ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ Çocuklar Harika Şimdiki
ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﻪﺳﯩﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ : ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻫﺎﺟﻰ ﺗﯩﻠﻼ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ. ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﻪﺳﯩﻦ
0 ﻣﯘﻧﺪەﺭﯨﺠﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻣﻪﻛﺘﯘﺏ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯧﻤﺎﺭ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯕﻼﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺳﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺗﯘ ﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻫﯩﻲ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻﺭ
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭖ ﯞەﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞەﺭ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻛﯧﺮەﻙ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺟﯧﻨﯩﻢ ،ﺋﻮﻣﯩﻘﯩﻢ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ! » ﺋﯚﻱ « ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫ ﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﺳﺎﻡ ﺑﻮﻻﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧ ﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻛﺘﯘﺏ
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯜﺭﻙ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﻪﺳﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩ ﯔ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ 110 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪە ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ " . ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﻪﺳﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 28 ﻧﻪﺷﺮﻯ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﯩﺪﺍ: ﻫﻪﻣﻤ ﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪەﻙ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ . ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯘ ﺳﯚﻳﮕﯜﺩﯨﻤﯘ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ ،ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﯩﺰ ﯞە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﯞە ﺗﯜﺭﻙ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ،ﺭﯗﺱ ،ﻧﯧﻤﯩﺲ ،ﺋﻪﺭﻣﻪﻥ ،ﺟﯘﯕﮕﯘ ،ﺳﯩﮕﺎﻥ ... ﯞە ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ " ﺩەﻳﺪﯗ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯧﻬﯩﺮ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ،ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،
ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،
ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ
ﻧﺎﻫﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ،ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﺪەﻙ ،ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ " ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ " ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩە ﺑﺎ ﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪە ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞە ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﯞە ﺋﯘﻻ ﺭﻧﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ.
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩەﻙ ،ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﻪﺳﯩﻨﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ،ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ،ﺋ ﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻨﻰ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺯﯨﻞ ﯞە ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻫﻪﺟﯟﯨﻴﭽﻰ ﺗﻮﺩﻭﺭﺩﯨﻨﻮﯞﻧﯩﯔ " ﻫﻪﺯﯨﻞ ﺩﯗﻧﻴﺎﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ " ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪەﻙ ،ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞەﻗﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺯەﻳﻨﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﯘﺏ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.
ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩە ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪە ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯗ؛ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎ ﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞە ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﻳﺪﯗ؛ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ،ﺩەﯞﺭﯨﻤﯩﺰﺩە ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ؛ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞە ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻣﻪﻛﺘﯘﺏ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﯞەﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ،ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻱ " ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻻﺭﺳﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﺳﻪﻥ ﺯەﻳﻨﻪﭖ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﯔ . ﻣﺎﻧﺎ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﯩﺪﯨﻢ ،ﯞەﺩەﻣﺪە ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ.
ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﺩﯨ ﻜﻰ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺑﯘﻳﻪﺭﺩە ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﯨﻢ . ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺳﻮﺭﺍﭖ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﯩﻴﺎﺯﺩﯨﻢ.
ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩ ﭙﯩﻤﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﻰ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﺩە ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯜﭺ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﺩﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﻫﻪﻡ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﻱ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻠﻰ ﺩ ﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﯩﺰ . ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻳﺎﺕ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ.
ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﯞەﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻧﯩﺪﯗﻕ. ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺵ ،ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛ ﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ،ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺵ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ . ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﻗﺎﻻﺭﻣﯩﺰ.
ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﯞەﺩەﯕﺪە ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﯖﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻼﻳﻤﻪﻥ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ : ﺯەﻳﻨﻪﭖ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 12 ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە.
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻤﺎﺭ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﭖ:
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺳﺎﯕﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﻯ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ ﯞە ﺳﺎﯕﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻼﺷﺘﻰ.
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞەﺩەﻣﺪە ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ . ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺑﯘ ﺧﯧﺘﯩﻤﺪە ﺷﯘﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟ ﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.
ﺋﯘﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﻕ . ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯗﻕ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ " : ﺑﯩﺮ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺳﻮ ﺋﺎﻟﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﯗﯓ ﺩە ،ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﯘﻥ " ﺩەﭘﺘﯘ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ . ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ " : ﺋﺎﻣﯧﺮﯨ ﻜﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ؟، " " ﺳﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﻢ؟ " ، " ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟ " ، " ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟"
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺩەﭘﺘﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﺩﻭﺳﻜﯩﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺳﻮﺋﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺑﯘﻧﻰ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯨﯟﯦﻠﯩﯖﻼﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﻫﯧﺴﺎﺑﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﻤﯘ ﻳﺎﺯﺩﯗﻕ . ﻛﯧﻴﻦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺩەﭘﺘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺩﻯ ﯞە ﺧﺎﺗﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯەﺗﺘﻰ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ: ﺑﺎﻟ ﯩﻼﺭ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﯨﻤﻪﻥ ﺟﯘﻣﯘ ... ﺩەﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯖﻼﺭ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﺘﻪﻙ ﺗﯧﺰ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳ ﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺩﻻﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ؟ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺷﺘﯘﻕ: 1492 ﻳﯩﻠﻰ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ؟ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ،ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﯞﺍﺭﺍﯓ ﭼﯘﺭﯗﯓ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ " : ﺋﺎﺗﺎ ﺗﯜﺭﻛﻨﻰ " ﺩﯦﺴﻪﻙ ،ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ " : ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ " ﻳﺎﻛﻰ " ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ " ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﯘﻕ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ: ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟ ﻏﺎﭼﭽﯩﺪە ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﯗﻕ: ﭘﺎﺗﯩﺦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ. ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨ ﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻼ ،ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻨﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯗﻕ: ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯩﻨﺎﻥ...
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﺪﯗﻕ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ " : ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯕﻼﺭ ﻫﻪ "! ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕ ﻪ ﺗﯩﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ، 1492 " : ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﭘﺎﺗﯩﺦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ ،ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯩﻨﺎﻥ ، 1492 ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﭘﺎﺗﯩﺦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ ،ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯩﻨﺎﻥ ، 1492 ،ﺩﺍﺩﺍﻡ "...
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﻜﻰ ،ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ،ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە ﺑﯘ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ.
ﺑﯩ ﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ،ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻤﺪﯗ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻳﺎﻕ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ، 1492 " ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﭘﺎﺗﯩﺦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ ،ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯩﻨﺎﻥ "... ﺩەﭖ ﺟﯚﻳﻠﯜﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﯔ. ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩەﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ.
ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻏ ﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯩﺘﺮەﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯘﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﯩﺮەﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩ ﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﯗﯓ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ: ﻳﯧﺰﯨﯖﻼﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺩەﭘﺘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﺌﺎﻻ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭەﺗﺘﻰ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﻯ . ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺩەﭘﺘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﻼ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ: ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭘﺴﯩﺰ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﺳﻮﻝ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ. ﭼﯩﻨﮕﯩﺮ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺷﯧﺌﯩﺮ. ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ " " ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮ؟ " ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ . ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺟﯩ ﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ،ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ ﺩەﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﺌﺎﻻ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.
ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻗﻮﻟﻰ ،ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭەﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐ ﺎﻧﺪﺍ ،ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ: ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ... ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰﻧﻰ ﺷﻪﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ: ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺳﻮﺋﺎﻟﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﯗﯓ ،ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ﭘﻪﺭەﯕﺪەﻙ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﺰ ﻣﯘﭘ ﻪﺗﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﻧﺪﻯ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﯨﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟەﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ،ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﭼﯩﻨﮕﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩەﭘﺘﯩﺮﻯ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺳﻮﺋﺎﻟﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﺩﻯ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﯩﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺰ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﻮﺩﯗﻗﺘﯘﻗﻜﻰ ،ﻫﯧﺴﺎﺑﻨﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺩەﭘﺘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻯ ﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە " " ﺋﯩﻬ ،ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮ ﯨﯟەﺗﺴﻪﻡ "... ﺩەﻳﺘﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە ﻳﻪﻧﻪ ، 1492 " : ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﭘﺎﺗﯩﺦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ ،ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯩﻨﺎﻥ "... ﺩەﭖ ﻳﺎﺩﻻﻳﺘﺘﯩﻢ. ﮔﻮﻳﺎ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ: ﺳﻪﻥ ﺗﯘﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ. ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﻪﻛﺮەﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﯩﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ: ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﯔ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ،ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﻼ ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ: ... 1492 ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯕﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﭽﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ: ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﯔ ﺩﯦﺪﯨﻢ؟ ﺩەﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ: ... 1492 ﺩەﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ.
ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.
ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ: ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ: ﺩﺍﺩﺍﻡ ... ﺩەﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ: ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﯓ ﻛﯩﻢ؟ ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯩﻨﺎﻥ. ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟ ﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﯟﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ . ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ،ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯩﻨﺎﻥ ﺩەﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻧﻐﯘ... ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺴﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻤﻜﻰ ،ﺋﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯩﻨﺎﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺷﯘ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯕﻠﯩﻘﺘﺎ: ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ. ﻛﯩﻢ؟ ﺧﺎﺗﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ: ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ... ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﻥ ﭘﺎﺗ ﯩﺦ...
ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﺰەﺗﺘﯩﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ.
ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻏﻪﺯەﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ،ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺰﯨﭗ: ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ ،ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﺎﺗﯩﺦ ﺳﯩﻨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺧﯩﺮﯨﻠﺪﺍﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ،ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯەﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ: ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﭘﺎﺗﯩﺨﻨﻰ ﻣﯩﻤﺎﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﻪﺩ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐ ﺎﻥ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ... ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﺗﺎ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ: ﻣﯧﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﯞەﺗﺘﯩﯔ ﺩە ،ﺑﺎﻻﻡ ! ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻏﻪﺯەﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ،ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ " ﺗﺎﻗﻘﯩﺪە " ﻳﯧﭙﯩﭗ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ: ﻟﻪﻧﻪﺕ ! ﺩﯦ ﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ،ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻤﯘ ،ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.
ﯞەﺩەﯓ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯩﻦ ﺟﯘﻣﯘ؟ ﺧﻪﺗ ﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ : ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 15 ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺧﯧﺘﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ . ﻣﺎﯕﺎ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺧﻪﺗ ﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯩﻦ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ . ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﺳﯧﻨﻰ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻟﺪﯛﻣﻜﻰ...
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﻳﺎﺯﺍﻱ : ﺑﯩﺰ ﺗﯚﺕ ﻗﻪﯞەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﻫﻪﺭ ﻗﻪﯞەﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠ ﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚﻱ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞەﺗﺘﻪ.
ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻳﻪﺭ ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻨﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﻤﯩﺰ . ﺋﯚﺗﻜﻪﺗﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷ ﺘﻰ . ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﻻ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﻰ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻣﻪﺗﯩﻦ
ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﻗﻮﯞﯗﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﺘﯜﺭﯛﭖ ": ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﺭﻏﯘ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ "... ﺩەﭖ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺳﯚ ﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﭖ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ. ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮە ﺗﺎﺯﺍ ﻗﯩﺰﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﭼﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ... ﺩﯦ ﺪﻯ. ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﺗﯩﻨﮕﻪ: ﻳﺎﻕ ﺋﺎﺩﺍﺵ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ ... ﺩەﭖ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ: ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ: ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ . ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﺩﺍﺩﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ،ﺩﺍﺩﺍﯕﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ.
ﺑﯩﺰ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﻪﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﯩﻤﻐﺎ: ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺧﻮﺭﺍﺯﺩەﻙ ﺋﯧﺘﻠﯩﭗ: ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ ﺩەﻳﺪﯗ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺳ ﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ... ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﯓ ﭘﻮ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ... ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ...
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﭘﻮ ﺋﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ...
ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﺘﻰ . ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮە ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ،ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ: ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ،ﻫﻪﺩە؟ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺩﯦﮕﯩﻨﻪ... ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯛﻡ ﺳﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞەﺗﺘﻰ . ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﻰ ﺗﯩﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ: ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪ . ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ: ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﺘﯩﯖﻼﺭ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﯕﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﭼﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﭘﯩﺶ ... ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ. ﻫﻪﺋﻪ ﭘﯩﺸﺘﯘ ... ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﺍﺩﺍﯕﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ. ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﯕﻤﯘ ﭘﻮ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮە ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪ ﺗﯩﻨﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺰﺩﺍ ،ﺋﯘ: ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ،ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺗﯧﺨﻰ ... ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻐﯘ ﺗﺎﺯﺍ ! ﺩەﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ: ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺶ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭘﻮ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘﺩەﻙ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺪﻯ: ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻨﻰ ﻳﯘﻡ ! ﺋﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﺘﯩﯔ ! ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯩﺰ ،ﻳﺎﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳ ﺘﯘ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﺪﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ،ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻳﻠﻰ.
ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﭖ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻢ . ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﺎ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﻨﺎﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺗﯚﺗﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺪﺍﺵ ﺋﯩﺪﯗﻕ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ،ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺷﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ.
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﭼﯜﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﯩ ﺰﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺩﯦﺪﻯ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ . ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭼﻼ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،ﻗﺎﻟﻐ ﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ،ﺑﯘ ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺩﺍﺩﺍﯕﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻕ ،ﺋﯘﻣﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩ ﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺧﻪﺕ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﺘﻰ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺩەﺭﯨﺴﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﭙﺘﯘ . ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻣﻪﺗﯩﻨﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ: ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼ ﯜﻥ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﻤﯩﺪﯨﯔ؟ ﻣﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﭼﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺩەﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﯖﮕﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺴﻪﻥ؟ ﺑﺎﻻ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﯧﻠ ﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ... ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮەﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ﺩﺍﺩﺍ ،ﻣﻪﺗﯩﻨﻤﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ: ﻫﻪﻱ ﻗﯩﺰ . ﺩﯦﺪﻯ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﺎﻻ ﺋﻪﻣﻪﺳﺴﻪﻥ . ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ ،ﭼﻮﯕﻼﺭ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺯﯗﯞﺍﻥ ﺳﯜﺭﻣﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ،ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯞەﻗﻪ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ . ﺳﺎ ﯕﯩﻤﯘ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ : ﺯەﻳﻨﻪﭖ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 19 ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯕﻼﺭ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﭖ:
19 ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞەﺭ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ ،ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﻕ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ،ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟەﺗﺘﯩﻢ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺧﯧﺘﯩﻤﺪە ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻏﺎ
ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺷﯘ ﯞەﻗﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﻯ. " ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ ،ﺧﻪﻳﺮ ﺧﻮﺵ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ " ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭ . ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ،ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ،ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﻧﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ... ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﭘﺴﯩﻠﻪﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﻧﻤﯩﺪﻯ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑ ﻮﻟﺴﺎ " : ﭘﺎﻫ ﭘﺎﻫ " ﺩەﭖ ،ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺗﯧﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ: ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯚﮔﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ؟ ﺩەﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﯕﻼﺭ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﯞەﺭﺩﻯ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﯩﻢ.
ﻣﯩﻨ ﻪ ﻳﯩﻐﻼﻣﺴﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ: ﻣﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﯨﻤﻤﯘ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ... ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﯞە ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﻳﯜﺯەﻛﻰ... ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ ﻳﯜﺯەﻛﻰ...
ﺑﯩﺰ ﺋﯜﻧﭽﯩﻘﻤﯩﺪﯗﻕ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞەﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱ. ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ: ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﺎﻕ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ،ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ: ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯕﻼﺭ ،ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺴﯩﻠﻪﺭ. ﺩﯦﻤﯩﺮ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠ ﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ: ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯗﻕ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ،ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯕﻼﺭ ،ﺩەﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩەﺭﺱ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ . ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﺘﺎ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﺪﻯ . ﺑﻪﺯﯨﻠﯩ ﺮﻯ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﺪﻯ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯓ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﻼﺭﺩﺍ 5 ﺏ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﯘﺷﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯘﻕ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯘ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ " : ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕ ﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯕﻼﺭ " ﺩەﭘﺘﯘ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯧﺮەﺭ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺧﺎﺗﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﺪە: ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ... ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻤﯘ: ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚ ﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯕﻼﺭ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯨﻢ؟ ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ . ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯦﻤﯩﺮﻻ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﯩﺪﻯ . ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺩەﺭﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯦﻤﯩﺮﻧﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ: ﻳﯧﯖﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩﯦﻤﯩﺮ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ . ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ: ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟ ﺩﯦﻤﯩﺮ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺴﻪﻥ ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﯗﻡ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯦﻤﯩﺮ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭ. ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﯗﻡ... ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮ: ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﯗﯕﻤﯘ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﯓ ﺷﯘﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪ ! ﺩﯦﺪﻯ. ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﯗﻡ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯦﻤﯩﺮ ،ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕ ﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﯗﻡ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﺋﯘ ،ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯕﻼﺭ، ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ: ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . ﺋﻪﺳﺘﺎﻏﭙﯘﺭﯗﻟﻼ ... ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﺑ ﯩﺮﺍﻕ ﻧﯧﻤﻪﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺋﻪﺗﻪﻱ " ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﯗﻡ " ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻨﻼ ﺋﯘﻧﺘﯘﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻛﯚﺯەﻳﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﺩە ،ﻫﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻫﯧﭻ ﻧﻪ ﺭﺳﻪ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻨﺪەﻙ: ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﻟﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﻠﻪﻳﻠﻰ ... ﺩەﭖ ،ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﺘﺎ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺩﯦﻤﯩﺮﻏﯩﻤﯘ ،ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﻪﻥ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺭﺍﺳﺖ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎ ﻧﯩﺪﯨﻢ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﯦﻤﻪﻳﺴﻪﻥ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻤﺎﻗﭽﯩﺪﯗﻕ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ.
ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ،ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ: " ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﮔﯚﺵ ﻳﺎﻍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﻳﯘﯕﯩﺪﯨﻦ ﺭەﺧﯩﺖ ﺗﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﻣﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ " ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺩەﺭﺳﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ:
ﻗﻮﻱ
ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻍ ﭼﯩﻘﺎﺭ، ﻳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺕ ﭼﯩﻘﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻳﯘﯕﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺳﺎﺭﺟﺎ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﻛﯩﻴﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺭ. ﻣﯚﯕﮕﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﺳﺎﭖ ﺑﻮﻻﺭ، ﮔﯚﺷﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﻮﻻﺭ. ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﺭ، ﻣﺎﻳﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺑﻮﻻﺭ. ﻫﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ ﻗﻮﺯﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﻤﯘ ﺯﺍﻳﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ. ...
ﺑﯘﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﻮ ﻧﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ " : ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯧﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺗﺘﺎ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ " ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ". ﻗﻮﻱ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻳﺎﺩﻟﯩﺪﯨﻢ . ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯨﺘﺘﺎ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎ ﻧﺪﺍ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﭼﯩﻘﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺗﺘﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯚﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ،ﺑﯘ ﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﯕﻼﺭ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯦﺪﯨﻢ؟ ﻣﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺩﻻﭖ ،ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺗﺘﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ،ﺩﯨﺪﻯ ﺋﯘ . ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺵ
ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ " ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ " ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﻫﯩﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺩﻻﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ، ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺕ ﺋﻪﺗﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺗ ﺘﻰ . ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺴﯩﻠﻪﺭﻏﯘ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ:
ﺋﻪﻱ ﺗﻮﭘﺎ ﭼﺎﯓ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﭘﻪﺷﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﻫﻪﻝ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﻛﺘﻪﻛﻠﻪﺭ، ﺋﻪﻱ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺑﺎﺷﺎﻗﻼﺭ ،ﮔﯜﻝ ﮔﯩﻴﺎﻫﻼﺭ ،ﺑﺎﻏﯘ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻼﺭ ﯞە ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻱ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻫﻪﻱ! ﺋﻪﻱ ﺷﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ، ﺋﻪﻱ ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﻨﯩﯔ ،ﻛﻪﻳﭗ ﺳﺎﭘﺎﻧﯩﯔ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ،ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ، ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻫﻪﻱ!
" ﺋﻪﻱ " ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ " ،ﻫﻪﻱ " ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺩﯦﮕﯩﻨﻪ ! ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺩﻻﺷﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸ ﺘﯩﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺭەﭘﯩﺘﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻳﻠﻰ ،ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻕ ! ﺩﯦﺪﻯ. ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ! ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋ ﻪﻟﻠﯩﻢ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ،ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﺋﺎﺩەﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺭﯦﺲ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺴﻪﻥ ،ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺴﻪﻥ . ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ،ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺘﻪﻙ ﻫﯚﺭﻛﯩﺮەﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺴﻪﻥ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺑﯧﻠﯩﯖﮕﻪ ﺗﯩﺮەﭖ ،ﺋﻮﯓ ﻣﯘﺷﺘﯘﯕﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺴﻪﻥ . ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﯨﻜﻰ " ﻫﻪﻱ" ﻟﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ،ﭘﯘﺗﯘﯕﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﺭﯨﺴﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻱ ،ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﻕ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﭗ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻞ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪەﻙ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ " . ﺋﻪﻱ " ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺳﻪﻛﺮﯨﮕﻨﺪەﻙ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ،ﺋﯚﻛﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ... ﭘﯘﺗﯘﯕﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﯛﺷ ﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻳﻠﯩﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯨﺴﻪﻥ...
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﯧﻠﯩﻤﺪە ،ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﺘﯘﻣﯘﻣﯘﻡ ﻫﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﭘﯘﺗﯘﻣﻨﻰ " ﺋﻪﻱ "! ﺩەﭖ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﺎﺩﺍﺷﻤﺎﻳﺘﯩﻢ . ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴ ﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﻤﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ " ﺋﻪﻱ "! ﺩەﭖ ﺋﻮﯓ ﭘﯘﺗﯘﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ: ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ... ﺋﯚﻛﭽﻪﯕﻨﻰ ﺋﯘﺭ ! ﺩەﻳﺘﺘﻰ . ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻛﭽﻪﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﺳﺎﻣﻤﯘ ،ﻳﻪﻧﯩﻼﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ . ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘ: ﻗﺎﺭﺍ ،ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺩە " ،ﺋﻪﻱ " ! ﺩەﭖ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ،ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ،ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺩﯦﺮﯨﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﺭﺍﯕﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ . ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯩﺘﺮەﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ،ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﻳﯜﺯ ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﻛﯧﻠﯩﺴﯩﺰ ،ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﯘﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ:
" ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻱ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻫﻪﻱ "! ﺩەﭖ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﺭﺩﻯ. ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩ ﻠﯩﺴﻪﻧﻐﯘ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﭼﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ: ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﺎﻗﺴﺎﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﻣﺎﯕﺎ: ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ؟ ،ﭘﯘﺗﯘﯕﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻧﺴﻪﻥ؟ ﻳﻪﺭ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜﺩەﻙ ﺋﯘﺭﺳﺎﯓ،ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭ ﮔﻮﻳﺎ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﯨﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺗﯩﺘﺮەﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ " ،ﻫﻪﻱ،ﻫﻪﻱ "! ﺩەﭖ ﭘﯘﺗﯘﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﯞﯦﺮﯨﭗ ،ﺋﯚﻛﭽ ﻪﻡ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻱ ﺩەﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ " ﻗﻮﻱ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﻳﺎﺩﻟﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ". ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ " ﻗﻮﻱ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ " . ﻳﯘﺭﺗﯘ ﻡ " ﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺗﻮﻻ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﯘﺗﯘﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ، ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯚﻛﭽﻪﻣﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻣﯧﯖﻪﻡ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ: ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﯔ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﯔ ﻛﻪﻟﺪﻯ ! ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻖ ! ﺩەﭖ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺯﺍ ﻟﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ . ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﭗ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﮕﻪﺭ ﺋﻪﮔﻤﻪﻳﻼ ،ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗ ﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍ ،ﺯەﻳﻨﻪﭖ ،ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ " ﻗﻮﻱ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ
ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻤﯘ ! ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭘﺘﯩﻤﻪﻥ...
ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭ : ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪە ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﯩ ﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ.
ﻫﯧﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ " ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ " ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ " ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ " ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘ ﯘ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺗﯘﺭﯨﯟەﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩە ! ﻫﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ، ﺩەﭖ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ " ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ " ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ . ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺋﯩﭽﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﮔﯜﻟﺪﯗﺭﺍﺱ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﭼﺎﻟﻤﺎﺳﻤﯘ ! ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻫﯘﺩﯗﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ " . ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ " ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ ﺩە ،ﺷﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥ " ﺋﻪﻱ "... ﺩەﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻤﻜﻰ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻢ ﺗﯜﮔﻪﭖ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻏﺎﭼﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺑﯩﺮ " ﺋﻪﻱ "... ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﻳﺎﯕﺮﯨﺪ ﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﭙﺘﯩﻤﻪﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ:
ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺷﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﺎ ﭼﺎﯕﻼﺭ ،ﺋﻪﻱ ﻫﻪﻝ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﻛﺘﻪﻛﻠﻪﺭ، ﺋﻪﻱ ﻗﯩﺮﯨﻘﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﺎﻗﻼﺭ ،ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ،ﺑﺎﻏﻼﺭ ،ﺩﺍﺳ ﺘﺎﻧﻼﺭ، ﯞە ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻱ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻫﻪﻱ!
ﺩەﭖ ﭘﯘﺗﯘﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ،ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﯨﯟەﺗﺘﯩﻢ . ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭەﭘﯩﺘﯩﺴﺘﻪ ﺋﯚﻛﭽﻪﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﯞﯦﺮﯨﭗ ،ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻣﯩﺨﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ". ﻫﻪﻱ " ﺩەﭖ ﭘﯘﺗﯘﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ،ﺋﯘ ﻣﯩﺨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ " ﮔﺎﭺ " ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﮔﻮﻳﺎ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﮕﻪ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺳﺎﻧﺠﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟەﺗﻜﯜﻡ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻱ ﺩەﭖ ﺳﻪﻫﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﯩﻢ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ: " ﻫﻪﻱ ﺷﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ"...
ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ﺩەﭖ ،ﺋﯘ ﻣﯩﺴﺮﺍﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﺘﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩەﻝ " ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﻳﯩﯖﻨﯩﺴﻰ ﺗﺎﻗﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻓﺎﺗﯧﻔﻮﻥ ﺗﻪﺧﺴﯩﺴﯩﺪەﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﯩﻢ . ﻳﯩﻐﻼﻣﺴﯩﺮﺍﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯩﺘﺮەﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ » : ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ... ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ« ... ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ » ﻗﻮﻱ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻢ ﻛﺎﻟ ﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺷﺎﺭﯨﻠﺪﺍﭖ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻤﻪﻧﻤﯘ!
ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ... ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ... ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ... ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻍ ﭼﯩﻘﺎﺭ. ﻳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺮەﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻳﯘﯕﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...
ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ " : ﺋﻪﻱ ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﻨﯩﯔ ... ﻛﻪﻳﭙﻰ ﺳﺎﭘﺎﻧﯩﯔ "... ﺩەﭖ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ " ﮔﯜﭖ ﮔﯜ ﭖ " ﺋﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﯩﻼ ﺩەﭖ ،ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ " ﻗﻮﻱ " ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ:
... ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﻨﯩﯔ ﻫﻪﻱ! ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﺳﺎﭖ ﺑﻮﻻﺭ. ﮔﯚﺷﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﻮﻻﺭ، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﺭ، ﻣﺎﻳﯩﻘﻰ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺑﻮﻻﺭ ،ﻫﻪﻱ...!
ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﮔﻮﻳﺎ ﺯﺍﻝ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯜﺷﻜﯜﺩەﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ: ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ... ﻛﯩﺸﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﺋﯘﻧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﯦﺘﻪﺗﺘ ﯩﻢ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻗﺴﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ. ﻣﯩﻖ ﺳﺎﻧﺠﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﭘﯘﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ ﺩەﺳﺴﻪﭖ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﯓ . ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﯜﻟﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻱ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺩﻭﻣﯩﻼﺷﺘﻰ... ﺗﻮﻻ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻫﻮﺷﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯘ.
ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻱ ،ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﻪﻱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺩەﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭙﺘﯘﺩەﻙ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺯەﻳﻨﻪﭖ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺭﺍﯓ ﭼﯘﺭﯗﯓ ،ﺗﺎﺭﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﺘﻰ.
ﺳﻪﻥ ﺧﯧﺘﯩﯖﺪە ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪ ﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ . ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻣﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﺩەﻙ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑ ﻮﻻﺗﺘﻰ...
ﻣﺎﯕﺎ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ،ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ : ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 15 ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﯖﺪەﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯩﻦ ،ﺑﻮﻻ ﻣﺪﯗ؟ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎ ،ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺳﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ،ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻐﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻟﯜﺷﺘﯩﻜﻰ...
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻫﺎﯞﺍ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﺩەﺭﺱ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﻤﻪ ﻥ ،ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﯩﻤﯘ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩﻤﻪﻥ . ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﭘﯩﺮەﻧﯩﻚ ،ﺗﻮﺭﺕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺷﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻫﻪﺩەﻡ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪە ﺗﯘﺭﻣ ﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺪﯗ.
ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﻠﯩﻖ ﭼﯧﻴﻰ ﺋﯩﭽﯜﺭﯛﻟﯜﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﻨﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻗﻠﯩﻖ ﭼﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪ ﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ . ﻫﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪە ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺗﯚﺕ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮒ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺯەﻳﻨﻪ ﻝ ﺑﻪﮒ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ » : ﺑﯘ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﺪﯨﻦ ﺋﻪﺟﻪﺑﻤﯘ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯩﻢ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭖ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ « ﺩەﻳﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﯘ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﻱ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯘﺩەﻙ . ﺑﯘ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮒ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﺕ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻜﻰ ،ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻜﻪﻥ.
ﺩﺍﺩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﺪﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ » : ﺋﯘ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻳﺎﺵ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﭘﺘﯘ ... ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪە ،ﺋﯘ ﺗﯧﺨﯩﭽﻰ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺯەﻳﻨﻪﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ " : ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﯓ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ "... ﺩەﭖ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺑﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ،ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﺯەﻳﻨﻪﻟﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ: » ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﭘﺎﺭﺗﺎﯕﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎﯕﭽﯘ « ! ﺩەﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ » : ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩەﻣﺴﻪﻥ ،ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﺗﺘﻪﺭ « ... ﺩەﻳﺪﯗ.
ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﯓ ،ﺑﯘ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮒ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﻪﻥ » : ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﻡ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﻟﯟﺍﻻﺭﺩﯨﻦ » ، « ... ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﯕﺪﯨﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﮔﺎﻟﯟﺍﯕ ﻼﺭ ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﯘﻧﻰ « ... ﯞەﻫﺎﻛﺎﺯﺍﻻﺭ.
ﺯەﻳﻨﻪﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ » : ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯓ ﻳﻮﻕ ﮔﻪﭖ ،ﻫﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻦ « ﺩەﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻝ ﺋﯜﺯﺩﯛﺭەﻟﻤﻪﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ،ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻫﯘﺭﯗﻥ ،ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻫﯜﻧﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ،ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﯧﺮﻻﺭ ،ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺗﻼﺭ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﯞە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻜ ﻪﻥ.
ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ » : ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻕ ،ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﯗﻕ ﺩەﭖ ﻧﻪﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﯘﻕ ... ﻣﺎﻧﺎ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ« ﺩەﭖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮒ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞە ﻛﺎﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻓﻪﻟﯧﻤﻪﻧﮕﻪ (*) ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩ ە ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺩﯨﺮﻏﺎ » : ﻓﻪﻟﯩﻤﻪﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﯨﺪﻯ . ﺭﺍﺳﺖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﻪﻳﻠﻰ « ... ﺩەﭘﺘﯘ.
ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﯩﺘﯩﺪە ،ﺋﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪﺧﺴﺘﺎﻥ (**) ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼ ﭖ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﺑﻮﭘﺘﯘ » . ﯞﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻤﻪﻱ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﺩەﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺧﺎﺗﺎ ﻛﻪﭘﻘﺎﭘﺘﯘﻕ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﻮﻟﺸﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭەﻳﻠﻰ « ﺩەﭘﺘﯘ ﺋﯘ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺳﯚﺯﮔﻪﺋﺎﺭﻻﺷﺘﻰ: ﺑﯘﻧﭽﯩﯟﺍ ﻻ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ،ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﺰ ،ﻫﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ؟ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺳﺎﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ! ﺩەﭖ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﻰ ﺟﯩﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ: ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻗﻠﯩﯔ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻫﻪﺩەﻡ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻪﻥ ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺪﯨﯔ؟ ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ.
ﺋﯚﻳﺪە ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺯﺍﺩﻯ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺸﻤﯩﺪﻯ ،ﻫﻪﺩەﻣﻤﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯩﺰ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯗﻕ . ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪ ﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩە ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﭺ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ،ﻫﻪﺩەﻡ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯧﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ: ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﻫﻪﺩەﻣﮕﻪ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ... ﺩﯦﺪﻯ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﻪ ﭘﻘﯘ ... ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻧﻤﯘ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﻫﻪ ﺭﺍﺳﺖ ،ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ.
ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ. ﺋﯜﻧﯘﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺴﺎﻡ ،ﺋﯘ ﻗﯧﻴﺪﯨﺪﻯ: ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ،ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩەﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯩﭽﯜﺭﺳﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯧﻴﺪﺍ ﻳﺴﻪﻥ؟ ﻫﯩﻢ ... ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﺭەﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ ﺩە؟ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭼﺎﺗﯩﻘﯩﻢ ﻳﻮﻕ. ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯚﻳﺪە ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﺗﺘﻰ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺳﺎﻟﯩﻘﻰ ﺗﯘﺗﺘﻰ: ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﺗﯩﻘﯩﯔ ﻳﻮﻕ؟ ﻣﻪﻥ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ ﺋﯘ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩ ﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﺋﯜﻧﯜﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ: ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ » : ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ،ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ « ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻐﯘ؟ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮەﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩ ﻤﯘ؟ ﻫﻪ ... ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭەﻟﻤﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﯜﯞﺍﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ » : ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎ ،ﺋﻪﻗﻠﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﯩﺸ ﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ « ﺩەﭘﺘﯘ . ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ؟ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ،ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻫﻪﻡ ﺧﺎﭘﺎ ﻫﻪﻡ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ: ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﺳﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﺷﯘﻻﺭ ﺗﻪﺭەﭖ ... ﺩﺍﺩﺍﻣﻐ ﯩﻤﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺩەﻳﺴﻪﻧﻐﯘ ! ﺋﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞەﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻳﺪﯗﻳﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ... ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺗﯩﺘﺮەﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﻮﻱ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺷﻮﺥ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ » . ﺷﻮﺧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺪﯗ « ﺩەﭖ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛ ﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﺩﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻛﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﻤﯘ ،ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩ ﻘﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ ،ﺩﻭﻣﺴﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ ،ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩەﻙ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ: ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﯔ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪ ﺭﺳﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﻛﺎﻳﻰ ﺋﯘﭼﺘﻰ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ،ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩەﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ . ﺋﯘ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ ،ﻳﻮ ﻕ . ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩە ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﭖ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ،ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻏﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ،ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﯗﻕ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺋﯚﻳﺪە ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﻨ ﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﭙﺎﺯﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ » : ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻫﻪﺯەﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪ « ﺩﯦﮕﻪﭼﻜﻪ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺋﯜﻧﺪﯨﻤﯩﺪﻯ ﯞە ﻫﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ،ﻳﯧ ﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﺩە ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ ،ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﺭﺍﻫﻪﺕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﯓ ،ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﺍﻫﻪﺕ ﻳﺎﺷﺎﻳﺴﻪﻥ...
ﺑﯘﻻﺭ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺳﯩﻬﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ: ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ... ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﺘﺎ... ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞەﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺧﺎﭘﺎ ﭼﯩﺮﺍﻱ ،ﺑﯘﺗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ: ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﭘﺎﻣﺪﯗ؟
ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ: ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﯗﻕ ،ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﯞﺍﻗﺘﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ... ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﭖ: ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺩﯦﺪﻯ. ﺩﺍﺩﺍﯓ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩەﯞﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟ ﺩەﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ . ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻳﯩﻐﻼ ﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻛﺴﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ: ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﺴﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﻫﯘﺭﯗﻥ ،ﻗﺎﭘﺎﻗﺒﺎﺵ ،ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻟﯟﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﺍﯞﯗﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ،ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ،ﻣﺎﮔﺰﯨﻨﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ،ﻣﺎﺷﯩﻨﻠﯩ ﺮﻯ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ... ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﭘﺘﯘ ... ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐﻼﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﮕﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ،ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ...
ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻫﯘﺟﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ،ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ﻣﺎﻗﯘﻝ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﯓ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻞ ... ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺴﺎﯓ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﻗﻮﻱ ! ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺘﺎﻏﯩﻨﻪ: ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﻛﻪﺷﻤﻪﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﻰ ﻫﯘﺟﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻏﯩﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ:
ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺑﯩﺰﺩە ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗ ﯘﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺯ ﺋﯩﺸﺎﺭﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ: ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺑﺎﻻ ﺭﺍﺳﺖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ ...! ﻣﺎﻧﺎ ﺯەﻳﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻏﯘ...
ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯘ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺳﺎﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﺯەﻳ ﻨﻪﻝ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﯞەﺩە ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞەﺩﯨﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺋﯚﻳﺪە ﻣﯜﮔﯩﺪەﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺑﯘ ﭼﺎﻱ ﺋ ﯩﭽﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯩﭻ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﺑﻮﺷﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪەﻙ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎﻕ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﯘ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﻪﯞەﺑﻜﺎﺭ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ . ﺋﯘ ﺩەﺭﺳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﯚﻳﺪە ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺖ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ ﺩە ... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ . ﺋﯘﻳﻘﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺋﻪﺗﻪ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋ ﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ.
ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﯩﺪﯨﻢ . ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ . ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﻤﻪﻥ . ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻼﻳﻤﻪﻥ، ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞەﭘﭙﯩﻘﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ : ﺯەﻳﻨﻪﭖ ﻳﺎﻟﻘ ﯩﺮ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 26 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﭖ:
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺷﯘﺋﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﺎﺯﻏﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴ ﯧﺮﻯ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯦﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻤﻐﯘ ،ﺷﯘ ﯞەﻗﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺩﯦﻤﯩﺮﻏﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻳﺪﯗ ،ﺩەﭖ
ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ ،ﺯﺍﺩﻯ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩەﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘ ﯞەﻗﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻫﯧﭻ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﯞە ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ » : ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﯖﻼﺭ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﯖﻼﺭ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ؟ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞەﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺋﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺩەﻝ ﺋﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩ ﺪﯨﻢ . ﺷﯘﯕﺎ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ » : ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ « ! ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ » : ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩەﻙ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯕﻼﺭ ﻛﯧﺮەﻙ « ﺩەﻳﺘﺘﻰ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷ ﺘﯘﻕ . ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ : ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘ ﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺰ ﺩﯦﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﺍ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﯧﺮەﻛﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞەﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ،ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋ ﻮﻗﻰ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞە ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻐﺎ ﺧﻪﯞەﺭﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭘﻼ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﯨﺪﯗ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ،ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻪ ،ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ،ﺳﯩﺰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔ ﻪﻥ ﺑﯘ ﯞەﻗﻪ ﺭﺍﺳﺖ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﺋﺎﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻤﯘ؟
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺩەﻡ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﺴﻪﻥ؟ ﺭﺍﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﺭﺍﺳﺖ ﯞەﻗﻪ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯞەﻗﻪﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺱ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ 11 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩەﻡ ﭼﯩﻘﻤﺎﭘﺘﯩﻤﯘ؟ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ 11 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗ ﺎﭘﺘﯩﻤﯘ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﮕﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻧﯘ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯەﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ... ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ،ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﯞەﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺘﻪﻙ ﺋﻮﻳﻼﻣﺴﯩ ﻠﻪﺭ؟ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ » ﻳﺎﻕ ،ﻳﺎﻕ ،ﻳﺎﻕ « ... ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯦ ﻤﯩﺮ:
ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺘﻪﻙ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺧﻮﭖ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻤﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ؟ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭼﺎﯕﯩﻠﺪﯨﺪﻯ: ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺩەﭖ ﻫﻪ ﻣﯩﺸﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﻘﺎ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﭼﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻳﻤﯘ ﺯەﻳﻨﻪﺏ ،ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﭼﯧﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ . ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩ ﻢ . ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﻳﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﺍﺳﺖ ﺋﯩﺪﻯ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩەﺭەﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪە ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﻛﯚﺯ ەﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺩەﺭەﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ » ﺗﺎﺗﺎﺗﺎﺕ ،ﺗﺎﺗﺎﺗﺎﺕ « ... ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﭘﯩﻠﯩﻤﻮﺕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ،ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺷﺎﺗﺘﻰ . ﺑﺎﻏﭽﯩﺪﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩەﻙ ﺩەﺭەﺥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞەﺕ ﺩﯦﺮﯨﺰە ﺗﯚﻣﯜﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﻐﺎ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﯘ ﺗﯘﺭﯗﺑﯩﺴ ﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻧﺪﺍﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻛﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺩەﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯜﺳﻪﻳﻦ » : ﻛﯚﺯەﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ « ﺩەﭖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﯞەﺯﯨﭙﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻢ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ ﻫﯜﺳﻪﻳﻦ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩ ﺰ ﻫﯜﺳﻪﻳﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﺩەﺭەﺧﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪە ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ: ﺩەﺭەﺧﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ... ﻧﻪﺩﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ؟ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩ ەﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ. ﻫﯜﺳﻪﻳﻨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺶ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺋﯘﻧﻰ ﺩەﺭەﺧﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﯜﺳﻪﻳﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ: ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ؟ ﺩەﭖ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭ ﺍﺷﺘﻰ. ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟەﺗﻤﯩﺪﻯ ،ﭘﯘﺗﯘﭖ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ ... ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﻯ ﻫﯜﺳﻪﻳﻦ.
ﻫﯜﺳﻪﻳﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ . ﺋﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ: ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘ ﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻱ ،ﺑﯘﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﯘﻗﯘﯞﺍﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ،ﺋﯘ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﯞﯦﺘﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﯜﺳﻪﻳﻨﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏ ﻪﻝ ﺑﺎﻻ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩﯦﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﺋﯚﺯ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪﻣﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺪە ﻛﺎﻟﯟﺍﻟﯩﻖ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟ ﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ 5 ﺏ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ 5 ،ﺋﺎ ﯞە 5 ﺏ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪە ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩ ﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪﻣﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﻫﻪﭘﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻢ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪﻣﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺪﻯ . ﺗﺎﻏﺎﻣﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ، ﺋﯘﻣﯘ ﻳﺎﻗﺘ ﯘﺭﻣﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ : ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻻ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﻫﻪﺭ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ » : ﺋﻪﻱ ﺧﯘﺩﺍ ،ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻳﺴﻪﻥ « ! ﺩەﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﺪە ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﯟە ﻛﯧﻠﯩﭗ » : ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯩﻠﯩﻜﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯩﻨﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ « ﺩەﻳﺪﯗ . ﺑﺎﻻ » : ﻣﻪﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪ « ! ﺩەﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﻗ ﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ: » ﺑﺎﻻﻡ ،ﺳﯧﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﺎﺳﺘﯩﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺋﯜﺳﺘﯜﯓ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﻪﻥ. ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺋﺎﭺ ،ﺑﺎﻻﻡ « ... ﺩەﭖ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻧﯧﻤﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭەﻟﯩﺪﯨﻤﻤﯘ؟ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
5 ، 4 ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻘﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﺪﻯ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ 5 ،ﺏ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ . ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﯚﯞﯨﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻪﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﭼﻪﻛﺘﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨ ﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﻣﻪﻥ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪﻣﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞە ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻠﯩﺪﻯ . ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻫﺎﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺯﺍ ﻟﺪﺍ ﯞﺍﺭﺍﯓ ﭼﯘﺭﯗﯓ ،ﺗﺎﺭﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﺩەﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺭﯦﺰﯨﻨﻜﻪ ﺭەﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺸﺎﺗﺘﻰ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭەﮔﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭ . ﻗﻪﻏﻪﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻗﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮔﻪﺩﯨﻨﯩﮕ ﻪ ﺗﻪﮔﺴﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﺐ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﺎﺗﺘﻰ ... ﻣﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯەﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ . ﺗﺎﺵ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ،ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﺪەﻙ ﺋﺎﺗﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ،ﮔﻪﺩﯨﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻮﺕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺳﺎﻧﺠﯩﻠﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ... ﻏﻪﺯەﭘﻠ ﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭەﮔﻪﺗﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ﺩە، ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﻮﻗﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺭەﮔﻪﺗﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺭﯦﺰﯨﻨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺋﺎﻫ ،ﺯەﻳﻨﻪﺏ، ﺑﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ... ﺩەﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺯﺍﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟ ﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ ﺩەﻝ ﺋﻪﻛﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ » ،ﭘﺎﻕ « ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﮔﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺗﻪﮔﻤﻪﺳﻤﯘ ! ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﮔﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺕ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ. ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺗﺘﻰ؟ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﯘﻥ ! ﺩﯦﺪﻯ 5 ﺏ ﺳ ﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ. ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ ،ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺍﻱ ﺩەﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺋﯚﻳﯜﯕﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﯩﺰ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻤﯘ ،ﺑﺎﻫﺎﻻﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺗﺘﯩﻢ ، ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻣﯘﺩﯨﺮ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻤﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺗﻤﯩﺪﯨﯔ ! ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺗﻤﯩﺪﯨﯔ ... ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﯓ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ . ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠ ﯩﭗ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯘﻧﺎﻫﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﯔ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺗﻪﻱ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ... ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ... ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ: ﻣﺎﻧﺎ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ،ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩ ﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ . ﺑﯘ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﺟﺎﺯﺍﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﯜﺯەﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﻤﻪﻥ . ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑ ﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩەﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ،ﺯەﻳﻨﻪﺏ ،ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩەﻝ ﺋﻪﻛﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ، ﻫﯧﭽﻨﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﻫﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﻳﻮﻕ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺳﯧﻨﯩﯖﭽﯩﻤﯘ ،ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩ ﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺧﻪﭖ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﯧﺰﺭەﻙ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﺳﻪﻡ ﺋﯩﺪﯨﻢ ... ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ . ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩ ﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﺩەﻳﺪﯗ.
ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻳﯘﻻﻣﺪﯗ ،ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻫﯧﭻ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﺎﯕﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ... ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩ ﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩەﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﺎﯕﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﯞە ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 30 ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﻣﯧﻨﻰ ﺧﻪﺕ ﺧﻪﯞەﺭﺳﯩﺰ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﺭەﻫﻤﻪﺕ . ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ . ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩەﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘ ﺭﯨﻤﻪﻧﻜﻰ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻤﯘ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﯛﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞەﻗﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺩەﺭﺳﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﺘﺎ ﻛﯜﻟﺪﯗﻕ . ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﯞەﻗﻪ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳ ﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺩﻭﺭﺍﭖ ،ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎ . ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞەﻗﻪﻧﯩﯔ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﻪﻱ : ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ . ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺳﺘ ﺎ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻗﺎﭘﭽﯘﻗﯩﺪﺍ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺭەﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﺎﺭ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﯘﭼﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻫﻪ ﺩﯦﺴﯩﻼ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺋﯘﭼﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﻗﺎﭼﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ،ﺳﻮﻣﻜﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﻰ ﺳﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﻪﺩەﻣﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ ،ﻫﻪﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺳﻮﻣﻜﺎﻣﺪﺍ ﺋﯘﭼﻰ ﺳﯘﻧﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪ ﺍ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﺎﺭ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺭەﯕﮕﺎﺭەﯓ ﺳﯩﺰﯨﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭەﺳﯩﻤﺪەﻙ ﺑﯧﺰەﻟﮕﻪﻥ ،ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻧﭽﻪ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﺪەﻙ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺑﯩﺮەﺭ ﺩەﺭﯨﺴﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺩەﭖ ،ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯖﻼﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ؟
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ: ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ: ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻧﯧﻤﯩﺪەﭖ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ؟
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ: ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﺪﯨﯔ؟ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ،ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯧﻨﯩﻖ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ؟ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ... ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ. ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﯚ ﻳﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ! ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺑﯩﺰ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﻛﯚﺭەﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ،ﺑﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ 52 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 52 ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ . ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺋﯚﻱ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 25 ﺗﯩﻦ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎﻕ ،ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﻛﯜﻧﺪە 77 ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ... ﺑﯘ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻗﺎﻧﭽﯩﺪە ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
ﺋﻮﺳﻤ ﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 11 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺳﯩﻤﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﺪە ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﻳ ﺎﻕ ،ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯗ ... ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺧﻮﭖ ،ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯗ ﺩەﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ،ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ،ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﻼ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ﻣﺎﯕﺎ: ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ : ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻐﺎ ﭘﯘﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ
ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺳﻪ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ " . ﻣﺎﻧﺎ "! ﺩەﭖ ﭘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ﺋﯘ. ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩە ... ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺩەﺳﻰ ﺋﯚﺗﯜﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ: ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﯕﻼﻳﺴﻪﻥ؟ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳ ﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ: " ﺩەﭘﺘﻪﺭﺩﺍﺭ ،ﻧﯩﺸﺎﻧﭽﻰ ،ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺑﯧﮕﻰ ،ﺋﻪﺟﻪﻣﺌﻮﻏﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ؟ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺩەﯞﺭﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﯔ".
ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﺘﺎ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯘﺭﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﻛﺘﯘﭖ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ . ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻨﻰ " : ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯟە ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺗﺎﻏﺎ "! ﺩەﭖ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ . ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ:
" ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺑﯧﮕﻰ ﺑﻮﻏﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﻮﺭﺕ".
" ﺩەﭘﺘﻪﺭﺩﺍﺭ ﺩەﭘﺘﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭ ① ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜ ﺘﯘﺭ".
" ﻧﯩﺸﺎﻧﭽﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﭼﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ . ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﻣﻪﺭﮔﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻮﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﻭﺭﻭﺗﻮﺭﻏﺎ ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﻪﻥ ﺩەﭖ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯦﺮﯨﺰە ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ".
" ﺋﻪﺟﻪﻣﺌﻮﻏﻠﻰ ② ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺭﯨﺰﺍ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﯘ ﻛﯚﺯ ﺑ ﺎﻏﻼﺵ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪﺍ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﻪﻳﺪﯗ".
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪە ،ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ . ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﻮﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﺗﺘﯩﻢ . ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ . ﺋﯘ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﻗﻮﺭﻗﺎﺗﺘﻰ . ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻳﯜﺭﺩﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﯩﻨﺪﻯ . ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤ ﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﺩەﺳﻠﻪﭖ ﻛﯚﺯ ﻳﯜﮔﯜﺭﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯘﺭﻏﯩﻼ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ،ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧ ﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﭘﻮ ﺋﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﻕ.
ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺧﺎﭘﺎ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩەﺭﺳﻜﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻛﯩﺮەﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻏﻪﺯەﭘﻠﯩﻚ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ " : ﺳ ﺎﻻﻡ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ "! ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﯕﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻳﻪﮔﻪ ﻛﻪﻝ!
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺩەﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﺎ ﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ﭘﻪﺭەﯕﺪەﻙ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ: ﺋﻮﻗﯘ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘ ! ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻮﺋﺎﻝ : ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧ ﯧﻤﻪ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ : ﻫﺎﯞﺍ ﺋﯩﺴﺴﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﺟﯩﻤﻰ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺪﯗ ،ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ ،ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:
ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭ ،ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ: ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ ... ﺷﺎﻣﺎﻝ ... ﺷﺎﻣﺎﻝ . .. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺩەﭖ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﯩﮕﻪﻧﺪە ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ: ﻫﻪ ،ﺷﺎﻣﺎﻟﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ: ﺷﺎﻣﺎﻝ ﮔﺎﻻﺗﺎ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﮔﺎﻻﺗﺎ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺷﺎﻣﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﯞە ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭەﺷﺘﻪ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە ﻛﯜﭼﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺳﻮﺋﺎﻝ : ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ : ﺳﯩﻜﯘﻧﺘﯩﻐﺎ 20 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﻗﺎ ﺭﺍ ﺑﻮﺭﺍﻥ ،ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮔﺎﻻﺗﺎ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯩﺘﻬﻪﺕ ﭘﺎﺷﺎ ﺗﻪﻧﻬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﺭﺍﻱ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ . ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﺭﯦﭙﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ . ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯜﻛﯜﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ 12 ﻗﻪﺩەﻣﺪە ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯞﻭﺭﻭﺗﻮﺭﻏﺎ ﺗﻮﭖ ﺗﯧﭙﯩﺸﻜﻪ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩ ﺒﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞەﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯩﺰ ﻛﯜﻟﯜﯞەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﺧﯩﺮﯨﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﯘ ﺗﯩﺘﯩﺮەﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯩﺰﺍ ﺗﺎﺭﺗﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ،ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ.
