﯧﮫﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ، ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺑﯩﮫﻮﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﺎﻕ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﭼﯘﺭﯗﻗﻼﻳﺪﯗ، ﭼﺎﯕﮕﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ. ﺗﺎﻟﯩﭗ ﺑﺎﻟﻼ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ، ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ. ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﭼﯩﺮﺍﻏﯩﻐﺎ، ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﻧﺎﮬﻪﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ، ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﺪﻯ،
ﻳﯜﺯﻯ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯙﻳﯜﺯﻟﻪﺭ. ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﭼﯩﺮﺍﻏﻰ ﻳﻮﻕ، ﺩﯨﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﺎﯞﯗﺯﻻﺭ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﯚﺯ
»ﺋــﯚﻝ ﺋﯩــﺸﻨﻰ ﺋﺎﺷــﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺴﯘﻥ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧـﺸﻰ« .ﻣﻪﺭﮬـﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑـﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﻗـﺎﻳﻐﯘ-ﮬﻪﺳـﺮﻩﺕ، ﺋﺎﮪ-ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ،
ﺋﯜﭺ ﻧﻪﺯﯨـﺮﻯ ﺑﯧـﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺶ-ﻣﯩﺶ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻗﻪﺗﻠـﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ .ﺋﺎﺯ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋـﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﻱ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨـﻨﮕﻪ 300 ﺳــﻪﺭ ﺗﻪﯕــﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘــﯘ ،ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺳــﯚﺯﻟﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳـﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻗــﻮﻝ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ،ﺑــﺎﻳﻼﺭ، ﭼﻮﯓ-ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭ ﻛﯚﻛﻠﻪﭖ ﻳﺎﻳﺮﯨﻐـﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑـﯘ ﺳـﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋـﯚﺯﯨﭽﻪ ﺑﯧـﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﻧﯩـﯔ ﻧـــﺎﮬﻪﻕ ﺋﯚﻟﺘـــﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ 56ﻳﯩـــﻞ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﯜﮔــﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧــﺪﻩ )ﺑــﯘ ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ -1982ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ( ،ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﺰﯨـﺪﺍ »ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـﺰ-ﺷـــــــﯩﯟﯨﺖ ﻛﻮﻧـــــــﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﯜﺷـــﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺋـــﯚﻣﻪﺭ ﺑـــﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ 300ﺳـﻪﺭ ﺗﻪﯕـﮕﻪ ﺳـﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﮬﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩـــــﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘـــــﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩـــــﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ …
ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺪﯨﻦ : »ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ﻧــﺎﮬﻪﻕ ﻛﻪﺗـﺘﯩﻠﻪﺭ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺑـﯘ ﻣﻪﺭﺳـﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ -1933ﻳﯩﻠــﻰ ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﯩــﺪﯨﻢ. ﻳــﺎﺵ ﭼــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐــﺎﻥ ﺑــﯘ ﺷــﯧﺌﯩﺮ ﻳــﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﭼﯩــﯔ ﺋﻮﺭﻧﺎﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ. ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﺩﯨﻨــﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏــﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪﻩ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ ﻳــﺎﻛﻰ ﮬــﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﯨﻴــﺎﻟﯩﻴﻼﺭ، ﺗﯩﺠــﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ،ﮬــﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪﻩ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ ،ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻨﻨــﻰ
ﺋﺎﺑـــﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﻗﻪﺷـــﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨـــﻰ ﺑﯜﮔـــــﯜﻧﻜﻰ ﻛـــــﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋـــــﺎﯕﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛــﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺑــﯘ ﺯﺍﺕ -1924ﻳﯩﻠــﻰ )ﮬﯩﺠــــﺮﯨﻴﻪ -1343ﻳﯩﻠــــﻰ( ﻧــــﺎﮬﻪﻕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﮔﻪﺭﭼﻪ 56 ﻳﯩﻞ)-1982ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ( ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘـﯘﭖ ﻗـﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘـﺎ ،ﺷـﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷـﻠﯘﻕ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـﺰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩـــــــــﺴﻰ ،ﺷـــــــــﯩﯟﯨﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩـــــــــﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﯨـــــــــﻦ
ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗـﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗـﻮﻟﻰ ﺋـﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﻳﻨﯩــﯔ 300ﺳــﻪﺭ ﺗﻪﯕﮕﯩــﺴﻰ ،ﮬــﯧﻠﯩﻢ ﻣﻪﺯﯨﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﭘﻮﻛﺎﻧﭽﯩﻨﯩـﯔ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﺗﯩـﻞ ﮔﻪﯞﺩﯨـﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻤﯘ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻗــــﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﻳــــﻮﻕ .ﻳﯩــــﺮﺍﻕ-ﻳﯩــــﺮﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺱ ،ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﺧﻪﯞﯨــــﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐــــﺎﻥ ﻛﯩــــﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻩﻥ ﻛﯩﺘــﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﻧﯩــﯔ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻥ ﻗﯩــﺴﻘﺎ ﺭﯗﺑــﺎﺋﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛــﯚﺭﯛﭖ ﺗﻪﮬــﺴﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻳــﺪﯗ .ﻗﯩــﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﮬــﺎﻛﯩﻤﻪ
ﻳﯜﺭﮔــــﯜﺯﯛﭖ ،ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﻨﯩــــﯔ ﭼﻮﯕﻘــــﯘﺭ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻏﺎ ﻛﺎﺗﺘــــﺎ ﺋﯚﻟﯜﻣــــﺎ ،ﻛﺎﺗﺘــــﺎ ﺋــــﺎﻟﯩﻢ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜـــﯘﺭ ،ﭘﻪﻳﻼﺳـــﻮﭖ ،ﺷـــﺎﺋﯩﺮ- ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ،ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﻩﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﺋﺎﺑـــــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣـــــﻮﻟﻼﻡ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩـﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋـﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴـــﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﺍﺕ ﺋﯩـــﺪﻯ .ﺑـــﯘ ﺯﺍﺕ ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﺩﻩ ،ﺑﯘﺧــﺎﺭﺍﺩﺍ ﯞﻩ ﮬﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ،ﻣﯩـﺴﯩﺮ ،ﺋﯩـﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ،
ﺋﯘﭘــﺎ ،ﻗــﺎﺯﺍﻥ ،ﺗﺎﺷــﻜﻪﻧﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴــﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﮬﻪﻡ ﺳــــﺎﻳﺎﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟــــﯘﭖ ،ﺑﯩﻠﯩــــﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩــــــﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷــــــﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ .ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻨﯩـﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩــﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋــﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩــﯔ ﻧــﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﺎﮬــﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩــﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﺎﮬـﺎﻧﮕﯩﺮﻻﺭ ﻣﯩﺴـــﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮ)ﺩﯨـــﻦ ﺗﺎﺭﻗـــﺎﺗﻘﯘﭼﻰ(ﻻﺭ، ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﺑـﺎﻳﻼﺭ ،ﺧـﯘﺭﺍﭘﯩﻲ ﺋﯩـﺸﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ،ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﻛـﯜﺭﻩﺵ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ 45ﻳﯧــﺸﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩــﭗ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺋــﯘ ﺷــﯘ ﯞﺍﻗﯩــﺘﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐــﺎ ﭼﺎﯕﮕــﺎﻝ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﺗـﺌﻪﻝ ﻗـﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧـﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷــــﻼﺵ ،ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳــــﺴﯩﭗ ﺑــــﺎﻱ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯜﻣﺎﻻﺭﻧﯩـــﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻛـــﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﻮﭘـﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺮﻗﯩـﭗ ﺗﺎﺷﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺋــﯚﺯ ﻗــﻮﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻥ »ﻧﻪﺳــﯩﮫﻪﺗﻰ