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﺎﻡ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ: ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯘﻡ ﺋﯩﺪﯨﯔ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ... ﺋﻮﺭﻧﯘﯕﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻱ ،ﺋ ﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﯩﮕﯩﻨﻰ ﻗﯧﻨﻰ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﺪﺍ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﻡ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻳﺎﻕ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ،ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯖﻼﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨ ﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺋﯚﻱ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ. " ﺑﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ؟ " ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﺋﯘ " : ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺎﻣﺴﯩﺰ؟ " ﺩﯦﺪﻯ ﺩە ،ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺭەﺗﻠﯩﻚ ،ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ
ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ،ﻣﺎﯞﺯﯗﻻﺭ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ،ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ " ﺷﺎﻣﺎﻝ " ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﺎﻻ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺩەﭖ ﮔﺎﻻﺗﺎ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە ﻛﯜﭼﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ . ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ " : ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻛﯜﻟﯩﺴﯩﺰ؟ " ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ، ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻏﻪﺯەﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ " : ﺑﯘ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ " ﺩﯦﺪﻯ...
ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ.
ﺧﻪﻳﺮ ﺧﻮﺵ ! ﻗﻪﺩ ﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺧﻪﺕ ﺧﻪﯞەﺭﺳﯩﺰ ﻗﻮﻳﻤﺎ ،ﻣﺎﻗﯘﻟﻤﯘ؟ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺧﻪﯞەﺭ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ.
______________________ ① ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ " ﺗﺎﺭ " ﻧﻰ " ﺩﺍﺭ " ﺩەﭖ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ② ﺧﺎﻡ ،ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﺰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ : ﺯەﻳﻨﻪﭖ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 26 ﺩﯦﻜ ﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ
ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﻣﯧﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﺧﯧﺘﯩﯖﺪە ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﯔ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﯞەﻗﻪ . ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ﻫﯜﺳﻪﻳﻦ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە " ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ " ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ " ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪ ﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ: ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﻕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ – ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯗﻕ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﺩەﻙ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭەﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪ ﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ.
ﻳﺎﺷﺎﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ . ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪەﻙ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﻟﻪﺗﯟﺍﺯ . ﺋﯘ ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩەﺭﺱ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﻪﺟﯟﯨﻲ ﺭەﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ: ﻳﺎﺷﺎﺭ ،ﺳﺎﯕﺎ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﯞەﻗﻪ ﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯛﯕﻤﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﻳﺎﺷﺎﺭ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺳﺎﯕﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ،ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻫﯩﻴﻠﯩﮕﻪﺭ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ " ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ " ﺩﯦﺴﻪ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ " ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭ " ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘﯕﺎ: ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺪﯨﻢ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ – ! ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭖ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺋﺎﺩەﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﻳﺎﺷﺎﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻫﺎﻟﺪﺍ: ﻣﻪﻥ ﭼﻪﻛﻤﯩﺪﯨﻢ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ – ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﻧﻪﺷﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍ ﻟﻤﺎﻱ ﻗﻮﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭەﺗﺘﻰ . ﺋﯘ: ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻱ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻱ ... ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯧﻴﺘﻪ ﻧﻪﺷﻪ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺳﺎﯕﺎ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﯞەﻗﻪ ﺑﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻤﯘ؟ ﻧﻪﺷﻪ ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ: ﻛﯚﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮ ەﻱ...
ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻱ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ؟
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﺑﯩﭽﺎﺭە ﻧﻪﺷﻪ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺑﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﯞەﻗﻪ ﺋﯚ ﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺪﻯ؟ ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪ – ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﻧﻪﺷﻪ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯩﺪەﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯗﺩﯗﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺩﯗﺩﯗﻗﻼﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ . ﺋﯧﺴﯩﯖﺪﯨﺪﯗ، ﻧﻪﺷﻪ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺩەﺭﺳﺘﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯗﺩﯗﻗﻼﻳﺘﺘﻰ ،ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﻰ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻏﯘﻣﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﺯ ﺩ ﯦﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯗﺩﯗﻗﻠﯩﻤﺎﻱ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻏﯘﻣﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﭽﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: ﺑﯩﺰ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺯەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ. ﻧﻪﺷﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺩﯗﺩﯗﻗﻼﯞەﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﺧﻮﭖ ،ﻫﻪ ... ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ؟ ﺩەﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺩەﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻧﻪﺷﻪ ﺩﯗﺩﯗﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺩﯦﺪﻯ: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺩەﺭﯞﺍﺯﺍ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ،ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﯧﻴﻨﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ " : ﺑﻮﯞﺍﯓ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟەﺕ، ﺑﻮﯞﺍﯕﻐﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﻳﻮﻗ ﻠﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺋﯧﻴﺖ "! ﺩەﭘﺘﯘ . ﺑﺎﻻ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ" : ﺑﻮﯞﺍ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ
ﻛﻪﺗﺘﻰ " ﺩەﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﯩﮕﻪ " : ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ﺋﯧﻴﺖ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺪە ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ " ﺩەﭖ ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻧﻪﺷﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯗﺩﯗﻗﻠﯩﻐﺎﻧ ﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﯞەﻗﻪ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻤﯘ؟ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ. ﻳﺎﻕ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻧﻪﺷﻪ ،ﺑﯩﺮ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ؟ ﻣﻪﻥ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯗ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ.. .
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﯟﯦﺪﻯ ،ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﻰ. ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﭘﺴ ﯩﻠﻪﺭ . ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﯞە ﺑﯩﺮ ﯞەﻗﻪﺩﯨﻦ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺩەﻡ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯦﺪﻯ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻐﺎ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮەﻱ.
ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﺩﻯ. ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺪﯗﻕ ،ﺩەﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺪﻯ...
ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ.
ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﯘﻕ . ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﻰ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯘﻕ.
ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺩەﻡ ﺋ ﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ ،ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ . ﺑﺎﻻ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ،ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻦ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﺪەﻙ ،ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﻪﻙ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ: ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﯕﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺴﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ. ﺑﺎﻻ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﯖﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ. ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﯕﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭ – ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ ﻣﯘﺩﯨﺮ. ﺑﺎﻻ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺳﺎﯕﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﯟﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﺋﺎﯕﻼﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﻻ. ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﯕﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺴﻪﻥ؟ ﭼﺎﭘﺴﺎﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭ! ﺑﺎﻻ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎﻏﯩﻨﺎ ﻛﯚﺗﯜ ﺭﯛﭖ ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻏﻪﺯەﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮ:
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ ! ﭼﯩﻘﺎﺭ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺩەﻳﻤﻪﻥ – ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ . ﺑﺎﻻ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﭼﯩﺘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﻯ . ﺷﺎﭘ ﯩﻼﻕ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯘ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﺩﻯ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﺷﻼﺭ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ ،ﻣﯘﺩﯨﺮﻣﯘ ﻗﯧﺘﯩﭙ ﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻜﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯩﭽﺎﺭە ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺳﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﻪﻙ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎ ﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺑﯩﻠﺪﯗﻕ.
ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ ﯞە ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ: ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺪﯨﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻼﭖ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯗﻕ . ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻜﻰ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﺎﭘﺘﯘ . ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ ،ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ،ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ ﯞە ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﺎﻻ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﭘﺘﯘ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸ ﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﺪﺍ ،ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﺩﻯ . ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯚﻛﺘﯘﻕ.
ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﻘﺎ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﭼﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ:
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﯞەﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨ ﻰ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ... ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ،ﻧﻪﺷﻪ: ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﯨﻐﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻤﯘ ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﺩەﻙ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﺭ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ: ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﻣﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ . ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻫﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜ ﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩە ،ﺩﯦﻤﯩﺮ: ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ " : ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ،ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩ ەﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ". ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﻐﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﻰ ﺳﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺴﻪﻥ؟
ﻫﻪﺭ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﭘﺎﻣﺪﯨﻦ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻪﺕ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯘ ،ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﻳﺎﺯﺳﺎﯓ ﻣﯧﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ . ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺯەﻳﻨﻪﺏ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 7 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
7 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯖﻼﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘ ﯞەﻗﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻗﻮﻟﺴﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﺎﭼﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩ ﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺯﺍﻳﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ . ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗ ﯘﭖ ،ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺳﻪﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺴﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺯﺳﺎﻡ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻏﻪﻳﯟەﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ ،ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤ ﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺯﺍﺩﻯ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ،ﻛﻪﻣﺴﯚﺯ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە
ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟ ﯩﻼﺭﺩەﻙ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ،ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪەﻙ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻳﺎﺳﯩﺘﺎﺗﺘﻰ . ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ،ﻧﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﻧﻪ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﻤﻐﯘﺭ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﯩﻤﯘ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﯦﺮﯨﺪﯗ ﺩە.
ﺑ ﯜﮔﯜﻥ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺩەﺭﺳﯩﺪە ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ،ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﺩەﺳﻠﻪﭖ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﯞە ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑ ﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ . ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﻰ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﻤﻪﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩەﭖ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺩﯦﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﯞەﺩە ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻠﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻥ...
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻧﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﺪە ،ﺋﯘ: ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻫﻪﺩەﻡ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻫﺎﺟﯩﺘﻰ؟
ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﭘﺘﯘ . ﮔﻮﻳﺎ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧ ﺪەﻙ ،ﺗﯧﺨﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ ... ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﯜﺭﻟﯜﻛﻤﯘ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﻯ " : ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺎﺷﺴﻪﻥ ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪ ﯗ " ﺩﯦﺴﻪ " ،ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ"... ﺩەﭖ ﻫﻪﺳﺮەﺕ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﭘﺘﯘ " . ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﭼﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ "... ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﺑﯘ ﻛﯧﭽﻪ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﻰ ڧ ﻭﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻯ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ،ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻻﻱ ﺩەﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘﻛﻰ ،ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﺪﯨﻜ ﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ ﯞە ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﭘﺘﯘ . ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻐﺎ ﯞە ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪ ﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﭖ ،ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ،
ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺷﻜﯧﺰەﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ ... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺧﻪﯞەﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼ ﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻡ " : ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﻛﺎﻟﯟﺍ ،ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﻣﻨﻰ ﺩەﻝ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﯘﺵ ﻧﯚﯞﯨﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ " ﺩەﭖ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ.
ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻫﺎﺭ ﻛﻪﭘﺘﯘ " . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ "! ﺩەﭖ ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ...
ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﺑﻪﺵ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺟﻪﺯﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯘﺭ ﯗﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ.
ﺋﯘ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯧﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺋﯘ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﻫﻪ ﺩﯦﺴﯩﻼ ﺗﯘﻏﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﻰ ڧ ﻭﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﯨﭙﺘﯘ . ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﺋﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ . ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ: ﺋﻮﻏﯘﻟﻤﯘ ،ﻗﯩﺰﻣﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﯨ ﻨﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﭖ:
ﺋﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩە ! ﺩەﭖ ﻛﯚﺭەﯕﻠﻪﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺘﺮەﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭘﺘﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻣﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﺗﯘﻏﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺷﯘ ﺳﻪﯞەﺑﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﯞەﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﯘﻏﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯧﺮﻯ " : ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﺴﺎﯓ ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎ ،ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﻤﻪﻥ " ﺩەﭘﺘﯘ.
ﺑﯩﭽﺎﺭە ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﯘ ﻏﯘﺗﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ " ،ﺧﯘﺩﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﺎﺭﻣﻪﻥ "! ﺩەﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﺌﺎﻻ " ﺳﯘﺋﺎﺕ " ﺩەﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯩﻬ ،ﺑﯘﻣﯘ ﻫﻪﻡ ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ،ﻫﻪﻡ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺑﯩﭽﺎﺭە ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﯘﻏﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍﺳﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘ ﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯧﺮﻯ ﺗﯧﻠﻰ ڧ ﻭﻧﺪﺍ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ،ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﺪﻯ ،ﺩەﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭘﺘﯘ.
ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍ ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﯧﻠﻰ ڧ ﻭﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ: ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞەﺭ ،ﻗﺎﯞﯗﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ... ﺩەﭘﺘﯘ.
ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﯘﻏﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ﺧﯘﺩﺍ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻮﻏﻠﯘ ﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭەﻱ ! ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﭘﺘﯘ.
ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺯﺍﻛﯩﺪﺍﻗﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩە ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺧﯘﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﻣﺎﯕﺎ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯘﺋﺎﺗﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ " ﺗﻪﺧﺖ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ " ﻳﺎﻛﻰ " ﺷﺎﻫﺰﺍﺩە " ﺩەﭖ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ ،ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﯩﻤﯘ ﺧﺎﻧﯩﺸﻼﺭﭼﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩ ﻠﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻖ ﻫﻪﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺩەﭖ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪەﻙ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯚﻳﺪە ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﭼﺎﺭە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯘﺋﺎﺗﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﯘﻕ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﻳﺪە ﻳﻮﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﺍﭖ، ﺯﺍﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻻﺗﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯘﻣﺎﻳﺘﺘﻰ . ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞەﺭ ﺗﺎﭘﺎﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﯘﻕ ،ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯘﻕ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﻳﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﺑﯩﺰ ﮔﻪ " : ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻐﺎ ﺗﺎﻕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ "! ﺩەﻳﺘﺘﻰ، ﻫﻪ ﺩﯦﺴﯩﻼ " : ﺷﺎﻫﺰﺍﺩەﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻳﯘﻳﺎﻱ "! ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻻﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ " : ﯞﺍﻱ ،ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ "... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺑﺎﻫﺎﻧﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭەﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻫ ... ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﯘﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺭﺍﯓ ﭼﯘﺭﯗﯕﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ . ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺟﺎﺭﻗﯩﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﻛﯧﭽﻪ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯘﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﭘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺳﺎﯕﮕ ﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ " : ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭘﺴﯩﻠﻪﺭ ... ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﻮﻳﺎﭘﺴﯩﻠﻪﺭ ... ﺑﯘ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ؟ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ " ﺩەﭖ ﯞﺍﺭ ﯞﺍﺭ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ ،ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ ﻗﯩﺮﻗﯩﺮﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.
ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ " : ﻳﻮﻗﺎﻝ ،ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩەﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺑﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗ ﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯘﯓ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ "! ﺩەﭖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ.
ﺋﯘ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯗﻕ...
ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪە ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﻪﺭﻣﯩﺶ.
ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻡ ﻗﯩﺴﺘﯩﺪﻯ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ.
ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻤﺪە ،ﺋﺎﭘﺎﻣﺪﯨﻦ: ﻫﻪﺩەﻡ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺪﻯ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ ،ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﭽﯘ؟ ﻳﻮﻗﯩﻼ ﯓ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﯨﻢ: ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ؟ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ ﺩەﭖ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯗ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘ ﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻤﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻻﯕﻼﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ؟ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ،ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﺮەﺗﺘﻰ... ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺭﻣﯩﺪﻯ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ ... ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺪەﭖ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ؟
ﺋﯚﺯﯛﻣﭽﻪ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ.
ﮔﯧﻠﯩﻤﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ . ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻤﯘ؟ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﻪﻥ ،ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﻡ ﺑﺎﺭ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ " : ﻻﻣﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺕ ﺋﻪﻣﺪﻯ " ﺩەﭖ ﻛﻮﺗﯘﻟﺪﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺋﻪﺗﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﻤﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﭘﻮﭼﺘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ.
ﺧﻪﻳﺮ ﺧﻮﺵ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 10 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﺳﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺴﻪﻥ
ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻫﻪﻡ ﻛﯜﻟﺪﯛﻡ ،ﻫﻪﻡ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯨﻢ. ﺑﯩﭽﺎﺭە ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﻳﻤﻪﻥ . ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﺎ ﻧﺪﺍﻕ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﯓ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﺍﺭﺳﻪﻥ.
ﻗﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ . ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﺭ ﯞە ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗ ﯜﻥ ﮔﻪﯞﺩە ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﯔ ،ﺩﺍﺩﺍ ،ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺘﺘﯩﯖﻤﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ: ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ.
ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﺩەﻙ ،ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘ ﻰ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺋﺎﭘﺎﻣﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﺋﯘ: ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻣﭽﯘ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﻨﯩﭗ.
ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺯﯦﻴﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺑﯘ ﮔﻪﭖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﻪﻗﻠﯩﯖﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﯩﯖﺪە ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺑﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺩﯦﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ.
ﺑﯘ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺋﯩﭽﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﭘﯘﺷﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺩ ﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﺳﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺴﻪﻥ . ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻮﺭﺍ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﻦ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﺕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺩەﺭﻫﺎﻟﻼ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺩەﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩ ﺰﮔﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ،ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺩەﭖ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﯞﯦﺘﯩﺪﯗ؟
ﻗﺎﺭﺍ ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮەﻱ : ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﺗﯘﻏﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ " : ﻛ ﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻳﻠﻰ " ﺩەﭘﺘﯘ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ: " ﯞﯨﻴﻪﻱ ،ﺋﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ "! ﺩەﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﯩﻢ " ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻼﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﭽﻪ ﺑ ﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ " : ﺑﺎﻻ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ " ، " ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ،ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ "... ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ: ﻫﺎﻣ ﻤﺎ ،ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﯩﺰ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﺳﻤﯘ! ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﺟﯩﻤﻤﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﻗﻘﯩﺪە ﻛﯜﻟﯜﺷﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺑﺎﻻﻡ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﺎﻣﺴﯩﺰ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ . ﺋﯩﻨﯩﻢ " ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ " ﺩەﭖ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻼﭖ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ: ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻣﻤﺎﻡ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯘﻣﯘ ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺗﯘﻏﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﺎﭘﺎﻣﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ،ﺋﺎﭘﺎ؟ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻫﯜﭘﭙﯩﺪە ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﻰ ﺋﻮﯕﺎﻳﺴﯩﺰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﻗﯘ ﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺑﯘﺭﺍﺷﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻨﻰ ﻳﯘﻡ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯩﻨﯩﻢ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﺩەﭖ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮ ەﭖ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﻰ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺭەﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺭﺩﻯ: ﻫﻪ ،ﻧﯧﻤﻪ ... ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩەﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﯖﻼﺭﻏﯘ ... ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﭼﻪﺷﻪﻧﻤﻪﻣﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ؟ ﺋﯘ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﺪﻯ.
ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞ ﺍﺯﻯ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﻯ: ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻣﺎﻥ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻏﯩﻨﻪ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟ ﻠﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ: ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺭﺍﯞەﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ. " ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻳﺎﺷﺎﺭﻧﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﮔﺪﻯ . ﺋﯘ: ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻕ ﻳﻮﻗﻤﯘ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﻪﺭﺯﺩە. ﻳﻮﻕ. ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﭘﻪﺭﻗﻤﯘ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﻳﻮﻕ ! ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻳﺎﺷﺎﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ " ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ " ﺑﺎﺭ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﯘﺭﻣﺎ ﭘﺘﯩﻐﯘ؟ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﺍ... ﻧﻪﺷﻪ ﻳﺎﺷﺎﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﭖ ،ﻫﯧﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺩﯦﺪﻯ: ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ...
ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ،ﺋﯚﺯﯛﻣﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻛﯚﺯﯛﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﯞﺍﻗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻧﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯧﻼﻧﻐﺎ ﻗﺎﯞﺍﻗﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﻟﭙﻪﺗﭽﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺳﯜﺭەﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺩﺍ ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻟﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﻟﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻤﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺯەﺭﺩە ﺑﯩﻠﻪﻥ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﻳﻮﻕ ،ﺩﯦﺪﻯ . ﭘﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﻟﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻻﺯﯨ ﻤﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ؟ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭ ،ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ... ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ: ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﯞﯦﺮﯨﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﯜﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﻪﻳﺐ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ... ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ؟
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻢ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە، ﺋﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﻪﺧﺖ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ . ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ " : ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟ " ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺘﺘﯩﻤﯘ؟ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ . ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ ،ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ، ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ،ﺗﻪﻟﻪ ﻱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘ.
ﺳﺎﯕﺎ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﻠﻪﭖ:
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 14 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﭖ:
ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﭘﻮﭼﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ،ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﭘﺎﻣﺪﯨﻦ " : ﺧﻪﺕ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯘ؟ " ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ،ﺧﯧﺘﯩﯔ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﺑﻪﻙ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ . ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺗﯚﺕ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ،ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞەﺭ ﻳﻮﻕ ،ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺷﯘﯕﺎ ،ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﻳﻼ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ،ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺩەﺭﺳﯩﺪە ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩەﻡ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ . ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺴﻪﻥ . ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺩەﺭﺱ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﭘﺘﯘ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺩﯦﺴﻪﯓ ،ﻣﯜﺷﯜﻛﺘﻪﻙ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ
ﺑﺎﻻ ﺋﯩﻜﻪﻥ ... ﺑﺎﻳﻘﯘﺵ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﻪﭖ ﮔ ﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺩەﺳﻠﻪﭖ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍﭖ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺯﺍﺩﻯ ﺗﯧﺮﯨﻜﻤﯩﺪﻯ ،ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﯟەﺗﺘﻰ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﻜﺘﯜﺭەﻟﻤﻪﻱ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯜﻟﯜﻣ ﺴﯩﺮﯨﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﯗﻕ ،ﺋﯘ " : ﻛﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩەﺭەﺧﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ؟ " ﺩەﭖ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺟﻪﯓ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯩﭽﺎﺭە ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺩﯗﺩﯗﻗﻼﭖ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﯩ ﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺍﻟﯩﺪﻯ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯧﻜﻪﭺ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ: ﺳﻪﻥ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﻪﭖ ،ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮ ە ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺳﯘ ﺗﯘﺭﯗﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﺎﺷﺘﺎﻥ ﺩەﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺩەﺭەﺧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺳﯩﺰﺩﯗﻕ . ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺳﯩﺰﯨﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ " : ﺑﯩﺮ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ،ﺋﯜﭺ " ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺩەﺭەﺧﻜﻪ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ . ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺩەﺭەﺧﻜﻪ ﻳﺎﻣﺎﺷﻘﯘ ﭼﻪ ،ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺩەﺭەﺧﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﺭە ﺗﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩەﭖ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﯘﻗﺘﯘﻕ . ﺋﯘ ﺩەﺭەﺧﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰﮔﻪ: ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﺎ ،ﺑﯘ ﺩەﺭەﺧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.
ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﻫﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺩەﺭەﺧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﻤﯩﺪﻯ . ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺩەﺭەﺧﺘﯩﻦ ﻣﯜﺷﯜﻛﺘﻪﻙ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻏﯩﺮﻻ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﯞە: ﻗﯧﻨﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ؟ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﭼﯩﻘﺴﯘﻥ ! ﺩەﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧ ﺘﯩﻢ ﺟﻪﯓ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﯘ ﻣﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻏﺎﭼﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻣﯩﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻣﯩﻨﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﺪ ﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ،ﻣﯩﻨﻪ: ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﻛﯧﻜﻪﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﺷﺘﯘﻕ ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﻣﯩﻨﻪ ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐ ﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ: ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ... ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﻪﭖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﻘﺎﭘﺘﯘ.
ﻣﯩﻨﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭەﯕﻠﻪﭖ ﻳﻪﻧﻪ: ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺩەﺭەﺧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯜﺷﯜﻛﺘﻪﻙ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩ ﻠﻪﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻳﺎﻕ.
ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﺗﯘﺗﺴﯩﻼ ،ﺋﯘ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ،ﺩەﺭەﺧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺩەﺭەﺧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍ ﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺩەﺭەﺧﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ...
ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺩەﺭﺳﯩﺪە ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﺎﻣﺪﺍ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺴﻜﯩﻠﯩﺘﻰ ،ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭ ﯞە ﻫﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺭەﺳﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺋﯩﺴﻜﯩﻠﯩﺖ ﺭەﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﯕﻪ ﻛﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ: ﺑﯘ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﯚﯕﻪﻙ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺯﯗﯞﺍﻥ ﺳﯜﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﯚﯕﻪﻙ؟
ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ.
ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻨﻪ ﺋﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ،ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﻯ.
ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ " : ﺋﻮ ... ﺋﻮ ... ﺋﻮ "... ﺩەﭖ ﺯﻭﺭﯗﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚ ﯕﯩﻜﻰ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ.
ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﯕﻪﻛﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ:
ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ،ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
" ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ،ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ " ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،ﺋﻮﻏﯘﺯ ،ﺑﺎﻳﺎ ﺧﺎﺗﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ،ﻳﻪﻧﻪ: ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩ ﺶ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ: ﺧﻮﭖ ،ﺑﯘﭼﯘ؟ ﺋﯘ ... ﺋﯘ ... ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ...
ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ...
ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ،ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ " : ﺋﻮﻗ ﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ " ﺩەﯞەﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﻪﭖ ﺗﻪﺭﮔﻪ ﭼﯚﻣﺪﻯ . ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﻜﻰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﻪﭖ: ﺧﻮ ... ﺧﻮ ... ﺧﻮﭖ ،ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ. ﺋﻮﻗﯘ ... ﺋﻮﻗﯘﺭەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ... ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ! ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ،ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﺭ ەﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭ!
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞەﻗﻪ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﻤﮕﻪ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎ ،ﺩەﭖ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺧﻪﯞەﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 14 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﯩﺴ ﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
14 ﯞە 22 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺭەﻫﻤﻪﺕ. ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ،ﺳﺎﯕ ﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﯟەﺗﺘﯩﻢ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﻪﺩەﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﻮﭼﺘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻣﻪﺗﯩﻨﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻮﭼﺘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘ ﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ: ﺯەﻳﻨﻪﺏ ،ﺧﻪﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ . ﺋﯘ ﻛﻮﻧﯟﯦﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﺪﻯ ،ﺩەﭖ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨ ﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺗﯧﺮﻣﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ،ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﺴﻰ 38.2 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ.
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻥ ... ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯗﻕ ،ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﺍ ﭘﺘﯘﻕ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﭼﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ ﯞە ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋ ﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ " : ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ " ﺩەﭘﺘﯘ . ﺋﺎﭘﺎﻡ " : ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﻪﺭ " ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ " ،ﺳﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﻤﯘ ﻛﯜﺗﯩﻤﯩﺰ " ﺩەﭖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﭘﺘﯘ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ " : ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﭼﯧﻴﯩ ﺪﺍ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟ " ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﯞەﺩە ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ " : ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺭەﻧﺠﯩﻴﻤﻪﻥ " ﺩەﭘﺘﯩﻤﯩﺶ.
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺳﻮﯞﻏﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻣﺎﺷ ﯩﻨﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﻰ . ﺑﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﻣﯧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﺳﺴﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ.
ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﻤﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩ ﺮ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻼ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ " : ﯞﯨﻴﻪﻱ ،ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ... ﺑﯘ ﺋﯚﻱ ﺑﯩﺴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ "! ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ " ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ " ، " ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ " ﺩەﭖ ﺑﺎﺷﻼﻳﺘﺘﻰ.