ﺋﺎﻣﻤﻪ«ﺩﯨـﻦ ﻛـﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ» .ﺷـﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺷـــــــﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﯘﺭﺍﭘـــــــﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﻰ .ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﻤﯩﺰ ﻗﻮﻟـﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙــﺎﺗﭽﻰ)ﺟﺎﮬــﺎﻧﮕﯩﺮ(ﻻﺭ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ«. ﺩﯦــﻤﻪﻙ-1920 ،ﻳﯩﻠﻠﯩــﺮﻯ ﻗﻪﺷــﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩـــﻲ ﺋﻪﮬـــﯟﺍﻝ ﺷـــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩـــﺪﻯ. ﻣﻪﺭﮬــﯘﻡ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺭﯦﺌــﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐــﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﻛــﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨـــﭗ، ﭘﯩــﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛــﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠــﺪﻯ. ﺋﯚﺷـﺮﻩ-ﺯﺍﻛـﺎﺕ ،ﺳـﻪﺩﯨﻘﻪ-ﺋﯧﮫـﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ
ﻏﯧﺮﯨــﺐ-ﻏــﯘﺭﯞﺍ ،ﻳﯧــﺘﯩﻢ-ﻣﯩــﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﻪﺟﺎﻧﯩﺪﯨﻞ ﺗﻪﺷـﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﺑﯘ ﺯﺍﺕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺋـــﯘﻧﻰ ﺋـــﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜـــﻰ ﺋﻪﻛـــﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﺋـﯘﻻﺭ ﻳــﯘﺭﺗﻨﻰ ﺟﺎﮬــﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺷــﻨﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﻛـــــﯚﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺩﯨﻨﯩـــــﻲ ﺋﯚﻟﯩﻤـــــﺎﻻﺭﻣﯘ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤـــﺎﻳﺘﺘﻰ ،ﭼـــﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩـــﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷـﻪﺧﺲ
ﺗﺎﭘــﺎﯞﯨﺘﻰ ﺋــﺎﺯﻻﭖ ﻗــﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺋﻪﯞﻗــﺎﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑــﺎﻳﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤــﺎﻳﺘﺘﻰ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻧـﺎﺩﺍﻥ ،ﺑـﻮﺯﻩﻙ ﺧﻪﻟـﻖ ﺑـﺎﺯﯨﺮﻯ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺟﯩﻘﺮﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩــﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩــﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜــﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺋــﯘﻻﺭ »ﺋﯧﺮﺷــﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﺳــﻠﯩﻤﯩﻦ«» ،ﻣﯘﭘﺘﺎﮬﯩــﻞ ﺋﻪﺩﻩﭖ«» ،ﺋﻪﻗﺎﻳﯩـــــﺪ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨـــــﻴﻪ«، »ﺋﯩﺒــﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩــﺴﻼﻣﯩﻴﻪ«» ،ﺑﯩــﺪﺍﻳﻪﺗﯘﻝ
ﺳــــﻪﺭﭖ«» ،ﮬﯩــــﺪﺍﻳﯩﺘﻰ ﻧﻪﮬــــﯟﻯ«، »ﺷﻪﺭﮬﻰ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ« ﯞﻩ ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼﺭ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ »ﺟﺎﯞﺍﮬﯩﺮﯗﻝ ﺋﻪﻳﻘـﺎﻥ« ﻧـﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳـﯩﺮﻯ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳــﯩﺪﺍ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩــﻚ ﺋــﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﻪﺯﻩﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋـﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨـﺪﺍ ﺑـﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩـﯔ ﺗﯩــﺮﻩﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩــﻚ ﺭﯗﺑــﺎﺋﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ،ﺷــﻪﯞﻗﻰ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻮﺳﻪﯞﯗﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻤﯩـﺴﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺭﮬــﯘﻡ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﮬﺎﻳـــــﺎﺗﻰ ،ﯞﺍﭘـــــﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩـــــﺪﯨﻜﻰ
ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ﺋﯧﻐﯩـــﺰﺩﯨﻦ-ﺋﯧﻐﯩﺰﻏـــﺎ، ﺩﯨﻠــﺪﯨﻦ-ﺩﯨﻠﻐــﺎ ﻛﯚﭼــﯜﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﯩــﺪﯨﻦ ﻛــﯚﺭﻩ ﻛــﻮﻧﻜﺮﯦﺘﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﻗـــﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯜﮔـﯜﻧﻜﻰ ﻛـﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋـــﻮﭼﯧﺮﻙ ﻗﯩﻠﯩـــﭗ ﻳﯧﺰﯨـــﭗ ﭼﯩﻘﯩـــﺸﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩـﺪﯨﻢ .ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩــﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﻣــﺎﻝ ﺋﯧﮫﺘﯩــﺮﺍﻡ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ) .ﺗﺎﻣﺎﻡ( ﻣﻪﻧﺒﻪhttp://hi.baidu.com/qutlan : ))AAAAQQ((55448877