ﺋﯚﻱ ﻧ ﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺑﻪﻛﻼ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﭽﻪ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺎﺗﺘﻰ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﺎﭘﺎﻣﺪﯨﻦ: ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﻜﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮەﺭ ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯘﻳﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﭼﯩﻤﺪﯨﯟﺍﻻﺗﺘﻰ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯜﮔﯜﻧﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﯟەﺗﻤﻪﻱ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯩﻤﺪﯨﯟﺍﻟﺪﻯ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ، ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺳﺎﻫﯩﺒﺨﺎﻧﺎ ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﺋﯚﻱ ﻛﯩﭽﯩﻚ ،ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ . ﺩﻭﺳﺖ ﻳﺎﺭەﻧﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ،ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﯩﺴﺎﻕ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺭەﻧﺠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ ،ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻤﻪﻥ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺳﺎﺩﯨﻐﺎﯓ ﻛﯧﺘﻪﻱ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺳﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ " ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ، " ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﻰ " ﺋﻮﻏﯘﻝ " ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺘﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﺎﭘﺎﻣﺪﯨﻦ: ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺩەﻳﺪﯗ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﺕ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘ ﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﺩﯨﻢ. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﻢ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەﭖ: ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ،ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻜﯩﻢ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﭽﯘ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﻤﯘ ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﺒﺎﺷﻤﯘ ،ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺑﯘﺭﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ: ﺋﯚﻳﯜﯕﻼﺭ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻫﻪ ! ﺩ ﯦﺪﻯ. ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭖ ﺭﺍﺩﯨﻴﺎﺗﻮﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﻘﯘﺯﺩﯗﻕ ﺩە ... ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﭼﯘﻕ ،ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺭﺍﺩﯨﻴﺎﺗﻮﺭ ﺗﺎﺯﺍ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ . ﻫﯧﭻ ﻫﺎﺟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺩەﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕ ﻪﻥ ﺷﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ...
ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ: ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ ،ﺩﺍﺩﺍﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﻪﺭ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﺪە ﻧﺎﺯﯗ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞە ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻣﻮﻝ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭە ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳ ﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ،ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﺘﯩﯖﻼﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺩﺍﺩﺍﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻪﺗﯩﻦ.
ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ: ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩ ﯖﻜﯩﻤﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ... ﺋﺎﻟﻼ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ! ﻫﻪ ... ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ ... ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﯘﻡ ﻳﻮﻕ . ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ،ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ... ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ،ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﭘﻠﯧ ﺴﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻛﯜﻡ ،ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﯧﺴﻪﯓ ،ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺩەﭖ ،ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺯﯨﺖ ،ﺩﯦﺴﻪﻣﻤﯘ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺳﻪﻥ ﺋﺎﭘﻠﯧﺴﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﺧﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺒﯩﻠﻪﻥ ،ﺧﯩﺰ ﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ 200 ،ﻟﯩﺮﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺧﺴﯩﻨﻰ ،ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺩەﭖ ،ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ ﺩە ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ...
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ: ﻣﯧﯖﯩﯖﻼﺭ ،ﺋﺎﭘﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ! ﺩەﭖ ﻫﻪﻳﺪﯨﺪﻯ.
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧ ﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﺍﯓ ﭼﯘﺭﯗﯕﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﭗ:
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ... ﺩﯦﺪﻯ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ: ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻳﺘﺴﺎﻕ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ... ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ: ﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺑﯩﺮﺩەﻡ ﭼﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﺗﯘﯓ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎﻣ ﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﮔﯧﺰﯨﺖ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺳﻮﺯﺩﯗﻡ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﻫﻪﺭ ﻫﯧﻴﯩﺖ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ... ﻗﺎﺭﺍﯓ ،ﻣﺎﻧﺎ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ...
ﺳﺎﻫﯩﺒﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚ ﻳﮕﻪ ﻳﯩﻐﺪﻯ ،ﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﻮﯞﻏﺎﺗﻼﺭ ﺩﯙﯞﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯚﻱ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ،ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺩﯦﺮﯨﺰە ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯗﻕ ،ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﺗﻪﺭﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﯛﯞﺍﭘﺘﯘﻕ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ: ﺗﯧﺨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﺩەﻫﻤﯘ ﺋﯩﭽﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩەﭖ ﺋﯚﺯﺭە ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ: ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺴﯩﺰ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﭘ ﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺭەﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ...
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎﻡ 39 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ...
ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯧﺘﯩﯖﺪە ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞەﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ . ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ . ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯘ ﺧﻪﯞەﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ.
ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﯖﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 25 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻫﯩﻲ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﻟﻤ ﻪﻛﺘﻪ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
ﺳﻪﻥ ﯞە ﺋﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﭘﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﭼﯧﻴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺴﻪﻥ.
ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻡ ﺯﺍﺩﻯ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩە ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﺕ ﻳﻮﻕ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﭼﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯗﻕ ،ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨ ﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﭼﯧﻴﻰ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻣﯧﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻮﺥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ . ﺋﯘ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ » ﮔﯜﻡ ﮔﯜﻡ « ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭ ﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﺪﻯ. ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﺎﭺ: ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻗﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ ،ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﯖﻼﺭ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﺷﻜﻪ ﺑ ﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ: ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ . ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻫﯧﭻ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﻪﺩەﭖ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﺪﻯ: ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ... ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ... ﺧﺎﻧﯩﻤﻨ ﻰ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺳﻮﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ...
ﺑﯩﭽﺎﺭە ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻣﯘﺷﺘﻼﯞﺍﺗﺴﺎ ،ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻡ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ: ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ... ﺩەﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨ ﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﻻ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺯﺍﺩﻯ ﺩەﺭﺱ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ . ﻣﯧﻨﻰ ﺩﻭﺭﺍﭘﺘﯘ ،ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ... ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩەﺭﺱ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﺪﯗ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﻛﯚﭼﻪﻟﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻘﺎﻧﺎﺕ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎ ﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ ﺩەﺭﺱ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﻤﻪﻥ...
ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ،ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻪﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ،ﺋﯚﻳﺪە ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﯚﻛﯜﯞﺍﻻﺗﺘﻰ ،ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ.
ﺳﺎﻫﯩﺒﺨﺎﻧﺎ ﺋﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﻨ ﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ ،ﺋﯘ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻜﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺳﻪﻛﺮەﭖ ﭼﯜﺷﺘﻰ . ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻡ: ﻣﺎﻧﺎ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺩﯦﺪﯨﻤﻐﯘ ... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻮﺧﻠﯘﻗﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ...
ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩ ﻠﻪﻥ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ » ﺩﺍﻫﯩﻲ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ « ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘ ﺟﯜﺩەﯓ ،ﺋﺎﻟﯩﻐﺎﻱ، ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻙ ﺗﺎﻗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ . ﮔﺎﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ، ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ . ﮔﻮﻳﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ
ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ،ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ . ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ،ﺑﯩﺮﻯ ﮔﻪﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ،ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﺘﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﯩﻢ . ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﺪﯨﻦ: ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﮔﺎﻟﯟﺍﯕﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﻗﯩﺰ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﯞﺍﺗﯩﺴﯩﺰ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺩﺍﻫﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ: ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ » ﺩﺍﻫﯩﻲ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ « ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨ ﯩﭗ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﻫﯩﻲ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﺩﺍﻫﯩﻴﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩە » . ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻱ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﻣﻪ « ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯗ ﻫﻪﻗﯩﭽﺎﻥ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﻫﯩﻴﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻼﺭﻣﯩﺶ.
ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ » ،ﺩﺍﻫﯩﻲ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ « ﺑﻮﻟﻐ ﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩەﻣﻤﯩﺶ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﺍﻫﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻫﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻼﺭﻣﯩﺶ . ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﺍﻫﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯩﺶ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻤﯩﺶ...
ﺳﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟ ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ.
ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯘ ﻫ ﻪﻗﺘﻪ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺖ ﻳﯜﺯﻯ ﻛﯚﺭﻣﻪﭘﺘﯘ . ﺩﺍﻫﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻳﺎﺷﯩﻨﺎﻱ ﺩەﭖ ،ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻮﺷﯘﻗﭽﻪ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ،ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ،ﺑﺎﻻ ﺋﺎﯞﺍﻕ ،ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﺴﯘﻥ، ﺩەﭖ ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﭘﺘﯘ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﻫﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﭽﺎﻥ ،ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﺭﻣﯩﺶ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺷﯘ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﺎﯞﺍﻕ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘﺘﯘﻛﻰ ،ﻣﯘﺑﺎﺭەﻛﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯘ ﺑﺎ ﻻ ﺋﻪﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭙﺘﯘ . ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﻪﻱ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺶ ،ﺑﯘ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﻫﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋ ﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺑﺎﻻ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺳﻪﮔﯜﻧﭽﻪﻛﺘﯩﻦ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻐﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﻐﺎﻱ ﺋﯩﻜﻪﻥ ... ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ،ﺑﺎﻻ ﻡ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺑﻮﻱ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻜﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﺘﯘ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﻫﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻰ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ . ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ،ﺑﺎﻻ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋ ﺎﻻﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ...
ﺩﻭﺳﺘﯘﯓ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺋﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭە ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ...
ﺑﯩﺰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﻮﭼﺘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ . ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﭼﻘﺎ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺧﻪﻳﺮ ﺧﻮﺵ ،ﺯەﻳﻨﻪﺏ ،ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﯞە ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1963 ﻳﯩﻠﻰ 29 ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻﺭ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ،ﺧﯧﺘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﭖ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﻜﯩﺮﺗﻜﺎﯕﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﺗﻜﯩﺮﺗﻜﺎ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ
ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺴﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻜﯩﺮﺗﻜﺎﯓ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭەﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﺋﻪﯞەﺗﯩﺶ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ،ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺭەﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩە ... ﺋﺎﺗﻜﯩﺮﺗﻜﯩﻐﺎ ﺳﯩﺰﻏﺎﻥ ﺭەﺳﯩﻤﯩﯖﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍ ﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻢ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﺩﻯ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻤﻐﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ.
ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯘ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﯩﻞ . ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﯩﺨﺴﯩﻖ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ . ﻟﯧ ﻜﯩﻦ ،ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ،ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﯘﺕ ﺳﯘﻧﯩﻤﯩﺰ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ . ﺳﯩﻴﺎﻫ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﺎﯕﺎ » : ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﯓ ،ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﻫﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ . ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﯘﭼﻰ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ. ﺑ ﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺯﯨﻴﺎﻥ . ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ « ﺩەﭖ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺩەﭘﺘﻪﺭ ﯞﺍﺭﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﺘﯩﮕﯩﻼ ﻳﺎﺯﺳﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ » : ﺯﯨﻴﺎﻧﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ،ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭘﻼﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ « ﺩەﻳﺪﯗ.
ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﺘﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ » : ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯩﻢ « ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑ ﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻨﻰ ﭘﯘﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﻣﻮﻣﺎﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﭗ: » ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﻣﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ... ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻﺭ « ﺩەﻳﺪﯗ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﯜﻙ ﻗﯘﺗﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯧ ﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ: » ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎ ،ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻﺭ . ﻗﯧﻨﻰ ﺩەﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؟ « ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ،ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻨﻼ » : ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ؟ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ » . ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺑﻮﯞﺍ « ﺩەﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺗﯘ ﺭﯗﭖ » : ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ « ! ﺩەﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻥ » ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻﺭ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻮﻕ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻟﯘﺑﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮ ﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯەﺗﺘﯘﻕ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯘﻟﯘﺑﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﺌﺎﻻ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻘﺎ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﺯﻣﯩﺪﻯ ،ﻫﻪﻣ ﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﯧﺪﯗﻕ ،ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﭼﺘﯘﻕ . ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ،ﻣﻮﻣﺎﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﺪە ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﻗﺎﺭﺗﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯗﻕ ﯞە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻕ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗ ﺎﻟﺪﯗﻕ.
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺴﺎﻡ ،ﺋﯚﻳﺪە ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻳﻮﻕ . ﺋﺎﭘﺎﻣﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ،ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﺍ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ ﻳﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻫﯘﺟﺮﺍﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ:
ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻨﺘﺎﯓ؟
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ ،ﻫﻪﺩەﻡ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺳ ﺎﻓﺎﺩﺍ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮔﯩﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘﺧﻼﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻳﻮﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﻣﺎﻡ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﻫﻪﺩەﻡ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺳﺎﭘﺎﺩﺍ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﯩﻴﯩﻘﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺭەﯕﮕﺎﺭەﯓ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻟﯧﻨﺘﯩﻼﺭ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐ ﺎﻥ، ﮔﯩﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﺪە ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﯩﻘﺎﺑﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﺎﻟﭙﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﺎﭘﺎﻣﻼ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻮﭘﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯧﻴﻰ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﺩﺍ ،ﺑﯩﺮ ﭘﯧﻴﻰ ﻫﯘﺟﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ...
ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ،ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﻛﺎﺭﯨﯟﯨﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﺩﯗﻕ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ.
ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ . ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺘﻰ . ﻫﻪﺩەﻡ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻳﻨ ﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ،ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩە ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ:
ﺧﻮﺵ ،ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻗ ﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻤﯩﺰ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ.
ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﻣﺎﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﻮﻣﺎﻡ:
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﻳﺎ ﺋﺎﻟﻼ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﭽﯩﺴ ﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ:
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﭘﯘﻟﯘﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ ،ﺋﻪﺗﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻗﯧﻘﯩﻠﺪﻯ . ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻧﯘﺭ ﺗﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﺎﻗﭽﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺑﺎﻏﺎﻗﭽﯩﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ:
« ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ،ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ ،ﻣﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ . ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯚﭖ ﺭەﻫﻤﻪﺕ»...
ﺋﻪﭘﻜﻪﻟﺪﯨﯖﻼﺭ . ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯜﺯ ﻟﯩﺮﺍ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺍﻻﻣﺴﻪﻥ؟
ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﻭﺳﺘﯩﻐﺎ » : ﭘﯘﻝ ﻳﻮﻕ ،ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ « ﺩەﭖ ﻗﺎﻧﺪﻕ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﯩﺴﯘﻥ؟ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻛﻪﻟﮕﯜﻟﯜﻙ ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﻗﺎﭘﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﻫﻪﺩەﻣﮕﻪ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﻗﺎﭘﭽﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ،ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﺎﺭﯨﻨﻰ ﻣﻪﺗﯩﻨﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯩﺪەﻙ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﻳﯩﺘﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ:
ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﺰە ،ﺋﻪﺯەﻟﺪﯨ ﻦ ﺑﻪﺗﺨﻪﺝ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯩﻢ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺑﻮﯞﺍﻣﻤﯘ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯩﺪەﻙ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ:
ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﻣﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ! ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ؟
ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﻣﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ! ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻪﺗﯩﻦ.
ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ! ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻ ﺭ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻪ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؟
ﻣﻪﺗﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻣﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﯟەﺗﺘﯩﻢ:
ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ!
ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺩﯦﺪﯨﯖﻤﯘ؟
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺑﻮﯞﺍ.
ﻫﻪ ... ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ.
ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ . .. ﺗﺎﻣﺎ ،ﺗﺎﻣﺎ ،ﺗﺎﻣﺎ...
ﻫﻪ ... ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ؟
ﺳﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ...
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﻫﻮﻣﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻛﭽﻰ .
ﺳﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯛﯓ؟
ﻳﯧﯖ ﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺳﺎﯕﺎ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﯞە ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ
1964 ﻳﯩﻠﻰ 2 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ
ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﻜﯩﺮﺗﻜﺎﯕﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺳﺎﯕﺎ.
ﺑﯩﺰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﺍﻣﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯗﻕ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋ ﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﭼﻮﯓ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺩﺍﻣﻼﺭﻣﯘ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩەﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﻪ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ ،ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭘﻼ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻱ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪەﻛﻼ ﺋﯩﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸ ﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﯟەﺗﺴﻪ ،ﺩەﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﺪە ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺋﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻳﻪﻳﺪﯗ . ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﯟەﺗﻤﯩﺴﻪﻡ ،ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ » : ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﮕﯜﺩەﻙ ﻗﯘﻱ ! ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎ « ! ﺩەﻳﺪﯗ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺳﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﮔﯜﻝ ﻗﺎﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯚﻛﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯧﭽﻪ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼ ﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.
» ﭼﯩﺶ ﭼﻮﺗﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﭘﺎﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺳﯩﻘﻤﺎ ! ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ « ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮەﺭ ﺑﻮﻻﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﯩﻨﻰ ﻳﯧﺸﻪﻟﻤﻪﻱ ﻛﻪﺳﻜﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ » : ﺗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎ ،ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﻳﯧﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻱ « ! ﺩە ﭖ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﺴﻪ ،ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩە ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ ،ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯚﻟﯩﯟەﺗﻤﯩﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ » : ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺭەﻧﺠﯩﻴﻤﻪﻥ ... ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺗﯚ ﻟﻪﻳﻤﻪﻥ« ... ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ،ﺋﯚﻳﺪە » : ﻛﻮﻧﺎ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯚﮔﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﻛﯧﺮەﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕﻼﺭ ﺳﺎﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﻫﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﭼﺎﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺭﯗﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯗ « ...! ﺩەﻳﺪﯗ.
ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ » ﺗﺎﻣﺎ ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻻﺭ « ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻤﯘ » ﺳﺎﻗﻼ ﺳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ،ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﭘﯘﻝ
ﺧﻪﺟﻠﯩﻤﯩﺴﻪ ،ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩ ﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﻏﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺳﯘ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺭەﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 5 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰ ﻗﯩﺰ
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞەﺭ ﺑﯧﺮەﻱ . ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎﻝ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞەﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﻫﻪﻣﻤ ﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯧﺴﻼﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺭەﺗﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ . ﻗﺎﺭﺍ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻱ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ » ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰ ﻗﯩﺰ . « ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﻫﻪﺩەﻣﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺭەﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ،ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺭەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﯩﻐﯘ ﻗ ﯩﺰﯨﻘﯩﻤﻪﻥ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ،ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻧﻪﮔﻪ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ،ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺘﻪﻱ ﺗﻮﯕﺘﻪﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ » : ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺴﻪﻥ... « ﺩەﭖ ﻛﺎﻳﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ » : ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩ ﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ؟ « ﺩەﭖ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﻛﺎﻳﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﻣﺎﻡ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘﻟﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺸﺘﻰ ،ﻫﻪﺩەﻣﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﯩﺪﻯ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭەﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﻳﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﻳﯩﺘﺘﯜﺭﯛ ﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺱ ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ... ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ،ﻫﯘﺟﺮﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺭەﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻟﻪﯞ ﮔﯩﺮﯨﻤﻰ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺗﻜ ﯩﺮﺗﻜﺎ ﯞە ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻱ ﭘﺎﻳﭙﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻱ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﭘﺎﻳﭙﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ: ﺑﯘ ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ؟ ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ: ﻫﻪ ... ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﭙﯩﻘﯩﻢ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯘ ﻟﻪﯞ ﮔﯩﺮﯨﻤﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻳﻪﻧﻪ. ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ؟ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ.
ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ... ﻫﻪ ... ﺋﯚﺗ ﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ﺩە ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺗﻜﯩﺮﺗﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ: ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻫﻪﺩەﻡ ﺷﻪﻟﭙﻪﺭﺩەﻙ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﯔ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ ،ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻢ ﺩەﭖ ﺋﺎﺗ ﻜﯩﺮﺗﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ.
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩەﺭﺱ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﻤﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ ،ﻗﯧﺮﯨﺸﻘﺎﻧﺪەﻙ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ: ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻥ؟ ﻧﯧﻤﻪﯓ ﻳﻮﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻼﺭﻣﯘ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤ ﺎﻳﺴﻪﻥ ،ﺩەﭖ ،ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ،ﻳﯘﻣﯘﻟﺪﻯ ﻛﯚﺯﻯ. ﻫﻪﻱ ﻗﯩﺰ ،ﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺗﺎﺷﻼﻳﺴﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻮﻣﺎﻣﻤﯘ ﻛﺎﻳﯩﭗ. ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺳﺎﯕﺎ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻨﻰ ﺟﺎﻱ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﻗﻮﻱ ﺩەﭖ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ؟ ﺳﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﻫﻪﺩەﻣﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩ ﺸﯩﻤﻐﺎ ﺗﻪﮔﺪﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﻫﻪﺩەﻡ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﯘﺟﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﻯ؟ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻣﻮﻣﺎﻡ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ: ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺳﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﭼﯚﺭﯛﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺩەﭘﺘﻪﺭ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﻨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻳﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯨﺴﻪﻥ ... ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻛﻮﺗﯘﻟﺪﯨﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ: ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺗﻮﯞﺍ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ،ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﺪﯨﻜﯩﻨﺘﺎﯓ...
ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﺑﻮﯞﺍﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﭖ ﺗﺎﺭﺗﺎﺗﺘﯩﻢ ،ﻣﻪﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺗﻪﭖ ﺗﺎﺭﺗﺎﺗﺘﯘﻕ . ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﺎﺗﺘﻰ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺗﻪﭖ ﺗﺎﺭﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﻮﯞﺍﻡ.
ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ ﺧﯘﻳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺧﯧﺘﯩﻤﺪە ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯘ، ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪ ﯗ.
ﺩەﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ ،ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﻧﯧﻤﯩﻜﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ. ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﺑﻮﯞﺍ. ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ! ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ . ﻗﯧﻨﻰ ،ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ؟ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ. ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ! ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﯩﯖﻤﯘ ،ﺋ ﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻨﻰ » ﺷﺎﺭﺗﺘﯩﺪە « ﻗﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺴﻪﻥ . ﻗﯧﻨﻰ ،ﺩەﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﻪﻥ؟ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﻻﻳﺴﻪﻥ...
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﻮﺭﯨﺸﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻜﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﯩﻜﻪ ﻥ . ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺩەﺭﺱ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪەﻙ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﺩەﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ.
ﺭﺍﺳﺖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺴﯩﺰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﻮﯞﺍﻣﻐﺎ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺩﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﻪﻥ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪﻣﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ . ﻗﻮﻟﻴﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ،ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻣﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩﺍ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﭘﯘﻝ ﻗﺎﭘﭽﯘﻗﯘﻡ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻣﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﻮﯞﺍﻡ.
ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞە ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ،ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﯞە ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﺪﻯ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻳﯘﻣﯘﻗﻠﯘﻕ ،ﻧﯧﻤﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺩە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻤﻪﻥ . ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻢ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭘﯩﻨﺠﯩﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭖ ﭘﻪﺳﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ... ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ.
ﺋﯘ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ ،ﺧﯧﻠﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭖ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ ،ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﯘ ... ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﺎﻗﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧ ﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﻪﻥ ... ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻢ ﻛﺎﺳﺘﯘﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭖ ﻗﻮﻳﯘﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ...
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﺎﺳﺘﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭖ ﻗﻮﻳﯘﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭙﻼ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯧﺮﻣﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﯞە: ﻣﺎﻧﺎ ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻤﻤﯘ ... ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ ﺩە ،ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺮﻣﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﯕﻐﯘﭼﻪ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯧﺮﻣﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻣﺪﺍ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻱ ... ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﻢ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﺎﺳﺘﯘﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪە ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ...
ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﺩە: ﻣﻪﻳﺪە ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻡ ﻧﻪﺩە ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺩەﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ. ﺋﯘ ﻛﺎﺳﺘﯘﻣﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﭽﯩﻐﺎ ﺋﯚﺭﯛﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻏﯘ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﺳﻮﻝ ﺗﻪ ﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪە ﻳﺎﻧﭽﯘﻕ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﺩە؟
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ: ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﻢ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﺎﺳﺘﯘﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻴﺎﻏﻠﯩﻖ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘ ﻗﯩﺪﺍ ،ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە...
ﺋﯘ ﺋﯚﺭﯛﺗﯜﭖ ﺗﯩﻜﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﺎﺳﺘﯘﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪە ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻟﺘﻪﻙ ﻳﯩﭙﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﯞﺍﻡ: ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ ،ﺩﺍﺩﺍﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺩەﭘﺘﯩﺮﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻪ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ:
ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﺎﺳﺘﯘﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯩﭙﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ﺩە ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﺎﺳﺘﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼﭖ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪ ﻯ . ﺑﻮﯞﺍﻡ:
ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﻛﻮﻻﻳﺴﻪﻥ ،ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﯓ ﺗﯧﺸﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳﻪﻧﻪ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﭗ ﯞە ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ: ﭘﻪﻟﺘﻮﻳﯘﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻴﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﯖﻼﺭ ،ﺋﻮﯓ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﺍ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﺎﺳﻘﯘﭼﺘﯩ ﻜﻰ ﭘﻪﻟﺘﻮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ ،ﻗﻮﻟﻴﺎﻏﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﯞﺍ ،ﺋﻮﯓ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ... ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ... ﻣﻪﻥ ﺋﻮﯓ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﺘﺎ ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺳﻮﻝ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍ! ﺳﻮﻝ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ... ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ... ﭘﻪﻟﺘﻮﻧﻰ ﺋﻪﭘﻜﻪﻝ ! ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﯩﻠﺪ ﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﻮﻟﻴﺎﻏﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە...
ﭘﻪﻟﺘﻮﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﻜﻪﻟﺪﯨﻢ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻟﻴﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ: ﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻴﺎﻏﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯘ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺰە ﻗﻮﻟﻴﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺘﻮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ:
ﻫﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺩﯦﺪﯨﻤﻤﯘ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻳﯚﺗﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﯘﺗﺎﻡ ﻳﻮﻗﻘﯘ؟ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﻯ؟ ﭼﺎﭘﺴﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﯖﻼﺭ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ.
ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭ ﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ . ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻏﻪﺯەﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ: ﭼﺎﭘﺴﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﯖﻼﺭ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﻫﻪ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯘﭖ: ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻣﺴﯩﺰ؟ ﺩﯦﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺗﻮﻳﺪﻯ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺗﯧ ﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ: ﺗﺎﻣﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ﭼﺎﭘﺴﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﺶ!
ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭼﯜﭖ ﭘﺎﻳﭙﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﯞﯨﻴﻪﻱ ،ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﻳﯜﺭەﺗﺘﯩﻢ ،ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﺘﯩﯔ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ.
ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﯞﺍﺗﺴﺎﻡ ،ﺋﺎﺷﺨﺎ ﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻪﺗﯩﻦ.
ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺳﺎﻓﺎﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﺪﯨﻦ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭽﻮﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﭽﻮﺗﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﻳﯜﺭەﺗﺘﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍ ﺩﺍﻡ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﭼﯩﻨﻪ ﻗﺎﭼﺎ ﺟﺎﯞﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺗﯧﭙﯩﻠﺪﻯ.
ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺴﺎ » ،ﺑﯘ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ؟ ﺑﯘ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ.
ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﻮﯞﺍﻡ: ﻳﺎﺋﺎﻟﻼ ،ﺑﯘ ﻗﯘﺗﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﻤﮕﻪ ﻛﯩﻢ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻗﯘﺗﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕ ﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ؟ ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ ﻛﻮﺗﯘﻟﺪﯨﺪﻯ ،ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺯﯗﯞﺍﻥ ﺳﯜﺭﻣﯩﺪﻯ...
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻫﯘﺟﺮﺍﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺭە ﺗﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ،ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪﻡ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﻪﻣﺪﻯ » ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰ ﻗﯩﺰ « ﺩەﭖ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ . ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻤﯘ ﺋﯘﻳﻪﺭ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩە ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﺴﻼﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻘﺎ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺗﻜﺮﯨﺘﻜﺎ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ.
ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯘﺭﻏﯩﻦ.
ﺳﺎﯕﺎ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﻠﻪﭖ:
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1964 ﻳﯩﻞ 8 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭖ
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎ ﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩەﭖ ﺗﻮﻧﯘﻳﺘﺘﯘﻕ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ » ،ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰ « ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻤﯘ » ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰ « ﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩ ﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻢ ﺭﺍﺳﺖ . ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﭼﺎﻱ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﯛﯞەﺗﻤﻪﻱ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ...
ﺋﺎﭘﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﺗﯩﻨﮕﻪ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ » ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ « ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﯔ . ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺷﯘ ... ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋ ﺎﭘﺎﻣﻤﯘ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﭘﺎﺗﻮﺷﻘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ. ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﻣﯩﺪﻯ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ: » ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ « ﺩەﻳﺘﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﺎﭘﺎﻡ ﭘﺎﺗﻮﺷﻘﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ » : ﻫﯧﻠﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ « ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﭘﺎﺗﻮﺵ ،ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻨﻼ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮەﻱ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ، « » ﻫﺎﺭﯨﻤﻰ » ، « ﯞﺍﻱ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨ ﻰ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻪﺕ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﻟﯩﺪﯗ . ﭘﺎﺗﻮﺷﻤﯘ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺗﯘﺗﻰ ﻗﯘﺷﺘﻪﻙ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﺪﯗ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺩﻭﺭﺍﭖ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ، « » ﯞﺍﻱ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ « ! ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ » : ﮔﻮﻳﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪەﻙ « ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﻰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺪﻯ، ﻧﯧﻤﯩﻼ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯧﻠﯩﻘﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﻪﺗﺘﻰ . ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮەﻙ ﻛﯜﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ،
ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﻛﯜﻟﻪﺗﺘﻰ . ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯘ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ ﻧﯧﻤﯩ ﺴﭽﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﭘﺘﯘ: ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ « ﺩەﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ « ﺩەﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ . ﺗﯩﻠﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ « ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯩﻤﺪﯨﻨﻼ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﺪﻯ » . ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ« ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺩەﭘﺘﯘ ﺋﯘ ،ﺑﯩﺰﺩە » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ « ﺳﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺩﯦﻬﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯩﺸﭽﯩ ﺴﻰ ،ﻛﺎﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ « ﺩەﻳﺪﯗ . ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ » ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ « ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﻼ ﺋﺎﺗﯩﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ،ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ « ﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﯩﺰ.
ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨ ﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﻛﻪﻧﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﻧﯧﻤﯩﺲ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ ﺋﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺳﯚﺯ ﺳﯚﺯﻟﻪﭘﺘﯘ.
ﻧﯧﻤﯩﺲ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﻧﯧﻤﯩﺴﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﮔﯩ ﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﯞﺍﭘﺘﯘ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ » ﻣﻪﺭﻫﺎﺑﺎ » ، « ﺑﻪﮒ » ، « ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯەﻝ « ﯞە ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ: ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ﻛﻪﻧﺎﻥ ﺑﻪﮒ ... ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪە ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ » : ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ﻛﻪﻧﺎﻥ ﺑﻪﮒ « ﺩەﯞﯦﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ« ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﭘﺘﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻜﻪ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ . ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ ﻫﻪ ﺩﯦﺴﯩﻼ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ﻛﻪﻧﺎﻥ ﺑ ﻪﮒ « ﺩەﯞﯦﺮﯨﭙﺘﯘ ،ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻣﯘ ﺧﯩﺮﯨﻠﺪﺍﭖ ﻛﯜﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭەﻥ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ﻛﻪﻧﺎﻥ ﺑﻪﮒ« ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﭖ، ﺋﯜﭼﯩﻴﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻪﻱ ﺩەﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﺪﻯ ﺩەﭖ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮەﻙ ﻛﯜﻟﻪﺗﺘﻰ.
ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘ: ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘﻗﻜﻰ ... ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ » ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ » ، « ﻫﻪﻱ « ﺳﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞەﺗﻠﻪﭖ ،ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ : ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺳﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑ ﯘ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭘﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯦﺪﻯ ،ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭖ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩە ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ،ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺷﯘﯕﺎ: ﺑﯘ ﺳﯚﺯ » ﺭەﻫﻤﻪﺕ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﭘﺎﻫ ،ﺩەﭘﺘﯘ ﺋﯘ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﻠﻪﺭ . ﺑﯩﺰ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺩەﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯘﻕ . ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺩەﭖ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﻠﻪﺭ . ﻣﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﯧﭻ ﻳﻪﺭﺩە ﺳﯩﻠﻪﺭﺩەﻙ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠ ﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﻪﮔﯩﻼ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﯞەﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺩەﭖ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﭘﺘﯘ.
ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ . ﻗﯩﻠﯩﺪ ﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻗﻮﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭ ﻗﻮﺭﯗﺩﺍ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﯩﭙﺘﯘ ،ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ،ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻪﭘﺘﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻮﻟﻰ ،ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺩﺍﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﯖﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞەﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘ ﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻛﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻧﺪەﻙ ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺷﻮﭘﯘﺭﻏﺎ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪە ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ،ﺋﯘ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﮔﻪﭘﺘﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺷﻮﭘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ﺋﯚﺯﯛﯓ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭘﺘ ﯘ. ﺷﻮﭘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩەﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ،ﺷﻮﭘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﺖ ﺋﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺷﻮﭘﯘﺭﻏﺎ ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺗﻮﺧ ﺘﯩﻤﺎﻱ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﯞﯦﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺷﻮﭘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﺖ ﺳﺎﭘﺘﯘ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯩﻼﺟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﺘﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﭘﺘﯘ . ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﯞﺍﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐ ﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺷﻮﭘﯘﺭﻏﺎ ﻳﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ،ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﻣﯘﺷﺖ ،ﺗﯧﭙﯩﻚ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﯦﺮﯨﭙﺘﯘ . ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﻫﻮﺷﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﯩﺪﻯ ﺩەﭖ ،ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﯞﺍﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﺳﻤﯘ ! ﺋﯘ ﺧﻪﻟﻘﯩﺌﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﻰ ﻫﺎﻗﺎﺭەﺗﻠﻪﭘﺘﯘ...
ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩ ﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﻏﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭەﻫﻤﻪﺕ
ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﺳﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺑﺎﻟﻨﯩﺴﺘﺘﺎ ﻳ ﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﯞەﻗﻪﮔﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ،ﺋﻪﺗﻪ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﺪﻯ . ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪ ﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﺘﯩﭗ » : ﯞﺍﻱ ،ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﻮﻣﺎﻕ ،ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰ « ... ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ ﯞە ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺩەﭘﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐ ﯘﺯ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺩەﭘﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻛﻮﭼﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯘ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ: ﺭﺍﺳﺖ ﺩەﻳﺴﯩﺰ ،ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺩەﭘﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﺎﺗﻮﺵ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﺎﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ: ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ﺩﺍﺩﺍ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﺕ ﺋﯚﻱ ﺋﯩ ﭽﯩﺪە ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﺩﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ،ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﻯ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەﭖ ،ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ،ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩەﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩ ﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺩﯦﺪﻯ: ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻗﯩﺰﯨﻢ... ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ﺩﺍﺩﺍ... ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﺋﯧﻴﺖ ،ﻗﻮﺯﺍﻡ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﻳﺴﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﭘﺎﺗﻮﺵ ،ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪەﻙ ﻛﯜﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ،ﺩە ﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺩﺍﺩﺍ ،ﻳﺎﺋﺎﻟﻼ ... ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ﺩﺍﺩﺍ...
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﯩﯔ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﮔﯜﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻏﺎ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﺕ ﺳﯚﺯﻧﯩﻤﯘ ﺩەﯞەﺗﺘﻰ...
ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻗ ﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺳﻪﺕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱ: ﺗﯩﻨﭻ ﺗﯘﺭ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ.
ﭘﺎﺗﻮﺵ ﻣﺎﺧﺘﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ،ﻫ ﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﻳﻪﭖ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﻳﯩﻐﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻧﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺭەﭖ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻳﯩﻐﯩﺴﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎ ﭘﺎﻣﻐﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ: ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﯓ ،ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪﻧﻐﯘ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ... ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ،ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ: ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯗ ! ﺩﯦ ﺪﻯ. ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﻤﯩﺰ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻜﯩﻨﻪ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﺋﯚﻳﺪە ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ﺩە ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ: ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭖ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻫﻪ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼ ﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﯜﯞەﺗﺘﻰ.
ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻪﺩەﭘﻠﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻧﻤﯘ: ﻣﻪﻥ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻱ ،ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻦ ﺳﻮﺭﺍﯞﺍﺗﺎﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩەﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ... ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ،ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﺯﺍﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﻗﺎﺭﺍ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪ ﺗﺘﻰ.
ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﻛﻪﻟﺴﻪﯓ ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ . ﺳﻪﻥ ﻫﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯓ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ،ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 11 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﯞەﺗﻪﻧ ﭙﻪﺭﯞەﺭ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭘﺴﻪﻥ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩەﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﯩﻠﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﺷﻤﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩ ﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺋﻪﯞەﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻪﯞەﺗﯩﺪﯗ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﺭﻣﯩﺴﺎ ،ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﯘﺳﻰ ﻳﻮﻕ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺭﺳﺎﻕ ﻫﺎﻣﻤﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪە ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ . ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺳﯧﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺗﻮﻟﯩ ﻤﯘ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪﻡ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﺗﯩﻨﻼ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﯕﻼﻳﺴﻪﻥ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺑﻮﯞﺍﻣﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯗﻕ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞەﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﭼﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﯩﻤﯩﺪﯨ ﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ » : ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﻪﺭﺩە ﺩەﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ « ﺩەﻳﺪﯗ ... ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻱ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ . ﻫﯧﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﯞەﺗﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﭘﺘﯘ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧ ﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﯞﺍﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺪﻯ.
ﻫﻪﺩەﻡ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺗﯚﺗﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ . ﻣﻮﻣﺎﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭘﺘﯘ . ﺗﺎﻣﺎﻗ ﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯩﺪەﻙ ﺳﺎﻓﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻪﻫﯟە ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﯨﯖﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯜﭼﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩەﻡ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﮔﻮﻳﺎ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪە ﻙ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻐﺎﭺ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﻗﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﻢ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻜﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯗ . ﻗﺎﭼﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﻫﯟەﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﯟﯦﺘﯩﭗ،
ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮەﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ﺩە ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻪ ﺧﻮﺭەﻛﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺑ ﯧﺸﻰ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ،ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻴﺴﺎﻳﻐﺎﻥ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻏﺎﺩﺍﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻳﺎ ﺑﯩﺮ ،ﻳﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﯞە ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭙﻼ » : ﻫﻪ ... ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ؟ « ﺩەﻳﺪﯗ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩەﭖ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑ ﻮﯞﺍﻡ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩەﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﻮﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ » : ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ؟ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ . ﺋﯘ ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺋﺎﺩﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻳﻪﻧﻪ » : ﻳﺎﻕ ،ﺋﯘ ﻳ ﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ... ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ ،ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ؟« ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺷﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ،ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩ ﯔ ﺑﻮﯞﺍﻣﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘ ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩەﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﻮﻳﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻜﺘﻪﻙ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻳﻪﻛﺸﻪ ﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻪﻫﯟە ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ: ﻧﯧﻤﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﻪﯞەﺭ ﺑﺎﺭ؟ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩەﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯩﺪەﻙ ﺧﻮﺭەﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺳﺘﯩ ﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﺸﻰ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﭼﯚﭼﯜﭖ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩە ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻏﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪەﻙ: ﺧﻮﭖ ،ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺳﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﺪە ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮔﻮﻳﺎ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ،ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ: ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﻼﺭ...
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ: ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﺩﺍﻟﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﻛﯜﻟﯜﯞەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ: ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻫﺎﻛﯩﻢ . ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ...
ﭘﺎ ﺭﺍﯓ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺮەﺗﺘﻰ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ،ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﭘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﻳﺪﯗ؟ ﺳﻪﻥ ﭘﺎﭘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،ﺋﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﻫﻪ ... ﭘﺎﭘﺎ ... ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺎﭘﺎ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘ ﻰ ،ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ...
ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ،ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻰ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ . ﺋ ﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ: ﻗﯘﻟﯘﻟﻪ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻗﯘﻟﯘﻟﻪ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ » ﻗﯘﻟﯘﻟﻪ « ﺩەﭖ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﻼﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﯞە ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ: ﻗﻪﻳﻪ ﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻗﯘﻟﯘﻟﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ. ﻧﻪﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯘﻟﯩﺴﻰ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯘﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ... ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ... ﻫﻪ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ... ﻗﯘﻟﯘﻟﻪ ... ﻗﯘﻟﯘﻟﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ، ﭘﺎﺧﺘﺎ ،ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﻳﺎﯕﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ... ﯞە ﺋ ﺎﺷﻠﯩﻖ ... ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ،ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ،ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﻳﺎﯕﯩﻘﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﯩﺰ... ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯧﺸﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﯞە ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﺎ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﺎﻱ: ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﻳﺎﯕﯩﻘﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ...
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . ﻳﯜﮔ ﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻨﮕﻪﻥ ﻣﻮﻳﺴﯩﭙﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺩەﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ ،ﻣﻪﻥ ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ ﯞە ﺑﻮﯞﺍﻣﻐﺎ ﺧﻪﯞەﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺩەﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻡ: ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯔ ... ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﯘ ﭼﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ! ﺩەﭖ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻟﯧﻨﺘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺗﯧﯖﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﻗﯘﺗﯩﻨﻰ ﻣﻮﻣﺎﻣﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻘﯩﭽﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻗﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﯘﻕ ،ﻛﺎﺷﺘﺎﻥ ﻛﻮ ﻧﺴﯧﺮﯞﺍﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ... ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻤﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍ ﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﻳﺴﻪﻥ . ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﯧﺴﯩﯖﺪە ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ،ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە . ﺋﯘ » : ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﯞەﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞەﺭ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، ﯞەﺗﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯚﻳﯜﯕﻼﺭ ،ﯞەﺗﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ،ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﻤﯘﻳﯧﺰﺍ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﯕﻼﺭ . ﺑﯘ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩە« . ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪە ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ» : ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ
ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﭼﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳ ﺎﻗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ « ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﻜﻰ...
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ: ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ... ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ... ﻧﻪﯞﺭەﻡ ﺋﻮﻗ ﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ.
ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﻝ ﺗﺎﻣﺪﯗﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ؟ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﭼﯜﺵ ... ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﻫﻪﺭﺑﯩﻴﺪە ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻻﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑ ﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﻳﯧﺰﺍ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ،ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻳﺎﺵ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﭘﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘ ﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯚﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧ ﯩﯔ ﺑﯩﺮەﺭﯨﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﮔﻪ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﺩە ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭘﺘﯘ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﯘ ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﯨﮕﻪ ﺩەﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻫﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﻗﯧ ﻨﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﺪﻯ ،ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻱ: ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﭼﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﻗﯩﺪﯗ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻳﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺪﻯ ،ﻳﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﺳﻘﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ:
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ: ﻳﯜﮔﯜﺭ ،ﻗﻪﻫﯟە ﺋﻪﭘ ﻜﯩﺮ ! ﺩەﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯛﯞەﺗﺘﻰ.
ﻗﻪﻫﯟەﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ،ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﺍ ﻛﯩﺮ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻱ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻗﺎﭺ ﺳﻮﭘﯘﻧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻛﯜﭘﻜﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﺘﯩﻢ . ﺳﻮﭘﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺳﺘﯩﻼ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯘﻳﺪﯗ ﺭﻣﺎﻱ ﻛﯜﭘﻨﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻱ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯚﻛﺘﯜﻡ ،ﺗﯚﻛﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ،ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻤﻪﻱ ﺩەﭖ ،ﺗﯚﯞەﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯚﻛﺘﯜﻡ. ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﯞﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪ ﻯ ﺋﯘ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﯦﮕﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎ ! ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﻪﻟﺴﻪ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ.
ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ . ﺑﻮﯞ ﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﯩﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﻰ. ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ... ﺧﻪﻱ ﺧﻮﺵ...
ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ » ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ « ﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻫﺎﯞﺍﻏﺎ ﻛﯚﺗ ﯜﺭﯛﯞﯦﺪﻯ ،ﺩەﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﺭﺭەﯓ ﺳﻪﺭﺭەﯓ ﭘﯘﻻﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ: ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺋﯘﻳﺎﻕ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪە ﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺷﯘﺋﺎﻥ.
ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺪﯗﻕ، ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﺪﯨ ﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯘﻧﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﺪﺍ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮەﭖ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﺩە ،ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ، ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻼﭖ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻳﻪﺭﺩە ﺩﻭﻣﯩﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﻪﺗﯩﻨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﯘ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﻴﺘﻤ ﺎﻳﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﻮﻟﻐﯘﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻤﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ... ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﻕ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺧﻼﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ: ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻫﯧﭻ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﺳﯩﺰ ﻫﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻏﯘ؟
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻣﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺧﻮﭖ ،ﺳﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ؟
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻗﻮﻱ ﺋﯘﻧﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﻮ ﯞﺍﻡ ،ﻫﻪﺭ ﺩەﯞﺭﺩە ﺗﯚﺕ ﭘﯘﺗﻼﭖ... ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ: ﺑﻮﯞﺍ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻴﺘﺎﻣﺴﯩﺰ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﯞەﺩە ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩە...
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﺋﺎﺯﺍﺩە ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍ ﻣﻤﯘ ﭘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ ﺩەﺳﺴﻪﭖ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ...
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﺪﯨﯔ ،ﻗﺎﺭﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯧﺰﯨﯟەﺗﺘﯩﻢ.
ﺳﺎﯕﺎ ﯞە ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺳﺎﻻﻡ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 14 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ،ﺋ ﻪﻧﻘﻪﺭە
ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺕ:
ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﭽﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩە ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻤﻜﻰ ،ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﯘﺗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﻢ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.
ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘ ﺵ ﻛﯧﺮەﻙ
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
ﺧﯧﺘﯩﯖﺪە ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞەﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞەﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە.
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ » : ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﯘﺗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﻢ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ « ﺩەﭖ ﺋﯩﺰﺍ ﻫﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﭙﺴﻪﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﻐﻼﻳﺴﻪﻥ ،ﺯەﻳﻨﻪﺏ . ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﯖﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻮﻏﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ . ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ،ﺋﯘ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩ ﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻜﺘﻮﺭ ﺑﺎﺭ . ﺋﯘ ﻗﺎﭼﺎﻧﻼ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺷﯘﺋﺎﻥ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳ ﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ:
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ،ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯧﻨﻰ ﻳﯩﻐﻼﺗﻘﯘﺩەﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻤﻜﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺩﯨﻜﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺩﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﻪﺗﻤﻪﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﺭﺍﺳﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ . ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ ،ﺩەﭖ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺩﯨﻜﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﺎﺗﺘﻰ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﺪەﻙ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺗﺘﻰ.
ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻮﻏﺮﺍﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ » : ﭘﯩﻴﺎﺯﺩﯨﻦ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﻐﻼﺗﻘﯘﺩەﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ: » ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪ ﺗﻜﯜﺩەﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯔ؟ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮔﻪﭖ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﺭەﺑﭽﻪ ﺩﯗﺋﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ . ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ... ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ: ﺋﯩﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ ،ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭەﺑﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ،ﺑﻮﯞﺍ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺋﯩﻤﺎﻣﻤﯘ ﺋﻪﺭەﺑﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺑﻮﯞﺍﻡ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﯔ؟ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ ،ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﯞە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯗ.
ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﯩﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﯞﯦﺪﻯ ،ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻧﻪﻣﻠﻪﺷﺘﻰ . ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺯﮔﯜﺩەﻙ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﺋﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺑ ﯘ ﺋﯩﺶ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ،ﺷﯘﺋﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﻳﺎ » : ﻫﻪﻱ ... ﻱ، ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ ،ﻻﺯﺍ « ... ﺩەﭖ ،ﻳﺎﻛﻰ » : ﻫﻪ ... ﻱ ،ﭘﯩﻴﺎﺯ ،ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ « .. . ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺴﯘﻥ؟ ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯩﺪﯗ. » ﻣﺎﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ،ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﺘﻰ » . ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ « ﺑﯩﻠﻪﻥ » ،ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ « ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﻮﻏﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﺗﯩﺘﺮﯨﺘﯩﭗ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ ،ﺑﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ » ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ« ﺩﯦﺴﻪ ،ﺳﻪﻥ ﻛﯚ ﺯﻟﯩﺮﯨﯖﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺴﻪﻥ.
ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. » ﻣﺎﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ ... ﺩﯨﻢ ،ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻛﻪﻝ ... ﺩﯨﻢ « ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ،ﻛﻪﻳﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ: ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭖ ... ﺳﻪﻥ ... ﺗﯚﯞەﻧﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ ،ﺧﯘﺩﺍ ﺑﻪﺭ ... ﺳﯘﻥ... ﻛﯩﻢ ﺋﯘ؟ ﺗﯧﺰ ﺋﻮ ﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ.
ﻛﻪﻳﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﺎﺭ ﺗﯘﺭﺩﻯ: ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯗﻕ:
» ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺗﯘﻡ ﺳﯘ ﺑﻪﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ« ...
» ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺗﯘﻡ ﺳﯘ ﺑﻪﺭ « ﺩﯦﮕﻪ ﻧﺪە ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺟﯧﻨﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ،ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻮﻡ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺭﻣﯩﺶ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﯞەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻐﺎ » : ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮ ﯨﯔ « ﺩەﭖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﯩﺘﺮﯨﺘﯩﭗ ،ﺳﯩﻠﯩﻖ ،ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩەﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩە ،ﺋﯚﺯ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺯ ﺍﯞﯗﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺗﻪﯓ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻏﺎﻥ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺱ ﻫﻮﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە » : ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﺩەﻙ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺪﻯ؟ « ﺩەﭖ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧ ﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﻪﺳﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ » : ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﯘﻥ ،ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ... ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﻣﯩﻐﯘﭼﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ « ... ﺩەﭘﺘﯘ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ » : ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ « ... ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﮕﯩ ﻼ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ: ﺗﻪﺱ ،ﺗﻪﺱ ،ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭ ... ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺗﻪﺱ . ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩەﻣﺴﻪﻥ ! ﺩەﭖ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ.
ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺩە ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﯩﯟەﺗﻜﯜﺩەﻙ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺘﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﻪﭖ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ... ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺟﺎﻥ؟ ﺑﻪﺵ ﺟﺎﻥ. ﭘﺎﻫ ﭘﺎﻫ ﭘﺎﻫ...
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﯞە ﺋﯧﭽﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ » ﭘﺎﻫ ﭘﺎﻫ « ﺩەﭘﺘ ﯘﻛﻰ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﭘﺘﯘ. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺪﯗ؟ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ،ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ! ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﭘﺴﻪﻥ ﺩە... ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺪﻯ ،ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﯩ ﻤﻪﻥ.
ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﯕﻐﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻟﺘﯘ ﺗﯩﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﻪﻥ ﺩە؟ ﺗﯩﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ،ﺩەﭘﺘﯘ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﯓ ﻛﯧﺴﻪﻟﻐﯘ ﺩەﻳﻤﻪﻥ؟ ﻳﺎﻕ ،ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ! ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭ ،ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﺳﻪﻥ؟ ﭘﺎﻫ ﭘﺎﻫ ﭘﺎﻫ . .. ﺋﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﮕﻪ ﻛﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ؟ ﻛﯩﻢ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺴﻪﻥ؟ ﻛﯩﻤﻨﻰ؟ ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ... ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﯩﺴﯩﻴﻪ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ... ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ ﻳﻮﻕ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨ ﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﭘﺘﯘ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯖﻤﯘ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭘﺘﯘ ﺩە ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ: ﯞﺍﻱ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰﭼﯘ ... ﺑﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺰ ،ﺧﯘﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮەﺭ ... ﺩەﭘﺘﯘ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﺪە ،ﻫﻪﻣ ﯩﺸﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ » : ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩەﻳﺘﺘﻰ ،ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﺎﺗﺘﯘﻕ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ : ﺋﯚﺯ ﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻳﭽﯘ ،ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩەﻳﺪﯨﻜﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﯞە ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ،ﺋﯘ ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻫﯜﺳﻪﻳﻨﻨﯩﯔ ﻛﻪﺭﺑﺎﻻﺩﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻤﺎﻣﺪﯗ ... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯜﺳﻪﻳﻨﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﭻ ﺋﯘﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ« ...
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺯەﻳﻨﻪﺏ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﻱ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﭽﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﯩﺰ.
ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ،ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﭖ ،ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
20 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯨﻢ . ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗﻕ . ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﻫﯘﺟﺮﺍﻣﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﻨﻰ ﭼ ﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯜﻟﯜﯞەﺗﻜﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺳﻪﺯﻣﻪﻱ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯚﺯﯛﯕﭽﻪ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﯩﯖﮕﻪ ﻛﯜﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻫﯘﺟﺮﺍﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ: ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ،ﺋﯘﻣﯘ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺳﺎﯕﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﻤﻪﻥ . ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﯩﺰﯨﺘﺘﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩە ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻫﻪﺭ ﺋﺎ ﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺰ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﯞەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪ ﻛﭽﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺑﯩﺰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ . ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﺎﻱ ،ﻟﯩﻤﻮﻥ ﺳﯜﻳﻰ ،ﭘﺮەﻧﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭ ﻗﯩﺘﺎﺗﺘﯘﻕ . ﺯﺍﻝ ﺋﯩﭽﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﯞە ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ،ﺳﻪﻝ ﻫﺎﯞﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﯟەﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ . ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ ،ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ، ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞە ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼ ﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ.
ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺪﻯ ،ﺷﯘ ﯞەﺟﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﻟﻐﯘﻟﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺑﺎﺭ . ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠ ﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺑﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻏﺎﻗﭽﻪ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﺘﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞەﻥ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻﻣﻐﺎ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺩەﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞەﻥ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﯞەﻥ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ،ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﻗﻮﻻﺷﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﻛﯧ ﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﯞەﻥ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﺩﯨﯖﯩﺰ ،ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﻫﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞەﻥ ﺑﺎﻫﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﺑ ﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ﻧﺎﻫﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ
ﺑﺎﻻﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻﻡ ،ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻙ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻰ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺋﯘ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ،ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻻ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﺩﯦﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ... ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻙ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻰ ﺋﻪﻻ ﺑﺎﻫﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ . ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ... ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻﻡ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻫﻪﻡ . ﻫ ﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩە ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺩە ... ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﺎﻫﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ، ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻡ.
ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ: ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺴﯩﺰ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺗﯜﺭﻙ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﺎﻫﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯘ ﺳﯩﺰ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ ... ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻤﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯘﻥ ﺩە... ﺳﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﺩە؟ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ... ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻣﺪﯗ؟ ﭼﯜﺷﯩﻨ ﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ...
ﺯﺍﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺴﯩﺘﻤﯩﮕﻪﻥ ﻏﯘﻟﻐﯘﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ . ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘﺭﺩﻯ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺩەﺭﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴ ﺘﺘﻰ: ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ؟ ﺋﯧﻴﺘﺴﯩﯖﯩﺰﭼﯘ ،ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ » : ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﻻﻣﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻤﻪﻥ؟ « ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪە ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺩەﺭﺱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ،ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻﻡ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪﻡ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩەﺭﺱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭەﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺑﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﺩەﻝ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﺯ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﻼ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺩەﺭﺱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻟ ﯘﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﺶ ﻛﻮﻟﯩﻐﯘﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ » : ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯚﺷﻪﯞﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻧﻜﻰ ،ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯚﺷﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘ ﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺩە!
ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺩەﺭﺱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ،ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﻤﯘ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﺟﯩﻤﯩﻘﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯩ ﺰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ،ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﺩە ﻗﯧﺮﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ...
ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﮔﻮﻳﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺋﯘﻻﺭ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼ ﯩﺮﺍﻳﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻗﺎﭼﺎﻧﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ: » ﺋﻮﺭﻧﯘﯕﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭ « ! ﺩﯦﺴﻪ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﺪﯨﻦ » : ﻛﯩﻢ؟ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺳﻪﻥ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ؟ ﺳﻪﻥ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺳﺎﯕﺎ ﺩەﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ... ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ؟
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎ ﯞە ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺩەﯞﺍﺗﺴﺎ ،ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ: ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ،ﻣﯘﺭﺍﺕ ،ﺳﺎﯕﺎ ﺩەﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ.
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﮔﻮﻳﺎ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﯟﺍ ﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ،ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.
ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩ ﺰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ: ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺰﺩە ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻧﻤﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﻰ. ﺳﯩﺰ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺭەﺋﯩﺲ. ﻛﯩﻢ؟ ﺳﯩﺰ... ﻣﻪﻧﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ،ﺳﯚﺯﻟﻪﯓ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯘﺭﺍﺗﺘﻪﻙ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ: ﻣﻪﻥ؟ ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ » : ﻳﺎﻕ ،ﻣﻪﻥ « ... ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﭖ ﺋﻮ ﻳﻨﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻣﯘﺩﯨﺮ.
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻﻣﻤﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ: ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ؟ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ؟ ﺯﺍﻟﺪﺍ » ﺋﺎﻳﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ؟ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ.
ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﻕ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ » : ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ« ... ﺩەﭖ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺑﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻛﯜﻟﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﯗﻕ.
ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﻪﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ:
ﻫﻪﺭە ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﺘﯘﺭ . ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﭼﺎﻻﻳﺪﯗ ... ﻫﻪﺳﻪﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ . ﺑﺎﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﻪ ،ﻧﺎﺷﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪەﻙ ،ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﺑﺎﻝ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ...
ﻣﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﺧﺘﺎ ،ﺑﺎﻟﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﻪﺭﯨﮕﻪ ﺋ ﯚﺗﺘﻰ: ﻫﻪﺭﯨﻠﻪﺭ ﻳﺎﯞﺍ ﻫﻪﺭە ،ﺑﺎﻝ ﻫﻪﺭﯨﺴﻰ ﺩەﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ...
ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ » : ﺋﯘ » ، « ... ﺋﻮﺵ « ... ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺶ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺩﯨﺮ: ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻫﻪﺭە ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻫﻪﺭﯨﻨﻰ ﺩەﻣﺴﯩﺰ؟ ﻫﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﻝ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ... ﺑ ﺎﻝ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ؟ ﺑﺎﻟﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ؟ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ... ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ،ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ؟ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ... ﺩﯦﺪﻯ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩەﻡ ،ﺑﺎﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺩەﭖ ﺭﺍ ﺳﺖ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ... ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ 180 ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻫﻪﺭە ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﺋﯜﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ 180 ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ 300 ،ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺑﻪﺵ ﻣﯩﯔ ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ ﺑﻮ ﻟﺴﯘﻥ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻧﻜﻰ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﺎ ،ﻣﯘﺷﯘ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ،ﻗﺎﻳﺴﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﻮﺭﺍﻟﺪﻯ؟ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻣﯧﯖﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯘﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤ ﻠﻪﺭ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﺑﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻠﺴﯘﻥ... ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﻝ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺑﺎﻝ ﻫﻪﺭﯨﺴﻰ ﻗﻮﻱ ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﯚﭖ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻪﻳﺪﯗ . ﻫﻪﺭە ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺑﺎﻝ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ...
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ: ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﺴﯩﺰ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ،ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻫﻪﺭە ﺑﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻗﺎﺭﺍﯕﺎ، ﺗﯘﺭﺧﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺲ ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﺴﺎ ،ﻫﻪﺭە ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﻫﻪﺭە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻫﻮﺳﯘﻝ ﺑﯧﺮ ﯨﺪﯗ . ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻫﻪﺭە ﺑﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘ ﺑﺎﻝ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ،ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻱ ،ﻛﻮﻛﺲ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ...
ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﻰ . ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯦﺪﻯ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻢ ﺑﺎﺭ ،ﻫﻪﺭە ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺗﻮﺧﯘ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺗﻮﺧﯘ ﺩەﭖ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﯕﻼ ﺭ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﺧﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ...
ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﭖ: ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻫﯧﻠﯩﻼ ﺩﯦﺪﯨﻢ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ،ﺗﻮﺧﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ،ﻛﺎﻟﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ . ﺩەﺭﺱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘ ﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ:
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ،ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻗﻤﯩﻜﯩﻦ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻮﻳﻼ ﺵ ﻛﯧﺮەﻙ؟ ﺑﯩﺮ ﻻﺗﺎﺭﻯ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺍﻣﺪﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪەﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯەﻣﺪﯗﻕ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﭘﻪﻳﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﻠﺪﻯ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎ ﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩەﺭﺱ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺯﺍﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻟﯩﻤﻮﻥ ﺳﯜﻳﻰ ،ﭼﺎﻱ ،ﭘﺮەﻧﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ.
ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮ ﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻕ.
ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە: ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ ،ﺋﺎ ﭘﺎ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﯞﺍﻱ ،ﻣﺎﯕﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﻪﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯛﯓ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﻯ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻢ ،ﺗﯩﻠﯩﻢ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﺩەﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ ... ﺑﯩﺮﺍﻕ ﭘﯘ ﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ،ﺳﯧﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ.
ﻣﯩﻨﻪﮔﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺭﺳﻪﻥ ،ﺧﯧﺘﯩﻤﮕﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﻯ.
ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﭖ:
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 24 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ
ﺯەﻳﻨﻪﭖ:
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨ ﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﯩﻨﻮﺩەﻙ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﻯ . ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺯﺍﺩﻯ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘ ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﻫﻪﺭ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻫﯧﺮﯨﭗ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﭺ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ ،ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛ ﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻼ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺋﯘﻣﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞەﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ : ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﭘﺎﺗﻮﺵ . ﺋﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ » ،ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺑﺎﺭ . ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ » ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ « ﺑﺎﺭ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖ ﻜﯩﮕﻪ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ » ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ « ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯚﻳﺪە ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺋﺎﻟﺘﻪ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﭼﻮﯓ ﺗﺎﻏﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺑﺎﺭ ،ﻛﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ » ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ « ﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ: ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﻛﯩﭽﯩﻜﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺋﻪﺯﺑﯩﺮﺍﻳﻰ ،ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ،ﺩ ەﭖ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﺋﯘ. ﺋﯘ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ،ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﺎﭘﻤﺎ ﻛﻪﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺗﺎﻏﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭙﻼ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ: ﺋﯘ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻪﺗﺴﯘﻥ ،ﻫﻪ ﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ . ﺳﺎﭘﻤﺎ ﻛﻪﺷﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﺩەﻳﻤﻪﻥ ... ﻗﺎﺭﺍﯓ ،ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻨﻰ ! ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﭼﻮﯓ ﺗﺎﻏﺎﻡ ،ﺳﺎﭘﻤﺎ ﻛﻪﺵ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﭘﺎﺗﻮﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﭼﻮﯓ ،ﻳﻮﻏﺎﻧﻼ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ.. .
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﯩﺪەﻙ » ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ « ﻧﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻨﯩﺪە ،ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻣﯘ ﺑﻮﺵ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ: ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ... ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻪﺗﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﺷﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﯩﻨﻰ ﺳﯘﺩەﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺪﯨﯖﯩﺰ ! ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻫﻪ! ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ! ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼ ﯩﻨﻰ ﺳﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﺎﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻢ ،ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ . ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻤﯘ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺩەﯕﻼ ... ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ: » ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕ ﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺗﻮﭖ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎﻡ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺮﯨﯔ « ! ﺩﯦﺪﻯ . ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ،ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺯﻯ ﺗﻪﺭﮔﻪ ﭼﯚﻣﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎﻡ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺗﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﺰ ﻳﯜﮔﯜﺭﯨﺪﯗ ،ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ . ﺋﯚﺯﻯ ﻣﯘﺷﺘﯘﻣﺪەﻙ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯜﮔﯜﺭﯨﺪﯗﻛﻰ ،ﺋﻪﻳﻬﺎﻧﻨﺎﺱ ،ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ...
ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ » : ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻤﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺩەﭖ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ،ﭼﻮﯓ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ » : ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯚﻟﯜﯞەﺗﺘﯩﻢ « ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ » ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ « ﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ: ﻛﯧﻴﯩﻨﭽ ﯘ ... ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻏﻠﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘ ﻗﺎﭼﺘﻰ ،ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ » : ﻣﺎﯓ ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯚﺭﮔﯜﻟﯜﻛﯜﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻤﻪﻥ « ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ . ﺋﻪﻟﭙﺎﺯﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻳﺎﻧﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﻳﺪﯗ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﺰ؟ » ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﯨﯔ ﻧﯧﻤﻪ ،ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯩﺪﯨﯔ؟ « ﺩﯦﻤﻪﺳﻤﯘ!
ﻗﺎﺭﺍﯓ ﺋﯘ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ! ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻪ ! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩەﻣﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ...
ﭼﻮﯓ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯜﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ،ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﻰ. ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ ! ﺩەﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻼ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺗﺎﻏﺎﻡ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺋﯘ ﻳﻮﻏﺎﻧﺒﺎﺵ...
ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻚ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻚ.
ﺑﺎﻳﺎ ﮔﯧﭙﻰ ﺋﯜﺯ ﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻤﻤﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺭەﺳﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻏﺎﻥ ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ . ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﻮﯞﺍ ﺩەﭖ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﺷﺘﻰ . ﺋﻪﺯﺑﯩﺮﺍﻳﻰ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ... ﻛﯚﺯ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩەﭖ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ.
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻏﺎﻣﻤﯘ: ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﺘﯘ ،ﺑﯩﺮ ﻣﯚﺟﯩﺰە ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ! ﺩەﭖ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩە.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻮﺷﻤﯘ ﺑﺎﻟﯧﺘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ،ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗﻛﻰ ،ﺋﻪﻗﻠﯩﯖﯩﺰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﺳﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ،ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﺑﺎﻟﯧﺘﭽﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ... ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﻟﯧﺘﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ... ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﺎ ﻟﯩﯖﺎﭼﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ!
ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ » : ﺑﺎﻻﻡ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﺑﯩﺮﺩﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﺎ ،ﺩﯦﻤﻪﺳﻤ ﯘ ! ﺩﺍﯕﻘﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺷﯘ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ. < ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « > ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ،ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە » : ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﻳﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﺎﯕﻤﺎﻱ ﺋﯘﭼﺎﺗﺘﯩﻤﯘ؟ « ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﻗﯩﻠﺴﺎ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺶ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺶ ... ﺑﺎﻻ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻫﺎﯞﺷﯩﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ » ﻛﺎ ﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﺍﯓ ﭼﯘﺭﯗﯕﯩﺪﯨﻦ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.
ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﻖ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ: ﺗﺎﺭﯨﻘﻤﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﻛﯧﻴﯩﻨ ﭽﻪ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻏﺎﻡ.
ﺋﯘ ﺩەﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ . ﭼﻮﭘﭽﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﻪﯞﯦﺮﯨﭗ ﮔﺎﻟﯟﺍﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ » ،ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺴﯩﻜﻪﻥ ﺩەﭖ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﺎﺗﺘﻰ . ﭼﻮﯓ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﻪﺵ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ: ﻗﯧﻨﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻪ ،ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﺍﯓ ،ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﯩﻠﯩﺮﯨﯔ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻗﯩﺰ ﺋﻮﯓ ﺳﻮﻟﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ: ﺋﻰ ... ﺩﯦﺪﻯ. ﻫﻪ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﭼﺎﭘﺴﺎﻥ ﺑﻮﻝ. ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﻤﻪﻥ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻐﺎ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮ ﭼﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮ ﺑﻮﻟﺴﯩﺪﻯ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ.
ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺗﯜﺯەﺗﺘﻰ: ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﻣﺎﺯﯗﺭﻛﺎ...
ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﻤﯘ ،ﻣﺎﺯﯗﺭﻛﯩﻤﯘ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ . ﻣﯧﻨﯩﯖﻤ ﯘ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻮﺯﯨﻜﯩﻐﺎ ﻫﻪﯞﯨﺴﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻗﯩﺴﺘﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺴﺎﯓ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯩﻴﮕﯜﺯﻣﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻛﯩﻴﮕﯜﺯﻣﯩﺴﻪﯓ ﻛﯩﻴﮕﯜﺯﻣﻪ!
ﻗﯩﺰ ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﺎﺯﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ . ﺗﺎﻏﺎﻡ: ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ ﺷﺎﻛﯩﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ ،ﻗﯩﺰﻯ: ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. » ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ « ﻧﻰ ﺋﯧﻴﺖ.
ﺗﺎﻏﺎﻡ ﻗﻪﻫﯟە ﭘﻪﺗﻨﯘﺳﯩﻨﻰ ﺩﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﯕﻜﻪﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻗﯩﺰ ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺎﺗﺘﻰ . ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ.
» ﺑﻪﮒ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻢ، ﻗﺎﺵ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻛﯚﺯ ﻗﯩﺴﯩﺪﯗ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻢ« .
ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﻧﺪﻯ . ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻐﺎ: ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﺎ ﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺗﺎﺯﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻳﺎﻕ ،ﺧﯧﻨﯩﻢ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ،ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﯘﻥ!
ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻏﺎﻣﻤﯘ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ: ﻗﯧﻨﻰ ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻪ ،ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﻯ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﺎ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻝ...
ﻫﻪﺩەﭖ ﺯﻭﺭﻻﯞﯦﺮﯨﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻏﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﯕﭽﯘ ،ﻫﺎﺭﺍﻣﺰﺍﺩە ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺷﯚﻟﮕﯩﻴﻰ ﻣﺎﯕﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ،ﻣﺎﯕﻘﯩﺴﻰ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯘ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﯧﺴﻪﺩﯨﮕﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻏﺎﻡ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎﻡ، ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ ﺋﯜﭼﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﻰ.
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮەﺭ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺩەﭖ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ:
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ ... ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ ... ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ...
ﺗﺎﻏﺎﻡ : ﻫﻪ ... ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ؟
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎﻡ : ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ؟ ﺑﯘ ﺑﺎﻻﻡ ﺑﻪﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﭽﺎﻕ.
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ ... ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ ... ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ. ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﯓ ﺑﺎﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺗﯧﺮﯨﻜﯩﭗ.
ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎﻡ : ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﻤﺎﯓ ! ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺟﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﮔﺎﯕﮕ ﯩﺮﯨﺘﯩﯟەﺗﺘﯩﯖﯩﺰ!
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ...
ﺗﺎﻏﺎﻡ : ﻳﻪﻧﻪ...
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯜﺕ ﺋﯧﻤﯩﺪﯗ ... ﺳﯜﺕ ﺋﯧﻤﯩﺪﯗ ... ﺳﯜﺕ ﺋﯧﻤﯩﺪﯗ...
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎﻡ : ﻣﯩﻴﺎﯞ...
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﻣﯩﻴﺎﯞ...
ﺗﺎﻏﺎﻡ : ﺩەﻳﺪﯗ...
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﺩەﻳﺪﯗ...
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎﻡ : ﻳﻪﻧﻪ...
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﻳﺪﯗ ... ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﻳﺪ ﯗ...
ﺗﺎﻏﺎﻡ : ﺋﺎﻻ ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ ... ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ... ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ... ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ... ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ...
ﺗﺎﻏﺎﻡ : ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ؟
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎﻡ : ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ!
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ : ﻫﻪﻱ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺱ ،ﺋﺎﻻ ﻣﯜﺷﯜﻛﯜﻡ...
ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻤﻤﯘ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ ،ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻫﻪﻡ ... ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩ ﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻤﮕﻪ: ﺋﯧﺸﻪﻙ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ. ﺑﺎﻻ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯧﺘﯩﺮﻗﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﻫﻪﺋﻪ ،ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﺪﻯ ﺷﺎﻛﯩﭽﯩﻚ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ.
ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ،ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻢ ﻳﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜﺗﻜﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺭەﺳﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺩﯦﺪﻯ: ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻪﭘﻜﻪﻟﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺋﻪﭘﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺗﺎﻏﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺕ.
ﻗﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ » : ﺋﻰ « ... ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺷﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ: ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻ ﺳﯩﺰﺍﺗﺘﻰ ،ﺩﯦ ﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﺎﯕﺎ: ﺑﻮﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﺘﻰ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﯩﻞ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻳﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﺑﺎﻻ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺑﻮﻳﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ » . ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺭەﺳﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﺰﻏﯘﭼﻪ ،ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﯩﻨﻰ ﺳﯘﺩەﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ . ﺋﯘ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﻗﯩﺰ » : ﯞﯨﻲ « ﺩﯦﺪﻯ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺩەﯞەﺭﮔﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ،ﻗﯩﺰﻣﯘ » ﯞﯨﻲ « ﺩەﯞەﺭﺩﻯ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ: ﻳﺎﻕ » ... ﯞﯨﻲ « ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ؟ ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ ،ﻗﯩﺰ: » ﻧﻮ « ﻣﯘ؟ » ﻧﻮ « ﺩەﺭﺳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯗﻗﻤﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ. » ﻧﻮ « ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯚﯞەﺕ » ﻧﻮ « ﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ » ،ﻧﻮ « ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﯩﻢ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩ ﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ . ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ.
ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ:
» ﻓﯧﺮﻣﯥ ﻻﭘﻮﺭﺕ « ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ: » ﯞﯨﻲ ، « ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. » ﻓﯧﺮﻣﯥ ﻻﭘﻮﺭﺕ « ﺩ ﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ » ،ﺑﯧﺰﻯ ﻻﻣﯧﺮ « ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﭘﺎﯕﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺴﻪﻥ. ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﯞﺍﺗﯩﺴﯩﺰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ. » ﻓﯧﺮﻣﯥ ﻻﭘﻮﺭﺕ « ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻗﯩﺰ. ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ.
ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯەﺗﺘﻰ: ﺳﻪﻥ ﺟﯩ ﻢ ﺗﯘﺭ ... ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯔ » ﺋﻮﯞﺭﯤ ﻻﻓﻮﻧﯧﺮ » ، « ﻓﯧﺮﻣﯥ ﻻﭘﻮﺭﺕ » « ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻳﺎﭖ « ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ » ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻳﺎﭖ » ، « ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﭺ « ﺩەﭖ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻝ: ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺳﯩﺰﻻ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻤﯘ؟ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ . ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﻮﺭﺍﯓ، » ﻓﯧﺮﻣﯥ ﻻﭘﻮﺭﺕ » « ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﭺ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻼ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ...
ﯞﺍﻳﻴﻪﻱ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺪﯗﻗﻘﯘ ... ﻫ ﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﺪﺍ ﭘﺮﯨﻜﺎﺯﭼﯩﻚ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﻏﯩﺮﺩﺍﻕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﯩﺸﺎﺭەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﻗﯩﺰﻣﯘ ﺥ ڧ ﺍﺗﺎ ﺋﯘﻗﯘﭖ، ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﻏﯩﺮﺩﺍﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﯞﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ...
ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ: ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﺧﺎﻧﯩﻢ ! ﺩﯦﺪﻯ ،ﺳﻪﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻥ . ﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﯩﺶ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻡ ،ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ...
ﺋﻪﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﺪە ﺭەﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩ ﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ: ﺳﯩﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﯕﻤﯘ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺳﯩﺰﺩﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻗﯩﺰ.
ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ: ﻣﺎﻧﺎ ،ﺗﺎﺯﺍ ﺳﯩﺰﯨﭙﺘﯘ . ﯞﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻤﻪﻱ ،ﺑﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﻴﮕﯜﺯﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺭەﺳﯟﺍ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ...
» ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺭەﺳﺴﺎﻡ ﺑﻮﻳﺎﻗﻘﺎ ﻣﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺳﯧﺮﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋ ﻪﻳﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﺭەﺳﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ: ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﯩﺰﯨﭙﺴﻪﻥ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ.
» ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﺎﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﺪﻯ . ﻧﯚﯞەﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻮﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﯩﻤﯘ ﻣﺎﺧﺘﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﻫﻪﺩەﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﺎﻟﯧﺘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﻗﯧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻪ ،ﺑﯘ ﺗﺎﻏﯩﻠﯩﺮﯨﯔ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ.
ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺑﯘﻟﯘﯕﻐﺎ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﻯ. ﻗﯧﻨﻰ ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻗﯩﺰﯨﻢ...
ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻫﺎﯕﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻤﯘ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻗﯧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﺩﯦﻴﯩﺸﻪﺗﺘﻰ ﺋﯘﻻﺭ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﮔﯘﻧﺎﻫﻜﺎﺭﺩەﻙ ﺩﯛﮔﺪﯨﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﯞﺍﻱ .. . ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﺋﯘ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﭘﺘﯘ!
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻫﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻜﯩﻨﻪ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺪە ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﻕ ،ﺩەﭖ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻟﻪﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ . ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯓ » ،ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻟﻪﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪە ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ: ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺩە ﭘﺘﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍ ،ﻗﺎﺭﺍﯕﺎ ،ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺩە ،ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﯘ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ: » ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳ ﯩﻦ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ،ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ،ﺋﯩﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﻳﯜﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻰ، ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗﺭ« . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﺶ ،ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻟﻪﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﺧﻪﯞەﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ،ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ:
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 30 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺟﯧﻨﯩﻢ ،ﺋﻮﻣﯩﻘﯩﻢ
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
30 ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧ ﯧﺘﯩﯖﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺧﯧﺘﯩﯔ ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﺗﻪﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﻜﻰ ،ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩەﻣﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺑﺎﻻ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺷﯘ ﺳﻪﯞەﺑﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﯞە ﻣﻪﺗﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻤﻪﭘﺘﯘ.
ﻫﻪﺩەﻡ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺑﺎﻻ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە ﺑﺎﺭ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘ ﺯﭼﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻫﻪﭘﯩﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﻪﺩەﻡ ﺑﯩﺮ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻫﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﺎﺩﻟﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯜﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﺘﻰ ،ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ.
ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺩﻟ ﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﯕﻼﯞﯦﺮﯨﭗ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﻪﺩەﻣﮕﻪ ﺑﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﺗﺘﯩﻜﻰ ،ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﻪﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ،
ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯘ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎﺩﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻫﻪﺩەﻡ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ،ﭼﺎﭼﻰ ﭘﺎﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮒ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﭘﺘﯘ » : ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ . ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩەﭖ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺯﻭﺭﻻﯞەﺭﻣﻪ. ﻣﻪﻥ ﭘﺎﺭﯨﮋﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ،ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭ ﯗﭘﻤﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻫﯟەﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﻪﺗﺘﻰ . ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ . ﺑﻪﻟﻜ ﯩﻢ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯘ ... ﻫﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺨﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەﻙ« .
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙ ﯩﻲ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺨﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺴﻜﯩﺮﯨﭙﻜﺎ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺋﯩﺴﻜﯩﺮﯨﭙﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺨﻼﻧﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯚﻳﺪە ﺋﯩﺴﻜﯩﺮﯨﭙﻜﺎ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ » : ﺧﯘﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯘﻥ ،ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﺎﺭﻛﻰ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗ ﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﭘﺎﯓ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩەﺭﺱ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ › ،ﺩﻭ ‹ ﻧﻰ › ﺳﻰ ‹ ﺩﯨﻦ ،ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﻏﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻜﯩﺮﯨﭙﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭەﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ « . ﺩەﭘﺘﯘ.
ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﺩەﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ . ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺳﯘﻧﺴﺎ ،ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ،ﺩەﭖ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘ ﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﻫﻪﺩەﻣﮕﻪ» : ﯞﺍﻱ ﻗﯩﺰﯨﻢ،
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻣﺎﺭﺵ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺳﯩﺰ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﯓ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ « ﺩەﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭەﺳﯩﻢ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻣﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ؛ ﺑﺎﻟ ﯧﺖ ﻛﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞەﺗﺘﻰ . ﺑﺎﻟﯧﺖ ﻛﯘﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩەﻣﮕﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﻫﻪﺩەﻡ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﯩﺪە ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ،ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﻳﯜﺭەﺗﺘﻰ ،ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯜﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻼ ﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﻻﺗﺘﻰ . ﺑﺎﻟﯧﺖ ﻛﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪەﻙ ﺋﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺨﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﻫﻪﭘﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ » : ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ،ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ،ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘ ﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ « ... ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ.
ﻫﻪﺩەﻡ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﯘﯞﺍﻫﻨﺎﻣﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﭘﺎﻡ » : ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻱ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ « ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻱ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘ ﺳﯩﻨﺎﻗﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻫﻪﺩەﻡ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺋﯚﺭە ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﻳﻮﻏﺎﻧﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﺍﻧﻤﯘ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ.
ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻜﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ » : ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ،ﺑﺎ ﻟﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ ﺩەﭖ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺴﯩﻠﻪﺭ . ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﯖﻼﺭ« ﺩەﭘﺘﯘ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﺩەﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﯞەﺗﺘﻰ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﺩەﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﻟﯜﻙ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟ ﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﺎﺭﭼﯩﻐﺎﻥ ﯞە ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﻫﻪﺩەﻣﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻗﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻫﻪﻗﯩ ﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺘﺘﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻭﺭ ﻫﻪﯞﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻫﻪﯞﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻧﻰ ،ﻛﯩﺮﺋﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ،ﻗﺎﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﺭﺍ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ،ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ،ﺗﻮﻙ ﭘﺎﺗﯧﻔﻮﻧﻨﻰ ،ﺭەﺳﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﻨﻰ ،ﺗﯩﻜﯩﺶ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ،ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ،ﮔﺎﺯ ﺋﻮﭼﺎﻗﻨﻰ ﯞە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺗﺎﻡ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻗﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ،ﻗﺎﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ،ﺗﯩﻜﯩﺶ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﯞﯦﻨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ » ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ « ﺩەﻳﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻧﯘﺭﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻫﯧﭻ ﺷﯜﺑﻬﻪ ﻳﻮﻕ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﻧﯘﺭﺗﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﻳﺪﯗ . ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ » : ﺑﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﻬﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ « ﺩەﭖ ،ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﻬﺎ ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ،ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻼﺭ ،ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻣﯧﻴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﯘ ﻟﯩﻐﯩﺮﻻﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ ،ﭘﺎﻗﺎ ﻟﭽﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﺗﺎﻣﺪەﻙ ﺑﺎﺭ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﭘﯜﯞﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻡ.
ﻧﯘﺭﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻛﯩﻨﻮﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﻰ ﺋﯚﻳﺪە ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ . ﭼ ﯜﻧﻜﻰ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻳﺎ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻧﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﻳﺘﺘﻰ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻕ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩەﭖ ﺑﯘﺯﺍﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻫﻪﺩەﻣﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻨﻮﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺭﺗﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪە ﻗﺎﻻﺗﺘﯘﻕ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ . ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻫﯘﺟﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﭼﯚﭼﻪﻙ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻧﯘﺭﺗﻪﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ، ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ: ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻠﯩﯖﻼﺭ ،ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯔ؟ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﻘ ﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺯﺍﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ » : ﺟﯧﻨﯩﻢ، ﺷﯧﻜﯩﺮﯨﻢ « ... ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ » : ﺋﺎﻣﺮﯨﻘﯩﻢ ،ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﯗﻡ « ﺩﯦﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﭼﺎﻧﻠﯩﻜﻰ
ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ،ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯘﺯﯗﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺩەﭖ ،ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﯩﺪ ﯗ . ﻳﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ،ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻛﯚﺭەﻳﻠﻰ... ﺋﺎﭘﺎﻣﻼﺭ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻘﯩﭽﻪ ﻛﯩﻨﻮﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯗ ،ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ.
ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩەﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﺍﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ،ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﯘﻕ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻡ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨ ﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ : ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻝ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ﭘﺎﺭە ﭘﺎﺭە ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻧﯘﺭﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﭼﯘﯞﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﺗﯩﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺩەﺭﻫﺎﻝ: ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻜﯩﻢ ،ﮔﯜﻝ ﻗﺎﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟەﺕ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻧﯘﺭﺗ ﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯘ؟ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﺍﭖ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ،ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﭼﻪﻛﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺮﻣﻪ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯨﻢ؟ ﺩﯦﺪﻯ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ،ﺷﯧﻜﯩﺮﯨﻢ ،ﻗﻪﻫﯟە ﺋﻪﭘﻜﯩﺮەﻳﻤﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﻪﭘﻜﯩﺮ ،ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﯗﻡ ،ﺋﻪﭘﻜﯩﺮ ،ﺷﯧﻜﯩﺮﯨﻢ ... ﺑﻪﻙ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ... ﺩ ﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ.
ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﻤﺎ ﻛﻪﺷﻰ ﺳﺎﭘﺎﺩﺍ ،ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻫﻪﺩەﻣﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﺎﭘﺎ ... ﺩﯦﺪﻯ ﻧﯘﺭﺗﻪﻥ . ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﭘﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ: ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﺎﻳﯩﻘﯩﻢ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ . ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻳﯧﯩﺘﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ . ﻣﺎﻧﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯚﺗﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﻨﻮﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ . ﺧﻪﻳﺮ ﺧﻮﺵ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 3 ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨ ﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
ﻗﻮﺷﻨﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﯞەﻗﻪﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﺋﯜﭺ ﻫﯘﺟﺮﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﻳﺪە ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﯞە ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ . ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯩﺰﺩە ﻗﻮﺷﻨ ﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪەﻙ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﯦﺮﯨﻜﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩ ﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯚﭺ ﺋﯩﺪﻯ ،ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﻳﺘﺘﻰ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﺕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻜﻰ...
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ: ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜ ﯩﺪە ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯔ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯚﭺ ﺗﯘﺭﺳﺎ... ﺋﯘ ﺩﺍﺩﺍﯕﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ؟ ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ ﯞەﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩە...
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ ﯞەﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﺳﻪﯞەﺑﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩە.
ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﮔﯜﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻧﻰ ﺩﯨﯟﯨﺪەﻙ ﻳﻮﻏﺎﻥ ،ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ.
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺩەﭖ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩە ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺳﺎﺭﺍﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﯞﯦﺘﯩﭙﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺪﻯ. ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩەﭖ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻗﻼﻳﺴﯩﺰ ،ﺩﺍﺩﺍ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ.
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩەﭖ ،ﺩﯦﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭼﻮﺗﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﻙ ﺩﯦﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻼﭖ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩەﭖ ﺋﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ . ﺗﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ،ﺗﻪﺧﺴﻪ ،ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﯩﻘﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺗﺎﻣ ﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﯘ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻗﭽﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﻛﯧﻠﻪﻣﺪﯗ ،ﺩﺍﺩﺍ؟ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻤﻤﯘ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻧﺎﺷﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩ ﻦ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﯦﺮﯨﺰە ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ: ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺑﯘ ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ،ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﺋﯜ ﺳﺘﻪﻟﻨﯩﯔ ﻛﻪﻡ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺘﺘﻰ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻜﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ ﭼﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ:
ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ! ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ ،ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ ! ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺩەﭖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﺎﭺ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻠﯩﮕﯩﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻫﻮﺩﯗﻗﻘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺪﻯ.
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﭘﺎﺗﻮﺷﻘﺎ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﺋﻪﺗﻪﻱ ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﯞﺍﺗﺎﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩەﭖ ،ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. ﯞﺍﻱ ﻗﯩﺰﯨﻢ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻗﻮﺯﺍﻡ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺟﯘﻣﯘ؟ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺳﺎﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎ . ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪ ﺍ ﻳﯚﺗﻪﻟﮕﯜﯓ ﻛﻪﻟﺴﻪ ،ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﯟﺍﻟﯩﺴﻪﻥ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﺪﺍ ﺋﻮﺷﺘﯘﻣﺎ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﺋﻮﺷﺘﯘﻳﺴﻪﻥ ،ﻣﺎﻗﯘﻟﻤﯘ ،ﻗﻮﺯﺍﻡ؟ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ » ﻫﻪ؟ « ﺩﯦﺴﻪﯓ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎﻕ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ » ﻫﻪ ؟ « ﺩﯦﻤﻪ... ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺩەﻳﻤﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﭘﺎﺗﻮﺵ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ » ﻫﻪ؟ « ﺩﯦﻤﻪﻱ » ،ﻟﻪﺑﺒﻪﻱ « ﺩەﻳﺴﻪﻥ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩەﭖ ،ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﻳﻪﻧﻪ:
ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨ ﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻧﻰ » ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ « ﺩەﭖ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﻳﻪﻧﻪ » ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ « ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻥ ﺷﯩﻜﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ » : ﻣﺎﻧﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ « ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩەﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﯞﺍﻝ ﯞﯗﻝ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭘﯩﻜﺎﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﮔﯘﺩﯗﯕﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ: ﯞﺍﻱ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،،،ﻳﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺗﯚﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻗﯧﻨﻰ ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ، ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ... ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ . ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩ ﺰﮔﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰ...
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺘﻮﺳﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺋﺎﺳﺘﻰ.
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺩﯨﯟﯨﺪەﻙ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ ،ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩ ﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞە ﺑﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺋﯚﭺ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.
ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯜﻡ. ﺗﺎﻏﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﺴﻪﯕﭽﯘ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒ ﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﭘﺎﻡ: ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﯞﺍﺭە ﺑﻮﻟﯘﭘﺴﯩﺰ ،ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ.
ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺑﯘ ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ ﺩەﭖ ﻫﯧﭻ ﻫﺎﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺶ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ،ﭘﯧﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺯﻭﺭﻻﭖ، ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻳﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﺎﯕﺎ: ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘ ﻗﯘﻱ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﺘﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻮﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﭼﻮﭘﭽﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﻗﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﻗﻮﻝ ﻟﯚﯕﮕﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻟﯚﯕﮕﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻣﺴﻪﻱ ﺗﻪﺧﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚ ﺭﯛﯞەﺗﺘﻰ . ﺋﺎﭘﺎﻡ: ﯞﺍﻱ ،ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺴﻰ ،ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﯚﻛﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯗ؟ ﺩەﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺯﺭﺧﺎﻫﻠﯩﻖ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﭘﺎﺗﻮﺵ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﯩﺪەﻙ ﻗﺎﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻮﺭﭘﯩﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﯞەﺗﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﭘﺎﺗﻮﺷﻤﯘ: ﺋﺎﭘﺎ ،ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻗﻮﻟﯘﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﯩﯖﻐﯘ ... ﺩەﭖ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ : ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﻪﺭ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺗﯩﻨﭻ ﺗﯘﺭ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﭘﺎﺗﻮﺷﻘﺎ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ. ﭘﺎﺗﻮﺵ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﻯ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﯧﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯧﺴﻪﺩەﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺧﺴﯩﮕﻪ ﮔﯚﺵ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ﺗﻪﺧﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻗﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﺧﺴﯩﺴﯩﻨ ﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻗﻮﺷﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﯛﻡ ﺗﻪﺧﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ. ﯞﺍﻱ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﯘ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ،ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯘﺯ ﭼﺎﭼﺘﯩﻢ ﺩەﭖ ،ﻻﺯﺍ ﺳﯧﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯧﺰﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ: ﺗﯘﺯ ﻗﺎﭼ ﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯗ؟ ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺗﯘﺯ ﻗﯘﺗﯩﺴﻰ ﺩەﭖ ﻗﯩﭽﺎ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺗﯘﺯ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﯘﺯ ﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯩﻠﻜﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﻗﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺯﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ،ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰﻻ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻐﺎ: ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘﺳﯩﺰ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ؟ ﺩەﯞەﺗﺘﻰ. ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ: ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺪﯨﯖﯩﺰ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻦ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺩەﺭﺩ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ،ﺑﻪﻙ ﺋﻮ ﺧﺸﺎﭘﺘﯘ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﺎﺗﻮﺵ: ﺋﺎﭘﺎ ،ﮔﯧﻠﯩﻤﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻫﻪﭘﯩﻠﻪﺷﺘﻰ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﺎﻳﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﯩﭽﺎﻗﻨﻰ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ،ﯞﯦﻠﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺧﯧﻠﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯜﺭەﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﯞﯦﻠﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ،ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﯩﺪەﻙ ﯞﯦﻠﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺗﯘﺗﺘﯘﻡ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﻪﺧﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﭽﺎﻕ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯦﻠﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﮔﯚﺷﻨﯩﯔ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺗﻪﺧ ﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ.
ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻫ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢ.
ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﻫﯟە ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ: ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﺎﻻﻡ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﻪﭘ ﻪﻧﺪﻯ ،ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ.
» ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ « ﺩەﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻤﻐﺎ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩەﭖ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ ،ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﯔ؟
ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ... ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧ ﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﺎ؟ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ. ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ...
ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ، ﻣﻪﻥ: ﺋ ﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺭەﻫﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ: ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﺑﺎﻻ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ » ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ « ﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺑﺎﻧﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺗﻮﺵ: ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ،ﺋﺎﭘﺎ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺩەﭖ ،ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩ ﮕﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭘﺎﺗﻮﺷﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ﺩەﭘﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ،ﺋﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ ،ﺋﯜﺳﺖ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﻪﭖ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﭘﺎﺗﻮﺵ ﺩەﺭﻫﺎﻝ: ﺩﺍﺩﺍ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻤﺎﻱ ﻳﯚﺗﻪﻟﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ! ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ: ﻫﻪ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺪﯨﯔ ،ﭘﺎﺗﻮﺵ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ » ﻫﻪ « ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﺍﺩﺍ ! ﺩﯦﺪﻯ ﭘﺎﺗﻮﺵ.
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺩەﺭﯞﺍﺯﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛ ﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﭘﺎﻫ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼﺭﻏﯘ ! ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯨﻢ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻣﻤﯘ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻏﺰﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻥ ﺋﻮﺷﺘﯘﻣﯩﺪﯨﻤﻐﯘ ... ﺩﯦﺪﻯ ﭘﺎﺗﻮﺵ.
ﺑﯘ ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﻰ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ،ﺳ ﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺳﯜﺭەﺕ ﺋﻪﯞەﺗﺘﯩﻢ ،ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭەﺕ ... ﺳﯜﺭەﺗﺘﻪ ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ.
ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﯞە ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 10 ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ!
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯖﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﻮﻧﺎ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺳﯜﺭەﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﯖﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﻨﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ، ﺋﯘﻧ ﻰ ﻫﯜﺳﻪﻳﻦ ﺗﻮﺳﯘﯞﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﺗﻮﻧﯘﺩﯗﻡ . ﻳﺎﺷﺎﺭﻣﯘ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﻧﻪﺷﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﯩﺪەﻙ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺳﯜﺭەﺗﻨﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻜﻰ... ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺳﯜﺭەﺗﺘﻪ ﺩﯦﻤﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﯖﻼﺭ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎ ﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﯞەﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ.
ﺑﯘ ﻫﻪﭘﺘﻪ ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻗﺎﻝ . ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﻜﯜﭼﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﯦﮕﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ...
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ » : ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ » ، « ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻫﯩﻴﻠﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ « ﺩەﻳﺘﺘﻰ.
ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ . ﺋﯘﻣﯘ » : ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺕ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﯩﺶ . ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ « ﺩەﻳﺘﺘﻰ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳ ﻠﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﻰ . ﻧﯘﺭﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ: ﺋﯧﺴﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺭﻣﯘ ،ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﭽﻰ ﻛﻪﻟﺘﻮﺵ ﺳﻪﺑﺮﻯ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯨﺪ ﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ ﻫﻪ ... ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﺎ ! ﺩﯦﺪﻯ ﻧﯘﺭﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﻛﻪﻟﺘﻮﺵ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﺑﺮﻯ ﺑﻪﮒ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻟﮕﯧﺒﺮﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩ ﻠﻪﻥ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ » : ﻗﯧﻨﻰ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ ،ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ « ! ﺩەﭖ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﺭﻗﺎﺗﺘﯘﻕ . ﺋﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ،ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺗﺮﺍﭖ ﻳﯜﺭەﺗﺘﻰ . ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ... ﻣﺎﺭﺳﯩﻖ ﻧﻪ ﺟﺪەﺗﻘﯘ ﺩەﻳﻤﻪﻥ؟ ﺩەﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺩﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﻫﻪﺋﻪ ،ﻣﺎﺭﺳﯩﻖ ﻧﻪﺟﺪەﺕ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﺑﺎﺵ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ! ﺋﯘ ﺳﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﻮﭘﯩﻴﻪ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﻪﺑﺮﻯ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯧﺰﯨﺸﺎﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺳﻪﺑﺮﻯ ﺑﻪﮒ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﻣﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻣﯧﯖﯩﭗ
ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻛﻮﭘﯩﻴﻪ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺟﺎﯞﺍﺑﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ،ﺋﯘﻧﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﻻﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯚﭼﯜﺭەﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺧ ﯘﺩﺩﻯ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺳﻪﺑﺮﻯ ﺑﻪﮔﻨﻰ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﺎﺭﺗﺎﻣﻐﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺗﺎﺯﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﺩﯛﻡ.
ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗ ﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﯧﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ ،ﺳﻪﺑﺮﻯ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻮﭘﯩﻴﻪ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘﻕ . ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﺑﺮﻯ ﺑﻪﮒ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭘﯩﻴﻪ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﭘﯘﻻﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺳﻪﺑﺮﻯ ﺑﻪﮒ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﺍﻳﯩﺶ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﻦ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ: ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺋ ﻮﺳﻤﺎﻥ ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﺑﯘ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻤﺎﻱ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭘﺮﻭﮊﯦﻜﺘﻮﺭﺩەﻙ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﭘﺘﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭘﺘﯘ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯚﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻓﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯧﺴﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻤﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﭼﯩﯟﯨﻨﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺩەﻣﺴﻪﻥ؟ ﺋﯘ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺴﯘﻥ.
ﻧﯚﻟﭽﻰ ﻧﺎﻓﯩﺰ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯩ ﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞەﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﭼﯩﯟﯨﻨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺳﻪﺭەﯕﮕﻪ ﻗﯧﭙﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯘ . ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﯧﭙﯩﺰ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ،ﺑﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﯟﯨﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻳﯩﭗ ﺑ ﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﯟﯨﻨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﭼﯩﯟﯨﻨﻼﺭ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻱ ،ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﭘﯘﺗﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﯟﯨﻨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻪﻏﻪ ﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﭙﻼ ﭼﯩﯟﯨﻨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ،ﭘﯘﺗﯩﺪﺍ ﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﯟﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩەﻝ ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘﯕﻐﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻧﯘﭘﺘﯘ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺩﺍﺩﺍ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭ ﯨﺪﻯ ﻣﻪﺗﯩﻦ. ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﻧﯘﺭﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ: ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﯞﺍﻣﺪﯨﻦ:
ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﺍ ،ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩ ﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭەﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻤﯘ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰﭼﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠ ﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻫﻮﺭﯗﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﻼ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ،ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ » : ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ؟ « ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛ ﻮﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ » : ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻧﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ . ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﮔﺎﭼﯩﺪەﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺯﯗﯞﺍﻥ ﺳﯜﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ ،ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻻ » : ﺋﺎﺕ ،ﺋﺎﺕ ... ﺋﺎﺗﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ « ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭘﺘﯘ. ﻛﻮﺯﯨﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ؟ ﺋﺎﺕ ﺑﺎﺭ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ... ﺩەﭘﺘﯘ ﺑﺎﻻ.
ﺋﯘ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻤﻜﻰ ... ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﻟﯩﺒﻮﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯗﻕ ،ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ: ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋ ﺎﺭﺍﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪەﻙ: ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ،ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭەﺗﺘﯘﻕ. ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ
ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﺩﻭﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺋ ﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺑﺎﻏﭽﯩﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﮕﻪ ﺋﯘﺯﯨﺘﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯚﭼﯜﺭەﺗﺘﯘﻕ.
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩەﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺩەﺭﺱ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﺋﻮﯓ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﺎﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﺳﻮﻝ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺧ ﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ » : ﻣﯘﺭﺍﺕ ،ﺋﻮﺭﻧﯘﯕﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭ « ! ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯘ » : ﻣﻪﻧﻤﯘ؟ » ، « ﻣﻪﻧﺪﯨﻨﻤﯘ؟ « ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ . ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯚﺯﻯ ﻫﻮﺭﯗﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩەﺭﺱ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺘﺘ ﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ...
ﺗﯜﺭﻛﺎﻧﻤﯘ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺩەﺭﺱ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﻻﻳﻠﻰ ،ﺩەﭖ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﺩﻯ. ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ... ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﺩﻯ: » ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﺴ ﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ؟« » ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ؟« » ﺋﻮﻳﯘﻥ ﯞە ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟« » ﺗﺎﻳﺎﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻣﺪﯗ؟«
ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯧﭽﻪ ﯞە ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠ ﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯘ ﺑﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ » . ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ « ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺗﯜﺭﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻫﻪﻡ ﺗﯜﺭﻛﺎﻧﻐﺎ ،ﻫﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺗﻘﺎ: ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ ... ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ،ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﯨﻢ.
ﻣﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺳﻮﻝ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﺍﺕ: ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻧﻐﯘ ﺩەﻳﻤﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ؟ ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻏﺮﺍ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﭺ! ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ ،ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯘﻧﯘﻕ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﺗﺎ ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘ ﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ » ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ « ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺩەﭖ، » ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ « ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ » ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ « ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﭺ ! ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﯨﻢ.
ﻣﯘﺭﺍﺕ » ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ « ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺷﺎﺭﯨﻠﺪﺍﭖ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪ ﻯ . ﺗﯜﺭﻛﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻗﻮﺭﯗﺩﺍ ﻣﺎﯕﺎ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﺪﺍ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﻪﺕ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺑﺎﺭ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﺋﻪﺯﺑﯩﺮﺍﻳﻰ ﻳﻮﻕ ! ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺑﻪﺗﺘ ﯩﻦ ﺋﺎﺗﻤﯩﺶ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺑﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻳﻮﻕ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﺭ ﻳﻮﻕ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺑﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ،ﺧﺎﺗ ﺎ ﺗﯜﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ،ﻣﯘﺭﺍﺕ؟ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﻪﺗﺘﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺯﻣﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺗﯜﺭﻛﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻻ ﺑﺎﻫﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘﻕ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯖﻼﺭ ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮەﻱ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻮﺋﺎﻝ » : ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ؟ « ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ » : ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ،ﭘﺎﻛﯩﺰە ﯞە ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﯗﺷ ﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ،ﻛﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞە ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﺩەﺯﻣﺎﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮەﻙ« .
ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﺗﯩﻨﭻ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ » ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧ ﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ؟ « ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ: » ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﭼﻮﺗﻜﯩﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮەﻙ . ﺗﻮﭘﺎ ﭼﺎﯕﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮەﻙ . ﻛﯩﻴﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻗﭽﯩﻼﭖ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ . ﺑﻪﻙ ﻛﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳ ﯘﺩﺍ ﺳﻮﭘﯘﻧﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﭖ ،ﺗﺎﻧﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻴﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮەﻙ«.
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯜﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﺩﻭﻣﯩﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﻛﯜﻟﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭘﺴﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ » ،ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﺶ « ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ » ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ « ﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺴﻪﻥ. ﻣﺎﯕﺎ ﺯەﻳﻨﻪﭖ ﺩەﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ. ﻫﻪ ... ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﻜﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺩەﭖ ،ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚ ﭼﯜﺭﺗﯜﭘﺴﻪﻥ ﺩە... ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺧﺎﺗﺎﻧﯩﯔ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﻰ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﺑﯘ ﺋ ﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﺋﺎﭘﺎﯕﻐﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻣﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﺎﭘﺎﻣﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯘ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺕ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯘ ،ﻗﯩﺰﯨﻢ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ.
ﻫﯧﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺋﯚﻳﺪە ﻳﻮ ﻕ.
ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﯖﻼﺭ ﻗﯩﺰﻧﻰ ،ﺧﯘﺩﺍ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ،ﺩەﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﻪﻱ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﯜﭘﺘﯩﻐﯘ... ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﯖﻼﺭ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ؟ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ ،ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻪﺗﯩﻦ.
ﺑﻮﻻﺭﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﺳﻘﺎ ﭼﺎﺭە ﻳﻮﻕ ... ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﻨﯩﻢ ﺳﯩﻘﯩﻠﺪﻯ . ﻣﯧﻨﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ،ﺋﯘ » : ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ،ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﯩﺶ ... ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﯜﭘﻤﯘ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ « ﺩەﭖ ﻣ ﯧﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺧﻪﺕ ﺧﻪﯞەﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺯ ،ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
ﺧﻪﻳﺮ ﺧﻮﺵ ،ﺳﺎﯕﺎ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 26 ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
» ﺋﯚﻱ « ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
12 ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﯔ ﯞە ﺋﻪ ﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺭەﻫﻤﻪﺕ.
ﺳﻪﻥ ﺧﻪﯞەﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞەﻗﻪ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﯩﯖﻐﺎ ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﺳﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩەﭖ ،ﮔﯘﻧﺎﻫﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺴﻪﻥ . ﻣﯘﺭﺍﺗﻘﺎ ﻫﻪﻡ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯨﻢ ،ﻫﻪﻡ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﭽﯘ ،ﺋﯘﻣﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻣ ﯘﺭﺍﺗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞەﻧﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﯛﭖ ﺟﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻤﯩﺪﻯ . ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ . ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯧﺘﯩﻤﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩەﺭەﺧﺘﯩﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﯟەﺗﻜﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗ ﯘﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ.
ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻤﯩﺪﯨﯔ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻡ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪﯕﻤﯘ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ.
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﺪ ﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯚﻳﺪە ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺟﺎﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ،ﺋﯚﻳﺪە ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ . ﺋﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯧﺪەﻝ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠ ﯩﻤﻪﻥ . ﺑﻪﺯﻯ
ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ،ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪﻥ . ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ،ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ،ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﺸﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﻳﯩﻐﻠﯩ ﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻤﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﯘﭼﻪ ﺩەﺭﺳﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ . ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺩەﺭﺳﯩﺪە ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ » ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ) « ﻛﯧﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ( ﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ » . ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻫﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ؟ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ » : ﺑﺎﺵ ﻛﯧﻠﯩﺶ ،ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠ ﯩﺶ ،ﭼﯜﺷﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﺶ ،ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺶ، ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﻠﯩﺶ ،ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻛﯧﻠﯩﺶ « ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺩەﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮەﺗﺘﯘﻕ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺩﯦﻤﯩﺮﮔﻪ » ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺭﻭﺟﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯚﻱ « ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯔ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻱ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻧﻠﯘﻗﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﭘﺴﯧﺮﯨﻖ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺭﻭﺟﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳ ﯩﻦ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ ،ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ ،ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭙﺘﯘ . ﻛﻪﭺ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﻮﻧﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪەﻙ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﯦﺮﯨﺰە ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩ ﺮﯨﺪە ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﭼﺎﻗﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭙﺘﯘ.
ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﯖﻼﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﯞە ﺋﯚﺯ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻟﯩﻐﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ . ﻛﯚﭖ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﺘﻪﻙ ﺋﯚﺯ ﺑﻪﺧﺘﯩﻤ ﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﻱ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻦ » ﺋﯚﻱ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ،ﺳﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎ ﻗﻘﯩﻨﺎ » ،ﺋﯚﻱ « ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺋﯚﻧﺪەﺭﯨﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﯨﻴﯘ ،ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺪﻯ . ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﻯ: » ﺋﯚﻱ « ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ،ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ؟
ﻣﯘﺋﻪ ﻟﻠﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻣﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﭘﻪﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ: ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ: ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ » ﺋﯚﻱ « ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ » ،ﺋﯚﻱ « ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ؟
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﻳﯩﻐﻼﻣﺴﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ﭼﯩﮕﯩﺶ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻫﺎﻟﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ... ﺩﯦﺪﻯ. » ﺋﯚﻱ « ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﺎﻟﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ.
ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻫﺎﻟﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻥ.
ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮ ﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﻛﯜﻟﯜﺷﻪﺗﺘﻰ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ... ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺗﯩﺘﺮەﭖ ،ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﺩەﯞﺍﻟﺪﻯ ،ﺋﯚﻱ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﯕﻼﺭ ﺩەﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺠﺎﺭ ﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ...
ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﭘﺎﺭﺗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ » : ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ﺋﯘﺩﯗﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺭﻭﺟﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﺪە« ... ﺳﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎﻕ ،ﺩﯦﻤﯩﺮ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە » ﺋﯚﻱ « ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ؟ ﭼﯜﺷﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻫﺎﻟﯩﺪﺍ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯦﻤﯩﺮ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ: » ﺋﯚﻱ « ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ؟
ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ: ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ.
» ﺋﯚﻱ « ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻫﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ ،ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻫﺎﻟﻰ ﯞە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ...
ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﻫﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻫﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯚﺯ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩ ﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ: ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﻱ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻱ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ...
ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ.
ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﺩە ﻫﺎﯞﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﭘﻜﻪﺗﺘﻰ . ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﺭ ﻳ ﺎﻏﻘﺎﻥ ،ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭘﻼ ﺋﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻫﯘﺟﺮﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺯﺍﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺵ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺯەﻳﻨﻪﺏ . ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯔ:
ﺋﻪﺧﻤ ﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1969 ﻳﯩﻠﻰ 26 ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﺳﺎﻡ ﺑﻮﻻﺭ
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
26 ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﯖﮕﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﭘﯘ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ 23 . ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﯞەﺯﯨﭙﻪﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩ ﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺩەﺭﺱ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﯜﺳﻪﻳﻨﮕﻪ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ . ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﯖﺪە ﻫﯜﺳﻪﻳﻦ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗﻣﻜﻰ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.
ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞەﻗﻪﻟﻪﺭ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺧﯧﺘﯩﻤﺪە ﺳﺎﯕﺎ ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ . ﺑﯘ ﯞەﻗﻪ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗ ﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞە ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ: ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻜﻰ ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎ؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ . ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩ ﭗ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ ،ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺩەﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﯞە ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩ ﺮﯨﺪﯗ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎ!
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﻐﯘ ﺩەﻳﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺗﯩﻨﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﺗﯩﻦ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﺒﻠﻪﯞﯦﺮﯨﺪﯗ ،ﺋﯩﻨﯩﻤﻤﯘ ﺋﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘ ﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﺳﯩﻬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ: ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﺳﺎﻡ ﺑﻮﻻﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ.
ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﺗﯩﻨﮕﻪ ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﺗﯩﻨﮕﻪ ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﺎﭘﯩﻼﭖ: ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻤﺪە ﺳﯧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﻮ ﻟﻤﺎﻱ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺗﯩﻨﮕﻪ: ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺖ ،ﻗﺎﭼﺎﻧﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﭘﯘﻟﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺭ؟ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﭖ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﯕﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟ ﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻤﯘ! ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ﺩەﻳﻤﻪﻥ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺖ. ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻛﯜﺗﺴﻪﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯚﭼﺮەﺕ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ﺩەﻱ.
ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺪﻯ.
ﺩﺍﺩ ﺍﻣﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺎﻡ: ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧ ﻠﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﯧﭽﯩﻜﻜﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻫﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻨﻪ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯗ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺯﯨﻴﺎ ﺑﻪﮒ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻪﯞەﺭ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ.
ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﯞ ەﺭﺩﯗﻕ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﻤﯩﺪﻯ.
ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺯﯨﻴﺎ ﺑﻪﮒ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ: ﻣﺎﻧﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ! ﺩەﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ ﻣﯚﻛﯜﯞﯦﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺯ ﯨﻴﺎ ﺑﻪﮒ.
ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﺎﭘﺎﻡ:
ﻧﻪﺩە ﻳﯜﺭﺩﯨﯖﯩﺰ؟ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﺪﯨﻢ . ﺑﯩﺮەﺭ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﺯﯨﻴﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ. ﻫﻪ ... ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﻪﻙ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯩﯖﯩﺰﻏﯘ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ. ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩەﻣﺪﯨﻼ ﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩە... ﺧﯘﺩﺍ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ،ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻣﯩﻜﻪﻥ؟ ﯞﺍﻱ ﺑﯩﭽﺎﺭە...
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺧﯧﻠﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﭽﯩﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺯﯨﻴﺎﺑﻪﮒ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻣﯚﻛﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﻫﺎﯓ ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: ﻫﻪ ... ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ. ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﯗﻕ. ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﺯﺍ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻣﺎﻧﺎ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻛﯜﻟﯜﭖ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﻰ . ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﻣﻪﺗﯩﻦ ﻳﺎﺗﺘﯩﻤﯘ؟ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩەﭖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﺳﺎﻡ ﺑﻮﻻﺭ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎﺕ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻡ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻣﻪﺗﯩﻦ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ،ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ:
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 16 ﻣﺎﺭﺕ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﻪ
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
16 ﻣﺎﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻜﯩﺮﺗﻜﺎﯕﺪﺍ » : ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ « ﺩەﭘﺴﻪﻥ . ﻳﺎﻕ ،ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻻﻱ؟ ﺑﯩﺰ 23 » ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ « ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ،ﺋﻪﺗﻪ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ ﺩەﭖ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯗﻕ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ... ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺘﺘﻰ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﺎﺯﺩﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﺎﯞﺍﺗﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﭼﻮﯓ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﭘﺴﯩﻼ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﻏﺎﻣﻤﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ: » ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ « ﺩﯦﮕﻪﻥ.
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ،ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺷﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﺎ.
ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﺩﻯ . ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣ ﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻱ : ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ،ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻟﯜﻛﭽﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﺩەﺭﺩﻟﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻻ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ ،ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ . ﺟﺎﺯﺍ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ: » ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺩﺍﺩﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻱ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﻣﯧﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭ « ﺩەﭖ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯨﺪﯗ ،ﻳﺎﺷﺎﻧﻐ ﺎﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ » : ﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ ،ﻣﻪﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﯛﻡ ،ﺧﯘﺩﺍﻣﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻱ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ « ... ﺩەﻳﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺯﯨﻴﺎﺩە ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﺋﺎﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﻕ.
ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ: ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﻯ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺴﻪﻥ ﻫﻪ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ... ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻱ ﺩەﯞﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ،ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺑﯘﺭﯗﺗﻼ ﺭﻧﻰ ﭼﺎﭘﻼﭖ ،ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ،ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺭﻭﻟﻼﺭﺩﺍ ﭼﯩﻘﺴﺎﻕ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎﻕ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ،ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠ ﯜﻙ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭﺩە ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﭼﺎﭘﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪە ﺳﯧﺮﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪەﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﯞە ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯜﻟﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭە ،ﺗﯜﺯﻻ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎﻕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﺭﻭﻝ ﺑﺎﺭ . ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻤﮕﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﻣﺎﯕﺎ: ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻝ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺴ ﻪﻥ . ﺑﯘ ﺩەﻝ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﺏ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻝ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﯦﻤﯩﺮ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ،ﻣﯩﻨﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﺪﯗﻕ ،ﺳﻪﻫﻨﯩﺪە ﺭەﭘﯩﺘﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺭەﭘﯩﺘﯩﺲ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ ،ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﯧﻐﯩﯟەﺭﺳﻪ ،ﺋﯚﮔﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛ ﯧﺘﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺳﻪﻫﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻪﺭ ﺑﯘﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﺱ، ﺟﺎﯞﯗﺭ ،ﭼﯧﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞەﺗﺘﯘﻕ.
ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩ ﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﺪە ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺯەﻳﺒﻪﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ. ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭﺩە ﺯەﻳﺒﻪﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﯞەﺭﺳﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘ ﻰ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ،ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮەﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﺪە ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯەﻳﺒﻪﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﭼﯩﻘﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺑﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎ ! ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺯەﻳﺒﻪﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ.
ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺗﻮﺭﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﭙﯩﻠﺪﺍﭖ ﭼﯜﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﯞە ﺩﺍﺱ ،ﺟﺎﯞﯗﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺭەﭘﯩﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺑﯩﺰ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﺳﻪﻛﺮﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩە ،ﺳﻪﻫﻨﯩﻨﯩ ﯔ ﭘﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻏﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ.
ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﻣﺎﯕﺎ: ﺯەﻳﺒﻪﻙ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺳﻪﻛﺮﯨﻤﻪ . ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺳﯩﻠﯩﻖ ،ﻟﻪﺭﺯﺍﻥ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﺳﺎﻟﻤﺎﻕ ،ﺳﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺯەﻳﺒﻪﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﺎﻳﯩﻘﯩﻢ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯧ ﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ،ﺳﻪﻛﺮەﯞەﺭﻣﻪ ... ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻕ ﺗﯜﮔﯜﻝ ،ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﺎﻡ ،ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻢ ﻗﺎﻧﭽﻪ؟
ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﭽﻪ ﺳﻪﻛﺮەﯞﯦﺮﯨﭙﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ،ﻏﻪﺯەﭘﻠﻪ ﻧﮕﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﭼﯧﻠﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ . ﭼﯧﻠﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘﻣﯘ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻛﻪﭼﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺭەﭘﯩﺘﯩﺲ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩ ﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﻕ ،ﺳﻪﻫﻨﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﭘﻪﺭﺩە ﻳﻮﭼﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺯﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﺎﺗﺘﯘﻕ ،ﺯﺍﻟﻐﺎ ﺋﺎﺩەﻡ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﯘﭘﺘﯘ...
ﻫﻪﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪﯗﻕ . ﭘﻪﺭﺩە ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ » ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﺷﻰ « ﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯞە ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﺎ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪە
ﻗﯧﻠﯩﭗ » ،ﺑﯜﮔﯜﻥ 23 ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ « ﺧﻮﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ . ﺑﯩﺰ ﺯﺍﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ: ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻮﺭ؟ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺪﯨﻢ؟ ﻗﻮﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺧﻮﺭ ﻳﯩ ﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ؟ ﺩەﭖ ﻛﺎﻳﯩﺪﻯ.
ﻧﯚﯞەﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ ﺭەﺧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻮﭘﻜﯩﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﻮﭘﺘﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﺗﻨﯘﺳﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ،ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺵ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺮﯨﻤﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋ ﻮﺧﺸﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ . ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﭘﻪﺭﺩە ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ . ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮﻧﻰ ﭼﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ . ﻗﯩﺰﻻﺭ ﭘﻪﺗﻨﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘﭖ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺩەﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯘﺩﯗﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺑﻪﻛﺮەﻙ ﺳﻪﻛﺮەﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﻤﯩﻜﯩﻦ ﺗﺎﯓ ،ﺋﯧﮕﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﭘﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﻗﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ، ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪە ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﺍﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﭽﯩﻼ ﺗﯘﺭﯨ ﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ،ﺋﯧﺘﻪﻛﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺧﺘﺎﻱ ﻳﻮﭼﯘﻗﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺳﻪﻛﺮﯨﺪﯨﻢ . ﻗﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻫﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ،ﻳﻮﭘﻜﺎ ﺑﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﺳﻤﯘ! ﺑﯩﭽﺎﺭە ﻗﯩﺰ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪە ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺯﺍﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﻟ ﻜﻪ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ: ﭘﻪﺭﺩە ... ﭘﻪﺭﺩە ... ﭘﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ.
ﻗﯩﻴﻘﺎﺱ ﺳﯜﺭەﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﻪﺭﺩە ﻳﯧﭙﯩﻠﺪﻯ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﺪﻯ ،ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﺪﻯ.
ﮔﺮﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﯩﻨﻪﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﯓ ،ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻧﻪﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺭﻧﯘﻡ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﻠﯩﻢ ﺳﯜﺭﻛﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺟﯘﺳﻪﻳﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯘﺭﯗﭖ ﭼﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺑﯘﺭﯗﺕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﭼﯜﺷ ﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﯘﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ،ﺑﯘﺭﯗﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺪﻯ.
ﺩﯦﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﯩﻤﯘ ﻳﯧﻠﯩﻢ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﭼﺎﭘﻼﻧﺪﻯ . ﺩﯦﻤﯩﺮ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺑﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ . ﮔﺮﯨﻤﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯧﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺩﯦﻤﯩﺮﮔﻪ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻙ ﺗﺎﻗﺎﺵ ﻛﯧﺮەﻙ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻙ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻙ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﺴﯘﻥ؟ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻛﯚﺯەﻳﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﭘﻪﺧﻪﺱ ﺑﻮﻝ ،ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﺴﯩﺰ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭەﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ، ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﯦﻤﯩﺮ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﭖ ،ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﺮﻯ ﭘﻪﺗﻪﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ: ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭەﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﺭەﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ ،ﭘﻪﺭﺩە ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺳﻪﻫﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﯜﺳﯜﯞﺍﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯗﻕ.
ﺋﻮﻳﯘﻧ ﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯘﻕ . ﻣﻪﻥ » ﺋﺎﭘﺎﻡ « ﻏﺎ ،ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻨﻪﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻢ » ،ﺩﺍﺩﺍﻡ، « ﻳﻪﻧﻰ ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﺘﻪ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ . ﻣﺎﯕﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗ ﯩﻤﻪﻥ ﺩەﭖ ،ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻡ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ: ﺋﻪﻱ ﺭەﻫﯩﻤﺴﯩﺰ ! ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﺪﯗﻗﻤﯘ؟ ﺩەﭖ ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﯜﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ . ﻣﻪﻥ » ﺋﺎﭘﺎﻡ « ﻧﻰ ،ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻨﻪﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﯦﻤﯩﺮ ﻣﯩﻨﻪﻧﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻫﻪﭘﯩﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪە ﺑﯩ ﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ » ،ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ « ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﺎﻕ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ،ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ: ﺋﯘﺭﻣﺎ ! ﺋﯘﺭﻣﺎ ... ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ ،ﺋﯘﺭﻣﺎ ! ﺩەﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ ،ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺳﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ . ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﯘﻥ ﺩەﭖ ،ﺋﻪﺗﻪﻱ: ﻫﺎ ،ﻫﺎ ،ﻫﺎ ... ﺩەﭖ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﯜﻟﯜﭖ ،ﺋﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩەﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ! ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﺍﻟﺪﯨﻴﯘ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ » ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻘﺎ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻧﺎﯞﺍﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ، « ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭗ: ﺋﯘﺭﻣﺎ ! ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﻫﺎ ،ﻫﺎ ،ﻫﺎ!
ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ،ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﻪﻥ ﻣﯩﻨﻪﻧﻰ ،ﻳﻪﻧﻰ » ﺋﺎﭘﺎﻡ « ﻧﻰ ﺳﯚﺭەﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻱ ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ... ﺩﺍﺩﺍ ،ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ،ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍ...
ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺋﻪ ﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ: ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺍﯓ ،ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ ! ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ: ﻛﯩﻤﮕﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە... ﺳﺎﯕﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯛﻡ ﻳﻮﻕ... ﺗﺎﻣﻐﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﻣ ﺴﻪﻥ ،ﺩﺍﺩﺍ؟ ﺗﺎﺵ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗﻛﻰ ،ﺳﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ،ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ...! ﺳﯧﻨﻰ ﺗﯘﻏﻘﯩﭽﻪ ،ﺗﺎﺵ ﺗﯘﻏﺴﺎﻣﭽﯘ ... ﺩەﭖ ﺋﯩﻨﺠﯩﻘﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﻣﯩﻨﻪ.
ﻣﯩﻨﻪ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻤﯩﺮ ﭘﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ: ﻗﯧﻨﻰ ﺳﻪﻥ ،ﻧﻪﺩە ﺳﻪﻥ ؟ ﺩەﭖ ﻣﯩﻨﻪﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩەﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻨﻪ ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ: ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ ،ﺋﯚﻟﺪﯛﻡ ... ﺩﯦﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺩﯦﻤﯩﺮﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ: ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭ ! ﺩەﭖ ﻣﯩﻨﻪﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﺩﯨﻢ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺭﺩە ﻳﯧﭙﯩﻠﺪﻯ.
ﺳﻪﻫﻨﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺩﯦﻤﯩﺮﺩﯨﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﻤﯩﺮ: ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩ ﻤﻪﻥ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺑﯘ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﺘﻪ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭەﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﻳﺎ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﯘﺩﯨﺮ: ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺩﯦﻤﯩﺮ ﻛﯚ ﺯەﻳﻨﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺪە ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﺩە ﺧﺎﭘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ،ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺪە ،ﻣﻪﻥ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ، ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﯩﻢ . ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﯗﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯜﻛﯜﺭﯛﻛﻠﻪﭖ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻣﻤﯘ ﺗﯘ ﺭﻣﯩﺪﻯ . ﺋﯚﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻨﻰ ﻗﻮﺷﺘﯘﻡ:
ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺳﯚﻳﻪﻱ ،ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺩﺍﺩﺍ ... ﺩەﭖ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﺭﯗﺗﯘﻣﻨﻰ ﭼﺎﭘﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻡ » ،ﭘﯧﺸﻜﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻗﻮﺷﻼﭖ ﻛﻪﭘﺘﯘ « ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﯧﻠﯩﭗ ،ﺑﯘﻧﯩﻤﯘ ﺑﺎﻳﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﯗﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺩﯦﻤﯩﺮ » : ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﭼﺎﭘﻼ « ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺯﺍﺩﻯ ﭼﺎﭘﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺳﻮﻝ ﺑﯘﺭﯗﺗﯘﻣﻨﻰ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ،ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﺗ ﻮﻟﻐﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ: ﺳﯧﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﯛﻡ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ... ﺩەﯞﺍﺗﯩﺪﯗﻳﯘ ،ﻣﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﺗﻮﻟﻐﺎﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺗﯚﯞەﻧﺪە ﻛﯜﻟﻪ ﻛﯜﻝ...
ﺑﯘﺭﯗﺗﻨﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﯞەﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩە... ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ،ﺩﺍﺩﺍ ،ﺑﯘ ﺑﯘﺭﯗﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﺘﺘﯩﻢ ... ﺩەﭖ ﺑﯘﺭﯗﺗﯘﻣﻨﻰ ﻳﯘ ﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﺘﯩﻢ. ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯦﻤﯩﺮ. ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﺎﺯ ،ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺩﺍﺩﺍ ... ﺩﯦﺪﯨﻢ . ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﯩﻐﻼﭖ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ: ﻣﻪﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﯛﻡ ،ﺧﯘﺩﺍﻣﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻱ ... ﺩەﭖ ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﺪﻯ . ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﺴ ﺎﻡ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ . ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺷﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻠﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﯞﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﯚﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯚﻟﻤﻪﻣ ﺴﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،ﺩﯦﻤﯩﺮ ! ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﯨﻢ. ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺳﻪﻧﺪە ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻳﺴﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﻟﯩﻤﯩﺰ؟ ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﻯ ﺋﯘ. ﺳﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ،ﺳﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ ... ﺑﻮﻝ ،ﻳﯩﻘﯩﻞ ...! ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻤﯩﺪﻯ. ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﭽﯘ! ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯەﻳﻨ ﯩﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ... ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﻳﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ. ﺋﺎﺩﺍﺵ ،ﺗﻮﻻ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﮕﯩﻨﻪ ،ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺗﯜﮔﯩﺴﯘﻥ ،ﺭەﺳﯟﺍ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ... ﺩﯦﻤﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ: ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﯛﻡ ،ﺧﯘﺩﺍﻣﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻱ ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺯەﻳﻨﻪﻛﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﯞە: ﺋﻪﻣﺪ ﻯ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺪﯛﻡ ! ﺩەﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ » ﺩﺍﺩﺍﻡ « ﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻢ . ﭘﻪﺭﺩە ﻳﯧﭙﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺳﻪﻫﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ،ﭘﯘﺗﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺯﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯚﭘﯜﺭ ﺗﯚﭘﯜﺭ ﺑ ﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻣﻪﻥ ﺩﯦﻤﯩﺮﮔﻪ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ: ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺘﯩﯟەﺭﺳﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ،ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﻪﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﺩە ﺑﺎﺭ؟ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺪﯛﻡ ،ﺗﯘﺭﺳﺎﯓ ﺳﻪﻥ ﺗﯘﺭ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺑﯩﺮﻯ ﭘﯘﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﯚﺭەﭖ ﭘﻪﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﭘﻜﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﻯ ،ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ،ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺗﯜﮔﻪﺷﺘ ﯘﻕ ،ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ! ﺩەﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﻯ ﺩﯦﻤﯩﺮ.
ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺮﺍﭖ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
23 » ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ « ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯗﻕ . ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺩﯦﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻠﯩﻖ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺩﺭﺍﻣﯩﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮔﯜﺯەﻝ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ 1964 ﻳﯩﻠ ﻰ 24 ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺯەﻳﻨﻪﺏ:
ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﻮﭼﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﯘﺏ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯓ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩ ﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ . ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎﯓ ،ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ،ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﺪﻯ: ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺭەﺗﻠﯩﺴﻪﻙ ،ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟ ﻤﺎﺳﻤﯘ؟ ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ . ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯧﺘﯩﯖﺪە ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻘﺎ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﯨﯔ.
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺴﻪﻥ ،ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻳﻠﯩﻤﯘ؟ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﭘﺴﺎﯓ ،ﺳﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﭘﻮﭼﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮ ﻭﭘﯩﻼﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺭﺳﻪﻥ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺗﻮﺷﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ . ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪە ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎﻕ ،ﺑﯘ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘ ﻤﯩﺴﺎﯓ ،ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻞ . ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﺷﯘﻛﻰ : ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻳﻠﻰ ﺩﯦﺴﻪﯓ ،ﺑﯘﻧﻰ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎ . ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﯖﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺳﺎﻻﻡ ﯞە ﺳﯚﻳﮕﯜﻟﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ:
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸ ﯩﯔ : ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺑﺎﻱ
1964 ﻳﯩﻠﻰ 25 ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ،ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ:
ﺧﯧﺘﯩﯖﻨﻰ ﻫﯧﻠﯩﻼ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﯨﻢ ﯞە ﺷﯘﺋﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺭەﺗﻠﻪﭖ ﭘﻮﭼﺘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ.
ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩ ﭙﯩﯔ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ . ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﯖﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞەﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﯕﻼﺭ ،ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻣﺎﻧﻐﺎ ﺩەﺭﯨﺠﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ » ،ﺑﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ « ! ﺩەﭖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ... ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ،ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧ ﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞەﺗﺴﻪ ،ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﻪﻥ؟ ﻫﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺱ ﻗﻮﻳﺎﻳﻠﻰ . ﻣﻪﻥ ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﻤﻪﻥ . ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺱ ﻗﻮﻳﻐﯩﻦ.
ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ،ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻳﻠ ﻰ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ . ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞەﺕ . ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ... ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﻳﯧﯖﻰ ﺧﯧﺘﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﻪﻝ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﻮﻧﺎ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻗ ﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺰ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘﻕ . ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﯨﯔ ... ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟەﺗﺘﯩﻢ، ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ... ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ،ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﭘﻼﻧﺴﺎ ،ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﯞە ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯩﺰﻣﯘ ﯞەﻗﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﻗﯩﻠﯩ ﭗ ﻳﺎﺯﺩﯗﻕ ﺩە...
ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺩەﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﺗﺘﻰ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭﺩەﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ : ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﻳﯧﺰﺍ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ... ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯەﺷﺘﯩﻠﻪﺭ ... ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﯞە ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ... ﺩ ﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ،ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﺪﺍ ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﺩەﻙ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮ ﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺴﻪﻥ . ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺴﻪﻥ، ﻫﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞەﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﻤﺎ!
ﻣﺎﺧﺘﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ ،ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎﯕﻤﯘ ﻫﯧﭽﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ . ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﯨﯖﻐﯘ ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭ ﺍﺭﺳﻪﻥ.
ﺳﺎﯕﺎ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ . ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﻳﺎﻟﻘﯩﺮ 1964 ﻳﯩﻠﻰ 27 ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە
ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻛﺘﯘﺏ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ:
ﻳﺎﻕ » ،ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ « ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ.
ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪەﻙ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ . ﭘ ﯜﺗﯜﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ،ﺑﯘ ﺳﯚﻳﮕﯜﺩﯨﻤﯘ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ ،ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ، ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﯩﺰ ﯞە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﯞە ﺗﯜﺭﻙ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ،ﺭﯗﺱ ،ﻧﯧﻤﯩﺲ ،ﺋﻪﺭﻣﻪﻥ ،ﺟ ﯘﯕﮕﻮ ،ﺳﯩﮕﺎﻥ ... ﯞە ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﭖ ﺋﯚﻳﻪﻱ . ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ، ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺑﻪﺷ ﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻛﯚﭖ ﯞە ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻫﻪﻣﺪە ﺧﺎﺗﺎﺳﻰ ﺋﺎﺯ ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ. ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ،ﺋﯩﻤﻼ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﯖﻼﺭ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﯞە ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯖﻼﺭ . ﭼﯜﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ : ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﭼﻮﯕﺎﻳﻐﺎﻧﺴﯧ ﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ،ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﯩﻴﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺴﯩﻠﻪﺭ.
ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ ،ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻫﻪﭘﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻢ . ﺑﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩ ﺪﺍ ﮔﻮﻳﺎ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯩﺰ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭ ،ﺋﯘﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯘﯕﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠ ﻪﻥ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ﯞە ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩەﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻫﻪﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮەﻱ . ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪە ﺩەﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ
ﭼﻮﯕﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻳﻪﻧﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺯەﻳﻨﻪﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ.
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩەﻙ ،ﻣﻪ ﻧﻤﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﻫﻪﻗﯩﻴﻘﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﯕﻼﺭ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨ ﻤﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭﺩەﻙ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﺪەﻙ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻛﻤﯘ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴ ﯩﻤﯘ : ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩەﻙ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩەﻙ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯛﻣﺪەﻙ ﭼﻮﯓ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺪﯨﻢ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ،ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩﯨﻦ ﺳ ﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ.
ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.
ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨ ﻢ.
ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﻪﺳﯩﻦ 1967 ﻳﯩﻠﻰ 14 ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ،ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە