www.uyghurweb.net
ﻣﯘﺳﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻰ
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ www.uyghurweb.net ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻤﺎ ۋەﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ۋە ﺩﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺳﺎۋﺍﺑﯩﻨﻰ -ﺑﯩـﺮﻯ ﭘﻪﺭﻏـﺎﻧﻪ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﺪە ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺭﯗﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷـﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋـﯘﭼﺮﺍپ ﻗﯘﺭﺑـﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ 28ﻳﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺋﯘﻛـﺎﻡ ﺋﻪﺑـﺪﯗﻟﻐﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺭﻭھﯩﻐﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﺪە ﺗﯜﺭﻣﯩﺪە ﻛﺎﻣﺎﺭ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ 25ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺷـﯧﻬﯩﺪﻟﯩﻚ ﺷـﻪﺭﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﻬﯩﺪﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯘﻛﺎﻡ ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳـﯩﺪﺩﯨﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧــﻰ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻛــﯚﺯﯛﻡ ،ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨــﺸﯩﻢ ،ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺟﯩﮕﯩــﺮﯨﻢ ،ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘــﻰ ،ﺑﻪﺧــﺖ ﮔــﯜﻟﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﺳــﺘﺎ ﻛــﯚﺯﻯ ﻳﯘﻣﯘﻟﻐــﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨــﺮﺩﺍﻥ ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩــﯔ ﺋﻪﺯﯨــﺰ ﺭﻭھﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﺑﯧﻐﯩــﺸﻼﻳﻤﻪﻥ .ﺑــﯘ ھﻪﺩﯨــﻴﻪﻡ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺩەﺭﮔﺎھﯩﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ،ﺋﺎﻣﯩﻦ! ﺋﻪﻱ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩـﺮﯨﻢ ،ﺟـﺎﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭﻟﯩـﺮﯨﻢ ،ﻗـﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷـﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺋﺎﺗـﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻣـﺪﯨﻦ ﻳﺎﺩﯨﮕـﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻢ! ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼھ ﺋﯚﺯ ﺭەھﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ .ﺋـﺎﻟﻼھ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺳـﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴـﺎﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﯨﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛـﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ۋە ﺋﻮﺭﯗﺳــﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺟــﺎﻧﯘ -ﻣــﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑــﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ،ﻗــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩــﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺷــﯧﻬﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ،ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭھﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ: ﺋﻪﻱ ﺷﯧﻬﯩﺪﻟﻪﺭ! ﺋﻪﻱ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻜﻠﻪﺭ! ﺋﻪﻱ ﺋﯚﺯ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ !!! ﺋﺎﺗﺎ -ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭھﻰ ﻳﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﯕﻼﻏﺎ ﺳﯚﻳﺴﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴـﺪﯗ .ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﯩـﺪﺍﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭھﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩـﺴﻪ ،ﺳـﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﺳﯚﻳﯜﻧـﺴﻪ ﺋـﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﯧﺸﯟﺍﺳﻰ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﯨﻲ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻪﻟـﻼﻣﻪ ﺭەﺷـﯩﺪﯗﺩﺩﯨﻦ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﯨﻲ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﻪ ﺳــﯜﺭﻟﯜﻙ ۋەﺯﯨــﺮﻟﻪﺭ ،ﺩﺍﻧﯩــﺸﻤﻪﻥ ﻣﯘﺷــﺎۋﯨﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﺮﺍھﻠﯩﻘﯩــﺪﺍ ﻳﯜﺳــﯜپ ﺧــﺎﺱ ھﺎﺟﯩــﭗ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻖ ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺭﻭھﻰ ﻳﻪﺋﻘﯘﺏ ﺑﻪگ ﻳﻮﺳﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﺎﻟـﺪﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘـﺴﺎ ﻳﺎﺭﯨـﺸﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺭﺳـﻼﻥ ﻳﯜﺭەﻛﻠﯩﻚ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭ! ھﻪﻗﻘﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺋﺎﺯ .ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩـﺪﯨﻦ -ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﺳـﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﻟـﺴﺎﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋـﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﺋﻪﻱ ﺗﯩﺮﯨــﻚ ﺋﯚﻟــﯜﻛﻠﻪﺭ! ﺋﻪﻱ ﺷــﯧﻬﯩﺪﻟﻪﺭ! ﺳــﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﻤﯩــﺪﯨﯖﻼﺭ ،ﺳــﯩﻠﻪﺭ ھﻪﺭﭼــﺎﻍ ﺗﯩﺮﯨﻜــﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﻳﺎﺗﻘــﺎﻥ 1
www.uyghurweb.net ﻳﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪھﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺷـﺎﺩ -ﺧـﯘﺭﺍﻡ ﻳﺎﺷﺎۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗﺭﺳـﯩﺰﻟﻪﺭ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩــﺰ )ﺋــﺎﻟﻼھ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺭەھــﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠــﺴﯘﻥ( ﺋﻪﻱ ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﺷــﯧﻬﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻢ ،ﺩەپ ﺳــﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋــﯚﺯ ﻗــﯘﭼﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﯗﺭ» .ﺋﺎﻟﻼھ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺷﯧﻬﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺩەپ ﮔﯘﻣـﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩـﻦ ،ﺑﻪﻟﻜـﻰ ﺋـﯘﻻﺭ ﺗﯩﺮﯨـﻚ ﺑﻮﻟـﯘپ، ﺋــﺎﻟﻼھ ﻧﯩــﯔ ﺩەﺭﮔﺎھﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨــﺰﯨﻘﺘﯩﻦ ﺑﻪھــﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﺪﯗ) ﻳﻪﻧــﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﯩــﮕﻪﻥ- ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺭﯨﺰﯨﻘﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ ﺗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ( « )ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ -129ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺋﻪﻱ ﺷﯧﻬﯩﺪ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺷﯧﻬﯩﺪ ﻗﻪﺑﺮەﯕﺪﯨﻦ ﻏﻪﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪ، ﺷﯘ ﺗﺎپ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﺋﺎﭼﺘﻰ ،ﻳﯜﺭ ،ﺋﻪﻧﻪ. » ﺋﺎﻛﯩﻒ ﺑﯧﻚ « ھﻪﺩﯨﻴﻪ ﺋﺎﻟﻼھ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﺯ ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛﯩـﻴﮕﻪﻥ ،ﺷـﺎھﺎﺩەﺕ ﺷـﻪﺭﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩـﺸﻜﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ،ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑـﯘ ﻛﯩﺘـﺎﺏ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ھﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩـﺸﯩﮕﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻐـﺎﻥ ،ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩـﺰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯩـﺮ ﻳﺎﺩﯨﮕـﺎﺭﺩﯗﺭ. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺒﺮەﺕ ،ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺗﯚھﭙﯩﺴﻰ ،ﺋﯩﺒﺮەﺕ ﺳﻪھﻨﯩﺴﻰ ،ﺑﺎﺑﯩﻼﺭ ھﻪﺩﯨﻴﻪﺳﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ھﻪﺩﯨﻴﻪ ﺋﺎﺗـﺎ -ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺩﯨـﻦ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺗـﯚﻛﻜﻪﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ،ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺟـﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮔﻪۋﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ھﻪﻳـﻜﻪﻝ ،ﺟـﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﻛـﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺑﯩـﺮ ﺷـﺎھﯩﺖ ،ﺋﯩﺒﺮەﺗﻨـﺎﻣﻪ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮە ،ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﺎﺑﯩﺪە ﺑﯘﻟﻤﯩﺶ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﺪﯗﺭ. ۋەﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻛﯚﻧﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺳﻪۋەﺑﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻤﻪﺱ ﺋﯩﻼﺟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺎ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ ﭼﯩﺪﺍﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻧﺎھﻪﻕ ﻛﯜﻧﮕﻪ ۋەﺗﻪﻥ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯗﻟﻤﯩﻠﻪ ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﻗﺎﻥ ،ﭼﻪﻣﻪﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩــﯔ ﻏﻪﻳــﺮەﺕ -ﺷــﯩﺠﺎﺋﯩﺘﻰ ،ﻗﻪھﺮﯨﻤــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ۋەﺗﻪﻧﭙﻪﺭۋەﺭﻟﯩﻜــﻰ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭۋەﺭﻟﯩﻜــﻰ، ﺩﯨــﻦ ۋە ﺩﯨﻴــﺎﻧﯩﺘﻰ ،ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮ -ﻗﯩــﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﻣﯘﺳــﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩــﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐــﺎ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻟﻼھ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻬﺎﺩﺗﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭ. .2ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳــﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐــﺎ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤــﯘ ﺑﻪﺵ -ﺋــﻮﻥ ﺋﻪﺳــﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳــﺎﻥ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺗﯘﺗﯘۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻳــﻮﻝ -ﺳﯩﻴﺎﺳــﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ،ھﯩــﻴﻠﻪ -ﻧﻪﻳﺮەﯕﻠﯩــﺮﻯ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺯﺍﻣــﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﯩﻨﭽــﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﺋﻮﻳﻨـﺎپ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﺋﻮﻳـﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺋـﺎﺯ -ﺗـﻮﻻ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩـﭗ ،ﻳﯧﯖـﻰ ﺋﻪۋﻻﺩﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨـﺪﺍ
2
www.uyghurweb.net ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﭘﺘﻰ -ﺑﻪﺷﯩﺮﯨـﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩـﭗ ﺗﺎﺷـﻼﺵ ،ﺩﯨـﻦ ھﻪﻡ ۋەﺗﻪﻥ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﺪە ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯘﺭ. .3ﺩﯨﻨﯩــﻲ ﻣﻪﺟﺒــﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺑــﯘﺭﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻻﻳﯩﻘﯩــﺪﺍ ﺋــﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩــﻲ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯜﺭەﺷﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ھﺎﺩﯨـﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ،ﺑـﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩـﺸﻠﯩﻖ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧـﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ،ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﺎھﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ ،ﺋﻮﻣـﯘﻣﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ،ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳـﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﯨﻨﯩـﻲ ﺋﻪﻗﯩـﺪﯨﻤﯩﺰ ،ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻣﻪﭘﻜـﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﻛﯜﺭەﺷـﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻏﺎﻳﻪ -ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ،ﻛـﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩـﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗـﯘﺭ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳـﻰ .ﺋﻪﺳـﻪﺭﺩە ﺳـﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﻐـــﺎﻥ ﻧﯘﻗـــﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳـــﯩﺘﯩﭗ ،ﺧﺎﺗـــﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯەﺗﻜـــﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩـــﭗ ﺋﺎﻟـــﺪﯨﻦ ﺋـــﯚﺯ ﺗﻪﺷـــﻪﻛﻜﯜﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. »ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ« ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ -2ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ﺋﻪﺯﯨﺰ ۋە ﻣﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ -1ﺑﯚﻟﯜﻣﯩـﺪە ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ،ﺩﯨـﻦ ﺩﯛﺷـﻤﯩﻨﻰ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺩﯛﺷـﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺭﯗﺳـﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗـﺎ -ﺑـﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻥ ﻧﻪﭼـﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﺎھ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘﺵ ۋە ﮔﺎھ ﻏﺎﻟﯩـﺐ ﺑﻮﻟـﯘﺵ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ 300ﻳﯩﻠـﺪﯨﻦ ﺋـﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻕ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩـﻖ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺳـﻪﺭﻛﻪﺭﺩە- ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐــﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷــﻠﻪﺭﺩە ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﭘــﺎﻻﻛﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭼــﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ -19ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷـﻼﻧﻐﺎﻥ ﺭﯗﺱ ﺋﯩـﺴﺘﯧﻼﺳﻰ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ -20ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎۋۋﺍﻟﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﺭﯗﺱ ﺯﯗﻟـﯘﻡ -ﺯﻭﺭﻟـﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﺯﻣـﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩـﺮ ﻗـﯘﺭ ﺑﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺷــﯘ ﻗﺎﺗــﺎﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﻏــﺎﻧﻪ ﭘــﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﻯ ،ﺷــﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﻧــﯟەﺭ ﭘﺎﺷــﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩــﺸﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋــﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐــﺎ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ )ﻛﯜﺭەﺷــﭽﯩﻠﻪﺭ( ،ﺋﯩﻠﻐــﺎﺭ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷــﺘﯘﺭﯗپ ﺭﯗﺱ ﺑﺎﺳــﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻗــﺸﺎﺗﻘﯘچ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩــﺮﻯ ھﻪﻣــﺪە ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ﭘﺎﺋــﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋــﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺑــﯘ ﺗﯧﻤﯩــﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐــﺎﻥ ،ﻧﻪﺷــﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ،ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﻪﺳــﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﯩﻠــﻰ ﻛــﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘــﺎ ،ﻣــﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗــﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩــﻖ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟﻤﯩــﺴﯘﻥ ،ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗــﺴﻪﺗﺘﻪ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺑﯘﺧــﺎﺭﺍ ۋەﻗﻪﻟﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھ ﺭەﺟﻪپ ﺑﺎﻳــﺴﯘﻧﻨﯩﯔ -1945ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩـﺮﻯ« ﻧـﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐـﺎ ،ﺳـﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐــﺎ ﺋﺎﺋﯩــﺖ ھﺎﺩﯨــﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨــﺸﯘﻧﺎﺱ ﺯەﻛﯩــﻲ ۋەﻟﯩــﺪﯨﻨﯩﯔ -1969ﻳﯩﻠــﻰ ﺋﯩــﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺑﯧــﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐــﺎﻥ »ﺧــﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻢ« ﻧــﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐــﺎ ھــﺎۋﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ،ﻗﯘﻣــﯘﻝ ،ﻗﺎﺭﺍﺷــﻪھﻪﺭ ،ﺋﺎﻗــﺴﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﭘـﻮﻻﺩ ﻗﺎﺩﯨﺮﯨﻴﻨﯩـﯔ »ﺋـﯚﻟﻜﻪ ﺗـﺎﺭﯨﺨﻰ«ﻏـﺎ ،ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﻗـﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺋﺎﺋﯩـﺖ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑـﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﭘﻪﺳـﺴﻪﻝ ﻣﻪﻧـﺒﻪ ھﯧـﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩـﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍﻧﯩـﯔ ھﯩﺠـﺮﯨﻴﻪ -1971 ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﺩە ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼﺏ ﺗـﺎﺭﯨﺨﻰ« ﻧـﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐـﺎ ھـﺎۋﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﯘﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺳﻪھﻨﯩـﺴﯩﺪە ﻛـﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩـﻚ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩـﻚ ھﺎﺩﯨـﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺯﯗﻟـﯘﻡ -ﺳـﯩﺘﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﯩـﺮﻯ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭﻟـﯘﻕ -ﺯﻭﻣﺒﯘﺭﻟـﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺴﯩﺪە ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐـﺎ 3
www.uyghurweb.net ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﺩﯗﭘﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛـﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼﺏ ،ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻛـﯜﺭەﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ،ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎﻟﻼھ ﻳﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻥ ﺟﯩﻬــﺎﺩﻟﯩﺮﻯ ،ﺑــﯘ ﻳﻮﻟــﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳــﯩﺰ ﻗﻪھﺮﯨﻤــﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﻪﻗــﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣــﺪە ﺑــﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺪﯨﻜﻰ ﻛــﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩــﺰ ﺑﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﺪﯗ .ﺑــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨــﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻗــﺴﻪﺕ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺗــﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩـﺮ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﺘـﺎ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷـﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩەﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴـﺎ ﺋـﺎﺭﺍ ﺗـﺎﻻﺵ -ﺗـﺎﺭﺗﯩﺶ ﺗﯧﻤﯩـﺴﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺑـﯘ ﺯﻭﺭ ﭘـﺎﺟﯩﺌﻪﮔﻪ ﺩﯗﭼـﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﻐﺎ ﺳــﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﭘــﺎﻻﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﺑﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﺸﺘﯘﺭ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ،ﺷــﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺗــﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﺗﯩـﻦ ﻣﯩﯖـﻼﺭﭼﻪ ﻳﯩـﻞ ﺑـﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺋـــﯘﺭﯗﺵ ھﺎﺩﯨـــﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎۋﺳـــﯩﺰ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩـــﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﻜـــﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠـــﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗـــﺎﺭﯨﺦ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭ .ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺗـﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﺗﯩﻦ 2700ﻳﯩﻞ ﺑـﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼـﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷـﻼﺭﺩﺍ ﻛـﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺗـﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﻏﺎﻟﯩـﺐ ،ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﻏﻠــﯘپ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ .ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛــﺮﺍﺭ ﻣﻪﻏﻠــﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﺪﯨــﺸﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ﺧﺘــﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﻏﻠــﯘﺑﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳــﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ھﯩــﻴﻠﻪ -ﻧﻪﻳﺮەﯕﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺳــﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩــﺴﯩﺪە ﻣﯩﻼﺩﺗﯩــﻦ 100ﻳﯩــﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺋﻪﮔﯩـﺸﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯩﻨﭻ ،ﺑﺎﺭﺍۋەﺭ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﻗﻮﺷـﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ھﻪﻣـﺪە ﻳﺎۋﺭﻭﭘـﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩـﺮﻯ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤـﺎﻱ ،ﻳﯧﻘﯩﻨﻘـﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗـﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﺟﻪڭ -ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷـﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳـﺎﻧﻰ ﻳﻮﻗﺘـﯘﺭ .ﻧـﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘﺭﯗﻧـﺪﯨﻦ ﻣﻪۋﺟﯘﺩﺗـﯘﺭ .ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩـﺰ ﺑﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳـﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ )ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻮﺳﻤﯩﺴﻰ( ﺑﯘ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺳــﺎﻟﻨﺎﻣﻪﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣــﺪﯗﺭﻛﻰ ،ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩــﺪﺍﺭ ﺧــﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻛﯚﭘﺘــﯘﺭ .ﺑﻮﻟــﯘپ ﺋــﯚﺗﻜﻪﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ ﻗــﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ .ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﻗـﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻗﺘﯘﺭ .ﻗﻪﻟﯩﻤـﻰ ﻛﯜﭼﻠـﯜﻙ، ﺑﯩﻠﯩﻢ -ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﺯﯨﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺑـﺎﻱ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ھﻪﺭﻗـﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠـﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋـﯘﻧﻰ ﻻﻳﯩﻘﯩـﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ. ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴـﺎﻟﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻣـﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺑﻮﻻﻟﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ .ﺷﯘﯕﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩـﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﻗﻪﻟﻪﻣـﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﺑﻪﻟﻜﯩـﻢ ﭘﺎﻳﺪﯨـﺴﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗـﺎﻻﺭ .ھـﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧـﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﺎﺗﺘﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻣـﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟـﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻣﯘﻧـﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭼﻘﯘچ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧـﺪەﻙ ،ﺑـﯘ ﺋﻪﺳـﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﯩﮕﻪﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ھﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ۋﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯗﺭ. ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋﻪﺩﯨـﺐ ھﻪﻡ ﻳﺎﺯﻏـﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ۋە ھﻪﻡ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩـﻚ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷـﻠﻪﺭﮔﻪ ،ﺗﯩﻠـﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ھﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟـﺪﯨﻦ ﻳﯩـﺮﺍﻕ ﺋﯩـﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺷـﯘﯕﺎ ﺋـﺎﻗﯩﻠﻼﺭ ﺑـﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺪﺍ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻴﺘﻘـﺎﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ: »ﻛﯩﺘــﺎﺏ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻥ ﺋــﺎﺩەﻡ ﻧﯩــﺸﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩــﺪﯗ« ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﻏﺎﻧــﺪﺍ ،ﺋــﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨــﺪە ﺑــﯘ ﭘــﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯚﺩەﻛﻠﻪﺭ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﭼـﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪۋﻗﯩﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺳـﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨـﭗ، ﺑﺎﺑﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ۋەﺗﻪﻥ ﺋـﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺪﻯ .ۋەﺗﻪﻧﻨﯩـﯔ ﺋﺎﺳﺎﺭەﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺑﯩـﺰ ﺋـﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗـﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩـﺪﯗﻕ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﺋـﯘ 4
www.uyghurweb.net ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﻛــﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩــﺰ ﻳﻪﺗﻤﯩــﺴﻪﻙ ﺳــﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳــﯩﺰﻟﻪﺭ ﺩەپ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳــﻰ ﻧﻪﺳــﯩﻞ -ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏــﺎ ﺋﺎﺗــﺎپ ﺋﯚﺗﻤــﯜﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ھﻪﺩﯨﻴﻪ ﺳﯘﻧﯘﻟﺪﻯ. ﺩﺍﺩﯨﻢ ﺗﯩﺮﺍ ﺋﻪﺯ ﮔﻪﻧﺠﻰ ﻣﻪﻗﺴﯘﺩﻯ ﻧﯩﺸﺎﻥ، ﮔﻪﺭ ﻣﺎ ﻧﻪﺭەﺳﯩﺪﯨﻢ ﺗﯘ ﺷﺎﻳﻪﺩ ﺑﯩﺮەﺭﺳﻰ. ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩــﺴﻰ :ﺑﯩــﺰﻟﻪﺭ ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻤﯩﺰﻏــﺎ ﻳﯧــﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻗﻤﯘ ،ﺳــﯩﺰﻟﻪﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳــﯩﺰﻟﻪﺭ ،ﺩەپ ﺳــﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣــﯘﺭﺍﺩ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤــﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺗــﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ھﻪﻗﯩﻘﯩــﻲ ﭼﯧﻬــﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩــﺴﺎ ،ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩــــﯔ ﺳــــﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳــــﺪﯗ -ﺩە ،ﺩﯛﺷــــﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟــــﯜﻙ ﺋﻮﻳــــﺪﯗﺭﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﻳﺎﻟﻐــــﺎﻥ ﺩەۋﺍﻟﯩــــﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩــﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻛــﺮﺍﺭ ھﯚﻛــﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻼﻳﺪﯗ ،ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰ ھﻪﻡ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﻧﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﺷﯘﺗﺎپ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﻧﺴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩەﻙ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳـﻮﺋﺎﻝ ﻛﯧﻠﯩـﺸﻰ ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺑﯩـﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎۋﺍﺑﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻛﻰ :ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪۋﻻﺩﻻﺭ ﺋﺎﺗـﺎ -ﺑﺎﺑـﺎﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷـﺘﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﻮﺭەﻛﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗﺭ .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺷـﻘﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗـﯜﺭﻣﯩﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨـﺪﯗﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺳﯧـﺴﯩﻖ ﻧﻪﺯەﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ھﺎﻟﻐـﺎ ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﯛﺵ ،ﺋـﯘﻧﻰ ﻣﯘﺳـﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ،ﻣﻪﻧﯩـﯟﻯ ﺧـﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪھﻜﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻏﻪﺭەﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑـﯘ ھﺎﻟـﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ -ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯘﺧﻼپ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) .ﺋﺎﻟﻼھ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯘﻥ( ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷـﯘپ ﭼﯩﻘﯩـﺶ ﻣﯘھﯩﻤـﺪﯗﺭ .ﺋﻪﺭەﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩـﺴﻰ ﺋﯩﺒﻨـﻰ ﺧﻪﻟـﺪﯗﻥ ﺗـﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﭼﯜﺷـﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ» :ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ۋﺍﻗﯩـﭗ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺳﯩﺮﻻﺭ ﺩﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻨﻰ ﺋـﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧـﺮەﻙ« .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ ،ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ۋەﻗﻪﺳﻰ ،ﺧﻮﻗﻪﻧﺪ )ﻗﻮﻗﻪﻧـﺖ( ﻣﯘﺧﺘـﺎﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﻳـﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩەھــﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺷــﻼﺭ ،ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ھﯩﻴﻠﯩﻠﯩــﺮﻯ ۋە ﺋﯘﻧــﺪﺍ ﺗﯚﻛــﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗــﺎﻧﻼﺭ ،ﺧــﻮﺗﻪﻥ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩـﺪە ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﻪۋﺭﯨﺘﯩﻠﯩـﺸﻰ ﻻﺯﯨﻤـﺪﯗﺭ .ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺯﯨﻴــﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺑــﯘ ﺑﯘﺭﭼﻨﯩــﯔ ﻣﻪﺳــﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭ .ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻤــﯘ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﺘﺎ ﺋــﯚﺯ ﻣﻪﺳــﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ھــﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻨﻤﻪﻥ .ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﻪۋﺭەﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺭ ۋە ﺋﻪﺩﯨﺒﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ھﻪﻗﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘـﺎ ھﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺋـﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋـﯚﺯ ﺩﯨﻨـﻰ ،ﺋــﯚﺯ ۋەﺗﯩﻨـﻰ ،ﺋـﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗـﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺗﻪﻗـﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮەﺭ ﻏﻪﺭەﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺑﯩﺮ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ،ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﺲ ،ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺋﯧﻴﺘﻤـﺎﻳﻠﻰ، ﺋﯘ ھـﯧﭻ ﻗﺎﭼـﺎﻥ ﺋـﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘـﻰ ،ﺋـﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩـﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨـﻰ ﺗﺎﺷـﻼپ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺑﯩـﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗـﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯩــﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩــﺴﻪ ﺋــﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﯩﻤــﯘ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩــﻚ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﺩە ﺋﯩــﺸﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯩــﺮ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺩەﺭﯨﺠﯩــﺪە ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷــﻠﯘﻕ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩــﻚ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﺗــﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩــﺮ ﻓﺮﺍﻧــﺴﯘﺯﻧﻰ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩــﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳــﺘﯜﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﻧـﯧﻤﯩﺲ ھﻪﺭﻗـﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩـﻚ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎۋﺳـﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﻳـﺎﻛﻰ ۋﯦﻨﮕـﺮﯨﻴﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗـﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻧـﯧﻤﯩﺲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﺭﯗﺱ ھﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩﻲ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺩﯗﻧﻴـﺎۋﻯ ﺑﯩﻠﯩﻤـﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻳﺎﺯﻣﺎﻳﺪﯗ .ﺧﯘﻻﺳـﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧـﺪﺍ، ھﻪﺭ ﻣﯩﻠــﻠﻪﺕ ﺋــﯚﺯ ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋــﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩــﺪەﻙ ،ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋــﯚﺯ ﻻﻳــﺎﻗﯩﺘﻰ ۋە ﻣــﺎھﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ 5
www.uyghurweb.net ﺗﯜﺭﻛﯩـــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﺎﺯﯨـــﺪﯗ .ﻛﯧـــﭙﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩـــﭗ ﺋﺎﺗﻘـــﺎ ﻣﯩـــﻨﮕﻪﻥ ﭘﯩـــﺪﺍﺋﯩﻲ ﺷـــﯧﻬﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩـــﺸﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘـﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳـﯩﻴﺎ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳـﻰ ،ﺟﯜﻣﻠﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳـﻰ ﺑﺎﺭﭼﯩﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳــﯩﺪﯗﺭ .ﺗــﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﻧــﺎ ﻳــﯘﺭﺗﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ،ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺟــﺎﻥ -ﺟﺎﻧــﺎﻧﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ،ۋەﺗﯩﻨــﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺷــﯘ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ ،ھﻪﻗﯩﻘﯩـﻲ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﺎﺳـﺎﺱ ﻳﺎﺭﺍﺗـﺴﺎ ،ﺑـﯘ ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﭽﻪ ﻏﻪﻳﺮەﺕ -ھﯩﻤـﻤﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗـﺴﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺑـﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳـﯩﺪﯗﺭ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ،ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋـﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳـﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩـﺪﯗ ،ﺋـﯚﺯ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋـﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﯨـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩـﺪﺍﻛﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺗﻠـﯘﻕ ﻧـﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩـﺰﺯەﺕ -ﺋﯧﻬﺘﯩـﺮﺍﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻐﯘﻏﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘـﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﯩﭙﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩـﺪﯨﻦ، ﭘﯜﺗﻜــﯜﻝ ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﯨﻦ ﻳﻮﺷــﯘﺭﯗپ ﻗــﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛــﯚپ ﻏﻪﻳــﺮەﺕ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺋــﯘﻻﺭ ھﻪﺩﯨــﺴﻪ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺯﻭﺭ ﺩەھﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘـﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩـﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻼ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ .ھـﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺑـﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘـﺎ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺩەﻡ ﭼﯚﭼﯜﮔــﯜﺩەﻙ ﺩەھــﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘــﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭ ﺗــﺎﻻﻳﻼپ ﺳــﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺋــﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪۋﻻﺩ -ﻧﻪﺳــﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺗﯧﮕﯩــﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺒــﺮەﺗﻠﻪﺭ ،ﻣــﯘھﯩﻢ ﺩەﺭﺳــﻠﻪﺭ ﺑــﺎﺭﺩﯗﺭ .ﺋﻪڭ ﺋﯧﭽﯩﻨــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧــﺮﻯ ﺷــﯘﻛﻰ ،ﭼﯩــﻦ )ﺟﯘﯕﮕــﻮ( ﻟــﻮﻗﻼﺭ ۋە ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻧﺪﯨﺨﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰ ،ﭘـﺎﺟﯩﺌﻪﻣﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ -ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﯚﺗﺘﻰ -ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺑﺎﺳـﺘﻰ -ﺑﺎﺳـﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩـﯔ ﺑـﯘﺭﺟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩـﭗ ﺗﺎﺷـﻼﻧﺪﻯ ،ھﻪﻕ ۋە ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎۋﺍﺯﻯ ﺑﻮﻏﯘﻟﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤـﺎﻱ ،ھﻪﻗﯩﻘﯩـﻲ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰ ﻛـﯚﺯ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺟــﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﻪۋﺩﯨــﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘــﺎ .ﺑــﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨــﻰ ﺑﯧــﺸﯩﺪﺍ ﺋﻪﻗﻠــﻰ -ھﻮﺷــﻰ ﺑــﺎﺭ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳــﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗــﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﺘﯩﻦ ﻳﻮﺷــﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﻘــﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺋﯘﻧــﺪﺍﻗﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩــﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗپ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻳﺎﺳﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﺗﻘﯩﻦ ﭘﯜﺗـﯜﻛﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩـﺴﯩﺖ! ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧـﺎﺋﯩﻦ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺴﯩﺖ! ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ﺳــﺎﻟﻨﺎﻣﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩــﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧــﺪﺍ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜــﻰ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺋﻪﺳــﯩﺮ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺧﯩﺘــﺎﻱ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷـﻼﺭ 42ﻗﯧﺘﯩﻤﻐـﺎ ﻳﻪﺗـﻜﻪﻥ .ﺷـﯘ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩـﺪﺍ ﮔﯩـﺰﻯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ھـﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ،ﺯﯗﻟﯘﻣﻐـﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐـﺎﻥ ،ﺋـﯚﺯ ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷـﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮔـﺎھﻰ ﻏﺎﻟﯩـﺐ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﮔﺎھﯩـﺪﺍ ﻣﻪﻏﻠـﯘپ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻧﺎھﺎﻳﻪﺕ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ -1865ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺏ ﺑﻪگ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺋـﺎﻟﺘﻪ ﺷـﻪھﻪﺭﺩە 15ﻳﯩـﻞ ھﯚﻛﯜﻣـﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﻮﺳـﯘﻧﺪﺍ ﻗﻮﻏﺪﯨـﺪﻯ .ﻳـﯘﺭﺗﻨﻰ ﺭەﺯﯨـﻞ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘــﯘﺯﺩﻯ .ﺋــﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳــﻪﺗﺘﻪ ،ﺋــﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺘﻪ ھﻪﻣــﺪە ﺋﯩﻤــﺎﺭەﺗﺘﻪ ﺗﻪھــﺴﯩﻦ -ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻨﻼﺭﻏــﺎ ﻻﻳﯩــﻖ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘ »ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗـﺎﻕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﺷـﯚھﺮەﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧـﺪﻯ .ﺷـﯘ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐـﺎﻥ ﺟﻪﯕــﻠﻪﺭﺩە ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﻛــﺮﺍﺭ ﻣﻪﻏﻠــﯘپ ﺑﻮﻟــﯘۋەﺭﺩﻯ .ﺋــﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋــﯘﻻﺭ ﺋــﯚﺯ ﺋــﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﻛــﯚﺭە ،ﻳﻪﺋﻘــﯘﺏ ﺑﻪﮔــﻜﻪ ھﯩــﻴﻠﻪ- ﻧﻪﻳــﺮەڭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩــﻞ ﺗﯘﺭﻣــﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩــﺪە ﺧــﺎﺋﯩﻦ ،ﺟﺎﺳﯘﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗــﻮﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﻪﺋﻘــﯘﺏ ﺑﻪﮔــﻜﻪ ﺯەھﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﻪﺭﺑﻪﺕ ﺋﯩﭽﯜﺭﯛپ ﺷﯧﻬﯩﺪ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ -1878ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺏ ﺑﻪﮔﻨﯩـﯔ ﻳﯘﻟﺘـﯘﺯﻯ ﺋﯚﭼﺘﻰ. ﻳﻪﺋﻘﯘﺏ ﺑﻪگ )ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ( ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﯚھﭙﯩﻠﯩﺮﻯ 6
www.uyghurweb.net
ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩـﺮﻯ ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮﺧـﺎﻥ ﺗـﯚﺭەﻡ -1853ﻳﯩﻠـﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺗﻪﺧـﺖ ۋﺍﺭﯨـﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﯘﺯﺭﯗﻛﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭە ﺧﻮﻗﻪﻧـﺪﺩە ﺋﯩـﺪﻯ .ﻗﯩﺮﻏﯩـﺰ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺳـﯩﺪﺩﯨﻖ ﺑﻪﮔﻨﯩـﯔ ﺑﺎﺷـﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺧﻮﻗﻪﻧﺪ ﺧﺎﻧﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﻳﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻰ ﺋﻪﻟﯩﻤﻘﯘﻟﻐـﺎ ﺋﻪﻟﭽـﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩـﭗ ،ﺑﯘﺯﺭﯗﻛﺨـﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺧﯘﺩﺍ ﻳﺎﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻤﻘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺪﺩﯨﻖ ﺑﻪﮔﻨﯩـﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨـﻰ ﻗﻮﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯘﺯﺭﯗﻛﺨـﺎﻥ ﺗـﯚﺭﯨﻨﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩــﺪﯗ .ﻣﺎﻧـﺎ ﺑــﯘ ﺳـﻪﭘﻪﺭﺩە ﻳﻪﺋﻘــﯘﺑﺒﻪگ ﺑـﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻥ )ﻣﯩﺮﺋـﺎﻻﻱ( ﻳــﺎﻛﻰ ﺑـﺎﺗﯘﺭ ﺑﯧــﺸﯩﻠﯩﻖ ﺳــﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯘﺯﺭﯗﻛﺨﺎﻧﻐــﺎ ﺧﯩــﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﻗﻮﺷــﯘپ ﻗﻮﻳﯩــﺪﯗ .ﺑــﯘﻻﺭ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺷــﯘﭼﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺯﻭﺭ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﻨﯩـﺪﯗ .ﻧﻪﭼـﭽﻪ ﻛـﯜﻧﻠﻪپ ﻛﺎﺗﺘـﺎ ﺗﺎﻣﺎﺷـﺎﻻﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺷـﻪھﯩﺮﻯ ﺑـﺎﻳﺮﺍﻡ ﺗﯜﺳــﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨــﺪﯗ .ﺗﯚۋەﻧـﺪە ﺑﯧــﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻗﻮﺷــﺎﻗﭽﻪ ﺷـﯘﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼــﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ،ﻗﻮﺷــﺎﻗﭽﯩﻼﺭ)ﺋﻪﺷــﯜﻟﻠﻪﭼﯩﻠﻪﺭ( ﻛﯜﻳﮕﻪ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ: ﺋﻪﻧﺪﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚﺭەﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﻤﯩﺰ. ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ھﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯨﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺯﺭﯗﻛﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭەﻡ ھﻪﺟﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﻪﺋﻘﯘﺏ ﺑﻪگ ﺗﻪﺧـﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯚﺯ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﯚﺯ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩـﻖ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨـﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ،ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﻪ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻲ ۋە ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻳﻮﺳـﯘﻧﺪﺍ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩﺘﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ ۋە ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜـﻰ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗـﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﭗ ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ھﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨـﻰ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺋﯩــﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘــﺎ ،ﺷــﻪھﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺑﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘــﺎ )ﺋﺎۋﺍﺗﻠﯩﻘﻘــﺎ( ﻳﯜﺯﻟﻪﻧــﺪﻯ .ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ھﯧﻴﺘﮕــﺎھ ﺟﺎﻣﯩﺌﻪﺳــﻰ ،ﺷــﻪھﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﭙـﺎﻕ ﺧﻮﺟـﺎﻡ ﮔـﯜﻣﺒﯩﺰﻯ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺑﺒﻪگ ﺩەۋﺭﯨـﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﺩﯨﻨـﺪﯗﺭ .ﺋـﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻛـﻮﺭﻻ ،ﺋﺎﻗـﺴﯘ، ﻛﯘﭼﺎﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ،ﻣﻪﺩﺭﯨـﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳـﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺋـﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨـﺪە ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳـﺎﻳﺎھﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﯩﯟﺍﺭﺩ ۋە ﺷﺎۋﺩﺍ ﻛﻪﺑﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﻪﻳﻴﺎھﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ۋە ھﻪﻳـﯟەﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟـﯘﺵ - ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ھﺎڭ -ﺗﺎڭ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋـﺎﺭﺍﻡ ۋە ﺋﺎﺳﺎﻳﯩـﺸﻰ )ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘـﻰ( ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩە ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ،ﺑﺎﻱ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩـﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺷـﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩـﺮ ﺟﻪﯕـﺪە ﻣﻪﻏﻠـﯘپ ۋە ﺗﯩﺮﯨﭙﯩﺮەﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ۋە ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﻗﺎﭼﺎﺭ ﭘﻪﻳﺘﻠﯩﺮﯨﺪە ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛـﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮔـﯚﺩەﻙ ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩــﭗ ﺋﻪﺳــﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨــﺪﺍ ﺑــﯘﻻپ ﻗﺎﭼﻘــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻳﻪﺋﻘــﯘﺏ ﺑﻪگ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺷــﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺑﯩﭽــﺎﺭە ﺋﺎﺗــﺎ -ﺋــﺎﻧﯩﻼﺭ ﺩﺍﺩﯗ -ﭘﻪﺭﻳــﺎﺩ ﻛﯚﺗــﯜﺭﯛپ» :ﺑــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺑــﯘﻻپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺗﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩەﺭﺩﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﺴﯩﻠﻪ« ،ﺩەپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﺯﯨﻨـﻰ ﺋـﺎﯕﻼپ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺏ ﺑﻪگ ﭼﯩﺪﺍپ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻨﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳـﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻪﺳـﻪﻣﻴﺎﺩ ﻗﯩﻠـﺪﻯ ھﻪﻣـﺪە ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ۋە ﺟﻪﺳﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎ ﺑـﯘﻳﺮﯗﺩﻯ .ﭘﻪﺭﻣـﺎﻥ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷـﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻛﻮﺭﻟﯩـﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺮ ﻗﻮﻧــﺎﻕ )ﺗﻪﺧﻤﯩــﻨﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩــﺮﻣﻪ ﻛﯩﻠــﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻣﯘﺳــﺎﭘﻪ( ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜــﻰ ﺟﺎﻳﻐــﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧــﺪﺍ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩــﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻣــﺎﺭ ﻗﯩﻠــﺪﻯ ۋە ﺑــﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗــﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺋﺎﺗــﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﻧــﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺋﯚﺗﻪﺭﻟﯩـﻚ 7
www.uyghurweb.net ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺷﯘﻛﻰ ،ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺯەﭘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩـﯔ ﺑﯩـﺮ ﻗﺎﭼـﺎ ﻗﯩﺘﯩﻘﯩﻨـﻰ ﺋﯩﭽﯩـﭗ ﭘـﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﯩﻤﻪﻳـﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺧﺎﭘـﺎ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻗﯧﺘﯩﻘﭽﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﺒﻪﮔﻜﻪ ﺩەﻳﺪﯗ .ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﺒﻪگ ﺑﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﻐـﺎ» :ﺷـﯘ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣـﺴﻪﻥ؟« ﺩەﻳـﺪﯗ. ﺧﻮﺗﯘﻥ» :ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﻪﻥ« ﺩەﻳﺪﯗ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ﺧﻮﺗـﯘﻥ ﻗﻮﺷـﯘﻥ ﺋﯩﭽﯩـﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯩـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺧﻮﺗـﯘﻥ ﻗﻮﺷـﯘﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ -ﺩە ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﭙﯩـﺸﯩﺪﯗ ۋە» :ﻗﯧﺘﯩﻘﻨـﻰ ﺋﯩﭽـﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﻣﯘﺷـﯘ ﺷـﯘ« ﺩەﻳﺪﯗ .ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﺒﻪگ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﻗﯧﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩـﭗ ﭘـﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﭘـﺴﻪﻥ ،ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺩە ،ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑـﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜـﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﻳﻪﺋﻘـﯘﺑﺒﻪگ ﺧﻮﺗﯘﻧﻐـﺎ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩـﻖ ﺋﯩﭽﻤﻪﭘﺘـﯘ ،ﺩەﻳـﺪﯗ .ﺧﻮﺗـﯘﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺋـﯚﺯ ﮔﯧﭙﯩﺪە ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗپ» :ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﻧﯩﺪﺍ ھﻪﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ .ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻗـﺎﺭﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨـﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷــﺴﯩﻠﻪ« ﺩەﻳــﺪﯗ .ﻳﻪﺋﻘــﯘﺑﺒﻪگ» :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗــﺎﺭﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨــﭗ ﻛﯚﺭﺳــﻪﻙ ﻗﯧﺘﯩــﻖ ﭼﯩﻘﻤﯩــﺴﺎ ،ﺳــﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﺎﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ« ﺩەﻳﺪﯗ .ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗـﺎﺭﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩـﺪﯗ. ﺩﯦﮕﻪﻧــﺪەﻙ ،ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻗﺎﺭﻧﯩــﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨــﻰ ﺋﯘﻳــﯘپ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ﻗﯧﺘﯩــﻖ ﭼﯩﻘﯩــﺪﯗ .ﺷــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﻪﺋﻘــﯘﺑﺒﻪگ ﺑــﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﻐــﺎ ﻗﯧﺘﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨـﺪﯗ .ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺟﯧﻨﯩـﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺋﯩـﺶ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ،ﭘﯜﺗﻜـﯜﻝ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﻪھﻠﯩﮕﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﺒﺮەﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻜﻪ ﻛـﯚﺭە ،ﺋـﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩـﺮﻯ ﺑـﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﻐـﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ۋەﻗﻪ ﺷﯘﻛﻰ ،ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻗﻘﺎﻟـﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺑـﺎﻍ ﺑﯧـﺪە ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﭘـﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺷﯘ ھﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺒﺮەﺗﻠﯩﻚ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ :ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﺒﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ھﻪﻳـﺪەﺭ ﺑﻪﮔﻨﯩـﯔ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩـﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺋـﻮﻕ ﺑﯩـﺮ ﺋﯧــﺸﻪﻛﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘــﯜﺭﯛپ ﻗﻮﻳﯩــﺪﯗ .ﺋﯧــﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩــﺴﻰ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﻳﻪﺋﻘــﯘﺑﺒﻪگ ﺋــﻮﻏﻠﻰ ھﻪﻳــﺪەﺭ ﺑﻪﮔﻨــﻰ ﺗﺎﻳﺎﻗﻘــﺎ ﺗﯘﺗﯘﺷــﻘﺎ ھﯚﻛــﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﻳــﺎﺵ ھﻪﻳــﺪەﺭ ﺑﻪگ ﺷــﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩــﻖ ﺗﺎﻳــﺎﻕ ﺯەﺭﺑﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳــﻠﯩﮕﻪ ﻛــﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪڭ ﻛـــﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯛﺷـــﻤﻪﻧﮕﻪ ھﯘﺟـــﯘﻡ ﺑﺎﺷـــﻼﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨـــﺪﺍ ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﺒﻪﮔﻨﯩـــﯔ ﺑـــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧـــﺴﯘﺱ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧــﮕﻪﻥ ۋﺍﺋﯩــﺰ )ۋەﺯ -ﺗﻪﺷــﯟﯨﻘﭽﻰ( ،ﻣﯘﺭﺷــﯩﺪ )ﻳﯧﺘﻪﻛﭽــﻰ -ﺩﯨﻨﯩــﻲ ﭘﯩــﺸﯟﺍ( ﻻﺭ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳــﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩـﯔ ﺳـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻳﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ﺷـــﯧﻬﯩﺪ ﺑﻮﻟـــﯘپ ﺟـــﺎﻳﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗـــﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩـــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋـــﯚﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ﻏـــﺎﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳـﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗـﯘﻕ -ﺳـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﻪﯕﭽﯩـﻠﻪﺭ ﻧﯩـﯔ ﺭﻭھـﻰ ﺋﯚﺳـﯜپ ﻏﻪﻳﺮەﺕ -ﺷﯩﺠﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘپ ﺗﺎﺷﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺏ ﺑﻪگ ﻳﯧﻨﯩﻐـﺎ ﺋـﺎﻏﺰﻯ ﺋﯧﭽﯩﻘﻠﯩـﻖ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺧﺎﻟﺘـﺎ- ﺧﺎﻟﺘﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘۋﯦﻠﯩﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ،ﺋﻮﻧﻨﯩـﯔ ﺑﯧـﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗــﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﮕﻪ ﺋــﻮﻥ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯧﺮﯨــﺸﻜﻪ ۋەﺩە ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﻗــﺎﻧﭽﻪ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧــﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺷـﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘـﺎ ﺋﯧﺮﯨـﺸﻪﺭ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑﻪﺯﻯ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﻛﺎﻟﻠﯩﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧـﺎﺭ ﻳﺎﺳﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻳﻪﺋﻘﯘﺏ ﺑﻪﮔﻨﯩـﯔ ﺋﻪﺟﯩﻴـﺐ ﺧﯩـﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻥ ۋە ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺩەﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠـﺴﺎ ،ﺑﻪﺯﯨـﺪە ﺋﻪﻣﻪﻝ -ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭەﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐـﺎﻥ ﺋـﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ،ﻛﯚﻣـﯜﺵ ﺑﯧﺮﯨـﭗ
8
www.uyghurweb.net ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﻪﺭھـﯘﻡ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺑﺒﻪگ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺩﺑﯩـﺮﻟﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋـﯚﺯ ﺋﯘۋﯨـﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔـﯜﺯﯛپ، ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ھﯚﺭ ۋە ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺷﻪﺧﺴﺘﯘﺭ. ﻳﻪﺋﻘﯘﺏ ﺑﻪگ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩە ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷـﺘﺎ ﺗﻮﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋـﻮﻗﻰ ﻳﯧﺘﯩـﺸﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ .ﺑـﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠـﮕﻪﻥ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺑﺒﻪگ ﺩەﺭھـﺎﻝ ﺑﯩﺮﻣـﯘﻧﭽﻪ ﻣﯩـﺲ ﭘـﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩـﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮپ ﺋﻮﻗﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪﯕﺪە ﻏﻪﻟﯩﺒﻨﯩﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻳﻪﺋﻘــﯘﺏ ﺑﻪﮔﻨــﻰ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌــﺎﺩﺩە ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗــﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺯەﭘﻪﺭ ﻗﯘﭼﺘﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕــﺎﺭ ﺋــﯘﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻧﭽﯩﯔ ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺋﻪﻱ ﺋـﺎﻟﻼھ! ﺋﯘﻧﯩـﯔ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎھﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ. ﻳﻪﺋﻘﯘﺏ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﺎﻻ -ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷـﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼپ ،ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ :ﺭﯗﺳـﯩﻴﻪ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩـﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺕ ﺋﻮﺭﻧـﺎﺗﺘﻰ ،ﺭﯗﺳـﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﺗﯘﺭﺍﺏ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯩﺘﯩﺮﮔﺮﺍﺩﻗﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﻰ .ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻧﺪﻯ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺳـﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺋﻪﺑـﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰﺧﺎﻥ ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩـﺮﺍپ ﻗﯩﻠـﺪﻯ ھﻪﻣـﺪە ﺑﯩـﺮ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻓﯩﺘـﺴﯧﺮ، ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻨﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﻝ -ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ھﯩﻨﺪﯨـﺴﺘﺎﻥ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ. ﭼﯩﻦ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩـﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﻣـﯘﺯەﭘﭙﻪﺭ ﺧﺎﻧﻨﯩـﯔ ﺗﻪﺧـﺖ ۋﺍﺭﯨـﺴﻰ ﺋﻪﺑـﺪﯗﻟﻤﻪﻟﯩﻚ ﺋﻪﻟﭽـﻰ ﺳـﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﯩﺴﯩﺮ ۋﺍﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﭘﺎﺷﺎ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ -1872 .ﻳﯩﻠﯩـﺪﺍ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗـﻜﻪ ﻣﯩـﺴﯩﺮﺩﯨﻦ ھﻪﺭﺧﯩـــﻞ ﻗـــﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ،ﺗـــﻮپ -ﺯەﻣﺒﯩـــﺮەﻛﻠﻪﺭ ۋە ﺑﺎﺷـــﻘﺎ ھﻪﺩﯨـــﻴﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﯩـــﭗ ﻛﻪﻟـــﺪﻯ .ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻤـــﯘ ﺋـــﯚﺯ ﺋﻪﻟﭽـــﻰ- ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺳﻮۋﻏﺎ -ﺳﺎﻻﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩـﺴﯩﺮﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﺘـﻰ .ﺷـﯘ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠـﮕﻪﻥ ھﻪﺩﯨـﻴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻝ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﻛﯘﺗﯘﺑﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ھﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ﺷﯩﺮ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋﻪﻟﭽﯩـﻠﻪﺭ ﺋـﯚﻣﯩﻜﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺋﻪﻟﭽـﻰ ﻣﻮﺳـﯩﻴﻮﺭ ﻓﻮﺭﯨﺴﺘﯩﻚ ﺋـﯚﺯﻯ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋﯩـﺸﻪﻧﭻ ﺧﯧﺘﯩﻨـﻰ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗـﻜﻪ ﺋـﯚﺯ ﻗـﻮﻟﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﺎﺭﯨـﺪﺍ ﺑﯩـﺮ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣـﯘﻧﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ :ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺳﻮﺩﺍ -ﺳـﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺗﺎﻣﻮژﻧﺎ ﺑﯧﺠﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯜﺯﺩە ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻳﯧـﺮﯨﻢ ﭘﯩﺮﺳـﻪﻧﺖ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩـﺪﯗ .ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺕ ﻣـﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳـﻮﻝ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪە ﺗﻪﻛــﺸﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺗﯩﺠــﺎﺭەﺕ ﻣــﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﺮ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺷــﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟــﺴﻪ ﺗﻪﻛــﺮﺍﺭ ﺑــﺎﺝ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﺗﺎﻣﻮژﻧــﺎ ﺭەﺳــﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩــﺮﯨﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩــﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘــﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳــﯟﯨﻴﻪ )ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﺍﺷــﻼﻡ( ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼپ ﺗﯘﻏﯘﻟﺴﺎ ،ﺗﺎﻣﻮژﻧـﺎ ﺑﯧﺠﯩﻐـﺎ ﭘـﯘﻝ ﺋﻮﺭﻧﯩـﺪﺍ ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺕ ﻣﯧﻠﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗـﯘپ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩـﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤــﯘ ﺗــﺎﻻﺵ -ﺗــﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩــﺴﺎ ﻣﻪﻣــﯘﺭﻯ ﺧــﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ۋە ﺗﯩﺠــﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ۋەﻛﯩــﻞ ﺳــﺎﻳﻼپ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯖـﺪﺍ ۋەﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨـﻰ ﻛـﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩـﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ﺋﻪﻧﮕﻠﯩـﻴﻪ 9
www.uyghurweb.net ﺋﻪﻟﭽﯩــﺴﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ،ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩــﺴﻰ ﻛﺎﻟﻜﯘﺗﺘــﺎﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨــﺪﯗ .ﺷــﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺷــﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﺋــﺎﺭﺍ ﺋﻪﻟﭽﻰ -ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻼﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺑــﯘ ﻛﯧﻠﯩــﺸﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩــﯔ ﺑﯩــﺮﺩەﻙ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷــﻰ ۋە ﺭﯨﻐﺒﯩﺘــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ -1874ﻳﯩﻠــﻰ -2ﻓﯧــﯟﺭﺍﻝ ﻛــﯜﻧﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻧﺪﻯ. ﺳﯚﺯ ﻳﻪﻛﯜﻧﻰ :ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﺋـﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑـﺎﺭﺍۋەﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳـﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑـﺎﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ،ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪە ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩـﻚ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺋـﺎﻟﻼھ ﺑـﯘ ﺯﺍﺗـﺘﯩﻦ ﺭﺍﺯﻯ ۋە ﺧﯘﺷـﻨﯘﺩ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ ،ﺋـﯚﺯ ﺭەھﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﯛپ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﺋﺎﻣﯩﻦ! ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﺒﻪﮔﻨﯩــﯔ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗــﯚھﭙﻪ -ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩــﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘــﺎ ﺗــﺎﺭﯨﺦ ﺳــﻪھﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐــﺎﻥ ﻣﻪﺩھﯩــﻴﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ .ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺩەۋﺭﯨﻤﯩﺰﺩە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ - 1865 :ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺑﺒﻪگ ﺑﯩـﺮ ﻗﺎﺗـﺎﺭ ﭘﺎﺋــﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ۋە ﻏﻪﻳــﺮەﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺑــﻮﻳﻼپ ﺋــﯚﺯ ھﯚﻛــﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩــﺸﻘﺎ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﺒﻪﮔﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻣـﯘھﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺋـﯘ ﻗﻪھﺮﯨﻤـﺎﻥ ﻏﺎﺯﯨﻤﯩﺰ ،ﺷﯧﻬﯩﺪﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ھﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺰﮔﯜ ﺩﯗﺋﺎ -ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﯘﻣﯩﺰ .ﺋﻪﻝ -ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺷـﺎﻥ ۋە ﺷـﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏـﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺶ -ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻘﯩـﺸﻼﻳﻤﯩﺰ .ﺋﻪﻱ ﺋـﺎﻟﻼھ ﺑـﯘ ﺯﺍﺗﻨـﻰ ﺋﯚﺯ ﺭەھﻤﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﮔﻪﻳﺴﻪﻥ ،ﺋﺎﻣﯩﻦ! ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ،ﻳﻪﺋﻘـﯘﺑﺒﻪگ ﺷـﯧﻬﯩﺪ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﯕـﯜﻝ ﺧﻮﺷـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳـﺴﯘﻧﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﮔﯩـﺰﻯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﺑﯩـﺮەﺭ ﺑﺎھــﺎﻧﻪ -ﺳــﻪۋەﺏ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗــﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺗﺘــﻰ ،ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ۋەﺗﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻗــﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﯩــﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜــﻰ ﺋﯩــﺸﻨﻰ ﻗﯩﻼﺗﺘــﻰ .ﻧــﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺴﯘﻥ ﺋﯩــﺴﻴﺎﻥ -ﺗــﻮﭘﯩﻼﯕﻼﺭ ﺑﯧــﺴﯩﻘﻤﯩﺪﻯ ،ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭﻣﯘ ھﻪﻡ ﺑــﻮﺵ ﻛﻪﻟﻤﯩــﺪﻯ .ھﯚﺭﻟــﯜﻙ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳــﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐــﺎﻥ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺴﻴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋــﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ﻗــﺎﻧﻼﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟــﺪﻯ .ﺋــﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠــﺪﻯ .ﻛــﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪۋﻗﯩــﺮﺍﻥ ﻳﯩﮕﯩــﺘﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﺑــﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠــﺪﻯ .ھﯧﺴﺎﺑــﺴﯩﺰ ﺋــﺎﺩەﻡ ﻗﺎﻣﺎﻟــﺪﻯ ۋە ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟــﺪﻯ .ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩــﺴﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩــﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳــﻰ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺧﻪﻟــﻖ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻟﭙــﺎﻥ -ﻳﺎﺳــﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ھﻪﺳﺴﯩﻠﻪپ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺋـﺎﺗﻤﯩﺶ ﻳﯩﻠﻨـﻰ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﺩﻯ .ﺋـﺎﺧﯩﺮﻯ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺳﯚﯕﻪﻛﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ -1931ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ. ﻧﯩــﺸﺎﻧﯩﻤﯩﺰ :ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺑﯩــﺮ ﭘﺎﺭﭼﯩــﺴﻰ ۋە ﻳــﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳــﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘــﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠــﺴﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣــﯘﻧﺒﻪﺕ، ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭ ،ﻣﻮﻝ ﻣﻪﺩﯦﻨﯘ -ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻟﻼﺭ ،ﺋﺎﻗﺎﺭ ﺳـﯘﻻﺭ ،ﺑـﺎﻏﯘ -ﺑـﺎﻏﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺷـﯚھﺮەﺕ ﺗﺎﭘﻘـﺎﻥ ،ﺟﻪﻧـﻨﻪﺕ ﺋﺎﺳــﻤﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﺎﺳــﺘﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﻪﻧــﻨﻪﺕ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﯜﺳــﺘﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﻪﺯﯨــﺰ ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﯘﺭ. ﻧﻪﺯﻡ: ﻛﯚﺭﯛڭ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﯩﻘﻤﯩﺰ ﻣﻪﺋﺸﯘﻗﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﺪﯗﺭﻣﯩﺰ ﻳﺎﺷﻰ ﮔﯩﺮﻳﺎﻥ ،ﻛﻰ ﻟﻪﻳﻠﻰ ﺩەﺭﺩﯨﺪە ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﻓﻪﺭھﺎﺩﺩﯗﺭﻣﯩﺰ ،ﮔﻮﻳﺎ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﻏﻪﻣﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺩﯨﻠﻰ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﯧﺮﻣﻪﺱ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﻪﺭ ﺋﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻏﺎﻥ ﻛﻪﻧﺌﺎﻥ ۋەﺗﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻐﻰ ،ﺋﻪﻝ ﺭﺍھﻪﺗﯩﮕﻪ ﺟﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ۋەﺗﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ 10
www.uyghurweb.net
ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻘﺎ ﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﺯﺭە ﻣﯘﺩھﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﯗﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻳﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍ -ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻪ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ! ﺑﯘ ۋەﺗﻪﻥ ،ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺕ ﺭەﺯﯨﻞ ﻳﺎۋﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﺎۋ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﺮ -ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺑﯩﺮەﺭﻣﯩﺰ ﺗﯘﺷﻤﯘ -ﺗﯘﺵ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﯩﻦ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺋﯩﭽﻪﺭﻣﯩﺰ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ -ﻳﺎﻏﻰ ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯘﺭﻣﯩﺰ ﺋﻪﻧﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺟﺎﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼپ ﻗﻮﻳﺎﺭﻣﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﯘﻡ ،ﻛﺎﺭﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛپ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﮔﻪﻧﭽﻪ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺮﯗﺭﻣﯩﺰ ﻳﺎۋﻏﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﺱ ﻳﺎﻥ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻜﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻏﻼﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻝ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ،ﺷﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺯەﺭﺭە ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺟﺎﻧﺪﯗﺭ ﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ھﻪﺭ ﺯەﺭﺭە ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻳﺎﻗﯘﺕ ،ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﺪﯗﺭ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﺱ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘﺎﻣﺪﯨﻦ ھﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻏﻼﻧﺪﯗﺭ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺟﻪڭ ،ﺋﺎﺭﺍﻣﺒﺎﻍ ،ﺳﻪھﻨﻪ ،ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯗﺭ ۋەﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﺪە ھﻪﺭ ﻟﻪھﺰە ،ھﻪﺭ ﺩەﻡ ﺋﺎﺭﻣﺎﻏﺎﻧﺪﯗﺭ ﺟﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯜﻟﺴﯘﻥ ،ﺟﺎﻥ ﻗﯩﺮﯨﻠﺴﯘﻥ ،ﺑﯩﺰ ﺧﯘﺷﻬﺎﻝ-ﺧﻪﻧﺪﺍﻥ ۋەﺗﻪﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺭﺍھﻪﺕ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺋﻪﻳﺸﯘ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺋﯩﺸﺮەﺕ ۋەﺗﻪﻥ ﺑﺎﻏﯘ ،ۋەﺗﻪﻥ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ،ۋەﺗﻪﻥ ﻏﻪﻳﺮەﺕ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ۋەﺗﻪﻥ ﺷﺎﻧﯘ -ﺷﻪﺭەپ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺋﻪﭘﻜﯧﻠﻪﺭ ﺋﯩﺰﺯەﺕ ۋەﺗﻪﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﭘﯩﻠﻐﺎﻱ ﻗﯩﻨﻰ ﺑﺎﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﻧﺪەﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ ۋەﺗﻪﻥ ﺩﯨﻠﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ۋەﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ،ﻛﻰ ﺑﯩﺰﺩە ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ،ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﺳﯚﺯﻯ ﺋــﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗــﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣــﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﮔﻪ ،ﻳــﯧﻘﯩﻦ ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ،ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺩەۋﺭﯨﻨﻰ ،ﺋﺎﻟﻼھ ﻳﻮﻟﯩـﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺟﯩﻬـﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻛـﺲ ﺋﻪﺗﺘـﯜﺭﯛﺵ ھﻪﻣـﺪە ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ۋە ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻳﯜﺭﮔــﯜﺯﮔﻪﻥ ﺩەھــﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﺘﯩﻨﻰ ،ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩــﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺑﺮﻯ -ﺯﯗﻟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘـﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣـﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ﻳﯧـﺰﯨﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨـﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ۋە ﺑـﯘ ﺋﻪﺳـﻪﺭﻧﻰ 11
www.uyghurweb.net ﻳﯧﺰﯨﺶ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕـﯜﻝ ﺑﯚﻟـﯜپ ،ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻨـﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩـــﻲ ،ﺗـــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯘﭼــﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩـــﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷـــﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـــﯘ ﺋﯘﺳـــﺘﺎﺯﻻﺭﻏﺎ ﺋـــﯚﺯ ﺗﻪﺷـــﻪﻛﻜﯜﺭ، ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﯘﺭﭼﯘﻡ ﺩەپ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭ ،ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﻧﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻱ ﺋﯩﮕﻪﻡ ،ﺋﯚﺯﯛڭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ،ﺳﻪﻥ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺩﯨﺮﺳﻪﻥ. ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻢ :ﺩﯨﻨﻐﺎ ،ۋەﺗﻪﻧﮕﻪ ،ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻢ :ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ. ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻢ :ﺋﺎﺗﻤﯩﺶ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ. ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﺘﯩﻜﻰ ﭼــﻮﻟﺘﯩﻠﯩﻘﯩﻢ ،ﺋــﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻢ ﺗــﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺳــﻪﺭﺩە ﺳــﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺧﺎﺗــﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ھﺎۋﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﻛﺎۋﻛﺎﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺷﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﻧﻪۋﺭﯨﺴﻰ ،ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻣﯘﺳﺘﻪﻓﺎ ﺷﺎﻣﯩﻞ ﺑﯧﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﯩﻐﯘﭼﻰ ۋە ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩە ﺑﻪﺭﯨﻜﯩﺘـﻰ ،ﺗـﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐـﺎ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳـﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗـﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩــﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜــﻰ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩــﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩــﻖ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩــﺸﻠﯩﻚ ﭼﻮﯕﻘــﯘﺭ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧــﻰ ﻗﺎﻟــﺪﯗﺭﺩﻯ. ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ۋە ھﻮﺳﯘﻟﺪﺍﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺗـﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﺋـﺎﺕ -ﻳﯩﻠﻘﯩﻼﺭﻧـﻰ ﻛﯚﻧـﺪﯛﺭﯛپ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳـﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ،ﮔﯚﺷـﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩـﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩـﺸﻜﻪ ھﻪﻣـﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺗﻼﺭﻏـﺎ ﻣﯩﻨﯩـﭗ ﺷـﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﺎﺳـﯩﻴﺎ ۋە ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘـﺎ ﺩﺍﻻﻟﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺷـﺎﻧﻠﯩﻖ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﻳﯜﺭﯛﺷـﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨـﺸﯩﻐﺎ ﺗـﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋـﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻴﺘﯩــﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗﻛﻰ ،ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩــﯔ ﻳﺎﺷﺎﺷــﻘﺎ ﻗــﯘﻻﻱ ،ﻣــﯘﻧﺒﻪﺕ ﺑﯩــﺮ ﺗــﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋــﯚﺯ ﻧﯚۋﯨﺘﯩــﺪە ﺗــﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋــﺎﺕ ،ﻗﯩﻠﯩﭽﻼﺭﻧــﻰ ﺗﺎﺷــﻼپ ،ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷــﻘﺎ ،ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷــﻘﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ،ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩـﺪەﻙ ،ﺋـﯘﻻﺭ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳـﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ھﻪﻣﺪە ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨـﺪﯨﻤﯘ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩـﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧـﺪەﻙ ،ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩـﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷـﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺳﺎﻥ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ھﻪﺳـﺴﻪ ﻛـﯚپ ،ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﻛﯜچ -ﻗﯘﺩﺭەﺕ ،ﻧﻮﭘﯘﺯ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ھﻪﺳﺴﻪ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﺋﺎﺳــﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ۋە ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘــﺎﺩﯨﻜﻰ ھﯚﻛــﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺴﯘﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩــﻞ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯗﺭ ﭘﯘﺭﯗﺥ )ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﻨﯩـﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩـﺮﺩﻯ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨــﺪە ﭘــﯘﺭﯗﺥ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﻗــﻮﺭﺍﻝ ﺯﺍۋﯗﺗﻠﯩــﺮﻯ ﻛــﯚﭘﻠﻪپ ﻗﯘﺭﯗﻟــﯘپ ھﻪﺭﺧﯩــﻞ ﻳﯧﯖــﻰ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜــﻰ ﭘﯘﺭﯗﺧﻠــﯘﻕ ﺋــﯘﺭﯗﺵ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳــﺎپ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯘﺭﯗﺷــﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩــﺸﻜﻪ ﺋﻪﮔﯩــﺸﯩﭗ ،ﻗﻪﺩﯨﻤﯩــﻲ ﺋــﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳـــﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ۋە ﻗـــﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩـــﺪەﻙ ﺋﻪﺳـــﻘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯩﻠﮕﯩـــﺮﻯ ﺋـــﺎﺕ ﺋﯜﺳـــﺘﯩﺪە ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩـــﭗ ﻛﻪﻟـــﮕﻪﻥ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻴـﺎﺩە ﻳـﯜﺭﯛپ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺋـﻮﻕ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻐـﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺷـﻰ ﻗﯩـﻴﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗـﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑـﺎﺭﺍ -ﺑـﺎﺭﺍ 12
www.uyghurweb.net ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺑﺎﺷــﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳــﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩــﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒــﯘﺭ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎۋﺭﻭﭘــﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﻪڭ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﻧــﻰ ﺑﻮﻳــﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ،ﺩﻭﻧــﺘﯩﺲ ،ﺩﯨﻨﯩﻴﯩــﺮ ،ﺩەﻧﯩــﺴﺘﯩﺮ ،ﺩﻭﻥ ۋە ﺋﯩــﺪﯨﻞ )ۋﻭﻟﮕــﺎ( ﺩەﺭﻳــﺎﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﻳــﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩـﭻ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩـﭗ ﻳﯜﺭﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ھﺎﻳـﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻳـﯘپ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﺎﺳـﻘﺎﻥ ﺗــﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼــﺎﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻣــﯘﻗﯩﻢ ھﺎﻳــﺎﺕ ﻛﻪﭼــﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﯩــﺪﻯ ،ﻧﻪ ﮔﯧﺮﻣــﺎﻧﻼﺭ)ﻧﯧﻤﯩــﺴﻼﺭ( ﻗﻮﺯﻏﯩﻐــﺎﻥ ﻛﺎﺭﭘــﺎﺕ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘــﻰ ۋە ﻧﻪ ﺳــﯩﻼۋﻳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩــﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩــﻚ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺗـﯜﺭﻙ ۋەﺗﻪﻧﭙﻪﺭۋەﺭﻟﯩﻜﯩﻨﯩـﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨـﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ -ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﺎﺳـﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﺰﭼﯩـﻞ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷـﻘﺎﻥ ﺯﯨـﭻ ﺑـﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪھـﯟﺍﻟﻰ ﺋﺎﻻھﯩـﺪە ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻜﻪ ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ. ﺋﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﭼﺎﺭﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳـﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠـﯘﻕ ﺑﺎﺳـﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩــﻚ ﻳﯩﻠﻠﯩــﻖ ﻗﯩﺰﯨــﻞ ھــﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺩەۋﺭﯨــﺪە ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺭﯗﺳــﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷــﯘﺭﻣﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩــﺪﻯ. ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ۋە ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﻯ ﺑـﯘ ﺳـﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳـﺎﺭﻗﯩﻦ ﺩەﻟﯩﻠﯩـﺪﯗﺭ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩـﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻣـﺎﻱ ،ۋەھـﺸﯩﻲ ﺭﯗﺱ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜــﻰ ھــﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺗﯧﺨــﻰ ﺗــﯜﺭﻙ ۋەﺗﻪﻧﭙﻪﺭۋەﺭﻟﯩــﺮﯨﮕﻪ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧــﺮﯨﺶ ۋە ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳــﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩــﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ .ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ ،ھﺎﺯﯨﺮ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻖ ﺳـﻪﺭﻣﺎﻳﯩﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺳـﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ۋە ﻳﺎﻗﯘﺗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﺍ ،ﻳﯩـﺮﺍﻕ ﺷـﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗـﯜﺭﻙ ﻗﻪۋﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ۋە ھﺎﻻﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ھﻪﺭﯨـﻜﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺭﯗﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩـﺮ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼﭼﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻱ ،ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ھﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﺎﺩﺍ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻓﯘﺗﯘھﺎﺕ )ﺑﻮﻳـﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﯜﺭﯛﺷـﻠﯩﺮﻯ( ﻟﯩـﺮﻯ ﺑﺎﻳـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴـﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩـﺸﯩﭽﻪ ،ﺋﻪﺭەﺏ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤــﻰ ﺧﯘﺭﺍﺳــﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧــﺪە )ﺑــﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨــﻰ ﺑﻮﻳــﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗپ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ۋﺍﻗﺘــﻰ ﺋﯩﺪﻯ( ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﻳﺎﺷﺎۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩـﭗ ﻛﻪﺗﯩـﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨـﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﻛــﯚپ ﺟﻪھﻪﺗــﺘﻪ ﻳــﻮﻝ ﻗﻮﻳــﯘپ ،ﻛﻪڭ ﻗﻮﺭﺳــﺎﻕ ﻣﯘﺋــﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻨﻰ ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﻘــﺎﻥ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺧﯘﺭﺍﺳــﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻲ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩـﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨـﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩـﺸﯩﭗ ،ﺋـﯘﻣﻪۋﯨﻴﻴﻪ ﺳﯘﻻﻟﯩـﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨـﺸﺎھﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨـﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﻳﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟـﺪﻯ .ﻗﺎﭼﺎﻧـﺪﯗﺭ ﺗـﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧـﺮﻯ ﺗـﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟـﯘﻗﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺗــﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺋﯘﺭﯗﺷــﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﻼﻧــﺪﻯ ،ﺑــﯘﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩــﺸﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯘﻣﻪۋﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﺗﻪﻳﺒﻪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 100ﻣﯩـﯔ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻨﻰ ﺧﯘﺭﺍﺳـﺎﻧﻐﺎ ﻣﺎﯕــﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺑــﯘ ھﯩــﻴﻠﯩﮕﻪﺭ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻥ ﺧﯘﺭﺍﺳــﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺧﯘﺭﺍﺳــﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺗﯧــﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯩــﺮ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷـﻜﯩﻠﻠﻪپ ﺑـﯘ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻨﻰ ﺳـﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨـﺪﺍ ﻣﺎﯕـﺪﯗﺭﯗپ ﺋـﺎﻣﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳـﯩﺪﯨﻦ ﺋـﯚﺗﺘﻰ .ﺋـﯘ ﺷـﯘ ﻣـﺎﯕﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪپ ﻛﯩﺮﺩﻯ ھﻪﻣﺪە ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘـﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩـﺰﻯ ﺷـﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻤﯘ -ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺩﺍۋﺍﻣﯩﺪﺍ ﻗﯘﺗﻪﻳﺒﻪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻝ ۋە ﺷﻪﭘﻘﻪﺗـﺴﯩﺰ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺳـﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺑـﯘ ﺋﯩـﺶ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩـﮕﻪ ﺑﻪﻛﻤـﯘ ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋـﯘﻣﻪۋﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺧــﺘﯩﮕﻪ ﺋــﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺒﻨــﻰ ﺋﻪﺑــﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰﺩەﻙ ﺑﯩــﺮ ﺧﻪﻟﯩــﭙﻪ ﺋﻮﻟﺘــﯘﺭﯗپ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺋــﺎﺩﺍﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ھﻪﻗﯩﻘﯩــﻲ ﻳﻮﺳــﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻣﻪۋﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﻮﻟﭽﯩﻞ ۋە ﺋﻪﺭەﺑﭙﻪﺭەﺱ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﺘﻰ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩـﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻤــﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩــﻚ ﺋــﺎﻗﯩﯟەﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘــﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﺸﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﭘــﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﺑــﯘ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺋﯩﻨــﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ۋﺍﻗﺘﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑـﯘ ﻗﯩـﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺟﻪﺭﻳـﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩـﯔ ﻣﻪﻧﯩــﯟﻯ ھﺎﻳﺎﺗﯩــﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩــﯔ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨــﺴﯩﻨﻰ ﺋــﺎﭼﺘﻰ .ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩــﺴﯩﺪە ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. 13
www.uyghurweb.net ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻧﯩﻞ ﺩەﺭﻳـﺎ ۋﺍﺩﯨـﺴﻰ ﺋﻪﺭەﺑﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺩﯦﻬﻘـﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪھـﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧـﺎﻡ ﺋﻪﺷــﻴﺎ ﺑﺎﺯﯨــﺴﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ .ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﻓﻪﺗﻬــﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻧﯩــﻞ ﺩەﺭﻳــﺎ ۋﺍﺩﯨــﺴﻰ ﺑــﯘ ﺟﻪھﻪﺗــﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻳﻪﺭ ﺷﻪﻛﻠﻰ ۋە ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺕ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺮﺍﻕ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩـﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐـﺎ ﻛــﯚپ ﺋﻮﺧﺸﯩــﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﯩــﺸﻰ ﺧﻪﻟﯩــﭙﻪ ﻣﻪھــﺪﯨﻲ )ﺋﺎﺑﺒﺎﺳــﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ -3ﺧﻪﻟﯩﭙﯩــﺴﻰ( ﻧﯩــﯔ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩــﻖ ۋەﺯﯨــﺮﻯ ﺋﻪﺑــﯘ ﺋﯘﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧـﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣـﯘھﯩﻢ ،ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺋﻮﻳﻐــﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨــﺪﯗ .ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭ ﺳــﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩــﻚ ﺩﯦﻬﻘــﺎﻧﻼﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟــﯜپ ،ﺋﯩﺮﺍﻗﻘــﺎ ﻳﻪﺭﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺩەﺟﻠﻪ ،ﻓﯩﺮﺍﺕ ﺩەﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﻟﻼﺭ ﻗﯧﺰﯨﻠـﺪﻯ .ﻣﺎﻧـﺎ ﺷـﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩـﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩـﺮﺍﻕ ﺯﯦﻤﯩﻨـﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯩﻴﻼﺭ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﺎﻥ -ﺷﻪۋﻛﯩﺘﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯨـﻦ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﮔﻪۋﺩﯨﻠﻪﻧﺪﻯ .ﺋﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺩﯨﻨﯩـﻲ ﺋﯩـﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﻳـــﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗـــﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﺋﯩـــﺴﻼﻡ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﺑﯘﻟـــﯘڭ -ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐـــﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﺑﯧﺮﯨـــﭗ ﻗﯘﺭﺋـــﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨـــﻢ ﺗﻪﭘــﺴﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪھــﯘﺩﯨﻲ ﺋﻪﭘــﺴﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ،ھﻪﺩﯨــﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤــﺎ ھﻪﺩﯨــﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻐــﺎﻥ ،ﺋﺎﻳﺮﯨــﭗ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻧﻼﺭ ھﻪﻣـــﺪە ﺋﻪﻗﯩـــﺪە ﻣﻪﺳـــﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟـــﯜﻙ ﭼﯩﮕﯩـــﺸﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤـــﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧـــﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـــﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩـــﺴﺘﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩـــﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩـــﻢ ﭼﻮﻟﭙـــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩـــﺪﻯ .ﺑﯜﮔـــﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧـــﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩـــﺴﻼﻡ ﻣﯩﺮﺍﺳـــﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎھﻪﺳـــﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯەﺭ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯚپ ﺳـﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗـﻮﺭﺍﻝ ﻛﯩﺘـﺎﺑﻼﺭ ۋە ﺋﻪڭ ﻣـﯘھﯩﻢ ﺩﯨـﻦ ﺩەﺳـﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭەﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩــﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩــﺶ ﺷــﯘﻛﻰ ،ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩــﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑــﯘ ﺑﯩﻠﮕﯩــﻦ )ﺋﻪﻟــﻼﻣﻪ( ﻟﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺑﯩﻠﯩــﻢ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨــﺴﻰ ﻳــﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩﯨﻨﯩــﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤــﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧــﻼ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﺳــﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜــﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜــﺎ ،ﺋﺎﺳــﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ،ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ،ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻥ ﺳﺎھﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳـﺎھﻪﻟﻪﺭﺩە ﻗﺎﻟـﺪﯗﺭﯗپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﻗﯩﻤــﻤﻪﺕ ﺑﺎھــﺎ ﺋﻪﺳــﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ھﻪﺭ ﺟــﺎﻱ ۋە ھﻪﺭ ﺩەۋﺭﺩﯨﻜــﻰ ﻣﯘﺳــﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳــﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗــﯘپ ﻛﻪﻟــﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺋـﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺋﯩـﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩـﻲ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﺎﺳـﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗـﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧـﺮﻯ ﺷـﯘﻛﻰ ،ﺑـﯘ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﻳـﯜﺯﺩە ﻳﯜﺯ ﺗﯜﺭﻙ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ،ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﺭەﺏ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳـﻪۋەﺑﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺱ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺑﯩــﺮ ﭘــﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ھــﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﻨﻜــﺎﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ ،ﻧــﺎۋﺍﺩﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﺳــﻪﻟﺠﯘﻕ ﺗــﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯩﻴﻼﺭ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷـﻜﻪﻥ ﺩەۋﺭﺩە ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﻜﻨﯩـﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ،ﺋﯩﺠﺘﯩﻤـﺎﺋﯩﻲ ،ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺋﯜﻟﮕـﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﺋﺎﺑﺒﺎﺳـﯩﻴﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﻛﯜﻧـﺴﯧﺮﻯ ﺋﯘﻟﻐﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺷﯩﺌﻪﻟﯩـﺸﯩﺶ ﺩﻭﻟﻘـﯘﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺯﯨﻴـﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜـﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑـﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳـﻪﻟﺠﯘﻗﯩﻴﻼﺭ، ﺋﻪﻳﻴﯘﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ،ﻣﻪﻣﻠـﯘﻛﯩﻴﻠﻪﺭ ،ﺋﻮﺳـﻤﺎﻧﯩﻴﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒـﺎﺭەﺕ ﻗﯘﺩﺭەﺗﻠﯩـﻚ ﺗـﯜﺭﻙ ﺧـﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺋﻪھﻠـﻰ ﺳﻪﻟﯩﺒﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘـﯘﺯ ﺋﻪﺳـﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎﺟـﺎۋﯗﺯ ۋە ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺑﯩـﺮﻯ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩـﺪﯨﻦ ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗپ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩـﺪﻯ ،ﺑﻪﻟﻜﯩـﻢ ﺑﯜﮔـﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳـﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩـﺴﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻣﺎﻧــﺎ ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﺋﻪڭ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩــﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙــﻰ ﺷــﯘ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﯩــﺪﯗﻛﻰ ،ﺋﺎﺷــﯘ ﺑﺎھــﺎﺩﯨﺮ ﻗﻪھﺮﯨﻤــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋــﺎﻕ ﺩﯦﯖﯩــﺰ )ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰ( ،ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯦﯖﯩﺰ ،ھﯩﻨﺪﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻛﯜﺭەﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺑـﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﻧﻪﻣـﯘﻧﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺳﻪھﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘـﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤـﺎﻱ ،ﺑﯜﮔـﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩـﮕﻪ
14
www.uyghurweb.net ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻳـﯘﺭﺕ -ﻣﺎﻛـﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩـﻦ ۋە ﺭﯗﺱ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧـﺴﯩﺰ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻗـﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻣﯘﺷــﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪﺷــﺘﯜﺭﻣﻪﻙ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯚۋەﻧــﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﭗ ﺋــﯚﺗﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ :ﺗــﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳــﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺧﺎۋەﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ۋە ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ -ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻜﯩـﺪﯨﻨﻤﯘ- ﺗــﺎڭ ،ﺑﯩﻠﻤﯩــﺪﯨﻢ -ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪە ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨــﻰ ﺗﻪﺭەپ -ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺷــﺎپ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺑﻪﻛﻤـﯘ ﺋـﺎﺯ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﺘـﺎ .ﺋﻪﺭەﺏ ۋە ﭘﺎﺭﺱ ﺗـﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋـﯚﺯ ﺋﻪﺳـﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨـﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣـﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧـﻼ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺧﺎھﻼپ -ﺧﺎھﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻤـﯜﺵ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩـﻦ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ،ھـﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣـﺎﻥ ﺗـــﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺭﯗﺱ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﺋﻪﺳـــﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩـــﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒـــﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤـــﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ .ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺋﯜﺳـــﺘﯩﮕﻪ ﺑـــﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪە ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷـﯘ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨـﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐـﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗـﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋــﯚﺯ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘــﺎ ﺋﯚﺗﻜــﯜﺯﮔﻪﻥ ﺟﯩﻨــﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ۋە ۋەھــﺸﯩﻴﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﯦﮕــﯜﺩەﻙ ﺧﻪۋەﺭﺳــﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﻛﻪﯕـﺮﻯ ﻣﻪﻧﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐـﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋـﯚﺯ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩـﺴﺎﺱ ﺋـﯧﻠﯩﺶ- ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻱ -ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩـﭗ ﻗﯧﻠﯩـﺸﻘﺎﻥ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻣـﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﻣﯘﺳﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻰ ھﻪﺯﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑـﯘ ﺋﻪﺳـﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨـﭗ ﭼﯩﻘﯩـﺸﻰ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻟﻘﯩـﺸﻠﯩﻤﺎﻕ ﺷـﯘﻧﭽﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩـﺮﻯ ﺭﯗﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﻰ ۋە ﺗﺎﺟﺎۋﯗﺯﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘـﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤـﺎﻱ ،ﺋـﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ ﺩەۋﺭﺩە ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷـﻪﺭﻗﻰ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩـﺪە ﺋـﯚﺯ ﻛـﯚﺯﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛـﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺋـﯚﺯﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷـﻘﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻗﺎﺗـﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋـﯚﺯ ﺩﯨﻨـﻰ ۋە ۋەﺗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧـﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻥ ﻗﻪھﺮﯨﻤـﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜﻛـﺴﻪﻙ ﻣﺎھـﺎﺭەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻜﻪ ﺳـﺎﺯﺍۋەﺭﺩﯗﺭ .ﻣﺎﻧـﺎ ھـﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺷـﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻧـﺎ ۋەﺗﻪﻧـﺪە ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﻮﺭﯗﺗـﯘپ ﺑﯧﺮﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑـﯘ ﻛﯩﺘـﺎﺏ -ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳـﻰ- ﻧــﻰ ﺋﻮﻗــﯘپ ﭼﯩﻘﯩــﺸﻨﻰ ﺗﻪۋﺳــﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤــﺪﺍ ﺑــﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩــﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳــﻰ ﻧﻪﺳــﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ھﻪﻡ ﭘﺎﻳــﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ )ﺳﻮۋﻏﺎﺕ( ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩـﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩـﺪ ﻗﯩﻠﯩـﻤﻪﻥ .ﺷـﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ،ﺋﯘﺳـﺘﺎﺯ ﻣﯘﺳـﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﯩﻴﻨﯩﯔ ﺑـﯘ ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭﯛﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺷﺎﻣﯩﻞ. -1974ﻳﯩﻞ ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﻨﯩﯔ - 2ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺋﻪﺭەﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩەۋﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋـﺎﻟﺘﻪ ﺷـﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩـﺰﻯ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ۋﺍﻟﯩﻴﻼﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺟﯩﯔ ﺷـﯘﺭﯨﻦ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﺘـﺎﻱ ۋﺍﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺋـﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩـﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘـﻘﻪ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺯﯗﻟــﯘﻡ -ﺯﻭﺭﻟــﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻣــﻤﻪ ﺋــﺎﺩەﻡ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺑﯩﻠــﺴﻪ ﻛﯧــﺮەﻙ .ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﺍ ھﻪﺭ ﺋﯩــﺸﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜــﻰ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺷــﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺯﯗﻟﯘﻣﻨﯩﯖﻤــﯘ ھﻪﻡ ﭼﯧﻜــﻰ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ھﻪﺭ ﺋﯩــﺶ ﺋــﯚﺯ ﭼﯧﻜﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯧــﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗــﺴﻪ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺳــﻪۋﺭ -ﺗــﺎﻗﯩﺘﯩﻤﯘ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ -ﺩە ،ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ،ﭼﯧﻜﯩـﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷـﻘﺎﻥ ﺯﺍﻟﯩـﻢ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻏـﺪﯗﺭﯗپ ﺗﺎﺷـﻼپ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐـﺎ ﺋﺎﺩﯨـﻞ ﺑﯩـﺮ 15
www.uyghurweb.net ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗپ ﭼﯩﻘﯩـﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒـﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﻟـﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩـﻲ ۋە ﺋﺎﺷـﻜﺎﺭﺍ ﺯﯗﻟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ھﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯧﻨﯩـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟـﺪﻯ ،ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﻣـﺎﻝ -ﻣﯜﻟـﯜﻙ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯗﻟﯘﻙ ﻗـﯘﺭﺗﺘﻪﻙ ﺷـﻮﺭﺍپ ﻗﻮﻳﻤﯩـﺪﻯ .ﺋـﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ،ھﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻗﻪﺩﺭﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩـﺪﻯ ،ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭ ۋە ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﻗﯩــﺸﻼﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺴﯘﻥ ﺯﯗﻟــﯘﻡ -ﺯﻭﺭﻟــﯘﻕ ،ﻧﺎھﻪﻗﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺑــﺎﺵ ﻛﯚﺗــﯜﺭﺩﻯ .ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ،ﻧﺎھﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎھﯘ -ﺯﺍﺭﻯ ﭘﻪﻟﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺧﯘﻻﺳـﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧـﺪﺍ، ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ۋە ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺩﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪﺭ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻐــﺎﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩــﻚ ،ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷــﻠﯘﻕ ﺯﯨﻴــﺎﻟﯩﻴﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﺑﻪﺗﻨــﺎﻣﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﻤﯩــﺪﻯ، ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ،ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺋﯚﻟﺘـﯜﺭﺩﻯ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺗـﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﺩە ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯜﮔﻪﺗﺘﻰ .ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﺎﻣﯧﺮﻻﺭﻏﺎ ﺳـﻮﻻپ ﺋﻪﺯﺍﺑـﯘ -ﺋﻮﻗـﯘﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘـﺎﺭ ﻗﯩﻠـﺪﻯ. ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﯗﻟـﯘﻡ -ﺋﯧﺰﯨﻠﯩـﺸﻜﻪ ﭼﯩـﺪﺍپ ﺑﻮﻻﻟﻤـﺎﻱ ﺑـﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷـﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒـﯘﺭ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳـﺎﻥ ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺋﯩـﺴﻴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺗﻪﺟـﺮﯨﺒﻪ -ﺳـﺎۋﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻛـﯜﻧﻠﻪپ ﺷـﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪە ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩـﻚ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺴﻴﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟـﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩـﯔ ﻳـﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯜﺗﺘﻰ ،ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏـﺪﯗﺭﯗپ ﺗﺎﺷﻼﺷـﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩـﺪﻯ، ﻛــﯜﺭەﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩــﺪﺍ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩــﻚ ،ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩــﻚ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﻜﻪ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩــﻚ ﻗﯩﻠــﺪﻯ. ﻣــﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩــﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺟﯜﻣﻠﯩــﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘــﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟــﯘپ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ۋە ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﺎﻣﻤـﺎ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﺗﻪﺷـﯟﯨﻘﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩـﭗ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩــﺸﻘﺎ ،ﺋﯩــﺴﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﭼــﺎﻗﯩﺮﺩﻯ .ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺟﻪﺑــﺮﻯ -ﺯﯗﻟــﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺩﯨﻨﻐــﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ھﺎﻗــﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﯩﻘﺘﯩــﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑــﯘﻻڭ -ﺗــﺎﻻﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻛــﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤـﯘ ﺧﻪﻟـﻖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺳﯚﯕﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺷﯘ ﺩەۋﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛـﺲ ﺋﻪﺗﺘـﯜﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺩەپ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ: ) (1ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ھﺎﻟـﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻏـﺎ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﭼـﺎچ ﻗﻮﻳـﺎﺗﺘﻰ ،ﺋﯘﭼﯩـﺴﯩﻐﺎ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩـﯔ ﺋـﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ) (2ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ،ﺩەﺭھﺎﻝ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋـﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟـﺪﺍﺭﻏﺎ ﺗﻪﺯﯨـﻢ ﺑﯩﺠﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ) (3ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ھﺎﺭۋﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﺑﯩـﺮەﺭ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﻣﻪﻧـﺴﻪﭘﺪﺍﺭ ﻳـﺎﻛﻰ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﭼﯩـﺮﯨﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎ ،ﺩەﺭھﺎﻝ ھﺎﺭۋﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ ﺗﯩﺰ ﭼﯚﻛﯜپ ﺗﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻰ ﻛﯧـﺮەﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ) (4ﺋﺎﻣﺒﺎﻟﻼﺭ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻐـﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧـﺪە ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ھـﺎﻛﯩﻤﻼﺭ ،ﺑﻪﮔـﻠﻪﺭ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧـﺎ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨـﺴﯩﺪﺍ ﻗـﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐـﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺰ ﭼﯚﻛﯜپ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺮەﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺷﯘﻛﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺯﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟـﯘپ ﺑﻪﺵ ﻳﯩـﻞ ﺋﯚﺗـﺴﻪ ،ﻗﻮﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺋﯩﮕﯩـﺴﻰ ھﻪﺭ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﺎﻕ ﺑﯧﺠﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ھﻪﺭ ﻳﯩﻠـﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤـﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ 16
www.uyghurweb.net ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯘڭ ﺑﯧﺠﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﻗﻮﺯﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺴﻪ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺠﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺑﺎﺯﺍﺭﻏـﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨـﭗ ﺳﺎﺗـﺴﺎ ﺗﺎﭘـﺎۋەﺕ ﺑﯧﺠﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﮔﯚﺵ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﮔـﯚﺵ ﺑﯧﺠـﻰ ﺗـﯚﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺗﯧﺮﯨـﺴﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺗـﯜﻣﻪﻥ ﺑﯧﺠـﻰ ﺗـﯚﻟﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەﺭ ﭘﯘﺗﻰ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍﺭ ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻧﯘﻗـﺴﺎﻥ ﺑﯧﺠـﻰ ﺗـﯚﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺧﯘﻻﺳـﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﺮ ھﺎﻳﯟﺍﻧـﺪﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩـﺮﻣﻪ ﺧﯩﻠﻐـﺎ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﺑـﺎﺝ ﺋـﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﻗﯩﻨﯩﻨـﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ .ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻪﻣـﯘﻧﻪ ﺋﯜﭼـﯜﻧﻼ ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩـﺴﺎﻟﻼﺭﺩﯗﺭ ،ﺧـﺎﻻﺱ .ﻣـﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷـﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟـﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ﺧﻪﻟﻘﻨـﻰ ﺋﯩـﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷـﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ ،ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩـﺴﻴﺎﻥ -1931ﻳﯩﻠـﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟـﺪﺍ ﺑﺎﺷـﻼﻧﺪﻯ. ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻼﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯚﺭە -ﺑﻪﮔـﻠﻪﺭ ﺑﯩـﺮﺍﻗﻼ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟـﺪﯨﻼﺭ. ﺑﯘ ﺟﻪﯕﺪە ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺟﺎﺳﺎﺭەﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩـﺮﻯ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﺷـﯩﺮ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻼﺭﺩەﻙ ﺑـﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛـﯚپ ﻣﻪﻏﻠـﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋـﯘﭼﺮﺍﺗﺘﻰ ھﻪﻣـﺪە ﺋـﺎﻟﻼھﺟﯩﻬﺎﺩ ﺋﻮﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺑـﯘ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩـﺴﻴﺎﻧﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻏﻪﻟﯩـﺒﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﺘﯜﺭﺩﻯ .ھﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩە ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻏﺎﻟﯩﺐ ،ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﺯەﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺯەﭘﻪﺭ ﻗﯘﭼﯘۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻰ ﺳــﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜــﻰ ﭘﻪﻳــﺘﻠﻪﺭﺩە ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﻗﯧﺘﯩﻠــﺪﻯ .ﺗــﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ،ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩــﺸﯩﭗ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗــﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﺸﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺟﻪﯕــﻠﻪﺭﺩە ﻛــﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﭽــﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﻗﺎﭼﻘـﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗـﺎﭼﺘﻰ ،ﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩـﺪﯨﻼ ﺳـﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﻛـﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭ ،ﻳﯧـﺰﺍ -ﻗﯩـﺸﻼﻗﻼﺭ ،ﺗـﺎﻍ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩـﺮﻯ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﺋـﯚﺗﺘﻰ .ﻗﯘﻣﯘﻟـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼﺏ ﺋـﻮﺗﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧـــﺴﯧﺮﻯ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩـــﭗ ،ﺷـــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـــﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳـــﺴﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﺮﯨـــﺪە ﻛﻪﻳﻨـــﻰ -ﻛﻪﻳﻨﯩـــﺪﯨﻦ ﻗـــﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ ،ھﯚﺭﻟـﯜﻙ ،ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩەۋﺍﺳـﻰ ھﻪﻣـﻤﻪ ﺟـﺎﻳﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩـﺪﻯ .ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺗـﯘﻏﻰ ﻛـﯚﻛﺘﻪ ﺟﻪۋﻻﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ، ﺟﻪڭ -ﻛﯜﺭەﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﺗﺎﺷـﺘﻰ .ﺑـﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘـﺎ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘـﻰ ﻗـﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗـﯜﺭﺩﻯ .ﻗـﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻏﻪﻟﯩـﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠـﺪﻯ ۋە ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳـﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﺋـﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﻤـﯘ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺋﯜﻟﮕـﯜﺭﯛپ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻣﯘ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟـﺪﻯ ھﻪﻣـﺪە ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﻏﻪﻟﯩـﺒﯩﮕﻪ ﻣـﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻟـﺪﻯ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ،ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭ ،ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭﻧﯩـﯔ ﭘﺎﺋـﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩـﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧـﺪﻯ، ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ﺯﻭﺭ ﺩﺍﻏــﺪﯗﻏﺎ ﺑﯩــﻠﻪﻥ »ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬــﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ« ﻧــﺎﻣﻰ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ﺭەﺳــﻤﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ) .ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ(. ﺋﯩﺨﺘﯩﻼپ ﺩەۋﺭﻯ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ۋەﺗﻪﻧـﺪە ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩـﺪﻯ ،ﻗﺎﻟـﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪﯨﻤﯘ ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩـﺪە ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ۋﺍﻟﯩﺴﻰ ﺟﯩﯔ ﺷﯘﺭﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪە ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩەپ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪھـﺪﯗ -ﭘﻪﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺋﯩـﺸﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﺎﺭﯨـﺪﺍ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻕ ﺗﯜﺯﯛپ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻛﯜﭼﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺟﻪﯕـﻠﻪﺭﺩە ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ ﻣﻪﻏﻠــﯘپ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺗﻪﺭەپ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺗــﻠﻪﺭ ،ﺋــﻮﻟﺠﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯜﺷــﯜﺭﯛپ ﺧﯧﻠــﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺩەﻝ ﺷـﯘ ﭘﻪﻳﺘـﺘﻪ ﺟﯩـﯔ ﺷـﯘﺭﯨﻦ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻤﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩـﺪﯗ .ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ،ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ. 17
www.uyghurweb.net ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﻛﻪﺳـﭙﯩﻲ ﻣﺎھـﺎﺭەﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨـﻨﯩﻜﻼﺭ ۋە 80ﺩﯨـﻦ ﺋـﺎﺭﺗﯘﻕ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﺋﯩــﺸﻼﺭ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽــﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘــﺴﯧﺮ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟــﯜپ ،ﺟﯩــﯔ ﺷــﯘﺭﯨﻦ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳــﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻠﯩــﺪﯗ. ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺭ ،ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﻛـﯜﭼﻠﻪﺭ ،ﻗـﻮﺭﺍﻝ -ﻳـﺎﺭﺍﻗﻼﺭ ﻛـﯚﭘﻠﻪپ ﺋﺎﺷـﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ .ﺷـﯘ ﭼـﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻼپ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺭﯗﺱ ﺳـﻮﻟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺟﯩﯔ ﺷﯘﺭﯨﻦ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﻗﻮﻟﯩـﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﻼ ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳـﺎﻟﯩﺪﯗ ۋە ﺋـﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑـﯘ ﻣﻪﻗـﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩـﺪﯗ .ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﺋـﯚﺗﻤﻪﻱ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺑـﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ۋەﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯗ .ﻗﯘﻣﯘﻝ ۋە ﮔﯘﭼﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﻏﻠـﯘپ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ﻛﯜﺗـﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺋﻮﻟﺠـﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ -ﻳﺎﺭﺍﻕ ،ﺋﻮﻕ -ﺩﻭﺭﯨـﻼﺭ ﺋﻮﺭﺗـﺎﻕ ﺗﻪﻗـﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳـﺘﯩﻦ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﯩـﯔ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﮔﻪﻧـﺴﯘﻏﺎ ﺗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﺎﻓﯘﻳﻪﻥ ،ﻣﺎﺟﻪﻧـﺴﺎڭ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﯩـﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﻳﺪﯗ .ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ )ﮔﺎﺳﯩﻠﯩﯔ( ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻴﺎﻧﯩﺘﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷـﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤـﯘ ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺑﺎﺷـﺘﺎ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳــﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻣــﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐــﺎ ھــﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟــﯘپ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﻯ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻗﺘﯩﻦ -ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺩﺍۋﺭﺍڭ ﺳﯧﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷـﻼﻳﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺋﻪﺳــﻨﺎﺩﺍ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻳــﯜﺯﻟﯩﻤﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳــﻪﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩــﭗ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏــﺎ ﺋﻪﻟﭽــﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩــﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ: »ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ،ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎھﯩﺮ ،ﭼﯩﻦ ۋە ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩـﺪە ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﺗﻪﻟﯩـﻢ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩـﻚ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺳـﯩﻠﻪﺭﺩە ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩـﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩـﻚ ﻗـﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﺳﻮﺭﯨـﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﯩـﺰ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ« ﺩەپ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻼﺭﻏـﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﺴﺎ ،ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ» :ﺳﯩﺰﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟـﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑـﯘ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩـﯔ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﮔﻪﻧـﺴﯘﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺳـﯧﻐﯩﻨﺪﻯ -ﻛﻪﻟﮕﯜﻧـﺪﻯ ﻗﻪۋﻡ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ھﻪﻗﻘﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ،ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻻﻳﯩـﻖ ﻛﯧﻠﯩـﺴﯩﺰﻟﻪﺭ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﺵ ﻛﻪﻟﻤﻪﯕـﻼﺭ« ﺩەپ ﺑـﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩـﭗ ،ۋەﺩە ﺋﯜﺳـﺘﯩﮕﻪ ۋەﺩﯨﻠﻪﺭﻧـﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﺧﺎﻡ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩـﺮﻻ ﺋﺎﻧـﺪﺍ ھﻪﻡ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏـﺎ ھﻪﻡ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻏـﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﻛــﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒــﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺩەﻝ ﺷــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺟﯩــﯔ ﺷــﯘﺭﯨﻦ ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﻳــﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﯔ ،ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ۋﯨﻼﻳﯩﺘـﻰ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟـﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﯗﻕ ،ﺩەپ ﻣﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺋـﺎﺭﺗﯘﻕ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ »ﺋﺎﻕ ﺋﻮﺭﯗﺱ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯧﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ )ﺷـﯧﯔ ﺷﯩـﺴﻪﻱ- ﺕ( ﺑﯩــﺮ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻨﻰ ﺑﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺯﯦﺨــﯘﻱ )ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻥ( ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻗﻮﻳﯩــﺪﯗ .ﺷــﯧﯔ ﺯﯦﺨــﯘﻱ ﻗــﻮﻝ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑــﯘ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﭘـﺎﻥ ،ﭘﯩﭽـﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ۋەھـﺸﯩﻴﺎﻧﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩـﻖ ،ﺑـﯘﻻڭ -ﺗـﺎﻻﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﺎﺭﯨـﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻝ -ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺧﺎھﻠﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑـﯘﻻپ -ﺗـﺎﻻپ ،ﺋـﻮﺕ ﻗﻮﻳـﯘپ، ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ ،ﺗﺎﻻﻥ -ﺗﺎﺭﺍﺝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ھﻪﺭﺑﯩـﺮ ﻳﯧﺮﯨـﺪە ﺑﯘﺯﻏـﯘﻧﭽﻰ ﻛﺎﻣـﺎﺭ، ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺯﯗﻟـﯘﻡ ۋە ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻘـﻼﺭ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼپ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎچ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭘﯩﭽﺎﻗﻠﯩـﺸﯩﭗ ،ﮔـﺎھ ﻏﺎﻟﯩـﺐ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﮔـﺎھ ﻣﻪﻏﻠـﯘپ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ۋە ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﻛﻪﭼﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ
18
www.uyghurweb.net ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼﺏ ﺋﺎﻗـﺴﯘ ،ﻛﯘﭼـﺎﺭ ،ﻗـﺎﺭﺍ ﺷـﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻛﺎﺗﺘـﺎ ھﺎﺩﯨـﺴﻪ ﺋـﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﺪە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺗﻨﻰ ﻛـﯚﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﻛﯜﺗـﯜپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ -1933ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ ،ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷـﻠﯩﻖ ﺟـﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ ،ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﺳـﯩﺪە ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺗﻪﺭەﭘـﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕـــﺎﻧﻼﺭ ﺧﻮﺗﻪﻧـــﺪﯨﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯖـــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ﻳـــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﻗـــﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠـــﺪﻯ ،ﻗﯧﻠﯩـــﭗ ﻗﺎﻟﻐـــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟـــﺴﺎ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ ،ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨـﻰ ﻗﻮﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴـﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻏـﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘــﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩــﭗ ،ﺯﯨﻤﻤﯩــﻴﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨــﺪﺍ ﻣﯘﺋــﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﻳﻪﻛــﯜﻥ :ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺷﻪھﻪﺭ )ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪھﻪﺭ( ۋە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺟـﺎﻳﻼﺭ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻣـﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩـﯔ ﻏﻪﻳـﺮەﺕ ۋە ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻰ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩـﯔ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩــﺸﯩﭗ ھﻪﺭﯨــﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩــﺴﻰ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﯘﭼــﺎﺭ ﺷــﻪھﯩﺮﻯ ﺋﯩﯩﻘﯩﻼﺑﭽﯩــﻼﺭ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋــﯚﺗﺘﻰ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗـﺴﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ﻣـﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨـﻦ ۋﺍﻗﺘـﻰ -ۋﺍﻗﺘﯩـﺪﺍ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﭼـﯘﻕ ﭘﯩﻜﺮﻟﯩـﻚ ،ﻣـﯘﻧﻪۋۋەﺭ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩـﭗ »ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘـﻰ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﻣﻪﺧﭙﯩــﻲ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺗﻨﻰ ﻗــﯘﺭﺩﻯ .ﺑــﯘ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺕ ﺷــﯘ ﺯﺍﻣــﺎﻥ ﺷــﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻛــﯚﺭە ﻳــﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴــﺎﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﯚﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺗﯚۋەﻧﺪە ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ: -1ﺋﻪﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺯﯨﻴﺎﺋﯘﺩﺩﯨﻦ ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ -2ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ھﺎﺟﯩﻢ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﺵ -3ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﺯﺍﺩە ﺋﺎﺭﺗﯘﺵ -4ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ھﺎﺟﯩﻢ ﺷﻪۋﻗﯩﻲ -5ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻱ ﺑﻪﭼﭽﻪ ﺭەھﯩﻤﯩﻲ -6ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﭘﺎﺧﺘﺎ -7ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھ ﺧﺎﻧﯩﻲ -8ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩﻴﻦ ﻗﺎﺭﻯ ﺳﻮﻓﯩﻴﺰﺍﺩە -9ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ -10ﺟﻪﺭﻧﯩﻞ ﺳﺎھﯩﺐ)ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﻪﺭﯨﭙﺨﺎﻥ( -11ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﻮﺷﻠﯘﻕ -12ﻣﻮﻟﻼ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ۋﺍﺋﯩﺰ -13ﻳﯜﺳﯜپ ﻣﯘﺯەﭘﭙﻪﺭﺯﺍﺩە -14ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ھﻪﻛﯩﻢ ﻣﻪﺭﻏﯩﻼﻧﯩﻲ ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩـﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﻨﻬـﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘـﺎﻥ ﻳـﯘﺭﺕ ﭼـﻮﯕﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ،ﻛـﺎﺗﯩﺒﻼﺭ ،ﺧـﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭﺋﯩــﺪﻯ .ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩــﺸﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﻳﺎﺭﺑــﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍﺳــﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧــﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺋﯚﻳــﺪە ﺧﯘﭘﯩﻴــﺎﻧﻪ ھﺎﻟــﺪﺍ 19
www.uyghurweb.net ﺋﯚﺗﻜــﯜﺯﯛﻟﻪﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﻛﯜﻧــﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳــﺌﯘﻝ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ھﺎﺟﯩﺨﺎﻧــﺎ ھﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨــﺪە ﺗــﯘﺭﯗپ ،ﺋــﯚﺯ ﺧﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻤـﯘ ﺷـﯘ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩـﺪﯨﻢ .ﻣﻪﻥ ﺋـﺎﺩەﺗﺘﻪ ﻣﯘﺳـﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ، ﺩەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻼﺗﺘﯩﻢ. ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋە ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼپ ﺧﻪۋﯨـﺮﻯ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ،ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏـﺎ ﭘـﯘﺭ ﻛﻪﺗﺘـﻰ ،ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺧﻪۋەﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭە ،ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭ ﺯەﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺯەﭘﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩـﭗ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳـﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪە ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﺗﻬﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘھﺎﺳـﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪۋەﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﭘﯩﺮﻗﯩﻨﯩـﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻰ ﺗﯧﺨـﻰ ﺋـﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣــﺎﻱ ﺗــﯘﺭﯗپ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩــﺴﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﺯەھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﭗ ﺋﯚﻟﯜۋﺍﻟﯩــﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺗﻪﺯﯨــﻴﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳـﺎڭ ﭼﯩﻤﯩـﻦ )ﻳـﺎڭ ﺩﺍﺭﯨــﻦ( ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ﺋــﯚﻟﮕﻪﻥ ﭘﯩــﺮﻗﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻰ )ﺳــﯩﺠﺎڭ( ﻧﯩــﯔ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧـﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺪﯗ. ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺳﻪﺍﺩﺍﻗﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ۋﺍﻟﯩـﺴﻰ ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼپ ،ﻳﺎڭ ﭼﯩﻤﯩﻨﮕﻪ ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺕ ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩـﭗ ﺗﯘﺭﯨـﺪﯗ .ھﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩـﻖ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺗﯩــﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﺍ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺳــﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﻛــﯚﺭەﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩــﺪﯗ ،ﺋﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳــﺎۋﺍﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﻨــﻰ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻗــﯘﻡ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨــﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩــﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛـﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩـﯔ ﺋـﺎﺯ ﺋﻪﺳـﻜﯩﺮﻯ ﻛـﯚپ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﯧﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺟـﺪﯨﻬﺎ ﻛﻪﺑـﻰ ﻳﯘﺗـﯘپ ﺗﺎﺷﻼپ ،ﺋﯜﺯﻟﯜﻛـﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﻐـﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﻳـﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯەﭘﻪﺭ ۋە ﻧﯘﺳـﺮەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ھﻪﻣﻤﯩـﮕﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘـﯘﺭ ﻳﯩﻼۋﯨﻨﻜـﺎ ۋە ﻳﺎﺭﺩەﻣﭽﯩﺴﻰ ﺷﺎھﻰ ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﺳﻮﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻰ ﺳـﻪﻳﻴﯩﺪ ﺋـﺎﺧﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﺗﯧﺒﺒﯩـﻲ ھﻪﻳــﺌﻪﺕ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩــﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻛﯧﺘﯩــﭗ ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺋﺎﺭﯨـﺪﺍ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﻗﻮﺷـﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑـﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻰ ﻳــﺎڭ ﭼﯩﻤﯩــﻦ ﺟﻪﯕــﺪە ﭘﯘﺗﯩﻐــﺎ ﺋــﻮﻕ ﺗﯧﮕﯩــﭗ ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺷــﯩﯟﯦﺘﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘۋۋەﺕ ۋە ﺷﻪۋﻛﯩﺘﻰ ﻛﯜﻧـﺪﯨﻦ ﻛـﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧـﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ،ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ: ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﭼﯩﻠﺪﻯ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﻗﺎﭼﺘﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ. ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩــﯔ ﺷــﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺗﻪﺳــﯩﺮﯨﺪە ﺧﯩﺘــﺎﻱ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠــﯘپ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻳﺘﯩــﺸﻰ، ﺧﻪﻟــﻖ ﺭﺍﻳﯩﻨﯩــﯔ ﻳــﯜﺯﺩە ﻳــﯜﺯ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺭەﭘــﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻰ ﻣــﺎ ﺩﺍﺭﯨﻨﻨﯩــﯔ ھﻪﻣــﻤﻪ ﺋﻮﻳــﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻛﯚﭘــﯜﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧــﺪﯗﺭﯗۋەﺗﺘﻰ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﮔﻪ ﺗﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍ ﻣﯘﻣﻪﺳــﺴﯩﻠﻰ 20
www.uyghurweb.net )ۋەﻛﯩﻠﻰ( ﮔﻪ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ،ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻦ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍ ﻧﻪﻧﺠﯩـﻨﮕﻪ ھـﺎﻝ ﺋﯧﻴﺘﯩـﭗ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﺳـﻮﺭﯨﺪﻯ ،ﻧﻪﻧﺠﯩﻨـﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﻼﺟﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺩەپ ﺟﻪۋﺍﺏ ﺗﯧﻠﯧﮕﯩﺮﺍﻣﻤﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ،ﺋﯚﺯﻯ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ھﯧـﺴﺎﺑﻼﻧﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩـﻚ ﺧﯩﺘـﺎﻳﭙﻪﺭەﺱ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ،ۋەﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﭻ -ﺋﯩﭽﯩﺪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﺟـﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧـﺪەﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩــﯔ ﻗﻮﻟﯩــﺪﺍ ﻗــﻮﺭﺍﻝ -ﻳــﺎﺭﺍﻕ ﻛــﯚپ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋــﯘ ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩــﺴﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷـﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋـﺎﻻﻱ )ﺑﺎﺗـﺎﻟﯩﻴﻮﻥ( ﺗﻪﺭﻛﯩـﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ ﺷﯩﺘﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐـﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑـﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋـﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧـﺸﯩﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩــﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺋﻮﭼــﯘﻗﺘﯩﻦ -ﺋﻮﭼــﯘﻗﻼ :ﺟﺎھــﺎﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﻗﺎﻟــﺪﻯ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﻣــﺎﻝ -ﻣــﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧــﺪﯨﻦ ﺳــﺎﻗﻼپ ،ﺷــﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏــﺪﺍپ ﻗــﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﻗﻮﺷــﯘﻥ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﺸﻰ ﻻﺯﯨــﻢ ،ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻨﯩﯔ ﻳــﯜﻛﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩەﻙ ﻳﯘﺭﺕ ﻛﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳـﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋـﯜچ ﻳـﯜﺯ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩـﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﻗﻮﺷــﯘﻥ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯩــﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩ ـﻞ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋــﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨــﺪﯨﻜﻰ ﭼــﻮڭ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻟﻮﺯﯗڭ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑـﺎﻳﺒﻪﭼﭽﻪ ،ﻣﯘھﻴﯩـﺪﺩﯨﻦ ﺟـﺎﻥ ﺑـﺎﻱ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻛﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺷـﻪﺭەﭘﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨـﻰ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺑـﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ،ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﻪﻧـﺴﻪﭘﺪﺍﺭ ،ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﺑﺎﻗﻘـﺎﻝ ،ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﮔﯩـﺮﻭﻛﻪﺵ ،ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﺋﻪﻓﻴــﯘﻧﻜﻪﺵ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ ﻧــﺎﻣﻰ ﺧﺘــﺎﻳﻼ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﻳﯧــﺸﻰ 13ﻳﺎﺷــﺘﯩﻦ 60ﻳﺎﺷــﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ 36ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺗـﺎ -ﺑﺎﺑﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩـﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﻛـﯚﯕﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳـﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐـﺎ ﻛـﺎﻟﺘﻪ ﻛﻪﻣــﺰﯗﻝ ﻛﯩﻴــﺪﯛﺭﯛپ ،ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﺋــﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳــﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﺳــﺘﯜﺭﯛپ ،ﻧﯩــﻞ ﺭەﯕﻠﯩــﻚ ھﻪﺭﺑﯩــﻴﭽﻪ ﻛﯩــﻴﯩﻢ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﺎﺳﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ،ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﻛـﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ،ﻳـﯜﺭﯛﺵ -ﺗﯘﺭﯗﺷـﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑـﯘ ﻗـﺎﺭﺍ ﭘـﺎﻳﯩﻢ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭەﺳــﺘﻪ -ﺑــﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼــﺎﺭﻻﺵ ﺧﯩــﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯩــﺪﯗ .ﺋــﯘﻻﺭ ھﻪﺭ ﻛــﯜﻧﻰ ﺩﯦﮕــﯜﺩەﻙ ﻛﻮﭼــﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻣﻪﺷـﻜﻪ ﺩەﺳـﺴﻪپ ﺧﻪﻟﻘـﻘﻪ ھﻪﻳـﯟەﺕ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨـﺪﯗ ،ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑـﯘ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭﺩە ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺩﯨﻜﻪﻥ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ،ﺋﯘ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯩــﻨﭻ ﺋﯚﺗــﯜﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ،ﺋــﯚﺯ ﺋﻪﻟﭽﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳــﯜﻟﻬ ﺗﯜﺯﯛﺷــﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩــﺪﯗ ،ﺑﯩــﺮﺍﻕ ﺑﺎﺭﻏــﺎﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩــﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﯘپ ،ﻗﻪﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﺪە ﻗﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛپ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺧﯩﺘﺎﻱ ۋە ﺧﯩﺘـﺎﻳﭽﻰ ﻗﻪۋﻣـﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩـﺶ، ﺗﯩــﺮﻧﯩﻘﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋــﯚچ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺟﺎۋﺍﺑﻘــﺎ ﺋﯧﺮﯨــﺸﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻳﺘﯩــﺪﯗ ،ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩــﯔ ﺷــﯧﺮﯨﻦ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﭘﺎﻧـﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧـﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ،ﺋـﯘ ﻳﻪﺭﻧـﻰ ﺋﯩــﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪۋەﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻥ ﺷـــﯘ ﻛـــﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪھـــﯟﺍﻝ ﺗﯚۋەﻧـــﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﻛﻪﭼﻤﻪﻛـــﺘﻪ ﺋﯩـــﺪﻯ ،ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﺩﯨــﻦ ۋﺍﻗﺘــﻰ -ۋﺍﻗﺘــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩــﺮﻯ ﻓﻪۋﻗﯘﻟﺌــﺎﺩﺩە ﺑﯩــﺮ ﻳﯩﻐﯩــﻦ ﺋﯚﺗﻜــﯜﺯﺩﻯ .ﻳﯧﻐﯩﻨــﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩــﯔ ﻣﻪﻛﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩــﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺋﻪھﻠﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯩــﺴﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠــﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﻜــﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤــﺎﻱ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪەﻙ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺟﯩـﺪﺩﯨﻲ ﺑﯩـﺮ ﭼـﺎﺭە ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷـﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨـﺪﯨﮕﻪﻥ ھﺎﻟـﺪﺍ ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ﺗـﺎﻻﺵ -ﺗﺎﺭﺗﯩـﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ھﻪﻣﻤﯩﻨﯩـﯔ ﺑﯩـﺮﺩەﻙ ﻗـﺎﺭﺍﺭﻯ 21
www.uyghurweb.net ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﺗﻪﺳﻰ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪھﻪﻟﯩﺪە ﭼﯩﺘﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩـﺰ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩـﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻳـﯧﻐﯩﻦ ﻳﯧﭙﯩﻠـﺪﻯ .ﭘﯩـﻼﻥ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟـﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺋﺎﺭﺗﯘﺷـﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﻰ ۋە ﺋﺎﺗﯘﺷـﻨﯩﯔ ﭼـﻮڭ -ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺗـﻮﭘﻼپ: »ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩــﺰ ﺑﯩــﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩــﺰ ،ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﺗﯘﺗــﯘپ ﺋﺎﻗــﺴﯘﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻮﺟﺎﻣﻼﺭﻏــﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﻤﯩﺰ« ﺩەپ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭۋەﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮەﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋـﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﯩﺰﺩﯨﻦ» :ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷـﯘﻟﯘپ ،ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻻ ﻗﺎﻟـﺪﻯ ،ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺳـﻪۋەﺑﻰ ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﺮﯨﻜـﻰ ﻳـﻮﻕ ،ﺋـﯘ ﺩﻭﺗﻪﻳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻛﯧﺮەﻙ« ﺩەپ ﻧﻪﺭە ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ» ،ﺑـﯘ ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﺟـﺎﻥ ﭘﯩـﺪﺍ ،ﻣـﺎﻝ ﭘﯩـﺪﺍ« ﺩەپ ﺑﻮﻟﯩــﺸﯩﭽﻪ ﺗﻮۋﻻﺷــﻘﺎﻥ ﺳــﺎﺩﺍﻻﺭ ﺑــﺎﺯﺍﺭ -ﻛﻮﭼــﺎﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﻟــﺪﻯ .ھﻪﺭﻛﯩــﻢ ﻗﻮﻟﯩــﺪﺍ ﺧﻮﺷــﻰ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺟﯩﻬــﺎﺩ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ،ھﻪﺭ ﺭەﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛۋﯨﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ،ﻛﻮﭼﺎ -ﻛـﻮﻱ ،ﻣﻪﺳـﭽﯩﺖ ،ﺭەﺳـﺘﯩﻠﻪﺭﺩە ﮔﻪپ -ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﻯ ﻧﻪۋﺑﻪﺗـﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩـﺴﻴﺎﻥ ﺋﯩـﺸﯩﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷـﻜﻪﻥ ،ﺟﺎھـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻛﯜﻧـﺪﯨﻼ ﺑﺎﺷـﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋـﻮﻱ -ﭘﯩﻜـﺮﻯ ،ﻳـﯜﺭﯛﺵ -ﺗﯘﺭﯗﺷـﻰ ھـﯧﭻ ﺋﯩﻠﮕﯩـﺮﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧـﺸﯩﻤﺎﺱ ،ھﻪﻣـﻤﻪ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺑﯩﺮﺧﯩـﻞ ﺷﻮﺥ ،ﺗﯧﺘﯩﻜﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻘﯩـﺪﺍ ھﺎﻳﺎﺟـﺎﻥ ۋە ﺧﯘﺷـﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻐـﺎ ﺋﻪﻳﻨـﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﯩـﯔ ﺳـﻤﯟﻭﻟﻰ ﺳـﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗـﯜﺭﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﯩﻖ ﻛﻪﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ: ھﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﻰ ﺋﻮﻻﻥ ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻪ ﺋﻪﻝ ﭼﻪﻛﻤﻪﺯ ﻣﯘﺭﯗۋۋەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﭘﻪﻛﺪﯨﺮ ﺯەۋﻕ ﺋﺎﻻﻥ ﺳﻪﻳﻴﺎﺩ ﺑﯩﺌﯩﻨﺴﺎﭘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻣﻪﻧﺪﻯ ﺟﺎﻥ ﻛﯘﺯﺍﺭﻯ ﺋﻪژﺩەﺭ ﻗﻪھﺮ ﺋﻮﻟﺴﻪ ﺟﻪﻟﻼﺩﯨﻦ ﻣﯘﺭەﺟﺠﻪھ ﺩەﺭﯨﻨﻪ ﺑﯩﯔ ﻛﻪﺭﺭە ﺯەﻧﺠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﺎﺭەﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ :ﺟﻪﺳـﺎﺭەﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻟـﯘﻡ ﻣﯩﻠـﻠﻪﺕ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐـﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﻛـﯜﺭەﺵ ﻳﻮﻟﯩـﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳـﺪﯗ .ﺯﺍﻟﯩﻤﻐـﺎ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺸﺘﯩﻦ ﺳــﯚﻳﯜﻧﯜپ ﻳــﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮۋﭼﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯩﺘــﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗــﻰ ﻳــﻮﻕ .ﻣــﺎھﯩﻴﻴﻪﺗﺘﻪ ،ﺟﻪﻟــﻼﺩ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟــﺪﯨﻬﺎ ﻗﻪھﺮﻟﯩﻚ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻻﺭ ﺳﯩﺮﺗﻤﺎﻕ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ -ﺋﺎﺳﺎﺭەﺕ ﺯەﻧﺠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ھﻪﺳﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺷــﻪھﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩــﯔ ﺑــﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪۋﺭەپ ،ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐــﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﮕﯩﻨﯩــﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨــﺸﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷــﻜﻪﻥ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﻮﺳــﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷـﯩﻐﺎ ﺑـﻮﻱ ﺳـﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ،ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﭽﻰ ﻛﯜچ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘـﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺩەﺭھـﺎﻝ ﺷـﻪھﻪﺭ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺋـﯜچ -ﺗـﯚﺕ ﻛﯩـﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎھﺎ ﺳﻮۋﻏﺎ -ﺳﺎﻻﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧـﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽـﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﺗﯩـﺪﯗ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑـﯘ ﺋﻪﻟﭽﯩـﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﻗـﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺟـﺎۋﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺑـﯘ ﭼﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﯨﺪﯗ ۋە ﻣﯘﺷﺎۋﯨﺮﻯ ﺧﻪﻥ ﺩﺍﺭﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﯖﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋـﯚﺯ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜـﻰ ھﻪﻣـﺪە ﺷـــﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩـــﺴﻴﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ھﯘﺟﯘﻣﯩـــﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏـــﺪﺍپ ﻗـــﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﺟﻪﺳـــﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩـــﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋـــﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷـــﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩـﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩـﻚ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻤـﯘ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﯩـﺪﯗ. ﺑــﯘ ﻗﻮﺷــﯘﻥ ﺷــﯘ ﭼــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩــﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩــﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋــﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺟﻪﺭﻧﯩﻞ ﺳﺎھﯩﺐ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﺗـﯜپ 22
www.uyghurweb.net ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﯚﺷـﯜﻙ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺳـﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐـﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧـﻚ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺳـﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨــﺪﯗ .ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑــﯘ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛــﯜﻝ ﺭەﯕﻠﯩــﻚ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﭘﻮﺭﻣــﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻳﯜﺳﯜپ ﺟﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻳﺎﻣﯘﻟﻐـﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺟﻪﺭﻧﯩﻞ ﺳﺎھﯩﺐ ﻗﯘﻡ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺭﺍﻳﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷـﯘﻥ ﺗﻪﺷـﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠـﺪﻯ، ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ھﺎﺟﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗـﯘﺵ -ﻳﯧﺰﯨـﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩـﻚ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋــﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻛﯩــﺸﻰ ﻓﯩــﺪﺍﺋﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻟﻼﻧــﺪﻯ .ﺳــﻪﻣﯩﺊ ﺟــﺎﻥ ﻗــﺎﺭﻯ ،ﺟــﯚﺭە ﺑــﺎﻱ ،ﻳﻪھﻴــﺎ ﻗــﺎﺭﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧــﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺟﻪﺭﻧﯩـﻞ ﺳـﺎھﯩﺐ ﻧﯩـﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩـﺪﺍ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩـﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﺗﻮﭘـﺎ ﺭەڭ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻓﻮﺭﻣﺎ ﻛﻪﻳﯩﭗ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻥ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺷﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺕ ﻳﺎﻣﯘﻟـﺪﺍ ﻳـﺎﻛﻰ ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﻨــﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧــﺪﯗﺭﯗپ ﭘــﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜــﯜﺯﯛﯛﻟﻪﺗﺘﻰ .ﺟﻪﺭﻧﯩــﻞ ﺳــﺎھﯩﺒﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑــﯘ ﺋــﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷــﯘﻥ ﺗﯩــﺰﻻ ﻛــﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧــﯜپ ،ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﻳــﺎﺭﺍپ ﭼﯩﻘﺘــﻰ .ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺳــﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷــﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺟﻪﺭﻧﯩﻞ ﺳﺎھﯩﺒﻘﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ھﻮﻗﯘﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺟﻪﺭﻧﯩﻞ ﺳﺎھﯩﺐ ھﻪﺭ ﺟﯜﻣﻪ ﻛـﯜﻧﻰ ھﯧﻴﺘﮕﺎھﻘـﺎ ﻛﯧﻠﯩـﺸﻨﻰ ﺑﺎھـﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ، ﻗﻮﺷــﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻣﻤــﺎ ﻛﯚﺯﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜــﯜﺯﯛپ ﭘــﺎﺭﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻨﻰ ﺋــﺎﺩەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧــﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩــﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺋـﺎﺗﻠﯩﻖ ۋە ﭘﯩﻴـﺎﺩە ﻗﻮﺷـﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩـﺴﻰ ﺩﯦﮕـﯜﺩەﻙ ﻣـﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧـﺪﯗﺭﯗﻟﯘپ ،ﻛـﯧﭽﻪ- ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ھﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ۋە ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﺳﻰ ﺷـــﯘ ﭼـــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩـــﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩـــﭗ ﻗـــﯘﻡ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺳـــﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗـــﯜﮔﻤﻪﻥ ﺗﯧـــﺸﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨـــﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛـﺎ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨـﻰ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺑﯧـﻚ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﯩﮕﯩـﺘﻠﻪﺭ ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘـــﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـــﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳـــﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩـــﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧـــﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘـــﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـــﯔ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩـــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩــﺴﻤﻰ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻗــﻮﻝ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩــﺴﻤﻰ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯩـﺮﺩﻯ .ﺑـﯘ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺪﺩﯨﻴﻠﯩـﺸﯩﭗ ،ھﻮﻟﯘﻗﻘـﺎﻥ ﺋﯚﺭﺩەﻛﺘﻪﻙ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪڭ ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐـﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩــﭗ ،ﺯﯨﻴــﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ،ﺋﺎﺭﻗﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ» :ﻣﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳــﯩﻐﺎ ﻛــﯚﺭە ،ﺩﻭﺗﻪﻳﻠﯩــﻚ ﻣﻪﻧــﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩـــﺴﺘﯩﭙﺎ ﺑﯧﺮﯨـ ـﭗ ،ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻐـــﺎ ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷـــﻬﯘﺭ ۋە ﻧﻮﭘﯘﺯﻟـــﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩـــﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻥ ﺋـــﯚﻣﻪﺭ ﺋـــﺎﺧﯘﻥ ﺑـــﺎﻳﻨﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ «.ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﺟﻠﯩﺲ ﺋﻪھﻠﻰ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺑـﯘ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨـﻰ ﺑﯩـﺮﺩەﻙ ﻗﯘﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻤﯩﺪﻯ .ﺑﯩـﺮ ﻗﺎﺗـﺎﺭ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺟﻠﯩﺲ ﺋﻪھﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗـﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ۋەﺯﯨﭙﯩـﺴﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗۋﯨﺮﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ. ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻣـــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛـــﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﮕﯩـــﺸﻠﯩﻚ ﺳـــﻮۋﻏﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﭘﻪﻳﺰﺍۋﺍﺗﻘـــﺎ ﺑﯧﺮﯨـــﭗ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪ ۋە ﻏﺎﺯﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﯩﻲ ﺋﯩـﺰﺯەﺕ ،ﺋﯧﻬﺘﯩـﺮﺍﻡ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯩﺮﯨـﺸﻜﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺗﯩـﺸﻨﻰ ﻗـﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﻣﻪﺟﻠﯩـﺲ ﺋﻪھﻠﯩﻤـﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟـﯜﻙ ﻣﯘﺷـﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ھﯧﺘﺘﮕﺎھ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ ﭼـﻮڭ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍﺳـﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﻮڭ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭەھﻤﺎﻥ ﺳﯜﺭەﺳـﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷـﻼﻣﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋـﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻣﯧﺘﯩـﺮ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘـﺎ ﺑﯩـﺮ ﻟﻪۋھﻪ ﺋﯧـﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟـﺪﻯ ،ھﯧﺘﮕـﺎھ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻰ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩـﺮ ﺗﺎﻣﺎﺷـﺎ ﺳـﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ،ھﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﺎﺷﯘ ﻟﻪۋھﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﻳﯧﯖـﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋـﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ، ھﻪﻣــﻤﻪ ھﺎﻳﺎﺟــﺎﻥ ﺋﯩﻠﻜﯩــﺪە ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽــﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻣﯧﻬﻤــﺎﻧﻼﺭ ،ﻏﺎﺯﯨﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩــﺶ ﺗﻪﻳﻴــﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ 23
www.uyghurweb.net ﺋﺎﻟــﺪﯨﺮﺍﺵ ،ھﻪﻣــﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩــﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨــﺪﺍ» :ﻣــﺎﺩﺍﺭﯨﻦ ﺗﻪﺳــﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘــﯘﺭ ،ﺋــﯘ ھــﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯨﻠﯩــﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭙﺘﯘﺩەﻛﻤﯩﺶ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘـﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻳـﯜﺭەﺗﺘﻰ .ﻗﯩﺴﻘﯩـﺴﻰ ﺧﻪﻟـﻖ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ھﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩـﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤــﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑــﯘ ھﻪﻳــﺌﻪﺕ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩــﺪﯨﻦ ﺋــﯜچ -ﺗــﯚﺕ ﻛــﯜﻧﻠﻪپ ﺋﯩﺌــﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺌﺎﻧﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﺎپ ﻣﻪﺧـﺴﯘﺱ ﻛﯩـﻴﯩﻢ -ﻛﯩﭽﻪﻛـﻠﻪﺭ ۋە ﺳـﻮۋﻏﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭﻻپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋـﺎﻝ )ﺋﺎﻛﺘﯩـﭗ( ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺳـﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ﭘﻪﻳـﺰ ﺋﺎﺑﺎﺩﺗـﺎ ھـﺎﻛﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯩـﺪﻯ ،ﺑـﯘ ﻛﯩـﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩـﭙﯩﮕﻪ ﻛـﯚﺭە ،ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ھﺎﺟﯩﺨﺎﻧﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏـﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺵ -ﺋـﺎﻟﺘﻪ ﻛﯩـﺸﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩــﺪﯨﻦ ﻳــﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ھﻪﻳــﺌﻪﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠــﺪﻯ .ﻛﺎﻣــﺎﻝ ﻣﻪﺧــﺪﯗﻡ ﻛﺎﺳــﺎﻧﻰ ،ﻳﻮﻟــﺪﺍﺵ ﻗــﺎﺭﻯ ﻗﺎﺗــﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷــﯘﻻﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ .ﺑــﯘ ﻛﯜﻧــﺪە ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩــﺴﻰ ﺗــﯚﺕ ﻛــﯚﺯﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗــﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼــﺎﻏﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩــﺮﻯ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺗﻪﻟﻤــﯜﺭﯛپ ﺗــﺎﻗﯩﺘﻰ ﺗــﺎﻕ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﭼﯘﻡ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺟـﺎﻥ ﺳـﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩـﺪﻯ، ﻣﯘ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠـﻰ ﻛـﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋـﺎﺩەﻡ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ ،ﺋـﯘﻻﺭ ھﻪﺭ ﻛـﯜﻧﻰ ﻛﻪﻟﯩـﻤﻪ ﺗﻪﻳﻴﯩﺒﯩﻨـﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ،ﺋﻮﻗﯘﺵ ،ﻳﺎﺩﻻﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩـﻚ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻯ ﺩﯗﺟﻪﻧﻜﻮﻣـﯘ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩـﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺳﻪﻟﻠﻪ ،ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﯩﭗ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯩﻴـﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨـﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ۋە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ -ﺋﻪۋﻻﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭ -ﺋﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ھﯘﺟﯘﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭە -1933 ،ﻳﯩﻠﻰ - 2ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 2ﻛﯜﻧﻰ )ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ( ﺗﺎڭ ۋﺍﻗﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟـﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﺗﯘﺵ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ،ﺋﺎﺭﺗﯘﺷﻠﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ،ﻗﯩﻠﯩﭽﻼﺭﻧﻰ ،ﺑﯩﺮﻟﯩـﺮﻯ ﭘﺎﻟﺘـﺎ- ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﺒﻪگ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﭼﻮﻗﯘﻣـﺎ ﻣﯩﻠﺘﯩـﻖ )ﻗـﺎﺭﺍ ﻣﯩﻠﺘﯩـﻖ( ﻻﺭﻧـﻰ ﻛﯚﺗـﯜﺭﮔﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ،ﭘﯩﻴﺎﺩە ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ھﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ» .ﺋـﺎﻟﻼھﯘ ﺋﻪﻛـﺒﻪﺭ« ﺳﺎﺩﺍﺳـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺋــﻮﻕ ﺋــﺎۋﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩــﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ ،ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐــﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐــﺎﻥ ﺧﻪﻟــﻖ ﺗــﻮﭘﻰ ﺋــﺎﻣﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩەپ ﺗﻮۋﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜچ ﺋﺎﺗـﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘـﺎ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﻗﻮﺷـﯘﻧﯩﻐﺎ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻗﻮﻳﻐـﺎ ﻳﯜﮔـﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻼ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺗﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻳﺎﺭﺑــﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍﺳــﯩﻐﺎ ﻳــﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩــﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨــﻦ ﺳــﯧﭙﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷــﺘﻰ ۋە ﻳــﺎﻥ ﺑﺎﻏﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺳــﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳــﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩــﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﻣﺎﺷﺘﻰ ،ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯩﻴﺎﺩﯨﻠﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎۋﺍﺯﺩﯨﻦ ﺗﻪﻛﺒﯩـﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩـﺸﺘﻰ. ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﯩﺘﻜﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻰ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﯘﺩەﻙ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﯘپ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻗـﻮﻝ ﻛﯚﺗـﯜﺭﺩﻯ، ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﯩﻠﯩﭽﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟـﺪﻯ ،ﻗﯩﻠﯩﭽـﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻼﺭ ،ﭘـﻮﺗﻪﻱ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ھﯘﺟﯘﻣﭽﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺕ ﭼـﺎﭘﺘﯘﺭﯗپ ﻳﺎﺭﺑـﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨـﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳـﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳـﻨﺎﺩﺍ، ﺋﺎﻟــﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷــﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ھﯘﺟــﯘﻡ ﭘﯩﻼﻧــﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻜﻰ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻗﻮﺷــﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﯩﻠﯩــﻚ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩــﻖ ھﺎﻟــﺪﺍ ﺋﻮﺭﺩﯨــﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺋــﯘﺩﯗﻝ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﻳﺎﺭﺑــﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ﻗــﺎﺭﺍۋﯗﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﯩﻠﯩـﻚ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ،ﺳـﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺗﯘﺷـﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗـﻮﻟﻼپ -ﻗﯘۋۋەﺗﻠﯩـﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 24
www.uyghurweb.net ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ھﯘﺟــﯘﻣﻼﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩــﺴﯩﺪە ﺷــﻪھﻪﺭ ﺩەﺭۋﺍﺯەﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺗﻮﻟــﯘﻕ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩــﭗ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛـــﯚﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﺳـــﯘﻟﻤﺎﻥ ﺧﯩﺘـــﺎﻳﻼﺭ )ﺷـــﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨـــﺪﺍ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩـــﯔ ﺑﺎﺷـــﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳـــﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟـــﯘپ، ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﺧﯘﻧﻐـﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩـﺸﻜﻪﻥ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ( ﻧﯩـﯔ ﻛـﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨـﺪە ﺳـﺎﻗﻼۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩــﭗ ﺋــﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﺸﻘﺎ ،ﻗﯩﻠﯩــﭻ ﭼﯧﭙﯩــﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻼپ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻣــﯘﺭﺗﻪﺩ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩــﺴﭙﺎﺗﻼﺷﺘﻰ .ﺑــﯘﻧﻰ ﻛــﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺑﯩﻠــﮕﻪﻥ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩــﯔ ﻗــﺎﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨــﭗ ،ﺧﯩﺘــﺎﻱ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺧﯩﺘﺎﻱ ،ﻗﺎﺭﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤـﺎﺱ ،ﻗﯩـﺮﻯ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺩﻭﺳـﺖ ﺑﻮﻟﻤـﺎﺱ ،ﺩﯦﻴﯩـﺸﯩﭗ ،ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﭼﻮﯕـﺪﯗﺭ، ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﺘــﯘﺭ ﻧﻪﺩە ﺧﯩﺘــﺎﻱ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﺎﻣــﺎﻥ ﻗﻮﻳﻤﯩــﺪﻯ .ﺑﯘﺗﺨــﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑــﯘﺯﯗپ ﺗﺎﺷــﻼﻧﺪﻯ .ﻣﯘﺳــﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨـﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﯟﯨﻠﯩـﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺴﯩﺪە ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻜﻰ ﮔـﯚﺭﯛۋﻛﻪﺵ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ﺑـﺎﺭﭼﻪ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺗﯘﺗﯘﻟــﯘپ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟــﺪﻯ ،ﺋــﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ،ﻣــﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻻﻧــﺪﻯ ،ﺗﯩﺮﯨــﻚ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩــﺮﺩﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﺗﺎﻳﺎﻗﻘــﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ ،ﻧﻪﺩە ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﻪﻙ ﻣﯩﻎ -ﻣﯩﻎ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﺭ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻨﻰ ،ﺳـﯜﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ،ﺳﯚﺭەپ ﭼﯩﻖ ،ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ﻗﻮﻳﻤﺎ ،ﺩەپ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎۋﺍﺯﻻﺭ ھﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ﻛــﯜﻧﻰ ﺋــﯘﺭ -ﺋــﯘﺭ ،ﺳــﯜﺭ -ﺳــﯜﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛــﯜﻥ ﺋــﯚﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﺷــﻪھﻪﺭ ﭘﯜﺗــﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋــﯚﺗﺘﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋــﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻗﺎﻣﯩﻠﯩــﭗ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳــﺎﻣﯘﻟﻰ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ،ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﻧــﻰ ﺗــﯚﺕ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻣﯘھﺎﺳــﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ،ﺋﻮﻗﻘــﺎ ﺗﯘﺗــﯘپ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳــﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻘﺎ ﺋﯜﻧــﺪﯨﭗ ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻤﯘ ﺑــﻮﺵ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳــﺘﯩﻦ ،ﻳﺎﻣﯘﻟﻨﯩــﯔ ﺗــﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑــﯘﺭﺝ )ﭘــﻮﺗﻪﻱ( ﻟﯩــﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ۋە ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺗﻪﺭﻣﻪ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﭗ ﺋــﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﯩﻨﯩﻘــﻰ ﻗــﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﭘﻪﺗﻬ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﻛـﯚﺯ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﯜﺗـﯜپ ﺷـﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳـﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ھﺎﺟﯩﺨﺎﻧﯩـﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﻮﭘﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧـﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ۋە ﺑـﯘ ﺳـﻪھﯩﭙﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗـﺎﺭﺍ ﺑﻮﻳـﺎپ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩـﺰ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺗﺘﯩﻦ ﻓﺎﻳـﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺭﺑﺎﻏـﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩـﺪﺍ ﺑﺎﺟﺨﺎﻧـﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ﺟﺎﻳﻨﯩـﯔ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺗﻪﺭەﭘﯩــﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷــﻘﺎﻥ ﺑــﺎﻍ -ۋﺍﺭﺍﻧﻠﯩــﻖ ،ﺋــﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﻛــﯚپ ،ﻛﻪﯕــﺮﻯ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻥ -ﺳــﻪﻳﻨﺎﻟﯩﺮﻯ ،ﭼــﻮڭ -ﭼــﻮڭ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﯗﻧﻰ ھﻮﻳﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﯘﻕ .ﺑﯩـﺰ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛــﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ،ﺳــﯧﭙﯩﻞ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ،ﺷــﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺋــﻮﻕ ﺗﯩﮕﯩــﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐــﺎﻥ ،ﺋــﺎھ -ۋﺍھ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﻳــﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻳﺎﺗﻘــﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺧﻪﺳــﺘﻪ ﺧﺎﻧﯩﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﻪﻟــﺪﯗﻕ .ﻣﻪﺟــﺮﯗھﻼﺭ ﺋﺎﻟــﺪﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﻟــﺪﻯ ،ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻳﺎﻏــﺎﭼﭽﻰ ﺋﯘﺳــﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨــﭗ ﭼﺎﺭﭘــﺎﻳﻪ )ﻛــﺎﺭﯨﯟﺍﺕ( ﻟﻪﺭﻧــﻰ ﺋﻪﺗﺘــﯜﺭﺩﯗﻕ .ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ،ﻳــﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺷـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺗﯘﺭﻏـﯘﻥ ھﻪﻛﯩﻤﻨـﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟـﺪﯗﻕ .ﺋـﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ،ھﺎﺟﯩﺨﺎﻧﯩـﺪﯨﻦ ﻛــﺎﺭۋﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘــﯜﺭﯛپ ،ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳــﺎﺗﻘﯘﺯﺩﯗﻕ ،ھﻪﻛﯩــﻢ ﺋﯩــﺴﭙﯩﺮﺕ ،ﭘﺎﺧﺘــﺎ ،ﻳــﻮﺩ ،ﺧﯩــﻦ ﺋﺎﺳــﭙﯩﺮﯨﻦ ،ﻳــﻮﺩﺍ ﻓــﻮﺭﻡ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧــﻰ ﺋــﯚﺯ ﺋﯚﻳﯩــﺪﯨﻦ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻳــﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﯕــﺪﻯ .ﻣﻪﻧﻤــﯘ ﺋﻪﻧــﺪﯨﺠﺎﻥ ﻛﻮﭼﺎﺳــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﺯﺍﺯﻟﯩﻖ )ﮔﻪﺯﻣﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ( ﺩﯗﻛﺎﻧﯩﻤـﺪﯨﻦ ﺷـﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩـﻚ ﮔﻪﺯﻟﯩـﻤﻪ ،ﺑﯩﮕﯩـﺰ ،ﺩﺍﻛـﺎ ،ﻛﯩـﺮﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ۋە ﺷـﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧــﺸﺎﻏﺎﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﻧﻪﺭﺳــﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧــﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﻪﻟﺘــﯜﺭﺩﯛﻡ .ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﺭۋﺍﺗﻼﺭﻏــﺎ ﻳــﺎﺗﻘﯘﺯﯗپ ﺋــﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑـﺎﺭﺍ -ﺑـﺎﺭﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻛـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩـﭗ ،ﻳـﯜﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛـﯚﻟﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﻪﻧـﺪە ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤـﯘ ﻳـﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛـﯜﻟﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛپ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻐـﺎ ﭼﻪﻛـﺴﯩﺰ ﺷـﺎﺩﻻﻧﺪﯗﻕ ۋە ﺑـﯘ ﻛـﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺟﻪﻧﺎﺑﻰ ﺋﯩﮕﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺩھﯩﻴﻪ ،ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺳـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻳﻮﻟﯩـﺪﺍ 25
www.uyghurweb.net ﻛﯚﻛﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻓﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﺳﺘﻪﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷـﯘ ﻛـﯜﻧﻜﻰ ﺳـﺎﻧﻰ ﺋـﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺩەۋﺍﻻﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ .ﺷﯘ ﻛـﯜﻧﻰ ﺷـﺎﻡ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻛﺎ -ﺋﯘﻛﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩـﺰﺩەپ ﺧﻪﺳـﺘﻪ ﺧﺎﻧﯩﻐـﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ،ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩــﻨﭻ ﺋــﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧــﺪە ﺋــﯘﻻﺭ ﺧﻮﺷــﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳــﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻛــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺴــﺴﯩﻖ ﻳــﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗـﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﯘﺗﻘـﯘﺯﯗپ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩـﭗ ھﻪﻗﻘﯩﻤﯩـﺰﺩە ﺳـﺎﻧﺎپ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ ﺧﻪﻳﺮ )ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺗﯩـﻠﻪﻙ( ﻟﻪﺭﻧـﻰ ﺗﯩﻠﻪﺷـﺘﻰ .ﺋﻪﺗﯩـﺴﻰ ﺋﻪﻧـﺪﯨﺠﺎﻥ ﻛﻮﭼﯩـﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳـﺠﯩﺪﺩﯨﻦ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻠﯩﻚ ﻣﯘھﻴﯩـﺪﺩﯨﻦ ﻣﻪﺧـﺪﯗﻡ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﻣـﺎھﯩﺮ ﺩﻭﺧﺘـﯘﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﯗﻕ ،ﺋـﯘ ﺗﯘﺭﻏـﯘﻥ ھﻪﻛﯩـﻢ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨـﺪﻯ .ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﺋـﯚﺗﻤﻪﻱ ﺷـﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘھﯩﺘﯩﻤـﯘ ﻛـﯚپ ﻳﺎﺧـﺸﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻳـﻮﺭﯗﻕ ،ﺋـﺎﺯﺍﺩە، ﭘــﺎﻛﯩﺰە ھــﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟــﺪﻯ ،ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭ ﺳــﺎﻧﯩﻤﯘ ﻳــﯜﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷــﺘﻰ .ﺗﺎﻣــﺎﻕ ﺋﯧــﺘﯩﺶ ،ﻗــﻮﺭﻭ ﺋﯩﭽﯩﻨــﻰ ﺭەﺗــﻠﻪﺵ، ﻛﯜﺯەﺗﭽﯩﻠﯩــﻚ ،ﺗــﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ،ﺋــﻮﺭﯗﻥ -ﻛــﯚﺭﭘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗــﯜﺯەﺵ ،ﻛﯩﺮﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧــﻰ ،ﺑــﺎﻟﯩﺶ )ﻳﺎﺳــﺘﯘﻕ( ﻻﺭﻧــﻰ ﺗﯩﮕﯩــﺸﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﻪﺵ -ﺋـﺎﻟﺘﻪ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺳـﻪﭘﻠﻪﻧﺪﻯ .ﺋـﺎﻏﺮﯨﻘﻼﺭ ﻳﺎﺗﺎﻗﺨﺎﻧﯩـﺴﻰ )ﺑﺎﻟﻨﯩـﺴﺖ( ﺩﯨﻜــﻰ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﻨﯩــﯔ ﺋــﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩــﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩــﺸﻜﺎپ ،ﺋﻮﺭﯗﻧــﺪﯗﻕ ﻗﻮﻳــﯘپ ﺑﯩﺰﯨــﺪﯗﻕ .ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩــﻖ ﻛﯩــﺮ ﻳﯘﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﺎﻳـﺎﻝ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﺩەۋﺍﻻﺵ ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪە ﺋﯚﻟـﯜپ ﻛﯩﺘﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩـﺮ ﻳـﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھ ھﺎﺟﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧـﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ ﺧـﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ،ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺷﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ،ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﻗﺎﺭﯨـﺸﯩﻤﭽﻪ ،ﻛـﺎﺑﯘﻝ ﺷﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩـﺸﻤﯩﻐﯘﺩەﻙ ﺩەﺭﯨﺠﯩـﺪە ﺩەۋﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺷــﯩﯟﯦﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘــﯘﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﺳــﯘﻥ ،ﺋــﺎﻕ ﺋﻮﺭﯗﺳــﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘــﯘﺭ ﻳﯩﻼۋﯨﻨﻜــﺎ ،ﺋﻪﻧﮕﻠﯩــﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘــﯘﺭ ﺷــﯩﻤﯩﺪﯨﺖ ،ﺳــﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳــﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘــﯘﺭ ﺳﯩــﺴﻴﺎﻳﻮۋﺍ ﻗﺎﺗــﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺷــﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋــﯚﺯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ھﻪﻛﯩﻢ ،ﻣﯘھﻴﯩﺪﺩﯨﻦ ﻣﻪﺧـﺪﯗﻡ ،ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﮔﯩﺮﯨـﻚ ﺩﻭﺧﺘـﯘﺭ )ﺋﯩـﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﻪﭘـﺘﯩﻤﻪﻥ( ﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺷـﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩـﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩـﭗ ﻣﺎﺳﻠﯩـﺸﯩﭗ ،ﻗﺎﭼـﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺷـﯘ ﭼـﺎﻍ ھـﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻼﺭﻧﯩـﯔ ھﺎﻟﯩـﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺧﻪۋەﺭ ﺋﺎﻟـﺪﻯ .ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﻛﯧـﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗــﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧــﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺩﻭﺧﺘــﯘﺭﻻﺭ ﺋــﯚﺯ ﺋــﺎﺭﺍ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻠﯩــﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷــﻤﻪ ﺗﻪﺷــﺨﯩﺲ )ﺩﯦﺌﺎﮔﻨﯘﺯ( ﻗﻮﻳﯘﺵ ۋە ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ھﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻟﻪﺯﺯەﺕ ھﺎﻳﺎﺗﺘــﺎ ﻟﻪﺯﺯەﺕ ﻣﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩــﺸﯩﺪﯗ :ﺑﯩــﺮﻯ ﻣــﺎﺩﺩﯨﻲ ﻟﻪﺯﺯەﺕ ،ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪڭ ﻳــﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻤﺎﺉ )ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ( ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩـﮕﻪ ھﻪﺭﻛﯩـﻢ ﻗﺎﻳﯩـﻞ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﻛﯧـﺮەﻙ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩـﺴﻰ ﻣﻪﻧﯩـﯟﯨﻲ ﻟﻪﺯﺯەﺗﺘﯘﺭ .ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﺍﺭ ۋە ﺋﻪﻗﯩﻠـﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑـﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜـﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷـﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﺮﺩەﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯩـﺮﻯ ﺑـﯘ ﻣﻪﻧﯩـﯟﯨﻲ ﻟﻪﺯﺯەﺗﻨـﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ،ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻖ ﺩﯦﺴﻪ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰﺯەﺕ ،ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺩەﻳـﺪﯗ ،ﺑﯩـﺮﻯ ﻛﻪﻳﻔـﯘ -ﺳـﻪﭘﺎ ،ﺧﯘﺷـﺎﻝ -ﺧﯘﺭﺍﻣﻠﯩـﻖ ﺩﯦـﺴﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﻢ ،ھﯜﻧﻪﺭ ﺩەﻳﺪﯗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩـﺮﻯ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﻣﻪﻧﯩـﯟﯨﻲ ﻟﻪﺯﺯەﺗﻨﯩـﯔ ﺋﻪڭ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨـﺴﻰ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩــﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩــﺸﺘﯘﺭ ،ﺩەﻳــﺪﯗ .ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺗﻪﺑﯩــﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩــﺮﻧﯩﻼ ﻗــﻮﻟﻼپ ،ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘــﺎ ﭼﯩﻘﯩــﺮﯨﺶ ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﺮﻯ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﺳﻜﻰ )ﻛﻮﻧﺎ( ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ -ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻏـﺎ ﻏﺎﻟﯩـﺐ ﺑﻮﻟﯘﺷـﺘﯩﻜﻰ ﻟﻪﺯﺯەﺗﻨﯩـﯔ ﺧﯘﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻟﻪﺯﺯەﺗﺘﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺷـﯘ ﭼـﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻣـﺪﯨﻼ 28ﻳﺎﺷـﻘﺎ ﻛﯩـﺮﮔﻪﻥ، ﻳﯧﯖــﻰ ﺋــﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩــﺖ ﺋﯩــﺪﯨﻢ ،ھﺎﻳــﺎﺕ ﻳﻮﻟﺪﯨــﺸﯩﻢ 14ﻳﺎﺷــﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋــﺎﺩەﺗﺘﻪ ،ﺋــﺎﺋﯩﻠﻪﻡ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷــﯜﺵ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻤــﺎﻱ ،ھﻪﭘــﺘﯩﻠﻪﺭ ،ﺋــﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺗــﯜپ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘــﻰ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷــﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩــﺒﻪ 26
www.uyghurweb.net ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺭﺍھﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺭﺍھﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﻛﯧﭽﯩﻨـﻰ ﻛﯜﻧـﺪﯛﺯﮔﻪ ﺋـﯘﻻپ ﺋﯩـﺸﻠﻪپ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎﻥ ،ﺑﯩـﺮ ﻳﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻗـﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ،ﭘـﯘﻝ -ﻣـﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﻤﻼﭘﻤـﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﺭﭼﯩﻤـﺎﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺗﻮﻳﻤـﺎﺱ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯚﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ )ﺷﯩﻔﺎﺧﺎﻧﺎ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ،ﻣـﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ،ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ( ۋەﺯﯨﻴﭙﻪﻣﻨﯩﯔ ھﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭەﺗﺘﯩﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺷﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﻗـﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨـﭗ ﺗﯘﺭﻏـﯘﭼﻰ ﻛﻪﻣﯩـﻨﻪ ﺋـﺎﺟﯩﺰ ﺑﻪﻧـﺪە ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧـﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﻥ ﻛﯚﻳـﺪﯛﺭﯛپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺧـﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨـﺪﯨﻦ ھﯧﭻ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗـﺎﻟﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘـﻰ .ﻛـﯧﭽﻪ -ﻛـﯧﭽﯩﻠﻪپ ﺋﯩـﺸﻠﻪپ ﻛﯧﺘﻪﺗـﺘﯩﻢ ،ﺷـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋـﯘﺧﻼﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﺋـﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﻛــﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷــﯩﻔﺎﺧﺎﻧﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺗﻪﻟﻪﺑﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺋﺎﻗــﺴﺎﺗﻤﺎﻱ ﺋﻮﺭﯗﻧــﺪﺍپ ﺑﯧــﺮەﺗﺘﯩﻢ .ﺑــﯘ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩــﻖ ،ﺑــﯘ ھﯩﺮﯨﭗ -ﭼﺎﺭﭼﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻨﯩﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺑﯘ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠـﯘپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺧﯘﺷـﻠﯩﻘﻰ- ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻣﺎﻧـﺎ ﺑـﯘ ھﻪﻗﻘـﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩـﭗ ﭼﯜﺷـﯜپ، ﺟﻪﻧﺎﺑﻰ ھﻪﻕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯەﭘﻪﺭ ۋە ﻧﯘﺳﺮەﺗﻨﯩﯔ ھﯘﺯﯗﺭ -ھﻪﻻۋﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼھ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻟﻪﺯﺯەﺗﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐـﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺩەﻟﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﻛﻪﻣﯩـﻨﻪ ﻏـﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩـﻖ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩـﺸﻠﻪپ ،ﺯﺍﺩﯨـﻼ ﺋﯩـﺸﺘﯩﻦ ﭼﺎﺭﭼﺎپ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﻪﮔﻪﻧـﺪە ﺋﺎﻏﺮﯨـﭗ ﻗﺎﻟـﺪﯨﻢ .ﺋﺎﻏﺮﯨـﭗ 26ﻛـﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﺍ ﺋـﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ .ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻼ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗـﺘﯩﻢ .ﺷـﯘ ﻳﻮﺳـﯘﻧﺪﺍ 19ﻛـﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـﻰ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﺋـﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﺋـﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩـﺸﻘﺎ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺕ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ،ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ،ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩـﺸﻠﻪپ ﺋﯘﻳﻘـﯘ -ﺋـﺎﺭﺍﻣﻨﻰ ھﻪﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻏﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺷــﻪھﯩﺮﻯ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋﯚﺗــﯜپ ﺗــﯚﺕ ،ﺑﻪﺵ ﻛــﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧــﺪە ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﻟﯜﻳﺠــﺎڭ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪۋﯨـﺮﻯ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ -1933ﻳﯩﻠـﻰ -5ﺋﺎﻳﻨﯩـﯔ -2 ﻛــﯜﻧﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛــﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﻳــﯘﺭﺕ ﻣــﯚھﺘﻪﺭەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺳــﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ،ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﮕﯩــﺸﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧــﺘﻪﻧﻪ ،ﺩﺍﻏــﺪﯗﻏﺎ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯜۋﺍﻟــﺪﻯ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﻏــﺎﺯﻯ ﻣﻪھﻤﯘﺩﺧــﺎﻥ ﺑــﺎﻱ ﺑﻪﭼﭽﻪﻧﯩــﯔ ﺑﯧﻐﯩﻐــﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔــﺎھ ﻗــﯘﺭﺩﻯ. ھﻪﻣــﺪەﻡ ﺑﻪگ ھــﺎﺟﯩﻢ ،ﺋﻪﻟــﻰ ھــﺎﺟﯩﻢ ،ھﺎﻣﯩــﺪﺧﺎﻥ ﺗﯧﯖﺠــﺎڭ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﺎ ھﻪﻣﺮﺍھﻠﯩــﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜــﻰ ﺋــﺎﻳﺮﯨﻢ -ﺋــﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳــﺎﺭﺍﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷــﺘﻰ .ﺋﺎﻗــﺴﯘ ۋە ﻛﯘﭼﺎﺭﻧﯩــﯔ ﻳــﯘﺭﺕ ﺑﯧــﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐــﺎﻥ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﻏــﺎﺯﻯ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑـﯘ ﺷـﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩـﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩـﺶ ھﻮﻗـﯘﻗﻰ ﭘﯜﺗـﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩـﺸﯩﭗ ،ﭘﻪﺭﻣـﺎﻥ ،ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻼﺭ » ﺋﻪﻣﯩﻴﺮﯗﻟﻤﯘﺋﻤﯩﻨﯩﻦ« )ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻰ( ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﻏـﺎﺯﻯ ﻧﺎﻣﯩـﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺑﯩـﺮ ھﻪﭘﺘﯩـﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﺋﯘﺯﯗﻧــﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳــﺎﻥ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﻏــﺎﺯﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩــﺸﯩﭗ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑــﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻰ ﻣــﺎﺯﯨﺨﯘﻱ )ﻣﺎﺟﻪﻧــﺴﺎڭ( ﻗﻮﺷــﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩــﭗ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﻏــﺎﺯﻯ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋــﯚﺯ ھﯩﻤﺎﻳﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﯘﻧـﯘﺵ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻱ ،ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﺎﺭﯨـﺪﺍ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠـﺪﻯ .ﺑــﯘ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﭘﻪﻳﺰﺍۋﺍﺗﺘــﺎ ھـﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺳــﺎﺗﯩﭗ ﺋﺎﻟـﺪﯨﺠﺎﻥ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷــﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻏﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ،ﺷﻪھﻪﺭ ﻣﯘھـﺎﭘﯩﺰﻯ )ﺳـﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻰ( ﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ھﻪﻳﺘﮕﺎھﺘﯩﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ 27
www.uyghurweb.net
ﺷــﻪھﻪﺭ ﻣﯘھــﺎﻓﯩﺰﻯ ﺳــﺎﺗﯩﭗ ﺋﺎﻟــﺪﯨﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟــﺪﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺸﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳــﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩــﺴﯩﺪﺍ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑــﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ،ﻧﻮﭘﻮﺯﻟــﯘﻕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯧﯖﯩــﺸﯩﭗ ،ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﻏﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ۋەﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ،ﺋﺎﻗـﺴﯘ ،ﻛﯘﭼـﺎﺭ ،ﺗﯘﺭﭘـﺎﻥ ،ﻗـﺎﺭﺍ ﺷـﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋـﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ۋە ھﻪﻣـﺪﯗﻟﻼھ ﺋـﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠـﻠﻪﺕ ﺳـﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩــﺸﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ﻣﯩﻠــﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷــﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﻏــﺎﺯﻯ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻖ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ،ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﻓﻪﺧﺮﯨـﻲ ﺋﻪﺯﺍﺳـﻰ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜــﻰ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩــﺮﻯ ،ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ،ﺋﺎﺭﺗﯘﺷــﻨﯩﯔ ﻛــﯚﺯﮔﻪ ﻛــﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷــﻠﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ،ﻣﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗـﺎﭘﺘﻰ .ﻣﯩﻠـﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗـﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﻏﺎﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜـﻰ ﻟﯜﻳﺠـﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧـﯟﺍﻧﻰ ﺳﯩﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ،ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩـﯔ ﻟﯩﻴﻪﻧﺠـﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧـﯟﺍﻧﻰ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻠﯩﻘﻘـﺎ ﺋﯚﺳـﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼ ﺷﻪﻣـﺴﯘﺩﺩﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻛﻤﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺳﺎﺑﯩﻖ ۋﺍﻟﻰ ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﻨﻨﯩﯔ ۋﺍﻟﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷـﻠﯩﻨﯩﭗ ،ۋﺍﻟـﻰ )ﺩﻭﺗﻪﻱ( ﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯘﻧﯘﺳﺒﻪگ ﺳﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ،ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﻨﻨـﯔ ۋﺍﻟﯩﻠﯩـﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘـﻰ ۋە ﻣﯘھـﯘﺭ )ۋﺍﻟﯩﻠﯩـﻖ ﺗﺎﻣﻐﯘﺳـﻰ( ﯨﻨـﻰ ﺗﯧـﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻧـﯘﺱ ﺑﻪﮔﻜﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎھﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯘﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﻣﯩﻠـﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﻗـﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑـﺎﺭﭼﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﯨﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ،ﻟـﯧﻜﯩﻦ ،ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑـﯘ ﻗـﺎﺭﺍﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩـﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ،ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﻗـﻮﻟﻼﻳﺘﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮﻯ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻣــﺎﺯﯨﺨﯘﻱ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ﻛــﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﻳــﺎﻥ ﺑﯧــﺴﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺋﻪﺳــﻜﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩە ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩــﺪەﻙ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﯧﻠﯩﯟﯨﺮﯨــﺸﻰ ،ﺗﯧﯖﺠــﺎﯕﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐــﺎ ﺑﻮﻳــﺴﯘﻧﯘﺷﻰ ،ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗﺷــﻰ، ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻣــﻤﻪ ﺗﻪﺭەپ ﺋــﯚﺯ ﺋــﺎﺭﺍ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩــﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷــﻰ ﻛﯧــﺮەﻙ ،ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﺑــﺘﻪ ﺋﯩــﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ،ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻰ ،ﻳـﯘﺭﺕ ﭼـﻮﯕﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑـﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨـﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧـﺸﯩﭽﺎﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻧــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺟــﯘ ﺩﻭﺗﻪﻱ )ﺟــﯘﺭﯛﻳﭽﻰ( ﺩﯨــﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻳــﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﻗﺎﺗــﺎﺭ ﺋﯩــﺸﻼﺭ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑــﺎﻳﻼﺭ، ﺗﯩﺠـــﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣـــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﻣﺎﻳﯩـــﻞ ﻗﯩﻠﯩـــﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧـــﺪەﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘـــﻰ .ﺑﯘﻧـــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـــﻘﺎ ﺳـــﻪۋەﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣـــﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻱ. ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ،ﻳﯘﻧﯘﺳﺒﻪﮔﻨﯩﯔ ۋﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣـــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻣﯩﻠـــﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩـــﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗـــﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑـــﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ،ﻣﯩﻠـــﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩـــﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺟﯩــﺪﺩﯨﻲ ھــﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟــﯜپ ،ﭘﻪﻳــﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛــﯜﻧﻰ ﺳــﻪھﻪﺭ ﭘﻪﻳﺘﯩــﺪە ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳــﺎﻣﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘھﺎﺳــﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟــﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳــﺎﺭﺍﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗــﯘپ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺳﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩەﺭﯨﺠﻪﺳـﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳـﺘﯜﺭﺩﻯ ھﻪﻣـﺪە ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩـﭗ، ﺋﯚﺯﺑﯧــﻚ ﻗﻮﺷــﯘﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺷــﻜﻪ ﺭﯗﺧــﺴﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑــﯘ ﭘﯘﺭﺳــﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩــﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠــﮕﻪﻥ ﺳــﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ﺗﯧﺰﻟﯩــﻚ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﻪﺭﯨــﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ھﺎﺟﯩﺨﺎﻧــﺎ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺟــﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐــﺎ ﺗــﻮﭘﻼپ ھﻪﻣﻤﯩــﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧــﺪﯗﺭﯗپ ،ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻐــﺎ ھــﺎﺯﯨﺮ ھــﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘــﯜﺭﺩﻯ .ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﻣﯘھﺎﺳــﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺑــﯘ ﻳﯧﯖــﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧــﻚ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺯﻭﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷـﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗـﺎﺯﻯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ )ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻗﺎﺯﯨﺴﻰ( ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛـﺎ ﺋـﺎﺕ ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪە ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩـﭗ ﻳـﯜﺭﯛپ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﻪﯕﻨـﻰ 28
www.uyghurweb.net ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧـﺪﯗﺭﯗپ ﻳـﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗـﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺳـﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺷـﯘ ﻛـﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺟﻪﯕـﺪە ﺋـﯘ ﺋـﯚﺯ ﻛـﯜﭼﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﺗــﺘﻪ ﺗــﺎﻝ ﺋــﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﺗــﺎﺭ ﻳــﺎﭘﻮﻥ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻨــﻰ ﺋﻮﻟﺠــﺎ ﺋﺎﻟــﺪﻯ .ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧــﻚ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ھﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﺎ ﺷـﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯩﻴـﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻱ .ﺑـﯘ ﻛـﯜﻧﻜﻰ ﺟﻪڭ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋﯚﺯﺑﯧـﻚ ،ﻗﯩﺮﻏﯩـﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ھﯘﺟﯘﻣﻰ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻗﻮﺷﻮﻧﯩﻨﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺑﻪﻙ ھﺎﻟﺴﯩﺮﺍﺗﺘﻰ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺪە ،ﻣـﺎﺯﯨﺨﯘﻱ ﺋﺎﺭﯨﻐـﺎ ﭼﯜﺷــﯜپ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﻣﯩﻠــﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗــﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﻛﯚﻧــﺪﯛﺭﺩﻯ .ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻤﯘ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ۋە ﻣــﯘﻟﻜﯩﻲ ﺧــﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﻏــﯜﺯﯗﺵ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩــﻰ ﻗﻮﻳــﺪﻯ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﻨﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻧﻪﻗﺪ )ﻧﻪﻕ( ﭘـﯘﻝ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﭘﯘﻟﻠـﯘﻕ، ﺑﺎھﺎﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﭘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ،ﺳﻪﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﻟﻮﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﻐـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﻪﺗﺘـﻰ -1933 .ﻳﯩﻠـﻰ - 5ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 2ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﻳﯘﻧـﯘﺱ ﺩﺍﺭﯨﻨﻤـﯘ ﺋـﯚﺯ ﻣﯘﺋـﺎۋﯨﻨﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﻪﻧـﺴﯩﺒﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺗـﺎﻣﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ۋە ﺩﯙﻟﻪﺗـﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩـﺪﺍﺭ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ،ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﯚﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﭼﯩﻦ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻞ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ،ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺋــﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻥ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻧﯩﺰﺍﻣــﯘﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻨﻰ ﺋــﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩــﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺳﻪﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣـﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﻟﯜﻳﺠـﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩـﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﭗ ھﺎﻟـﺪﺍ ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺷـﻪﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐـﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﻰ. ھﺎﻣﯩﺪ ﺗﯧﯖﺠﺎڭ ،ھﻪﻣﺪەﻣﺒﻪگ ھـﺎﺟﯩﻢ ،ھـﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠـﺎڭ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻥ ،ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮﻻﺭ ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ -ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏـﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷــﺘﻰ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳــﺎﻧﻰ ۋە ﺩەﺭﯨــﺠﻪ ﭘﻪﺭﻗﯩــﮕﻪ ﻗــﺎﺭﺍپ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩەﺭﯨــﺠﻪ، ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﻯ .ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺳﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﯚﺳـﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩـﺮ ﺧﯩـﻞ ﭘﺎﺳﯘﻧﺪﺍ ﻛﺎﻟﺘﻪ ﻛﻪﻣﺰﯗﻝ ،ﺷﯩﻢ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺗﯧﯖﺠﺎﯕﻼﺭﻏـﺎ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﺳـﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻤﯘ ﺋـﯚﺯ ﻗﻮﺷـﻮﻧﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩــﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺳــﺎﻧﯩﻨﻰ 300ﻧﻪﭘﻪﺭﺩﯨــﻦ ﺋﺎﺷــﯘﺭﺩﻯ .ﺋــﯘ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﻪڭ ﻣﺎھــﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺯﺍﺭ -ﺭەﺳﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ ﻣﻪﺷﻜﻪ ﺩەﺳﺴﯩﺘﯩﭗ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺳﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎھﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ۋﺍﻟﻰ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺑﻪگ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯧﯖﻰ ۋﺍﻟﻰ ﻳﯘﻧﯘﺳﺒﻪگ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜـﻰ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋﺍﻟﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺸﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨـﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗپ ﭼﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ۋە ﺋﻪۋﻗﺎﻑ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻜﻪﺭﯨﻢ ﺧﺎﻥ ﻣﻪﺧـﺪﯗﻡ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﻛﯩـﺸﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟـﺪﻯ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺸﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺋﯩـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ﻛـﯜﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧـﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ،ﺋﯘﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨـﺮەﻙ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐـﺎﻥ »ﻗﯩﺰﯨﻞ ھﯩﻼﻝ ﺋﺎﻱ« ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭەﺳﻤﻲ ﺋﯧﺘﯩـﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩـﻚ ﺋﻮﺭﮔـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩـﺸﻰ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻳﯘﺭﺕ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﯩﻨﭽﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧـﺪەﻙ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﻛﻮﻧـﺎ ﺷـﻪھﯩﺮﯨﺪە ھﻪﻣـﻤﻪ ﺩﯦﮕـﯜﺩەﻙ ﺋـﺎﺯﺍﺩە ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﻪﺕ ،ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻮﻱ -ﭘﯩﻜـﺮﮔﻪ ﺋﯩـﮕﻪ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳـﺎھﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﭽﯩﻨـﻰ ﻛﯜﻧـﺪﯛﺯﮔﻪ ﺋـﯘﻻپ 29
www.uyghurweb.net ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩـﺸﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﺷـﯘﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ۋەﺯﯨﻴﻪﺗﻨـﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﺑﺎﻳـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯚﺗـﯜﺵ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻱ ﭘﻮﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭە ﺑﻮﻟﯘۋﯨﻠﯩﭗ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﺩﻭﺳـﺖ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛـﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺯﯨﺨﯘﻳﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﺩﻭﺗﻪﻳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟـﺪﯗﺭﯗﻟﯘپ ﻳﺎﻣﯘﻟـﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩـﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﻣـﺎﺯﯨﺨﯘﻳﻼﺭ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩـﺸﺘﻰ .ﻣـﺎﺯﯨﺨﯘﻳﻼﺭ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜپ ،ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﺮﯨﺪﺍ ﻟﻮﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩـﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﻣـﺎﺩﺍﺭﯨﻨﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﻼپ ،ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺑـﯘ ﺧﯩـﻞ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩـﺮﯨﮕﻪ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣـﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻜﻪﺭﯨﻤﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧـﺪﯗﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩـﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻧﻮﺭﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩـﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑـﯘﺯﯗپ ،ﻗﺎﻳﺘﯩـﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳـﺎپ ﺩﺍﺭﯗﻟﻤـﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ .ﺑﯩﺮ ﻛـﯜﻧﻰ ﺷـﻪھﻪﺭ ۋە ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩـﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏـﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏـﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩـﭗ ،ﻛﺎﺗﺘـﺎ ﺩﺍﻏـﺪﯗﻏﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺭﯗﻟﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ .ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ۋە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣﯘﺋـﺎۋﯨﻨﻠﯩﺮﻯ، ۋﺍﻟﻰ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺑﻪگ ۋە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣﯘﺋـﺎۋﯨﻨﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﭼـﻮڭ -ﻛﯩﭽﯩـﻚ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻼﺭ ،ﺷـﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﯩﺠﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ،ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭ ،ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ،ﺯﯨﻴـﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ،ﺋﯩﻠﻐـﺎﺭ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩـﺪﺍﺭ ﺋـﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﺋــﺎﺩەﻡ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷــﺘﻰ .ﻣﻪﺟﻠﯩــﺲ ﺳــﯚﺯﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺗﻪﺳــﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ،ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺗﻪﺷــﯟﯨﻖ، ﻳﻮﻟﻴــﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩــﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟــﯜپ ،ﺧﻪﻳﺮﻟﯩــﻚ ﺩﯗﺋــﺎﻻﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷــﺘﻰ )ﺋﻪﭘــﺴﯘﺳﻜﻰ ﺷــﯘﻛﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﻪﺩﺍﺭ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ،ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭ ھﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ( .ﺋﻪﺗﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻼپ ﻣـﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩەﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﻟﯜﺷــﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨــﺴﯩﺪە ﺑﯩــﺮ ﺋﯩﻠﻤﯩــﻲ ھﻪﻳــﺌﻪﺕ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ -ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﮔﯧﺰﯨﺖ ۋە ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ،ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﺸﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺩﺍﺭﯗﻟﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻴﻦ ﺑﻨﯩﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪۋﯨﺘﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ۋە ﺋﻪۋﻗﺎﻑ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋـﻮﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ .ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ﺋﺪﺍﺭﯨــﺴﻰ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻧﺎﻣﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻤﯩــﻲ ھﻪﻳــﺌﻪﺗﻜﻪ ھﻪﻳﺌﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﺧﯧﺘﻰ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﻛﻪﻣﯩـﻨﻪ ﺋـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩـﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘـﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐـﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﭙﺮەﻙ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ .ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚپ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻣﯘﺩﯨﺮﻣﯘ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩـﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮەﺭ ﻣـﯘھﯩﻢ ﺋﯩــﺶ ﺑــﺎﺭﺩەﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘــﻰ .ﺋﯚﻳﻨﯩــﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨــﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﺗــﻮپ ﻛــﯜﻝ ﺭەﯕﻠﯩــﻚ ﺳــﯩﺘﯩﻦ )ﻟﻪﻣﺒــﯘﻍ( ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻣﻪﺟﻠﯩــﺲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻜﻪﺭﯨﻤﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦـﺪﻯ» :ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻢ ﺋﻮﺑـﺪﺍﻥ ﻛﻪﻟـﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﺑﯩـﺰﻟﻪﺭ ﺩﺍﺭﯗﻟﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻴﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺒﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻣـﺰﯗﻝ ،ﺷـﯩﻢ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎﻕ ﺳـﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷـﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ .ﺑﯘﻧﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ« ﺩەپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨـﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠـﯘﻕ ﻟﻪﻣﺒﯘﻏﻘـﺎ ﺋﯩـﺸﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠـﺪﻯ ۋە ﻣﺎﯕــﺎ» :ﺑــﯘ ھﻪﻗــﺘﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﭘﯩﻜــﺮﻯ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ؟« ﺩﯦــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩــﯔ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐــﺎ ﻛﻪﭼــﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ» :ﺋﻪھﻠﻰ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩەﻙ ،ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻗﻮﺷـﯘﻟﯩﻤﯩﺰ« ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﺑﯩـﺮﺍﻕ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﯘ ﮔﻪپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ ﻗﯩﻠﻤـﺎﻱ ﻳﻪﻧﯩـﻼ ﺋـﯚﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﻨـﻰ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﻘﯩـﺸﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﺏ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﻟـﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ» :ﻗﺎﺭﺍﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﻜﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋـﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﺋﯩـﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺷـﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋـﯚﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﻨـﻰ ﺩەپ ﺑﯧﻘﯩــﺸﯩﻢ ﻛﯧــﺮەﻙ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﭘﯩﻜــﺮﯨﻢ ،ﺑــﯘ ﺋﯩــﺪﺍﺭە ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨــﺴﻰ ،ﺋﯩﻠﻤــﻰ ھﻪﻳــﺌﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﯩﺪە 30
www.uyghurweb.net ﺋﻮﻳﻠﯩــﺸﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺶ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻛــﯜچ -ﻗــﯘﺩﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩــﺶ ،ﺷﯘﯕﻼﺷــﻘﺎ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﺘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩـــﻚ ﻧﻮﻗﺘﯩﺌﯩﻴﻨﻪﺯەﺭﯨـــﺪﯨﻦ ﺳـــﯚﺯ ﺋـــﯧﭽﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧـــﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ« ﺩەپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨـــﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﺯﻟﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧـــﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗپ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦـﺪﯨﻢ» :ﺑـﯘ ﮔﻪﺯﻟﯩـﻤﻪ ﻛـﯚپ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩـﻖ ﺋﯩـﻜﻪﻥ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺷﯘﻏﯩﻨﯩـﺴﻰ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻨﯩـــﯔ ﻣﯩﻠـــﻰ .ﺳـــﻮۋﯦﺘﺘﯩﻦ ﻛﯩـــﺮﮔﻪﻥ ﻗﯩﻤـــﻤﻪﺕ ﭘﯘﻟﻠـــﯘﻕ ﻣـــﺎﻟﻼﺭﺩﯗﺭ .ﻣﯧـــﻨﯩﯖﭽﻪ ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨـــﺪە ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﻤﻪﻧﻠﯩـﻚ )ﺧـﺎﻡ( ﻧﯩـﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ ﺧﯩﻠﯩـﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺋـﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏـﺎ ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﺭەﯕﺪە ﺑﻮﻳﺎﺗـﺴﺎﻕ؛ ﻣﺎﻧـﺎ ﺷـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ھﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐـﺎ ﺋـﯚﻟﭽﻪپ ﻛﯩـﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﺗﯩﻜﯩﻠـﺴﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﺧﺘـﺎ ،ﻳﯩـﭗ ﺗﻮﻗـﯘﺵ، ﺑﻮﻳﺎﺵ ،ﻳﯩﭙﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﺮﯨﺶ ،ﺗﯩﻜﯩـﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩـﺴﻰ ﺋـﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﭘـﯘﻝ ﻳﺎﺗﻼﺭﻧﯩـﯔ ﭼـﯚﻧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷـﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ« ﺩەپ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷـﺘﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻜﻪﺭﯨﻢ ﻣﻪﺧـﺪﯗﻡ ﺑـﯘ ﺳـﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩـﺸﻠﯩﺪﻯ ،ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﯚﻧﯜپ ،ﻟﻪﻣﺒﯘﻏﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗۋﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﻪﻣـﺰﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ ھﻪﻣﺪە ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ۋە ﻗﯩﺰﯨﻞ ھﯩﻼﻝ ﺋﺎﻱ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ۋﺍﻟﻰ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨـﻞ ھﯩـﻼﻝ ﺋـﺎﻱ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧـﺎ ۋە ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷـﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩـﺸﻰ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ ﺧـﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕـﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺑﯩـﺰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﯗﻕ .ﻗﯩﺰﯨـﻞ ھﯩـﻼﻝ ﺋـﺎﻳﻨﯩﯖﻤﯘ ﺧﯩﻠـﻰ ﺩﺍﯕﻘـﻰ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻗﺎﻟـﺪﻯ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﯜﺭﯛﺷــﯜپ ﺗــﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﺳــﻮۋﯦﺖ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﺎﺳــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﻛﯩﺮﯨــﺴﺖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩــﺴﻴﺎﻳﻮۋﺍ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘــﯘﺭ ﺋﺎﻳــﺎﻝ ﺗﺎﺟﯩﻜﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺳــﯩﻤﯘپ ۋە ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩــﺮ ﺋــﻮﺭﯗﺱ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﭘﻪﻳﺘﯘﻧــﺪﺍ ،ﺋﯘﻧــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺭﯗﺱ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﭘﻪﻳﺘﯘﻧــﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘــﯘﺭﯗپ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐــﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺕ ،ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺳﯩـﺴﻴﺎﻳﻮۋﺍ ﺑﯩـﺰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷــﻜﻪﻧﺪە ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧــﺎ ﺋــﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯩﺘﯩــﭗ ﻗﻮﻳﻐــﺎﻥ ﻳــﺎﺭﺩەﻣﭽﯩﻠﻪﺭ ،ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﺷــﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻛﯧﻠﯩــﭙﻼ ﭘﻪﻳﺘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑـﻮﻗﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺷـﯜپ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﻛﯩﺮﯨـﺴﺖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘـﻰ ھﻪﺩﯨـﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﻪۋەﺗـﻜﻪﻥ ﭼﺎﻳــﺸﺎپ ،ﺑــﺎﻟﯩﺶ )ﻳﺎﺳــﺘﯘﻕ( ،ﺋــﯘﻥ ﺳــﺎﺑﯘﻥ )ﺳــﻮﭘﯘﻥ( ﻗﺎﺗــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳــﯩﻠﻪﺭﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ھﻪﺭ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻘــﺎ ﺑﯩــﺮ ﺟﯜﭘﺘﯩﻦ ﭼﺎﻳﺸﺎپ ،ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﺶ ،ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻥ ﺳﺎﺑﯘﻥ ﺗﻪﻗـﺴﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪە ﺑـﯘ ھﻪﺩﯨـﻴﻪ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ 110ﺋــﺎﺩەﻣﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩــﺸﺘﻰ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧــﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑــﯘ ھﻪﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧــﻰ ﻗﯘﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗــﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠــﺪﯛﺭﺩﯛﻡ .ﺑــﻮﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩــﭗ ﻧﻪﺭﺳــﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏــﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧــﺪﺍ ﺷﯩﻔﺎﺧﺎﻧﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ -ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩـﭗ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳـﻰ ﻣﺎﯕـﺎ ﻗﺎﺳـﯩﻤﻮپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﭼـﯘﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺩەﺭھـﺎﻝ ﺳﯩـﺴﻴﺎﻳﻮۋﺍﻏﺎ: »ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ؟« ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﺋـﯘ» :ﺳـﯜﺭەﺕ ﺋﺎﻟﻤـﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﻛﯧـﺮەﻙ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗﺭ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺳﯜﺭەﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـﺪﯗﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑـﯘ ھﻪﺩﯨﻴﯩﻠﯩـﺮﯨﯖﻼﺭ ﺷـﯩﻔﺎﺧﺎﻧﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻤـﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺭەﺳـﯩﻤﮕﻪ ﺋـﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗــﻰ ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺋﯩــﺸﻨﯩﯔ ھﯚﺩﺩﯨــﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ھﻪﺩﯨــﻴﯩﯖﻼﺭ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗۋﯦﺘﯩﻠﯩـــﺪﯗﺭ ،ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﻗﯘﺑـــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩـــﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪﺭﺗـــﺴﯩﺰ ھﻪﺩﯨـــﻴﻪ« ﺩﯦـــﺪﯨﻢ .ﺩﻭﺧﺘـــﯘﺭ ﺳﯩـــﺴﻴﺎﻳﻮۋﺍﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﺍﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺯ ﺋﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺳـﯩﻤﯘپ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺋـﯜچ ﺭﯗﺱ ﺭەﺳـﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩـﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩـﺪﻯ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩـﯔ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺧﻮﺷﻠﯩـﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕـﺪﻯ. 31
www.uyghurweb.net ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺳﯩﺴﻴﺎﻳﻮۋﺍ ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ -ﺋـﯜچ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏـﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ھﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪە ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺮەﺭ ﺭﻭﺳـﻨﻰ ﻳـﺎﻛﻰ ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﻗﺎﺳـﯩﻤﯘپ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳـﯩﻤﯘ ﺩﻭﺧﺘـﯘﺭ ﺳﯩـﺴﻴﺎﻳﻮۋﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧـﺎ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯩﺶ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯩﺮﯨﯟﯦﺘـﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘـﻰ. ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻟﯩﺐ ﺋﻪھﻤﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﭼﯘﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑﯘ ﺋﯚﺯ ﺋـﻮﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﺑﺎﻳـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﺭ. ﻗﯩﺰﯨﻞ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣــﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧــﺖ ﻛﻮﻧــﺎ ﺷــﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘھﺎﺳــﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ۋە ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺳــﻠﯩﻤﮕﻪ ﻛــﯚﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧــﺖ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺧـﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺳــﯚھﺒﻪﺕ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻨﻰ ﺧــﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﺷــﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺷــﯘﻧﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑــﺎﻻ- ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﻮﺭﺍﻝ -ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ -ﺗﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩــﭗ ﺋــﯘﺩﯗﻝ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗــﺎﺭﺍپ ﻳــﯜﺭﯛپ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷــﯘ ﻳــﯜﺭﮔﯩﻨﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏــﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﭼﺎﭘﺎﺭ )ﺧﻪۋەﺭﭼـﻰ( ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑـﯘ ﺧﻪۋەﺭ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﯕﻼﻧـﺪﻯ .ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩـــﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑـــﺎﺵ ﻗﻮﺷﯘﺷـــﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻳـــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗـــﺎﺭﺍپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕـــﺎﻥ ۋە ﺧﯩﺘـــﺎﻱ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳــﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳــﯘپ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﺋــﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷــﻜﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳــﻠﯩﻖ ﭘﯩــﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗپ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ ،ﭼﯚﻟـﺪە ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛــﯜﺱ ﺋﯘﺟﯘﻗﺘــﯘﺭﯗپ ﺗﺎﺷــﻼﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋﻪھﻤﻪﺩﺧــﺎﻥ ﺗﯩﯖﺠــﺎڭ ﻗﺎﺗــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ ﺑﺎﺷــﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷــﯘﻥ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻐﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩـﭗ ھﻪﻣـﻤﻪ ﺑﯩـﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻗـﺎﺭﺍپ ﻳﯜﺭﯛپ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧـﺪﺍ ﺧﯩﺘـﺎﻱ -ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷـﺘﻰ .ﺋـﺎﻟﻼھ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﻧﻪﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺩەھـﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ھﯘﺟـﯘﻡ ﺑﺎﺷـﻼﻧﺪﻯ .ﺋﻪﺟﻪﻝ ﺑـﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨـﭗ ،ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەپ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨـﺸﯩﭙﻼ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺑـﯘ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻰ ﮔﻮﻳـﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏـﯘﻝ ﺋﺎﺗﯩﻐـﺎ ،ﺋﺎﺗـﺎ ﺋﻮﻏﯘﻟﻐـﺎ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪھـﺸﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳـﯜﻙ -ﺗـﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻗـﯧﭽﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜـﺎﻧﻰ ﻳـﻮﻕ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻼﺟﺴﯩﺰ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻗﺎﺑﯘﻝ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﻰ .ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ ،ھﻪﻣـﻤﻪ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐـﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼھ ﻣﻪﺩەﺗﻜﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﯜپ ،ﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭ ﻏﻪﻟﯩــﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﻪﻏﻠــﯘپ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺧﻮﺗــﯘﻥ -ﻗﯩﺰﻟﯩــﺮﻯ ﺋﻪﺳــﯩﺮ ﭼﯜﺷــﺘﻰ .ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩــﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭽــﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ .ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﭽﻪ ﺋـﻮﻟﺠﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺯەﭘﻪﺭ -ﺋﯘﺗـﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗـﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻳﺎﺭﻛﻪﻧـﺖ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ﻣﻪﻏﻠــﯘﺑﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﺭﺍﺳــﯩﻤﯩﮕﻪ ﺳــﯧﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ .ﺑــﯘ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ھﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﻮﺷﺎﯕﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺭەﻗﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘۋﻟﯘﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭە ،ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﺋﯩـﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷـﻘﯘﺭﯗﺵ ھﻮﻗـﯘﻗﯩﻼ ﺑﯧـﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘ ﺑﻪﺯﯨﺪە ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩـﺸﯩﭗ ﺗـﯘﺭﺩﻯ .ﺋﺎﻗـﺴﯘﺩﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩـﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭼـﯜﺭﯛپ ﻛـﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﻰ ،ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﻮﻳـﯘﻥ -ﺗﺎﻣﺎﺷـﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩـﭗ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﺋﯩـﺸﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺳـﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ 32
www.uyghurweb.net ﺑﻮﻟﻤــﺎﻱ ،ﻣــﯘھﯩﻢ ﺋﯩــﺸﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﭙﻪﺭۋﺍﻟﯩــﻖ ﻗﯩﻠﯩــﺸﯩﺪەﻙ ﺑﯩــﺮ ﻗﺎﺗــﺎﺭ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺳــﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ھﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﻗﻤﯩــﺪﻯ .ﮔﻮﻳــﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺑــﯘ ﭼــﻮڭ ھﻮﻗــﯘﻕ ﻳﺎﻣــﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩــﺠﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗــﺎﺗﺘﻰ .ﺋــﯘ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗــﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩــﭗ ﺭەﻗﯩﺒﻠﯩـﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﺷـﯜﺑﻬﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩـﺶ -ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳـﻜﻪ ﺳـﺎﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺳـﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺩﻭﺳﺖ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺧﭙﯩـﻲ ۋە ﺋﺎﺷـﻜﺎﺭﺍ ھﺎﻟـﺪﺍ ﺋـﯚﺯ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ .ﻣﺎﺯﯨﺨﻮﻱ ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺕ ﺳﻪﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻟﻮﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳـﺎﺑﯩﻖ ۋﺍﻟـﻰ ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﺯﯨﻴـﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ -ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ .ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐـﺎ ﻛـﯚﺭە ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳــﺘﻰ ،ﺋــﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺑﺎﻏﻨﯩــﯔ ﺋﯩﮕﯩــﺴﻰ ﺋﯩﺒــﺮﺍھﯩﻢ ﻟــﻮﺯﯗڭ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﻗﻮﺷــﯘﻥ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠــﻰ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﻢ -ﺭﺍﺳـﺨﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋـﯚﺯ ﺋﯜﺳـﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟـﺪﻯ. ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳـﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺋﯩﺒـﺮﺍھﯩﻢ ﻟـﻮﺯﯗڭ ﺋـﺎﺭﯨﻼپ -ﺋـﺎﺭﯨﻼپ ﺑـﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﯩﺮەﺗﺘـﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﮔﺎھﯩـﺪﺍ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋـﯚﺯ ﺑﯧﻐﯩﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﺩﯛﺭﯛپ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﺪﯨﻦ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ۋە ﻳـﻮﻝ -ﻳـﻮﺭﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻗﺎﻳﺘـﺎﺗﺘﻰ .ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩـﯔ ﻟﻮﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩـﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩـﺮﯨﻐﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺧﻪﻟـﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩـﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﮔﯘﻣﺎﻧﻐـﺎ ﺳـــﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳـــﺪﻯ .ﺋﯩﺒـــﺮﺍھﯩﻢ ﻟﻮﺯﯗﯕﻨﯩـــﯔ ﺑـــﯘ ﺧﯩـــﻞ ﺋﯩﻜﻜـــﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩـــﻚ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﺋـــﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﺎﺧـــﺸﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛــﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋــﯚﺯ ﺋﻪﻧﺪﯨــﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭەﺳــﻤﯩﻲ ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨــﻲ ﺭەﺳــﻤﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﺩە ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﻧﯧﻤﯩـﺪﯗﺭ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﺑـﯘ ﮔﻪﭘـﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗـﯘﻻﻕ ﺳـﺎﻟﻤﯩﺪﻯ .ھﻪﺗﺘـﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﺎۋﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯘﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷـﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﯘﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ» :ﺑﯘﻧﭽﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋـﻮﻳﻼپ ﻛﯧﺘﯩـﺸﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻳـﺪﯗ .ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﻛـﯜﭼﯩﻤﯩﺰ ھﻪﺭ ﺟﻪھﻪﺗـﺘﻪ ﻛـﯚپ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜچ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩـﺪە ﭼﯩـﯔ ﺗـﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﺑﯩــﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺷــﯘ ھﺎﻟﯩــﺪﺍ ﻗﻮﻳــﯘپ ﻗﻮﻳــﯘپ ،ﺑﯩﺮﺋــﺎﺯ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﺎﻳﻠﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋەﺯﯨﻴﻪﺕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ. ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﻳﯧﯖﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﭘـﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ -ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺗــﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳــﯜﻟﻬﯩﻨﺎﻣﯩﮕﻪ ﻛــﯚﺭە ،ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧــﺖ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﺷــﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘــﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﻛﻪﻳﻨﯩـﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖـﻰ ﺳـﺎﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨــﺴﯩﺪە ﺧﯩﺘـﺎﻱ ۋە ﻳـﺎ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩﻨـﺴﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﯩــﺪﻯ. ھﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ،ﺧﻮﺗﻪﻧـﺪە ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟـﺪﻯ .ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩـﯔ ﺋﻪڭ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟــﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩــﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ﺋﻪﺋــﻠﻪﻡ ﺋــﺎﺧﯘﻥ ھﻪﻣﻤﯩﻨﯩــﯔ ﺑﯩــﺮﺩەﻙ ﻗﻮﻟﻠﯩــﺸﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩــﯔ ﭘﺎﺩﯨــﺸﺎھﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟــﺪﻯ .ﺳــﺎﺑﯩﺖ ھــﺎﺟﻰ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼ ﻣﻪﺳــﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩــﻦ ﺑــﯘﻏﺮﺍ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ )ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑـﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻰ( ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﻳﺎﺭﻛﻪﻧـﺖ ۋﯨﻼﻳﯩـﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ )ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭ( ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﺭﻏﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ )ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ( ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯩﭽﻜـﻰ ﺋﯩـﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩـﺮەﺭ ﻗﯘﺭ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨـﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩـﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨـﺸﺘﻰ -ﺩە ،ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺷـﯘ ھﺎﻟـﺪﺍ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩـﺮﻯ ﺑﻪﻟﻜﯩـﻢ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ﻛﯜﺭەﺷــﻠﯩﺮﻯ ۋە ﻗﻮﻟﻐــﺎ ﻛﻪﻟﺘــﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧــﺎﺋﻪﺕ ھﺎﺳــﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﻛﯧــﺮەﻙ، ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘ ﻗـﺎﺭﺍﺭ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐـﺎﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ،ھﻪﺭ ﻣﺎﺷـﯩﻨﺎ ﺗـﯚﺕ 33
www.uyghurweb.net ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺘﯩﻦ ﺗﯚﺕ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﺎﻧﺪﯗﻕ ﺋﻮﻕ -ﺩﻭﺭﺍ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻼﺭ ﺳﺎﺑﯩﺖ ھـﺎﺟﻰ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩــﺪﺍ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﻟــﺪﻯ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻳــﯜﺭﯛپ ﺧﯩﻠــﻰ ﺑﯩــﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧــﺪﺍ ﻛﻪچ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﻮﻧﯘپ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧـﺮﯨﻢ ﻛـﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺋـﯘﻻﺭ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺗـﺎﻣﻰ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩـﭗ ﭼﯜﺷـﯜپ ھﻪﻣﻤﻪﻧـﻰ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧـﺪە ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺋـﯘﻻﺭ ﺷـﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗـﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﺑـﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳـﻮﻟﻨﻰ ﺩەۋﺍﻣﻼﺷـﺘﯘﺭﯗپ ﻳﯧﯖـﻰ ﺳﺎﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﻪﺷـﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖـﻰ ﺳـﺎﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ )ﺑﺎﺵ ۋەﺯﯨﺮﻯ( ﺳﺎﺑﯩﺖ ھـﺎﺟﻰ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ۋە ﻳﺎﺭﻛﻪﻧــﺖ ﺋﻪﻣﯩــﺮﻯ ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﺳــﺎھﯩﺒﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳــﺘﺎﻧﻪ ﻛﯚﺭﯛﺷــﯩﺪﯗ .ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷــﺘﻪ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ھــﺎﺟﻰ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪﺭەپ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺑﯧــﺮﯨﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩــﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ،ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻗﻮﺷــﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﺩﯗﺭ .ﺳـﺎﺑﯩﺖ ھـﺎﺟﻰ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻻﺭ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻓﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗﺭ .ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﯚپ ﺗﺎﻻﺵ -ﺗﺎﺭﺗﯩـﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﺧــﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋــﯚﺯ ﮔﯧﭙﯩــﺪە ﭼﯩــﯔ ﺗﯘﺭﯨــﺪﯗ .ﻧﻪﺗﯩــﺠﻪﺩە ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺩﯦﮕﯩــﻨﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩــﺪﯗ .ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺷــﻮﻧﻰ ﺟﻪﺩەﻟــﻠﻪپ ﻳــﯜﺭﯛپ ﺗــﺎﺯﻏﯘﻥ ﻳــﻮﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷ ـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﻣﻮﻳﺘﯘﯕﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩـﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ﺑﺎﻏﻘـﺎ ﭼﯜﺷـﯩﺪﯗ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ،ﻳﯘﺭﺕ ﻛﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩـﺪﯗ .ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻟﯩﺮﻯ ﺋـﯜچ- ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ھﺎﺭﺩﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﻛـﯜﻧﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨـﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭەﺳـﯩﻨﻰ ،ﺩﺍﺭﯗﻟﻤـﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﻰ ﺯﯨﻴـﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠـﺪﻯ. ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﻰ ﺯﯨﻴــﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷــﯜپ ﺋﻪھــﯟﺍﻝ ﺳــﻮﺭﺍپ ،ﺋﯜﻣﯩــﺪﻟﯩﻚ ﺳــﯚﺯ -ﺳــﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺭﻭھﯩﻨــﻰ ﻛﯚﺗــﯜﺭﺩﻯ .ﺋﻮﻗﯘﻏــﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷــﯜپ ﻛــﯚپ ﺳــﯚﻳﯜﻧﺪﻯ ۋە ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﺗﯩﺮﯨــﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ھﯩﻼﻝ ﺋﺎﻱ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘـﻰ ،ﺷـﯩﭙﺎﺧﯩﻨﺎﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺯﯨﻴـﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩەۋﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﻟﻪپ ھﺎﻝ ﺳـﻮﺭﯨﺪﻯ ،ﻛـﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗـﯜﺭﺩﻯ ھﻪﻣـﺪە ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏـﺎ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻳــﯜﺯ ﺋﻪﻟﻠﯩــﻚ ﺳــﻪﺭ ﺗﻪﯕــﮕﻪ ﺋﯩﺌــﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﭘــﺎﻛﯩﺰەﻟﯩﻜﻰ ،ﺗــﯜﺯﯛﻣﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏــﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘــﺎ ﺗﻪھــﺴﯩﻦ -ﺋــﺎﭘﯩﺮﯨﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘــﻰ .ﺳــﺎﺑﯩﺖ ھــﺎﺟﻰ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺋــﯚﺯ ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺑﯩﻠــﺪﯛﺭﯛﺵ ۋە ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧــﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻳﯜﺯﯨـﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳـﯩﻲ ﺩﻭﺧﺘـﯘﺭﻯ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻐﻪﻧﯩﻨﻰ ﺷـﯩﻔﺎﺧﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﺧـﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘـﯘﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ .ﺳﺎﺑﯩﺖ ھﺎﺟﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴـﺎﺭەﺕ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯧﻬﻤﯩﻨﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ۋﺍﻟﻰ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺑﻪگ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺕ -ﭘـﺎﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷـﯜپ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﯘﺳـﯘﻟﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﺷـﻜﻪ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺭﭼﻪ -ﭘﯘﺭﺍﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣـﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼـﺎﻗﯩﺮﺩﻯ .ﻣﻪﺟﻠﯩـﺴﺘﻪ ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺑﻪگ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻻﻳﯩﻬﻪ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﻳـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﻻﻳﯩـﻬﻪ ﻣﻪﺟﻠﯩـﺲ ﺋﻪھﻠﯩﻨﯩـﯔ ﻗﯩـــﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩـــﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨـــﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ﺋـــﯘﻻﺭ ﺑـــﯘ ﻻﻳﯩﻬﯩـــﮕﻪ ﻣﯘۋﺍﭘﯩـــﻖ ﺑﯩـــﺮ ﺩەﺳـــﺘﯘﺭﻧﺎﻣﻪ )ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤـــﺎ( ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺳـﯜپ ﻣـﯘﺯەﭘﭙﻪﺭ ﺑﯧـﻚ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﯘﺗﻠـﯘﻕ ھـﺎﺟﻰ ﺷـﻪۋﻗﯩﻴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺗﯩـﺴﻰ ﺳـﺎﺋﻪﺕ 9ﺩﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐـﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﺗـﯜپ ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳـﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣـﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺩەﺳـﺘﯘﺭﻧﺎﻣﻪ ﺗـﯜﺯﯛپ ﭼﯩﻘﯩـﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﻨﯩﺎﺳﯩﺪﺍ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩـﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐـﺎ ۋﺍﻟـﻰ ﻳﯘﻧـﯘﺱ ﺑﻪگ، ﺷــﺎھ ﻣﻪﻧــﺴﯘﺭ ،ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ،ﺋﺎﺑــﺪﯗﺭﺭﺍھﻤﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﻯ ،ﻧﯩﺰﺍﻣﯩــﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﻯ ،ﻗﯘﺗﻠــﯘﻕ ﺷــﻪۋﻗﯩﻲ ،ﻳﯜﺳــﯜپ ﻣﯘﺯەﭘﭙﻪﺭ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻜﻪﺭﯨﻢ ﺧﺎﻥ ﻣﻪﺧـﺪﯗﻡ ،ﺗﯘﺭﻏـﯘﻥ ﺭەھﯩﻤﯩـﻲ ،ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ ﺧـﺎﻧﻰ ،ﺳـﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ﺳـﻮﻓﯩﻴﺰﺍﺩە ،ﺳـﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﯧﻚ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻛﻪﻣﯩـﻨﻪ ﺋـﺎﺟﯩﺰ ﺑﻪﻧـﺪﯨﻤﯘ ﺷـﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨـﺪﺍ ﺑـﺎﺭ ﺋﯩـﺪﯨﻢ .ﻣﻪﺟﻠﯩـﺴﺘﻪ ﺩەﺳـﺘﯘﺭﻧﺎﻣﻪ 34
www.uyghurweb.net ﺋﻮﻗﯘﻟﯘپ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﺪﻯ .ﻳﯩﻐﯩـﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺩەﺳـﺘﯘﺭﻧﺎﻣﻪ ﺗﯚﻣـﯜ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﻪﺳـﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ )ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ( ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰ ﻻﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩـﺶ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﺋـﯚﺗﻤﻪﻱ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﺑﺎﻏـﺪﺍ ﻣﯧﻬﻤـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭ ۋە ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ۋە ﻳــﺎۋەﺭﻟﯩﺮﻯ )ﻗﻮﻏــﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ( ﻧﯩــﯔ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩــﭗ ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘۋەﺗﺘﻰ ،ﺑـﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨـﻰ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺑﺎﻏـﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼـﯜﺭﯛپ ﻳﺎﺭﺑﺎﻏـﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧـﺴﯘﺱ ﺑﯩـﺮ ﺟﺎﻳـﺪﺍ ﻧﻪﺯەﺭ ﺑﻪﻧـﺪ ﺋﺎﺳـﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻣﯧﻬﻤـﺎﻥ -1933ﻳﯩﻠـﻰ -8ﺋﺎﻳﻨﯩـﯔ -8ﻛـﯜﻧﻰ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐـﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ .ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻳﻮﻟﯩـﺪﯨﻜﻰ ﻛـﯜﺭەﺵ ﺳـﯧﭙﻰ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻗـﺎﻧﯩﺘﻰ ﻳﯘﻟﯘۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯘﺧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯘﺗﭙﻪﺭەﺱ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﻪ ،ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ،ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺋﺎﻕ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﺷـﺎ ﻛـﯚﺭﯛپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧـﺪﺍ ﺷـــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـــﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩـــﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﺋـــﺎﺭﺍ ﺟﺎﯕﺠﺎﻟﻐـــﺎ ﭼﯜﺷـــﯜپ ﻛﯧﺘﯩـــﺸﻰ ھﻪﺭﻛﯩﻤﻨـــﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ،ﺷﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭﻻﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩـﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﻳـﺎﺭ ﺟﺎﭘﺎﺳـﯩﺪﯨﻦ، ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩــﯔ ﺟﻪۋﺭﯨــﺪﯨﻦ ﺷــﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺑﻪﺧﺘــﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ھﯧﻜــﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜپ ﻳﺎﺗﺘﻰ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯘ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘـﯘﻥ ﻗﯩﻠـﺴﺎ ﺋـﯘ ﻳﺎﻧـﺪﯨﻦ ھـﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠـﺎﯕﻨﻰ 500ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩــﭗ ﺋــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜــﻰ ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﻧــﯘﺭ ﺋﻪھــﻤﻪﺩ ﻗﻮﺷــﯘﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟــﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ھﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠﺎڭ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻛﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣـﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﺩﻯ .ﭘﻪﺭﻣﺎﻧـﺪﺍ »ﻗـﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗپ ،ﺗﻪﺳـﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟـﯘﯕﻼﺭ!« ﺩﯦـﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺳـﺎھﯩﺐ ﺗﻪﺳـﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺋﺎﺭﻗﯩــﺪﯨﻨﻼ ھــﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠــﺎڭ ﻗﻮﺷــﯘﻧﯩﻐﺎ ﻳــﺎﺭﺩەﻡ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠــﻰ ﻛﯩﭽﯩــﻚ ﺋــﺎﺧﯘﻥ ﺗﯧﯖﺠــﺎڭ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩــﺪﺍ 300 ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺭﺗﺘـــﻰ .ﺋﯩﻜﻜـــﻰ ﻗﻮﺷـــﯘﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩـــﺸﯩﭗ ھﻪﺭﯨـــﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـــﭗ ﺋﻪﻣﯩـــﺮ ﺳـــﺎھﯩﺐ ﻗﻮﺷـــﯘﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠﺎڭ ﻗﺎﺭﻏﯩﻠﯩﻘﻘـﺎ ﺑـﺎﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺋﯘﻳﻪﺭﻧﯩﻤـﯘ ﺋﯩـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺋﺎﻧـﺪﯨﻦ ﺯﺍۋﯨﻐـﺎ ﺑـﺎﺭﺩﻯ .ﺯﺍۋﯨـﺪﯨﻜﻰ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﻯ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ھﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠﺎڭ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩـﺮ ﻗﯩـﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ۋەﺯﯨـﻴﻪﺕ ﻗﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻏﻪﻳـﺮەﺕ -ﺟﺎﺳـﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩـﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗـﯘپ ﺋـﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﯩﻨﯩﻘـﻰ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﺧـﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷـﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩـﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷـﻘﺎﻧﺪﺍ ﺧـﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ھﯘﺟـﯘﻡ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻛـﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩـﺴﻰ ھﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠﺎڭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼپ ھﯧﭻ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻱ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗـﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺳـﻪۋەﺑﻰ 1933ﻳﯩﻠـﻰ -9 ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 27ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪۋﯨﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋە ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩـﺴﻰ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘـﺎ ﮔﯘﻣﺎﻧـﺴﯩﺮﺍﺵ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨـﺪە ﻗﺎﺭﯨـﺪﻯ. ﺋــﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩــﺪﺍ ﻣﯘﺷــﺎۋﯨﺮﻯ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩــﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩەﺳــﺘﯘﺭﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳــﺘﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘــﯜﺭﯛپ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺧـﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧـﺴﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟـﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ 35
www.uyghurweb.net ﺑــﺎﺭﺩﻯ -1933 .ﻳﯩﻠــﻰ -8ﺋﺎﻳﻨﯩ ـﯔ -8ﻛــﯜﻧﻰ ﺧــﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩــﺮ ھﺎﻗــﺎﺭەﺕ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﻣﺎﻗﻼﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛۋﯦﺘﯩﻠﺪﻯ .ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ؟ ﺩەپ ﺳـﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑـﯘ ﺳـﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧـﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺟـﺎۋﺍﺏ» :ﺧـﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻢ ﺋﻪﺯﯨﻢ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩـﯔ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩـﭗ ،ﭼﻮﻣـﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗۋﯨﺘﯩـﺸﻜﻪﻥ ،ﻣﻪﻧﻤـﯘ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠــﺪﯨﻢ« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺩﯨــﻦ ﺋﯩﺒــﺎﺭەﺕ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺑــﯘ ھﺎﺩﯨــﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩــﭻ ﻳــﯜﺯﻯ ﺑــﺎﺭﺩﯗﺭ .ﺑــﯘ ھﻪﻗــﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑـﺎﺭ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﭘﺎﻳـﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟـﯘﺭ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺋﻪﭘــﺴﯘﺳﻜﻰ ھــﺎﺯﯨﺮ ﺋــﯘﻻﺭ ﻗــﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳــﻮﻕ .ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩــﭻ ﻳــﯜﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽــﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷــﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﯜﮔﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ۋە ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭﯨﻨﻰ ۋەﻗﻪﻧﯩـﯔ ﺑـﺎﺵ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ ۋە ﺳﻪۋەﺑﻜﺎﺭﻯ ﺋﻪﻣﯩﺮ ھﻪﺯﺭەﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﻠﻰ .ﺋﯘ »ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯩﯔ -89ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ: ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺳــﻪﭘﯩﺮﻯ ۋە ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﺕ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ: .1ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ،ﺑﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ھﺎﻟﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺪﻯ. .2ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﻛﯘﭼﺎﺭﻟﯩﻖ ۋە ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ. .3ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ. .4ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ. ﺑﯘ ﺋـﯜچ ﻗﯩـﺴﯩﻢ ﻛـﯜﭼﻠﻪﺭ ﺋﻮﻣـﯘﻣﻪﻥ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷـﺴﯩﻤﯘ ھﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ۋە ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ھﻪﻣـﺪە ﺑـﯘﻻﺭ ھﯧﭽﻘﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻗـﺎﻧﯘﻥ ۋە ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﺗﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﻞ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺴﺎ ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﺑــﯘ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩــﻖ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺋــﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺋﯩﺨــﺘﯩﻼپ ﭼﯩﻘﻤﯩﻘــﻰ ۋە ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺗﻪﺧﺮﯨﺒﺎﺕ )ۋەﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻖ( ۋە ﺑﯘﻻڭ -ﺗـﺎﻻڭ ﭘـﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﯗﭼـﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻗﺘـﺎ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯜﺳــﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﯩــﺰﺍﻡ ۋە ﻗﺎﻧﯘﻧــﺴﯩﺰ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺭﺍھﻪﺗﭙﻪﺭەﺳــﺖ، ۋﺍﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﻮۋﯗﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩـﺪﻯ .ﻣﯘﺷـﯘ ﺳـﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧـﺖ ﭘﻪﺗﻬﯩـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩــﻨﻼ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺗــﻮﻟﯩﺮﺍﻗﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷــﯩﻨﻰ ﺋــﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺧﭙﯩـﻲ ھﺎﻟـﺪﺍ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋــﺎﺩەﻡ ﺋﻪۋەﺗﯩــﭗ ،ﺋــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨــﺸﻘﺎ ﺗﻪﺷــﯟﯨﻖ )ﺋﯜﻧــﺪەﻙ( ﺋﻪﺗﺘــﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩــﺰ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨــﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺗﻪﺭەﭘــﺪﺍﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ۋە ﻻﺯﯨــﻢ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﺩە ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳــﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ھــﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯜﻧﺪەﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ. ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﺎﻟـﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﻳـﺎ ﺳـﯜﻟﻬ ﻳـﺎﻛﻰ ﺟﻪڭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﯘھﯩﻢ ۋە ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ھﻪﻣﺪە ﺑـﯘ ﺷـﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋـﯧﻠﯩﺶ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﻪﺳﺎﺳﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗـﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻐـﺎ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ،ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﻏـﺎﻳﻪﺕ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺭﯨﻐﺒﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺭﯨﻐﺒﯩﺘﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ۋە ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩـﯔ 36
www.uyghurweb.net ﺋﯜﻧﺪەﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻟﯩﻚ )ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻰ( ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻛـﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﻪڭ ﻛﻪﻟﮕـﯜﺩەﻙ ﺑﯩـﺮ ﻛـﯜچ ھـﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﺪﯗﻕ ۋە ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯩـﺰ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺷـﺘﺎ ﭼﯩـﯔ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯚﺯ ﺭﯨﻐﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻙ ﺯﯨﻴـﺎﺩﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩـﺸﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧـﻰ ﺋـﯚﺯ ﺭﺍﻳﯩﻐـﺎ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯛﺷـﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮﺩە ﺗـﻮﻏﺮﺍ ۋە ﺑﯩـﺮﺩە ﺧﺎﺗـﺎ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩـﺰ ﺋـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺋﯩـﺸﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩـﺪﯨﻦ ﻏﺎﭘﯩـﻞ ﻗﯧﻠﯩـﭗ ﺋـﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩـﯔ ﺑـﺎﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯗﻕ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺷﯘﺩﯗﺭﻛﻰ ،ﺋـﯘ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺷـﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩـﺮﯨﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﺪە ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻜﻪ ۋەﺩە ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩــﯔ ﺯﻭﺭﻟــﯘﻗﯩﻨﻰ ۋە ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩــﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟــﯜﻙ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺗﻪﺭەﭘــﺪﺍﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﻳﺎﺯﺩﻯ ،ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺋﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯩـﺰ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﻛـﯚپ ﺋﻪﺳـﻜﯩﺮﯨﻲ ﻛـﯜچ ﻻﺯﯨـﻢ ﺋﻪﻣﻪﺳـﻠﯩﻜﻰ ۋە ھــﺎﺯﯨﺮ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﻳــﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷــﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻛﯧﭽﯩﻜــﺴﻪﻙ ﭘﯘﺭﺳــﻪﺕ ﻗﻮﻟــﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩــﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨــﺸﯩﭗ ﺑﯩــﺮ ﻣــﯘﻧﭽﻪ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﺭﻧــﻰ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨــﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﯚﺯﻯ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﺪﺍ ۋﺍﺳــﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﻛﯩــﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ۋەﺳــﯩﻘﻪ -ھــﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩــﺪﻯ ھﻪﻣــﺪە ﺋــﯘ ﻛﯩــﺸﯩﻤﯘ ﺑﯩــﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺩەﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﻣﺎﻧـﺎ ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳـﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧـﻰ ﻗﺎﻳﯩـﻞ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋﯩـﺶ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ﻳﯜﺯﯨـﺪە ھﻪﻗﻠﯩـﻖ ﺑﯩـﺮ ﺗﺎﭘـﺎ -ﺗﻪﻧﯩـﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏـﺎﻳﻪﺕ ﻳﺎﻣـﺎﻥ ﺧﺎﺗـﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩـﺶ ﺗﯧﺨـﻰ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼﺏ ﺗـﯜﺯﯛﻙ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﻤﯩﮕﻪﻥ ،ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻛﯜﭼﻨﯩـﯔ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩـﺸﻰ ﺑﻪﻛﻤـﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯜﭼﻨﯩـﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭘﯩﻐـﺎ ﺳـﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺪە ﺧﯧﻠـﻰ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣـﯘﺩھﯩﺶ ﺩەﺭﯨﺠﯩـﺪە ﺯەﺋﯩﭙﻠﯩـﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﯩـﺸﻰ ۋە ﺧﯩﻠـﻰ ﻛـﯜچ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳـﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟـﺪﻯ ۋە ھﻪﻡ ﺑـﯘ ﺋﯩﭽﻜـﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗپ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ -7ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ -15ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻣﯩـﯔ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﻳـﯜﺭﯛپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﯩـﺰ ﺳـﯩﺰﮔﻪ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳــﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ۋە ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﺎﻟﺘﻪ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩـﻨﭻ ﻛﯚﯕــﯜﻝ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺩەﺭھــﺎﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐـﺎ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ ﺑﻮﻟـﯘﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑـﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩەپ ﻣﻪﻛﺘﯘپ ﻳﺎﺯﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭ -7ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 18ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺩﯦﻴﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘـﺪﯨﻜﻰ ھـﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠـﺎﯕﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻳـﯜﺯ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩـﻖ ۋە ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﻗﻮﻳـﯘپ ﻣﺎﯕـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋـﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺋﻪڭ ھﯘﺷﻴﺎﺭ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪە ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺯﺍﻣـﺎﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛـﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﻣﯘﻧﭽﯩـﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘــﻰ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻤﯘ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﺋﺎﻟﻤــﺎﻱ ،ﻣﺎﺷــﯩﻨﺎ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﻛﯚﯕﻠﯩــﺪە ﺑــﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻻ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳـﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩــﺸﻘﺎ ﺋــﯚﺯ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩــﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩــﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺑﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑــﯘ ۋەﺯﯨﭙﯩﻨــﻰ ﺩەﺭھــﺎﻝ ﺋﯩﺠــﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻨﻰ ﺋــﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟـﺪﻯ .ﺧـﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ۋە ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩـﺴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺷـﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺷـﺎھ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ﺋﯚﺳﺘﯩﯖﻰ« ﻧﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩـﻠﻪﺵ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨـﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ ۋە ﻳﻪﻧﻪ» :ھـﯘﺩﯗﺩﯨﻤﯩﺰ )ﭼﯩﮕﺮﺍﻳﯩﻤﯩـﺰ( ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠـﺴﻪ ۋە ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗـﺴﺎﻡ ،ﺋـﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩـﻚ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩـﺸﻘﺎ ھـﯧﭻ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺗﻮﺳـﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ ﺩەپ ﺋﻮﻳﻼپ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟەﺗﻜﯩﻠﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ« ﺩەپ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﺩﻯ .ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑـﯘ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﺷـﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩـﯔ 37
www.uyghurweb.net ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻐﯩﻨﯩــﯔ ﺩەﻟﯩﻠــﻰ ﺩەپ ﭼﯜﺷــﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺳــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻧﯩﻤــﺎﻱ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧــﺮﯨﺶ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨــﺴﯩﺪە ﭼﯩــﯔ ﺗــﯘﺭﺩﻯ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻤﯘ ﺋﯩﻼﺟــﺴﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨــﺸﯩﮕﻪ ۋە ﺑﯩﺮﻟﯩــﺸﯩﭗ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩـﯔ ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ۋەﺳـﻪﻣﯩﻴﻤﺎﻧﻪ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺩەﺑﺪەﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە -7ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ -21ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ .ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷـﺘﻪ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩــﺮﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺑــﯘﻻﺭ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ھــﺎﺭﺩﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩــﺸﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺩەۋەﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﺑﯜﮔـﯜﻥ ،ﺋﻪﺗﻪ، ﺩەپ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘــﯜﺭﺩﻯ .ﻣﺎﻧــﺎ ﺷــﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘــﺎ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪﻛﻰ ھــﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠــﺎڭ ۋە ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐــﺎ ھﻪﺳــﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ﺋــﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐــﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ھﻪﺭﯨــﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷــﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋـﯚﺯ ﺳـﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩـﭗ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺷﯩﺸﻜﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﻣﻪﻏـﺮﯗﺭﺍﻧﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩە ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﺩﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﻗـﻮﻝ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ۋە ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﭘﯘﻝ ۋە ﻣﻪﻧﺴﻪﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳـﺎﺩﯨﻖ ﺗﻪﺭەﭘـﺪﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ -8ﺋﺎﻳﻨﯩــﯔ -1ﻛﯜﻧﯩــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻼپ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﺠﺎڭ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼ ۋە ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھﻘﺎ ﺋﻮﭼــﯘﻗﭽﻪ ﺩﯛﺷـــﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﺳـــﻪﺗﻤﻪﻛﻜﻪ ﺑﺎﺷـــﻠﯩﺪﻯ .ﺑـــﯘ ﺋﻪﺳــﻨﺎﺩﺍ ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩـــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩـــﺮ ﺷﻪﺧـــﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺗﯩﺠـــﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ۋە ﺑﯘﺭﯗﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭﺩە ﭼـــﻮڭ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩـــﭗ ﺋـــﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑـــﺎﻳﻼﺭ ۋە ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﺘـــﺎ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭ ﺗﯚﻣﯜﺭﺳــﺠﺎﯕﻨﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧــﺴﯧﺮﻯ ﺗــﺎﺭ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﺑﺎﺷــﻼپ ،ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺳــﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷــﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺯەﻟﺪﯨﻦ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭ ،ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩـﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟـﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩەﻙ ھﻪﺭ ﻗﯩـﺴﯩﻢ ﺑـﯘﺯﯗﻕ ﺧﯩﻴـﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯘﻳﯘپ ﺳﺎﺑﯩﺖ ھﺎﺟﻰ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ )ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭ( ﻟﻪﺭﻧـﻰ ﺗﺎﻣـﺎﻡ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟــﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗپ ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧــﺪ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ،ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑــﯘﻻڭ -ﺗــﺎﻻڭ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺗﯩﺮﯨﭙﯩــﺮەﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩــﺸﻜﻪ ،ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩــﺮ ﭘﯜﺗــﯜﻥ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺷــﻜﻪ ﻛﯜﺷــﻜﯜﺭﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺗﻮﻣــﯜﺭ ﺳﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺭﺍپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ﺷـﯘﻡ ﻧﯩﻴﻪﺗﻨـﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟـﮕﻪ ﺋﺎﺷـﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ،ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﻻﻕ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ۋە ھﻪﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﺋـﺎﺭﺍ ﻣـﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩە ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ،ﺑـﯘﻻﺭ ﺋـﯚﺯﯨﭽﻪ ھﯘﺟـﯘﻣﻨﻰ ﺑﯩــﺮ -ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻛــﯜﻥ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﺷــﺘﻰ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ،ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺧﯘﺳﯘﺳــﻪﻥ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ھﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻼﺭ ھﻪﺭﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺳـﺎﺭﺍﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﺭﻗـﺎﻕ ھـﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻗﯩــﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯨﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺷــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠـﺴﺎ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩـﭗ ﺑـﺎﺭﺍﻟﯩﻐﯘﺩەﻙ ھـﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ،ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﻗﻮﺭﻗﯘپ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھﻨﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ -8 ،ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ -7ﻛـﯜﻧﻰ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﻣـﯜﺭﮔﻪ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﻧﻪﭼـﭽﻪ ﻛﯩـﺸﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧــﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﻗﻮﺭﺍﻟــﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐــﺎﻥ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑــﯘﻻڭ -ﺗــﺎﻻڭ ﻗﯩﻠﯩــﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯨﻠﯩـﭗ ۋە ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺋﯚﻟﺘـﯜﺭﯛپ ،ﻏـﺎﻳﻪﺕ ﺯﯗﻟـﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋــﺎچ ۋە ﻳﺎﻟﯩﯖــﺎچ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷــﯧﻬﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻳﻮﻟــﺪﺍ ﺳﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ « .ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩﻦ ھﻪﺯﺭەﺗﻨﯩـﯔ ﺋـﯚﺯ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩـﺪﯨﻜﻰ -89ﺑﻪﺗـﺘﯩﻦ -95 ﺑﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺷﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ .ﺩﺍۋﺍﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺳﯘﻧﻠﻪﺭ. 38
www.uyghurweb.net
ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣــﺪە ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩــﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍﺑﯧﻜﻨﯩــﯔ ﺋــﯚﺯ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩــﺪﺍ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧــﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩـﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷـﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘـﺎ -ﺗﻪﻧﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﻪﻙ ﺧﺎﺗـﺎ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘـﯘﺭﻟﻪﺭ)ﻳـﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ -91ﺑﻪﺕ -8ﻗـﯘﺭ( .ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﻧـﺎﻻﺭ» :ﺋـﯚﺯ ﺋـﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﺳـﻠﯩﻖ ،ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺋﯧﺘﯩـﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﯗﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧـﺪﺍ ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩـﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍﻧﯩـﯔ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩـﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭘﻠﯩـﺮﻯ ﺋـﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩـﯔ ﻛﺎﻣﺎﻟﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒـﺮەﺕ ﺩەﺭﺳـﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺧﺎﺗـﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘـﺎ ﺳـﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗﺭ) .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯨﺶ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﺘﯘﺭ(. ﺋــﯚﺯ ﭘﻪﻳﺘﯩــﺪە ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ۋە ﻳﺎﺭﻛﻪﻧــﺖ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨــﺪە ﻗﯘﺭﯗﻟﻐــﺎﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻧــﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤــﺎﻱ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛــﯚﺯ ﺗﯩﻜﯩــﺸﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﺘﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷــﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩــﺪﻯ. ھــﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻣﯩﯖــﻼپ ﻗﯘﺭﺑــﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ،ﻗــﺎﻧﻼﺭ ﺗﯚﻛــﯜپ ،ﺟــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭘﯩــﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻗﻮﻟﻐــﺎ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨــﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩــﭗ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩــﯔ ﺋﯩﭽﻜــﻰ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭەﺗــﻜﻪ ﺳــﯧﻠﯩﺶ ،ﭼﯩﮕــﺮﺍ -ھــﯘﺩﯗﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳــﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ، ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ -ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧـﺪﯗﺭﯗﺵ ،ﺋـﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺷــﺘﯜﺭﯛﺵ ﭘﯘﺭﺳــﯩﺘﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺯﺍﻣــﺎﻧﻤﯘ ،ﻣﺎﻛــﺎﻧﻤﯘ ﻳــﺎﺭ ﺑﯩــﺮەﺭ ﺋﯩــﺪﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗپ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺕ ،ﻗﺎﺯﺍﻳﯘ -ﻗﻪﺩەﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺷـﯘ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺧﻮﻳﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ: ﺗﻮﺳﯘپ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻛﺘﻪ ﻛﯜچ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ، ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺋﯩﮕﻪﻡ ﻳﺎﻗﻘﺎﻥ ﺷﺎﻡ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻛﯩـﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻛﯜﻧـﺪﯛﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻳﯧـﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋـﯚﺯ ﻣﯘﺭﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻐـــﺎ ﻳﯧـــﺘﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﻨﻠﯩﻘﯩـــﺪﯗﺭ .ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﺑـــﯘ ﺋﯩـــﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋـــﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﻪﺯۋەﻳﻠﯩﮕـــﯜﻣﯩﺰ ﻳـــﻮﻕ .ﭼـــﯜﻧﻜﻰ، ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩـــﻚ ﻗﯩﻠﯩـــﺶ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺑﯩـــﺮەﺭ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨـــﻰ ﺋﯩـــﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩـــﺶ ۋە ﻳـــﺎ ﺑﯩـــﺮەﺭ ﺷـــﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋـــﯧﻠﯩﺶ ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨـﺪە ﻗـﺎﻟﺘﯩﺲ ﺋﯩـﺶ ھﯧـﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺋﯩﻨـﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨـﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧـﻠﻪﺭ ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻼﺭﻏﺎ ھﻪﻳـﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ۋە ﺋﻪﻝ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ،ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻤﺎﻳﺪﯗ؟ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ،ﺑﯩـﺰ ﺑﯜﮔـﯜﻥ - 20ﺋﻪﺳـﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨــﺪﺍ ﻳﺎﺷــﺎۋﺍﺗﯩﻤﯩﺰ .ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺋــﺎۋﺍﺯﻯ ﻳﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛــﯚﻙ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﻐﺎ ﺳــﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯗﺭ .ﺷــﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ ﻳــﺎﻛﻰ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﻏﯘﻻچ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻴﻼ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ،ﻣﯘﺳـﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ ﺗﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﻪﺵ ﻗﯩﺘﺌﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ،ﻛﯚﻛﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻴﻼ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ھﯧﻠـﻰ ﺋﺎﻳﻐﺎ ،ھﯧﻠﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﭽﻪ -ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺑﯩـﺰ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪ ﺳﻪﭘﺪﯨـﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩــﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻰ ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩــﻦ ﺑــﯘﻏﺮﺍ ھﻪﺯﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻣﻪﺳــﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪە ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺩەپ ﺋﯚﺯ ﺭﻭھﯩﻤﯩﺰﻧـﻰ ﭼﯜﺷـﯜﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ .ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨـﺪە ﺧﺎﺗـﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐـﺎﻥ ﻛﯩـﻢ ﺑـﺎﺭ؟ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﻣﻪﺭﺩ ﻳﯩﮕﯩـﺖ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻻﻳـﺪﯗ؟ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ﺳـﻪھﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻣـﯘ -ﺑﯩـﺮ ۋﺍﺭﺍﻗـﻼپ ﺑﺎﻗﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻕ، ﺋﻮھــﯘﺩ ﻏﺎﺯﯨﺘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺧﺎﺗــﺎﻟﯩﻘﻰ ،ھﻪﺯﺭﯨﺘــﻰ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩــﯔ )ﺋــﺎﻟﻼھ ﺋﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ( ﺷــﯧﻬﯩﺪ 39
www.uyghurweb.net ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎﻻﺭ ،ﺳﯩﻔﻔﯩﻦ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ،ﺟﻪﻣﻪﻝ )ﺗﯚﮔﻪ( ۋەﻗﻪﺳﻰ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺯﻭﺭ ۋە ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ .ﻛﻪﺭﺑـﺎﻻ ﭼﯚﻟﯩـﺪە ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻗـﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﯩـﺪﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ. ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺩەپ ﺳﯩﺮ -ھﯧﻜﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻼﺟﯩﻤﯩـﺰ ﻳـﻮﻕ .ﺩﯗﻧﻴـﺎﺩﺍ ﺧﺎﺗـﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐـﺎﻥ ﻗﺎﻳــﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨــﺸﺎھ ۋە ﻗﺎﻳــﺴﻰ ﺩﺍﻧﯩــﺸﻤﻪﻥ ﺋــﯚﺗﻜﻪﻥ؟ ﺑﯩــﺰ ﭘﯩﺮﺋﻪۋﻧﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺩﯦﻤﻪﻳﻠــﻰ ،ﻧﻪﻣــﺮﯗﺩﻻﺭ ،ﺭﯨﻤﻠﯩﻘــﻼﺭ ،ﻛﯩــﺴﺮﺍﻻﺭ، ﻗﻪﻳــــﺴﻪﺭﻟﻪﺭ ،ﻧﺎﺗﺴﯧﯩــــﺴﺘﻼﺭ ،ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩــــﺴﺘﻼﺭ ،ﻓﺎﺷﯧــــﺴﺘﻼﺭ ،ﻣﻪﺟﯘﺳــــﯩﻠﻪﺭ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤــــﯘ ﺯﺍﻣــــﺎﻧﯩﻤﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗــــﺎﻟﻤﯩﺶ ﺩﯦﻤــﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻳﻠــﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳــﻪﺕ ۋە ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺳــﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺧﺎﺗــﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳــﺎﻧﺎپ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﻪﺭەﺑﻠﻪﺭ ﺋﻪﺟﻪﻣﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺋـﯘﺭﺩﻯ ،ﺋـﯘﻣﻪۋﯨﻴﻠﻪﺭ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳـﯩﻴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋـﯘﺭﺩﻯ ،ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺗﺌﯧﻤـﯘﺭ ﺑﺎﻳﻪﺯﯨﺪﻧﻰ ﺋﯘﺭﺩﻯ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘﺭﺩﻯ ،ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﻰ ﺋـﯘﺭﺩﻯ ،ﻗﺎﺑﯩـﻞ ھـﺎﺑﯩﻠﻨﻰ ﺋـﯘﺭﺩﻯ .ﺑـﯘ ﺟﻪھﻪﺗـﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺮﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ -ھﻪ! ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﯩﻠﯩﭗ -ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻨﻰ ﺋﯘﺭﺩﻯ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘـﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺵ ﺧﺎﺗـﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛــﯚپ ﻳـﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﺗــﺎﺭﯨﺦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩـﺸﺘﯩﻦ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﻪﻟــﺪﻯ. ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﺮ ھﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﻗﺎﺯﯨﺪﯗﺭ .ﺗﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﺋﻪﮔﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ،ﻛﯩﭽﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ،ﻛﯜﻧـﺪﯛﺯﻧﻰ ﻳـﻮﺭﯗﻕ ﺩەپ ھﯚﻛـﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ )ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ( ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﺳـﻪﻙ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩـﭗ ،ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨـﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﯜﺷـﻜﻪﻥ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳـﻰ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺗﻪﻗـﺪﯨﺮ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩـﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺩەپ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗـﺎﭼﯩﻤﯩﺰ .ﺑـﯘ ﺗﯧﻤﯩﻐـﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﯧﻬﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺟـﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩـــﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐـــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ،ﭘﻪﺭﻏـــﺎﻧﻪ ﺷـــﯧﻬﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻗﻠﯩـــﺮﯨﮕﻪ »ﺋﯩﻼھـــﺎ! ﺷـــﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﭼﯩـــﺴﯩﻨﻰ ﺭەھﻤﯩـــﺘﯩﯖﮕﻪ ﭼﯜﻣﯜﻟــﺪﯛﺭﯛپ ،ﺟﻪﻧﻨﯩــﺘﯩﯖﮕﻪ ﻻﻳﯩــﻖ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳــﺴﻪﻥ!« ﺩەپ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩــﯔ ﺩەﺭﮔﺎھﯩﻐــﺎ ﻳﺎﻟﯟﯨﺮﯨــﭗ ،ﺩﯗﺋــﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ ،ﺑﯩﺮ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻼﻧﻰ .ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻧـﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﺑـﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﭘﯩﻜﺮﯨﺪە ﺑﯩﺮ ،ﻣﻪﭘﻜﯘﺭﯨﺪە ﺑﯩﺮ .ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻞ ،ﺑﯩـﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗـﻜﻪ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺏ ﺑﯩـﺮ ﻗﻪۋﻣﻤﯩـﺰ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜــﻰ ﺩﯨــﻦ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜــﻰ ،ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜــﻰ ﺑــﯘ ﻧــﻮﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ھﻪﺳــﺴﯩﻠﻪپ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩــﺪﯗ .ﻛﯩﺘــﺎﺑﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩــﺮ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻧـﯧﻤﻪ ﻻﺯﯨـﻢ؟ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ،ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ؟ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﻳﻠﯩﻜﻰ ،ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯩﺮﺍﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ،ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕـــﺎﺭ! ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﮔﯘﻧـــﺎھﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ،ﺑﯩـــﺰﺩﯨﻦ ﺑـــﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ۋە ﺷـــﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑـــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎھﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ! ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺷﯧﻬﯩﺪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﻟــــﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﯩــــﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣــــﺪە ﺗﯚﻣــــﯜﺭ ﺳــــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﻪﺭۋﺍﻟﯩﻘــــﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨــــﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩــــﺮ ﺋــــﺎﺯ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐــــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ .ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ،ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑـﯘ ﺑﻮﺷـﺎﯕﻠﯩﻘﻰ ۋە ﻏـﺎﭘﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋـﺎﻗﯩﯟېﺗﯩـﺪە ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻼﺷـﺘﻰ .ھـﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠﺎﯕﻨﯩـﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩــﻚ ﺋــﺎﺧﯘﻥ ﺗﯧﯖﺠــﺎﯕﻨﻰ ﺧــﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩــﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺋﻪۋەﺗﺘــﻰ .ﺋﯘﻧــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩــﺰﻻﺭ ﻗﻮﺷــﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ھﺎﭘﯩﺰ ﺗﯧﯖﺠﺎڭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨـﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ 40
www.uyghurweb.net ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗـﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑﯩـﺮﺍﻕ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠـﺎڭ ﺑـﯘ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻤﯩـﺪﻯ .ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟـﻰ ﻟﯜﻳﺠـﺎڭ ﺑـﯘ ﺋﯩـﺶ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍپ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘپ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﺎﻧــﺎ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳــﻪۋەﺑﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛــﯚﺭە ،ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋــﺎﺯ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻛــﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺗﯧﯖﺠﺎﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘﻣﯘ ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳـﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺋـﯚﺯﻯ ﺧـﺎﻥ ،ﺋـﯚﺯﻯ ﺑﻪگ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ -1933 .ﻳﯩﻠـﻰ -9ﺋﺎﻳﻨﯩـﯔ - 27ﻛـﯜﻧﻰ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﻟﻪﯕﮕﻪﺭﺩﯨﻜـﻰ ﺑﺎﻏﻘـﺎ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍھﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨـﻰ ﻛـﯧﭽﻪ -ﻛﯜﻧـﺪﯛﺯ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩـﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷـﻘﺎﻥ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺷﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺳـﻪﻣﻪﻧﺪە ﭘﯩـﺴﺘﯩﺮﻣﺎ ﻗﻮﻳـﯘپ، ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻛﯧﻠﯩــﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗــﯜپ ﺗﯘﺭﯗﺷــﯩﺪﯗ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩــﺴﻰ ﭘﯩــﺴﺘﯩﺮﻣﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐــﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋـﻮﻕ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﯨﻐـﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩـﺪﯗ .ﻣﺎﺷـﯩﻨﺎ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤـﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ .ﺷـﯘ ﺋﺎﻧـﺪﺍ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﯩــﺴﻰ ۋە ﺷــﻮﭘﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺗــﯚﺕ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩــﯔ ﺋﯚﻟــﯜﻛﻰ ﻣﺎﺷــﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﻭﻣــﯘﻻپ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ .ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩـﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧـﺴﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩـﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺋﻪﮔﯩــﺸﯩﭗ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧــﺴﺎڭ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻮﻧــﺎ ﺷــﻪھﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗﺭ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺩەھـﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻳﯧﯖـﻰ ھﺎﻳــﺎﺕ ،ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﺎﺩﻟﯩﻖ ﻛــﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﻟﻮﺯﯗﯕﻨﯩــﯔ ﺑﯧﻐﯩــﺪﺍ ﭘﯩــﻼﻥ -ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺗــﯜﺯﯛپ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩــﭗ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﻣﺎﺩﻭﺗﻪﻱ ﻟﻮﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎپ ﺑﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘھـﺎﭘﯩﺰﯨﺘﻰ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﺍ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩـﺸﯩﭗ ،ھﻮﻗـﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﺋﺎﻟﯩـﺪﯗ .ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ھﯘﺟـﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛــﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻧــﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠــﻤﻪﻱ ھﻮﺩﯗﻗــﯘپ ﻗﯧﻠﯩــﺸﯩﺪﯗ .ﺷــﯧﻬﯩﺪ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﺎﺭ -ﺋﺎﺗﯩـﺸﺎﺭ ﺷـﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳـﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺋـﺎﺭﺗﯘﺵ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ۋە ﺋﯩﺪﺍﺭە ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ - 9ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 28ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽـﻰ ۋە ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟـﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﻣﯜﺵ ،ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩـﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩـﭗ ،ﺋﻪﺳـﯟﺍﺏ ۋە ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ .ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩـﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩـﺐ ،ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣـﻰ ﭘﯜﺗـﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋـﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ .ﻧﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨـﺴﺎڭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯩﺪﺍﺭە ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﭼﯩﻦ )ﺧﻪﻧـﺰﯗ( ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩـﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳـﺪﺍ ﺑﯧـﺰەﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺮﺳﻪﻙ ،ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﻪ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ۋە ﻳﯧﯖﯩـﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧـﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﻣـﺎﺩﻭﺗﻪﻳﻨﻰ ﺗﻪﺑـﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺋـﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﻳﯟﺍﻧـﺪﺍ ﻗﺎﺗـﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩـﭗ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻤﺪە ﺩﺍﺋﯩﺮە ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﻛـﯚﺯﯛﻡ ﭼﯜﺷـﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺋـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﯘﻧـﯘﺱ ﺑﻪگ ۋە ﺋﺎﺑﺪﯗﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ،ﺋﯘﻻﺭﻣـﯘ ﻣﯧﻨـﻰ ﻛـﯚﺭﺩﻯ .ﺳـﺎﻻﻡ ﺋﻮﺭﻧﯩـﺪﺍ ﻛـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷـﺘﻰ .ﻗﺎﺭﯨـﺴﺎﻡ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﻳﯩﮕﯩﺖ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﯩﺪەﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧـﺪﻯ .ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯜﻡ .ﺋﯘ ﭼﻪپ ﻳﯩﯖﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﻗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋـﺎﻱ ﺑﻪﻟﮕﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨــﻰ ﺑﯩﻠﯩــﭗ ،ﺧﯩﺘــﺎﻳﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷــﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺋــﯘ ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺳــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷــﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻗﻘﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩــﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷــﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺰ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩــﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘــﯘﻕ .ﺳــﯚﺯ 41
www.uyghurweb.net ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩـــﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـــﺎ ھﯩـــﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭﻧﯩـــﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌـــﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩـــﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩـــﻴﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـــﻰ ،ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﭘﯜﺗـــﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھﻪﻣﺪە ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳـﺌﯘﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨـﻰ ﺩﯦـﺪﯨﻢ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﺋـﺎﺩەﻡ ﻳﯘﻧـﯘﺱ ﺑﻪﮔـﻜﻪ ﻗـﺎﺭﺍپ ﺧﯩﺘـﺎﻳﭽﻪ ﺑﯩـﺮ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺩەپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﻳﯘﻧـﯘﺱ ﺑﻪگ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ،ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽـﻰ ۋە ﺳـﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ،ﺳـﯧﭙﯩﻞ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯚﻟــﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﻣﯜﺷــﻜﻪ ،ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺩﺍۋﺍﻟﯩــﺸﯩﻤﻐﺎ ﻗﻮﺷــﯘﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺳــﻪﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ھﯧﻠﯩﻘــﻰ ﺗــﯚﺕ ﺋﯚﻟــﯜﻛﻨﻰ ﺩەﭘــﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋــﺎﻳﺮﯨﻢ ﺭﯗﺧــﺴﻪﺕ ﺳــﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩــﺪﯨﻢ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤــﯘ ﻗﻮﺷـــﯘﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـــﺎ» :ﺗﯚﻣـــﯜﺭ ﺳـــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩـــﺴﻰ ﺗﯧﻨـــﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺑﯩـــﺮﮔﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﻪﻣـــﺪﯗ ﻳـــﺎﻛﻰ ﺋـــﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯚﻣﯜﻟﻪﻣﺪﯗﺭ؟« ،ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﺋﯘ ﺷﯘ ھﺎﻣﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔـﯘﻥ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ،ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩـﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺩەﺭھـﺎﻝ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ ھﻪﻣﺪە ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑـﺎﻳﯩﻘﻰ ﺳـﻮﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ» :ﻛﺎﻟﻠﯩـﺴﻰ ﺗﯧﻨـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟــﺴﯘﻥ« ﺩەپ ﺟــﺎۋﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋــﺎﻳﺮﯨﻼ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺋــﯘ ﻣﺎﯕــﺎ ﺋــﯚﺯ ﺗﻪﺷــﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠــﺪﯛﺭﺩﻯ ۋە ﻳﯘﻧــﯘﺱ ﺑﻪﮔﻜﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﻗﻠﻪپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ھﻪﺭھﺎﻟـﺪﺍ ﺑـﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠـﯘﻕ ﺋﻮﺭﺩﯨـﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺳﺎﻕ -ﺳﻪﻻﻣﻪﺕ ﭼﯩﻘـﺘﯩﻢ -ﺩە ،ﺋـﺎﻳﯩﻐﯩﻢ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩـﮕﻪﺭ -ﺗﻪﮔـﻤﻪﺱ ﺑـﻮﺯ ﺋﯧﺘﯩﻤﻨﯩـﯔ ﻗﯧـﺸﯩﻐﺎ ﭼـﺎﭘﺘﯩﻢ .ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺧــﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﻧــﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﺗﻘــﯘﺯﯗﺵ ﺋﯩــﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﻟــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻡ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐــﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﺪە ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩـﺴﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩـﭗ ﺋـﯚﺯ ﺗﯧـﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷـﯘﻟﺪﻯ .ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﻗﺎﺭﻯ ،ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﻗـﺎﺭﻯ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﯩـﺴﻰ، ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﻣﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﻣﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺩەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. »ﺑﯩــﺰ ﺋﻪﻟــﯟەﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩــﯔ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩــﺪﯨﻤﯩﺰ )ﻳﻪﻧــﻰ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩــﯔ ﺑﻪﻧــﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ( ،ﭼﻮﻗــﯘﻡ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩــﯔ ﺩەﺭﮔﺎھﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ) «.ﺑﻪﻗﻪﺭە ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ -156ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ( ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﻣﻪﺭھﯘﻣﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ھﺎﻟﻐــﺎ ﺩﯗﭼــﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷــﯩﻨﯩﯔ ﺳــﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ،ﺑﯩﭙﻪﺭۋﺍﻟﯩﻘﻘــﺎ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺵ ﺑﯩــﺮ ﻗــﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .ﻣﻪﺳـﯩﻠﻪﻥ ،ﺋـﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩـﺪﺍ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤـﺪﯨﻦ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻐﺎ» :ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘﺯﯗﻟــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗپ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ھﺎﻣــﺎﻥ ﺗﯧــﺰﺩﯨﻦ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗــﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨــﺴﯘﻥ «.ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧــﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﭘﻪﺭﻣــﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯗ .ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺑــﯘ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﻣﺎﺯﯨﺨﯘﻳﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ» :ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﻣﻪﻥ ﺳــﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﻭﺳــﺘﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑــﯘ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟــﮕﻪ ﺋﺎﺷــﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻢ« ﺩەﻳــﺪﯗﺭ .ﺑــﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺯﯨﺨـﯘﻱ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩـﯔ ﺩﻭﻟﯩـﺴﯩﻐﺎ ﺋـﯘﺭﯗپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺗﻪﺷـﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩـﺪﯗﺭ ۋە ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻨﻰ ﻛـﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛـﯜپ ﻗﻮﻳﯩــﺪﯗ .ﺷــﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯧــﺸﯩﻐﺎ ﺑــﺎﻻ ،ﺟﯧﻨﯩﻐــﺎ ﺟــﺎﺯﺍ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﻧﯩﻬــﺎﻳﻪﺕ ﺋــﯘﻻﺭ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻱ ﺧﻪﺳﻤﻰ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺪﯛﺭﻣﻪﻟﻰ ﺋﺎۋۋﺍﻝ ﺳﻪﻥ ،ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰە ﺩﯛﺷﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﮔﻪﺗﯩﺮەﻥ ﺋﻪﻝ. ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﻛﯩﻒ ﺗﻪﺭﺟﻪﻣﻪﺳﻰ :ﺋﻪﻱ ھﻪﻗﯩﻘﯩـﻲ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺟﺎھـﺎﻟﻪﺕ! ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳـﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘـﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧـﺮەﻙ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧـﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺧﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩەﻝ ﺋﯚﺯﯛڭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺋﯩﭽﻤﯩﺶ ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ ﺋﺎﻏﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ۋﺍﻱ، 42
www.uyghurweb.net ﺋﯩﺸﯩﺘﻤﻪﻳﺪﯗ ﻗﯘﻻﻏﻰ ﺑﯘ ﺟﺎھﺎﻥ ﻗﻮﻗﻮﺳﻰ ﺩﯨﻦ ۋﺍﻱ ﻳﺎﺭەﺏ ﺗﻪﺭەھﻬﯘﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪﺳﻪڭ ھﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺧﻪﺭﺍﺏ ﻳﺎﻧﺪﯗﻕ ﺟﻪھﺎﻟﻪﺕ ﺋﺎﺗﻪﺷﯩﻨﻪ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﺑﺎﺏ ﺟﻪﺩﯨﺪﻟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻣﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ -ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻡ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ -ﺋﯚﺯﺑﯧـﻚ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺷـﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩـﺮ ﺋـﯘﺭﯗﺵ ﻳــﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭ ،ﺋﯚﻟـﯜﻛﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧــﺪﺍ ،ﻛﻮﭼـﺎﺩﺍ ،ﺑــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ھﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩــﯔ ﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ ھﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻦ ھﯩﻼﻟﻰ ﺋﻪھﻤﻪﺭ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﻗﻮﻟﯩـﺪﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﯘپ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺩەﺭ ھـﺎﻝ ﺑـﻮﺯ ﺋﯧﺘﯩﻤﻐـﺎ ﻣﯩﻨـﺪﯨﻢ -ﺩە ،ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ھﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ .ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ» :ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭ .ﺳـﯩﺰﻧﻰ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻻپ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋـﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜـﺘﻪ ﻗﻮﻳـﯘﺵ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﻘـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﯨﻢ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺑـﯘ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨـﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺋـﯘ ﻣﺎﯕــﺎ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭ ﺋﯩﺪﺍﺭەﺳـﻰ ۋە ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﯩﻨﯩـﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏـﺎ ﻣﺎﺋـﺎﺵ ﺗـﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ۋە ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐـﺎ ﻛﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻼپ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺭﻭﻳﺨﯧﺘﯩﻨـﻰ ﻳﻪﺗﻜـﯜﺯﯛپ ﺑﯧﺮﯨـﺸﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠـﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻗﻮﺷــﯘﻟﻐﺎﻥ ۋە ﺗﻪﺷــﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘــﺎﻥ ھﺎﻟــﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠــﺪﯨﻢ .ﺗﻪﻟﻪﭘــﻜﻪ ﻛــﯚﺭە ،ﺋﺎﻟــﺪﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺩﺍۋﺍﻟﯩﺪﯗﻕ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩەﭘـﻨﻪ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳـﺌﯘﻝ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ ھﺎﺟﻰ ﺋﻪﺳﺒﺎﺏ -ﺟﺎﺑـﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﭙـﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻐـﺎ ﻣﺎﯕﻐﯘﺯﯗﻟـﺪﻯ .ﺋـﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜـﺘﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟـﺪﻯ .ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭﻻﺭ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺗﯚﺕ ﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳـﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﺭﺟـﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋﯩـﺶ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺩﻭﻛــﻼﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ،ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧــﺪﯨﻦ ﺑــﯘ ﺗــﯚﺕ ﺋــﺎﺗﻨﻰ ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭ ۋە ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩەپ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯩــﺮ ﻛﯩﭽﯩــﺴﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩــﻖ ﺗــﯚﺕ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋــﺎﺩەﻡ ﺗﯘﻳﯘﻗــﺴﯩﺰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐــﺎ ﺑﺎﺳــﺘﯘﺭﯗپ ﻛﯩﺮﯨﭗ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺑﯘﻻپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩـﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻗـﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗـﻮﺭﺍﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯘﻝ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯗﻕ .ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ )ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗـﻰ( ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ،ﺟﻪﺭﻧﯩـﻞ ﺳﺎھﯩﺒﻘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻠﯩﻚ ﻳﻪھﻴﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. )ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ( ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗۋﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺭەھﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھ ۋە ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧـﺪ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﯧﻠﯩـﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﻪﺭ )ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻜﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐـﺎﺭ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽـﻰ -ﺕ( ﺭﺍﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗــﺎﭼﯘﺭﯗۋﯦﺘﯩﺶ ﻗــﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ،ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩــﻲ ﭼﺎﺭﯨــﺴﻰ ﺋﯩــﺰﺩەﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻳﯘﻗﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺩەپ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻧــﺪەﻙ - 1933 ،ﻳﯩﻠــﻰ - 9ﺋﺎﻳﻨﯩــﯔ - 27ﻛــﯜﻧﻰ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪۋﯨﺮﻯ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩـﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳــﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋــﺎﺑﺮﯗﻳﻠﯘﻕ ﻗﯘﺭﺑﯧﺸﯩــﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨــﭗ ﺧﻮﺟــﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠــﻠﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩــﻖ ﺗــﯚﺕ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھ ۋە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣﯘھـﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗـﺎﭼﯘﺭﯗﻟﯘپ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ 43
www.uyghurweb.net ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ .ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩـﺪەﻙ ﺋـﯚﺯ ﺗﻪﺧـﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﺩﻯ .ﺑـﯘ ﻛﯜﻧـﺪە ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴـﺎ ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯەﺭ ﺑﻪﻧﺪﺗﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛـﯜﻧﻰ ) - 9ﺋﺎﻳﻨﯩـﯔ 27 ﻛــﯜﻧﻰ( ﺋﯘﻧﯩــﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴــﺎﺭ ﻛــﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻐــﺎﻧﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﺷــﺎھ ﻣﻪﻧــﺴﯘﺭﻧﯩﯔﺭﻭھﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳـﺪﯗ .ﺷـﯧﻬﯩﺪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘـﺎﻙ ﺭﻭھــﻰ ﺋﻪﻟــﯟەﺗﺘﻪ ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﺳــﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺷــﺎھ ﻣﻪﻧــﺴﯘﺭ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ھﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘــﺎ ﻳﯧﯖﯩــﺪﯨﻦ ﻗــﺎﻳﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟــﯘپ ھﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨـﺴﻰ ﺳـﯩﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭ ﺋـﺎﺭﯨﻒ ﺧﻮﺟـﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩـﺮﯨﮕﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺑﯩـﺮ ﺧﺎﻟﺘـﺎ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙـﺎﺕ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩـﺘﯩﮕﻪ ﺭەھﻤﻪﺕ -ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺯەﺕ -ﺋﯩﻜﺮﺍﻣﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋـﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩـﯔ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻼھﺘﯩﻦ ﺟـﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷـﻘﺎ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻤــﯘ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩــﭗ ﺳــﯩﯟﯨﻞ )ﭘــﯘﻗﺮﺍﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩــﻨﮕﻪﻥ( ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ھﯩﻤﺎﻳﯩــﺴﯩﺪە ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ﻣﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﻪﺭ ھﻪﻣـﺪە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩـﺪە ﺋﺎﺭﺗﯘﺷـﻘﺎ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﻠـﺪﻯ .ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺋﺎﺭﺗﯘﺷـﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﺋــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜــﻰ ﺯﯨﻴــﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ،ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ ،ﺗﯧﯖﺠــﺎﯕﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳــﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜــﯜﺯﯛپ ،ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻧﻰ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛــﺮﺍﺭ ﻗﯘﺗﻘــﯘﺯﯗپ ﻗــﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺳــﻪﭘﻪﺭۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨــﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﺑﯩــﺰ ﺋﺎﺭﺗﯘﺷــﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪھــﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺷــﯘ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻗﻮﻳــﯘپ ،ﺋﻮﻗــﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺷــﻪھﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩــﮕﻪ ﻧﻪﺯەﺭ ﺗﺎﺷﻼﻳﻠﻰ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺠﺎﺗﻰ )ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻰ( ﺑﯘ ﭘﻪﻳﺘﻠﻪﺭﺩە ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ﻛﯧﺘﯩـﭗ ،ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﺯﺍﻣـﺎﻧﻰ ھﯚﻛـﯜﻡ ﺳـﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺧﻪﻟــﻖ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺳﺎﺭﺍﺳــﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤــﯘ ﺋــﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺳــﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩــﮕﻪ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩــﻜﻪﺕ ۋە ﺑــﺎﺭﭼﻪ ﺗــﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷــﻘﯘﺭﯗپ ﻛﯧﺘﯩــﭗ ﺑﻮﻻﻟﯩــﺸﻰ ھــﯧﭻ ﺋﻪﻗﯩﻠــﮕﻪ ﺳــﯩﻐﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤـﺎﻱ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﺋﻪﻟﭙﺎﺯﯨـﺪﯨﻦ »ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩـﭗ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛـﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﯩﺮ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﺴﻪ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻨﻰ ﻗﯩﻠـﺴﺎﻕ «...ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺭﺯﯗ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯧﻐﯩـــﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩـــﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩـــﻴﻼ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩـــﭗ ﻗـــﺎﻻﺗﺘﻰ .ﻛﻪﻣﯩـــﻨﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩـــﭗ ھﯩـــﻼﻝ ﺋﻪھـــﻤﻪﺭ ۋە ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩــﺪﺍ ﺧﯩــﺰﻣﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﭘــﺎﺕ -ﭘــﺎﺕ ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ۋە ۋە ﮔﺎﺯﺍﺭﻣﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺟﯩـﻖ ﻧﻪﺭﺳـﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩـﭗ ﻗﺎﻳﺘـﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺭﺗﯘﺷــﺘﺎ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺩەۋﺭﯨــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﮔﻪ ﺗﯧﯖﺠــﺎﯕﻼﺭ ،ﻟﯜﻳﺠــﺎﯕﻼﺭ ،ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩــﺴﻰ ﺗﻮﭘﻼﻧــﺪﻯ .ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻖ ﺋــﺎﺭﺗﯘﺵ ﻣــﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﻏــﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ .ﺋﺎﺭﯨـﺪﺍ ﺋﺎﺗﯘﺷـﺘﺎ ﭼـﻮڭ ﺑﯩـﺮ ﻳﯩﻐﯩـﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠـﺪﻯ .ﻳﯩﻐﯩﻨـﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩـﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩـﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﺘﻰ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ھﯘﺟـﯘﻡ ﻛـﯜﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩـﺸﻼ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﯖﻪﺷﻜﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ
44
www.uyghurweb.net ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﺋـﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘـﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟـﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻛـﯜﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩـﺘﯩﺶ ﻣﻪﺧـﺴﯘﺱ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ .ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ،ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﻛـﯚﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﻠـﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ھﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩـﺮﺩەﻙ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﻣـﯘﻣﯩﻲ ھﯘﺟـﯘﻡ ﻛـﯜﻧﻰ - 10 ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 1ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ .ھﯘﺟﯘﻡ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺗﺎﻍ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ،ﺋﯚﺯﺑﯧـﻚ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻟﯩﺮﻯ ﺋـﺎﺭﺗﯘﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ھﯘﺟــﯘﻡ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩــﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﺷــﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟــﻖ ﻛــﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ،ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯧﯖﺠــﺎﯕﻼﺭ ﺑﯩــﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﻪﺭە ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﻛﻮﻧــﺎ ﺷــﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﻛﯜﻧــﺪەﯨﻜﻰ ﺋﻮﻣــﯘﻣﯩﻲ ھﯘﺟﯘﻣــﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤـﺎﻱ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋـﻮﻕ ﺋﺎۋﺍﺯﯨـﺪﯨﻦ ﻗـﯘﻻﻗﻼﺭ ﭼﯘﯕﯘﻟـﺪﺍﻳﺘﺘﻰ .ﻳﺎﺭﺑـﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗـﯘﻡ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘـﺎ ،ﺳـﯧﭙﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩـﺪﺍ ﺋـﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ۋە ﻗﯧﻴﻨﯩﻠﯩـﭗ ﻳﺎﺗﻘـﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭﻻﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘــﺎ ﻏﺎﺋﯩــﺐ ﺋــﻮﻕ ﺗﻪﻛﻜﻪﻧﻠﯩﻜــﺘﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩــﺸﻠﯩﻖ ﻧــﺎﻟﻪ -ﭘﻪﺭﻳــﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻳﺎﺗﻘــﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜــﯜﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ھﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩە ﻛــﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧــﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘــﯘﺭﻻﺭ ،ﻳــﺎﺭﺍ ﺗﺎﯕﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ۋەﺯﯨﻴﻪﺕ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩـﺪﻯ .ھـﺎۋﺍﺩﺍ ﺋـﻮﻗﻼﺭ ﺋﯘﭼـﯘپ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ،ﻳـﺎﻣﻐﯘﺭﺩەﻙ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﻪﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯩﺮﯨﺴﺖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩـﺘﯩﮕﻪ ﭼﺎﭘـﺎﺭ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧـﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩـﺮ ﻣﻪﻛﺘﯘپ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﺪﻯ. .KRASNO KREST V SOVTSKOY POLPREDSTVO V KASHGARE ,IDYAT BAY, MASSE RANENNIH YELAVENIKO .ANDERSON NI USPIVAYUTV V BALNITSU ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩـــﺴﻰ :ﺋـــﯘﺭﯗﺵ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘـــﺎ .ﻳﺎﺭﯨـــﺪﺍﺭﻻﺭ ﻛـــﯚپ .ﺩﻭﺧﺘـــﯘﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﺳـــﯘﻥ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻳﯩﻼۋﯨﻨﻜـــﺎﻻﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ! ھﯧﭻ ﻗﺎﻧﭽﻪ ۋﺍﻗﯩـﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳـﺘﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﭘﻪﻳﺘﯘﻧـﺪﺍ ﺋﺎﻳـﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘـﯘﺭ ﺳﯩـﺴﻴﺎﻳﻮۋﺍ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷـﻪﻧﺒﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺳـﯩﻤﻮﻓﻼﺭ ﺧﻪﺳﺘﻪﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺳﯩﺴﺎﻳﻮۋﺍ» :ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋـﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ -ﺋﺎﺭﻗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﻼﺭﻏـﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤـﺎﻱ ﺧﻪﺳـﺘﻪﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﻳﯜﮔـﯜﺭﺩﯗﻕ« ﺩﯦـــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺑـــﯘ ﺳـــﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟـــﺎۋﺍﺑﻪﻥ» :ﺷـــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩـــﺮ ﻛـــﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ھﯩـــﻼﻝ ﺋﻪھـــﻤﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳـــﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚپ ﺭەھﻤﻪﺕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺧﺎﻧﯩﻢ« ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺳﯩﺴﺎﻳﻮۋﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻳﯩﻼۋﯨﻨﻜﺎ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﺳﻮﻥ ۋە ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھﻪﻛﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷـﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻻﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺷـﯘ ﺋﯩـﺸﻠﯩﮕﻪﻧﭽﻪ ﺋـﯜچ -ﺗـﯚﺕ ﺳـﺎﺋﻪﺗﭽﻪ ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ﺋﻪﻣـﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩـﭗ، ﺧﯩﻠــﻰ ﻛــﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩــﯔ ﻳــﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﯖﯩــﭗ ،ﺩﺍۋﺍﻻپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻛﯜﻟــﯜپ ،ﻛﯜﻟﯜﺷــﻜﻪﻥ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﻪﻳﺘﻮﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﻪﯕﻨﯩﯔ ﺷﯩﺪﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺋـﺎﺯ ﭘﻪﺳـﯩﻴﯩﭗ ،ﺋـﻮﻕ ﺋـﺎۋﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯﺍﻳﻐـﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ ،ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻤﺎ ھﯩﻴﻠﻪ -ﻧﻪﻳﺮﯨﯖﻰ ﻛﯚپ ﺑﯘ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛـﯚپ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩـﮕﻪ، ھﯘﺟﯘﻣﻨﯩــﯔ ﺷــﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺷــﯘ ﺋﻪﺳــﻨﺎﺩﺍ ﺋــﻮﺭﺩﺍ ﻣﯘھﺎﺳــﯩﺮﯨﺪە ﻗﺎﻟﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛـﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜـﺘﯩﻦ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩـﻖ ﻗﺎﺭﺷـﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩـﺸﺘﯩﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ،ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻝ -ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻗـﯘﻡ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨـﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ، ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﻮﺵ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮﭘﻰ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨـﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩـﺮﺩﻯ. ﺋﻮﺳــﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟــﻰ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐــﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻗﻮﺷــﻤﻪﺗﻤﯘ ھﻪﻡ ﺋــﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﭗ ﺑﯩــﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﻻﻳﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩـﺪەﻙ ۋﺍﻟـﻰ ﻳﯘﻧــﯘﺱ ﺑﻪگ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻣﯘﺋــﺎۋﯨﻨﻰ ﺋﺎﺑــﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺷــﯩﺘﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟــﺪﯨﻜﻰ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩــﺪﺍ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳﯧﻨﯩـﺪﺍ ﺟﯩـﻔﻪﻙ ﻗـﺎﺯﻯ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻳـﯘﺭﺗﻨﻰ ﺋﯩـﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘـﺎ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ 45
www.uyghurweb.net ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺋـﺎﺭﯨﻼپ -ﺋـﺎﺭﯨﻼپ ھﯘﺟﯘﻣﻐـﺎ ﺋﯚﺗـﺴﻪ ،ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺩەﺭھـﺎﻝ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﮔﻪ ﺋـﯚﺗﻪﺗﺘﻰ .ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺸﯩـﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ھـﯧﭻ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺗﻪﺭەپ ھـﯧﭻ ﻧـﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ھﯘﺟﯘﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋـﯜچ -ﺗـﯚﺕ ھﻪﭘـﺘﻪ ﺋـﯚﺗﺘﻰ .ﺳـﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩـﮕﻪ ھﻪﺭ ﺟﻪھﻪﺗـﺘﯩﻦ ﺋﯩﺘــﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋــﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧــﭽﻪ ﺋــﯚﺯ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩــﺒﻜﻪ ﺳــﯧﻠﯩﺶ ،ﻣﻪﺷــﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ھﻪﻣــﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺳــﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷــﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗــﯚﺕ ﺑــﯚﻟﻪﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟــﯜپ، ﻳﯜﺳﯜپ ﺟﺎﻥ ،ﺋﻪﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ،ﺋﺎﺭﯨﻒ ﺧﻮﺟﻪ ،ﻛﻪﺭﯨﻤﺠﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ھﻪﺭ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻐﺎ ﺑﯩـﺮﺩﯨﻦ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩــﺪﻯ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻗﻮﺷــﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣــﯘﻣﯩﻲ ﺳــﺎﻧﻰ ﺷــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻣﯩﯖــﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﭼﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮە ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺷــﯘ ﻳﯩﻠــﻼﺭﺩﺍ ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺳــﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷــﻜﻪﻧﺪەﻙ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟــﺪﯨﻦ ھﻪﺭﺧﯩــﻞ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩــﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ھﺎﺟﻰ ﺋﻪﻛﺮەﻡ )ﺩﺍﻏﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ( ،ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ،ﺩﯨﻨﯩـﻲ ﺋﯩﺨﻼﺳـﻰ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺑﯩـﺮ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ. ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩـﭙﻼ ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭ ھﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨـﺪە ﺗـﯘﺭﺩﻯ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩـﺸﯩﭗ، ﻧﯘﺗﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﻯ ﺋﻪﺳــﻠﻰ ﻛﯘﺭﺩﯨــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺋﻪﺳــﻜﯩﺮﯨﻲ ﺗﻪﻟﯩــﻢ -ﺗﻪﺭﺑﯩــﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺴﺘﯩﯧﺪﺍﺗﻠﯩﻖ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﺋﻮﺗﺘـﯘﺭﺍ ﻳـﺎﺵ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺧﻪﺳـﺘﻪﺧﺎﻧﺎ ھﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨـﺪە ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻗﯩﺮﻏﯩـﺰ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ -ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮەﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺋـﯘ ﺋﻪﺳـﻠﻰ ﺋﻪﺭەﺏ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺋﯩـﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏـﺎﻥ ،ﺷـﯘﯕﺎ ﺗـﯜﺭﻛﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗـﻰ ﻳـﻮﻕ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ،ھﯘﺷﻴﺎﺭ ،ﺗﯧﺘﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻮﺭﯗﻕ ﺋﺎﺗﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﺭەﺑﭽﻪ ﻛﯩﻤﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋـﯘﭼﻰ ﺋﻪﮔـﻤﻪ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺧﻪﻧﺠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻗﯩــﺴﺘﯘﺭﯗپ ،ﻟﻮﻧــﺪﻭﻥ ﻣــﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ 31950 ،ﺭەﻗﻪﻣﻠﯩــﻚ 35ﺩﺍﻧﻪ ﺋــﻮﻗﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧــﺴﯩﭗ ،ﻛﯩــﺸﯩﻨﻰ ﺯﻭﻗﻼﻧــﺪﯛﺭﻏﯘﺩەﻙ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩــﭗ ،ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﭼﯩﻨﯩﺒﺎﻏــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩــﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩــﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ- ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭەﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻳﺎﺭﺍﺷـﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻪﻛﻤـﯘ ھﯩـﻴﻠﯩﮕﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺋـﻮﻕ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋـﻮڭ ﻳﻮﺗﯩـﺴﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﺳﻮﻝ ﻳﻮﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺑﻪﻝ ﻗﯩﺴﻤﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﺋـﻮﻕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎﻟﺘﻪ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﻪﺳـﺘﻪﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩـﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨـﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩـﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺋـﯘﻧﻰ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩـﺮ ﻳﺎﺳـﯩﺪﺍﻕ ھﯘﺟﺮﯨﻐـﺎ ﻳـﺎﺗﻘﯘﺯﯗپ ،ﻛﻪﻣﯩـﻨﻪ ﭘﻪﺧﺮﯨـﻲ ﺳـﺎﻗﭽﻰ ﺳـﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ھﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ۋە ﺧﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩەﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢ .ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﺋـﯘﻧﻰ ﺯﯨﻴـﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠــﯜﻛﻰ ﺑﯩــﺮ ﺩەﺭﺩ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﺯﯨﻴــﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﺧﯩــﻞ ،ھﻪﺭ ﺭەﯕــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳــﺮﺍﺭﻯ ﺋﻪﻧﮕﯩــﺰ )ﺗﯩﯖﺘﯩﯖﭽــﻰ( ﺋــﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ھﻪﻳــﺮەﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﻳﻮﺷــﯘﺭﯗپ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽــﻰ ﺩەﺭﺩ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻧﺎھــﺎﻳﻪﺕ ،ﺑــﯘ ﺋــﺎﺩەﻣﻤﯘ ﺷـــﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳـــﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘـــﻰ .ﺋﻪھـــﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩـــﻖ ﻣﯘﺳـــﺘﻪﻗﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩـــﻚ ﺋـــﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻐـــﺎ ﻗﻮﺷـــﯘﻟﻤﯩﺪﻯ .ھﻪﺭ ۋﺍﻗـــﺖ ﻣﻪﺟﻠﯩـــﺴﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺳـــﺎﻕ ھـــﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـــﺪﯗ. ﻣﯧﻬﻤﺎﻧــﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺘﯩﻦ ،ﺗــﻮﻱ -ﺗﯚﻛﯜﻧــﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﻛــﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﭼﯩﻨــﻰ ﺑــﺎﻍ ھﻪﻣــﺪە ﺷــﺎھﺰﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﺪە ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﯛپ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﯩـﺸﻼﺭﻏﺎ ﭼـﻮﻝ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳـﺪﯗ .ھﻮﻗـﯘﻕ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻏـﺎ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺷــﯘ ﻛــﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺗــﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻛﯩــﺸﻰ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ،ﺋﻮﺳــﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟــﻰ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎھﯩﻐــﺎ 46
www.uyghurweb.net ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ .ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﺧﺮﯨﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽـﻰ ۋە ﺗﻪﺭﺟﯩﻤـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟـﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﻧـﻰ ھﻪۋەﺱ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺯﯨﻴـﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺧﯩﻠﻰ ﻳﺎﺭﺍپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﭼﯧﻐـﻰ ،ﺋـﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﻣـﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎھﯩـﺪﯨﻦ ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘـﻰ ﻗﻮﺭﻭﺳـﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼـﯜپ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ،ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﺋﻪﻟﻰ ﺑﯧﻚ )ﻛﯩﻨﻪﺕ( ،ﺋﯩﺰﻣﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ۋەﻛﯩـﻞ ،ﺑـﯘ ﺯﺍﺕ ﺑﯘﺭﯗﻧـﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳـــﯩﻲ ﺋﯩـــﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷـــﻘﺎﻥ ،ﺋﻪﻟﻪﻣـــﺪﯨﻤﯘ ،ﻗﻪﻟﻪﻣـــﺪﯨﻤﯘ ﺑـــﺎﺭ ﺋـــﺎﺩەﻡ ﺋﯩـــﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـــﺮﻯ ،ﻣﻪھﻤـــﯘﺩ ﻧﻪﺩﯨـــﻢ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﻖ ﺋﻪﻟﻰ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ،ﺯﺍﭘﺎﺱ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩـﺴﯩﻤﺪﺍ ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻣـﺪﺍﺭ ﻛﯩـﺸﻰ ﺋﯩـﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩـﺴﻰ ﺋـﯚﺯ ﻳـﯘﺭﺗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩـﺪە ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷـﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘـﺎ ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ﺋـﺎۋﺍﺯ ﻗﻮﺷـﻘﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗـﯜﺭﻙ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷـﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﭘـﺎﻣﯩﺮ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ )ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘـﯘﭘﺘﯩﻤﻪﻥ( ﺑﯩﺮﮔﯧﺮﻣـﺎﻥ ﺋﯩﻨﺠﯩﻨﯧـﺮﻯ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﻰ. ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺳﯚھﺒﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﺎﺑﯘﻟـﺪﺍ ﺗـﯘﺭﯗپ ﺋﯘﻳﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺗﯧﻠﯧﻔـﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭەﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋـﺎﯕﻼپ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ،ﻻﺯﯨــﻢ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺧﯩــﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴــﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻣﻪﺩەﻥ )ﻣﯧﺘﺎﻝ( ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻼﺭﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﻪﺑﻪﺭﺩﺍﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﯛپ ﺋـﯚﺗﺘﻰ. ﺋﯜچ -ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩـﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘـﻰ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺗﻮﻗﻘـﻮﺯ -ﺋـﻮﻥ ﺗﯩﻠﻨـﻰ ﺑﯩﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺳــﯧﺮﯨﻖ ﺋــﯚڭ ،ﻗــﺎﻗﯟﺍﺵ ،ھﯘﺷــﻴﺎﺭ ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﭼﯩﻬــﺮﻯ ﺳــﻪﺗﺮەﻙ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﻳــﺎﻝ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﺭﯗﺳــﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ،ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻣﯩـﻨﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺋـﺎﻟﻼھﺘﯩﻦ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎﺳـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎۋﺍﺭە، ﺗﯧﺰ -ﺗﯧﺰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻟﻼﻕ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻕ -ﭼﺎﭘﺎﻕ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻳﯜﺭﯨـﺪﯗ ،ﺋـﺎﺯ ﻣﯘﺩﺩەﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ھﺎﺟﻰ ﺋﻪﻛﺮەﻡ ﺩﺍﻏﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﺩەﻡ .ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻛﯘﺭﺩﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ. ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﻪﺭﯨﭙﯩﺴﯩﺪە ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ »ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ« ۋﺍﻗﯩــﺖ -ﺳــﺎﺋﯩﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ،ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩــﺪە ﭼــﻮڭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘــﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟــﺪﻯ .ﻳــﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗــﯜﺭﻙ ﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧــﻰ ﺋــﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩــﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﻟﻪﻣــﺪﺍﺭ ۋە ﺋﻪﻟﻪﻣــﺪﺍﺭﻻﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘــﺎﻱ ﺳــﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧــﺪﻯ .ﺑﯩــﺮ ﻗــﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ھﻪﻣﻤﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﺎۋﺍ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎھﺎڭ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﻗـﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﯩـﺪﺩﯨﻲ ﻛﯧﯖﻪﺷـﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨـﺪﺍ ھﻪﻣـﻤﻪ ﺑﯩـﺮﺩەﻙ، ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ )ﺩﯙﻟﻪﺕ( ﻧــﺎﻣﯩﻨﻰ »ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬــﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ« ﺩەپ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩــﺸﻜﻪ ﻗــﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺋﺎﺭﻗﯩــﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟــﯘﺵ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﯩــﺮﻯ ﺗﯜﺯﯛﻟــﺪﻯ .ﻛــﺎﺑﯩﻨﻪ )ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ( ﺋﻪﺯﺍﻟﯩــﺮﻯ ﺳــﺎﻳﻼپ ﭼﯩﻘﯩﻠــﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎﺷــﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘــﺎ ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﮕﻪ» :ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ! ﺳﯩﺰ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﮔﻪپ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﻣﻪﻥ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﺘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﯩـﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳـﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻣﻤﯘ ،ﺋـﯘﻻﺭ »ﺳـﻪھﯩﻴﻪ ﻧـﺎﺯﺍﺭﺍﺗﻰ ﻳـﺎﻛﻰ ﻣـﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﯩﺪەﻙ ﺑﯩﺮەﺭ ﺋـﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﻗﯘﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩـﺴﺎﯕﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـﺪﯗﺭ ،ﺳـﯩﺰ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗـﺎﺯﺍ ﻻﻳﯩـﻖ ﻛﯧﻠﯩـﺴﯩﺰ« ﺩەپ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ» :ﺳﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳـﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ۋە ﺟﯩـﺪﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩـﺪﯨﻦ ھﻪﻣﻤﯩﻠﯩـﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺷـﻪﻛﻜﯜﺭ 47
www.uyghurweb.net ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ .ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻝ -ۋەﺗﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘـﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟـــﺴﺎ ،ﻛﯚﯕﻠﯜﻣـــﺪە ﻣﯘﻧـــﺪﺍﻕ ﺑﯩـــﺮ ﺋـــﺎﺭﺯﯗﻳﯘﻡ ﺑـــﺎﺭ ﺋﯩـــﺪﻯ .ﺋـــﯘ ﺑﻮﻟـــﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭەﺩﯨﻜـــﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﺎﺳﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻡ ،ﺷـﯘ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨـﺪﺍﺵ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ،ﺋﯩﻘﺘﯩـﺴﺎﺩﯨﻲ، ﺋﯩﻠﻤﯩــﻲ ﺋــﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻣﯘﺳــﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻗﻮﻟﯘﻣــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧــﻰ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻡ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺳﻪﺭﺑﻪﺳﺖ )ﺑﯩـﺮ ﭼﻪﺗـﺘﻪ( ﺗﯘﺭﺳـﺎﻡ« ﺩﯦـﺪﯨﻢ. ﻣﻪﺟﻠﯩﺲ ﺋﻪھﻠﻰ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ھﻪﻡ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕـﺎ ﺳـﻪھﯩﻴﻪ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩـﻖ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻧﺎﺯﯨﺮ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﺪە ﻣﯘﺳﺘﻪﺷﺎﺭ )ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰ( ﻟﯩﻚ ۋەﺯﯨﭙﯩـﺴﻰ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺟﻠﯩـﺲ ﺷـﯘ ﻛـﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻻﻳﯩﻬﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﺗﯩـﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐـﺎ ﺋﻪﺳـﻜﯩﺮﯨﻲ ۋە ﻣـﯜﻟﻜﯩﻲ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩــﺪﺍﺭ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻼﻧــﺪﻯ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽــﻰ ﻗــﺎﺭﺍﺭ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ،ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘــﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷــﻘﺎ ﻗﻮﺷــﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷــﺘﻰ .ﺗﺎﻣﻐــﺎ -ﻣﯘھــﯘﺭﻻﺭ ﺑﯧــﺴﯩﻠﺪﻯ .ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻳــﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩەﺭەﯨﺠﯩﻠﯩــﻚ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻥ، ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 35ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻪﺳـﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ ﻻﺯﯨـﻢ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﺩﯨـﻢ ﺑﻪگ ﺋﻮﺭﻧﯩـﺪﯨﻦ ﺗـﯘﺭﯗپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ،ﺷـﯩﺮە ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋـﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨـﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ »ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻗﯘﺭﺋـﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩـﯔ ھﻪﻗﻘـﻰ -ھـﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗـﻜﻪ ﺋﯩﺘـﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﻤﻪﻥ ،ۋەﺗﯩـﻨﯩﻤﮕﻪ، ﺩﯨﻨﯩﻤﻐــﺎ ﺧﯩــﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﻤﻪﻥ ،ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﯩﻤﮕﻪ ﺧﯩﻴــﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳــﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻗﻪﺳــﻪﻣﻴﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩــﻤﻪﻥ« ﺩەپ ﻗﯘﺭﺋــﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜپ ﺑﯧـﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ﺋﯘﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺟﻪﺭﻧﯩـﻞ ﺳـﺎھﯩﺐ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺑـﺎﺭﭼﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻥ ۋە ﺋﻮﻓﯩﺘـﺴﯧﺮﻻﺭ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻧﻪﺩﯨﻢ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ۋە ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ 35 ،ﻛﯩـﺸﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ -ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ھﺎﻟـﺪﺍ ﺷـﯩﺮە ﺋﺎﻟـﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻗﯘﺭﺋـﺎﻥ ﺗﯘﺗـﯘپ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺋﻪﻣـﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘـﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ،ﺩﯨﻨﯩﻐـﺎ، ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﻪﺳـﻪﻣﻴﺎﺩ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨـﺪﺍ ھﻪﻣﻤﻪﻳـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮ -ﺑﯩـﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﺑـﺎﺭەﻙ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ ،ﺩﯦﻴﯩـﺸﭗ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺷــﺘﻰ .ﺟﻪﺭﻧﯩــﻞ ﺳــﺎھﯩﺐ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻧــﺘﻪﻧﻪ ﺳــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺩﯗﺋــﺎ -ﺗﯩﻠﻪﻛــﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ھﻪﻣﻤﻪﻳـﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩـﺴﻰ ﺗـﯜﻣﻪﻥ ﺑﻮﻳﯩـﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟـﯘﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩـﺸﯩﻐﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ) - 1933ﻳﯩﻠﻰ - 10ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 21ﻛﯜﻧﻰ( ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ،ﻣـﯜﻟﻜﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟـﺪﺍﺭﻻﺭ، ﻳــﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧــﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩــﺮﻯ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻖ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘــﻰ ،ﻧﻪﺷــﺮﯨﻴﺎﺕ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘــﻰ، ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ھﻪﻳﺌﻪﺗﻠﯩــﺮﻯ ﺩﺍﺭﯗﻟﻤــﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻴﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﻣﺎﺭﺷــﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗــﯘپ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩەﺭﺩﻟﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﺭەﺗﻠﯩﻚ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ،ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩـﺸﻘﺎ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﯩﻤﯩــﯔ ) ،(7000ﺧﻪﻟﻘــﺘﯩﻦ ﺋـﻮﻥ ﺋــﯜچ ﻣﯩــﯔ ) (13000ﻛﯩـﺸﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ 20000 ،ﻣﯩﯖــﺪﯨﻦ ﺋــﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ .ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻨﯩﯔ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺭﯨﻴﺎﺳـﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷـﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺷـﺒﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺋﯚﺗﯜﻟﺪﻯ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ۋە ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ۋە ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﻣﯘﺋﻪﺯﺯەﻡ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﻰ ﺋﯩﺒﻨـﻰ ﺋﻪﻣﯩـﻦ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ھﻪﺯﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩـــﻚ ۋە ﺳـــﻪﻻھﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐـــﺎ ۋە ﭘﯜﺗـــﯜﻥ ﻟﻪﺷـــﻜﯩﺮﻯ ﺋﯩـــﺴﻼﻡ 48
www.uyghurweb.net ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ۋە ﺑﺎﺭﭼﻪ ﭘﯘﻗﻪﺭﺍ )ﺭەﺋﯩﻴﻪﺕ( ﻧﯩﯔ ﻣـﯘۋﺍﭘﯩﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳـﯚﻳﯜﻧﯜپ ،ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻞ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘۋەﻗﻘﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪە ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪە ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ: ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ :ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺒﺎﻗﻰ. ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ :ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺑﻪگ ﺳﻪﺋﯩﻴﺪﺯﺍﺩە. ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ: ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ :ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﻪگ. ﺋﻪۋﻗﺎﻑ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ :ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ ھﺎﺟﻰ. ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ :ﺯەﺭﯨﻒ ﻗﺎﺭﯨﻬﺎﺟﻰ. ﻣﺎﻟﯩﻴﻴﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ :ﺋﻪﻟﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﺒﺎﻱ. ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ،ﺳﻮﺩﺍ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ :ﺋﻪﺑﯘﻟﻬﻪﺳﻪﻥ ھﺎﺟﻰ. ﺳﻪھﯩﻴﻴﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ :ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھ ﺧﺎﻧﯩﻲ. ﻣﯘﻓﻪﺗﺘﯩﺶ :ھﺎﺟﻰ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ. ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﺑﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻨﺎﻣﻪ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﺒﺎﻗﻰ ﺋﻮﻣـﯘﻡ ﺧﻪﻟﻘـﻘﻪ ﻗـﺎﺭﺍپ ﺗﯚۋەﻧـﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘـﺎﺑﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ: ﺋﻪﺯﯨــﺰ ﻣﯩﻠﻠﯩــﺘﯩﻢ ،ﻣــﯚھﺘﻪﺭەﻡ ۋەﺗﻪﻧﺪﺍﺷــﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺋــﺎﻟﻼھ ﺗﻪﺋﺎﻻﻏــﺎ ھﻪﻣــﺪﻯ ﺑﯩــﻬﻪﺩ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩــﺰﮔﻪ ﺩﯗﺭﯗﺩﻯ ﺑﯩﻨﯩﻬﺎﻳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ! ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ -ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪھﻪﺭ ۋە ﺳﻪھﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚپ ۋﺍﻗﯩﺘـﺘﯩﻦ ﺑﯧـﺮﻯ ﺩﺍۋﺍﻡ ﺋﯧﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ۋﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺑﯧـﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳـﻮﻕ ﺋﯧﺘﯩـﭗ ،ﻳﯘﺭﺗﺘـﺎ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩـﻖ ۋە ﺋﺎﺳﺎﻳﯩــﺸﻠﯩﻜﻨﻰ ﺟــﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩــﺸﺘﯘﺭ .ﺋﻪﺳــﻜﯩﺮﯨﻲ ۋە ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ۋەﺯﯨــﭙﯩﻠﻪﺭ ،ﺋﯩﺨﻼﺳــﻠﯩﻖ ،ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩــﻚ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﭘـــﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺑـــﺎﺭﭼﻪ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷـــﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳـــﯩﻲ ،ﺩﯨﻨﯩـــﻲ ،ﻣﯩﻠﻠﯩـــﻲ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩـــﻲ ھﻮﻗــﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩـ ـﯔ ﻛﯧﭙﯩﻠﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﻗﻮﺷـﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺭەﺳـﻤﯩﻲ ﻣﻪﻣـﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺭەﺋﯩﻴﻪﺗﻠﯩـﺮﻯ ﺋﻪﻣﻨﯩـﻴﻪﺕ )ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩـﻚ( ﺋﯩﭽﯩـﺪە، ﻣﻪﺷﺮﯗﺉ )ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ( ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﺪﯗﺭ .ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ھﻪﻣـﺴﺎﻳﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ھﯧﭻ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺩﺍۋەﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘـﺎﻙ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩـﻚ ۋﯨﺠـﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﺎ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩـﺪﯗ .ﻳﻪﻧـﻰ ﺋـﺎۋۋﺍﻟـﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ھﻪﻣـﺴﺎﻳﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗـﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺩﻭﺳـﺘﻠﯘﻕ ۋە ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼھ )ﺧﯘﺩﺍ ﺧﺎھﻠﯩﺴﺎ( ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻣﯩﺰ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ .ھﻪﺭﺑﯩـﺮ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷـﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠـﻰ ،ﺟﯧﻨـﻰ ۋە ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻨﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯩﻨﭻ ۋە ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺋـﯚﺯ ﺋﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷـﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺩﯙﻟﻪﺗـﻜﻪ ﺋﯧﺘﯩﻤﺎﺩ )ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ( ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺗﻠﯘﺏ )ﻛﯧﺮەﻙ( ﺗﯘﺭ .ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﺎﻟﻼھﺘﯩﻨﺪﯗﺭ ،ﺩەپ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩـﯔ ﺳـﯚﺯﻯ ﺗـﯜﮔﻪﺭ- ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ،ﺋﺎﻣﯩﻴﻦ! ﺋﺎﻣﯩﻴﻦ! ﺩەپ ﺗﻮۋﻟﯩـﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﺑﻰ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭەھﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺳـﯚﺯﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩـﻚ ﺳـﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷـﺘﻰ .ﺋﺎﺭﻗﯩـﺪﯨﻦ ﺷـﺎﺩﻟﯩﻖ ﻣﯘﺭﺍﺳـﯩﻤﻰ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻣﯘﺯﯨﻜـﺎ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩـﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻱ ﺗﻮپ ﺋﻮﻗﻰ ﺋﯧﺘﯩﻠﺪﻯ .ﺗﻮپ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ھﺎﻣﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ،ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ 49
www.uyghurweb.net ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ھﺎۋﺍﻏﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻛـﯚﻙ ﺑـﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛـﯚﻙ ﺑﺎﻏﺮﯨـﺪﺍ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪەﺷـﻜﻪ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳـﯩﺰ ﺗـﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺷـﺎﻥ -ﺷـﻪۋﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ھـﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺩەۋﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧـﻰ ﺋﻪﺳـﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗـﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎۋﺍﺯﺩﺍ: ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ، ﺋﻮﺭﺩﯗﻣﯩﺰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﯗ. ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯗﺭ، ﺗﯜﺭﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﻻﺟﺎﻕ. ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﺭﺷــﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷــﯘپ ﺩەﺭﺩﻟﯩــﻚ ﻛﯚﯕــﯜﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻏــﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳــﺎﯕﺮﺍﻕ ﺋــﺎۋﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳــﺎپ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭھﯩـﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴـﺎﺗﻰ ﭘﯜﺗـﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﺎﺷـﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺧﻮﺷـﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟـﯜپ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﭼﯩﻬﺮﯨﻠﻪﺭﻧـﻰ ،ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﺳـﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐــﻼپ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺷـﺎﺩ ﻛـﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ،ﻳــﺎ ﺋــﺎﻟﻼھ! ﺑــﯘ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩــﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﯩﻤــﯘ ﺋﯘﻟﯘﺷــﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ ،ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻤﻐــﺎ ﺗﯜﻣﻪﻧﻤﯩــﯔ ﺷــﯜﻛﺮە ،ﺩەپ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷــﻨﯩﯔ ﻗــﺎﺭﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻠـــﯘﻕ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪﻧﻪﭘـــﺮەﺕ ﻳﺎﻏـــﺪﯗﺭﯗپ ﺗﯘﺭﻏـــﺎﻥ ﻛﯩـــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ھﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩە ﻛـــﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑـــﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺧﯘﺷـــﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ )ﺧﯘﺷﻜﻪﻳﭗ( ﺑﻮﻟﯘپ ھﻪﻳﺮەﺕ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩـﭗ ﻗـﺎﺭﺍپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷــﻼﺭﻧﻰ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻼﺭ ھﻪﻗﯩــﻘﻪﺗﻪﻥ ھــﺎڭ -ﺗــﺎڭ ﻗﺎﻟــﺪﯗﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩــﺪﻯ .ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﻣــﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭ ۋە ﮔﯜﻣﺒﯜﺭﻟﻪپ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﺩﯨﻴﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺋـﺎۋﺍﺯﻯ ﻳﯩـﺮﺍﻕ -ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏـﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛـﺘﻪ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑﺎﻳﺎﻧﻨـﺎﻣﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘـﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮپ -ﺗﻮپ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋﻮﻗﯘﺷـﯘپ ،ﺑﯩـﺮ -ﺑﯩـﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷـﯜپ ﺋـﯚﺯ ﻛﯚﯕـﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺋﻪﺳـﻨﺎﺩﺍ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩـﺸﭽﯩﻼﺭ ﺗـﻮﭘﻰ ﺷـﻪھﻪﺭ ﺳـﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﻣﻪﻧـﺪﯨﻦ ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﮕﻪ ﻗـﺎﺭﺍپ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻣﺎﯕﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋـﯘﺩﯗﻝ ھﯧﻴﺘﮕـﺎھ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ .ﺩەﺳﺘﻠﻪپ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ،ﺋﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ھﻪﺭﻗﺎﻳـﺴﻰ ﻧـﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ،ﻧـﺎﺗﯩﻘﻼﺭ ،ﺗﻪﺷـﯟﯨﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗــﺎ -ﺋﺎﺭﻗﯩــﺪﯨﻦ ﺳــﺎﺭﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺷــﺘﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺳــﯚﺯ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺳــﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺷــﯘ ﺋﻪﺳــﻨﺎﺩﺍ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺳـﻪپ -ﺳـﻪپ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋـﺎﺗﻠﯩﻖ ۋە ﭘﯩﻴـﺎﺩە ھﺎﻟـﺪﺍ ھﯧﻴﺘﮕـﺎھ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩـﺪﺍ ﻛـﯚﺭەﻛﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗـــﯜپ ﺗـــﯘﺭﺩﻯ .ﺗـــﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳـــﺎﻥ ھﻪﺭ ﺑﯩـــﺮ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻜـــﻰ ھﻪﺭﺑﯩـــﻲ ﻏﻪﻟﯩـــﺒﯩﻠﻪﺭ ،ﻧﺎﻣـــﺎﻳﯩﺶ -ﻛـــﯚﺭەﻛﻠﻪﺭ ،ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺗﯘﻗﻼﺭ ﺷﯘ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﯩﭙﺘﺨـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐـﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯩﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩـﺪەﻙ ،ﻧـﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑـﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺒﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺯﻯ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﻣـﻮﻟﻼ ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﺧﯘﻧﺪ ،ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳـﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ،ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﻧﻪﺩﯨـﻢ ﺑﻪگ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﺗﯩـﺐ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳــﯚﺯﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺑــﯘ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﻛﯜﻧﻨﯩــﯔ ﺷــﺎﻥ -ﺷــﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩــﺸﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳــﯜﺭەﻙ ﺳــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠــﺪﻯ ھﻪﻣــﺪە ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷـﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋــﺎﺭﺯﯗ -ﺋﯜﻣﯩـﺪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷــﺘﻰ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟــﺪﻯ ،ﻧﺎﻣــﺎﻳﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟــﺪﻯ .ﺋﺎﺭﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜــﻰ -ﺋــﯜچ ﻛــﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐــﺎ ﺑــﺎﺵ ۋﺍﻛﺎﻟﻪﺗﺨﺎﻧﯩــﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠﺪﻯ .ﻧـﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ،ﺟﻪﻣﺌﯩـﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩـﺮﻯ ،ﺋﻪﺩﯨـﺒﻠﻪﺭ ،ﺯﯨﻴـﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ،ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﻮﭘﻼﻧﺪﯗﻕ .ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﻬﺮﻯ ﺋﻮﭼﯩﻖ ،ﻛـﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺷـﺎﺩﻟﯩﻖ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﻛﻪﻳﭙﯩﻤﯩﺰ ﭼﺎﻍ ھﺎﻟـﺪﺍ ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ﺳـﯚھﺒﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷـﯜپ ،ﻧـﯚۋەﺗﺘﻪ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨـﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻣـﯘھﯩﻢ ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻛﯧﯖﻪﺷﺘﯘﻕ .ﻳﯧﯖﻰ ۋەﺯﯨـﭙﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﯖـﻰ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻳﯩﻐﯩـﻦ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻧـﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺷـﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﯟﯦﺮﺗﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﮕﻪ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ .ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﻛﻮﻧـﯟﯦﺮﺗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩـﭗ 50
www.uyghurweb.net ﺋﯘﺯﯗﻧــﺪﯨﻦ -ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐــﺎﻥ ﻗﯘﺭﻻﺭﻏــﺎ ﺑﯩــﺮ ﻗــﯘﺭ ﻛــﯚﺯ ﺗﺎﺷــﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﯕــﺎ ﺋــﯘﺯﺍﺗﺘﻰ ۋە» :ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻧﻠﻪﺭ« ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ھﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺳـﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﻪھﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷــﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺩﺍﺭﯗﻟﻤــﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻴﻦ ﻣــﯘﺩﯨﺮﻯ ﺗﯘﺭﻏــﯘﻥ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻱ ﺑﻪﭼﭽﻪ ﺗﻮﻏﺮﯗﻝ ﺭەھﯩﻤﯩﻴﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺳﯩﺪە: ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭە ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺋﯜﺯﯛﻟﺪﻯ ﺯەﻧﺠﯩﺮﻯ ﺯﯨﻠﻠﻪﺕ ،ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺑﯩﺮ ھﺎﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﭘﻪﻳﻪﻣﺒﻪﺭ ﺭﻭھﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻟﻰ ﺧﯘﺷﻬﺎﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﭼﺎﻟﯩﺸﺘﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ،ﻏﻪﻳﺮەﺗﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺋﯚﺗﯜپ ﺩەۋﺭﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺩەۋﺭﻯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﭘﻪﻳﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪﻙ ﺋﯩﺠﻼﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﻪﺭﯨﺨﻪ ﺑﯩﺮﻣﯩﯔ ﺋﯜﭼﻴﯜﺯ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ھﯩﺠﺮەﺗﺪﯨﻦ، ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﯜچ ﺭەﺟﻪﺏ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪھﻠﻰ ھﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺪﯨﻦ، ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻧﺎﻏﯩﻐﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﺪﻯ ﺋﻪھﻠﻰ ھﯩﻤﻤﻪﺗﺪﯨﻦ، ھﻪﻣﻪ ﻛﺎﺗﺘﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ ﻳﻪﺧﺸﻰ ﻧﯩﻴﻪﺗﺪﯨﻦ، ﺋﯚﺗﯜپ ﺩەۋﺭﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺩەۋﺭﻯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪﻙ ﺋﯩﺠﻼﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻣﯩﻬﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻧﻪﺩﯨﻢ ﺑﯧﻚ ﺭەھﺒﻪﺭﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻗﯩﭗ ﺩﯦﺪﻯ :ﺋﻪﻳﻠﻪڭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ، ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ،ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻧﻠﯩﻚ ھﻪﻣﺪە ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﻪﻥ ﺩەﻣﻪڭ ھﯧﭻ ۋەﻗﺖ، ھﻪﻣﻪﻣﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ ھﻪﻡ ﺋﻪﻓﺮﺍﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﺳﻬﻪﻑ ﻗﻮﻟﯩﻐﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﻜﻪ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ، ﺋﯘ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﻚ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺭەﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ، ﺋﻮﺷﯘﻟﺪەﻡ ھﺎﺯﯨﺮﯨﻨﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺗﻪﺋﺴﯩﺮ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻧﻪﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻠﻪﺭ ھﻪﺭﻗﻪﻳﺴﯩﺴﻰ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﺧﻪﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ، ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺳﻮﻗﯘﺵ ﻧﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐﻪ ﻣﻪﺟﻠﯩﺲ ﺋﻪھﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﯧﻜﻨﻰ ﻗﻮﻳﻮﻟﺪﻯ ھﻪپ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﺪﯨﻦ، ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍﺳﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻮﺷﯘﻝ ﻣﯩﯖﺒﺎﺷﻰ ﻳﯜﺳﯜپ ﺟﺎﻥ ﺋﯩﺮﯗﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻏﯘﻻﻣﯩﺪﯨﻦ، ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺧﯘﺭﺷﯩﺪﻯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ ﺑﺎﺵ، 51
www.uyghurweb.net ﺑﯘﻟﯘﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﻪﻥ ﺋﯩﺮﺩﯨﻤﯘﻛﯩﻦ ﻛﯩﻨﮕﺎﺵ، ﻛﻰ ھﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﯩﻞ ھﯚﺳﻨﯜﻣﻨﻰ ﺋﺎﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻼﻳﻤﻪﻥ ﻓﺎﺵ، ﺳﺎﺑﺎ ھﻪﻡ ﺑﺎﺧﻪۋەﺭ ﺋﯩﺮﺩﯨﻤﯘﻛﯩﻦ ﺋﯘﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ. ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺑﯩﺰﯨﻢ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﯩﯩﻤﯩﺰ ﺭەﻧﮕﯩﺪە ﻛﻪﻳﻤﯩﺸﺘﻰ ﺳﻪﻣﺎ ﺧﯩﻠﺌﻪﺕ، ﺗﻪﻣﯩﺰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺩﻯ ﺳﻪﺑﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ، ﻛﯜﻟﯜپ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﺑﺎﻗﯩﭗ ھﻪﺭﻳﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺷﺎھﯘ -ﮔﻪﺩﺍ ﺧﯘﺷﯟەﻗﺖ، ﺩﯗﺋﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﯘﻥ ﺩەپ ﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺋﻮﻗﯘپ ﺷﻪﺭﻗﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﯩﻠﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﺳﺖ ﺋﻪﻳﻠﻪپ، ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﻪﺭﺩﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺳﺎﻻﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ، ﺗﯜﻣﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﻪﺳﯩﻐﻪ ﺗﯘﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯩﻴﺎﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ، ﺗﻪﻣﺎﻡ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗپ ﺳﻪﻑ ﺋﺎﭼﺘﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ، ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﻗﯩﻴﺎﻣﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮﺩە ﺧﻪﻻﻳﯩﻖ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﺭ ﺋﯩﺮﺩﻯ، ﻛﯜﺗﯜپ ﺋﯩﻞ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﻰ ﺑﻪﺭﭼﻪﺳﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺋﯩﺮﺩﻯ، ﺋﺎﻟﯘﺭﻏﺎ ﺭەﺳﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﺩە ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺮﺩﻯ، ۋەﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯘﺭﺕ ﺑﯩﻘﺎﺭﺍﺭ ﺋﯩﺮﺩﻯ، ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺷﯘﻟﺪەﻡ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﯩﻬﻤﺎﻧﻠﻪﺭ، ﺳﺎﻻﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ ﺗﻪۋﺍﺯﯗﺉ ﻗﯩﻠﺪﯨﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪە ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﻪﺭ، ھﻪﻣﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺩﯗۋﻟﻪﺭ ﻗﻪﻳﻐﯘﺩە ،ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﺪ ﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﻪھﻠﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﻠﻪﺭ. ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺋﻮﻗﯘﻟﺪﻯ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺳﺎﺑﯩﺘﻨﯔ ﺗﺎﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻳﺎﻧﻨﺎﻣﻪ، ۋەﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺷﻪﻣﺊ ﺑﻮﻟﺪﯨﻠﻪﺭ ﺧﻪﻻﻳﯩﻖ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﭘﻪﺭۋﺍﻧﻪ، ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺌﻼﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ،ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩەۋﺭﺍﻧﻪ، ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺋﯩﺮﺩﻯ ﺋﻪﺳﺎﻛﯩﺮ ﺳﻪﻑ ﺗﯜﺯﯛپ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ. ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺑﯩﺮەﺭ ﻳﯜﺯ ﭘﺎﻱ ﺗﻮپ ﺋﺎﺗﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻮﻗﯘپ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﯩﻠﻪﺭ ﺷﺎﺭﻗﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﺩﯨﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﺘﯩﻠﻪﺭ، ﻣﯘﻧﺎﻓﯩﻖ ،ﺩﯨﻨﻰ ﺳﯘﺳﺘﻠﻪﺭ ﺋﻮﻳﻼﻧﯩﭗ ھﻪﺳﺮەﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻠﻪﺭ، ﻧﻪﻣﺎﻳﯩﺶ ھﯧﻜﻤﻪﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻳﺎﻟﺪﯨﻠﻪﺭ، ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺑﻮﻟﯘپ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻛﺎﻣﯩﻠﺪﯨﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﻯ ﺯەﺭﯨﻒ ﺋﻪھﻠﻰ ﺋﻪﺩﺍﻟﻪﺗﺘﯩﻦ، 52
www.uyghurweb.net ﺑﯘ ﺋﻪۋﻗﺎﻑ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﻮﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺷﻪﻣﺴﯘﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﻓﺎﺯﯨﻠﺪﯨﻦ، ﻣﯘﻓﻪﺗﺘﯩﺶ ھﺎﺟﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﯚﺯ ﻛﺎﺭﯨﻐﻪ ﺋﺎﻣﯩﻠﺪﯨﻦ. ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ،ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ﺑﯘﻟﻬﻪﺳﻪﻥ ھﺎﺟﻰ، ﻳﯘﻧﯘﺳﺒﯧﻚ ﺩﺍﺧﯩﻠﯩﻴﻪ ،ﺧﺎﺭﯨﺠﯩﻲ ﻧﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﺳﯩﻢ ھﺎﺟﻰ، ﺋﻪﻟﻰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﮔﻪ ،ﺳﻪھﯩﻴﻴﻪﮔﻪ ﺧﺎﻧﯩﻲ، ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﭻ ﻗﺎﻟﻤﺎﺩﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺩﯨﻠﺪە ﺯەﺭﺭە ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻰ، ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺩﯗﺋﺎﺋﻪﻳﻠﻪپ ﻳﺎﻧﯩﭗ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻴﺪﮔﺎھﻐﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﺪﯨﻠﻪﺭ، ھﯘﺟﯘﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ ﺧﻪﻻﻳﯩﻖ ﺋﺎﺳﺖ -ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯩﻘﯩﻠﺪﯨﻠﻪﺭ، ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﻑ ﺗﺎﺭﺗﯩﺒﺎﻥ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪﯨﻠﻪﺭ، ﺑﻪﻟﻪﻧﺪ ﺋﺎۋﺍﺯ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ. ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺩﯦﺪﻯ :ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺑﯘ ﻛﯜﻥ ﺋﻪﺳﺎﺭەﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ، ﺑﯘ ﻛﯜﻥ ﻛﯜﻟﻔﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﻜﻜﻪﻥ ﺋﺎھﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻥ، ﺑﯘﻛﯜﻥ ﺋﯩﺮﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ،ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﻮﻟﻐﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻥ، ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﻪﺭ ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻥ. ﻧﻪﻗﯩﺮﺍﺕ: ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪھﻜﯘﻣﯩﻴﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﺎﺳﺪﯨﻚ، ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﺪﻯ ﺑﺎﺑﻰ ﺭەھﻤﻪﺕ ،ﺑﻪﺧﺖ ،ﻧﯘﺳﺮەﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺳﺪﯨﻚ، ﻳﯩﻘﯩﻠﻤﺎﺱ ھﻪﻡ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ﺷﺎﻧﻠﻰ ﺷﻪۋﻛﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﺎﺳﺪﯨﻚ، ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺒﺮەﺕ ﺑﯘﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﺎﺳﺪﯨﻚ. ﻧﻪﻗﯩﺮﺍﺕ: ﺑﯩﻠﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﻪﺭ ﻛﯩﺘﺪﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺟﺎھﯩﻠﯩﻴﻴﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺑﯩﻠﯩﯔ ﻣﻪھﻜﯘﻣﯩﻴﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﻪﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺩﯨﻚ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻴﻪﺗﺘﯩﻦ، ﻳﯩﺘﯘﺷﺘﻰ ﺯﯗﻟﻤﯘ -ﻛﯜﻟﻔﻪﺕ ،ﭘﻪﺱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ، ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ ﺋﯚﺯﮔﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻯ ﺋﺎﺩەﻣﯩﻴﻴﻪﺗﺘﯩﻦ. ﺋﯚﺗﯜپ ﺩەۋﺭﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺩەۋﺭﻯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﭘﻪﻳﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻙ ﺋﯩﺠﻼﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﻛﯧﻠﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻪﻳﻠﻪﯕﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪﻯ، ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻣﺎﻗﻘﺎ ﺗﯩﻨﻤﺎﻳﯩﻦ ﻏﻪﻳﺮەﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﻯ، ﺋﺎﻳﺎ ﺯﺍھﯩﺖ ﺳﯩﻔﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﯩﭗ ﺧﯩﻠﯟەﺕ ﭼﯩﻘﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﻯ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ،ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﻮﻝ ﻛﯜﻥ ﺑﯩﻠﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﻯ. ﻧﻪﻗﯩﺮﺍﺕ: ﺗﻪﻣﺎﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪپ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﺒﻠﻪﮔﻪ ﺑﺎﻗﯩﭗ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ، 53
www.uyghurweb.net ﺗﻪﻣﻪﻧﻨﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﻳﯩﻐﻼپ ﺋﯩﻼھﺎ ﺭەﺑﺒﻪﻧﺎ! ﺩﯦﺪﻯ، ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪە ﺑﯩﺮ ﻧﯩﭽﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﺎﯕﺎ ﺟﺎﻧﻼﺭ ﻓﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﻪﻳﻠﻪﻏﯩﻞ ﺋﺎﻧﻠﻪﺭﻏﻪ ﺩەپ ھﻪﺩﺳﯩﺰ ﺭﯨﺠﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﻪﺳﺎﺭەﺕ ﺩەۋﺭﻯ ﺑﯩﺘﺘﻰ ،ﺩەۋﺭﻯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﭘﻪﻳﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪﻙ ﺋﯩﺠﻼﻝ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﻗﻪﺳﯩﺪە ﺋﯘﻗﯘﻟﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩـﻦ ﺋﯩـﺸﺘﯩﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩـﺴﻰ ﺷـﺎﺋﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﺒﯧﻜﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗــﺎﺭﯨﺨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷــﻘﺎ ﺑﯧﻐﯩــﺸﻼپ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻥ ﺑــﯘ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨــﺴﯩﮕﻪ ﻗﯩــﺰﻏﯩﻦ ﺋــﺎﻟﻘﯩﺶ ﻳــﺎﯕﺮﺍﺗﺘﻰ. ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﺒﯧﻜﻤﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺑـﯘ ﺋـﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﺳـﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑـﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪھـﺴﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﭘﯜﺗﻜــﯜﻝ ﻳﯩﻐﯩــﻦ ﺋﻪھﻠﯩــﮕﻪ ﺋــﯚﺯ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗــﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠــﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ﻧﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐــﺎ ﺑــﯘ ﻗﻪﺳــﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ ﺧﻪﻟـﻖ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩـﺸﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘـﯘﺭﺩﻯ .ﻣﻪﻥ ﺟﺎﻧـﺎﺑﻰ ھﻪﻗـﺘﯩﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩـﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ۋە ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺳـﺎھﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﭘﺎﻳـﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻛﯩﻠﺘﯜﺭﯛﺷـﯩﮕﻪ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪﺍﺷـﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﺩﯛﻡ ۋە» :ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖـﻰ -ﻳﯧﯖـﻰ ﺳﻮۋﻏﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﺭﺩﯗﺭﻣﯩـﺰ« ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﻳﯩﻐﯩـﻦ ﺋﻪھﻠﯩﻤـﯘ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﺳـﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪﺷﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ. ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳـﻰ :ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻨﯩـﯔ ﻧﻪﺷـﺮﻯ ﺋﻪﭘﻜﺎﺭﯨـﺪﯗﺭ .ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ھﻪﭘﺘﯩـﺪە ﺑﯩـﺮ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩــﺪﯗ .ﺩﯨﻨﯩــﻲ ،ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ،ﺋﯩﻠﻤﯩــﻲ ،ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ،ﺋﯩﺠﺘﯩﻤــﺎﺋﯩﻲ ،ﺋﯩﻘﺘﯩــﺴﺎﺩﯨﻲ ،ﺋﻪﺩەﺑﯩــﻲ ،ﺋﻪﺧﻼﻗﯩــﻲ ،ﺗﻪﻧﻘﯩــﺪﯨﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻧﯩﯔ ﺷﻮﺋﺎﺭﻯ :ﺩﯨﻨﺪﺍ ،ﺗﯩﻠﺪﺍ ،ﺩﯨﻠﺪﺍ ،ﭘﯩﻜﺮﺩە ،ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭەﺳـﻤﯩﻲ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳـﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﺋﻪﻣـﺮ- ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ،ھـﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣـﺪە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻣـﯘھﯩﻢ ﺋﻪﺳـﻪﺭﻟﻪﺭ ،ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﻣﻪﻗـﺎﻟﻪﻟﻪﺭﻣﯘ ﻣﯘﺷـﯘ ﻣﻪﺟﻤـﯘﺋﻪ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗــﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺷــﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛــﯚﺭە ،ﺗﯚۋەﻧــﺪە ﺋــﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨــﺪە ﻣﻪﺯﻛــﯘﺭ ﻣﻪﺟﻤــﯘﺋﻪﮔﻪ ﺑﯧــﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷــﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟــﯜﻙ ﺋﯩﻨﺘﯩﺒــﺎھ )ﺋــﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ( ﻟﯩــﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﺑﯩــﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋﯩــﻨﻘﯩﻼﺏ ۋﯗﺟﯘﺩﻗــﺎ ﭼﯩﻘﺘــﻰ .ﺑــﯘ ﺋﯩــﻨﻘﯩﻼﺏ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩــﺴﯩﺪە ﺟﺎﻧــﺎﺑﻰ ﺭەﺑﺒﯘﻟﺌﺎﻟﻪﻣﯩﻴﻨﻨﯩــﯔ ﻟــﯘﺗﻔﻰ ،ﺋﯩﻨــﺎﻳﻪﺗﻰ، ﻛﯜﺭەﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﺭەﺋﯩﻴﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷـﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ،ﻳﯘﺭﺗـﺪﺍﺵ ﺑـﺎﺗﯘﺭ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ھﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩــﺮﻯ ،ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﻏﻪﻳــﺮەﺕ ،ﺩﯨﻨﯩــﻲ ھﻪﻣﯩــﻴﻪﺕ )ﭘﯩــﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ( ﻟﯩــﺮﻯ ھﻪﻣــﺪە ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨــﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﻗــﺎﺭﺍ ﺋﯩــﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺩ ۋەھــﺸﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﺩەﺭﺩ -ﺋﻪﻟﻪﻣــﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩــﺪﺍپ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ﻣﻪﺯﻟــﯘﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﻛــﯚﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺋــﺎھﯘ -ﺯﺍﺭ ،ﻧــﺎﻟﻪ -ﭘﯩﻐــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩــﺴﯩﺪە ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻏــﺎ ﺗــﯜﻣﻪﻥ -ﺗــﯜﻣﻪﻥ ھﻪﻣﺪﯗ -ﺷﯜﻛﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻳﻜﻰ ،ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ 57 ،ﻳﯩﻠـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﺋﯜﻣﯩـﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ) .ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ( ﺗﯚۋەﻧﺪە ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪە ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧـﺎﺯﺍﺭەﺕ )ﻣﯩﻨﯩـﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻚ( ﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯەﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ. 54
www.uyghurweb.net ﺳﻮﺩﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ :ﺑﯘ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﺎﻧﻜـﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟـﯘپ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨــﺸﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺑﺎﻧﻜــﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐــﺎ ﻧﻮﻏــﺎﻱ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷــﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧــﺪﻯ .ﺳــﻮﺩﺍ ﻧــﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩە ﺗﯘﺗﯘپ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳـﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻣـﺎﻝ ﻛﯩﺮﮔـﯜﺯﯛﺵ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨـﺪﯨﻦ ﺟﻪﻟـﭗ ﻗﯩﻠﯩـــﺶ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﮔـــﯜﻣﺮﯛﻙ )ﺗﺎﻣﻮژﻧـــﺎ( ﺭەﺳـــﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﻪﺗﺘـــﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـــﺮ ﺑﯚﻟـــﯜﻙ ﻣـــﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑـــﺎﺟﻨﻰ ﻛﯚﺗــﯜﺭﯛۋەﺗﺘﻰ ،ﻳﯘﺭﺗﻘــﺎ ﻣﻪﺗــﺒﻪﺋﻪ )ﺑﺎﺳــﻤﺎ( ،ﺋﯧﻠﻜﺘﯩــﺮ ﺑﻮﻳــﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘــﯜﺭﮔﻪﻥ ﺳــﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑــﺎﺟﻨﻰ ﭘﯜﺗــﯜﻧﻠﻪﻱ ﻛﻪﭼــﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﻧــﺎﺯﺍﺭەﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﻜﻪ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩــﻖ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﺋﯧﺘﯩﺒــﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ھﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ :ﺑﯘ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺟﻪڭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﭼﯩﻘﯩﻢ -ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻠﯩـﺮﻯ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﺎﺗﻼﻳﺘﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ. ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ :ﺑﯘ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻜﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﺒﺎﻱ ﺗﯧﺨﻰ ﺧﯩـﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﺍﺭ -ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣـﺎﻱ ﺭەﺋﯩﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩـﯔ ﺗﻪﻟﻪﺑﯩـﮕﻪ ﺑﻨﯩـﺎﺋﻪﻥ ﺋﺎﻗـﺴﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺑـﺎﺵ ۋﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻨﯩـﯔ ﭘﻪﺭﻣـﺎﻧﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﺋـﺎﺟﯩﺰ ﺑﻪﻧـﺪە ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧـﺪﯨﻢ .ﻣﯘﺷـﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻛـﯜﻧﻰ ﻣـﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩـﺪە ﺋﯩـﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮڭ -ﻛﯩﭽﯩـﻚ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩـﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﯩـﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩـﯔ ﺋﻪﻟـﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﺒﺎﻳﻐـﺎ ﻧﺎﺋﯩـﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯨﻢ» :ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ،ﺋـﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ھﯧﭽﻘﺎﻧـﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻕ ﻳﻮﻕ؛ ﺑﯩﺰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﯩﺪە ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ .ﻣﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﻧﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﺎﺧﯘﻧﺒـﺎﻱ ﺳـﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟﮕــﯜﭼﻪ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩــﺰ ﺋﯩﺨــﻼﺱ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷــﻘﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ﺋﯜﻣﯩــﺪﯨﻤﯘ ﺷــﯘ .ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻧــﺎﺯﺍﺭەﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﺭﺍﻕ ،ﺋﯩـﺸﻰ ﻛـﯚپ .ﺷـﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ۋەﺯﯨﭙﯩﻤﯩـﺰ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻨﯩـﯔ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ،ﭼﺎﺭﭼﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩـﺸﺘﯘﺭ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﯩـﺴﺎﻕ ﻧـﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻻﻳﯩﻘﯩـﺪﺍ ﺋـﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻳـﺪﯗ« ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺑـﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ» :ﺑﺎﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ .ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼھ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩـﺸﻠﻪﻳﻤﯩﺰ« ﺩﯦﻴﯩـﺸﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﺩە ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪﻡ ،ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ ﺳﻪھﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻨﯩﯔ ﺧـﺎﻡ ﭼﻮﺗﯩﻐـﺎ ﭘـﯘﻝ ﭼﻘﯩﺮﯨـﭗ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻜﻪ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘـﯘﻝ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩـﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻥ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺳـﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﺑﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭ ﺑـﺎﺵ ۋﺍﻛـﺎﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺪﯨﻦ -ﺗـﻮﻏﺮﺍ »ﺋﯩﺠـﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺴﯘﻥ ،ﺗﻪﻣﯩـﻨﻠﻪپ ﺑﯧﺮﯨﻠـﺴﯘﻥ« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺗﻪﺳــﺘﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨــﺸﯩﭗ ﺋﯘﺩﯗﻟﻠــﯘﻕ ﻣــﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧــﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩــﭗ ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ھــﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻣــﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺗﯧﮕﯩـﺸﻠﯩﻚ ﭘـﯘﻟﻨﻰ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗـﺎﺗﺘﻰ .ﺷـﯘﯕﺎ ﺑـﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘـﺎ ﻣـﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺋﻪڭ ﻣــﯘھﯩﻢ ۋە ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩــﺸﻰ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻨــﻰ ﺗﻮﻟــﺪﯗﺭﯗﺵ ،ﺧﻪﺯﯨــﻨﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘــﯘﻝ ،ﺋﯩﻘﺘﯩــﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳــﯩﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷــﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒــﺎﺭەﺕ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻳﯧﯖــﻰ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧــﺪﺍ ﺧﻪﺯﯨــﻨﻪ ﻗﯘﭘﻘــﯘﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟــﯘپ، ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﺭﺩﯨــﺪﯨﻦ ﭼﯩﻜﯩﻨﮕﻪﻧــﺪە ﺧﻪﺯﯨﻨﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻗﻮﻳﻤــﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩــﺸﻜﻪﻥ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺋﻪﻣــﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩــﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑﯧــﺴﯩﻢ ﭼﯜﺷــﯜۋﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺑــﯘ ﺋﻪھــﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐــﺎ ﻳﻪﺗﻜــﯜﺯﺩﯛﻡ .ﻧﺎھــﺎﻳﻪﺕ ،ﻧــﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗــﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘــﯘﻝ ﺑﯧــﺴﭗ ﭼﻘﯩﺮﯨــﺸﻘﺎ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺳــﺎﺑﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘـﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﯛﺷـﻜﻪ ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩـﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ -ﻣﯜﻟﻚ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼپ ﻣـﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷـﻜﻪ ھﻪﻣـﺪە ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺗﺘﻪ ھﻪﻗﻘــﻰ ﺑــﺎﺭ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﻗﻘﯩﻨــﻰ ﺗــﯚﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨــﺸﻜﻪ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﭘﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷـﯜپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺑـﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩـﯔ ﻻﻳﯩﻬﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺗـﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧـﺮەﻙ ﺑـﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﯨـﺸﯩﻢ 55
www.uyghurweb.net ﻣﯘھﺘﻪﺭەﻡ ﺳﻮﻓﯩﻴﺰﺍﺩە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻣﮕﻪ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻢ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﭘـﯘﻟﻨﻰ ﺑﯧـﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩـﺮﯨﺶ ﺋﯩـﺸﻰ ﻣﺎﯕـﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻼھﻘﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﺎﻟﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺗﺎﻣﻐﯘﺳـﯩﻨﻰ ﺑﯧـﺴﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩـﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩـﺮﻯ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﻪﺷـﻪﻛﻜﯘﺭﻏﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﯩﻨﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻗـﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳـﺎﻗﻼپ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻗﻤﯘ ،ﻣﯩـﯔ ﺋﻪﭘـﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﭘﺎﻻﻛﻪﺗﻠﯩـﻚ ﻣﯘھـﺎﺟﯩﺮەﺕ ھﻪﻳـﺎﺗﻰ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺳـﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣــﯘﺵ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘــﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩــﺪﯨﻦ ﺑــﯘ ﻧﻪﻣــﯘﻧﻪ ﻗــﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩــﺐ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺯﯦﻤﯩــﻦ ﻳﯜﺯﯨــﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﻗﯩﺘــﺌﻪﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻣــﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩــﻼ -ﻗﯩــﻼ ﺋــﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩــﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷــﻠﯘﻕ ۋەﺗﻪﻧﺪﯨــﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣــﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﻏﯘﻻﻣﯩــﺪﺩﯨﻦ ﭘﺎﺧﺘــﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩــﺪﯨﻦ ﻣﻪﺯﻛــﯘﺭ ﺋﺎﻗﭽﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯩﻜﻠﯩــﺸﻪ )ﻗﯩﻠﯩﭙــﻰ( ﻧــﻰ ﻗﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯜﺷــﯜﺭﺩﯗﻕ .ﺑﯩــﺰ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻏﯘﻻﻣﯩــﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘــﯘﺭ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗــﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠــﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﭘﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ھﻪﻗﺘﯩﻦ ﺭەھﻤﻪﺕ ۋە ﻣﻪﻏﭙﯩﺮەﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻗﭽﻪ: ﺗﯚۋەﻧـــﺪە ﺋﯩـــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳـــﯩﮕﻪ ﺑﯧـــﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳـــﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩـــﺮ ﺑﯚﻟـــﯜﻙ ﻧﻪﻣـــﯘﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨـــﺸﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷــﻰ ﻣﯩــﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨــﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺟــﺮﯨﺒﻪ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋﯘﺳــﯘﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ھﻪﻣﺪە ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻳﯧﯖـﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗـﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗـﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻏﺎﺯﻯ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﻛﻪﻣﺎﻝ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻟﻪﭘﯩﻴﻠﻪﺭ ﺭەھﺒﯩـﺮﻯ ﺑﺎھـﺎﺩﯨﺮ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋــﺎﻝ ﺳــﯘﺋﯘﺩﻧﯩﯔ ھﯩﺠــﺎﺯﺩﺍ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻗــﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩــﺮﻯ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﻧﯩــﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﺘــﯘﺭ .ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗـﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩـﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ﺗـﺎﻛﻰ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺕ ﻳﻪﺋﻘـﯘﺏ ﺑﯧـﻚ ﻏﺎﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ھﻪﻡ ﺧﺎﺗــﺎ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩــﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺗــﺎﺭﯨﺨﻲ ﺟﻪﺭﻳــﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺋــﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨــﻢ .ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻼ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗﺭ .ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺭەﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻙ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻗـﺎﻥ ﺗﯚﻛﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ھﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ .ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﻳـﯜﻙ ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘـﻰ ﺑـﯘ ﺳـﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺳـﺘﯩﻘﻼﻳﺪﯗﺭ .ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﻗﺎﺗــﺎﺭﺩﺍ ﺗﯜﺭﻛــﯜﻡ -ﺗﯜﺭﻛــﯜﻣﻠﻪپ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪ -ﺟﻪﯕﭽــﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏــﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ۋە ﺗــﯜﺭﻙ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻼﺭﭼﻪ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﭗ ۋە ﻣﯩﯖـﻼﺭﭼﻪ ﭘﯩﺘـﻨﻪ -ﺋﯩﻐـﯟﺍﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳـﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯜﻳـﯜﻙ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨـﻰ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭﻏـﺎ ﺋـﺎﻟﻼھ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﻣﯩﻠﻴـﻮﻧﻼﺭﭼﻪ ﺋـﺎﭼﻜﯚﺯ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏــﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﻣﯘﺳــﺘﺎﻓﺎ ﺳــﯜﺑﻬﻰ ﻛﻪﺑــﻰ ﻳــﯜﺯﻟﻪﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟــﺸﯧﯟﯨﻚ ﭘﯩﺘﻨﯩﭽــﻰ -ﭼﺎﺗﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩــﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﺩە ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴـﺎ ،ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗـﻠﻪﺭ ﺗـﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩـﺮﺍپ ﻗﯩﻠـﺪﻯ. ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﺑﯩﺮﯨﺘــﺎﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨــﺸﺎھﻰ ﻏــﺎﺯﻯ ﭘﺎﺷــﺎﻏﺎ ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﻪﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺗﻪﻗــﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩــﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﻮﻟﺸﯩﯟﯨﻚ -ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﻔﺎﻗﻰ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩـﺮ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴـﻮﻥ )ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ( ﺩﻭﻟﻼﺭﻟﯩﻖ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺑـﯘ ﻳـﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩـﻦ -ﺟﯘﯕﮕـﻮ ،ﺋـﯘ ﻳـﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟـﺸﯩﯟﯨﻚ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﺳﻰ ۋە ﺑﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋـﯚﻟﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩـﺰ ﺑـﯘﻧﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩە ﺗﯘﺗﯘپ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ،ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ھﻪﻣـﺪە ﻟﻮﻧـﺪﻭﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﻛﯚپ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭھﯩﻤﯩﺘﻰ ،ﺷـﯧﻬﯩﺪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺑـﺎﺭەﻙ ﻗـــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﯜﻳـــﯜﻙ ﻏـــﺎﺯﻯ ﺧﻮﺟـــﺎ ﻧﯩﻴـــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩـــﯔ ،ﻣﯘﺟﺎھﯩـــﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ۋە ھﻪﻡ ھﯚﻛـــﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ 56
www.uyghurweb.net ﺗﯩﺮﯨــﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﺎﻟﻼھ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳــﺎ ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﺗــﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺑﯚﺷــﯜﻛﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ھﻪﻣــﺪە ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺷـﯚھﺮەﺕ ﺗﺎﭘﻘـﺎﻥ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﭼﻮﻗـﯘﻡ ﺋـﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟـﯘﺭ ھﻪﻡ ﻏـﺎﺯﻯ ﻣﯘﺳـﺘﺎﻓﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩـﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨــﺪﺍ ﻣﯘﺳــﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨــﺸﯘﺭ) .ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳــﻰ - 56 -50 ،ﺑﻪﺗــﻠﻪﺭ( ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩــﭗ -ﺋﯩــﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻠﯘﻕ ﻳﯜﺳﯜپ ﻣﯘﺯەﻓﻔﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪﺭ ﻳﯜﺭەﻛﺘﻪ ﺩﺍﻏﻰ ﻣﻠﻠﻪﺕ ﺑﺎﺷﺪەﺩﯗﺭ ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ ﺳﻮﺩﺍﺳﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ ﻣﯘﻧﯩﯔ ﺩەﺭﺩﯗ -ﺋﻪﻻﻻﺳﻰ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﻰ ،ﺷﺎﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻥ ﺋﯩﭽﺮە ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺑﺎﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭ ﺷﺎﻣﯘ -ﺳﻪھﻪﺭ ھﻪﺳﺮەﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺋﻪﻧﻔﺎﺳﻰ ﺟﺎھﺎﻧﺪﺍ ھﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻣﯘ -ﻣﻪﺗﻠﯘﺑﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺮﻣﯩﺶ ۋەﺗﻪﻥ ﺋﯘﺷﺸﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﺮﯗﺭ ﻣﻪﺋﺸﯘﻗﯘ -ﻟﻪﻳﻼﺳﻰ ﺗﻮﺳﺎﻟﻤﺎﺱ ھﯧﭻ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻖ ﺋﻮﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﺑﺘﯩﻼﻻﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻏﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ،ﻣﯩﻬﻨﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻡ ﺗﺎﻏﯘ -ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﮔﻪﺭ ﺩﯨﻠﻐﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﺷﺴﻪ ﻛﯩﻔﺎﻳﻪﺕ ﺋﺎﯕﺎ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ۋﯨﺠﺪﺍﻥ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺳﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﻪﻳﻠﻪپ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺟﯩﻠﯟەﺳﯩﮕﻪ ﺑﯩﻘﺎﺭﺍﺭ ﺋﯩﺘﻤﯩﺶ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯەﺗﯘ -ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ،ﺷﺎﻧﻰ ،ﺭەﻧﮕﻰ ﺯﯨﺒﺎﺳﻰ ﺑﻪﻟﻪﻧﺪ ھﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯘﺭ ﺋﯩﻤﻪﺳﺘﯘﺭ ﻣﯘﺋﺘﻪﺑﻪﺭ ۋﯨﺠﺪﺍﻥ ﻗﺎﺷﯩﺪﺍ ﺭﻭﻳﻰ ،ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﺴﻪڭ ھﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﯘﯕﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻞ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﭘﯩﺸﻪ ﻗﯩﻞ ﻛﯜﻟﺴﯘﻥ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﯘ -ﺳﻪھﺮﺍﺳﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﺪە ﻓﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ھﯩﺠﺮ ﺋﻮﺗﯩﺪە ﺭﻭھﻰ ﺷﻪﻳﺪﺍﺳﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﻙ ۋەﺳﻠﻪ ﺷﻪۋﻗﯩﻲ ﻳﺎﺷﻪﺭەﻑ ﺑﯩﺮﻟﻪﻥ ﻓﻪﻧﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ۋەﺯﯨﻴﻔﻪ ﺋﯘﺷﺒﯘﺩﯗﺭ ھﻪﺭﻛﻤﮕﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﺸﻘﻨﻰ ﺩەﺋﯟﺍﺳﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺷﻪۋﻗﯩﻲ ﺋﺎﻧﺪ )ﻗﻪﺳﻪﻡ( ﺳﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ،ﺳﯧﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺧﺎﺭﯗ -ﺯﺍﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪﻡ ﺋﯚﻟﻪﻱ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯜﻟﻔﻪﺕ ،ﻗﺎﻳﻐﯘ -ﻏﻪﻡ ،ھﻪﺳﺮەﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪﻡ ﺋﯚﻟﻪﻱ ﺑﯩﻬﺎﻳﺎ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧﻐﺎ ﺋﻪﺭﻙ ﺑﯩﺮﺳﻪﻡ ﺳﯧﻨﻰ ﻗﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻟﻰ ﻛﻪڭ ﺟﺎھﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﮕﻪ ﺗﻪﯕﯘ -ﺗﺎﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪﻡ ﺋﯚﻟﻪﻱ ﺳﯚﺩﺭەﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ﺳﺎﭼﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﺎۋﮔﻪ ﻳﻪﺭ ﻳﯘﺗﺴﯘﻥ ﻣﯧﻨﻰ 57
www.uyghurweb.net ﺧﺎﺭﻟﻪﺗﯩﭗ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻼﺭﯨﯖﻨﻰ ﺷﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪﻡ ﺋﯚﻟﻪﻱ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﮔﯜﺭﺳﻪﻡ ﻻﻟﻪﺯﺍﺭﯨﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯛڭ ﺋﯚﻟﺪﯛﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎۋﮔﻪ ﺑﯩﺮﺳﻪﻡ ﮔﯜﻟﺸﻪﻧﯩﻤﻨﻰ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﺧﺎﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪﻡ ﺋﯚﻟﻪﻱ ﺟﻪﯕﺪە ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﺕ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﺳﺎﻡ ﻳﺎﭼﯩﻜﯩﻨﺴﻪﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘپ ﺷﻪﺭﻣﺴﺎﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪﻡ ﺋﯚﻟﻪﻱ )ۋەﺗﻪﻥ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮﺩﯨﻦ( ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩەﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻓﯩﺪﺍ ﺑﯘﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ -ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻙ ﺋﻪﻳﻠﯩﺪﯗﻕ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺭ -ھﻪﻣﺪەﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھﯩﻤﻤﻪﺗﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺗﯩﻠﻼ ،ﭼﯩﯖﮕﯩﺰ ،ﺗﯧﻤﯘﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﯩﺘﺮەﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻻﺭﻣﯩﺰ ﺑﯩﺰ ھﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪۋﻻﺩﯨﻤﯩﺰ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﺳﯘﻥ ،ھﯧﭻ ﺋﯚﭼﻤﻪﺳﯘﻥ ،ﭘﺎﺭﻻﻧﺴﯘﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ! )ﻣﻪﺭﻏﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻏﯘﻧﺠﺎﻥ ﺋﻪﺑﺪﯗﺭﺭەھﯩﻢ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺗﯘﻟﯘﺋﯩﻲ( ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻼﺭﻯ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻼﺭﻯ ﭼﯩﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ،ﻛﯚﻣﯜﺵ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺳﯜﺭﻣﻪﻟﻪﺭ ﺳﺎﭼﺎﺭ ﺑﯘﺯﯨﻠﻤﯩﺶ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﻳﻪﻝ ﻛﻪﺑﻰ ﻗﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﻗﻮﻏﻼپ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﺎﺭ ﻗﻪﺩﺭ ﺑﻮﻳﻠﻪ ﺋﯩﻤﯩﺶ ﺋﻪﻱ ﻏﻪﺭﯨﺐ ﺋﺎﻧﻪ ﻗﺎﻧﯩﻢ ﻓﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯘﻳﻠﻪ ۋەﺗﻪﻧﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﻮﻟﻤﺎﻙ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭەﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻳﻪ ھﺎﻛﯩﻢ ﺋﻮﻟﻤﺎﻙ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﻪھﯩﻴﺪ ﺋﻮﻟﯘﺭ ﺋﯩﺴﻪﻡ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﻣﻪﻧﯩﻢ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻼﺭﻯ ،ﻗﺎﺭ ،ﺳﯘ ،ﺗﺎﻏﻼﺭﻯ ﺷﻪھﯩﻴﺪ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻧﺎﺳﻰ ﺋﺎﻏﻠﻪﺭ ﺋﺎﻧﺎﺳﯩﺰ ﻳﻪﺗﯩﻤﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻗﺎﺭ 58
www.uyghurweb.net ﻣﻪھﺰﯗﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﯜﺭەﻛﻨﻰ ﻳﺎﻗﺎﺭ ﻧﻪﻗﺮﺍﺕ: ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﺪە ﻛﯚﻳﺪﯛﻡ ﺳﯩﺠﺎﻕ )ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ( ﺗﯩﻦ، ﺩﯙﻧﻪﺭ ﺩﻭﻻﺷﯩﺮﯨﻢ )ھﻪﺭ ﻳﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﯘﺭﻣﻪﻥ( ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﻗﯘﭼﺎﻗﺘﺎ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺟﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗپ ﺋﯩﺰﺩەپ، ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﺗﯜﻧﺪە -ﻛﯜﻧﺪە ھﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﺎ. ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻧﻪﺩﯨﻴﻢ. ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ. ﺑﺎﺵ ۋەﻛـﺎﻟﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ :ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷـﻘﺎﻥ ﺋـﻮﺭﺩﺍ ﺑﯧـﺸﻰ ۋەﻛﺎﻟﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺋـﻮﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ .ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩـﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩـﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩـﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ .ﺑـﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩـﺐ ﻣﯘﺳـﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ،ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺭﯨﺰﺍﺧﺎﻥ ﻧﻪﻣﻪﻧﮕﺎﻧﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺧﯩﻠﯩــﻴﻪ ﻧــﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ :ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩــﯔ ﺑــﺎﻍ ﺗﻪﺭەﭘﯩــﺪە ﺩﺍﺧﯩﻠﯩــﻴﻪ ﻧــﺎﺯﯨﺮﻯ ﻳﯘﻧﯘﺳــﺒﻪﻙ ،ﺑــﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩــﺐ ۋە ﻣﯘﺋــﺎۋﯨﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭ ،ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ :ﺩﺍﺭﯗﻟﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﺑﻨﯩﺎﺳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺋﯩـﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷـﻼپ ،ﻣﻪﻛـﺘﻪﭘﻠﻪﺭ، ﻣﻪﺩﺭﯨـــﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩـــﺒﻜﻪ ﺳـــﺎﻟﺪﻯ .ﮔﯧﺰﯨـــﺖ ،ژﯗﺭﻧـــﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘـــﺎﺭﺩﻯ .ھﻪﺭ ﻗﺎﻳـــﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـــﯘ ﺩﺍﺭﯗﻟﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﯩــﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴــﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻛــﯚپ ﻛــﯜچ ﭼﯩﻘــﺎﺭﺩﻯ .ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺳــﺎھﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ھﻪﻡ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﭘﯘﻝ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧــﺪﯨﻦ ﺑﯧــﺮﻯ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﭘــﯘﻝ ﺑــﻮھﺮﺍﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷــﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼــﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛــﺘﻪ ﺋﯩــﺪﻯ. ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﺒﺎﺷﺘﺎﻕ ﻗﺎﺭﺍ ﻣﯘﺳـﺘﻪﺑﯩﺪ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣـﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ،ﺋـﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣـﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩـﺪﯨﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﺩەﺭﯨﺠﯩـﺪە ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣـﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ،ﺋـﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻗﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩـﯔ ھـﯧﭻ ﻳﯧﺮﯨـﺪە ﻛـﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺭەﺳـﯟﺍﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪە ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻴﻪﺗﺘﯩﻤـﯘ ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻗﭽـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﺮﯨﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨـﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻥ .ھﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ۋﯨـﻼﻳﻪﺕ ﺋـﯚﺯ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻐﺎ ،ﺋـﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧـﭽﻪ ﺋﺎﻗﭽـﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺑﯩـﺮ ۋﯨﻼﻳﻪﺗـﺘﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﭽﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـﻰ ﺑﯩـﺮ ۋﯨﻼﻳﻪﺗـﺘﻪ ﺋـﯚﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐـﺎﻥ ﺋﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻧﻪ ﻛﺎﭘـﺎﻟﯩﺘﻰ ۋە ﻧﻪ ﻧﻮﻣـﯘﺭ- ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤـﯘ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﺎﻗﭽـﺎﻻﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩـﭗ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﭘﯘﺭﺳــﻪﺗﺘﯩﻦ ﻓﺎﻳــﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋــﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐــﺎﻥ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ، ﻛﯜﻣﯜﺷــﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟــﺪﻯ .ﺭەﺳــﺘﻪ -ﺑــﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ ،ﻛﯜﻣــﯜﺵ ﺑﺎھﺎﺳــﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩــﺪە ﺋــﯚﺭﻟﻪپ ﻛﻪﺗﺘــﻰ. ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺴﻠﯩـﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜـﺘﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺋـﻮﻥ ﺳـﻮﻣﻠﯘﻕ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻼﺳـﯩﻨﻰ ﻳـﯜﺯ ﺋﻪﻟﻠﯩـﻚ ﺳـﻪﺭ ﻛﯜﻣﯜﺷـﻜﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ .ﻣﺎﻝ ﺑﺎھﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻰ 75%ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﺎﺳﯩﺐ ،ھﯜﻧﻪﺭۋەﻧﻠﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪھﯟﺍﻟـﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ. 1933ۋە -1932ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺋﺎﻗﭽﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷـﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘـﺎ ،ﻛﯩﻤﻨﯩـﯔ ﻗﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺋــﺎﺯ -ﺗــﻮﻻ ﺋﺎﻗﭽــﺎ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻻ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺑــﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ،ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻜﯩــﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳــﺘﯩﻦ ﭘﯘﻟﻐــﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣــﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ھﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻗﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﺎﺗﺘﻰ .ﺷﯘ ﺳـﻪۋەﺑﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛـﯚﺭە ،ﻣـﺎﻝ ﺑﺎھﺎﺳـﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 4 -3ھﻪﺳﺴﻪ ﺋﯚﺭﻟﻪپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺪە ﺑﯩـﺮ ﺳـﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﺎﻓﯩﻴـﺎۋ )ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺗﯩﺰﯨـﺴﻰ( ﺩﯨـﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ 59
www.uyghurweb.net ﺗﯚﺕ ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﯩﻚ ﺷﯧﯖﭙﯩﻴﺎۋ ۋە ﺑﻪﺵ ﺳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺷـﯩﺪﺩەﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷـﯜپ ،ﺋـﯚﺗﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﻧــﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩــﭗ ﺑــﺎﺭﺩﻯ .ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﺑﯘﺋﯩــﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕــﺸﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺩﺑﯩــﺮﻯ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ »ﺷــﯧﯖﻔﯩﻴﺎۋ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤــﺎﻱ ،ﺧﺎﻓﯩﻴــﺎۋ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩــﺪﯗ« ﺩەپ ﭘﻪﺭﻣــﺎﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳــﺎ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽــﻰ ﻛــﯜﻧﻰ »ﺧﺎﻓﯩﻴﺎۋﻧﻰ ﺑﺎﺟﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻪﻟـﻖ ﺋﯧﻠﯩـﺸﻰ ﻛﯧـﺮەﻙ ،ﺋﺎﻟﻤﯩﻐـﺎﻥ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺟﺎﺯﺍﻏـﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩـﺪﯗ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺑﯘ ﺋﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭەﻟﻤﻪﺩﻯ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋـﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩـﯔ ﺋﯘﭼﻘـﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺋـﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﺳﯧﭽﯩﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺩەۋﺭﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻳﯧﯖـﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﺎﻗﭽـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﺮﯨﺶ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻢ ۋە ﺑﯜﻳﯜﻙ ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ – 1933ﻳﯩﻠــﻰ - 10ﺋﺎﻳﻨﯩــﯔ - 26ﻛــﯜﻧﻰ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ )ﺯﯗﯕﻠــﻰ( ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩــﺴﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜــﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳــﺴﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻳﺌﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻗﭽﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﺎﻗﭽـﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺩﺍۋﯗﻝ)ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ( ﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯚۋەﻧـﺪﯨﻜﻰ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺋﯩـﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺒﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑــﺎﺭﭼﻪ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷــﻼﺭﻏﺎ ،ﭼــﻮڭ -ﻛﯩﭽﯩــﻚ ھﻪﻣــﻤﻪ ﭘــﯘﻗﻪﺭﺍ )ﺭەﺋﯩــﻴﻪﺕ( ﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﺑﯜﮔــﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺗﯩـﺐ -ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻠﯩــﻖ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧــﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ،ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣـﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ،ﺋــﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯧﯖﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺋﯩﻨــﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋــﺎﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺑﯩﻠﯩــﻢ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩــﻴﻪﺕ ﺩەﺭﺳــﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﺋﯘﺳــﺘﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻧﻼﺭ ﺩەﻝ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜــﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ھﻪﺭﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘﻣﻪۋﯨﻴﻪ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺒﻨـﻰ ﻣﻪﺭۋﺍﻥ ھﻪﺯﺭەﺗﻠﯩـﺮﻯ ﺳـﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳـﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏـﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﺎﻗﭽﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﺎﻗﭽﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯗﺭﻟﻪﺭ. ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨــﺎﺗﻰ ،ﺳــﻮﺩﺍ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺟﺎﻧــﺎﺑﻰ ﺭەﺋﯩــﺲ ﺟﯘﻣﻬــﯘﺭ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺯﯨﺘﻰ ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳـﺎﻻھﯩﻴﻪﺗﺪﺍﺭ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ،ﺋﻪھﻠـﯘﻟﻬﻪﻟﻠﻰ ۋەﻟﺌﻪﻗـﺪ )ﺋﯩﭽﻜـﻰ ﻛﺎﺋﯩﺒﻨﯩﯧـﺖ( ﺩﯨﻜـــﻰ ﻧـــﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ھﻪﻳﺌﯩﺘﯩﻨﯩـــﯔ ﺑﯩـــﺮﺩەﻙ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷـــﻰ ۋە ﻗـــﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩـــﺸﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﺘـــﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩـــﺸﻜﻪ ﺋﯩـــﺴﻼﻡ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﻗﭽﯩـﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠـﺪﻯ .ﺋﯘﺷـﺒﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋﺎﻗﭽﯩﻐـﺎ ﻳـﯘﺭﺕ ﺗﻪۋەﺳـﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺯﯦﻤﯩــﻦ ،ﺋﯩﻤــﺎﺭەﺗﻠﻪﺭ ،ﺩﯗﻛــﺎﻥ -ﺳــﺎﺭﺍﻳﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ،ﺳــﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗﺭ .ﺑــﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋﺎﻗﭽــﺎ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩــﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳــﺴﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﯩﺮﯨــﺪە ،ﺯﺍﻛــﺎﺕ ،ﺑــﺎﺝ ،ﺧﯩــﺮﺍﺝ ﻳﯩﻐﯩــﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺑﯩــﺮﺩەﻙ ﻗﯘﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﺪﯗ .ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩــﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳ ـﺴﻰ ﺋﯩــﺪﺍﺭە -ﺋﻮﺭﮔــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑــﺎﺭﭼﻪ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷــﻼﺭ ﺋﯘﺷــﺒﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋــﺎﻗﭽﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺋــﯚﺯ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨــﺪە ﺋــﯘﻧﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩــﺮﺍﻡ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩــﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧــﺮەﻙ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑــﯘ ﺟﻪھﻪﺗــﺘﻪ ھﯩــﻴﻠﻪ ﺋﯩــﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳــﺎﻛﻰ ﻳﺎﺳــﺎﻣﺎ )ﺳــﺎﺧﺘﺎ( ﺋﺎﻗﭽــﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏــﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟــﺴﺎ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧــﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﭼــﯜﺭﻣﻪﺱ ،ﻧﺎھــﺎﻳﻪﺕ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ ۋە ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﺟــﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨــﺪﯗ .ﻳﯧﯖــﻰ ﺋﺎﻗﭽﯩﻨﯩـــﯔ ھـــﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳـــﺎﻧﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴـــﺎﻝ ۋە ﻣﻪﺗـــﺒﻪﺋﻪ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩـــﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩـــﺪﯨﻦ ﺗـــﺎﺯﺍ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩـــﻚ ﺑﻮﻟـــﯘپ ﻛﻪﺗﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜــﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ۋﺍﻗﺘﯩــﻨﭽﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩــﻲ ﺋــﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋــﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﻪﻟــﻖ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺋﻮﺧــﺸﺎﺵ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗــﺘﻪ ﺋﯚﺗﯜۋﯨﺮﯨﺪﯗﺭ) .ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﻪﺑﺪﯗﻟﺒﺎﻗﻰ( ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻗﭽﺎ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﻣـﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﺋـﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩـﯟﯦﻠﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﻓﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﺪە »ﺗﻪھﻘﯩﻖ )ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ( ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺴﻰ« ﺩەﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ 60
www.uyghurweb.net ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋﻮﺭﮔـﺎﻥ ﺑـﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩـﯔ ۋﺍﻗﺘﯩـﺪﺍ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ۋە ﻣـﯜﻟﻜﻲ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻧﺎﻣﯩﻐـﺎ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ ﺯﻭﺭﻟـﯘﻕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﻣـﺎﻝ -ﻣﺎﺗـﺎﻻﺭ ،ﺋﻪﺷـﻴﺎ ،ﺋﻪﺳـﺒﺎﺑﻼﺭ ،ﺋـﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩـﺮﻯ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐـــﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳـــﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـــﺪە ھﯚﻛـــﯜﻣﻪﺕ ﺗـــﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋـــﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟـــﺪﯗﺭﯗپ ﺑﯩـــﺮﻣﯩﮕﻪﻥ ۋە ﻣﯘۋﺍﭘﯩـــﻖ ﺗـــﯚﻟﻪﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨـﻰ ﺗـﯘﺗﺘﻰ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖـﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ﻳﻮﺭﯗﻕ ،ھﯚﻛﻤﻰ ﻧﺎﻓﯩﺰ )ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ( ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣــﺎﻟﯩﻴﻪﺩە »ﺗﻪھــﺴﯩﻞ )ﻳﯩﻐﯩــﯟﯨﻠﯩﺶ( ﺋﯩﺪﺍﺭەﺳــﻰ« ﺩەﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺗﺎﺭﻣــﺎﻕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯩﺶ ﺷـﯘ ﺑﻮﻟـﺪﯨﻜﻰ ،ﺋـﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩـﺪﺍ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺑﺎﻧﻜﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ھــﯚﺟﺠﻪﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭘــﯘﻝ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ،ھﯩﻠﯩــﻐﻪﭼﻪ ﻗﻪﺭﺯﻧــﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﻐــﺎﻥ ﺗﯩﺠــﺎﺭەﺗﭽﻰ ۋە ﺑــﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ 35ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ ﭘـﯘﻟﻼﺭ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﺋﯜﻧـﺪﯛﺭﯛۋﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻗﻪﺭﺯ ھـﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳـﯘڭ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ) (500.000ﻣﯩـﯔ ﺳـﻪﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﻗﭽﺎ ﻗﻪﺭﺯ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﺎﻗﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻧﻼﺭ ﺗﯩﺨﯩـﭽﻪ ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳـﯘﯕﻨﻰ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋــﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﮔﻪﺭﺩەﻧﻠﯩﺮﯨــﺪە ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜــﻰ ﻗﻪﺩەﻣــﺪە ﻣﺎﻧــﺎ ﻣﯘﺷــﯘ ﺋــﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﻧﺪﯛﯛﺭﯛﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﺋﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻣـﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺴﯩﺪە ھﻪﺭﻛﯩﭽﯩـﺴﻰ ﺗـﯚﺕ ﺳـﺎﺋﻪﺕ ﻣـــﯘﻧﺘﯩﺰﻡ ﺋﯩـــﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗـــﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟـــﺪﻯ .ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻳـــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑـــﻠﻪﻍ ﻛـــﯚپ ،ﻗـــﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ھـــﯚﺟﺠﻪﺕ ﻳـــﺎﻛﻰ ﭘﺎﻛﯩـــﺖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ھﯩﭽﻜﯩﻤﻨــﻰ ﺋﯩﻘــﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠــﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺪﻯ .ﺋﻪھــﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠــﮕﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩــﭗ» :ﻛــﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﻠﻪ« ﺩﯦﺴﻪﻡ» ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻤﯘ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ!« ﺩەپ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﺋـﻮﻥ ﺑﻪﺵ ﻛـﯜﻧﭽﻪ ﺗﻪﻛـﺸﯜﺭﯛپ -ﺗﻪﺗﻘﯩـﻖ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻣﻪﻟـﯘﻡ ﺑﯩـﺮ ﺑﺎﻳﻨﯩـﯔ ھﯩﺴﺎﺑﭽﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐـﺎ ﺷـﯩﯟﯨﺮﻻپ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣـﯘھﯩﻢ ﺑﯩـﺮ ﻳﯩـﭗ ﺋﯘﭼﯩﻐـﺎ ﺋﯧﺮﯨـﺸﯩﭗ ﻛـﯚپ ﻣﻪﻣﻨـﯘﻥ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻡ .ﺋـﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩـﯔ »ﻣﯩﻠﻠﻪﺗـﻜﻪ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ« ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩـﺸﯩﻐﺎ ﺋـﺎﭘﯩﺮﯨﻨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘـﺘﯩﻢ .ﺋﻪﺗﯩـﺴﻰ ﻳﯧـﺮﯨﻢ ﻛﯩـﭽﻪﺩە ﺑﯩـﺮ ﺑـﺎﻱ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪھﺴﯩﻞ ﺋﯩﺪﺍﺭەﺳﯩﺪە ھﻪﻣﺴﯚھﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻕ .ﺑـﯘ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﻳـﻮﻕ ھﯧـﺴﺎﺑﻼپ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺗﻮﺕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳـﯜﺯ ﻣﯩﯖـﺪﯨﻦ 400.000ﺳـﻪﺭ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﻗﭽـﺎ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺑـﯘ ﻗﻪﺭﺯﻟﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺗﯧﺨـﻰ ﻣـﯚھﻠﯩﺘﻰ ﺗﻮﺷــﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ھــﯚﺟﺠﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋــﯚﺯ ﺋﯩﻤﺰﺍﺳــﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳــﯘپ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﻪﺗﯩــﺴﻰ ﻛﯩﭽﯩــﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮەﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳــﯚھﺒﻪﺕ ﻗــﯘﺭﯗپ ﻗﺎﻟــﺪﯗﻕ .ﺑــﯘ ﻛﯩــﺸﯩﻤﯘ ھﻪﻡ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺗــﯚﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻳــﯜﺯ ﻣﯩــﯔ ﺳــﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﯩﻤﺰﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋـﯜچ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ -ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺘﯘﻕ .ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺑﻪﺯﯨـﺪە ﺋﺎﺷـﻜﺎﺭﺍ ،ﺑﻪﺯﯨـﺪە ﺋﺎﺳـﺘﯩﺮﺗﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩـﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺩﯦـﻤﻪﻙ ،ھﯧﻠﯩﻘـﻰ 500.000ﺳﻪﺭ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯜﻣﯩـﺪ ﺗﯘﻏﯘﻟـﺪﻯ .ﺑﯩـﺰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘـﺎ ﺑﯩـﺮ ﻧﻪﭼـﭽﻪ ﻛـﯜﻧﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛۋەﺗﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛــﯘﺭ ﺑﻪﺵ ﻛﯩــﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩــﺮ ﻛﯩﭽﯩــﺴﻰ ﺑﯩــﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼــﺎﻗﯩﺮﺩﯗﻕ ،ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ۋەﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ .ﭼﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠـﺪﻯ .ﺑﯩـﺰ ﭼـﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩـﺸﻜﻪچ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗپ ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﺋﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩــﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨــﻰ ﭼﻘﯩﺮﯨــﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦــﺪﯨﻢ» :ﺳــﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻪﺭﺯﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧــﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺧـﺎﻟﯩﺲ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﯩﻤﯩـﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﺑـﯘ ﺳـﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳـﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚپ ﻓﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ« .ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋـﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪڭ ﺑﺎﺷـﺘﺎ ﻣﯘھﻴﯩـﺪﺩﯨﻦ ﺧـﺎﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩــﯔ ﺋــﻮﻏﻠﻰ ﺭەھﯩﻤــﯘﺩﺩﯨﻦ ﺑــﺎﻳﯟەﭼﭽﻪ ،ﺋﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷــﯩﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩــﺮﻯ 100000ﺳــﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻪﺭﺯﮔﻪ ﺋﻮﻳﻨــﺎپ ﻛﯜﻟــﯜپ ﺋﯩﻘــﺮﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷــﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ھﻪﭘﺘﯩــﺴﯩﮕﻪ 5000ﺳــﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻪﺭﺯ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨــﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯗﻕ .ﺑﯘ ﺯﺍﺗﻼﺭ :ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﺎﺧﯘﻧﺒـﺎﻱ ،ﺋﯩﺒـﺮﺍھﯩﻢ ﺋـﺎﺧﯘﻥ ﻟـﻮﺯﯗڭ ،ﻣﯘھﻴﯩـﺪﺩﯨﻨﺠﺎﻥ ﺑﺎﻱ ،ھﯩﺴﺎﻣﯩﺪﺩﯨﻦ ﺑﺎﻱ ،ﺋﻪﺑﺪﯗﺭﺭەھﯩﻴﻢ ﺑﺎﻳﯟەﭼﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ.
61
www.uyghurweb.net ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ،ﺋــﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨــﺪە ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﺴﯚﻳﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ھﯘﺷــﻴﺎﺭ ۋە ﺗﯧﺘﯩـﻚ ﺗﯘﺭﯗﺷـﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ۋە ﺧـﺎﺋﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﺗﻮﻧﯘﺗـﯘپ ﻗﻮﻳـﯘﺵ ﻣﻪﻗــﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻣﺎﻗـﺎﻟﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯚﺗـﯜﺵ ﻓﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺧﺎﺋﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ،ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩــﺴﻰ ﺑﯩــﺮ ﺳــﯚﺯﺩﯗﺭ .ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻠــﯘﻕ ﺩەۋﺭﯨــﺪە ﻳﻪﺭﻟﯩﻜــﻠﻪﺭ ۋەھﺸﯩﻲ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺟﻪﺑـﺮ -ﺯﯗﻟـﯘﻡ ۋە ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧـﻰ ﻛـﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﻟﯩـﺪﯨﻤﯘ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻕ ﺟﻪﺑﺮ ،ﺯﯗﻟـﯘﻡ ۋە ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺗـﺎﺭﺗﺘﻰ .ﻣﺎﻧـﺎ ﺑـﯘ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﻳﺎﺷـﺘﻪﻙ ﺋﯧﻨﯩـﻖ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﻪﻗﯩـﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍﻻ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼپ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ .ﺷـﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛـﯚﺭە، ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﺮﺳﯚﺯ ﺩﯨﺴﻪﻙ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩـﺪﺍ ﺳـﺎھﯩﺒﻘﯩﺮﺍﻥ ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗـﻜﻪ ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻟﻮﺭﯨﻨﺠﺎﺳــﯩﻨﯔ ﺧﯩﻴــﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ -1328 ،ﻳﯩﻠــﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟــﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽــﻰ ﺑــﺎﺗﯘﺭ ﺗﯚﻣــﯜﺭ ﺧﻪﻟــﭙﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﺎﺗﯘﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ھـﺎﺯﯨﺮ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺭەھﺒﯩﺮﻯ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ۋە ھﯩﻠﯩﻐﯩـﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﺋـﻮﺗﻼﻡ ،ﻳـﺎﻣﻐﯘﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪﺩﯗﺭ .ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ۋەھﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ھـﯧﭻ ﻗﺎﭼـﺎﻥ ﻛـﯚﺯ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳـﺪﯗ .ﺷـﯘ ﺗﺎﭘﺘــﺎ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ۋەھــﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ۋەھــﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟــﯘپ ﻛﯧﺘﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ھﺎﻟﻐــﺎ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘــﺎ. ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ،ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ۋەھــﺸﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﯨــﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺩەﻝ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ۋەھــﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭە ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺋـﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻕ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﺪﯗﺭ .ﺑﯩـﺰﻟﻪﺭ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺯﯗﻟﻤﯩـﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺗﯧﺨـﻰ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘپ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩـﺪﯗﻕ .ﺑﯩﺰﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋـﯘﻧﭽﻪ ﺑﻪﻙ ﻗﻮﺭﻗـﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﯩـﺰ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘـﺎ ھﻪﺭﻗﺎﭼـﺎﻥ ﺳـﻪﮔﻪﻙ ﺗـﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭەﺷﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ھـﯧﭻ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ھﻪﻗﻘــﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧــﺪەﻙ ،ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ۋە ﻗــﺎﺭﺍ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑــﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨــﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﺩﺍﭼﻪﻧﻠﯩــﻚ ھﻪﻗﻘــﻰ ﻳﻮﻗﺘــﯘﺭ .ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯖﺪﯗﺭ .ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻮﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘ .ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﮕﺎﻧﻪ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﻛﯧﺮەﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﻮﻻﻣـﺪﯗﺭ ،ﻗـﺎﺭﺍ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺑﻮﻻﻣـﺪﯗﺭ ﻧﻪﺩﯨـﻦ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺷــﯘﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﺸــﺴﯘﻥ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺧــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ،ﺩﻭﺗﻪﻱ -ﭘــﻮﺗﻪﻱ ،ﺷــﻪﯕﮕﻪﻥ -ﭘﻪﻧــﮕﻪﻥ ،ﺩﺍﺭﯨــﻦ- ﭘــﺎﺭﯨﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧــﻴﺠﯩﯖﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﻪﺗــﺴﯘﻥ .ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤــﯘ ﻛﯧــﺮەﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺳــﯚﺯﯨﻤﯘ ﻛﯧــﺮەﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻧــﺎﻣﻰ ،ﺭەﺳــﯩﻢ -ﺋــﺎﺩﯨﺘﻰ ،ﻗﯩﻠﯩــﻖ ،ﺧــﯘﻳﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻣــﺎﻣﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﻟــﺴﯘﻥ! ﺑﯩــﺰ ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻴﻠﯩــﻚ ھﻪﻳﺪﯨﺪﯗﻕ .ﺳﯧﺮﯨﻖ -ﻗـﺎﺭﺍ ﺋﯩﭙﻼﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳـﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷـﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠـﻼﺭ ﭘﺎﺳـﻜﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧـﺘﻪﺭ .ﺋﺎﻧـﺪﺍ ،ﺑﯘﻧـﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﭼﯘﻡ ،ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻮﭼﯘﻡ ﺳﯧﺮﯨﻖ -ﻗﺎﺭﺍ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﯩﻼﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪەﻙ ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ﺋﯩﻐﯩﻨـﺎپ ﻳﯧـﺘﯩﺶ ﺧﯘﻣﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺧـﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨـﺪە )ﻳﯧﺘﯩـﭗ ﻗـﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯧﺘﯩـﭗ ﻗـﺎﻝ( ﺩەپ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ ﺭەﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐــﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﺘــﺎ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤــﯘ ﺋــﯚﻣﺮﻯ ﺋــﺎﺯ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻳــﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨــﺪﺍ ﺑــﯘ ﺳــﻮﻗﯘﻧﺪﻯ ﻗــﺎﺭﺍ ﭘﺎﺳــﻜﯩﻨﯩﻼﺭﻣﯘ ﭼــﺎﺭ ﻧﺎﭼــﺎﺭ )ﻣﻪﺟﺒــﯘﺭەﻥ( ﺋــﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ھﻪﻳﺪﯨﻠﯩــﺪﯗ ...ﺑﯘﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ھﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ھﻮﻗﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻳﻮﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ﻗﺎﺭﺍ -ﺳﯧﺮﯨﻖ ۋەھـﺸﻴﻠﻪﺭ! ﻳﺎﺷﯩـﺴﯘﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ! ﻛﯧﯖﻪﻳﺴﯘﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ،ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ،ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ،ﺋﯩﻠﻤﯩـﻲ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩـﻲ ،ﺋﯩﻘﺘﯩـﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼﺏ! 62
www.uyghurweb.net ﺑــﺎﺭ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺩﺍھﯩﻤﯩــﺰ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ! ﻳﺎﺷﯩــﺴﯘﻥ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯩــﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ!.. -1933ﻳﯩﻠﻰ - 11ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 31ﻛﯜﻧﻰ )ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ( ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﻯ - 1877ﻳﯩﻠﯩـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻼپ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ ﺋﯩـﺴﺘﯩﻼ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻧـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ۋەھﺸﯩﻴﺎﻧﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩەھﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯜﺭﺩە ﺋﻪﺯﺩﻯ ۋە ﻛﻪﻣـﺴﯩﺘﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧـﻰ ھﺎﻗــﺎﺭەﺗﻠﻪپ »ﭼﻪﻧﺘــﻮ«» ،ﺳــﯩﯖﻜﻮ« ﺩەپ ﺋﺎﺗــﺎﻳﺘﺘﻰ» .ﭼﻪﻧﺘــﻮ« ﺩﯦﮕﯩﻨــﻰ ﺳــﻪﻟﻠﻪ ﺋﻮﺭﯨﻐــﺎﻥ» ،ﺳــﯩﯖﻜﻮ« ﺩﯦﮕﯩﻨــﻰ ھﺎﻳﯟﺍﻥ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺑﯘﺩ ،ﺧﻮﺟﺎ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗـﯘﻝ )ﺑﻪﻧـﺪە( ﺋﻮﺭﻧﯩـﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷـﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩەۋﺍ -ﺩەﺳﺘﯘﺭ ﺳﯘﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧـﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻳﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﺟﯧﻨـﻰ، ﻣﯧﻠــﻰ ،ﺋﯩﭙــﭙﻪﺕ -ﻧﻮﻣﯘﺳــﻰ ،ﺯﯦﻤﯩﻨــﻰ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪە ﺧﺎﻟﯩﻐــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﭽﻪ ﺋﻪﻳــﺶ -ﺋﯩــﺸﺮەﺕ ،ﻛﻪﻳــﭗ -ﺳــﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﺑﯩﭽــﺎﺭە ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ھﻪﻣﻤﻪ ھﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ھﯧﭻ ﻛﯩﺸﯩﺪە ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧـﺎھﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩـﺮ ﺋﯧﻐﯩـﺰ ﻳﺎﺧـﺸﻰ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﻗﯘﺩﺭەﺕ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯩﻤﺪەﻛﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﺮەﺭ ﺗـﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩـﻖ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺳـﺎﻟﻐﯘﺩەﻙ ﺑﻮﻟـﺴﺎ، ﺳﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥ ھﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨـﺎﺗﺘﻰ .ﻗﺎﻣﺎﻗﻘـﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐـﺎﻧﻼﺭ ﺑـﻮﻳﻨﻰ ،ﻗـﻮﻟﻰ ،ﭘﯘﺗﯩﻐـﺎ ﻳﻮﻏـﺎﻥ ﺗـﺎﺧﺘﯩﻼﺭ ،ﻗﯩﻠﯩـﻦ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﻛﯩــﺸﻪﻧﻠﻪﺭ ﺳــﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ھﻮﺷــﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜــﯜﭼﻪ ﺳــﺎۋﯨﻼﺗﺘﻰ .ﺑﯘﻧــﺪﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩــﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﻨﻜــﻰ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﻯ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟــﯜﻙ ﻗﺎﻣــﺎﻕ ﻳــﺎﻛﻰ ﺳــﯜﺭﮔﯜﻧﮕﻪ ھﯚﻛــﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩــﻨﯩﺶ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ .ﻗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﺎﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺷــﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻛــﺎﻻ ﺋﯧﻐﯩﻠﯩــﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩەﺭﯨﺠﻪﺩە ﻧﺎﭼﺎﺭ ،ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﯘﺭﻏﯘﺳـﯩﺰ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴــﺎﺗﻰ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘــﻰ ،ﺳــﻮﺩﺍ -ﺳــﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ھــﯧﭻ ﺋﯩــﺶ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨــﻰ ﻳــﻮﻕ .ﺧﯩﺘــﺎﻱ ،ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟــﺪﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﭘــﺎﺭﯨﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩــﺸﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟــﯜﻙ ﺋﻪھــﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻗــﺎﻧﯘﻥ ﻓﻮﺭﻣﯩــﺴﻰ ﻛﯩــﻴﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭﻟﯘﻗﺘــﺎ ﻣﯘﺳــﺎﺑﯩﻘﻪ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﯧﺮﯨــﺸﺎﺗﺘﻰ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ ،ﻛﯜﻣــﯜﺵ ،ﺟــﺎۋﺍھﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺗﺎﻣــﺎﻡ ﺑــﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﻭﺭﻟــﯘﻕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﻐــﺎﻥ .ﺋﯩﻘﺘﯩــﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩــﺸﻼﺭ ،ﺋﯩﭽﻜــﻰ ۋە ﺗﺎﺷــﻘﻰ ﺳــﻮﺩﺍ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩــﺴﻰ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻧﺎﭘﻮﻟﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋـﯚﺯ ﭘﺎﻳﺪﯨـﺴﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩــﻲ )ﻳﻪﺭﻟﯩــﻚ( ﺳــﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧــﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺋﻮﻳﯩﻐــﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﭼﯩﻘﻤــﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ۋە ﻧﻪﺷـــﺮﯨﻴﺎﺕ ﺋﯩـــﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟـــﺎﻥ -ﺟﻪھﻠـــﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺗﻮﺳـــﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻼﺗﺘـــﻰ .ﺋـــﯘﻻﺭ ﻓﺎھﯩـــﺸﻪۋﺍﺯﻟﯩﻖ ،ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩـــﻖ، ﺋﻪﺧﻼﻗـﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩــﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤـﺎﻱ ،ﺑﻪﻟﻜــﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗـﺘﻪ ﺋﯘﺧﯩــﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩـﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺮﯨــﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻳـﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩـﭗ ﺑﯩﺮﯨـﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺷـﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩـﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪھﺴﯘﻟﺪﺍﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨـﺸﺘﻰ .ﻧﻪ -ﻧﻪﻟﻪﺭﺩﯨـﻦ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﻛـﯚﭼﻤﻪﻥ )ﺋﺎﻗﻘﯘﻥ( ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸـﺸﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﺋﺎﺳـﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩـﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋــﯘﻻﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩــﻚ ﺧﻪﻟﻘــﻘﻪ ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﺩەﺭﯨﺠﯩــﺪە ﺳــﯩﻠﯩﻖ ﺳــﯧﻠﯩﭗ ،ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨــﺪﯨﻦ ،ﺋــﯚﻱ -ۋﺍﻗــﺘﯩﻦ ﺯﯨﺮﯨﻜﺘــﯜﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳــﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷــﻼپ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏــﺎ ﻗﯧﭽﯩــﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘــﻰ .ﺳــﯧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗــﯚﻟﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩﯦﻬﻘــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳــﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘــﻰ ﻳــﺎﻛﻰ ﻗﺎﻣﺎﻗﺘــﺎ ﻳــﺎﺗﻘﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ھﻪﺩﺩﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯧــﺸﯩﭗ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳــﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒــﯘﺭﯨﻲ ﻳﻮﺳــﯘﻧﺪﺍ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻗﻘــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨــﺴﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﻳــﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩــﺮ ﺩﺍﭼﻪﻧﻠﯩــﻚ ﺋﯩــﺶ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨــﻰ ﻳــﻮﻕ .ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋــﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩــﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﯩــﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐــﺎﻥ ﺭﯗﺳﻼﺳــﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﺘﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺋــﯚﺯ ﭘﯧﺘــﻰ ﻛﯚﭼــﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ،ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺑﯘﺯﯦﻤﯩﻨﻐــﺎ ﺋﻪڭ ﺋ ـﺎﭼﻜﯚﺯ، ﻗﻪﻟﻪﻧﺪەﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﻪﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺋﻪﺱ -ﻳـﺎﺩﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭘـﯘﻝ 63
www.uyghurweb.net ﺗﯧﭙﯩﺶ ،ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟـﯘﺵ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎۋﺍﺭە ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻐـﺎ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤـﯘ ﻛﯚﯕـﯜﻝ ﺑـﯚﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ،ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻟﯩﻐـﺎﻧﭽﻪ ھﻪﺭﯨـﻜﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘـﻰ .ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻪﻓﻴﯘﻧﻐﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻓﻴـﯘﻥ ﭼـﯧﻜﯩﺶ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﻟـﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻻھﯩـﺪە ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸﻰ ھﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺳـﻮﺯﯗﻟﯘپ ﻳﯧﺘﯩـﭗ ﺋﻪﻓﻴـﯘﻥ ﭼﯧﻜﯩـﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ھـﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ھﻪﺭﺩﺍﺋﯩـﻢ ﻛـﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻪﺩﻝ -ﺋﯩﻨﺴﺎپ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯨـﻦ ﺯەﺭﺭە ﭼـﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳـﻪﺭ ﻳـﻮﻕ ﺋﯩـﺪﻯ .ﻛﯩـﻢ ﺭﯨـﺸﯟەﺕ )ﭘــﺎﺭﺍ( ﻧــﻰ ﻛــﯚﭘﺮەﻙ ﺑﯩﺮﺳــﻪ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﺟﯩﻨــﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑــﺎﺭ ﺋــﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨــﺴﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ھﯚﻛــﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻼﺗﺘﻰ .ﺭﯨﺸﯟە ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﮔﯧﭙـﻰ ھﻪﺭ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﻳﻮﻟﻠـﯘﻕ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﻳـﺎﻕ ﻳﻪپ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩــﭗ ،ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﻧﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﺳــﯩﺮﺕ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟــﯜﻙ ﻗﺎﻣــﺎﻕ ﻳــﺎﻛﻰ ﺳــﯜﺭﮔﯜﻧﮕﻪ ﻣﻪھﻜــﯘﻡ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺩﯦــﻤﻪﻙ، ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﯨﻐﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨــﻰ ،ﺋﯩﻤــﺎﻧﻰ ،ﻏــﺎﻳﻪ -ﺋــﺎﺭﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘــﯘﻟﻼ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜــﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﻳـﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋـﺎﭼﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺑـﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﺸﯩﯟﯨﻚ ﺑﺎﺳـﻘﯘﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﻰ ،ﺟﯧﻨﻰ ،ﺋﺎﺭ -ﻧﻮﻣﯘﺳﻰ ۋە ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ۋەھـﺸﯩﻴﺎﻧﻪ ﺗﺎﺟـﺎۋﯗﺯ ﻗﯩﻠـﺪﻯ. ﺷﯘ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ۋەھﺸﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﺯﯗﻟﯘﻡ -ﺯﻭﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺑﺎﺷـﻼﻧﺪﻯ ،ﺧﻪﻟـﻖ ﻗـﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑـﺎﺵ ﻛﯚﺗــﯜﺭﺩﻯ) .ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳــﻰ - 42 ،ﺑﻪﺗــﺘﯩﻦ - 45ﺑﻪﺗــﻜﻪﭼﻪ( ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳــﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ. ﮔﯚﺭ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﺒﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳــﻪھﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩــﯔ ﻧــﺎﺯﯨﺮﻯ ﺧــﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﮕﻪ ﻣﯘﺋــﺎۋﯨﻦ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻳﯩــﺮﯨﻢ ﻛــﯜﻥ ،ﺑﻪﺯﯨــﺪە ﻛﯩﭽﯩﻠﯩــﺮﻯ ۋەﺯﯨــﭙﻪ ﺋﯩﺠــﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺷــﯘ ﻛــﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐــﺎ ﺋﯧﻠــﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐـﯘﺩەﻙ ﺗﻪﺳـﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺶ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋـﯚﺗﺘﻰ .ﺑـﯘ ﺋﯩـﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻍ - 1933ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯜﺯ ﭘﻪﺳـﻠﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ .ﻣﻪﻥ ﺷـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩـﺪﺍ ﺋﯩـﺪﯨﻢ .ﺗﻮﺳـﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎۋﯗ ﻳﻪﺭﺩە ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐـﺎ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﻗﺎﺭﯨـﺴﺎﻡ ،ﺋﯩـﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋـﯜچ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻗـﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻻﺗـﺎ ،ﺑﻪﻟـﯟﺍﻏﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯧﯖﯩﻠﻐـﺎﻥ ،ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧـﺪﺍ ﻳﯩـﺮﺍﻕ ﺳـﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻧﺪەﻙ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﭽﻪ ،ﭼـﻮڭ ﺑﯩـﺮ ﻛﯧﻠﯩـﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘـﺎﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ .ﺩەﺭھـﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻏـﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩﺪﯨﻢ .ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ،ﭘـﺎﻛﯩﺰە ﺩﺍﻛﯩـﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯧﯖﯩـﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﭼﯩﻬﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ۋە ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﭼـﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠـﺪﻯ .ﭼـﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩـﺶ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷـﯜپ ﻗﯧﻠﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳـﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ ﺳـﻮﺭﺍﻟﺪﻯ .ﺋـﯜچ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩـﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻧﯚۋەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎۋﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ :ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧـﺪﯨﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼـﺎﺭ ﮔـﯜﺯەﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷــﻠﯩﻖ - 2ﻗــﯘﻡ ﻛﻮﭼﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺯﺍھﯩــﺖ ﺟــﺎﻥ ھﻪﻛﯩﻤﺒــﺎﻱ ﺗﯚﮔﯩﭽﯩﻨــﯔ ﺋــﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ 22 ،ﻳﺎﺷــﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨــﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋــﻮۋﭼﻰ ﻳﯩﮕﯩــﺖ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩــﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻧــﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺑﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺋﯩــﺴﻤﻰ ﺋﺎﺑﯩــﺪ ﺑﯧــﻚ23 ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ،ﺋﻮﻗﯘﺵ ،ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻛﯩﭽﯩـﻚ ﺋﺎﺑﯩـﺪ، 18ﻳﺎﺷﻼﺭ ﭼﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ھﯧﻜﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ :ﺑﯩـﺰ ﺋـﯜﭼﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩـﺮ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻧﯩـﯔ ﻳـﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺳـﻮﭘﯩﻲ ،ﺋـﻮﺵ ،ﻛﯩﭽﯩـﻚ ﺋـﺎﻻﻱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﻻﻳﻨﯩﯔ »ﻗﺎﺭﻳﺎﻏـﺪﻯ -ﺋـﺎﺕ ﺗﺎﻳـﺪﻯ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﻳﯩـﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﻗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍۋﺍﻧﻐـﺎ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ .ﻗﯩﻠﯩﻦ ﻗﺎﺭ ﻗﺎﭘﻼپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑـﯘ ﺩﺍۋﺍﻧـﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯧﺘـﻰ ﺋﯚﺗﻪﻟـﺴﻪ ،ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﯩـﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷـﭽﻰ ﺑﯩﺰﻧـﻰ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﻮﻟﻐـﺎ » -ﻗﯩﺮﯨـﻖ ﻛﯧﭽﯩـﻚ« )ﺑـﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻧﻤـﯘ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ 64
www.uyghurweb.net ﺋﯩﺪﯨﻢ( ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﺎﯕﺪﻯ .ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ،ﺗﺎﺷﻠﯩﻖ ،ﺯەﻳـﻜﻪﺵ ﻳـﻮﻟﻨﻰ ﻣﯩـﯔ ﻣﯘﺷـﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯧـﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻠﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ،ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻛﯩﭽﯩﻠﻪپ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﺑﯩـﺰ ﺑـﯘ ﺋﯚﻳـﺪە ﺑﯩـﺮ ﻗﺎپ ﺋﯘﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﺋـﯘ ﭼـﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﻨﯩـﯔ ﺋﯩـﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺘﺘﯘﻕ .ﺋﯘﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻧﯧﻤﻪﺕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮔﯩﭙﻮ )ﺳـﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺴﻰ( ﺩﯨـﻼ ﺑـﻮﻻﺗﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺋﺎﭼـﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗـﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻪﺗﯩـﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﺍ ﺗـﯚﺕ ﺗﻪﺭەﭘﻨـﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩـﭗ، ﻗﺎﭼــﺎﻕ )ﭼﻪﺕ -ﻳﺎﻗــﺎ( ﻳــﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳــﯜﺭﯛپ ﻧﺎﻣــﺎﺯ ﺧﯘﭘﺘﻪﻧــﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷــﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛــﯚﻙ ﺳــﯘ ﺩەﺭﻳــﺎ ﻛــﯚۋﺭﯛﻛﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟــﺪﯗﻕ. ﻛــﯚۋﺭﯛﻛﻨﻰ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯧﻘﯩــﭗ ﻳﺎﺗﻘــﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘــﺎ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷــﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑــﯘ ﺩەﻝ ﺩەﺭﻳﺎﻧﯩــﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻍ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠـﯜﻙ ﺋﯧﺘـﻰ ﺩەﺭﻳﺎﻏـﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋـﺎﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺳـﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷـﯜپ ،ﺳـﯘﻧﻰ ﮔـﺎھ ﺋـﯜﺯﯛپ ،ﮔـﺎھ ﻳﯧﺮﯨـﭗ ﺩەﺭﻳﺎﻧﯩـﯔ ﺋـﯘ ﻗﯧﺘﯩﻐـﺎ ﺋﯚﺗﯜۋﺍﻟــﺪﯗﻕ .ﻛــﯧﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺳــﯩﺪﺍ ﺋﯜﺳــﺘﯟﺍﺵ ،ﺑﻮﻗﭽــﺎ ،ﺧﻮﺭﺟﯘﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﻣﻤﯩــﺴﻰ ھــﯚﻝ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ،ھــﺎۋﺍ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺋـﺎﺯﺭﺍﻕ ھـﺎﺭﺩﯗﻕ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻣـﯧﯖﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺩەﺭﻳـﺎ ﺑﻮﻳﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋﻮﺗﻼﻗﺘـﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩـﺪﯗﻕ -ﺩە، ﻛﻪﻟـــﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷـــﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏـــﺎ ﻛﯧﺘﯩـــﺸﯩﭙﺘﯘﻕ .ﺑﯩﺮﭼﺎﻏـــﺪﺍ ﻳـــﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﻛـــﻜﻪﻥ ﺋﯩﺴـــﺴﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘـــﺎﭘﺘﯩﻦ ﻛــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﭼــﺴﺎﻕ ﺋــﺎﺵ ۋﺍﻗﺘــﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ ،ﺋﺎﺭﻗﯩــﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ »ﺑﯩــﺴﻤﯩﻠﻼھ ﻳــﺎ ﺋــﺎﻟﻼھ ﻣﻪﺩەﺕ ﺋﯚﺯﯛﯕﺪﯨﻦ« ﺩەپ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯘﻕ .ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮔﺎھ ﻳﻮﺭﻏـﺎ ،ﮔـﺎھ ﺯﻭﺭﻏـﺎ ﭼـﺎﭘﺘﯘﺭﯗپ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰﺗﺎﻏﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺗﻪڭ ﺗﯩﻜﯩـﭗ ،ﺋـﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧـﺘﯩﻠﻪپ ﭘﯩﻴـﺎﺩە ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﯟﺍﺗـﺴﺎﻕ ،ﺗﻮﺳــﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﺳــﯘﻳﯘﺭﻯ )ﺩﺍۋﻏــﺎﻥ( ﻏـﺎ ﻛــﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﭼﯜﺷـﯜپ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺷــﯘ ﺋـﺎﻥ ﺯﺍھﯩــﺪﺟﺎﻥ ﺩەﺭھــﺎﻝ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﯧﻠﯩﻘــﻰ ﺳــﯘﻳﯘﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺗﻪﻣــﺸﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﺍ ،ﻗﯩﺮﻏﯩــﺰ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷــﭽﻰ ﺋــﯘﻧﻰ ﺗﻮﺳــﯘۋﯦﻠﯩﭗ: ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﻮۋ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩە ﭘﻮﺳﺖ )ﮔﺎﺯﺍﺭﻣﺎ( ﺑـﺎﺭ ،ﺋـﻮﻕ ﺋـﺎۋﺍﺯﻯ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻗﺎﻟـﺴﺎ، ﺳــﺎﻟﺪﺍﺗﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧــﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩــﺪﯗ ،ﺩەپ ﻗﺎﻳﺘــﺎ -ﻗﺎﻳﺘــﺎ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﺷــﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤــﺎﻱ ،ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧــﺎﻧﯩﻢ- ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺧﻮﻳﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺗﻪﻟـﭙﻪﻙ -ﺗﯘﻣـﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑـﯘ ﺟﺎﻧﯟﺍﺭﻧﯩـﯔ ﺗﯩﺮﯨـﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﯩﺶ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻜﻰ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧــﻰ ﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﭼﻘــﺎ ھﯩﭽﻜﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺋــﯘﻧﻰ ﺋﺎﺗﻤــﺎﻱ ﻗﻮﻳﯘﺷــﻘﺎ ﻛــﯚﯕﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﯩــﺪﻯ .ﺷــﯘﺋﺎﻧﺪﺍ ﺯﺍھﯩــﺪﺟﺎﻥ ﺩەﺭھــﺎﻝ ﺋــﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷــﯜپ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋــﻮۋ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻨــﻰ ﺳــﯘﻳﯘﺭﯨﻐﺎ ﺗــﻮﻏﺮﯨﻼپ ﺋــﻮﻕ ﺋــﯜﺯەﺭ -ﺋــﯜﺯﻣﻪﺱ ﻧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﯘﻳﯘﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳـﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋـﯚﺭﻟﻪپ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷـﺘﻰ .ﺯﺍھﯩـﺪﺟﺎﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ﺟﺎﻧـﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨـﺴﯩﻨﻰ ﺳـﻮﻳﯘپ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻗﻪﻧﺠﯩـﺮ )ﻏﺎﻧﺠﯘﻏـﺎ( ﮔﻪ ﺑـﺎﻏﻼپ ﺧﯘﺷـﺎﻝ ھﺎﻟﺪﺍ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷـﭽﻰ ﭘـﺎﺕ -ﭘـﺎﺕ ﺭﯗﺱ ﺳـﺎﻟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛـﯚﺭﯛپ ﻗﺎﻟـﺴﺎ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﯩﺰ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺋﯩﺴﻪﻧﻜﯩﺮەﺷﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯەﺭ ﺗﺎﺷـﻼپ ﻗﻮﻳـﺎﺗﺘﻰ .ﺷـﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ» :ﻗﻮﺭﻗﻤـﺎ! ھﻪﺭ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ .ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﺰ ،ﻧﯩﺠـﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺳـﻪ ﺋﺎﺳـﺎﺭەﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗـﯘﻟﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯩـﺰ ﺳـﯧﻨﻰ ﺩەپ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻧﻤﯩﺰ« ﺩەپ ﺗﻪﺳــﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﻗﻮﻳــﺎﺗﺘﯘﻕ ،ﺑﯩــﺰ ﺳــﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﺷــﯘ ﺗﻪﺭﺯﺩە ﺩەۋﺍﻣﻼﺷــﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯩــﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺭﯨﻼپ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪپ ﭘﯩﻴـﺎﺩە ھﺎﻟـﺪﺍ ﺗـﺎﻍ ﺑﺎﻏﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗـﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧـﺪﻯ .ﺑـﯘﻧﻰ ﻛـﯚﺭﯛپ ﺟﯧﻨـﻰ ﭼﯩﻘﻘـﯘﺩەﻙ ﻗﻮﺭﻗـﯘپ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ» :ﻣﺎﻧﺎ ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻤﻤﯘ؟ ﮔﯘﻟﺸﻪ )ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺴﻤﻰ( ﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯﭼﯩﻠﻪﺭ )ﺭﺍﺯۋﯨـﺪﭼﯩﻜﻼﺭ( ﻛﻪﻥ ،ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ،ﺩەپ ﺑﻮﻏﯘﻟﺴﺎ ،ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ» :ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ ،،ﺋـﯘﻻﺭ ھﯧﻠﯩﻐـﯘ ﺋـﺎﺭﺍﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﺵ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ،ﻳﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﻳﯜﺭﯛۋەﺭ ،ﭘﻪﺭۋﺍ ﻗﯩﻠﻤـﺎ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯩـﺰﻟﻪﺭ ھـﯧﭻ ﺋﯩـﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﻳﺎ ﻗﺎﭼﻤﺎﻱ ﻳـﺎ ﺋـﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧـﺰﻟﻪﺗﻤﻪﻱ ﻳـﺎﻛﻰ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧـﻰ ﺋـﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﻱ ﺑﯩـﺮ ﺧﯩـﻞ ﺗﻪﻣﻜﯩﻨﻠﯩـﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﯩﻨـﻰ ﻣﻪھـﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﻘـﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﺋﯩﻠﮕﯩـﺮﯨﻠﻪۋەﺭﺩﯗﻕ .ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺭﻭﺳـﻤﯘ ﺑﯩـﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻛﯧﻠﯩﯟەﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﭼﺎﻣﯩـﺴﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷـﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﺳـﺎﺗﺘﯩﻦ ﻳـﻮﻟﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩـﭗ 65
www.uyghurweb.net ﺗﺎﻍ ﺗﯚﭘﯩﻠﻪپ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺋﯘﺩﯗﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺳﻪﻻﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ،ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻭﺳـﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳـﻰ ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺑﺎﺭ .ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﺒﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽـﺎ ﺑـﺎﺭ ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳـﺎﻻﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺑﯩـﺪ ﺑﯧـﻚ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩـﺪﺍ ﺟـﺎۋﺍﺏ ﻗـﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ» :ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻧـﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻳﯜﺭﯨـﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨـﺴﯩﻠﻪﺭ؟« ﺩەپ ﺳـﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺑﯩﺪ ﺑﯧﻚ» :ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷـﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩـﭗ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯩـﺰ ،ﻗـﯘﻻﻕ)ﻳﻪﺭﻟﯩـﻚ ﭘﻮﻣﯧـﺸﭽﯧﻚ ،ﻳﻪﺭ ﺋﯩﮕﻪﺳــﻰ( ﻗــﺎﭼﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﻐــﺎﻧﻤﯩﺰ ،ﺷــﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗــﯘﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺑــﯘ ﺗﻪﺭەﭘــﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟــﺪﯗﻕ« ﺩﯦــﺪﻯ .ﺋﻮﻓﯧﺘــﺴﯩﺮ ﺑــﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﺧﺎﺭﺍﺷﻮ« ﺩەپ ﻗﻮﻳﺪﻯ -ﺩە ،ھﻪﻣﺮﺍھﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠـﻠﻪ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩـﭗ ﻳـﻮﻟﻨﻰ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﺑﺎﺳﺘﻰ .ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺭﯗﺱ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﺋـﺎﺭﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷـﻜﻪچ ﺧﯩﻠـﻰ ﺑﯩـﺮ ھـﺎﺯﺍ ﻣﯧﯖﯩـﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ .ﺑﯩﺰ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋـﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻣﺎﯕﻤـﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺗﻮﺧﺘﯩـﺪﯗﻕ .ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋـﻮﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳـﻠﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻏـﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ،ﺳﻮﻟﻜﺎۋﺍﻱ )ﺗﻪﯕﮕﻪ( ،ﭘﯩﭽﺎﻕ ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐـﺎ ﺗﺎﺷـﻼپ ﻗﻮﻳـﯘپ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺑﯩﺪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺋﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠـﻰ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑﯩﭽـﺎﺭە ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳـﯜﺯ ﻣﯩﺘﯩـﺮﭼﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘـﺎ ﺑﯩـﺰﺩﯨﻦ ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗـﺎﭼﯘﺭﯗپ ﮔـﺎھ ﻛﯚﺭﯛﻧـﯜپ ﮔـﺎھ ﻛـﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ،ﺋﻪﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﺎ! ﺋﯚﺯﯛڭ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﺎﻳـﺴﻪﻥ ،ﺩەپ ﺧﯘﺩﺍﻏـﺎ ﻳﯩﻐـﻼپ ،ﻳـﺎﻟﯟﯗﺭﯗپ ﻳـﯜﺭەﺗﺘﻰ .ﺗﺎﻣـﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩـﺪﺍ ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﺭﯗﺱ ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﻥ ،ﮔـﯚﺵ ۋە ھﯧـﺴﯩﭙﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﻤـﯘ ﺋﯧﻐﯩـﺰ ﺗﻪﮔـﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺷـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺭﯗﺱ ﺋﻮﻓﯧﺘــﺴﯩﺮ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﺩﯦــﺪﻯ» :ﺑﯜﮔــﯜﻥ ﺋــﯜچ ﻛــﯜﻥ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺳــﯩﻠﻪﺭ ﺩەۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ھﯧﻠﯩﻘــﻰ ﮔﻪۋﺩﯨﻠﯩــﻚ ،ﺑــﺎﻱ ﺳــﯩﻨﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷـﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺗﯘﺗـﯘپ ﮔﯜﻟـﺸﻪ ﺳـﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .ﺋـﯘﻻﺭ ھـﺎﺯﯨﺮ ﺳـﻮﻻﻗﺘﺎ. ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩــﺰ ﮔﯜﻟــﺸﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳــﺎﻕ ،ﺑﻪﻟﻜﯩــﻢ ﺳــﯩﻠﻪﺭ ﻗــﺎﭼﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﻐــﺎﻥ ھﯧﻠﯩﻘــﻰ ﻣﯘﺷــﺘﯘﻣﺰﻭﺭﻻﺭ ﺩەﻝ ﺷــﯘﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ .ﻗﯧﻨــﻰ ﻳــﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ،ﮔﯜﻟــﺸﻪﮔﻪ ﺑــﺎﺭﺍﻳﻠﻰ« ﺩﯦــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺋﺎﺑﯧــﺪﺑﯧﻚ» :ﺧﻪۋەﺭﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺳــﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﯘﻻﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛـﯜﻥ ﺑـﯘﺭﯗﻥ ﻣﯘﺷـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﻮﻧﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯜﮔـﯜﻥ ﻛـﯧﭽﻪ ﻳـﺎ ﺋﻪﺗﻪ ﻛـﯧﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﻕ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋـﯘ ﻣﯘﺷـﺘﯘﻣﺰﻭﺭﻻﺭ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ،ﺑﯩـﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘ ﻣﯘﺷﺘﯘﻣﺰﻭﺭﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋـﯚﺯ ھﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏـﺎ ﻗﻮﻳـﯘپ ،ﺋـﯚﺯ ۋەﺯﯨﻴﭙﻪﯕﻼﺭﻧـﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩـﯟﯨﺮﯨﯖﻼﺭ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﺑـﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐـﺎﻥ ﺭﯗﺱ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐـﺎ ﺑﯩـﺮ ﺩﯨـﻨﻼ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻠﯩـﻚ ﻳﯜﮔﯜﺭﺗـﯜپ» :ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﻪپ ﺋﻮﺧــﺸﯩﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪﯕــﻠﻪﺭ ،ﺳــﻪﻥ ﺭﻭﺳــﭽﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩــﺴﻪﻥ )ﺋﺎﺑــﺪﺑﯧﻜﻨﻰ ﺩەۋﺍﺗﯩــﺪﯗ( ،ﺧﯧﻠــﻰ ﻧــﻮﭼﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘــﺘﻪﻙ ﺗﯘﺭﯨــﺴﻪﻥ ،ﻗﯧﻨــﻰ ﺋﯧﻴــﺘﯩﯖﻼﺭ ،ﺳــﯩﻠﻪﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻧــﯧﻤﻪ ﺋــﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ؟ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨــﺴﯩﺰﻟﻪﺭ؟ ﺭﺍﺳــﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﻴــﺘﯩﺶ« ﺩﯦــﺪﻯ. ﺯﺍھﯩــﺪﺟﺎﻥ ﺋﺎﺑﯧــﺪﺑﯧﻜﻜﻪ ﻗــﺎﺭﺍپ» :ﺭﺍﺳــﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﯨﺮﯨــﯔ ،ﺋﯚﻟــﯜﻡ ھﻪﻕ ،ﺧﯘﺩﺍﻧﯩــﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨــﺴﻰ ﻧــﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺷــﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ .ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﺘﺎ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﺑﺎﺭ« ،ﺩﯦـﺪﻯ .ﺋﺎﺑﯧـﺪ ﺑﯧـﻚ ﺭﻭﺳـﻘﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ» :ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺗـﺎ -ﺋـﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ،ﺑﯩـﺰ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻳـﻮﻝ ﺑﯧـﺮﯨﯖﻠﻪﺭ ،ﺑﯩـﺰ ﺳـﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠـﯘﺭﻣﯩﺰ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﺭﯗﺱ» :ﺋﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜچ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﺋﯜچ ﻣﯩﯔ ﺳـﻮﻡ ﺑﯩﺮﯨـﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺑﯩـﺰ ﺳـﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛـﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑـﻮﻟﯩﻤﯩﺰ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﺯﺍھﯩـﺪﺟﺎﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺟــﺎۋﺍﺑﻪﻥ ﺩەﺭھــﺎﻝ ﭼﯚﻧﺘﯩﻜﯩــﺪﻯ ﻥ 3000ﺳــﻮﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﭗ ﺋﺎﺑﯧــﺪﺑﯧﻜﻜﻪ ﺋــﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺑﯩــﺪﺑﯧﻚ ﺭﻭﺳــﻘﺎ ﺋــﯘﺯﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻓﯧﺘــﺴﯩﺮ ﭘــﯘﻟﻨﻰ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﯟﯨﺘﯩــﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠــﺪﻯ» :ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻨــﻰ ھــﺎﺯﯨﺮﻻ ،ﻗﻮﻟــﯘﯕﻨﻰ ﺗﻪﭘﻜــﯜﺩﯨﻦ ﻣﯩــﺪﯨﺮﺍﺗﻤﺎ ،ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﻤﯩﺮﻻﺗﻤﺎﻳــﺴﻪﻥ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩــﺴﺎ ﺗﻪﭘﻜــﯜﻧﻰ ﺑﺎﺳﯩــﺴﻪﻥ« ﺩﯦــﺪﻯ -ﺩە ،ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩــﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻼپ» :ﺑﯩـﺰﺩﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻣﯧﺘﯩـﺮ ﻧﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺗـﯘﺭﯗﯕﻼﺭ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﺑﯩـﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨـﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻪﺵ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯚﺗﯩﻤﯩﺰ ﺗﯚﺕ ﺗﯜۋﺭﯛﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ .ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ ﻳﻪﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮ ﺋﺎﺑﯩـﺪﺑﯧﻜﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛـﺎﻟﺘﻪ ﭘﻮﺳـﺘﯘﻥ )ﺟﯘۋﺍ( ﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﺋﺎﺑﺪﺑﯧﻚ »ﺧﻮپ« ﺩەپ ﭘﻮﺳﺘﯘﻧﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﭗ ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮﮔﻪ ﺋـﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﺋﺎﻟﻤـﺎﻱ: ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻱ ،ﺩﯦﺪﻯ .ﺷـﯘ ﺋﻪﺳـﻨﺎﺩﺍ ﺯﺍھﯩـﺪﺟﺎﻥ ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮﻏﺎ ﻳـﺎﻟﯟﯗﺭﯗپ ﻳـﯜﺭﯛپ ﺭﯗﺧـﺴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋـﻮﻥ 66
www.uyghurweb.net ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺩەﺭﻳﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﺋـﺎﺯ ﺳـﯘ ﺋﯩﭽﯩـﭗ ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕـﺸﺎپ ،ﺧﯘﺩﺍﻏـﺎ ﺩﯗﺋـﺎ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﺎﻟـﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ -ﺩە ،ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﮔﻪ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺗـﯘﺭﺩﻯ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺋﺎﺑﯩـﺪﺟﺎﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮ ﺗـﯧﺨﯩﭽﻪ ھﯧﻠﯩﻘــﻰ ﭘﻮﺳــﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙــﻰ ﺑﯩ ـﻠﻪﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻮﻓﯧﺘــﺴﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩــﺪﺍ ﺗﺎﭘــﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗــﯘپ ﺗــﯘﺭﯗپ ،ﺑﯩــﺮﺩە ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﮔﻪ: »ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﺴﺎ ﺗﻪﭘﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﺱ« ﺩﯦﺴﻪ ،ﺑﯩﺮﺩە ﺋﺎﺑﯩﺪﺑﯧﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ :ﭘﻮﺳﺘﯘﻧﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗـﻮﻱ ،ﺩەپ ھﻪﻳـﯟە ﻗﯩﻼﺗﺘــﻰ .ﺋﺎﺑﯩــﺪﺑﯧﻚ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﭘﻮﺳــﺘﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻳﻪﻟﻜﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻗــﻮﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗــﯘپ ﻣﺎﻧــﺎ ﭘﻮﺳــﺘﯘﻥ ،ﺩەپ ﺋﯘﺯﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺯﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ،ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ -ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷـﻤﺎﻗﺘﺎ ،ﻣﺎﻧـﺎ ﺷــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺋﺎﺑﯩــﺪﺑﯧﻚ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺯﺍھﯩــﺪﺟﺎﻥ ﺋﯚﺯﺋــﺎﺭﺍ ﻛــﯚﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷــﺘﯘﺭﯗۋﺍﻟﺪﻯ -ﺩە ،ﻛﯚﯕــﯜﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩــﺮ ﻧﻪﺭﺳــﯩﻨﻰ ﭘﯜﻛﯜﺷــﺘﻰ .ﺷــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺋﺎﺑﯩــﺪ ﺑﯧــﻚ ﭘﻮﺳــﺘﯘﻧﻨﻰ ﺋﻮﻓﯧﺘــﺴﯩﺮﮔﻪ ﺋــﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .ﺋﻮﻓﯧﺘــﺴﺮ ﭘﻮﺳــﺘﯘﻧﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋــﺎﻻﻱ ،ﺩەپ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﺑﯩﺪ ﺑﯧﻚ ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮﻧﻰ ﻳـﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﻗﯘﭼـﺎﻗﻼپ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻗـﻮﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩـﯔ ﺗﯘﺗﯘۋﺍﻟـﺪﻯ .ﺩەﻝ ﺷـﯘﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﺒﺎﺭﺱ ﭘﻪﻳﻠﯩﺪە ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ -ﺩە ،ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩـﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻨﻰ ﺑﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩـﭗ ﺗـﯘﺭﯗپ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻧﻰ ﮔﯚﺷـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳـﯚﯕﯩﻜﻰ ﺑﯩـﺮ -ﺑﯩـﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜﺩەﻙ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺑﺎﺭ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﯔ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﺷﯘ ﺗﻪﺭﺯﺩە ﺑﯩـﺮ ﭘﻪﺱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺯﺍھﯩــﺪﺟﺎﻥ ﻳﺎﻧﺒﯩــﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻧــﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﭗ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯩﻠﯩﻐــﺎ ﺑﯩﺮﻧــﻰ ﺋــﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﯩﺪﻯ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺯەﺭﺑﻪﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭼﯩﻜﯩﻨـﺪﯛﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ﺧﻪﻧـﺠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧـﺴﯩﯟەﺗﺘﻰ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺟـﺎﻥ -ﺟﻪھﻠـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ -3ﺯەﺭﺑﻪ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﮔﺪﻯ .ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ ﭼﺎﻻ ﺋﯚﻟﯜﻙ ھﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗـﯜﺭﯛپ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨـﭗ ﺩەﺭﻳﺎﻏـﺎ ﺋﺎﺗﺘﻰ )ﺑﯘ ﺋﻮﺭﯗﺱ ﭘﯩﺮﺋﻪۋﻧﮕﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ(. ﺑﯘ ھﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﺍ ﻗـﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘ ﺋﻪﺳـﻨﺎﺩﺍ ﻛﯩﭽﯩـﻚ ﺋﺎﺑﯩـﺪﻣﯘ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ. ﺋﺎﺑﯩﺪ ﺑﯧﻚ ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮﻧﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺑﯩﺪﻗﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ :ﻗﯩﻨـﻰ ﻛﻪﻝ ،ﺋﯚﺗﯜﻛﯜﻣﻨﯩـﯔ ﻗﻮﻧﺠﯩـﺪﯨﻦ ﻛﺎﺗﺘـﺎ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﻤﻨــﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﭗ ﺑــﯘ ﻛﺎﭘﯩﺮﻧﯩــﯔ ﺑﯧــﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﺱ ،ﺩﯦــﺪﻯ .ﻛﯩﭽﯩــﻚ ﺋﺎﺑﯩــﺪ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺋﯚﺗﯜﻛﻨﯩــﯔ ﻗﻮﻧﺠﯩــﺪﯨﻦ ﭘﯩﭽﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ھﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪ ﺑﯧﻚ ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮﻧﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗپ ﻛﻪﺱ ﺑﯧـﺸﯩﻨﻰ ،ﺩەپ ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠـﺪﻯ. ﻛﯩﭽﯩــﻚ ﺋﺎﺑﯩــﺪ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟــﺪﯨﺮﺍپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤــﯘ ﻳــﺎﻛﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩــﻚ ﻗﯩﻠــﺪﯨﻤﯘ -ﺗــﺎڭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽــﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩــﻖ ﺯەﺭﺑﯩــﺪە ﺋــﯚﺯ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺳﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـﻰ ﺯەﺭﺑﯩـﺪﯨﻼ ﭘﯩﭽـﺎﻗﻨﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻧﯩـﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐـﺎ ﺩەﻝ ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﯛپ ﺳـﺎﻟﺪﻯ .ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺑﯩــﺪ ﺑﯧــﻚ ﺋــﯚﺯﻯ ﭘﯜﺗﺘــﯜﺭﺩﻯ .ﺑﯩــﺰ ﺑــﯘ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻛــﺎﭘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺷــﯘ ﺋﯘﺳــﯘﻝ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺕ ۋە ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺗﺎﺭﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻰ ۋە ﺑﯩﺮ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻕ. ھﯩﻠﯩﻐﺎﭼﻪ ﻧﻪﻟﻪﺭﺩﯨﺪﯗﺭ ﻣﯚﻛﯜپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﭘﻪﻳـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻳـﻮﻝ ﺑﺎﺷـﻼپ ﻣﺎﯕـﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﯩﺪ ﺑﯧﻚ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎپ» :ﺗﻮﺧﺘﺎﯕﻼﺭ! ﺟﻪڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳـﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﺑﯩـﺮ ﺳـﻮﻣﻜﺎﻡ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﭘﺘﯘ .ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺭەﺳـﯩﻢ ،ﺋﺎﺩﺭﯦـﺴﻠﯩﺮﻯ ﺑـﺎﺭ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋـﯘ ﻧﻪﺭﺳـﯩﻠﻪﺭ ﺭﯗﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪ ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪﺳﻰ ﺧﺎﻧﯩﯟەﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺯﺍھﯩـﺪﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛـﺎ! ﻗﯩﻨـﻰ ﺋـﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻰ ﭼـﺎﭘﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﻣﻜﺎﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯔ ،ﻓﯘﺭﺳﻪﺕ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ« ﺩﯦﺪﻯ .ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ» :ﻗﻮﻳـﯘڭ ﺋﻪﻣـﺪﻯ ،ﻧـﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩــﯔ ﺋــﯚﺯﯨﮕﻪ .ﺟــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺟﺎھــﺎﻥ ،ﺋــﺎﺵ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﻗــﺎﺯﺍﻥ« .ﺋﺎﺑﯩــﺪ ﺑﯧــﻚ ﻳﻪﻧﻪ ﺯﻭﺭﻟﯩــﺪﻯ .ﺯﺍھﯩــﺪﺟﺎﻥ» :ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﺳﺎﯕﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻥ« .ﺋﺎﺑﯩﺪ ﺑﯧﻚ» :ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟« ﺯﺍھﯩـﺪﺟﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﺋﻮﯕﺎﻳـﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ: »ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﯟەﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﺳـﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺑﻮﻟـﯘﺭ ﺋﯩـﺪﻯ« ﺩەپ ﺗﯧﯖﯩﻘﻠﯩـﻖ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻗـﻮﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﭗ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﺘﻰ .ﺯﺍھﯩــﺪﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻏﯘﻣﯩـﺪﯨﻦ ﺋـﺎﺟﺮﺍپ ﻛﯧــﺘﻪﻱ ﺩەپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﺑـﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ھــﯧﻠﯩﻼ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷــﯜپ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧــﺪەﻙ ﺟﺎﻧــﺴﯩﺰ ﺳــﺎﯕﮕﯩﻼپ ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑــﯘﻧﻰ ﻛــﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺑﯩــﺪﺟﺎﻥ ﺧﯩﺠــﺎﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﺘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻣﭽﺎ ﺋﯘﺭﺩﻯ -ﺩە ،ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەﻙ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺳـﻮﻣﻜﺎﻧﯩﻤﯘ 67
www.uyghurweb.net ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ .ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻳـﻮﻝ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺳـﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ،ﺑﯩﺮﺩە ﻛﯜﻟﺴﻪ ،ﺑﯩﺮﺩە ﻳﯩﻐﻼپ ،ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺷﺎۋۋﺍﺯ )ﺑـﺎﺗﯘﺭ( ﻟﯩـﺮﯨﻢ ،ﺩەپ ﺋﺎﺳـﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ،ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﺭەﻙ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ :ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮔﺎھ ﻳﻮﺭﻏﺎ ،ﮔﺎھ ﺯﻭﺭﻏﺎ ﭼـﺎﭘﺘﯘﺭﯗپ ﻧﺎﻣـﺎﺯ ﺷـﺎﻣﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷـﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻟﯘﻏﭽﺎﺗﻘــﺎ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ،ﺋــﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩــﻖ ﻳــﯜﺭﯛپ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷــﯜۋﺍﻟﺪﯗﻕ ،ﺩﯦــﺪﻯ .ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺑــﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ھﻪﻣﻤﻪﻳــﻠﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐــﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟــﯜپ» :ﻗــﺎﺭﺍڭ ﺑــﯘ ﻛﯩﭽﯩــﻚ ﻏﺎﺯﯨﻼﺭﻏــﺎ! ﻛــﺎﭘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨــﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ ،ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗﺭ ،ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﻜﻪﻥ« ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜـﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩـﺰ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﺎﺯﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩـﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘپ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻧﻠﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑـﺮﯨﻜﻠﻪپ ،ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗـﻜﻪﻥ ﻗﻪﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻼپ» ،ﺧﯘﺵ ﻛﻪﻟـﺪﯨﯖﯩﺰ« ﺋﯧﻴﺘﯩـﭗ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧـﺸﯩﺪﺍ ﻛﯚﺗـﯜﺭﺩﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ )ﺧﻪۋەﺭﭼـﻰ( ﻣـﯘ ﻳﯧـﺮﯨﻢ ﻛـﯧﭽﻪ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﻮﻓﯧﺘـﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺗﻪﺑـﺮﯨﻜﻠﻪپ ،ﺳـﯚﻳﯜپ، ﻗﯘﭼﺎﻗﻼپ ،ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﭘﺎﺷﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ .ﺷﯘ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗـﻮﻳﻼﺭ ﺳـﻮﻳﯘﻟﯘپ ،ﺋﯘﻳﻘـﯘﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﺗﯜپ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﺎﺷـﺘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺗﻪﻧـﺘﻪﻧﻪ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﭘﺎﺷﺎﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩـﯔ ﻗﯧـﺸﯩﺪﯨﻤﯘ »ﺑﺎﺭﯨﻜـﺎﻟﻼھ ﺋﻪﺯﯨـﻤﻪﺕ ﻳﯩﮕﯩـﺘﻠﻪﺭ! ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭ ،ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﺭەھﻤﻪﺕ ،ﻳﺎﺷﺎﯕﻼﺭ! ﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ! ﻳﯩﮕﯩـﺖ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﺋـﺎﭘﯩﺮﯨﻦ!« ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋـﺎﻟﻘﯩﺶ ﺳـﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨـﺪﻯ .ھـﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧـﺪە ﺑـﯘ ﺋـﯜچ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍھﯩﺪﺟﺎﻥ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﻣﯘﻛﻪﺭﺭەﻣﻪﻧﯩﯔ ﻓﻪﻳﺴﻪﻝ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯦﺘﻰ ﺋــﻮﺕ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ،ﺋــﻮﻕ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﻳــﯜﺭﮔﻪﻥ ﺷــﯘ ﻛــﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩە ﺗﻮﺳــﺎﺗﺘﯩﻦ»ﻧﯩﻜــﻮﻻﻱ ﻧﯩــﯔ ﺋــﻮﻏﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘــﯘﺩەﻙ، ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻤــﯘ ﺑﯩﻠــﻠﻪ ﺋﯩﻤﯩــﺶ« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘــﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﺍﻟــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺧﻪۋەﺭ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩــﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐــﺎ ﻳﻪﺗﺘــﻰ .ﺑﯩــﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ۋە ﺑﯩــﺮ ﺧــﺎﺗﯘﻥ ﺳــﻪﻻھﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑــﯘ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺋﻮﺭﯗﺳــﻨﯩﯔ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷــﯩﻐﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯘﻕ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ -ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋـﺎﺩەﻣﻨﻰ ﺑـﯘ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﻮﺭﯗﺳـﻨﯩﯔ ﺋﯩـﺶ- ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ .ﺋﯩﻜﻜﻰ -ﺋﯜچ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗـﯘپ ﺗﯩﺮﮔـﺎۋ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯘﻏﺮﺍﺳﯩﺪﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻘﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ،ﻣﻪﺧـﺴﯘﺱ ﺑﯩـﺮ ﺑﯩﻨﺎﻏـﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﮔـﺎۋ ﺑﺎﺷـﻼﻧﺪﻯ .ﺗﺎﺭﮔـﺎۋﺩﺍ ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﻧﻪﺩﯨـﻢ ﺑﯧﻜﻤـﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺗﯩﺮﮔﺎۋ ھﻪﺭ ﻛـﯧﭽﻪ ﺗـﺎڭ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﻐـﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﺩەۋﺍﻣﻼﺷـﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺋﻪﺭ -ﺧﻮﺗـﯘﻥ ﺑﯩـﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳـﺪﯗ. ﺗﯩﺮﮔــﺎۋ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩــﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩــﺸﯩﺪﯨﻦ »ﻣﻪﻥ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﻧﯩﻜﻮﻻﻳﻨﯩــﯔ ﺋــﻮﻏﻠﻰ .ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺭﯗﺳــﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩــﭗ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ .ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﺋﺎﻳﺎﻟـﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟـﺴﺎ »ﻣﻪﻥ ﺭﺍﺳـﺘﻼ ﺷـﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩـﯔ ﺋﺎﻳـﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﻧﯩﻜﻮﻻﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺟﺎۋﺍﺑﻘـﺎ ﺋﯧﺮﯨـﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻱ ھﻪﭘـﺘﯩﻠﻪپ ﺋـﺎۋﺍﺭە ﺑﻮﻟـﺪﯗﻕ .ﺑـﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪھﺪﯨﺖ -ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﺷﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭﻗﯩﻠﻐﯩﻠـﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻏﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺋـﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑـﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩـﻴﻠﻪﻥ ھﯚﻝ ﭼﯩﯩﯟﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺯﺍ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﻟـﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺴﯩﺪە ﺑﺎﺷـﺘﺎ ﺋﺎﻳـﺎﻝ ﺋﯩﻘـﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺋﯩﭙـﺎﺩە ،ﺋﯩﻤﺰﺍﺳـﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩــﭗ ﺗﯩﺮﮔــﺎۋ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠــﺪﻯ .ﻧــﯚۋەﺕ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺋــﯘ ﺑــﯘ ﺟﺎﺯﺍﻏــﺎ ﭘﯩــﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﯩــﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩــﯔ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭﻧﺎﻣﯩــﺴﻰ ﺋﻮﻗــﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩــﭗ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳــﺖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﯩــﺴﻪ ،ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻤــﯘ ،ﺋﺎﻳــﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨــﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜــﻰ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻘــﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺳــﯩﺮﻧﯩﻰ ﭘــﺎﺵ ﻗﯩﻠــﺴﺎ ،ﺋــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﯩﻐــﺎ ﺋﺎﻣــﺎﻥ -ﺋﯩــﺴﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩــﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﻳــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ 68
www.uyghurweb.net ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯩﻘﺮﺍﺭﻧﺎﻣﯩﻐـﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧـﺪﺍ ،ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩـﺴﻰ ﺭﯗﺱ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺑــﺎﻛﯘﺩﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻼپ ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺳﯘﺳــﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩــﺪﺍ ﺋﯩــﺸﻠﻪپ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﻤــﯘ ﺭﯗﺳــﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺩەﻝ ﺷــﯘ ﻧــﺪﺍﻕ ۋەﺯﯨﻴــﭙﻪ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠــﮕﻪﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ﺑــﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟــﯘﻕ ﺗﯩﻠــﺨﻪﺕ ،ﺋﯩﻤــﺰﺍﻻﺭ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﻪﺭﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﮕﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯘﻗﯘﻧﯘپ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺭﯗﺱ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ،ﻳﯜﺳﯜپ ﺟﺎﻥ ﻣﯩﯖﺒﯧﺸﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺑـﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍﺳـﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩـﭻ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻨﻰ ﻗـﯘﺭﺩﻯ .ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩـﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻛﻮﭼـﺎ -ﻛـﻮﻳﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨـﺪە ﺋـﺎﻕ ﺭﯗﺳـﻼﺭﻣﯘ ﺑـﺎﺭ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘـﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﺍﻟﺪﻯ .ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺗﻪﻛـﺸﯜﺭﯛپ ﻛﯚﺭﯛﻟـﺪﻯ .ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪەﻙ ،ﺋـﯘﻻﺭ ﺑـﺎﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﭼﯩﻘﺘـﻰ. ﺳـــﺎﻧﻰ 12ﻧﻪﭘﻪﺭ .ھﻪﻣﻤﯩـــﺴﻰ ﺩﯦﮕـــﯜﺩەﻙ ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧـــﺸﺎﺵ ﻓﻮﺭﻣﯩـــﺪﺍ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭙﺘـــﯘ .ﺋﻪﻣﻤـــﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﻼۋﻳﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﯗﺳـﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜـﻰ ﻣﺎﻧـﺎ ﻣﻪﻥ ﺩەﭘـﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧـﺪﺍ ،ﺋـﯘﻻﺭ ﻗﯩﺰﯨـﻞ ھـﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑـﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻧﯩﻜـﻮﻻﻱ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋـﺎﻕ ﺭﯗﺳــﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑــﻮﻻﺭﻣﯩﺶ ،ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺭﯨﺠﯩــﻢ )ﺗــﯜﺯﯛﻡ( ﺩﯨــﻦ ﺑﯩــﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻳﯧﯖــﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐــﺎﻥ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳــﯩﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﭘــﺘﯩﻤﯩﺶ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﻣﻤﯩــﺴﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋــﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳــﺴﻰ ﭼﯧﮕــﺮﺍ ۋە ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻼﺭ؟ ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎۋﺍﺑﻰ» :ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩـﭗ ﭘــﺎﻣﯩﺮ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯧــﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟــﺪﯗﻕ« ﺩﯦﮕﻪﻧــﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒــﺎﺭەﺕ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ھﻪﻣﻤﯩــﺴﻰ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩــﺪﺍ ﺳــﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺘﯩﻚ ،ھﯘﺷﻴﺎﺭ ،ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩـﺪﯗ ،ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩـﻴﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮔﻪپ -ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩـﺮ ﻛـﯜﻧﻰ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﭼــﺎﻗﯩﺮﺩﻯ .ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐــﺎ ﻛﯩﺮﯨـﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋــﻮﺭﺩﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩـﺪﺍ ھﯧﻠﯩﻘــﻰ ﺋـﺎﻕ ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﻰ ﻛــﯚﺭﺩﯛﻡ .ھﻪﻣﻤﯩــﺴﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧــﺪﺍ ﻛﯜﺗــﯜپ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﻗﯩﻴــﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻳﯧﻨﯩــﺪﺍ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺑﻪﺗــﻠﻪپ ﺗﯘﺭﯗﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ » :ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﻗﯩﻨﻰ؟« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﻛﻮﻣﺎﻧـﺪﯨﺮ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺑﯩـﺮ ﺧﯩـﻞ ﺋﯩﻼﺟــﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎھﺎﯕﯩــﺪﺍ» :ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﻗــﻮﻝ ﺗﻪﭘﻜﯩــﺪە ﺗﯘﺭﺳــﯘﻥ ،ﺋــﺎﺕ ﺩﯦﮕﻪﻧــﺪە ﺋــﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﺴﯩﺰﻟﻪﺭ ،ﺩەپ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯧــﺮﯨﻠﮕﻪﻥ« ﺩﯦــﺪﻯ )ﺋــﯘﻻﺭ ﺋــﺎﺩەﺗﺘﻪ ﺭﯗﺳــﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩ ـﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳــﻪ ﺑﯩــﺮﺩﯨﻨﻼ ﺧﯘﺩﯛﻛــﺴﯩﺮەپ ،ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﻣﯘﺋــﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨــﺸﺎﺗﺘﻰ( .ﺋﯩﭽﻜﯩــﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩــﺮﺩﯨﻢ .ﺋﻪﺳــﻠﯩﺪە ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩــﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧـﻤﻪﻥ .ﺳـﯚھﺒﻪﺕ ﺑﺎﺷـﻼﻧﺪﻯ .ﺳـﯚھﺒﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﺳـﯜپ ﺟـﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﻧـﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩـﺸﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤـﺎﻱ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﺑﯘﻻﺭ ﮔﻪپ ﻳـﻮﻕ ﺋـﺎﻕ ﺭﯗﺳـﻼﺭ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩـﺪە ﭼﯩـﯔ ﺗـﯘﺭﺩﻯ .ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺑﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺷـﯜﺑﻬﻪ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐــﺎ ﭘﻪﺭۋﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩــﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨــﻰ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋــﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ھﻪﺯەﺭ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻛــﺘﻪ ﻳــﻮﻕ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩــﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨــﺪﺍ ﻛــﯚﺭﯛپ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧــﺪﺍ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳــﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛۋﺍﺗﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠــﺪﯗﻕ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻣﯩﯖﺒﯧــﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑــﯘ ﺧﺎﺗــﺎ ھﻪﺭﯨﻜﯩــﺘﯩﮕﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ،ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ھﻪﺭﻗــﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﮔﺎھﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷــﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳــﺪﺍ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳــﺘﯩﻦ ،ﺋــﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺟــﺎھﯩﻼﻧﻪ ﭘﯩﻜﺮﯨــﺪە ﭼﯩــﯔ ﺗﯘﺭﯗۋەﺭﺩﻯ .ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻐﺎ» :ﺑﯘ ﺋﺎﻕ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﺎﻕ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯘﻻﺭ ھﺎﻣـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻻﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺑﯘﻻﺭ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ« ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ،ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑـﯘ ﮔﻪﭘـﮕﻪ ﻗـﯘﻻﻕ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩـﺪﻯ. ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼپ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑـﺎﺭﺍ -ﺑـﺎﺭﺍﺭ ﺋـﯚﺯ ﺋـﺎﺭﺍ ﺋﯩـﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻳـﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺳﯘﺳـﻠﯘﻕ ﺗـﻮﺭﻯ ﺋـﻮﺭﺩﺍ ﺋﯩﭽﯩﮕﯩﻤـﯘ ﻳﯧﻴﯩﻠـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ﺳـﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ 69
www.uyghurweb.net ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩــﺮﻯ ﺋﻪﻧﺪﯨــﺸﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷــﺘﻰ .ﺋــﺎﺧﯩﺮﻯ ﻛﯜﺗــﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪۋﭘﻨﯩــﯔ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻨﻰ ﺋــﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋــﯘﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺮ ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ھﻪﺭﯨــﻜﻪﺕ ﻻﻳﯩﻬﯩــﺴﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟــﯜپ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ھﯘﺯﯗﺭﯨﻐــﺎ ﺳــﯘﻧﯘﻟﺪﻯ .ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﻛــﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨــﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻻﻳﻬﯩﻨــﻰ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷــﻘﺎ ﻗﻮﺷــﯘﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺯﯨﻴــﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟــﺴﻪ ،ﺩﺍﺋﯩــﻢ ﺩﯦﮕــﯜﺩەﻙ ﺋﯩﭽﯩﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻦ -ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻜﻰ ھﯘﺟﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻪﺩﻳﺎﻟﻐﺎ ﻳﯚﮔﯜﻧﯜپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗۋﯨﻠﯩـﭗ ،ﻧﻪﭼـﭽﻪ ﻛـﯜﻧﻠﻪپ ھـﯧﭻ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷــﻜﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯘﻣــﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩــﺮﻯ ،ﺯﯨﻴــﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺑــﯘ ھــﺎﻟﻨﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪە ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩـﯔ ﺑﯩـﺮ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟـﯘﺵ ﺳـﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺧﯩﻠﯟەﺕ ھﯘﺟﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜپ ،ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻼﻥ -ﻻﻳﯩﻬﯩﻨـﻰ ﺋﺎﺭﯨﻐـﺎ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪﯛﻡ .ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﺑﻮﻟـﺴﺎ» :ﺋﯩﻘﯩﻼﺑﻨـﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨـﺪﺍﺵ ﻗﯧﻨﯩﻨـﻰ ﺗﯚﻛﻤﻪﺳـﺘﯩﻦ، ھﯧﭽﻜﯩﻤﻨـﻰ ﺭەﻧﺠﯩﺘﻤﻪﺳـﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﯧـﺮﯨﺶ ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﺋﻪڭ ﭼـﻮڭ ﺋـﺎﺭﺯﯗﻳﯘﻡ« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺟـﺎۋﺍﺑﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﻣﻪﻥ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﯨﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩەپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯧﻜـﺎﻳﯩﻠﻪﺭ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ .ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﻣﯩـﺮﺯﺍ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺑﯩـﺪﯨﻠﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨـﺸﺎھ ﺋﻪۋﺭەﯕﺰﯨﺒﻨﯩـﯔ ﻧﺎﻣﯩـﺪﯨﻦ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗــﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩــﺪﺍ ﺋــﺎﺯ -ﺗــﻮﻻ ﻗــﺎﻥ ﺗﯚﻛﯜﻟﻤﯩــﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣــﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺗﯚۋەﻧــﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘپ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ: ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ھﯘﻟﯩﺪﯗﺭ ﻗﻪھﺮ -ﻏﻪﺯەﺏ، ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯜﻟﻤﻪﻱ ﺑﯘ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺱ ھﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷـﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﯩﻼﻧﻨﯩـﯔ ﺧﻪۋﯨـﺮﻯ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﯩﻤـﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺩەﺭﻏﻪﺯەپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺗـﻮﻧﻨﻰ ﺗﻪﺗـﯜﺭ ﻛﯩﻴـﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩەﺳـﻰ ﺳـﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﯩـﺮ ﺩﯨـﻨﻼ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ،ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺕ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﻟﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺩەﺭﺩ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺑﻮﻟـﺪﻯ. ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧــﺮﻯ ﺷــﯘ ﺑﻮﻟــﺪﯨﻜﻰ ،ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺭﯗﺱ ﺟﺎﺳﯘﺳــﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﻮﻻﻳﻨﯩــﯔ ﺋــﻮﻏﻠﻰ ۋە ﻛﯩﻠﯩﻨــﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺪﯨﻦ -ﺗــﻮﻏﺮﺍ ھﯘﺩﯗﺩﯨﻤﯩﺰﻏــﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻛﯧﻠﯩــﺸﻰ 12 ،ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻣــﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩــﻖ ھﺎﻟــﺪﺍ ﺑــﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻥ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩــﺪﺍ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﺳــﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯗﺷــﻰ ۋە ﺋﯘﻧــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺑﯩــﺰ ﺑﯩﻠﻤﯩــﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩـﺪﯗﺭ .ھﻪﺭ ھﺎﻟـﺪﺍ ﺷـﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷـﯩﻨﯩﭗ ﺋـﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗﻛﻰ ،ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ھﻪﺭ ﺧﯩـﻞ ﻳـﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖـــﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـــﺎﻥ ﺷـــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـــﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨـــﻰ ﻳﺎﺷﺎﺗﻤﺎﺳـــﺘﯩﻦ ،ﺑﯚﺷـــﯜﻛﯩﺪەﻻ ﺑﻮﻏـــﯘپ ﺗﺎﺷﻼﺷـــﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘۋﺍﺗــﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺩەﺭﯨﺠﯩــﮕﻪ ﭼﯜﺷــﯜپ ﻗﯧﻠﯩــﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪﻻ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧــﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳــﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻡ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ھﺎﻻﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ھﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻜﻰ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺗﯘﺭﯗپ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻐﯩﻦ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﺘﯘﺭ، ﺑﯘ ﭼﯩﮕﯩﺶ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻗﻰ ﺑﻪﺳﻰ ﺗﻪﺳﺘﯘﺭ. ﺋﻪﺯەﻟــﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺰ ﻧﯩــﯔ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩــﻚ ﺩﯛﺷــﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺟﺎھــﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﻟــﺪﻯ ،ھﻪﻗﯩﻘﯩــﻲ ﺩﯛﺷــﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺷــﯘ ﺟﺎھــﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺟﺎھــﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘــﺎ ﺗــﯜﺭﻙ ۋەﺗﻪﻧﭙﻪﺭۋﯨــﺮﻯ ﺋﺎﻛﯩﻔﺒﯧﻜﻨﯩــﯔ ﻣﯘﻧــﯘ ﻣﯩــﺴﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ -ھﻪ! ﺋﻪﻱ ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﺳﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ، 70
www.uyghurweb.net
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﻏﻪﻳـﺮەﺕ -ﺷـﯩﺠﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟــﺪﻯ .ﺑﯩــﺮﺍﻕ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜــﻰ ﻛــﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺑــﯘ ﺋــﺎﺩەﻣﻤﯘ ﻧــﯧﻤﻪ ﺳــﻪۋەﺑﺘﯩﻨﺪﯗﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨــﭗ ﺋﻪﻳــﺶ -ﺋﯩــﺸﺮەﺕ، ﻛﻪﻳﭗ -ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ،ﺧﻮﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚچ -ﺗـﯚﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ،ﺋﻮﻳـﯘﻥ ﻛـﯜﻟﻜﻪ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ،ﮔـﺎھ ﻣﻪﻱ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ،ﮔـﺎھ ﻧﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﻮﺷﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻣـﯘ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧـﺪەﻙ ﺋﻪﻓﻴـﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩـﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩـﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺋـﯘﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﯘﺭ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺭەھﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ .ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩـﺸﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗـﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷـﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭە ،ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﯧﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷـﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ھﻪﺭﻗﺎﻳـﺴﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻼﺭ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯨــﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨــﺸﺘﻰ .ﺋﻮﺳــﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟــﻰ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺑــﯘﻧﻰ ﺗﯘﻳــﯘپ ﻗﯧﻠﯩــﭗ ﻗــﻮﻝ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧـﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﯧﻜﻨﯩـﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐـﺎ ﺑﯩﻨـﺎﺋﻪﻥ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟـﻰ ﺗﺎﻏﻘـﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻓﻴﯘﻧﻜﻪﺵ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟـﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﯖﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳـﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷـﺘﻰ .ﺷـﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺷﻤﻪﺗﻤﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ،ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ -ﻣـﯜﻟﻜﻰ ،ﺋـﻮﻕ -ﺩﻭﺭﺍ ،ﻗـﻮﺭﺍﻝ -ﻳـﺎﺭﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯜﻟﻤﻪﺳـﺘﯩﻦ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟـﯜپ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐـﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﻠـﺪﻯ. ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﯧﻜﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﮕﻪ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﺑـﺎﻍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ھﻮﻳﻠﯩﺪﺍ ﺋـﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩـﺮﻯ ۋە ﺧـﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﯗﺷـﻘﺎ ﺭﯗﺧـﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩـﭗ ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧــﺪ ﺋﺎﺳــﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﻣﯘﻧــﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ،ﺋﻮﺳــﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩــﯔ ﻗﺎﻧــﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻟﯘﻧــﯘپ ﺋﯘﭼﺎﻟﻤــﺎﺱ ھﺎﻟﻐــﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯜﻟﺪﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩـﭗ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ۋە ھﻪﺭﺑﯩـﻴﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺑـﺎﺵ ﻗﻮﺷﯘﺷــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩــﺰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﻪﺩﻯ ﭘﺎﻧــﺴﻪﺩ ﺗﯘﺗﯘﻟــﯘپ ﺷــﯘ ﻛﯩﭽﯩــﺴﻰ ھﯧﻴﺘﮕــﺎھ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩــﺪﺍ ﺩﺍﺭﻏــﺎ ﺋﯧﺴﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ 9ﻣﺎﺩﺩﺍﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﺒﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩە ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﺨﺎﻟﯩﻖ ﭘﺎﻧـﺴﻪﺩﻧﯩﯔ ﺋـﯚﺯ ﺑﯧـﺸﯩﻤﭽﻰ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩـﺮﻯ ،ﺋﻪھـﺪە- ﭘﻪﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩــﭗ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩ ـﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐــﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗــﺴﯩﺰﻟﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﺰﯨﻠﯩــﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺧﺎﺗــﺎ ﻗﯩﻠﻐـــﺎﻥ ھﻪﺭﻛﯩـــﻢ ﺋـــﯚﺯ ﺧﺎﺗـــﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩـــﺪﯗ .ﺋﺎﺑـــﺪﯗﻟﺨﺎﻟﯩﻖ ﭘﺎﻧـــﺴﻪﺩﻣﯘ ﺋـــﯚﺯ ﺧﺎﺗـــﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧـــﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﭼـــﻜﻪ، ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯛﺷﻰ ﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗـﯘپ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩﭽﯩـﺪە ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩـﭗ ﻳﯧﯖﯩـﺴﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﻧ ـﯘﺭ ﺋﻪھــﻤﻪﺩﮔﻪ ﺳــﯩﻐﯩﻨﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺋﯩــﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﻧــﯘﺭ ﺋﻪھــﻤﻪﺩﻛﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺨﺎﻟﯩﻖ ﭘﺎﻧﺴﻪﺩ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﯘپ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﻧـﯘﺭ ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﻣﻪﻛﺘـﯘپ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐـﺎ ﺑﻨـﺎﺋﻪﻥ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﺨﺎﻟﯩﻖ ﭘﺎﻧــﺴﻪﺩﻧﯩﯔ 300ﺩﯨــﻦ ﺋــﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳــﻜﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪﺳــﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟــﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﺨﺎﻟﯩﻖ ﭘﺎﻧــﺴﻪﺩﻧﻰ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺗﯘﺗﻘــﯘﻥ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺧــﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩــﺪﻯ .ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﺨﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺧــﺎﺋﯩﻦ ﺩەپ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻپ ،ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﯩﺮﻧـﯘﺭ ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﺑﻮﻟـﺴﺎ، 71
www.uyghurweb.net ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺋﯚﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘـﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﯩـﺰ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣـﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﯩـﺪەﻙ ﺗﻪﺳـﯟﯨﺮﻟﻪپ ﺑﯧــﺮﯨﺶ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻏــﺎﻳﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ .ﺷــﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛــﯚﺭە ،ﺋﻪﻟــﯟەﺗﺘﻪ ﺋﯘﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻣــﯘ ھﺎﺩﯨــﺴﻪ ۋە ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘــﺎ ﻳــﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺵ ﺗﯘﻳﻐــﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩــﺪﺍ ،ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﻏﺎﻧــﺪەﻙ ،ﺋــﯚﺯ ﻛــﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﯘپ ،ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐـﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟـﺴﻪ ﻛﯧـﺮەﻙ .ﺷـﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﻪﺭﻛـﻰ ﭘﻪﺳﻠﺪە ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ. ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟــﯘپ ھﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﻰ ﻧــﺎﺯﺍﺭەﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸــﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺷــﯘ ﻗﺎﺗــﺎﺭﺩﺍ ھﻪﺭﺑﯩــﻴﻪ ﻧــﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻤﯘ ﻛﯩﭽﻪﻳﯘ -ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺟﻪڭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏـﺎ ﻳـﺎ ﺗﻪﺳـــﻠﯩﻢ ﻳـــﺎ ﺋﯚﻟـــﯜﻡ ،ﺩەپ ﺗﻪھـــﺪﯨﺖ ﺳـــﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖـــﻰ ﺷـــﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺗـــﯚﺕ ﺗﻪﺭەﭘـــﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺷـــﺎپ ﺋﺎﻟﻐـــﺎﻥ ﺋﯩـــﺪﻯ. ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪڭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﺧﻪﺗﻪﺭﭼـﻰ« ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺗﻪھـﺪﯨﺖ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻛــﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ،ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻐــﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﺎﻣــﺎﻥ ﻗﻮﻳﻤﯩــﺪﻯ .ﺷــﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣــﺎﻝ ﺩﺍۋﺍﻡ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ .ﮔﺎھﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺯﯗﻕ -ﺗﯜﻟـﯜﻙ ۋە ھﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺋـﻮﺕ -ﺧﻪﺱ ﺗـﻮﭘﻼﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺳــﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﭼــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺩەھــﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳــﺘﻠﻪﺭﺩە ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺗﻮﭘﻠﯩﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﻪﺯﯨـﺪە ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەپ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨـﺸﯩﭗ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻤـﺎ ﺟﻪڭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﯧﺘﯩـﭗ ،ﻗﯩﻠﯩﭽـﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗـﺎﻧﻼﺭ ﺗﯚﻛـﯜﻟﻪﺗﺘﻰ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩــﻚ ﻛــﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘــﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘــﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺧــﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﻣﯜپ ،ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﻪڭ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺧــﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺑــﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨــﺴﻰ ﺋﺎﻛﯘﭘﻼﺭﻏــﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩــﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﻪﺯﯨــﺴﻰ ﭼــﻮڭ ﺩەﺭەﺧﺘﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺩﺍﻟﺪﯨــﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﻮﻏـﯘﺭﻻپ ﻳﯜﻛـﺴﻪﻙ ھﯘﺷـﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ۋە ﺗﯩﺘﯩﻜﻠﯩـﻚ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯗﺷـﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻛﯘﭘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺋـﯚﻟﮕﻪﻥ ۋە ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼپ ھﺎﺭۋﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯘﻕ .ﻗﺎﻳﺘﺎﺭ ﭘﻪﻳﺘﯩﻤﯩﺰﺩە »ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼھ ﻳﯩﮕﯩـﺘﻠﻪﺭ ،ۋەﺗﻪﻧـﮕﻪ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ ،ﺋـﺎﻟﻼھ ﻣﺎﻧـﺎ ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩـﺸﺘﯩﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻗﯘﺗﻠـﯘﻕ ﺷﻪۋﻗﯩﻴﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﯘ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯘﻕ: ﺑﻪﻟﻪﻧﺪ ھﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻤﻪﺳﺪﯗﺭ ﻣﯘﺋﺘﻪﺑﻪﺭ ۋﯨﺠﺪﺍﻥ ﻗﺎﺷﯩﺪﺍ ﺭﻭﻱ ۋە ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯧﺴﻪڭ ھﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﯘﯕﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻞ، ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﭘﯩﺸﻪ ﻗﯩﻞ ،ﻛﯜﻟﺴﯘﻥ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﯘ -ﺳﻪھﺮﺍﺳﻰ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺗﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪھﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘپ ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﻪڭ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺟﻪڭ ﺑﯩــﺮ ھــﺎﺯﺍ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷــﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﺑﯧــﻚ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩــﺴﻤﻰ ﭼﯩﻜﯩﻨــﺪﻯ. 72
www.uyghurweb.net ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩــﺪﯨﻦ ﻗــﻮﻏﻼپ ﻗــﯘﻡ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻐــﺎ ﻳــﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺋﯚﺯﺑﯧــﻚ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧـــﺪﺍﻧﻰ ﺋﺎﺑـــﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﺷـــﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـــﯔ ﻳﻮﺗـــﺎ ﻗﯩـــﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋـــﻮﻕ ﺗﯧﮕﯩـــﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩـــﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻐـــﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤـــﺎﻱ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩــﺮﯨﮕﻪ » :ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩــﭽﻪ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﻤــﯘ ﺳــﺎﻕ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣــﺎﻱ ھﻪﻣﻤﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺟﯘﻗﺘــﯘﺭﯗپ ﺗﺎﺷﻼﯕﻼﺭ!« ﺩەپ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋـﯜﭼﻜﻪ ﺑﯚﻟـﯜپ ،ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻨﻰ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣـﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﺟﯧﯖﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ،ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺑـﺎﻍ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻦ ﻳـﯜﺭﯛپ ﻣﻮﻳﺘﯘﯕﺰﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳـﯘﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﭘﯩـﺴﺘﯩﺮﻣﺎ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺗﯘﺭﯗﺷــﻘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩــﺪﻯ .ﺷــﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘــﺎ ﺑﯘﻻﺭﻏ ـﺎ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠــﮕﻪﻥ ﻳــﺎﺭﺩەﻣﭽﻰ ﻗﻮﺷــﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﻗﻮﺷــﯘﻟﯘپ ،ﻗﻮﺷــﯘﻧﻨﻰ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧــﺮﯨﺶ ﺋﯜﺳــﺘﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩــﮕﻪ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ۋﺍﻗﯩﺘﻨﯩــﯔ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﺷــﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩــﺸﯩﭗ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺷــﻤﯘ ﺗــﯜﺵ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨــﺸﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷــﻠﯩﻖ ﺑﯧــﺮەﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻜﯩﻨﺪﻯ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺑﯘﻻﺭ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻣﻮﻳﺘﯘﯕﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺷـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﭘﯩﺴﺘﯩﺮﻣﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﺩەھـﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ھﯘﺟﯘﻣﯩﻐـﺎ ﺋـﯘﭼﺮﺍپ ﻛـﯚپ ﻗﯩـﺴﻤﻰ ﻗﯩﺮﯨـﭗ ﺗﺎﺷـﻼﻧﺪﻯ ۋە ﺋﻪﺳـﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ .ﻛﯧﺴﻪﻟﺨﺎﻧﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﻣﻪﻳـﺪﺍﻥ ﻛﯧﺰﯨـﭗ ﻳــﯜﺭﯛپ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐــﺎﻥ ﺋﯚﻟــﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﻣــﺴﻪ ،ﻳﺎﺭﯨــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩــﺴﻪﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪڭ ﺩﺍۋﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟـﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋـﯚﺗﺘﻰ .ﺑﯩـﺰ ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺋﺎﺑـﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋـﺎﻛﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﺯﺑﯧﻜﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎھﯩﺪﯨﻦ ﻳـﯚﺗﻜﻪپ ﻛﯩـﺴﻪﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﺩﯗﻕ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺗﻪﻛـﻜﻪﻥ ﺋـﻮﻕ ﮔﯚﺷـﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯚﺷــﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘــﺎ ،ﻳﺎﺭﯨــﺴﻰ ﺋــﯘﻧﭽﻪ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩــﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻳﺎﺭﯨــﺴﻰ ﺗﯧﯖﯩﻠﯩــﭗ ،ﻣــﻮﺭﻓﯩﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎھﻘﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﻟﺪﻯ. ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﺟﺎھﯩـــﺪﻻﺭ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺋﺎﺭﯨـــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺮﻛﯩـــﺸﯩﺶ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻥ ﺷـــﯘ ﻛـــﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺗﯘﯕﮕـــﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩــﺮ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟــﺪﺍﺭﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩــﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺋﺎﺭﯨــﺪﺍ ﺳــﯜﻟﻬ ﺋــﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺳﯜﻟﻬﯩﮕﻪ ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗـﺪﯨﺮﺩە ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷـﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺳـﯚھﺒﻪﺕ ۋەﻛﯩﻠـﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩـﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷـﯘﻟﺪﯗﻕ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋـﺎﺩەﻡ ﻛﻪﻟـﺪﻯ. ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺩﺍۋﺍﻣﯩﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺳﯜﻟﻬ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮەﺳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ،ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ 6 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻟﯩﺒﯩﺪە ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺋﯩﺰﭼﯩـﻞ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷـﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﭼﻪ ﺗﺎﻻﺵ -ﺗـﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋـﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺑـﺎﺭﺍۋەﺭ ھﺎﻟـﺪﺍ 4ﻧﻪﭘﻪﺭﺩﯨـﻦ ۋەﻛﯩـﻞ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﺸﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩــﺸﯩﻠﺪﻯ .ﺳــﯚھﺒﻪﺕ ﺋــﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷــﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺋــﯘﻻﺭ ﺋــﯚﺯ ﻛﺎﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩــﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷـﺘﻰ .ﺑﯩـﺰ ﺋﯘﻧﯘﻣﯩﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺋـﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺴﯘﻥ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨـﺮﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﻳﻪﺭ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩە ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯘﻣﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻱ ،ﺑﯘ ﺳـﯚھﺒﻪﺕ ﺋـﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﺧـﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺘﻪﺭەپ ﺑﯩـﺮ ﺟﺎﻳـﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﯛﺵ ﭘﯩﻜﺮﯨـﺪە ﭼﯩـﯔ ﺗﯘﺭﯗﺷــﺘﯘﻕ .ﺑــﯘ ﻣــﯘﺯﺍﻛﯩﺮە ﺋــﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩــﺰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻮﻧــﺎ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەپ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩـﺮﻯ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩـﻚ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻗﻮﻏــﺪﯨﻨﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐــﺎﻥ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩــﺸﯩﭗ ﺳــﯚھﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷــﺘﻰ .ﺳــﯚھﺒﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐــﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﺏ ﻣﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟــﺪﻯ» :ﺋــﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺳــﯜﻟﻬ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩــﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩــﺸﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺗﻪﺭەپ ﺗﻪڭ ﺋﯜﺳــﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋــﺎﻟﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯘﻧﯩﯖــﺪﺍ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﺗﻪﻟﯩــﻢ -ﺗﻪﺭﺑﯩــﻴﻪ ،ﺟﻪڭ 73
www.uyghurweb.net ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻗـﻮﺭﺍﻝ-ﻳـﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻗﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ﺋﯘﻧـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣـﯜﻟﻜﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑـﯘ ﻳﻮﻟـﺴﯩﺰ ﺗﻪﻟﯩـﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘـﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺭەﺩﺩﯨﻴﯩﻤﯩـﺰ ﻣﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ» :ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨـﻰ ﺋﯩـﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﭘﯜﺗـﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺋﯩـﺸﻰ .ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏـﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﻭﺳﺖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺩﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ،ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ،ﺋـﯘﻻﺭ ھـﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰﻧـﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﻪﺭﺗـﺴﯩﺰ ھﺎﻟـﺪﺍ ﻳـﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻜـﺎﺭﻻپ ﺋـﯚﺯ ﻳـﯘﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﮔﻪﻧـﺴﯘﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩــﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧــﺮەﻙ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﯩــﺴﺎ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳــﺘﺎﻧﻪ ﺋــﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺵ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩــﺸﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻛﯚﻧﻤﻪﻳــﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻜﻰ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗــﻮﺭﺍﻝ -ﻳــﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﺋﯩـﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩـﭗ ﺧﻪﻟـﻖ ﺗﻮﭘﯩﻐـﺎ ﻗﻮﺷـﯘﻟﯘپ ﺗﯩـﻨﭻ ﺗﯘﺭﻣـﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳـﻪ ،ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺋﯚﺯﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ھﻮﻗـﻮﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﺗـﺎﻕ ﺑﻪھـﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺧــﺎھﻼپ ﻗﺎﻟــﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩــﻚ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩــﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯖــﺪﺍ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩــﻼ ﺗﻪﺭەپ ﺋﻪﺭﻛﯩــﻦ ﺗﺎﻟﻼﺵ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ«. ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺟﯧﻨﻰ ﭼﯩﻘﻘﯘﺩەﻙ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﮕﻪ ﻛﯚﻧﻤﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﻟﻬ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﺳﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷـﺘﻰ .ﺧﯘﻻﺳـﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧـﺪﺍ ،ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ھﻪﺭﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﺩە ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﻗﻮﺭﺍﻟﻨﯩـﯔ ﮔﯧﭙـﻰ ﭼﯩﻘـﺴﯩﻼ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەپ ﺑﯩــﺮ -ﺑﯩــﺮﯨﮕﻪ ھﻪﺭﮔﯩــﺰ ﻳﯩﻘﯩﻨﻠﯩــﺸﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻟﯩﻤــﯘ ھﯘﺷــﻴﺎﺭ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤــﯘ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﺗﻪﻟﯩــﻢ -ﺗﻪﺭﺑﯩــﻴﻪ، ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩــﺰﺍﻡ ﺗﻪﺭەﭘــﻠﻪﺭﺩە ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻜﺘــﯘﺭ .ﺷﯘﯕﻼﺷــﻘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ ،ﺋــﯘﻻﺭ ھﻪﺭﺩﺍﺋﯩــﻢ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩــﺰ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ھــﺎﻛﯩﻢ ﻣﯩﻠــﻠﻪﺕ ،ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺵ ﻳــﯘﺭﺕ ﺳــﻮﺭﺍپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺒﯩــﺰ ،ﺩەپ ﺑﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩــﻚ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺋــﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩــﺪە ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﻏﺎﻳﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗــﯘﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺴﺎ ،ﺋﺎﻟﺘﻪﺷــﻪھﻪﺭﺩە ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩــﯔ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﯜﻟﻬﯩﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨـﺪﯨﻦ ﺋـﺎﻻﻗﻪ ﺷـﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﺋـﺎﺭﺍ ﺧﻪﺕ ﻳﻮﻟﻠﯩﺸﯩﺸﻼﺭ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋـﯚچ -ﺗـﯚﺕ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ۋە ﻗﻮﻏــﺪﯨﻐﯘﭼﻰ ،ﻣﯘﺷــﺎۋﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷــﺘﯜﺭﯛپ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﻯ ﺋﯩــﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺯﯦــﺮەﻙ ﺑﯩــﺮ ﺋــﺎﺩەﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻗﺴﺎﻕ ،ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ھﻪﻣـﻤﻪ ﺋﯩـﺸﻨﻰ ﺳـﯜﻟﻬ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﻳــﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻣــﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗــﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﺮﻻﺭﻧﯩــﯔ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌــﺎﺩﺩە ﻳﯩﻐﯩﻨــﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠــﺪﻯ .ﻳﯩﻐﯩﻨﻐــﺎ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻖ ھﻪﺭﻗﺎﻳــﺴﻰ ﻧــﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ،ﭼــﻮڭ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩــﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﺳــﯚﺯ ﺋﺎﻟــﺪﻯ .ﺋــﯘ ﺳــﯚﺯﯨﺪە ﺭەﺋﯩــﺲ ﺟﯘﻣﻬــﯘﺭ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺷــﻪھﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﻟﭽــﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻨﻰ ﻛــﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ،ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳـﺎﻻﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩــﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋــﺎﺭﺯﯗ -ﺋﯜﻣﯩــﺪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠــﺪﯛﺭﯛپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦــﺪﻯ» :ﻏــﺎﺯﻯ ﺋﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ :ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻧـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﺋـﯘﺭﯗﺵ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺋﻪھــﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺪﻯ .ﺑﯩــﺰ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻕ ،ﺳــﯘﻟﻬﭙﻪﺭۋەﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺒﯩــﺰ .ﺳــﯜﻟﻬ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺷــﯘﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯗﺭ .ﻣﻪﻥ ﺋــﯚﺯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﺘﯩﻢ .ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳـﻠﯩﻬﯩﺘﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ،ﺑﯩـﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳــﯜﻟﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎﻳﻼ« ﺩەپ ﺳــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗــﯜﮔﻪﺗﺘﻰ .ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﺘﻪ ﺑــﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺪﺍ 74
www.uyghurweb.net ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮە ،ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ .ھﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎۋﺍﺯ ،ھﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺳـﺎﺩﺍ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ،ھﻪﻣﻤﻪﻳـﻠﻪﻥ ﺳـﯜﻟﻬ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ .ﻣﻪﺟﻠﯩﺲ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ،ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺗﯚﺕ ﻧﻪﭘﻪﺭ ۋەﻛﯩﻞ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﻟﻬ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨـﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﯩــﺴﻰ ،ﻗﯘﺩﺭەﺗﯘﻟﻼﺧــﺎﻥ ﺗــﯚﺭە ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺗــﯚﺗﻪﻳﻠﻪﻥ ﺳــﯜﻟﻬ ھﻪﻳــﺌﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ .ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ھﻪﻳـﺌﻪﺕ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳـﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺧﯩﻠﯩـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﺑـﯘ ﺋﯩـﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠـﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠـﺎﺯەﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦــﺪﯨﻢ» :ﺋﻪﺯﯨــﺰ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷــﻼﺭ! ﻗﻪھﺮﯨﻤــﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ! ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﺍ ھﻪﺭ ﺋﯩــﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩــﺮ ﺋﯘﺳــﯘﻟﻰ، ﻗﺎﺋﯩﺪﯨــﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺟﯜﻣﻠﯩــﺪﯨﻦ ﺳــﯜﻟﻬﻨﯩﯖﻤﯘ ھﻪﻡ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨــﺴﻰ ﺑــﺎﺭﺩﯗﺭ .ﺳــﯜﻟﻬﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨــﺴﻰ ﺷــﯘﻟﺪﯗﺭﻛﻰ ،ﺳــﯜﻟﻬ ھﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯜﻟﻬ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ،ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﻜﯩﺴﯩﺪە ،ﻗـﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭽﻨﯩـﯔ ﺩەﺳﺘﯩـﺴﺪە ﺗﯘﺭﯨـﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗـﺘﻪ ﺳـﯜﻟﻬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻼ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯗ .ھﻪﺭ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺗﻪﺭەﭘـﻠﻪﺭ ﺋـﯚﺯ ﺋـﺎﺭﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟـﺴﻪ ،ﺳـﯜﻟﻬﻰ ﺳﯜﻟﻬﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻥ ﺗﻪﻗـﺪﯨﺮﺩە ،ﺷـﯘ ﺳـﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺟﻪڭ ﺋـﻮﺗﻰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺠـﺎپ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯘﭼﻘـﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯜﻟﻬ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙـﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪەﻙ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤـﯘ ﺑـﺎﺭ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ» :ﺳﯜﻟﻬ ﻗﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﺴﻪﻥ ،ﺟﻪﯕـﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺗـﯘﺭ« .ﺷـﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺭە ،ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ۋە ﭘﻪھﻠﯩﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺩەپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪپ ،ﺳﯜﻟﻬ ھﻪﻳﺌﯩﺘـﻰ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﻟﻬ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨـﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟﮕـﯜﭼﻪ ﻛـﯚپ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴـﺎﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ھﯘﺷـﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﯗﺷـﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﺎﻟﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪۋﺳـﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩـﻤﻪﻥ ،ﺩەپ ﺳـﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗـﯜﮔﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺳـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋـﺎﯕﻼپ ﺑﺎھـﺎﻧﻪ ﺋﯩـﺰﺩەپ ،ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﺋﻮﺭﻧﯩـﺪﯨﻦ ﺗـﯘﺭﯗپ» :ﻣﯘﺳـﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳـﯚﺯﻯ ﻗﺎﺋﯩـﺪﯨﮕﻪ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻗﺎﺭﺍﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﻐﯟﺍﮔﻪﺭ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳـﻰ ﻗﻪﻳﺪﺳـﯩﺰ ،ﺷﻪﺭﺗـﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎﻗﺘﯘﺭ ،ﺩەپ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮڭ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺮﻏﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ« .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩـﻖ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻳـﺎۋەﺭﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻳﯜﺭﯛڭ ،ﺩﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﺘﯩﺮﭼﻪ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩـﺪﯨﻢ ،ﮔـﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻳﯜﺳﯜپ ﺟـﺎﻥ ﻳـﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋـﺎۋﺍﺯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ» :ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻢ! ﺟـﺎﻳﯧﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗڭ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺋﯜﻟﮕـﯜﺭﯛپ ﻗﯘﺩﺭەﺗﯘﻟﻼﺧﺎﻥ ﺗﯚﺭە ﻳﯧﻨﯩﻤـﺪﺍ ﭘﻪﻳـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﯘپ» :ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻢ ،ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗڭ« ﺩەپ ﻣﯧﻨـﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﯨـﺪﻯ .ﺷـﯘ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘــﺎ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ﺋــﺎۋﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧــﺪﻯ» :ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﻯ! ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟــﺪﯨﺮﺍپ ﻛﻪﺗﻤﯩــﺴﯘﻧﻠﻪﺭ ،ﻣﯘﺳــﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠـﺎﺯەﺕ ﺳـﻮﺭﺍپ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺳـﯚﺯﯨﺪە ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ۋەﺯﯨﭙﻪ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﯩﺪﺍﺭ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ،ﺩﯦـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﮔﻪﭘـﺘﻪ ھﻪﺭﮔﯩـﺰ ﺋﯩﻐﯟﺍﮔﻪﺭﻟﯩـﻚ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ .ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ۋەﺩە ﺑـﯘﺯﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩـﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟـﯘﻡ ،ﺋـﯘﻻﺭ ۋەﺩﯨـﺴﯩﮕﻪ ۋﺍﭘـﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳـﺪﯗ ،ﺑـﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎﻣﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ« ﺩﯦﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻤﯘ ﭘﻪﺳـﻜﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷـﯜپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺟﻠﯩﺲ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ،ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﻗﺎﺷﺘﯘﻕ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﯜﻟﻬﻰ ھﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﻠـﺪﻯ .ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑــﯘ ۋەﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧــﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩــﻖ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺋﺎﻟــﺪﻯ .ﻣــﯘﺯﺍﻛﯩﺮە ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﻰ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯧﺨــﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻤﺎﺳــﺘﺎ ،ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻠﻪﺗﯩﻴﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻨﻰ ﺳــﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨــﭗ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩــﭗ ،ﺋــﯘﻧﻰ ﺷــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨــﻼ ﺋﯧﺘﯩــﭗ ﺗﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ. ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﺳــﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋــﯚﺯ ﺋﯩــﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩــﯟﯨﺮﯨﯖﻠﻪﺭ ،ﺩەپ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩــﭗ ﻗﻮﻳــﺪﻯ .ﻗﯘﺩﺭەﺗﯘﻟﻼﺧــﺎﻥ ﺳــﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯘﻕ .ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﭘﺴﯘﻥ. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ 75
www.uyghurweb.net
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﺪە ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻥ ﻣﯘھﻪﻧﺪﯨـﺴﻰ )ﺗﯧﺨﻨﯩﻜـﻰ( ﻧﯩـﯔ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘﺳـﻰ ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭘــﺎﺕ -ﭘــﺎﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷــﯜپ ،ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩــﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘــﯘﻕ. ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩە ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮەﻙ ﻗﻮﺭﺍﻟﻐـﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴـﺎﺟﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜـﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺳـﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺴﯩﺪە ﮔﯧﺮﻣـﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻧﺪﻯ .ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣـﯘﻧﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘـﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩـﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﯔ ﺗﺎﻝ ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻰ ۋە ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﻕ -ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧـﻰ ﺋﺎﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﺭﯨـﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺋـﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﺎﺑﯘﻟـﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﺎﺑﯘﻟﻐـﺎ ،ﺋﺎﻧـﺪﯨﻦ ﺑﻪﺩەﺧـﺸﺎﻥ، ﭘﺎﻣﯩﺮ ﻳـﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺷـﻘﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩـﭗ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﭘـﯘﻝ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﺵ ﻧﻪﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 25% ،ﭘـﯘﻝ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﺎﺑﯘﻟـﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺮﻣـﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩـﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻗﯩـﺴﻤﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺳﻮﺩﯨﻐﺎ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳـﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە ﻣﯘﺳـﺘﻪﻓﺎ ﺋﻪﻟــﻰ ﺑﯧــﻚ ﻛﯩــﻨﻪﺕ ،ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھ ﺧــﺎﻧﯩﻲ ۋە ﻛﻪﻣﯩــﻨﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩــﯔ ﺋﯩــﺸﺘﯩﺮﺍﻛﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﮔﯧﺮﻣــﺎﻥ ﻣﯘھﻪﻧﺪﯨــﺴﻨﯩﯔ ھﯘﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻼﺷﺘﯘﻕ .ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋـﻮﺭﯗﻥ ﺑﺎﺳـﺎﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋﯩـﺸﻠﻪپ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ۋەﺯﯨﻴﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺩەﺭھـﺎﻝ ﺑﯩـﺮ -ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺳـﻪﺭﺭﺍﻑ )ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﭽﻰ( ﻧـﻰ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺳــﯧﻠﯩﭗ ﻗــﻮﺭﺍﻝ ﺳﻮﺩﯨ ـﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﻪﺭﻟﯩــﻚ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗــﻠﻪپ ،ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠــﮕﻪ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺳــﺘﻪﻓﺎ ﺋﻪﻟــﻰ ﺑــﯧﻜﻜﻪ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﺩﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﻛﺎﺑﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﻠﯩﻚ ۋەﻛﺎﻟﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ،ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﻰ ،ﻳﻮﻝ ﭼﯩﻘﯩﻤـﻰ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻓﺎ ﺋﻪﻟـﻰ ﺑﯧﻜﻨـﻰ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩـﻚ ﺩﯗﺋـﺎﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩـﭗ ﻗﻮﻳـﺪﯗﻕ .ﻣﯘﺳـﺘﻪﻓﺎ ﺋﻪﻟﻰ ﺑﯧﻜﻨﯩﯔ ﺑـﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘـﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩـﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘـﻰ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﻛﺎﺑﯘﻟﻐـﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻛﺎﺑﯘﻟـﺪﯨﻜﻰ ﻳـﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩـــﺴﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨـــﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩـ ـﺸﯩﭗ ﺷـــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـــﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﯩﻨﯩـــﯔ ﻣﯘﺳـــﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳـﻮﺭﺍﺵ ،ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋـﯘﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩـﻚ ﺩﻭﺳـﺘﺎﻧﻪ ﺋـﺎﻻﻗﻪ ﺷﻪﻛﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯦﺘﻰ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺧﻪﺳـﺘﻪﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﻗﺎﻟـﺪﻯ. ﺳــﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋــﯚﺯﯨﭽﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩــﻦ ،ﺑﺎﺷﺒﺎﺷــﺘﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﺷــﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯩــﺰﺩەﻟﮕﻪﻥ ۋﺍﻗﺘﺘ ـﺎ ﺋﻪﺗــﻠﻪﺱ ﺗﯚﺷــﻪﻛﻠﯩﻚ ،ﻛﯩﻤﺨــﺎپ ﻛﯚﺭﭘﯩﻠﯩــﻚ ،ﭘﻪﺭ ﻳﺎﺳــﺘﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋــﯚﻳﻠﻪﺭﺩە ﮔــﯜﺯەﻝ ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩــﺪﺍ ﻳــﺎﻛﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩــﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﺎﺳــﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷــﻘﺎﻥ ﭼﯩﻨﯩﺒﺎﻏــﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩ ـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋــﺎﺩەﺗﺘﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩــﺰﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔــﺎھﻰ ،ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ،ﺑﻪﺯﯨﺪە ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩـﺴﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺸﻰ ﺑـﻮﻻﺗﺘﻰ .ﮔﺎھﯩـﺪﺍ ﭼﯩﻨـﻰ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﻪپ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭ ۋە ﺧﻪﺳﺘﻪﺧﺎﻧﺎ ھﻪﻣـﺪە ﺑـﺎﺵ ۋﺍﻛﺎﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﻛﯚپ ﺧﻪﺕ ﺋﻪۋەﺗﻪﺗﺘـﻰ .ﺋﺎﻗـﺴﯘ ،ﻛﯘﭼﺎﺭﻻﺭﻏـﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤـﺎﻱ ﺧﻪﺕ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋــﯘ ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨــﻰ ﺯﯨﻴــﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺋﯘﻗﯘﺷــﯩﻤﯩﺰﭼﻪ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤــﺪﯨﻦ ﺋﻪھــﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩــﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑـﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺳـﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻣـﺎﻥ ﻛﻪﭘﺘﯘ .ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﺪﺍ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﮕﻪ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳـﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩـﺸﺘﺎ 76
www.uyghurweb.net ﺑﯘ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﻯ ۋە ﺋﯩﻤﺰﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘﺭ .ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺑـﯘ ﭘﻪﺭﻣـﺎﻥ ﻧﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﺪە ﻗﺎﺭﺍپ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯜچ -ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺳﻪﺑﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﯗﻕ .ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻛﯜﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳﻪﺗـﺘﻪ -ﺳـﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩـﻖ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻳﻮﺷـﯘﺭﯗﻧﭽﻪ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺋﺎﻗـﺴﯘ ﺗﻪﺭەﭘـﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜــﻰ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻪھــﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩــﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻨﻰ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐــﺎ ﺑﺎﺭﻏﯘﺯﻣــﺎﻱ ﻳﻮﻟــﺪﯨﻦ ﻗــﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﻛــﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻛﺎﻣــﺎﻝ ﻣﻪﺧــﺪﯗﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩــﺪﺍ ﺋــﺎﺭﯨﻒ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩــﯔ ﺋــﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋــﻮﻥ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﻟــﺪﻯ .ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷــﻠﯘﻕ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳــﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺳﺘﯜﺭﻣﻪ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﻮﻏﻼپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﻳﯧﺘﯩـﺸﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻛـﯧﭽﻪ ۋﺍﻗﺘـﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺷـﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ» :ﭼﯩـﺮﺍﻳﻠﯩﻘﭽﻪ ﺗﻪﺳـﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎڭ ،ﻣﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ« ﺩەپ ﺗﻪھﺪﯨﺖ ﺳـﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩـﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﺑـﯘ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﯚﻧﻤﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ھـﺎﺯﯨﺮﻻپ ،ﺑﯩـﺮ ﺟﺎﻧﻐـﺎ ﺑﯩـﺮ ﺟـﺎﻥ ،ﺩەپ ﺋـﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﺸﻘﺎ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﻳﯩـﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺟﺎﻳـﺪﺍ ﻛﺎﻣـﺎﻝ ﻣﻪﺧــﺪﯗﻣﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷـﻠﯘﻕ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﻳـﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋــﺎۋﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ :ﺋﺎﺩﺍﺷﻼﺭ! ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍﺷﻼﺭ! ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺠﺎﺯەﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪھﺮﺍﻣﯘ ﺳـﻪھﺮﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﺗﻘـﺎﻥ، ﺳــﯩﺰﻟﻪﺭ ،ﺑﯩــﺰﻟﻪﺭ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩــﯔ ﮔﯧــﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻗــﺎﻥ ﺗﯚﻛﻪﻣــﺪﯗﻕ؟ ﺑﯩــﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻤﯩــﺰﮔﻪ ﺋــﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻣــﺪﯗﻕ؟ ﺑﯩ ـﺰﮔﻪ ﺋﻪھــﻤﻪﺩ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗپ ﺑﯧ ـﺮﯨﯖﻼﺭ ،ﺳــﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ھــﯧﭻ ﮔﻪپ ﻳــﻮﻕ .ﺋــﺎﺕ ،ﺧﯘﺭﺟــﯘﻥ، ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯚﺯﯛﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛـﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳـﻮﻕ ،ﺩﯦـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﮔﻪپ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋــﯚﺯ ھﺎﻟﯩﻐــﺎ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺋﻪھــﻤﻪﺩ ﺗﻪۋﻓﯩــﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﻯ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﯩــﺰﺯەﺕ -ھــﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﯚﺯ ﺋﯧﺘﯩﻐــﺎ ﻣﯩﻨﺪﯛﺭﯛﻟﯜپ ﺳﺎﻕ -ﺳﻪﻻﻣﻪﺕ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ،ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳـﺎﺩەﺭە ﻗﯩﻠﯩﻨﯩـﭗ، ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘپ ،ﺳﻮﺭﺍﻕ -ﺗﯩﺮﮔـﺎۋ ﻗﻠﯩﻨﯩـﺪﻯ .ﻣﻪﻟـﯘﻡ ﺑﻮﻟـﺪﯨﻜﻰ ،ﺑـﯘ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩـﻴﻪ ﺟﺎﺳﯘﺳـﻰ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩــﯔ ﭘﻪﺭﻣــﺎﻧﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳــﯜﻙ -ﺗــﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﻪﺭﺗﯩــﭗ ﺋﯧﺘﯩﻐــﺎ ﻣﻨــﺪﯛﺭﯛپ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﻳﯧــﺮﻯ — ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﺳ ـﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﭼﯩﻨﯩﺒﺎﻏ ـﺪﯨﻜﻰ ﺑﺮﯨﺘــﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﺎﺳــﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷــﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭەپ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ. ھﻪﻣﺴﺎﻳﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ :ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﭘﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻰ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ﻛﯩﻠﯩﻤــﺎﺗﻤﯘ ﻳــﺎﺭ ﺑﯩﺮەﺗﺘــﻰ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﯩﻨﯩــﯔ ﺟﯘﯕﮕــﻮ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐــﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﺩەﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺳـﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﻳـﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎﻻﻗﻪ ﺋـﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷـﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷــﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐــﯘﻟﯩﻴﻪ ﺗﻮﺳــﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻛﺎﺑﯘﻟــﺪﯨﻜﻰ ﻳــﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩ ـﺴﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋ ـﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻤﯘ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﺷﺘﻰ. ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ :ﺋﺎﻓﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﯨﻨﻰ ھﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗـﺘﻪ ﺷـﻪﺭﻕ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷـﻰ ۋە ﺑﯩـﺰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩـﺘﯩﮕﻪ ﺩﻭﺳـﺘﺎﻧﻪ ﻣﯘﺋـﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨـﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺋﯩﻨﺠﯩﻨﯩﺮﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﻰ ،ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺳﻮﺩﯨـﺴﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯩﻤﻜـﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻰ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪڭ ﻳﻮﻝ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺳﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﺴﻰ :ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟـﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﻙ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻛﯩﻤـﻠﻪﺭ 77
www.uyghurweb.net ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ،ﺋـﯘﺭﯗﻕ -ﺋﻪۋﻻﺩﯨﻨـﻰ ﺑﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯩـﺪﻯ .ﮔﺎھﯩـﺪﺍ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧـﺎ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻨﻰ ﺑﺎھـﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻧـﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ،ﻣﻪﻣـﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷــﯜپ ،ﺗﻮﻧﯘﺷــﯘپ ﻗﺎﻳﺘــﺎﺭ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻣﺎﻧــﺎ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑــﺎﺭﺩﻯ -ﻛﻪﻟــﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨــﺪە ﺳــﻮۋﯦﺖ ﺑــﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﺗﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ :ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﯛپ ﻳﺎﺯﻏـﺎﻥ ﭘـﺎﻻﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻗﺘـﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﻤـﺎﻗﭽﯩﯩﻤﯩﺰﻛﻰ ،ﻣﻪﺯﻛـﯘﺭ ﺧﻪﺕ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺗﺎﺷـﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ .ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ :ﺋﯩﻤﺰﺍ. ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﻪﻟﭽﯩــﺴﻰ ﻗﺎﺳـﯩﻤﻮﻑ ﺑﯩــﺮ ﻣﻪﻣﯘﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﻣﺮﺍھﻠﯩﻘﯩــﺪﺍ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐــﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﻗﯘﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠـﺪﻯ. ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷﺘﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼپ» :ﺳﺎۋﺳﯩﻦ -ﺗﺎﺭگ ﻧﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗـﯚﮔﻪ ﻣﯧﻠـﻰ ﻳﻮﻗـﺎپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ .ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ« ﺩﯦﺪﻯ .ﻗﺎﭼـﺎﻥ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭙﺘـﯘﺭ؟ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺳـﻮﺋﺎﻟﻐﺎ - ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﺩﯦﺪﻯ .ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ :ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩﻨﻘﻼﺑﺘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﺶ .ﺟﺎﻧـﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﯚﮔﻪ ﻣﺎﻝ ﺳﺎۋﺳﯩﻦ -ﺗﺎﺭﮔﻨﯩﯔ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ﻣﯧﻠﻰ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺑـﯘ ﻣﺎﻟﻨﯩـﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﻳﻮﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩـﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩـﻜﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ،ﺳﻮﺩﺍ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﻝ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛـﺎﺭۋﺍﻥ ﺑﯧـﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷـﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺴﺎ ،ﺋـﯘﻧﻰ ﻛـﺎﺭۋﺍﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﺗﯧﭙﯩـﭗ ﺑﻪﺭﺳـﻪ ﻛﯧـﺮەﻙ ،ﻗـﻮﻝ ﻗـﻮﻟﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺗﻪﻟﻪپ ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەپ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺑﻮﻟـﯘﺭﻣﯩﻜﯩﻦ؟ ﺩەپ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﺭﯗﺳــﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩـﺴﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻛﯩــﺸﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩـﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ :ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭘﺎﻻﻧﻰ ،ﭘـﺎﻻﻧﻰ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﺭﯗﺳـﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻣـﺎﻗﭽﻰ ،ﻳـﻮﻝ ۋە ﭼﯧﮕﺮﯨـﺪﺍ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﺧﯧﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳـﻮﺭﺍﻳﻤﯩﺰ ،ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒـﺎﺭەﺕ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﻪ ﭘﺎﺳﭙﯘﺭﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﻧـﺎ ﺷـﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎھﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ -ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ :ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩـﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩـﺴﻰ ﻣﻪۋﺟـﯘﺩ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺋـﻮﺭﻧﻰ ﭼﯩﻨﯩﺒﺎﻏـﺪﺍ ﺋﯩــﺪﻯ .ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟــﯘپ ﺗــﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩــﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩــﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺰﺍﺳــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﻧﻮﺗــﺎ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗۋﺍﻟﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ :ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﻮﺭﯗﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﯛپ ﺋﻪۋەﺗـﻜﻪﻥ ﺧﯧﺘﯩﯖﯩـﺰﮔﻪ ﺗﻪﺷـﻪﻛﻜﯜﺭ ،ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯘﺩﯗﺩ ›ﺗﯩﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻪ‹ ﺩﺍﺋﯩﺮەﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳﯩﯖﯩﺰ .ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺋﯩﺪﯗﻕ .ﺋﯧﻬﺘﯩـﺮﺍﻡ ﺑﯩـﻠﻪﻥ: ﺋﯩﻤﺰﺍ. ﺑﯩــﺮ ﻧﻪﭼــﭽﻪ ﻛﯜﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩــﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩـﺴﯩﺪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽــﻰ ﺑﯩــﺮ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗۋﺍﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺯﻣــﯘﻧﻰ: ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﯖﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﯗﻕ .ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ :ﺋﯩﻤﺰﺍ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﭼﯩﻨﯩﺒﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﯩﭽﻰ ﻧﻮﺗﯩﺪﺍ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩـﺪﯗ :ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧــﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗــﺴﺎﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻜﻪﺭﯨﻢ ﺋﺎﻗــﺴﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻐــﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧــﺪﺍ ﺑﺮﯨﺘــﺎﻧﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻻﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺕ ﻳﯩﭙﯩﻜﻰ ﻻﺩﺍﺥ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ .ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻨﻰ ﺋﯧـﻨﯩﻘﻼپ ،ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩـﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﯩﺰ .ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ :ﺋﯩﻤﺰﺍ. ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘـﯘﺑﻼﺭ ،ﺩەﭘﻠﯘﻣﺎﺗﯩـﻚ ﻧﻮﺗﻼﺭﻏـﺎ ۋﺍﻗﺘـﻰ -ۋﺍﻗﺘﯩـﺪﺍ ﺧـﺎﺭﯨﺠﯩﻴﻪ ﻧـﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩــﻚ ﺟـﺎۋﺍﺑﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩــﭗ ﺗــﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﺑﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩــﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩــﺴﻰ ،ﺗﯩﭙﯩــﻚ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــﺰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﯘﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﻳﯘﻧـﯘﺱ ﺑﻪﮔﻨﯩـﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩـﺪﺍ ﺳـﯚھﺒﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــﺰ ﺟﯘﯕﮕــﻮﭼﻪ ﺩەﺳــﺘﯜﺭﺧﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩــﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧ ـﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩــﺪەﻙ ،ﺧﻪﻧــﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻤــﯘ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘــﻰ .ﺋــﯘ 78
www.uyghurweb.net ﭼﺎﻳــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋــﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘــﻰ .ﺑﯩــﺰﻟﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﭘـﺴﯘﺳﻼﻧﺪﯗﻕ .ﺋﯘﻣــﯘ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺷﻼ ﺋﻪﭘـﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﭗ» :ﺷـﻪھﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋــﺎﺏ -ھﺎۋﺍﺳـﯩﻐﺎ ،ﺳــﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﮔــﯜﺯەﻝ ﺧﯘﻟــﻖ -ﺋــﺎﺩەﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﯨﻢ .ﻧــﯧﻤﻪ ﭼــﺎﺭە ،ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐــﺎ ﺋﯩﺘــﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻣﻪﻥ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ۋەﺯﯨﻴﭙﻪﻡ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺷـﺎﯕﺨﻪﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ۋەﺯﯨﻴﭙﻪﻣﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯘﻡ ﻻﺯﯨﻢ« ﺩەپ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯩﻜﻜﻰ -ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎﺭ ۋﺍﻗﺘﯩـﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐـﺎ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖـﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﻨﯩـﯔ ﺋﯩـﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﻨﯧـﺮﺍﻝ ﺳـﺎھﯩﺐ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺋــﺎﺯ ﻛﯜﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﺨـﺎﻥ ﺳـﺎھﯩﺐ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﭼﯩﻨﯩﺒﺎﻏﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ .ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﻨﯩـﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻐـﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﯧـﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﻨﯩﺒـﺎﻍ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩ ـﺴﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩــﭗ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧــﺴﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺮ ﻣــﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽ ـﺎ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨ ـﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪۋەﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻛﻮﻧــﺴﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳــﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﺷــﯘﻛﻰ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﺋــﺎﺩەﺗﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﻛــﯜﺭەﺵ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺷــﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋــﺎﺯ -ﺗــﻮﻻ ﻳــﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﻗﻮﻳﻐــﺎﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺟﯩــﺪﺩﯨﻲ ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜچ ﺳ ـﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳــﺪﯗ، ۋەﺯﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ،ھﺎۋﺍﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﺎﺳﻰ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺑﯧـﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﯘﺯﺍﻕ ﺳـﻪﭘﻪﺭ )ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻥ( ﮔﻪ ﻣـﯧﯖﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻳﻨــﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧــﺪﺍ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩــﯔ ﭘﻪﺭﻣــﺎﻧﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯩﺠــﺎﺭەﺕ ﻧــﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﻪﺑﯘﻟﻬﻪﺳــﻪﻥ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐــﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ﺑـﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ،ﺋﻪﺳـﻜﯩﺮﯨﻲ ۋەﺯﯨﭙﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩـﭗ ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺕ ﻧﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐـﺎ ﺗﻪﻳﯩـﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩـﭗ، ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻳﯧﯖــﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐــﺎﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ھﻪﻣــﺴﺎﻳﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋــﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨ ـﺴﺪﺍ ﮔﻪپ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ ،ﺷــﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﺳــﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜــﻰ ،ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺳــﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩــﺴﻼﻣﯩﻲ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷــﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻨــﺪﯗﺭ ﻗﻮﺷــﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﯕــﯜﻝ ﺧﻮﺷــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺧﺎھﻠﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺳــﻪۋەﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺮﻯ :ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﺪەﻙ ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﺑﯩــﺮ ﺋــﯚﻟﻜﻪ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗــﺎﻡ ﻗﻮﺷــﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳــﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨــﺸﻜﻪﻥ ﻛــﯜﻧﻰ ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﻤﯘ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳــﺪﯗ .ﻗﻮﺷﻨﯩ ـﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒــﺮەﺕ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﻣﯘﺳــﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩــﺴﺘﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩــﻲ ﺭەۋﯨــﺸﺘﻪ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩــﯔ ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻙ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎھﻠﯩﻤﺎﻳـﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ،ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐـﺎ ﺧﯩـﻼپ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷــﻪﺭﻕ ﻗﯩــﺴﻤﻰ ﺋــﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﯧﻨﯩﻘﺘــﯘﺭﻛﻰ ،ﻧــﯚۋەﺕ ﻏﻪﺭﺏ ﻗﯩــﺴﻤﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﯩﯖــﺪﺍ ھﯧﭽﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺷــﻪﻙ ﻳﻮﻗﺘــﯘﺭ .ﺋــﯚﺭﯛﻙ ﺋــﯚﺭﯛﻛﻨﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ ﺋــﺎﻻ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺩﯦــﻤﻪﻙ ،ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩــــﯔ ﻣﻪۋﺟــــﯘﺩ ﺑﻮﻟــــﯘپ ﺗﯘﺭﯗﺷــــﻰ ﺭﯗﺳــــﯩﻴﻪ ۋە ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩـــﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒــــﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻜــــﻰ ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮﻧﯩــــﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﻳﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺭە ،ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ھﻪﻣـﺴﺎﻳﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑـﯘﻳﻪﺭﺩە ﻳﯧﯖـﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﺶ ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﻳﯧﯖـﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐـﺎﻥ ،ﻳﯧﯖـﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـﺎﻥ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯚﮔﯩﻜﯩﺪە ﺯەھﻪﺭﻟﻪﺵ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷـﺘﻰ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜـﻰ ھﯩـﻴﻠﻪ- ﻧﻪﻳــﺮەڭ ،ﺩﯨﭙﻠﯘﻣﺎﺗﯩــﻚ ﭼــﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧــﺪﻯ .ﺯﺍﻣــﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ،ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩــﺸﻠﻪﺗﺘﻰ ،ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﻣﻪﻧﯩـﯟﻯ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ،ﭘﺮﯗﭘﺎﮔﺎﻧــﺪﺍ )ﺗﻪﺷــﯟﯨﻘﺎﺕ( ﻟﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤــﺎﻱ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺳــﺎﻟﺪﻯ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺭەﺯﯨــﻞ
79
www.uyghurweb.net ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭼﻪﺭﺧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ -ﺋﺎﻳﻼﻧـﺪﯗﺭﯗپ ،ﺋـﺎﺧﯩﺮﻯ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﺪە ﺑﻮﻏﯘپ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﺎﻟﻼھ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ ھﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛـﯜﻧﻰ ﺯﺍﻣـﺎﻥ ﺑـﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. ﺗﯘﻏﺎﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ۋەﺋﺪە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﻥ، ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﺋﯘ ﺋﻪﺗﻪﺩﯗﺭ ۋە ﻳﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻗﯩﻨﺪﯗﺭ. ﺭەﺋﯩﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﺷــﺒﯘ ﻛــﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﻪﺩﯨﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪۋەﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟــﺪﻯ. ھـﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺑــﯘ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴــﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ۋە ﻣﻪھﻤــﯘﺩ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻼﺭ ﺋﺎﻗـﺴﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩــﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔـﺎھ ﻗــﯘﺭﯗپ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋـــﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗـــﺎﺗﺘﻰ .ﺑـــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻨﯩـــﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩـــﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋـــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗـــﯜۋﯦﻠﯩﺶ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨـﺸﺘﻰ .ﺋـﺎﺯ ﻛﯜﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺭﺍﻣﯩـﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴـﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﯨـﺪە ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎۋۋﺍﻝ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﺎﺳﺘﻰ .ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧـﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ،ﻣـﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﻪﺭ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ۋە ﺩەﺑﺪەﺑﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻻﻳﯩﻘﯩـﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﻯ. ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎڭ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺭەﺋﯩـﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯩﺰﯨـﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﺗﻮﭘﻼﻧـﺪﻯ. ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ۋە ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻪﻟـﻖ ﺧﯘﺭﺳـﻪﻧﺪﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯜﻣﯜپ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ .ﺋﻮﺭﺩﯨـﺪﺍ ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ -ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ ﻣﻪﺟﻠﯩـﺴﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﻧﯩﻬـﺎﻳﻪﺕ، ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺷﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻨﯩـﯔ ﺋـﯘﺭﯗﻏﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗـﯘﺵ ﻗـﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺑــﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳــﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﻗﯩﺮﻏﯩــﺰﻻﺭ ،ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮ ﺋــﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﺭﺗﯘﺷــﻠﯘﻗﻼﺭ ،ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪۋﺟــﯘﺩ ﻛــﯜﭼﻠﻪﺭ ،ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻧــﻮﻗﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧــﺪﻯ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧــﻚ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧــﮕﻪﻥ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻧﻮﻗﺘﯩــﺴﻰ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﯩﭽﯩﺮﭼﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺭەپ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳـﻪپ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ھﯘﺟﯘﻣﻐـﺎ ﺋﯚﺗﺘـﯘﻕ .ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﻣـﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﺟﯧﯖﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﻪھﻪﺭ ﻗﻮﺭﺷﺎۋﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﭗ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯜچ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﻛـﯚپ ﺋﯜﻧـﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﮔﺎھﯩـﺪﺍ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺕ -ﭼـﯚپ ﻳﯩﻐﻘﯩﻠـﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻨﯩـﯔ ﺳـﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﻨﯩـﭗ ﺳـﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠـﺴﺎ ،ﺋـﯘﻻﺭ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗپ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻱ ،ﺑﯩﺮﻧـﻰ ﺋـﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﺘﻰ .ﺧﯧﻠـﻰ ﺑﯩـﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩـﻞ ﺋﯚﺗﻜـﯜﭼﻪ ۋەﺯﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﻣﺎﻧـﺎ ﺷـﯘ ﭼـﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﻗﯘﺭﯗﻟﻐـﺎﻥ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﯧﻚ ﺋﯘﺭﯗﺷـﺘﺎ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﻛـﯜچ ﭼﯩﻘـﺎﺭﺩﻯ .ﺋـﯘ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺴﻰ )ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﻰ( ﻗﻮﺭﯗﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﺷـﻮﺗﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳـﯩﺘﯩﭗ، ﺗﻮﭘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ھﯘﺟﯘﻣﻐـﺎ ھـﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻖ ﻛـﯚﺭﺩﻯ .ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋـﯚﺯ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻐـﺎ ﻛـﯚﺭە ،ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕـﯜﺭﺩﻯ .ﺟﻪڭ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘـﺎ ،ﺧﻪﺳـﺘﻪﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙـﻰ ﻳﺎﺭﯨـﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﻥ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭ ۋە ﺧﻪﺳـﺘﻪﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋـﺎﻳﯩﻐﻰ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺘﺘـﻰ. ﺋﻪﻝ -ﻳﯘﺭﺗﺘــﺎ ﺋﯜﻣﯩــﺪ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ،ﺑﯜﮔــﯜﻥ ﻳــﺎ ﺋﻪﺗﻪ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﯩــﺸﻰ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەپ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ ،ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﻣﯘﺳــﺘﻪھﻜﻪﻡ
80
www.uyghurweb.net ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮە ﺳـﯧﭙﯩﮕﻪ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﺟـﺎﻳﻼﺭ ﺧﻪﻟـﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﺎھﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ! ﻗﯩﺶ ﻓﻪﺳﻠﻰ - 2ﺋﺎﻱ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﺎﻗـﺴﯘ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﯘﺩەﻛﻤﯩﺶ ،ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘـﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﮔﻪپ ﺭﺍﺳــﺖ ﺑﻮﻟــﯘپ ﭼﯩﻘﺘــﻰ .ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨـﻢ ،ﺩەپ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯚﺯ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗۋەﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻗــﺴﯘ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ »ﭼﻮﻛﺎﻧﻴــﺎﺭ« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳــﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷــﺘﻰ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ .ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﺍپ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﻗﻮﺭﺷـﺎۋﻏﺎ ﭼﯜﺷـﯜپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩـﺮﻯ ۋەھﯩﻤﯩـﮕﻪ ﭼﯜﺷـﯜپ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐـﺎ ﭼﯩﻜﯩﻨﺪﻯ .ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻣﯘ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﯘپ» ،ﻗﺎچ-ﻗﺎچ« ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻤﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ھﯧﭻ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛـﯚﺭﺩﻯ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩــﺸﻜﻪ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﺳــﺎھﯩﺐ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺟﺎﺑـﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗـﻠﻪپ ﺑـﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ،ﺋـﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ،ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩـﺮﻯ ،ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺕ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻣﭽﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷـﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩـﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ .ﺷـﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩـﺮ ھـﺎﻟﻪﺕ ﻳـﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ھﻪﻣـﻤﻪ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺋـﺎﻻﻗﺰﺍﺩﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﺎﻳﻼﺭ ،ﭘﯘﻟـﺪﺍﺭ ،ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﻗـﯘﻧﭻ ،ﺋﻪﻧﺪﯨـﺸﻪ ،ھﻪﻣﻤﯩـﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴـﺎﺩە .ﭼـﻮڭ -ﻛﯩﭽﯩـﻚ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ،ﺋﻮﻓﯧﺘــﺴﯩﺮﻻﺭ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘــﺎ ﺗــﺎﺭﺍپ ﻛﯧﺘﯩــﺸﻜﻪﻥ .ﺷ ـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩــﺮﮔﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﺟــﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﺧــﺸﯩﻤﻰ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻖ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳــﺴﻰ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷــﻼﺭ ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠــﺪﯗﻕ .ھﻪﻣﻤﻪﻳــﻠﻪﻥ ﺋــﯚﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨــﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐ ـﺎ ﻗﻮﻳــﺪﻯ .ﻛــﯚپ ﺳــﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜــﺮﻯ ﺭەﺋﯩــﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﻏــﺎ ﺋﻪﮔﯩــﺸﯩﭗ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍپ» :ﻣﯘﺳﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩـﺰ؟« ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ: »ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻡ ﺑﺎﺭ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯜپ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩـﺰ ﺭەﺋﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻗﻮﺷـﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻻ«، ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ﺳـﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋـﺎﯕﻼپ ﺋﻮﺭﻧﯩـﺪﯨﻦ ﺗـﯘﺭﯗپ» :ﻗﯧﻨـﻰ ﻳـﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ،ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﻤﻨﯩـﯔ ھﯘﺯﯗﺭﯨـﺪﺍ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠــﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ« ،ﺩەپ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯜﺷــﺘﻰ .ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩــﺰ ﺑﯩــﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴ ـﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ .ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻣﯧﻨﻰ ھﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﺷﺎﺭ )ﻣﻪﺳـﻠﻪھﻪﺗﭽﻰ( ﻟﯩﺮﯨﻤﯩـﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ ،ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﺷــﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻛﻪﻟﯩــﻤﻪ ﺳــﯚﺯﻯ ﺑــﺎﺭ ﺋﯩــﻜﻪﻥ ،ﺩﯦــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷـﻜﻪ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﯨﻢ :ﻏــﺎﺯﻯ ﺋﺎﺗـﺎ! ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺷـﻪھﯩﺮﻯ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘـﺎ ،ﺋــﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻥ ﻗــﺎﻧﻼﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟـﯜپ ﻗﻮﻟﻐــﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺪﯗﺭ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩـﺰﻟﻪﺭ ﺩﯛﺷـﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠـﯘپ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻳـﻮﻕ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ۋەھﯩﻤﯩـﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷــﻰ ۋە ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨــﺸﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳــﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 81
www.uyghurweb.net ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ .ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺗﻪﺧﺘﯩـﺪﯗﺭ .ﭘﺎﺩﯨـﺸﺎھﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣـﺎﺯﺍﺭﻯ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﯗﺭ ،ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻨﯩﯔ ھﺎﻳـﺎﺗﻰ ﺗﻪﺧﺘﯩـﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪەﻙ ،ﻣﺎﻣـﺎﺗﻰ ھﻪﻡ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﯨـﺪﯗﺭ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙ ـﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐــﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﺋﯚﺯﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳــﯩﻼ ،ھﻪﻣــﻤﻪ ﺧﻪﻟــﻖ ﻗﺎﻳﺘﯩ ـﺪﯗ .ﺋﻪﺳــﻜﯩﺮﻯ )ھﻪﺭﺑﯩــﻲ( ۋە ﻛﯩــﺸﯟەﺭﻯ )ﻣــﯜﻟﻜﯩﻲ( ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ ھﻪﻣــﻤﻪ ﺧﯩــﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ،ﻣﻪﻣــﯘﺭﻟﻪﺭ ﺟــﺎﻱ -ﺟﺎﻳﯩﻐــﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩــﺸﯩﺪﯗ .ﻣــﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧــﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﻪﻟــﻰ ﺋــﺎﺧﯘﻥ ﺑــﺎﻱ ھــﺎﺯﯨﺮ ﺳــﻪﭘﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘــﺎ ﺋﻮﺭﻧﯩــﺪﺍ ۋەﺯﯨ ـﭙﻪ ﺋــﯚﺗﻪپ ﺗﯘﺭﻣــﺎﻗﺘﯩﻤﻪﻥ .ﻣــﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧــﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﺳــﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨـﺪﯗﺭ .ﭘــﯘﻟﻼﺭ ،ﺭﯨــﮓ )ﻛﯩــﭙﻪﻙ( ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳـﯩﻠﻪﺭ ﭘــﻮﻻﺕ ﺳــﺎﻧﺪﯗﻗﻼﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﯩﺪﯗﺭ .ﺑﯘ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷـﻼپ ،ﺋـﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻜـﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﺷـﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﺷـﯩﺘﯩﭗ ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨـﻰ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧـﺎﻟﯩﻖ ھﻪﻡ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﻪﺧﻠـﯘﻕ ھﻪﻡ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﯩﻠﺘﯩﭙـﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﺮﺳ ـﯩﻠﻪ ،ھﻪﻣﻤﻪﻳــﻠﻪﻥ ﺷــﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺳــﻪ ،ﺑــﯘ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏــﺎﻧﻼﺭ ﺑــﺎﺵ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐــﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻙ ،ﺩﯦﺪﯨﻢ .ھﻪﻣﺪە ﺭەﺋﯩـﺲ ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭ ﻏـﺎﺯﻯ ﺋﺎﺗﯩـﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠـﺎﺯەﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ھﯧﻜـﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ .ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩـﺪﺍ ﺭﯨـﻢ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻳﻮﺳـﺘﯩﻨﺌﺎﻧﯩﺲ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷـﺎۋﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷـﯜپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ،ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ،ﺗﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﯧﭽﯩـﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺧﻮﺗـﯘﻧﻰ ﺗﯩﻴـﻮﺩﻭﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ» :ﺋﻪﻱ ﭘﺎﺩﯨـﺸﺎھﯩﻢ! ﺑﯩـﺰ ﻗﺎﭼﻤـﺎﻳﻠﻰ ،ﺋـﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﯩﻨﯩﻘﯩﻤﯩـﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻐـﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺎﻳﻠﻰ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺴﯘﻥ« .ﻳﻮﺳﺘﯩﻨﺌﺎﻧﯩﺲ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑـﯘ ﮔﯧﭙﯩﻨـﻰ ﻗﯘﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤــﺎﻱ» :ﺋﯘﻧــﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠــﺴﺎﻕ ﺗﯜﮔﯩـﺸﯩﻤﯩﺰ ،ﺋــﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ھﻪﻻﻛﻪﺗــﻜﻪ ﺗﺎﺷــﻠﯩﻤﺎﻱ ﻗﯧﭽﯩــﭗ ﻗﯘﺗــﯘﻻﻳﻠﻰ« ﺩەﭘﺘــﯘ. ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺗﯩﻴﻮﺩﻭﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ» :ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰﻻ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺷـﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩـﯔ ،ﺑـﯘﻧﻰ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺗﻪﺧﺘﻨـﻰ ﻣﺎﯕـﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗڭ« ﺩەﭘﺘـﯘ .ﭘﺎﺩﯨـﺸﺎھ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻛﯚﻧـﯜپ ﻣﻪﻟﯩـﻜﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪەﻙ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘـﯘﺭ. ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺗﯩﻴﻮﺩﻭﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ» :ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩـﺮﯨﻢ! ﺑـﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ! ﺑﯜﮔـﯜﻥ ﻳـﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻳﺎ ﺯەﭘﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ،ﻗﯧﻨﻰ ﻏﻪﻳﺮەﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ« ﺩەپ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟـﯜﻙ ھﯘﺟﯘﻣﻐـﺎ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘـﯘ .ﺋـﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟــﯜپ ،ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩــﭗ ،ﺋــﺎﺧﯩﺮﻯ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻥ ﻗﻮﺷــﯘﻧﻰ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩــﺐ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ،ﻳــﯘﺭﺗﻨﻰ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋــﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯘ ﺧﯘﺷﺨﻪۋەﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﺳـﺘﯩﻨﺌﺎﻧﯩﺲ ﻗﺎﭼﻘـﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺷـﺎھﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧـﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘـﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ .ﻏﺎﺯﻯ ﺋﺎﺗﺎ! ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ،ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ ﻛـﯚپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧـﺪﯗﺭ .ھـﯧﭽﮕﻪپ ﻳـﻮﻕ .ﺗﯧﺨـﻰ ھﻪﻣـﻤﻪ ﺋﯩـﺶ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮەﻳﻠﻰ ،ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪە ،ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩـﻖ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺋﺎۋﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪپ ﺋﯚچ -ﺗـﯚﺕ ﺟـﯜﻣﻠﻪ ﻗﯩـﺴﻘﺎ ﺳـﯚﺯ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﮔﻪپ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻖ ھﻪﻣﻤﻪﻳـﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺗــﯘﺭﺩﻯ .ھﻪﺭﻛﯩـﻢ ﺋــﯚﺯ ﺋﯧﺘﯩﻐـﺎ ﻣﯩﻨﯩــﭗ ﺷــﻪھﻪﺭﮔﻪ، ﺋﻮﺭﺩﯨﻐــﺎ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺭەﺋﯩــﺲ ﺟﯘﻣﻬــﯘﺭ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠــﮕﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩ ـﺪﯨﻜﻰ ﭘــﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ،ﺧﻪﺯﯨﻨﯩ ـﺪﯨﻜﻰ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ، ھـــﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘـــﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑـــﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠـــﺪﻯ .ﺑـــﺎﺵ ۋەﻛﯩـــﻞ ﻣﺎﯕـــﺎ ﺑـــﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠـــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺷـــﯩﻜﺎپ ،ﭘـــﻮﻻﺕ ﺳــﺎﻧﺪﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩــﭗ ،ﺋــﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘــﯘﻝ ،ﺭﯨــﮓ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭ ۋە ھــﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠــﮕﻪ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮ -ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺳـﺎﺋﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧـﺪە ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺶ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھـﻤﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟـﺪﯨﻢ .ﻳـﻮﻝ ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪە ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﺳـــﯩﺠﺎڭ ۋە ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖـــﻰ ﺷـــﻪھﻪﺭ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩـــﭗ ﺗﯧـــﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐـــﺎ ﻛﯩﺮﯨـــﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛـــﯚﺭﺩﯛﻡ .ﻣﻪﻥ ﺑـــﯘ ﭼﺎﻏـــﺪﺍ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻤﻨﯩـــﯔ ﻗﻮﻟﻼﺷـــﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨـــﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺳـــﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻥ ھﺎﻟـــﺪﺍ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﻛﻪﻳ ـﭙﯩﻢ ﭼــﺎﻍ ھﺎﻟــﺪﺍ ﺧﻪﺳــﺘﻪﺧﺎﻧﺎ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭەﺗــﻜﻪ ﺳــﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﺗﯩﻜــﻰ ﺋﯩــﺸﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩــﺪە ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏــﺎ ﻳﻮﻟﻴــﻮﺭﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﯟەﺗﻜﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﻣــﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﻪﺭ ،ﺑــﺎﺵ ۋەﻛﯩــﻞ ،ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ﻧــﺎﺯﯨﺮﻻﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﭘﻼﻧــﺪﯗﻕ .ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺧﻮﺟ ـﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﻗﻮﺷــﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻜﯩﻨﻤﻪﻛﭽــﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪۋەﺭ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺳـﻮﻏﯘﻕ ﺧﻪۋەﺭ ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨـﻰ ھﻪﻳـﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟـﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺑـﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐـﺎﻥ ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ 82
www.uyghurweb.net ﺩەﺭھﺎﻝ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷـﻜﯩﻠﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐـﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﺋﯚﺗـﯜپ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ ۋە ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ھﺎﻣﺎﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩـﭗ» :ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﻢ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﺑﯧـﻚ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰﻣـﯘ ﺷـﻪھﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﻣـﺎﻳﻤﯩﺰ ،ﺩەپ ﮔﻪﭘﻨـﻰ ﻛﻪﺳـﺘﻰ ھﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤـﯘ ﺋـﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷـﻼپ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ« ﺩەپ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ،ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﻣﯘﺳــﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﻗﻮﺷــﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗــﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯗﺭ .ﺑــﯘ ھــﺎﻝ ﺑــﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﯨﻤﯘ ،ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘﺷـﻘﺎ ﻣﻪھﻜﯘﻣـﺪﯗﺭ .ﻣﻪﺳـﯩﻠﻪﻥ :ﻧﺎﭘـﺎﻟﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘـﺎﺭﺕ ،ۋﯨﻠﻬـﯧﻠﯩﻢ ،II ﻣﯘﺭﺍﺩﺧـــﺎﻥ ،IIﻳـــﺎۋﯗﺯ ﺳـــﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳـــﻪﻟﯩﻤﺨﺎﻥ ،ﻧﯩﻜـــﻮﻻﻱ IIۋە ﺑﺎﺷـــﻘﺎ ﭘﺎﺩﯨـــﺸﺎھﻼﺭ ﺳـــﻪﺭﺩﺍﺭ ،ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗـــﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩـــﻚ ﺋـــﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘـــﺎﻥ .ﺗﺎﺭﯨﺨﺘـــﺎ ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩـــﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟـــﺪﺍﻧﻐﺎﻥ ۋە ھﯚﻛﯜﻣــﺪﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐــﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗــﻠﻪﺭ ﻛــﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﯗﺭ .ﺧﯘﺳﯘﺳــﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺯﺍﻣــﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩەﻙ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽــﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ھﯧﭽﻜﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﯩﺪﻯ ،ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻥ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻪگ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘـﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ .ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮپ -ﺗﻮپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺷـﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺑﯧـﺸﻰ ﭼﯜﺷـﻜﻪﻥ ﺗﻪﺭەﭘـﻜﻪ ﻛﯧﺘﯩـﺸﻤﻪﻛﺘﻪ ،ھﻪﻣـﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩە ۋەھﯩﻢ ،ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ،ﺩەﻛﻜﻪ -ﺩﯛﻛﻜﻪ ھﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺑـﺎﺵ ۋەﻛﯩـﻞ ۋە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﭘﻼﻧﺪﻯ. ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻞ» :ھﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗﺭ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﺎﺵ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻣـﯘ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨـﺎﻳﻠﻰ« ﺩﯦـﺪﻯ ۋە ﻣﺎﯕــﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ» :ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ! ھﺎﺯﯨﺮﻣﯘﺳــﯩﺰ؟« ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺟـﺎۋﺍﺑﻪﻥ» :ﻣـﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ ﺩەپ ﺋــﻮﻳﻼپ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ« ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ» :ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە؟« ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ»ﺋﯧـﺘﯩﻢ ﻳـﻮﻕ، ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﻤﯘ ﻳﻮﻕ ،ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ ،ﻣﻪﻥ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭﺩە ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﺗـﯘﺭﯨﻤﻪﻥ« ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ: »ﻳــﺎﻕ ،ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ ،ﺑــﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼــﺎﻏﻼﺭ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ﻗﺎﻟــﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﯚﺷــﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋــﺎﻣﺒﯘﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭘـﺎﺭﭼﻪ -ﭘــﺎﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺗﺎﺷــﻼپ ،ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺭﻏــﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘــﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﻗﯧﻨــﻰ ﺩەﺭھــﺎﻝ ھــﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟــﯘڭ ،ﺑﯩــﺰ ﺳــﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺷــﻼپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﯩــﺰ ،ﺑﯩﺰﻧــﻰ ﻣــﯘﻧﺘﻪﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﻤــﺎڭ ،ۋﺍﻗــﺖ ﻗﯩــﺲ« ﺩﯦ ـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﻧــﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼــﯜﻥ؟« ﺩﯦ ـﺪﯨﻢ .ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ» :ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺷﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﯦـﺴﻪﻡ ﺑـﻮﻻﺭ ،ھﯩـﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺑﻮﺯ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ ،ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻣﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﯩﺴﻰ ﺗﻪﻗﻠﻪپ ﺑﻪﺭﺳـﯘﻥ« ﺩەپ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋــﺎﺗﻠﯩﻖ ﺷــﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩــﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻣــﯘھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﺎﻧــﺎﻡ ،ﺑــﺎﻻ -ﭼﺎﻗــﺎﻡ ،ﺋــﯘﺭﯗﻕ -ﺗﯘﻏﻘــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻠﯩــﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘــﺘﯩﻢ .ﺑــﯘ ﺑﺎﻣــﺪﺍﺗﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐــﺎﻥ ﭼــﺎﻍ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺷــﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﭼﯩﻘﻘــﯘﭼﻪ ﺑﯩ ـﺮەﺭ ﺟــﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﻪۋﺩﯨﻨــﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩــﺪﯨﻢ .ھﯩــﻼﻝ ﺋﻪھــﻤﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩــﭗ ﻛﻪﻟــﺴﻪﻡ ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩــﺮﻯ ﺋــﺎﺕ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪە ﻣﯧﻨــﻰ ﻛﯜﺗــﯜپ ﺗﯘﺭﯗﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ھﻪﻣﻤﻪﻳــﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕــﻼ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏــﺎ ﻗﺎﻣﭽــﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷــﺘﯘﻕ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺷــﻪھﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯗﻕ .ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﻪھﺸﻪﺭ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﻪڭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﻪھﺮﺍﺩﺍ ھﻪﻣـﻤﻪ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺑﯩـﺮ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻚ ،ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﻮﻏـﯘﻝ ﺋﺎﺗﯩﻐـﺎ ،ﻗﯩـﺰ ﺋﺎﻧﯩﻐـﺎ ﺑﺎﻗﻤـﺎﺱ ﺋﯩـﺪﻯ ،ھﻪﻣﻤﯩﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧـﺰﺭەﻙ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺷـﻤﺎﻕ ﺋﯩـﺪﻯ .ھﻪﺭﮔﯩـﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐـﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺶ ﻳـﻮﻕ .ﺧﻪﻟـﻖ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ،ﭘﯩﻴﺎﺩە ھﻪﻣﻤﻪ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺋـﯚﺯ ﺩەﺭﺩﯨـﺪە ،ﺋـﯚﺯ ھـﺎﻟﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎۋﺍﺭە، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ -ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺩەﺭﺗﻠﻪﺷﻜﻪچ ،ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷـﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺷـﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ،ﻣﻪﻧﻤـﯘ ﺋـﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎۋﺍﺭە ھﺎﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺎﺗﺘﯩﻢ .ﺗﻮﺳـﺎﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐـﺎ ﻣﯘﯕﻠـﯘﻕ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎۋﺍﺯ ﺋﺎﯕﻼﻧـﺪﻯ .ﺋـﺎۋﺍﺯ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭەﭘـﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩــﻨﻼپ ﻛﯧﻠﯩ ـﭗ ﻗﺎﺭﯨ ـﺴﺎﻡ ،ﺑﯩــﺮ ﻳــﺎﺵ ﻳﯩﮕــﺖ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩــﻖ ﺋــﺎۋﺍﺯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻧﺎﺧــﺸﺎ ﺋﻮﻗــﯘپ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ﺑﯩــﺰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷــﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷــﺘﯘﻕ .ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧــﺪﺍ ﺑــﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩــﻖ ﻳﯩﮕﯩــﺖ ﺩﺍﺭﯗﻟﻤــﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻴﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪەﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺑﯩﺰ ﺑﯩـﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻤﯩـﺰﮔﻪ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩـﻚ ﻗﺎﺭﯨـﺸﯩﭗ ﻗﻮﻳـﺪﯗﻕ .ﻣﻪﻥ ﺑـﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩـﯔ ﻛﯚﯕـﯜﻝ ﺋﺎۋﯗﻧـﺪﯗﺭﯗپ 83
www.uyghurweb.net ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﺧﺴﺸﯩـﺴﯩﻐﺎ ﺋـﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗـﯘﺩﯗﻡ ۋە ﻳﯩﮕﯩﺘـﺘﯩﻦ ﺑـﺎﻳﯩﻘﻰ ﻧﺎﺧـﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘـﺎ ﺋﯘﻗـﯘپ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧـﺪﯛﻡ .ﺋـﯘ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: ﻣﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ، ﺋﻪﺯﯨﺰ ۋەﺗﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻳﺎپ -ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ ،ﻛﯜﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﺎﻏﻼﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﻪﺯﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪﺑﺎﻥ ﻣﻪﺷﺮەﺏ ﻗﯘﺭﯗپ، ﺳﺎﺯﻟﻪﺭ ﭼﺎﻟﯩﺐ ﺩﺍﭘﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗپ، ﺳﯧﻤﯩﺰ -ﺳﯧﻤﯩﺰ ﻗﻮﻳﻠﻪﺭ ﺳﻮﻳﯘپ، ﺋﯩﺸﺮەﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻏﻼﺭ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ» :ﺋﯚﺗﻜـﯜﺭ ﺑﯩـﺮ ﺷـﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺷـﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩـﺪﻯ« ﺩەپ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ،ﺗﻪھﺴﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ» ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ھﻪﻣـﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳـﻪ ﻗﺎﻟـﺪﻯ« ﺩﯦﺪﯨﻤـﺪە ﻧﺎﻣﯩﻖ ﻛﻪﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﯘ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﯨﻢ: ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﺗﯘﺭﯗپ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺯەھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯜﺭﯛپ ﺗﯘﺭﯗپ، ﻧﻮﭼﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ،ﺩەپ ﻳﯜﺭﺩﯗﻕ ﻻپ ﺋﯘﺭﯗپ، ﺋﻮﻳﻼﻳﻠﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺭﺍﻕ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﺑﯩﺰ؟ ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﻻﻳﯩﻘﻤﯘ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ؟ ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ،ﺋـﯚﺯ ﭘﯩﻜـﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻳﻮﻟﯩﻐـﺎ ﻛﯧﺘﯩـﺸﯩﯟﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯩﺰﻣـﯘ ھﻪﻡ ﻳـﯜﺭﯛپ -ﻳـﯜﺭﯛپ ﺑﯩـﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ .ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ،ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻤﻼﺭ ھﻪﻣﺮﺍھﻠﯩـﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜـﻰ ﻳـﻮﻝ ﺗﯚﭘﯩـﺪە ﺗـﻮپ -ﺗـﻮپ ﺑﻮﻟـﯘپ ﭼـﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩـﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـﻘﺎﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻣـﯘ ﺑﯧﺮﯨـــﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـــﯔ ﺋﺎﺭﯨـــﺴﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﺘـــﯘﻕ .ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـــﺎ ﮔﯜﻟﺨـــﺎﻥ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩـــﭗ ،ھﻪﻣﻤﻪﻳـــﻠﻪﻥ ﮔﯜﻟﺨـــﺎﻧﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨـــﺪەپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ .ﻗﯩﺸﻼﻕ ﺑﯧﮕﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻥ ﺗﻪﻛﻜﻪﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﺩﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﮔﺪﻯ ،ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﻳـﻮﻕ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ» :ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ھﺎﺟﯩﻢ! ﺑﯘﭼﺎﻱ ﺗـﺎﺗﻠﯩﻘﻤﯩﻜﻪﻥ ﻳـﺎﻛﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻣﺎۋەﺭﺩە ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﭽﻪ ﭼﺎﻱ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻤﯩﻜﻪﻥ؟« ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺑـﯘ ﮔﯧـﭙﯩﻤﮕﻪ ﺟـﺎۋﺍﺑﻪﻥ: »ھﺎﺯﯨﺮ ﮔﻪپ ۋﺍﻗﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻗﯧﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎﻳﻠﻰ« ﺩەپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻜﯩﻨﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﻪﮔﻪﺷــﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷــﻼپ ،ﺋﻪﺭﻛﻪﺷــﺘﺎﻡ ﺗﻪﺭەﭘــﻜﻪ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩــﺸﻼﻗﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔــﺎھ ﻗــﯘﺭﺩﻯ .ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﺑﺎﺷــﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩــﺮﻯ ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩـﺮﻯ ﻳﯧﯖﯩـﺴﺎﺭﻏﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧـﺪﻯ ،ﻗﻪﻟـﺌﻪ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﻳﯩﻐﯩﻨـﺪﺍ ﻣﯘھـﺎﺟﯩﺮ ﺋــﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﺭﯨﻤﺠــﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﯧ ـﺸﻰ ۋە ﺋــﺎﺭﯨﻒ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷــﻰ ﻗــﺎﺭﺍﺭ ﻗﻠﯩﻨﺪﻯ .ﻛﻪﻣﯩـﻨﻪ ﺋـﺎﺟﯩﺰ ﺑﻪﻧـﺪە ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗـﺎﺯﻯ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﻣـﻮﻟﻼ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺟـﺎﻥ ﺋـﺎﺧﯘﻥ ﺋﻮﺷـﯩﻲ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩـﺰ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺧــﺸﺎﻡ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎھﯩﻐــﺎ ﺑــﺎﺭﺩﯗﻕ .ﺑﯩــﺰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﻛﻪﻧﺠﻰ ﻣﯩﯖﺒﯧﺸﯩﻨﻰ ھﯧﻠﯩﻼ ﺋـﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏـﺎ ﻳـﻮﻟﻼپ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻐﺎ ﺳـﺎﺑﯩﺖ 84
www.uyghurweb.net ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩــﯔ ﺳــﺎﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜــﯜﺯﺩﯗﻕ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ :ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳــﻜﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻨﯩــﯔ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﺍ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻣﺪە ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯚﻡ -ﺋﯩﻨﺎﻕ ھﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﺳـﻠﯩﻬﻪﺕ -ﻛـﯧﯖﻪﺵ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩـﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟـﺴﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻓﺎﺋﯩــﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩە ﺗﯘﺗــﯘپ ﺗــﯚﺕ ﻗﯘﺭﺑﯧـﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩــﺸﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩ ـﭗ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧــﻰ ﺋﻪۋەﺗﺘ ـﻰ ،ﺩﯦ ـﺪﯗﻕ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ» :ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺗﻪ ﺑــﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺋــﺎﺭﯨﻒ ﺧﻮﺟــﺎ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺠــﺎﻧﻼﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺋﯧﻠﯩ ـﭗ ﺳــﯩﺰﻟﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﻛﯩﭽﯩ ـﻠﻪپ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯩﻘــﺴﯘﻥ« ﺩﯦ ـﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ .ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨـﺪﺍ ﺗـﯚﺕ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩـﺮ -ﺑﯩـﺮﻟﻪپ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻳﯧﯖﯩـﺴﺎﺭﻏﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩـﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ .ﻣﯘﺷـﯘ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻗﻪﻟﺌﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ .ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﯚﺯﺑﯧـﻚ ،ﻗﯩﺮﻏﯩـﺰ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﺋـﺎﺭﺗﯘﺵ ،ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﯖﺠﺎﯕﻠﯩﺮﻯ ،ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷـﺘﻰ .ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﻳﯩﻐﯩﻨـﺪﺍ ﺳـﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺳﯚﺯﯨﺪە ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ -ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺗﺎﺷـﻼپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺧﺎﺗـﺎ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩــﺮﮔﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋــﺎﺯ ﻣﯩﻘــﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ،ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖــﻰ ﺑﺎﺷــﺘﯩﻦ ھﻪﻣــﻤﻪ ﺑﯩــﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻣــﯘﻣﯩﻲ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩــﺸﯩﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﺷــﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺑﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺋﻪﮔﯩــﺸﭗ ﺑﯩــﺮ ﻗﺎﺗــﺎﺭ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ھﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟـﯜﻙ ھﯘﺟـﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻣﻪﻗـﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩـﺮﻯ ۋە ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗــﺎﺭﺍپ ﻳــﯜﺭﯛپ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﻛﻪﻣﯩــﻨﻪ ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺋﺎﻏﺮﯨــﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤــﺪﯨﻦ ﺧﻪﺳــﺘﻪﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟــﺪﯨﻢ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﺎﯕــﺎ ﻳﻪﻧﻪ ۋەﺯﯨ ـﭙﻪ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧــﺪﻯ .ﺋــﯘ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﺟﺪﯨ ـﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪﮔﻨــﻰ ﻛﯜﺗــﯜۋﯦﻠﯩﺶ ۋەﺯﯨﭙﯩ ـﺴﻰ ﺋﯩــﺪﻯ .ﻣﻪﺟﺪﯨ ـﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩــﻨﮕﻪﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺑﯩــﺮ ﺳــﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ .ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯜﻡ .ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷـﺘﻪ ﺋـﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻳـﺎﭘﯘﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﭽـﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠـﮕﻪﻥ، ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﻤﻪﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ ﻗﻮﺷـﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗـﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ،ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘـﺴﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩـﺰﮔﻪ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﯩﭽﻜـﻰ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩـﺮ ﻗﺎﺗـﺎﺭ ﺳـﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳـﻮﺭﯨﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩـﺮﯨﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﭘـﺴﯩﻠﯩﻲ ﺟـﺎۋﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﯨـﻢ .ﺑﯩـﺰ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻤـﯘ ﺧﯧﻠـﻰ ﻛـﯚپ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺷـﺘﯘﻕ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻛﯜﺗﯜﻧـﯜﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﻟﺌﻪ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺳـﺎھﯩﺒﻨﯩﯔ ھﯘﺯﯗﺭﯨﻐـﺎ ﺑﯩﻠـﻠﻪ ﻛﻪﻟـﺪﯗﻕ. ﺯﯨﻴﺎﺭەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎھﯩﻐﺎ ﻗـﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺷـﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻛﻪﭼﻘـﯘﺭﯗﻥ ﭘﻪﻳﺘﻠﯩﺮﯨـﺪە ﭘـﺎﺕ -ﭘـﺎﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷـﯜپ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩـﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺪﯗﻕ .ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﯘﭼﻪ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑـﻮﺵ ۋﺍﻗﺘــﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻏﻪﺭﯨﺰﯨﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨـﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳـﻰ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩــﭗ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠــﺪﻯ .ﺋﺎﺭﯨ ـﺪﯨﻦ ﺋــﯜچ -ﺗــﯚﺕ ﻛــﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧــﺪە ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ،ﺯەﺭﯨــﻒ ﻗﺎﺭﯨﻬــﺎﺟﯩﻢ ،ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھ ﺧــﺎﻧﯩﻲ ،ﻣﻪھﻤــﯘﺩ ﻧﻪﺩﯨــﻢ ﺑﯧــﻚ ،ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ،ﺳــﯘﻟﺘﺎﻧﺒﯧﻚ ،ﺯەﻳﻨــﯘﺩﺩﯨﻦ ﻛــﺎﺭۋﺍﻥ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ ھﻪﻣــﺪە ﭘﺎﺗﯩﭙــﺎﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ،ﺭﻭھــﻰ ﭼﯜﺷــﻜﯜﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩــﺮﺩﯨﻦ -ﺋﯩﻜﻜﯩــﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ھﺎﻟﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻨﯩﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﻗﻜﻰ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ھﯘﺟﯘﻡ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﭘﺘﯘ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺩەپ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻧــﺪەﻙ ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭼــﻮﯕﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ ﻗﻮﺷــﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷــﻼپ ،ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼپ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎھ ﻗﯘﺭﺩﻯ .ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ھـﺎﺭﺩﯗﻕ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ،ھﯘﺟﯘﻣﻐــﺎ ﺗﻪﻳﻴــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛــﯚﺭﺩﻯ .ﺋﻪﺗﻪﺳــﻰ ﺳــﻪھﻪﺭ ﭘﻪﻳﺘﯩـﺪە ﭘﯜﺗﻜــﯜﻝ ﻗﻮﺷــﯘﻧﻐﺎ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩــﺶ 85
www.uyghurweb.net ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎھﺘـﺎ ﺗـﯘﺭﯗپ ﺟﻪڭ ﺋﻪھـﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩــﭗ ،ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩــﻚ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺗــﯘﺭﺩﻯ .ﺑــﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘــﻰ ھﯘﺟﯘﻣﻐــﺎ ﺋﯩــﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﻳــﯜﺯﺩە ﺗﻮﻗــﺴﺎﻥ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑﺎﻣـﺪﺍﺕ ﻧـﺎﻣﯩﺰﻯ ﭘﻪﻳﺘﯩـﺪە ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻟﻪﺭ ﺗـﯚﺕ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﯕﻼ ›ﺋﺎﻟﻼھﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ‹ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﺗﻮۋﻟﯩﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺕ ﭼـﺎﭘﺘﯘﺭﯗپ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩـﺮﺩﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻛـﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻼ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ ﻣﺎﯕﺪﻯ ،ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟـﺪﻯ .ﺋـﻮﺭﺩﺍ ﻗﻮﺭﺷـﺎۋﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨـﺪﻯ. ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ .ﺧﻪﻟﻘﻤـﯘ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩـﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﺎﻣﯘﻟﺪﺍ ﻗﻮﺭﺷﺎۋﺩﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﻠﯧﻔـﯘﻥ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﺳـﻮﺭﯨﺪﻯ .ﺩەﻝ ﺷﯘ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ،ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺳــﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪﯨﻦ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺳــﯧﭙﯩﻞ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺑــﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻐــﺎ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺳــﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻛﺎﺭﻧﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺑﻪﺱ -ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻏﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘﻧﻰ ﻛـﯚﺭﮔﻪﻥ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨــﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩــﭗ ﺳــﯩﭙﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨــﺴﯩﺪﺍ ﻣــﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺩە ﺗــﯘﺭﺩﻯ .ﺷــﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﺩﯛﺷ ـﻤﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳــﺎﺭﺩەﻡ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨــﻰ ﺑﯩﻠﯩــﭗ ،ﻳــﺎﻣﯘﻝ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷــﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ﻗﻮﺷــﯘﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻤــﺎﻳﻠﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐــﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩــﭗ ﻳﺎﺭﺑــﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍﺳــﻨﯩﯔ ﺳــﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺳـﯩﭙﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﯨﻦ ھﻪﻡ ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩەﻙ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭ ﺗﺎﺷـﻘﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺟـﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘـﯘﺯﺩﻯ .ﭼﯩﻘﺎﻟﻤـﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﭙﯩﻠﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋﻮﻗﯩﻐـﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟـﺪﻯ ،ﺑـﯘﻻﺭ ﻧـﺎﺋﯩﻼﺝ ﺳـﯩﭙﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﯛپ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩـﭗ ﻛﯩـﺮﺩﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘـﺎ ﺑﯩـﺮ ھﻮﻳﻠﯩﻐـﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗپ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ .ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩـﺴﺘﺎپ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺋـﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ھﻮﻳﻠﯩﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯚﻟـﯜﻣﻠﻪﺭﺩە ﺯﯨﻜـﺮﻯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﯧﻜﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﯧﻜﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ،ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯩـﺮ ﺗـﺎﺭ ﻛﻮﭼﯩـﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜـﯜﭼﻪ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﺍپ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ھﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘۋﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺗـﺎﻣﻤﯘ -ﺗـﺎﻡ ﺋـﺎﺗﻼپ ﻳﯜﺭﯛپ ،ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﺝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﻛﯩﭽﻪﻳﯘ -ﻛﯜﻧـﺪﯛﺯ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩـﺸﯩﭗ ﺗـﯘﺭﺩﻯ ،ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋـﻮﻕ- ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴـﺎﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩـﺴﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻤـﺎﻱ ﺳـﺎﻗﻼﺩﻯ .ھﯩـﻴﻠﯩﮕﻪﺭ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺋﻪﻟﭽـﻰ ﻛﻪﻟـــﺪﻯ .ﺋـــﯘﻻﺭ ﻣﯘﺟﺎھﯩـــﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋـــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ۋەﻛﯩـــﻞ ﭼﯩﻘﺎﺭﺗﯩـــﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﺏ ﻗﯩﻠـــﺪﻯ .ﻗـــﺎﺯﻯ ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭ ﻣـــﻮﻟﻼ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺋﺎﺧﯘﻥ ۋەﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣـﯘﺯﺍﻛﯩﺮە ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑـﺎﺭﺩﻯ .ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨـﺪە ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩـﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯜﻟﻬﻰ ﻗﯩﻼﻳﻠـﻰ ،ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜـﺮﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗـﺘﻪ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋـﯘﺯﯗﻕ -ﺗﯜﻟـﯜﻙ ،ﺋـﻮﻕ -ﺩﻭﺭﯨﻠﯩـﺮﻯ ﺗـﯜﮔﻪپ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘﯕﺎ ﭘﺎﻳـﺪﯨﻠﯩﻖ ﺳـﯜﻟﻬﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻣـﯘ ﺳـﯜﻟﻬﯩﻜﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺳـﯜﻟﻬﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﺳﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺋﺎﻣـﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ۋەﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜپ ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﻪﺳـﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﻣﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﻰ .ﺑﯩﭽﺎﺭە ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯩﭽـﻜﻪﻥ ﻗﻪﺳـﻪﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﺗﯘﺗﻘـﺎﻥ ۋە ﺗﺎﻣﻐﯩﻼﻧﻐـﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩـﺸﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺳـﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺧـﺎﺋﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺩەﺭھـﺎﻝ 75ﻛﯩـﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ -ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺧﻪﻟﻘـﻘﻪ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﺑﯩـﺮ ﺋـﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻣـﺎپ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ﺋﯚﻳﻨﯩـﯔ ﺗﺎﺭﻟﯩﻘﯩـﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣـﺎﺯ ﺋﻮﻗـﯘﺵ ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩـﺪﻯ. 86
www.uyghurweb.net ﺳــﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠــﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘــﺎ ھﻪﻣﻤﯩﻠﯩــﺮﻯ ﺗﻪﻳﻪﻣﻤــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑﯩــﺮ -ﺑﯩﺮﺳــﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎﺳ ـﯩﻐﺎ ﺳــﻪﺟﺪە ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻧﺎﻣــﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷــﺘﻰ .ھﻪﻣــﻤﻪ ﺋﯩــﺸﺘﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻜــﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩــﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻰ ﻗــﺎﺯﻯ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ» :ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ،ﺳﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷـﯜپ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯔ« ،ﺩەپ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ .ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻳﻪﺗﻤﯩـﺶ ﺑﻪﺵ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻧﻰ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﺷﯘ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺗﯚﺗﻠﻪپ ،ﺑﻪﺷﻠﻪپ ﺳﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. »ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻤﯩﺰ ،ﭼﻮﻗـﯘﻡ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩـﯔ ﺩەﺭﮔﺎھﯩﻐـﺎ ﻗـﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ« )ﺑﻪﻗﻪﺭە ﺳﯜﺭﯨـﺴﻰ، - 156ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ( ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻡ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﺷـﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽـﻰ ۋە ﺳـﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌـﺎﻡ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟـﺪﻯ .ۋەھـﺸﯩﻲ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ ﻣـﺎﻝ -ﻣﯜﻟـﻚ ،ﺋـﯚﻱ -ۋﺍﻕ ،ﺩﯗﻛﻜـﺎﻥ -ﺳـﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﺩەﺭﯨﺠﯩـﺪە ﺗـﺎﻻﻥ- ﺗــﺎﺭﺍﺝ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺗــﻮپ -ﺗــﻮپ ھﺎﻟــﺪﺍ ﺋﯘﭼــﯘپ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺑﯩــﺮ ﺑﺎﻏﻘــﺎ ﭼﯜﺷــﯜپ ،ﺋﯘﻧــﺪﯨﻜﻰ ﺩەﺭەﺧــﺘﻠﻪﺭ، ﺋﯩﻜﯩﻨﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺑﯩــﺮ ﺩەﻣــﺪە ﻳﺎﻟﻤــﺎپ ﻳﯘﺗﻘــﺎﻥ ﺋــﺎچ ﭼﯩﻜﻪﺗــﻜﻪﻟﻪﺭﺩەﻙ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻧﻰ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧــﺎﺭﺍﺏ ﻗﯩﻠــﺪﯨﻜﻰ ،ﻛــﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻼ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻕ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺑﯩﭽﺎﺭە ،ﻳﯧـﺘﯩﻢ ﺋﻮﻏـﯘﻝ ،ﺗـﯘﻝ ﺧﻮﺗﯘﻥ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑـﯘ »ﻗﻪﺗﻠﯩﺌـﺎﻡ« ﻛـﯜﻧﻰ ﺗـﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺭﺳـﯩﻴﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﻛﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ،ھﻪﺭ ﺋﯚﻱ ﺷﯘ ﺋﯚﻱ ﺋﻪھﻠﯩـﮕﻪ ﻗﻪﺑﺮﯨـﺴﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ھﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩـﺮﻯ ﺋـﯚﺯ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨـﺪە ﺋـﯚﺯ ﻗﯧﻨﯩﻐـﺎ ﺑﻮﻳﺎﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻛﯜﻧـﺪە ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷـﻘﺎﻥ ۋەھــﺸﯩﻴﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﮔــﯚﺩەﻛﻠﻪﺭ ﻗﯩﺮﯨــﭗ ،ﻗــﺎﺭﺍ ﺳــﺎﻗﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨــﭗ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻣــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻗﻪﻳﯩــﻦ ﺋﯩــﻨﯩﻢ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺑﯘﺗﺘﺎ ﻳﺎﺗﺘﻰ .ﺗﯚﺕ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑـﯘ ﺗﯩﺮﯨـﻚ ﺋﯚﻟـﯜﻛﻨﻰ ﻛﯚﺗـﯜﺭﯛپ ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺑﯘﺗﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩـﭗ .ﻗﺎﻳﺘـﺎﺭﺩﺍ ﺑﻪﺵ ﻛﯩـﺸﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗــﺎﻳﺘﺘﻰ .ھﯧﻠﯩﻤــﯘ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻛ ـﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻰ ﻳــﻮﻕ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ﻣــﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﻗﻪﻳﯩﻦ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﯘﺟﯘﻡ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺑـﯘ ھﯘﺟـﯘﻡ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩـﺪە ﭼﯩﻘﯩﻤـﺪﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺧﯧﻠﻰ ﻛـﯚپ ﻗﻪھﺮﯨﻤـﺎﻥ ،ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩـﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠـﺪﯗﻕ .ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘـﺎﻥ ۋە ﺋﻪﺗـﺮﺍﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﯩـﺴﺎﺭﻏﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧـﺪﻯ .ﻗﻪﻟــﺌﻪ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷـﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﯩـﻲ ﺑﯩــﺮ ﻳﯩﻐﯩـﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠـﺪﻯ .ﺑــﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐــﺎ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩــﺮﻯ ،ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩــﻚ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ ،ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩــﺮﻯ ھــﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟــﺪﻯ. ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﺘﻪ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏــﺎ ﻳﯩﯖﯩﻠﯩــﭗ ﻗﯧﻠﯩــﺸﻨﯩﯔ ﺳــﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛــﺸﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﻳﯩﻐﯩﻨﻐــﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷــﻘﺎﻥ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩــﻚ ﻛﯩــﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨــﺴﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ،ﺑــﯘ ﻣﻪﻏﻠــﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴــﺎﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﺗﺎﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻐﺎ ﺩﯙﯕﮕﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯚۋەﻧﺪەﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ: .1ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨــﻞ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋــﺎﻕ ﺋــﻮﺭﯗﺱ ،ﺩەپ ﺋــﻮﻳﻼپ ،ﺋــﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ. .2ﭼﯩﻨﯩﺒﺎﻏﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰ -ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ،ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﺳﺎھﯩﺒﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. 87
www.uyghurweb.net .3ﻳﺎﺭﺩەﻣﭽﯩــﺴﻰ ﻗﯘﺩﺭەﺗﯘﻟﻼﺧــﺎﻥ ﺗــﯚﺭەﻣﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﻣــﺎﻝ -ﻣﯜﻟــﻚ ،ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﺋﻪﺷــﻴﺎﻻﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ۋە ھﻪﺭ ھﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑـﺎﺯﺍﺭ ﻛـﯜﻧﻰ ﺋﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. .4ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘھﺎﺳ ـﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧــﺪﺍ ﺋــﯚﺯ -ﺋــﯚﺯﯨﭽﻪ ﻣﯘھﺎﺳ ـﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﺷ ـﯩﺘﯩﭗ ،ﺧﯩﭽﯩﺮﭼﯩــﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻥ. .5ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋـﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ھﯘﺟـﯘﻡ ﭘﻪﻳﺘﯩـﺪە ﺷـﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩـﮕﻪ ﺋـﯚﺯﻯ ﻛﯩـﺮﻣﻪﻱ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗـﻮﻝ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﺷــﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔــﯜﺯﯛپ ﻗﻮﻳــﯘپ ھﯘﺟﯘﻣﻐــﺎ ﺳــﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷــﻤﯩﻐﺎﻥ ۋە ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻧﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. .6ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋــﯚﺯﻯ ﺑﯩــﺮ ﺋــﺎﺕ ،ﺑﯩــﺮ ﻗﺎﻣﭽــﺎ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻤﯩﺰﻏــﺎ ﺑﻮﻳــﺴﯘﻧﯘۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻠــﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻣﻪﻗــﺴﺘﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﯧــﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺧﯧﻠــﻰ ﺑــﯘﺭﯗﻧﻼ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻥ ﺑـﺎﻻ -ﭼﺎﻗـﺎﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻣـﺪە ﻣـﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋـﯘﺯﺍﻕ ﺗـﺎﻍ ﻳﻮﻟﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺩﺍۋﺍﻧﻼﺭﺩﯨـﻦ ﺳـﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﯚﺗـﯜپ ﺋﺎﻓﻐــﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨــﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩــﭗ ﺑــﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩــﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗــﻮﺭﯗﻗﻼپ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺋﺎﺷــﻠﯩﻖ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺩﯗﻟﻠﯘﻕ ﻳﻮﻟﻼپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەﻟﯩﻞ -ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﻏــﺎ ﺑﻨــﺎﺋﻪﻥ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺋــﺎۋۋﺍﻟﻘﻰ »ﻗﯧﺮﯨﻨــﺪﺍﺵ ﻗﯧﻨــﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﻤﯩــﺴﯘﻥ« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨـــﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩـــﭗ ،ﭘﯜﺗـــﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ﭘﯩﻜـــﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷـــﻰ ۋە ﺑﺎﺷـــﻘﺎ ﺳـــﻪۋەﺑﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛـــﯚﺭە، ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗپ ،ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﻪﺗﻪﺳــﻰ ﻛﻪﭼــﺘﻪ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﻗﻪﻟــﺌﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠــﺪﻯ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻘــﺎ ﺑﯩﻨــﺎﺋﻪﻥ ﺧــﯘﭘﺘﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋــﻮﻥ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺯەﺭﺑﯩـﺪﺍﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠــﻠﻪ ھــﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﭼــﺎﻱ -ﭘــﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣـﯘھﯩﻢ ﺋﯩـﺶ ﺑـﺎﺭ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺑﺎھـﺎﻧﻪ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺋـﯚﻳﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠـﺪﻯ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑـﯘ ﺋﯚﻳـﺪﯨﻦ ﺋـﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜۋﯦﺘﯩﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺩەھﻠﯩﺰ )ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭ( ﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗـﯘﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺳـﺎھﯩﺐ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐـﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺑـﺎﺗﯘﺭ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻥ ﺋﻪﻣﻴـﺮ ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﺋـﺎﺧﯘﻥ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻐﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﻛـﯚﺭﮔﻪﻥ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﯚﻟـﯜﻡ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﯩـﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺋﺎۋﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺳﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ! ﺩەپ ﺗﻮۋﻟﯩﺪﻯ .ﺩەﻝ ﺷﯘ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩـﺘﻠﻪﺭ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﻟﻪﺑﺒﻪﻱ ﺋﺎﻛﺎ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯩـﺰ ھـﺎﺯﯨﺮ ،ﺩەپ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﺗـﯚﺕ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺋﻮﺭﯨﯟﺍﻟـﺪﻯ. ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﻳﺎۋەﺭﯨﮕﻪ ﺑـﯘﻳﺮﯗﺩﻯ :ﻳﯧﻨﯩﻤـﺪﯨﻜﻰ ﻣـﺎۋﺯﯨﺮ ﺗﺎﭘـﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ،ﻣﺎﯕـﺎ ﺗﻪﮔـﺪﯛﺭﻣﻪﻱ ﺑـﯘﻧﻰ ﻳـﺎﻥ ﺑﯧـﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼپ ،ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﺷـﺎﺕ ،ﺩﯦـﺪﻯ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳـﺎۋەﺭ ۋە ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩـﺮﻯ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻧـﻰ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽـﺎ، ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺯەﺭﺑﯩﺴﯩﺪە ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠـﺪﻯ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻠﻨﯩـﯔ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩــﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧــﺪەﻙ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩــﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ھﺎۋﺍﻏــﺎ ﺑﯩــﺮ ﻧﻪﭼــﭽﻪ ﭘــﺎﻱ ﺋــﻮﻕ ﺋــﺎﺗﺘﻰ -ﺩە، ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺳﻪھﻨﻪ )ﺳﻪﻳﻨﺎ( ﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩـﺸﯩﭗ ،ﻳﻪﻟﻜﯩﻠﯩـﺸﯩﭗ ﺋﺎﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩـﯔ ﺗﯧﻤﯩﻐـﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎﺗﻼپ ،ﻗﻪﻟﺌﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳـﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ھﻪﻣﻤﯩـﺴﻰ ﺗﻪﯕـﻼ ﻗﻪﻟـﺌﻪ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ،ﺳـﯩﭙﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯧـﺴﻠﯩﭗ، ﺳﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﺎڭ -ﺗﻮﭘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ،ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ھﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺋـﯘﻻﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎۋﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ،ﺋـﯜچ ﺟﺎﻳـﺪﯨﻦ »ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﻛﻪﻟـﺪﻯ!« ﺩەپ ﻳﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺗـﻮۋﻻپ ،ﺭەﻗﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨـﺸﻜﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﺎۋﺍﺯﻧﻰ ﺋﯩـﺸﯩﺘﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩـﻚ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ۋە ﻛـﺎﺗﺘﯩﻼﺭ ﺋـﺎﻻﻗﺰﺍﺩە ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺩﯦـﻤﻪﻙ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩـﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗـﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩـﺪە 88
www.uyghurweb.net ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻻﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩـﻚ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋـﯚﺯ-ﺋـﯚﺯﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎۋﺍﺭە ﺑﻮﻟـﯘپ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑـﯘ ﺋـﺎۋﺍﺯ ﺑـﺎﺭﭼﻪ ﻗﻪﻟـﺌﻪ ﺋﻪھﻠﯩﻨـﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨـﺸﯩﮕﻪ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺪە ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻢ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩـﺴﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧـﺪﺍ ﻗﻮﺭﯗﻟﻐـﺎﻥ ﻗﻮﻣـﺎﭼﺘﻪﻙ ﺗﺎﺭﺳﯩﻠﺪﺍپ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﺋﺎۋﺍﺯﻟﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮەﺭ ﺋﯩـﺶ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺋﻮﺧـﺸﺎﻳﺪﯗﺭ ،ﺩەپ ﺋـﻮﻳﻼپ ﺋﻪﺯﺍﻥ ۋﺍﻗﺘـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﻳﯜﮔـﯜﺭﺩﯛﻡ .ﻛـﻮﭼﯩﻼﺭ ﺟﯩﻤﺠﯩـﺖ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺳـﺎﺭﺍﻱ ﺗﻪﺭﯨـﭙﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺳـﺎﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﯨـﺸﯩﻢ ﺭﻭﺯﻯ ﺋـﺎﺧﯘﻥ ﺋـﯘﭼﺮﺍپ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻣﯧﻨــﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ ﺳــﯚﻳﯜﻧﮕﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳــﺎﺵ ﺋﻪﻟﻪﯕﮕﯩــﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺗــﺎﻣﭽﻪ ﻳــﺎﺵ )ﺷــﺎﺩﻟﯩﻖ ﻳﯧـﺸﻰ( ﺳــﯩﺮﻏﯩﭗ ﭼﯜﺷــﺘﻰ ۋە» :ﺋﻪﻟﻬﻪﻣــﺪﯗﻟﯩﻠﻼھ ،ﺳـﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧــﺴﯩﺰ ،ﻛﯚﺭﯛﺷــﺘﯘﻕ« ،ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﻧــﯧﻤﻪ ﺋﯩــﺶ؟ ﻧـﯧﻤﻪ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟« ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﺋﯘ» :ﻧﺎﻣـﺎﺯ ﺧﯘﭘﺘﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺗﻮﺳـﺎﺗﺘﯩﻦ ﻗﻪﻟـﺌﻪ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻦ ﺋـﻮﻕ ﺋـﺎۋﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧـﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑـﯘ ﮔﻪپ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ھﻪﻣـﻤﻪ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺋﯚﺭﯨﺘـﯚﭘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯘپ ،ﺋـﯚﺯ ﺟــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﻟــﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩــﺸﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﻐــﺎ ﭼﯜﺷــﯜپ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ھﯧ ـﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺧــﯘﺩﺍ ﺑﯩﻠﯩ ـﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻗﺎﭼﺘﻰ .ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘپ ﺧﻮﺭﺟﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺳـﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺗــﯜپ ﺗــﯘﺭﺩﯗﻡ .ﻗﯧﭽﯩــﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨــﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ» :ﻧ ـﯧﻤﯩﮕﻪ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺗﯘﺭﯨــﺴﻪﻥ؟ ﻣﯧﯖﯩــﯟەﺭ ،ﺳــﯘﻟﺘﺎﻧﺒﯧﻜﻤﯘ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﻳﯜﺭ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﻪﻳﻠﻰ!« ،ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗـﯜپ ﺗـﯘﺭﯗۋﺍﺗﯩﻤﻪﻥ« ،ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﺋـﯘﻻﺭ: »ﺟﯧﻨﯩﯖﻨــﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﺳــﺎﯕﭽﯘ ،ﺟــﺎﻥ ﻛﯧــﺮەﻙ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﺎﺗﻘــﺎ ﻣﯩــﻨﮕﯩﻦ« ،ﺩەپ ﻗﻮﻳــﯘپ ،ھﯩﭽﻨ ـﯧﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤــﺎﻱ ﻛﯧﺘﯩــﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺳﻪھﻪﺭ ۋﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﺍ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩـﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩــﺮﻯ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻳــﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﺳــﯘپ ،ﺷــﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩــﺮﯨﺶ ،ﭼﯩﻘﯩــﺶ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻗﺎﻣــﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩــﭗ، ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ .ﻣﻪﻥ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﺩﯗﻡ« ،ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﺋـﺎﺗﻼﺭ ﻗﯧﻨـﻰ؟« ﺩﯦـﺪﯨﻢ. ﺋﯘ» :ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ« ،ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻳـﯜﺯ ﺑﯧـﺸﯩﻨﻰ ﻛـﯚﺭﺩﯛﻡ ،ﺑﯩـﺰ ﺋـﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟـﺪﯗﻕ .ﻣﻪﻥ ﺋـﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩـﯔ ﻗﯘﺷﺨﺎﻧﯩـﺴﯩﻐﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﭼـﺎﭘﺘﯩﻢ .ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﻧﻪﺩﯨﻢ ﺑﻪگ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ» :ﻗﯧﻨﻰ ،ﻳﯜﺭﯛڭ ،ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﺪﯨﻦ ھـﺎﻝ ﺳـﻮﺭﺍپ ﻛﯧﻠﻪﻳﻠـﻰ!« ﺩﯦـﺪﯨﻢ. ﺋــﯘ ﺑــﯘﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩـﺪﻯ ۋە ﺧــﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽــﻰ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘــﻰ .ﻣﻪﻥ» :ﺋﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺳــﺎھﯩﺐ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜڭ« ،ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﮔﯧﭙﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻘﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻟﯜپ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯗﻕ. ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﺷﺨﺎﻧﯩ ـﺴﯩﺪﺍ ﺯﯨﻴــﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠــﺪﯨﻢ» .ﺳ ـﺎﻻﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟــﯘڭ ،ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛــﺎ ،ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧــﺴﯩﺰ؟« ﺩﯦــﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ھــﺎﻝ ﺳــﻮﺭﺍپ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻣﺎﯕــﺎ ﺷــﯜﺑﻬﯩﻠﯩﻚ ﻛــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﯩــﭗ ﺗــﯘﺭﯗپ» :ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ، ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟« ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﯨﻢ« ،ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﺳـﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ: »ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯩﻜﯩﻦ ،ﺩەپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﯨﻢ« ،ﺩەپ ﻛﯜﻟﯜﻣـﺴﯩﺮﯨﺪﻯ .ﻣﻪﻥ: »ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺷـﯘﻟﻐﺎﻥ ،ﻛﯩﻤـﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻕ ،ﺋﻪﻟـﯟەﺗﺘﻪ ﺋـﯘﻧﻰ ھﻪﻗﯩـﻘﻪﺕ ﺋﯩـﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ .ﺑـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﻛﻪﺗﻤﻪڭ .ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ! ﺋـﯚﺯ ﺳﺎﻳﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤـﺎڭ ،ﺋـﯚﻣﺮﯨﯖﯩﺰ ﺗﯜﮔـﯜﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ، ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﯩﻞ ﻗﯩﺮﺍﻧﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺟﯩﻠﻰ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋـﺎﺩەﻡ ﺋﯚﻟﯩـﺪﯗ .ﺳـﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏـﺎ ﻳﯧﯖﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯚﺭەﻟـﺪﯨﯖﯩﺰ .ﺑـﯘﻧﻰ »ﺋﯩﺌﺎﺩەﺋﻰ ھﺎﻳﺎﺕ« ﺩەﻳﻤﯩﺰ .ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩـﯔ ،ﺳـﺎﻗﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻗﺮﺍﻕ؟ ﺷـﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠـﺴﻪﻡ« ،ﺩﯦـﺪﯨﻢ. ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ» :ﺳــﯧﭙﯩﻠﺪﯨﻦ ﺳــﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷــﻜﯜﭼﻪ ﺩﯨﻤﺎﻗﻠﺮﯨﻤﻐــﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺗﻮﭘــﺎ -ﭼﺎﯕﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺗﻪﺳــﯩﺮﻯ ھﯩﻠﯩﻐﯩ ـﭽﻪ ﺑــﺎﺭ ،ﺷــﯘﻧﭽﻪ ﻏﻪﺭﻏﻪﺭە ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﻳــﯜﺯ -ﻛــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳــﯘپ ﺑﺎﻗﻘــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻣﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﯕــﺸﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯨﻢ«، 89
www.uyghurweb.net ﺩﯦــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﺳــﯩﺰﮔﻪ ﺳــﯜﻳﻰ 35ﮔﺮﺍﺩﯗﺳــﻠﯘﻕ ۋﺍﻧﻨــﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧــﻰ ﺗﻪﻳﻴــﺎﺭﻻﺵ ﻻﺯﯨــﻢ .ﻣﺎﯕــﺎ ﺭﯗﺧــﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠــﺴﯖﯩﺰ، ھــﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻼپ ۋﺍﻧﻨــﺎﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷــﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨــﺸﻪﻱ .ﻳﯧــﺮﯨﻢ ﺳــﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺳــﯩﺰﻧﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩــﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻳﻤﻪﻥ« ،ﺩەپ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ» :ﺳـﯩﺰ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐـﺎ ﺷـﻮﺭﭘﺎ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻗﻮﻳﯘڭ ،ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ھﺎﻣﻤﺎﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺷﻮﺭﭘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻟﯩﺴﻪ ﺩﯨﻤﯩﻐﯩـﺪﯨﻜﻰ ﭼـﺎڭ- ﺗﻮﺯﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ھﯧﭻ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯘﺭ« ،ﺩﯦﺪﯨﻢ ۋە ﻗﯘﺷـﺨﺎﻧﺎ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨـﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﺘﯩـﭗ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ» :ﺷﻮﺭﭘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺷﯧﺮﯨﻚ ،ﺟﯘﻣﯘ ،ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ« ،ﺩەپ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ .ۋﺍﻧﻨـﺎﻣﯘ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ. ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺋـﯘ ۋﺍﻧﻨﺎﻏـﺎ ﭼﯜﺷـﯜپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨــﻰ ﺷــﻮﺭﭘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩــﭗ ﻗﯩﻠﯩــﭗ» :ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ ،ﺷــﻮﺭﭘﯩﻨﻰ ﺑﯩــﺮﮔﻪ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩــﺰ« ،ﺩﯦــﺪﻯ .ﺋــﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧــﺎ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘـﺎﺭﺩﺍ ﻣﺎﯕـﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ» :ﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩـﺰ ﺑـﺎﺭ« ،ﺩەپ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ ﮔﯧﭙﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯘﺷـﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟـﺪﯨﻢ .ﺷـﻮﺭﭘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﺘـﯘﻕ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩـﺸﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺗﯚﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻳﻪﺗﺘﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻮﭘﻼﻧـﺪﯗﻕ .ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺳــﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦــﺪﻯ» :ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ ،ﺷــﯜﻧﭽﻪ ۋﺍﻗــﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﺋﯩــﺪﺍﺭﯨﻠﻪﺭﺩە ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﻧﯘﺭﻏـﯘﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧـﻰ ﻳـﺎﺭﺍﺗﺘﯩﯖﯩﺰ .ﺑـﯘﻧﻰ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩـﺰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩـﺰ .ﺑﯘﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺑﯩـﺰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠــﻠﻪ ﺗــﯘﺭﯗپ ،ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳــﺎﺭ -ﻳــﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟــﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳــﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩــﺰ ﺑﯩــﺮ ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮﻣﯩﺰ. ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧــﻰ ﺑﯩﺰﻣــﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﻤﯩــﺰ .ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﺋﯚﻟــﺴﻪﻙ ،ﺑﯩــﺮ ﭼﻮﻗــﯘﺭﺩﺍ .ﺗﯩﺮﯨــﻚ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻕ ﺑﯩــﺮ ﺗــﯚﭘﻪﺩە ﺑــﻮﻻﻳﻠﻰ«، ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﺎﺑـﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛـﺎ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﯩـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺳـﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟـﺎۋﺍﺑﻪﻥ» :ﻣﯧﻨﯩـﯔ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻢ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭ ﺑﯩﺮﯨـﺪﯗ .ﺳـﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﯖﯩﺰﻏـﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷـﻘﺎ ﺗﻮﺳـﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯧﭽﻘﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ .ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗۋﯨﺮﯨﯔ ،ﻗﯩﻼﻳﻠﯩﻚ« ،ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺑﯘ ﺧﯘﺳﯘﺳـﯩﻲ ﺳـﯚھﺒﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩـﺪﺍ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ -ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﯩـﺴﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺗـﯘﺭﺩﻯ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺗـﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐـﺎ ﺑﯩـﺮ ﻗﺎﺭﯨﯟەﺗﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ» :ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﺍﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﯘپ ﻳـﺎﺯﯨﻤﯩﺰ« ،ﺩﯦـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﻗﻪﻟﻪﻡ ،ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ« ،ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﺋـﯘ» :ﺑﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــﺰ ﻛﻮﻧــﺴﯘﻟﯩﻐﺎ ﻳــﺎﺯﯨﻤﯩﺰ« ،ﺩﯦــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﮔﯧﻨﯧ ـﺮﺍﻝ ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮﺧــﺎﻥ ﺳــﺎھﯩﺒﻘﯩﻤﯘ؟« ﺩﯦــﺪﯨﻢ .ﺋــﯘ: »ھﻪﺋﻪ« ،ﺩﯦﺪﻯ ۋە ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ» :ﺧﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﺯﯨﺨﯘﻳﻐـﺎ ﻳـــﺎﺯﯨﻤﯩﺰ« ،ﺩﯦـــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ» :ﻧـــﯧﻤﻪ ﺩەپ ﻳـــﺎﺯﯨﻤﯩﺰ ،ﺋـــﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟـــﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ -ﺧﻪۋەﺭ ﺑـــﺎﺭﻣﯘ؟« ﺩﯦـــﺪﯨﻢ» .ﺑـــﺎﺭ، ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋﻪﺳـﯩﺮ ﺑـﺎﺭ« ،ﺩﯦـﺪﻯ ﺋـﯘ .ﻣﻪﻥ» :ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻐـﺎ ﺧﻪﺕ ﻳـﺎﺯﯨﻤﯩﺰ ،ﺋﻪﺳـﯩﺮﻧﻰ ﺋـﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻗﻮﻟﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻐـﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﻤﯩـﺰ« ،ﺩﯦـﺪﯨﻢ .ﺋﯩﻜﻜﯩـﻴﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ﮔﯧـﭙﯩﻤﮕﻪ ﻗﻮﺷـﯘﻟﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩــﭗ ﺋﻪﺳــﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗﻟﯘپ ،ھــﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻣﺎﺳــﺘﯩﻦ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﺳ ـﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﻛﯘﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ: ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﻦ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ: ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﻛﯚﯕﻠـﯜﻡ ﺗﯩﻨﭽﯩـﭗ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻡ ﺋـﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ۋەﺩﯨـﮕﻪ ﺑﯩﻨـﺎﺋﻪﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺳــﯩﺰ ﺋﻪۋەﺗــﻜﻪﻥ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗپ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻢ .ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟــﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻛــﯜﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻧــﺎ ﺷــﻪھﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻢ .ھﺎﺯﯨﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﯩﻤﯩﺰ .ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤـﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑـﺎﺭ .ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﯖﯩـﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﺩە ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﻪﺕ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ )ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﻮﺭﻧﻰ( -1934ﻳﯩﻞ - 2ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ -15ﻛﯜﻧﻰ ،ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ. 90
www.uyghurweb.net ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﻪﺕ: ﺑﯜﻳـــﯜﻙ ﺑﺮﯨﺘـــﺎﻧﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩـــﯔ ﻛﺎﺷـــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩـــﺴﻰ ﮔﯧﻨﯧـ ـﺮﺍﻝ ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮﺧـــﺎﻥ ﺳـــﺎھﯩﺐ ﻛﯩﺮﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻐـــﺎ: »ﻣﻪﻛﺘــﯜﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻢ ،ﻳﻮﻟﻴــﻮﺭﯗﻕ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺷــﻪﻛﻜﯜﺭ .ۋەﺩەﻣــﮕﻪ ۋﺍﭘــﺎ ﻗﯩﻠــﺪﯨﻢ .ﻳﯧﯖــﻰ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻣﻪﻥ. ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ )ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﻮﺭﻧﻰ( -1934ﻳﯩﻞ - 2ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ -15ﻛﯜﻧﻰ ،ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ -ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛـﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧـﺪە ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩـﯔ ﻳﺎۋەﺭﻟﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑـﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷـﯜپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯨﻢ» :ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎھﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﺳـﯘﻥ ،ﻣﺎﯕـﺎ ﻳـﻮﻝ ﺧﯧﺘـﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺗﯩـﭗ ﺑﯩﺮﺳﯘﻥ ،ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ«. ﺋﻪﺗﻪﺳــﻰ ﻗﻪﻟــﺌﻪﺩﯨﻦ ﺯەﺭﯨـﻒ ﻗﺎﺭﯨﻬــﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﻛﯩــﺸﻰ ﺋﻪﻟﭽــﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ﭼﯩﻘﺘــﻰ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺋــﯚﺯ ﺳــﯚﺯﯨﺪە: »ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻻۋﺍﺕ ،ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘ ﻗـﺎﺵ ،ﺑـﯘ ﻗـﺎﺵ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻳﯜﺭﻣﻪﻱ ،ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﯚﺗﻪﻳﻠﻰ .ﺑﯩﺰ ﺳـﯜﻟﻬﯩﭙﻪﺭۋەﺭ ﻛﯩـﺸﻠﻪﺭﻣﯩﺰ ،ﺷـﯘﯕﺎ ﺑﯜﮔـﯜﻥ ھﯘﺯﯗﺭﯨﯖﯩﺰﻏـﺎ ﺳـﯜﻟﻬﻰ ﻗﻠﻐﯩﻠـﻰ ﭼﯩﻘﺘـﯘﻕ«، ﺩﯦ ـﺪﻯ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ» :ﻛﯧﯖﯩ ـﺸﯩﭗ ﺟ ـﺎۋﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩــﺰ« ،ﺩەپ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺋــﯘﺯﺍﺗﺘﻰ .ﺑــﯘ ﺋﺎﺭﯨ ـﺪﺍ ﺗــﺎﺵ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧــﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﺭەﺗﯘﻟﻼﺧﺎﻥ ﺗﯚﺭەﺩﯨﻦ »ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ،ﺋﯘﻥ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠـﺴﯘﻥ« ،ﺩەپ ﺋﯜﺳـﺖ -ﺋﯜﺳـﺘﯩﻠﻪپ ﺧﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺗـﯘﺭﺩﻯ. ﻳﯜﺳـــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺷـــﯘ ﻛﯩﭽﯩــﺴﻰ ﺋـــﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩــﭗ ،ﻣﻪﺳـــﻠﯩﻬﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨـــﻰ ﺋﯚﺗﻜـــﯜﺯﺩﻯ .ﺋـــﯘﻻﺭ ﺋـــﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪﺭەپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﻟﻬﯩﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩـﺪەﻙ ﺷـﻪﺭﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷـﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ» :ﺳﯜﻟﻬﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﻧـﯘﺭ ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩـﯔ ﺋﺎﺭﯨـﺴﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟـﺪﻯ، ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﺳﯘﻧﺪﻯ .ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﺩﺍپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻗـﺎﺩﺍﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧـﯜپ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ .ﻳﺎﺧﺸﯩـﺴﻰ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺳـﺎھﯩﺐ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺑﺎﺭﺳﯘﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﯘﻥ .ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﺋﯘﻻﻍ ﺋﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠـﺴﯘﻥ .ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ھﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩـﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐـﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ،ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﻮﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﻳـﯜﺯ ﺳـﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﯩـﯔ ﺳـﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩـﺪﺍ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙـﺎﺕ ﻗﻠـﺴﯘﻥ .ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەپ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻛﺎ -ﺋﯘﻛﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ،ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋـﯚﺯ ﺋـﺎﺭﺍ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩـﺸﯩﭗ ،ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗـﺎﻕ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺌﯩﮕﻪ ﺑﯩﻤـﺎﻻﻝ ﻛﯩﺮﯨـﭗ -ﭼﯩﻘﺎﻟﯩـﺸﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻗﻪﻟﺌﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺴﯘﻥ«. ﺳﯜﻟﻬﯩﻨﯩﯔ ﺑـﯘ ﺷـﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐـﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺳـﺎھﯩﺐ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﻧﺎﻣﯩـﺪﺍ ﺑﯘﺷــﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺋــﯘ» :ﺷــﺎھ ﻣﻪﻧــﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳ ـﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋــﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ« ،ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑـﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙـﻰ ﻗﯘﺑـﯘﻝ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛـﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﻛﯩﺸﻰ ،ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻛﯩـﺸﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺟﻪﻣﺌـﻰ ﺋـﺎﻟﺘﻪ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩـﺮ ھﻪﻳـﺌﻪﺕ ﺧـﯘﭘﺘﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻗــﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯩﻘﺘــﻰ .ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻤــﯘ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﺳــﺘﯩﻦ ھﻪﻳﺌﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ۋﺍﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕـﯜﺭﯛپ ،ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩـﭗ ،ھﻪﻳـﺌﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧـﺪﯨﻢ .ھﻪﻳـﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩـﺮﻯ ﺋـﺎﺭﯨﻒ ﺧﻮﺟـﺎ، ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ،ﺳﺎﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑـﯘﻻﺭ ﭘﯩﻘﯩﺮﻧـﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ﻛـﯚﺭﯛپ، ھﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩــﻖ ﺑﯩــﻠﻪﻥ» :ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ ،ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻣــﯘ ﺑــﺎﺭﻣﯘ؟«ﺩﯦــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺑــﯘ ﻳﻮﭼــﯘﻥ ﺳــﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟــﺎۋﺍﺑﻪﻥ: »ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ« ،ﺩەپ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﯧﺘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﻣﭽﺎ ﺋﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺑﯩـﺰ ﺷـﯘ ﻳـﯜﺭﮔﻪﻧﭽﻪ ﺋـﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼـﺎﭘﺘﯘﺭﯗپ ﺷـﻪھﻪﺭ ﺗﻪۋەەﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍپ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ .ﭘﯩﻘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ھﻪﻳـﺌﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﯧﯖﯩـﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨـﻰ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋـﺎﯕﻼﭘﻼ ﻣﯧﻨـﻰ ﺗﯘﺗــﯘﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋــﺎﺕ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯩــﺰ ﺋــﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺷــﻪھﻪﺭ ﭼﯧﮕﯩﺮﯨ ـﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩــﭗ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ .ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ھﻪﻗـﻘﻪ ﺳﺎﻧـﺴﯩﺰ ﺷـﯜﻛﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺭ ﺗﯧﮕﯩـﺪﯨﻦ ،ﺟـﺎﻟﻼﺩ ﻗﻮﻟﯩـﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩـﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟـﺪﯗﻡ. 91
www.uyghurweb.net ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ھﻪﺭﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ،ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ھﻪﻳـﺌﻪﺕ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐــﺎ ﻳﯧﺘﯩــﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧــﺪﺍ ﺋــﺎﺭﯨﻒ ﺧﻮﺟــﺎ ﻣﻪھﻤــﯘﺩ ﺑﻪگ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﻟــﯘپ ،ﺋــﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﺧﻮﺭﺟــﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﺳــﺎﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻡ ﻳــﻮﻟﺨﯧﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﭗ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩــﯔ ﻳﯧﻨﯩــﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﯚﺗـﯜپ ﺧﻮﺟـﺎ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧـﻰ ﺳـﻮﺭﺍپ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻤﻨـﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋـﯚﺯﯛﻡ ﺗﻪﻧﻬـﺎ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻳــﻮﻟﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷــﺘﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺑﯩــﺰ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﻯ -ﺋــﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺷــﺎھ ﻣﻪﻧــﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ھﯘﺯﯗﺭﯨﻐــﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﺪﯗﻕ .ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋـﯘﻗﺘﻰ .ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐـﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍپ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ۋە ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻦ ھﯘﺟﺮﺍ ﺗﯘﺗﯘپ ﺩەﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺋﯚﻳـﺪە ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺳـﻮﺩﺍ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏــﺎ ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧــﺪەﻙ ،ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩــﺮﻯ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺧـﻮپ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺷــﺎھ ﻣﻪﻧــﺴﯘﺭ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋـﺎﺭﯨﻒ ﺧﻮﺟـﺎ ۋە ﻛﺎﻣـﺎﻝ ﻣﻪﺧـﺪﯗﻣﻼﺭﻧﻰ ﺷـﯧﺮﯨﻦ ﺳـﯚﺯ ۋە ﺋـﺎﺯ -ﺗـﻮﻻ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩــﻖ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩــﭗ ﻗﻮﻳــﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﺋــﯚﺗﻤﻪﻱ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜــﻰ ،ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺗـﺎﺵ ﻗﻮﺭﻏــﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘــﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜــﻰ ،ﻳﻮﻟــﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﻛﯩﭽﯩـﺴﻰ ﻛﺎﻣــﺎﻝ ﻣﻪﺧــﺪﯗﻣﻨﻰ ﺋــﺎﺕ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﻏــﯘﺯﯗپ ﻗﯩﻠﯩــﭻ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭘــﺎﺭﭼﻪ -ﭘــﺎﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﭼﯧﭙﯩــﭗ ﺋﯚﻟﺘــﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘــﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﺋﯘﻗﯘﺷــﯩﻤﯩﺰﭼﻪ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻛﺎﻣــﺎﻝ ﻣﻪﺧــﺪﯗﻡ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟــﯜﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ »ﺧﻮﺗﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ« ،ﺩەپ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺗـﺎﺵ ﻗﻮﺭﻏـﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻳﯧﯖﯩـﺴﺎﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳـﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ،ﺯەﺭﯨـﻒ ﻗﺎﺭﯨﻬـﺎﺟﯩﻢ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ .ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩە ﺋﯩﺶ ﺑﯧـﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩـﺮ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘـﺎﺕ -ﭘـﺎﺕ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧــﺖ ﺋﻮﺭﺩﯨـﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺷــﺎھ ﻣﻪﻧــﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩــﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻳﯜﺭﯛۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ﺯﺍﻣــﺎﻥ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭە ،ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﻰ ،ﺋﯚﺯ ﺩەﺭﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎۋﺍﺭە ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ۋە ﻛﻮﻧـﺎ ﺷـﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗـﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣـﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﺩﻯ .ﺧـﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭەﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﺎۋﯗﺯﻻﺷــﻘﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﺗــﯚﻛﺘﻰ .ﺋــﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩـﺪﻯ .ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﺋــﺎﺩەﻡ ﭼﯩﻘﯩــﻢ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛــﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭﻏــﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷــﺘﻰ .ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﻧــﻰ ﻗﻮﺭﺷــﺎۋﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﻗﻪﻟﺌﻪ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺗـﯘﺭﯗپ ﻣـﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﺟﯧﯖـﻰ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻗﻪﻟﺌﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ ،ﺗﺎﺷـﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷـﺎھ ﻣﻪﻧـﺴﯘﺭ ﻗﺎﺭﺷـﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ، ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠــﯘپ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺷــﯜﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨــﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺷــﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛــﯜچ -ﻗــﯘۋۋەﺕ ۋە ﺋﯩﻨﺘﯩــﺰﺍﻡ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯜﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﭼـﻮڭ ﺗﻮﺳـﻘﯘﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ﺟﻪﯕـﺪە ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠـﯘپ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻣﯘ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﺟﻪﯕﺪە ﺷﯧﻬﯩﺪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ھﻪﻡ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺟﯧﯖﯩﺪە ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺷﯧﻬﯩﺪ ﺷﺎھﺰﺍﺩﯨﻤﯩﺰ.
92
www.uyghurweb.net ﻗﻪﻟﺌﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﭽﯩﻼﺭ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩەﺭﯨﺠﯩـﺪە ﺳﯧـﺴﯩﻖ ﭘــﯘﺭﺍﻕ ﺗــﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ .ﺑﯩــﺮەﺭ ﺋــﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﯩﻤــﯘ ﺑــﯘ ﭘــﯘﺭﺍﻗﻼﺭ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ) .ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻳــﯘﺭﺕ ﺳﻮﺭﺍﺷــﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛۋﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ(. ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ ،ﻣﻪھﻤــﯘﺩ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻼﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷــﺘﺎﻣﺪﺍ ﺭﯗﺳــﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐــﺎﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺳـﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ﺑﯩـﺮ ھﻪﻳـﺌﻪﺕ ﺭەﺋﯩﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯜﺗﯜۋﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋـﻮﻥ ﺑﯩـﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﻳﺨﯧﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣـﻮﻟﻼﻡ ،ﺯەﺭﯨـﻒ ﻗـﺎﺭﻯ ،ﺳـﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻪﮔـﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨـﺪﻯ. ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﻼھ ﺧــﺎﻧﯩﻲ ،ﻣﯘﺳــﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﻯ ،ﺳــﻮﻓﯩﻴﺰﺍﺩە ،ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺭﯨﺰﺍﺧــﺎﻥ ،ﻣــﻮﻟﻼ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺟــﺎﻥ ﺋــﺎﺧﯘﻥ، ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ،ﻳﯜﺳـﯜپ ﻣـﯘﺯەﭘﭙﻪﺭ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘـﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﻮﻟﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﻠـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺧﻪۋەﺭ ﺷـﯘ ھﺎﻣﺎﻥ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ،ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻥ ،ﺋﺎﺗﺎﻣـﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻪگ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛـﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟــﯘپ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺳــﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣــﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐــﺎ ﺗﯘﺗﻘــﯘﻥ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺟـﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳـﺎﻗﻼپ ﻗـﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺧـﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻝ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩـﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐـﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﻳﺎﺭﻛﻪﻧـﺖ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐــﺎ ﺋــﯚﺗﺘﻰ .ﻗــﻮﺭﺍﻝ -ﻳــﺎﺭﺍﻕ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐــﺎ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ھﯩﭽﻜﯩﻤﻨــﻰ ﺋﯩــﮕﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩـﺪﻯ .ﺭەﺟﻪﺏ ﺋــﺎﺧﯘﻥ ﺳــﺎﻗﻼۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗــﻮﺭﺍﻝ ﺋــﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗــﺎپ ،ھــﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﺎﭼﻤﯩـﺴﯘﻥ ،ﺩەپ ﺋﯘﻗﺘــﯘﺭﯗﺵ ﭼﺎﭘﻠﯩـﺪﻯ )ﺋﺎﻣﺒــﺎﺭﺩﺍ ﺧﯧﻠــﻰ ﻛــﯚپ ﻗﻮﺭﺍﻝ -ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ(. ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﻯ .ﺑﯩـﺮ ﭼﻮﻣـﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﺑـﯘﺭﯗﻥ ﺑﻪﺵ ﺳﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ .ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩـﺮﻯ ﻳﻪﺗـﺘﻪ ﺳـﻪﺭ ﻣﺎﺋـﺎﺵ ﺋﺎﻟﺴﺎ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋـﯚﺯ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩـﺮﻯ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻨﻰ ﺋﯩـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺑـﯘ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷـﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﯚﺯ ﺗﯩﻜﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻧﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺗﯘﻳﻐﺎﻧﻤﯘ ﻳـﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷـﺘﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩـﺶ ﻛﯚﺭﺩﯨﻤـﯘ ﺋﯧﻴﺘـﺎۋﯗﺭ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﺗﯘﺭﻣﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﻛﻮﺭﺋﺎﺑـﺎﺕ )ﻛـﯚﻙ ﺭﺍﺑﺎﺕ( ﻗﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﮔﻪپ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧــﺸﻰ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗــﺴﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﻳﺎﺭﻛﻪﻧــﺖ ﭘﯜﺗــﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﻮﺷــﺎپ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻪگ ﻣﻪﻛﯩﺖ -ﺩﻭﻻﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐـﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧـﺪﺍ ﻗﯧﭽﯩـﭗ ﻗﻮﺗﯘﻟﺪﻯ. ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺑﯧﻜﺘﯧﯟ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷـﺘﻰ .ﻳﺎﺭﻛﻪﻧـﺖ ﺷـﻪھﯩﺮﻯ ﺑﻮﺷـﺎپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩــﯔ ﺋﻪﺗﯩــﺴﻰ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــﺰ ﺭەﺋﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨــﯔ ﺋﺎﻗــﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﻪﻣﯩــﺪﺧﺎﻥ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻨﯩــﯔ ﻳــﯘﺭﺕ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛـﻮﺭ ﺋﺎﺑـﺎﺗﻘﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨـﭗ »ﺧـﻮﺵ ﻛﻪﻟـﺪﯨﯖﯩﺰ«» ،ﻣﻪﺭھﺎﺑـﺎ«ﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ھﻪﻣـﺪە ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺷـﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑـﻮﺵ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﯛپ ،ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐــﺎ ﺋﯩــﺸﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ھﻪھﺮﺍھﻠﯩﻘﯩــﺪﺍ ﺷــﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩــﺮﺩﻯ. ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ -ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜپ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﺭە ،ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ،ﺧـﻮﺗﻪﻥ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺟــﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﻣﻪﻏﻠــﯘپ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧــﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻨﻰ ﭘﯜﺗــﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩــﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻗــﺎﺭﻏﯩﻠﯩﻖ ،ﭘﻮﺳــﻜﺎﻣﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩــﺸﻐﺎﻝ ﻗﻠــﺪﻯ .ﻣﺎﻧــﺎ 93
www.uyghurweb.net ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻼپ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩـﯔ ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻞ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯘﻧـﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻞ ھﺎﻳـﺎﺕ ﻛﯜﻧـﺴﯧﺮﻯ ﺩﺍۋﺍﻟﻐﯘﺷـﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯚۋەﺕ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ،ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺭەھـﺒﻪﺭﻟﻪﺭ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏـﺎ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ھـﺎۋﺍﺩﯨﻦ ﺗﻪڭ ھﯘﺟـﯘﻡ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ .ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻗـﺴﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺟﻪﯕـﺪە ﻣﻪﻏﻠـﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺗﯩﺮﯨﭙﯩـﺮەﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ھﺎﻟـﺪﺍ ھـﺎﺭۋﺍ- ھﺎﺭۋﯨﻼپ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻤﯘ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺧـﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﭘﺎﻧﺎھﮕﺎھﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﯘﺗﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ -ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩــﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩـﯔ ﻛـﯚﭘﻠﻪپ ﻳــﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨــﺸﻜﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩــﺰﻯ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺑــﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩە ﺗــﯘﺭﯗپ ﻛــﯜچ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﺧـﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺗﻮﭘﻼﻧـﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺳـﯩﻐﯩﻨﺪﻯ .ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍ ﺋـﯚﺯ ﺋـﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧـﻰ ﻳـﺎﻏﻼپ ،ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﻏﻠﯩـﺪﻯ. ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺷــﺘﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐــﺎ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺩﺍﻏﻠﯩﻐــﺎﻥ ،ﭘــﯘﺕ -ﻗــﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ. ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻜــﻰ ﺑــﺎﺵ ﺭەھــﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﮔﯧﻨﯧ ـﺮﺍﻝ ﺑﯧﻜﺘﯧﯟﻧﯩ ـﯔ ﻧﺎﻣﯩــﺪﯨﻦ ﻳــﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ 2ﺋــﻮﺭﯗﺱ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺋ ـﯘﻻﺭ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻟﭙﺎﻕ ،ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﺭﯗﻕ ﻛﯩﻴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ،ﻳﻪﻟﻜﯩـﺴﯩﺪە ﻣﯩﻠﺘﯩـﻖ ،ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﯩـﺪە ﺋﻮﻕ ،ﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﺎ ﺋﯧﺴﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩـﺴﻤﻰ ﺷـﺎﻛﯩﺮ ﺋـﺎﺧﯘﻥ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺋﯩـﺴﻤﻰ ﺯﺍﻛﯩـﺮ ﺋـﺎﺧﯘﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺭﯗﺳــﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺗﯩﻠﻨــﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘــﻰ .ﺗﻪﻗﻘــﻰ -ﺗﯜﺭﻗﯩــﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴــﻨﻪﺯەﺭ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩ ـﯔ ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪە ﺷﻪﻙ -ﺷﯜﺑﻬﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺋـﯘﻻﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷـﺘﻪ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻻﺭﻏـﺎ ﻣـﺎﻝ ﻳﻪﺗﻜـﯜﺯﯛپ ﺑﯧﺮﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳـﻮﺩﺍ ۋەﻛﯩﻠﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﭘـﻮﻻﺕ ﺗﯧﯖﺠـﺎڭ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷـﻼپ، ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺷﻪﺭﯨﭙﻘﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ. ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻛﺎﻻﻡ :ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﺎﻣﯩـﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ،ﻳﯘﻗﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ﺯﺍﺗـﻼﺭ ھﻪﺭﺗﻪﺭەﭘﻨـﻰ ﺋـﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩـﭗ، ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ھﺎﻛﯩﻤﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﺎﻳﻠﯩﺪﻯ .ﺷـﯘ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﺘﯧﯟﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﯜﺳﺘﻰ -ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﻪپ ﺋﯘﻗﺘـﯘﺭﯗﺵ ،ﺑـﯘﻳﺮﯗﻗﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺗـﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺑﯩﺮﯨـﺪە: »ﺋﻪﺗﻪ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ« ،ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪەﻙ ﺋﻪﺗﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧـﺖ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻛﻪﻳﻨﯩـﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﻪﻟـﺪﻯ» :ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺗﯧـﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﻟﺴﯘﻥ« .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎپ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯘﺟﺎھﯩـﺪﻻﺭ ﺗﯚﻣﯜﺭﻏﺎﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﭘـﯘﺕ ﺗﯩـﺮەپ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﺋﺎﺭﺗﯘﺷــﻠﯘﻕ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﭘﯩــﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷــﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭەﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻛﯜﻥ :ﺋﺎﻣﻪﺕ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ -ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷـﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﻐـﺎ ﭼﯜﺷـﺘﻰ .ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩــﺪە ﻗﯩﺰﯨ ـﻞ ھﯚﻛ ـﯜﻣﻪﺕ ﺑــﺎﺵ ﻛﯚﺗ ـﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ،ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ﺋﻮﺭﮔــﺎﻧﻼﺭ -ﺳــﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩــﺪﺍﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩــﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩــﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷــﻼپ ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐــﺎﻥ ﺋﯩﻠﻐــﺎﺭ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗــﯘﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷــﻼﻧﺪﻯ .ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘــﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷــﻘﺎﻧﻼﺭ، 94
www.uyghurweb.net ﺳﯩﻴﺎﺳـــﻪﺗﻜﻪ ،ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩـــﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐـــﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﻣﺎﻟـــﺪﻯ .ﻗﺎﻣﺎﻗﺨـــﺎﻧﯩﻼﺭ ﻣﻪھﺒﯘﺳـــﻼﺭ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟـــﺪﻯ. ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﯜﺩەﻙ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﻛﯚپ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏـﺎ ﺋﺎﺗـﺎپ ﻣﻪﺧـﺴﯘﺱ ﺗـﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳـﻪﺕ ﺷـﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷـﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟـﯘﺵ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﺷــﯘ ﻗﻪﺩەﺭ ﺳــﯜﺭﺋﻪﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘــﺎ ﺋﯩــﺪﯨﻜﻰ ،ﺋﻮﻛﺮﺍﺋﯩﻨــﺎﺩﺍ ،ﻗﺎﺯﺍﻧــﺪﺍ ،ﻗﯩﺮﯨﻤــﺪﺍ ،ﻛﺎۋﻛــﺎﺯﺩﺍ ،ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﯩــﺪە، ﺳــﯩﺮﺩەﺭﻳﺎﺩﺍ ،ﺳـﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺘﺘﻪ ،ﻳﻪﺗــﺘﻪ ﺳـﯘ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨــﺪە ﻳﯩﮕﯩــﺮﻣﻪ ﻳﯩﻠــﺪﺍ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷـﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺗـﯜﺯﯛﻡ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ -ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﺘﻰ .ﺗﯚۋەﻧﺪە ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ: -1917ﻳﯩﻠﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪە ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﺰ ،ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ھـﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺑـﯘ ﺋﯩـﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭ ﺑـﺎﺭﺍ- ﺑــﺎﺭ ﻛﯜﭼﻪﻳــﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺟــﺎﻱ -ﺟــﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩــﺴﺘﯩﻚ ﭘــﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﻪﻳــﺪﻯ .ﺷــﻪﺭﻕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳــﯩﺘﯧﺘﻰ ۋە ﺋﯩــﺸﭽﯩﻼﺭ ﭘــﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻰ ھﻪﻣــﺪە ﺋﯘﻳﻐ ـﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩ ـﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏ ـﯘﭼﯩﻼﺭ، ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻝ -ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ،ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﯨﺮﯨﻜﺘﯩﭗ )ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪ ،ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﻪ( ﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧـﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩـﺸﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩــﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗــﺎﻧﯘﻥ ،ﺗ ـﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩــﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩ ـﺸﯩﺶ ۋە ﺳــﯩﻨﺎﻕ ﺑﺎﺳــﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷــﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ .ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪە ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ۋەﻳﺮﺍﻧﻪ ﺧـﺎﺭﺍﺑﯩﮕﻪ ﺋﯩـﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ، ھﻪﺭ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰ ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﺎﺭ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﺎﺭﺍ -ﺑـﺎﺭﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻣــﺎﻝ -ﻣﯜﻟــﻚ ،ﺯﺍۋﯗﺩ -ﻓــﺎﺑﺮﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩــﺴﺘﻼﺭ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋﯚﺗـﯜپ ،ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺧﻪﻟــﻖ ﺋﯩﻼﺟــﺴﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺑﻮﻳـﺴﯘﻧﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﻛـﯜﭼﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣـﺎﺩﺩﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩـﯟﻯ ﻛـﯜچ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧـﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ 20ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ 20ﻛﯜﻧﺪە ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷـﯘﺭﺩﻯ .ﻗﯩﺰﯨﻠﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋـﺎﺕ ۋە ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﻮپ ۋە ﺗﻮﭘﺨﺎﻧﺎ )ﺗﻮپ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤـﺎ( ﻟﯩـﺮﻯ ،ﻣﯧﺘﯩﺮﺍﻟﻴـﯘﺯ )ﺋـﻮﻕ ﺳـﺎﭼﺎﺭ ﭘﯩﻠﯩﻤـﻮﺕ( ،ﺗﺎﻧﻜـﺎ، ﺋــﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﺳــﺎھﻪﻟﻪﺭ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳــﺴﯩﺲ ،ﺗﯧﺨﻨﯩــﻚ ،ﭘﺮﻭﻓﯧﺴــﺴﻮﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﺳـــﺘﯩﮕﻪ ھﻪﺭ ﺧﯩـــﻞ ﻳـــﻮﻟﻼ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨـــﻰ ﺋﯧــﺰﯨﺶ ،ﺋــﯘﺭﯗﻏﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗــﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﺘﻰ ،ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩـــﺴﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷــﺎﺵ ھﻪﻗﻘــﻰ ﻳــﻮﻕ ،ﺩﯦ ـﮕﻪﻥ ﺷ ـﻮﺋﺎﺭ ،ھﺎﻳــﺎﺕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩــﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩــﺪﯗﺭ ،ﺩﯦ ـﮕﻪﻥ ﺋﯩــﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺟــﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩــﺴﭙﺎﺗﻰ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺯﯗﻟﯘﻣﻨﯩــﯔ ﺋﻪڭ ﮔﻪۋﺩﯨﻠﯩــﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨــﺴﻰ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯜچ ۋە ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ -ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ. ھﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﯜپ ،ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺗـﯜپ ﭘـﺎﻻﻛﻪﺕ ﻛﻪﻳﻨﯩـﺪﯨﻦ ﭘـﺎﻻﻛﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩـﯟەﺭﺩﻯ .ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩـﯔ ﺩەﺳـﺘﻠﯩﭙﯩﺪە ﺧﯩﺘـﺎﻱ ۋە ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏــﺎ ﻏﺎﻟﯩــﺐ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻗﻤﯘ ،ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺳــﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻨﯩــﯔ ﻗــﻮﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺭﯗﺳــﻠﻪﺭ ھﻪﻣﻤﯩﻨــﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺟﺎھﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺭﯗﺳـﻘﺎ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻣﺎﻧـﺎ ﺷـﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩـﻚ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺑﻪﺧﺘﯩﻤﯩـﺰﮔﻪ ﻗـﺎﻧﺨﻮﺭ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﻮﺭﯗﺳﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩەپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﻕ. ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻧﯚۋەﺕ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﻪﺟﯘﺟﯩﻠﻪﺭ ،ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﻡ ﻣﻪﺟﯘﺟﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺑـﺎﻻ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺑﺎﻻﻻﺭﻧﯩـﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﯨﻐﯩــﺪﯨﻦ ﺩەھــﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋــﺎﻟﻼھ ﺋــﯚﺯﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﯩ ـﺴﺎ ﺑــﯘ ﺑــﺎﻻﺩﯨﻦ ﺳــﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩــﺪﻯ. ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ھﯩﻤﺎﻻﻳــﺎ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯧــﺸﯩﭗ ﺟــﺎﻧﻨﻰ ﭼﻪﺗــﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩــﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﭼــﺎﺭە ﻳــﻮﻕ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺑﻪﺩەﺧــﺸﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩــﯔ ﻗﺎﭼــﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﺷــﻪﻟﻤﻪﻱ ،ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘــﻜﻪ ﺑــﺎﺵ ﺋــﯘﺭﯗپ ﺑــﺎﻗﺘﯘﻕ .ﻧﯩﻬــﺎﻳﻪﺕ ،ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻥ ﻛﺎﺭۋﺍﻧﺒﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻥ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯚﻣﻪﺭﺧـﺎﻥ ﺑـﺎﻱ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷـﯜپ ،ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﻛﻪﺷـﻤﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ،ﺑﯩﺰﻧــﻰ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩــﻼﺝ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋــﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑــﺎﺵ ﻛﺎﺭۋﺍﻧﻐــﺎ ﻗﻮﺷــﯘپ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩــﺸﯩﻨﻰ 95
www.uyghurweb.net ﺋﯚﺗﯜﻧﺪﯗﻕ .ﺑﯘ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨـﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺋـﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧـﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘـﻰ .ﺋـﯘ» :ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻢ، ﺳﻪﭘﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﭘﯘﻝ ﻻﺯﯨﻢ« ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ،ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋـﺎﺕ ۋە ﺑﯩـﺮ ﺧﯩﭽﯩـﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ھﯧﭽﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺳــﻪﭘﻪﺭ ﺗﻪﻳﻴــﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻳــﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘــﺘﯩﻢ .ﺷــﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ﻗــﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽــﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﻱ» :ﺳﻮﻓﯩﻲ ﺑﯧﻚ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣـﺎﻧﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻟﻮﻧـﺪﻭﻥ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ 31950 ،ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽـﺎ ھـﺎﺯﯨﺮ ﻳﯧﻨﯩﻤـﺪﺍ« ﺩﯦـﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ .ﺋـﯚﻣﻪﺭ ﺑـﺎﻱ ﺑـﯘﻧﻰ ﺋـﺎﯕﻼپ» :ﺑـﯘ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻧــﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩــﺴﯩﺰ؟ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ« ،ﺩﯦــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ»:ﭼﯜﻳ ـﯜﻥ ﺗﺎﭘــﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺧﯧﺮﯨــﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺳــﺎﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺑﻮﻟﻤﯩ ـﺴﺎ ﺗﺎﺷﻼپ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﭘـﺎﻧﭽﯩﻨﻰ 35ﺩﺍﻧﻪ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋـﻮﻗﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳـﺎﻗﻼپ ،ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـﺰ ھﯘﺩﯗﺩﯨﻐـﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧـﺪﺍ ﺋــﻮﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﻣــﯜپ ﺗﺎﺷــﻼپ ،ﺗﺎﭘــﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺳــﯘﻧﺪﯗﺭﯗپ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــﭗ ،ﺯەﺭﮔﻪﺭﮔﻪ ﺳــﯧﺘﯩﭗ ﻳــﻮﻝ ﭼﯩﻘﯩﻤــﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ« ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋـﯚﻣﻪﺭ ﺑــﺎﻱ» :ﺩﯙﻟﻪﺗـﻜﻪ ﺳـﺎﺩﺍﻗﻪﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻧﻼﺭ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗـﯘﺭﯗﻕ ﻗـﻮﻝ ﭼﯩﻘﯩــﺪﯗﺭ«، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﯘ ھﺎﻣﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎ ﭘﺎﺷﺎﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ: ﺩەﺭﺩە ﺋﻮﻏﺮﺍﺭ ﻛﯩﻢ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ ﺋﻪﺗﺴﻪ ﺋﻪﻟﺒﻪﺕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻪ، ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪﺕ ﻣﻪھﺰﻯ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯘﺭ ﺑﯘ ﻣﯜﻟﻜﯜ -ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻪ. ﺗﻪﺭﺟﻪﻣﻪﺳﻰ: ﻛﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺩەﺭﺩ ﺗﺎﭘﻘﯘﺳﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ، ﭘﯘﻗﻪﺭﺍﻟﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻕ ﻛﯩﺮﻣﻪﻙ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ. ﺋــﯘ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻛﯜﻟﯜﻣــﺴﯩﺮەپ ﺗــﯘﺭﯗپ» :ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻢ! ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﭘــﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕــﺎ ﻛﯩــﺮﺍ ھﻪﻗﻘــﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﯘﻧﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻗﻮﻳﺴﯘﻧﻠﻪﺭ .ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪە ،ﺋﺎۋﻏﯘﺳـﺖ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩـﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﯚﺭە ﺑﺎﻱ ﻛﺎﺭۋﺍﻧﺒﯧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ 46 ،ﺋﺎﺕ ﻳﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﻏﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩـﺪﯗ .ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺷـﯘﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﮔﻪ ﻣﯧﯖﯩــﺸﻘﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻻﻧــﺴﯘﻧﻠﻪﺭ« ﺩﯦــﺪﻯ .ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋــﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﻳــﺪﯨﻦ ﺑــﯘ ﮔﻪﭘﻨــﻰ ﺋــﺎﯕﻼپ ﺧﻮﺷــﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻐــﺎ ﺋﯩــﺸﻪﻧﮕﯜﻡ ﻛﻪﻟــﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟــﺪﻯ» .ﺧــﺎﻥ ﺳــﺎھﯩﺐ! ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷــﯘ ﺩەﻗﯩﻘﯩ ـﺪە ھــﺎﺯﯨﺮﻣﻪﻥ ،ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽــﺎ ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﺑﺎﺭەﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺳـﻪﭘﻪﺭ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻣﯘﺑـﺎﺭەﻙ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ«ﺩﯦـﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ .ﺑﯩـﺰ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ .ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘـﯘﭼﻪ ﻗﻪﻟـﺌﻪ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨـﯟەﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﺳـﻘﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ ،ﻳـﻮﻝ ﺧﻪﺗﻨـﻰ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘـﯘﻕ. ﺩەﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﺎﻗﻼۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ» :ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﻗـﯘﺵ ﺋﯘﭼـﯘپ ،ﺋـﺎﺩەﻡ ﻣﯧﯖﯩـﭗ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳـﺪﯗﺭ«، ﺩەپ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗۋەﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﺷﺎﻛﯩﺮ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﺧﯧﺘـﻰ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ،ﺩەﺭھـﺎﻝ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗپ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﯧﯖﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺋﯘ ﻛﺎﺗﯩﺒﯩﻐـﺎ ﺑـﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﺧﯧﺘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗپ ،ﺑﺎﺩﺍﻣﭽﻪ ﺗﺎﻣﻐﯘﺳـﯩﻨﻰ ﺑﯧـﺴﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑﯩـﺰ ﺩەﺭﻳـﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐـﺎ ﻛﻪﻟـﺪﯗﻕ .ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺳـﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺗﺎﻣﻐﯘﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺠﺎﺯەﺕ ﺑﯧﺮﯨـﺸﺘﻰ .ﺩەﺭﻳﺎﻧﯩـﯔ ﺋـﯘ ﻗﯧﺘﯩﻐـﺎ ﻗﯧﻴﯩـﻖ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﺘـﯘﻕ .ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟـﺪﯗﻕ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧـﻰ ﻗـﺎﺭﻏﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑـﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛـﯚﺭﯛپ» :ﻛﯩـﻢ ﺳـﯩﻠﻪﺭ؟ ﻧـﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻛﻪﻟـﺪﯨﯖﻼﺭ؟ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨـﺴﯩﻠﻪﺭ؟« ﺩەپ ﺳﻮﺭﺍﺷـﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺳــﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧــﻰ ،ﺑﺎﻳﻨﯩــﯔ ﺋــﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﻪﺟــﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘ ـﺘﯩﻢ .ﺋــﯘﻻﺭ ﮔﯧﭙﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻱ ﻛـﺎﺭۋﺍﻥ ﺑﯧـﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ ،ﺟـﯚﺭە ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﺳـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﺳـﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ» :ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ،ﺋﺎﺕ ۋە ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ،ﺧﻮﺭﺟﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺩەﺧﻠـﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩـﺴﯘﻥ، ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼھﻘﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ« ﺩەپ ﻳـﻮﻝ ﺧﯧﺘـﻰ ﻳﯧﺰﯨـﭗ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺑﯩﺰﻧـﻰ ﺟـﯚﺭە ﺑﺎﻳﻐـﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩـﺮ -ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻛـﯜﻥ ﺳـﻪﭘﻪﺭ 96
www.uyghurweb.net ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﭙﻪﻙ ،ﻛﯩﮕﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ 46ﺋﺎﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ،ﻗـﺎﺭﻏﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠــﺪﯗﻕ .ﺋــﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﺋــﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ،ﺟﺎﻧــﺎﺑﻰ ھﻪﻗــﺘﯩﻦ ھﻪﻣﯩــﺸﻪ ﻧــﺎﻟﻪ ۋە ﺯﺍﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﯩ ـﮕﻪﻥ ﻣﯘﺑــﺎﺭەﻙ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﯗﻕ. -1934ﻳﯩﻠﻰ -8ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 8ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﻏﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛـﺎﺭۋﺍﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﺍۋﺍﻧﻼﺭﻧـﻰ ﻗﻮﺗـﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﭽﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﻕ .ھﯩﻤﺎﻻﻳﺎ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﺑﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩـﯔ ﺋﻪڭ ﺋﯧﮕﯩـﺰ ﺗـﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋـﺎﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﻕ .ﮔﺎھ ﻗﺎﺭ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪە ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﮔﺎھ ﺳﯘﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﺩەﭘﺴﯩﻦ ﺩﺍۋﺍﻧﺪﺍ ھﺎۋﺍﻧﯩـﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩـﺪﯨﻦ ﮔـﯜﺭﯛچ ﭘﯩـﺸﻤﺎﻱ ﻏﯩﺰﺍﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﺳﻪﺳﻰ ﺩﺍۋﺍﻧﺪﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻣـﯘﺯ ﻗـﺎﭘﻼپ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼـﻜﻪ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤـﺎﻱ ،ﺑﯩـﺮ -ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻛـﯜﻥ ﻳـﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩـﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﺘﯘﻕ .ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﭘﺎﻧﺎﻣﯘﻍ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ .ﺑﯩـﺰ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩـﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ .ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﯘﻻﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﻗﻨﯩـﯔ ﺳـﯜﻳﯩﺪە ﺑـﺎﺵ- ﺋﺎﻳــﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻳﻘــﺎپ ،ﭘﺎﻛﯩﺰﯨﻠﯩﻨﯩﯟﺍﻟــﺪﯗﻕ .ﺋﺎﻟﻼھﻘــﺎ ﺋﺎﻟﻘﯩــﺸﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻛــﻰ ،ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﺍھﻪﺗﻠﻪﻧــﺪﯗﻕ .ﺑﯩــﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ .ﻳﻪﺗﺘﯩﺪەﻙ ﺋﺎﺕ ﻳـﻮﻝ ﺋﯜﺳـﺘﯩﺪە ﺋﯚﻟـﯜپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﻳـﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭼﯚﻟـﺪە ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﻧﯩﻬـﺎﻳﻪﺕ 66 ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ .ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺮﻻ ﺋـﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﻜﻪﻥ ،ﺋـﯘ ﺋـﺎﺗﻨﻰ 35ﺭﯗﭘﯩـﻴﯩﮕﻪ ﺳـﯧﺘﯩﭗ ﺧﻪﺟﻠﯩﺪﯗﻕ .ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ،ﺋﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻛﺘﯩـﭗ ھﻪﺭﯨـﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ،ﻣﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﺷـﻤﯩﺮﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ھـﯧﭻ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ۋﺍﻗـﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳـﺘﻪ ھﯩﻨﺪﯨـﺴﺘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘـﯘﺭ .ﺷـﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩـﺪﯨﻦ ﺳـﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺟـﺎﻧﻨﻰ ﮔﯩﻠﮕﯩﺘـﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﺳـﯧﻠﯩﭙﺘﯘﺭ .ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﻟﻴﯘﺑﯩـﯔ ﺳـﯩﻠﯧﯔ ﺳـﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻧﻨﻰ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﻳﯧﯖـﻰ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﯧﺘﯩـﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭘﺘـﯘ .ﺑـﯘ ﺳـﻮﻏﯘﻕ ﺧﻪۋەﺭﻧﯩـﯔ ﺋـﺎۋﺍﺯﻯ ﻛﻪﺷـﻤﯩﺮﮔﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺑـﯘﻧﻰ ﺋﯩـﺸﯩﺘﻜﻪﻥ ھﺎﻣﺎﻥ ھﯧﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﺩە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﯧﻚ ﺋـﯚﺯﻯ ﻳـﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩﭽﯩـﺪﯨﻼ ﻛﻪﺷـﻤﯩﺮﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩـﺐ ﺑﻮﻟـﺪﻯ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻕ ،ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯩﺠﺎﺯﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩـﺸﻠﯩﻖ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ ھﻪﻣﻤﯩﻨـﻰ ھﯜﺭﻛﯜﺗـﯜپ ،ﺑﯩـﺮ ﭼﻮﻗـﯘپ ﺋــﻮﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻗﻮﻳــﺪﻯ .ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻣــﯘ ﺋﯩــﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻨﯩــﯔ ﺋــﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗپ ،ﺷــﯘ ﺯەھﻤﻪﺗﻠﯩــﻚ، ﻣﯘﺷــﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳــﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘــﺎ ﻛــﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻦ ﻳــﺎﺭەﺏ ﺩەپ ﻳﯩﻐــﺎ -ﺯﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜپ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﺩە ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺋﯚﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯦﺘﻰ ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ،ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯘﺧﺘـﺎﺭﯨﻴﻪﺕ )ﺋـﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ( ﺷـﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ ،ﺋﯩﭽﻜـﻰ ﺋﯩـﺸﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻧﭽﻪ -ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷـﻘﻰ ﺋﯩـﺸﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩـﺴﻰ ﻳـﻮﻕ ،ﺋـﯚﻣﺮﻯ ﻗﯩـﺴﻘﺎ ﻗﻮﺭﭼـﺎﻕ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺩەۋﺭﻯ ﺑﺎﺷــﻼﻧﺪﻯ .ﺑــﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻧــﺎﻣﻰ ﺧﯩﺘــﺎﻱ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﻣــﺎھﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺭﯗﺱ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩــﺪﻯ. ﺭەھــﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺭﯗﺳــﻼﺭﺩﯨﻦ ،ﺗﯧﺨﻨﯩــﻚ ،ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﯩــﺮﻻﺭ ﺭﯗﺱ ،ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ،ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭ ،ﮔﯧﻨﯧ ـﺮﺍﻟﻼﺭ ﺭﯗﺱ ،ﻣــﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺭﯗﺱ ،ﺑﺎﺭﭼﻪ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﻛـﯜﭼﻠﻪﺭ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺑﯩـﺮ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩـﺪە ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻗﻮﺭﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺭەﺋﺲ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﭼﯘﻟـﯟﯗﺭﻯ ﺭﯗﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭەﺋﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﺗﻮﻛﻮﻓﯩﻴﯩﺴﻰ )ﺋﻪﻳﻨـﻰ ھـﺎﻟﯩﺘﻰ( ﺷـﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯚۋەﻧـﺪە ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤـﯘ ﻣـﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ: ﻣﻪﻥ ﺩﯨﻠﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ ھﺎﻟﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺩەپ، ﺑﯩﭽﺎﺭە ،ﻗﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼپ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯜﻣﭽﻪﺭەپ. 97
www.uyghurweb.net ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻜﻰ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ؟ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪەﻛﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩەپ. ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻏﺎﺯﻯ ﺋﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺗﯜﺯﯛﺷﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ھﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩـﯔ ﻳـﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ۋە ﻧﯘﺳـﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯜﭼﻰ ،ﺋﯩﻤـﺎﻥ ﻛـﯜﭼﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩـﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩـﺒﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﯩﭗ ،ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺳـﺎﻝ ھﺎﻟﻐـﺎ ﭼﯜﺷــﯜﺭﺩﻯ .ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻣﯘﺳــﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺨــﺘﯩﻼپ ﭼﯜﺷــﺘﻰ .ﺑﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳـﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺩﯦﻤﯩﻨــﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ-ﺩە ،ﺭﯗﺳﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ،ﺋـﯘﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻕ ﺗـﯜﺯﺩﻯ .ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺑـﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺭﯗﺳــﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ﻳــﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪﺳــﯩﺪە ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳــﺪﻯ .ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣــﺎﺩﺩﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩــﯟﯨﻲ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗـﻮﻟﻼپ ،ﻗﻮۋۋەﺗﻠﯩـﺸﻰ ۋە ﻳـﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩـﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷــﻘﺎ ﻣــﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻣﺎﻧــﺎ ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﺎﺭﯨــﺴﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺑﯩـﺮ -ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩــﻖ ﺋــﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩــﺪﺍ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﻏﺎﻟﯩــﺐ ،ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ ﻣﻪﻏﻠــﯘپ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺧﯩﻠﯩــﻼ ھﺎﻟﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘــﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﺗـﯜپ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳـﺘﻠﯘﻕ ﺋﺎﻻﻗﯩـﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩـﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳـﯩﭽﻪ ﻣـﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺴﯩﺪە ﺧﯩﺘـﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻏـﺎﺯﻯ ﺋﺎﺗـﺎ ﺑﯩـﺮ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﻤـﺰﺍ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﺑﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﯩﺴﺘﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ: ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﺯﻯ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺭ: .1ﻣﯩﯔ ﺩﺍﻧﻪ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﻕ، .2ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺳﻪﺭ ﭘﯘﻝ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ 35%ﻧﻪﻕ ،ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺳـﻪﺭﺩﺍﺭﻯ ﻣـﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﻰ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻻﺩﯗﺭ. .3ﺧﻮﺟﺎ ﻧﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ ﭼﯩـﻦ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﺟﻪﻧـﯘﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳـﻮﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺳـﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﯘﻣـﯘﻝ ،ﺗﯘﺭﭘـﺎﻥ، ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ. .4ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﻪڭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻏـﺎ ﺋﻪﺳـﻜﯩﺮﯨﻲ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺘﻪﺭەپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﮕﻪ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯩﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨـﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷـﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩـﭗ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻣـﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) .ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﻪگ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ(. ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳـﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﺸﻘﺎ ﻣـﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ .ﺑـﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗـﺎﻟﻤﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻤﻤﯘ ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﻗـﯘﺭﯗﻕ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻓﯘﻛﺎڭ ﺑﯩﺘﯩﻤﻰ ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯗﺭ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺨـﺘﯩﻼپ ﭼﯜﺷـﺘﻰ ،ﺷـﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻼپ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﮔﻮﻳـﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺩﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. 98
www.uyghurweb.net ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﻰ ﺑـﯘ ﻗﯩـﻴﯩﻦ ﺋﻪھﯟﺍﻟـﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺷـﺎۋﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳـﻠﯩﻬﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻏﺎﺯﻯ ﺋﺎﺗﯩﻨﯩـﯔ ﺳـﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﺷــﻰ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘــﺎ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﯩـﯔ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﺮەﻛﯩﻨــﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷــﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨــﺴﯩﻤﯘ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺴﻰ ﺋــﺎﻗﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺋــﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ،ﺑﯩــﺮ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨــﻰ ﭘــﺎﻻﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺯﮔﺎﻟﯩﻐــﺎ ﺳﯚﺭﯨﺪﻯ. -1932ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﻓﯘﻛﺎڭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳـﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺋﺎھﯩـﺪە )ﺑﯩﺘﯩﻢ( ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻧﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﺑﯩﺘﯩﻢ »ﻓﯘﻛـﺎڭ ﺑﯩﺘﯩﻤـﻰ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟـﺪﻯ .ﺑﯩﺘﯩﻤﻨﯩـﯔ ﻗﯩـﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻣـﯘﻧﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ: -1ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟــﻠﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﺎﺭﯨــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳــﻮﺩﺍ ۋە ﺳــﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋــﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. -2ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗـﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. -3ﺷــﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﺗﻪﻟﯩــﻢ -ﺗﻪﺭﺑﯩــﻴﻪ ،ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜــﺎ ﺋﯩــﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩــﻚ ﻣــﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ، ﻗﻮﻣﺎﻧـــﺪﺍﻥ -ﻳﯧــﺘﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨـــﭗ ۋە ﺋﺎﻗـــﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯩـــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﺑﯧﺮﯨـــﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩـــﻚ ﻗﯩﻠﯩـــﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ،ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ،ﻛﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ -ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ۋە ﺷـﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩــﺸﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩــﻲ ﻳﯧـﺘﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳـﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺑــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨــﻦ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺳﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷـﻪﺭﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﺍ ﺳـﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐـﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴـﺎﺟﻠﯩﻖ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨـﺪﯗ ،ﻣـﺎﺩﺩﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳـﺘﯩﻐﺎ ﺩﻭﺳـﺖ ،ﺩﯛﺷـﻤﯩﻨﯩﮕﻪ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ، ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺯﯨﭻ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ .ﻛﯧﺮەﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻳـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺑﯩـﺘﯩﻢ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﯩـﯔ ) (1000ﺩﺍﻧﻪﺩﯨـﻦ ﺋـﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﯩﻠﺘﯩـﻖ ۋە ﺋـﻮﻕ ،ﻧﻪﭼـﭽﻪ ﻣﯩـﯔ ﺗـﺎﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﺎﻝ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﺎ. ﺑﯘ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﺎۋﯦﺖ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ،ﻛﯧﯟ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺯﺍۋﯗﺩﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻛﻪﺷﺘﺎﻡ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻜﯩﻨﻜﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋـﯘﺩﯗﻝ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷـﺘﺎﻣﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨـﺪﯗ .ﺋـﯘ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺭﯗﺳـﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﺷــﻜﻪﻥ ﻳــﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﯩــﺘﯩﻤﮕﻪ ﻛــﯚﺭە ،ﺋــﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳــﺎﺭﺩەﻡ ﺗﻪﻟﻪﺏ ﻗﯩﻠﯩ ـﺪﯗ .ﺭﯗﺳــﻼﺭ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐــﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ۋە ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﻗﭽـﺎ ﺗﻪﻟﻪﺏ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﭽﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﻣﺪە ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ،ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻧﻪﭼـﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺳﻪﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷﺘﺎﻣﺪﺍ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯨﺪﯗ )ﺑﯩـﺮ ﺳـﻪﺭ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋـﯜچ ﻳﯧـﺮﯨﻢ ﺩﺍﻧﻪ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪڭ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ( .ﺭﻭﺳﻼﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐـﺎ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕــﯜﭼﻪ ﻛﯜﺗــﯜپ ﺗﯘﺭﯛﺷــﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩ ـﺪﯗ ،ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ» :ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗپ ﺑﻮﻟــﺴﺎﻗﻤﯘ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩــﺸﻘﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳــﺴﯩﻠﻪﺭ؟« ﺩەﻳــﺪﯗ ،ﺭﯗﺳــﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ» :ﺳــﯩﺰﻟﻪﺭ ﻓﯘﻛــﺎڭ ﺑﯩــﺘﯩﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩــﻖ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﯗﯕﻼﺭ« ﺩەﻳﺪﯗﺭ .ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ» :ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﻗﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ،ﺋـﯘﻻﺭ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗـﯘﺭﺩﻯ« ﺩەﻳــﺪﯗ .ﺭﯗﺳــﻼﺭ» :ﺋﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻟﭽﻰ ۋە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧــﻰ ،ﺧــﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳــﻮﻗﯩﺘﯩﺶ 99
www.uyghurweb.net ﺑﯩﺘﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ۋەﺯﯨﭙﯩﯖﯩﺰ« ﺩەپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩـﺸﻰ ﻛﯧـﺮەﻙ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋـﻮﻥ ﺑﯩـﺮ ) (11ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﻳﺨﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﻪﺭﻛﻪﺷﺘﺎﻡ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ،ﻓﯘﻛﺎڭ ﺑﯩﺘﯩﻤﯩﮕﻪ ﻛﯜﺭە ،ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧـﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭ ﺋـﯘﺩﯗﻝ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﺪﻯ .ﺑـﯘ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩـﮕﻪ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴـﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻐـﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗـﻮﺭﺍﻝ -ﻳـﺎﺭﺍﻕ ،ﺋـﻮﻕ -ﺩﻭﺭﺍﻻﺭ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺋﯜﻣﯩــﺪﻯ ﺳــﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﺷــﺘﻰ .ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭ ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐـﺎ ﺋﺎﺋﯩـﺖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ۋەﻗﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻣﯘﺧﺘـﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺩەۋﺭﯨـﺪە ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺯﯨﺦ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﻮﭘﻼﻧﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭ ﺗـﯚﺕ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ھﯩﻤﺎﻳﯩـﺴﯩﺪە ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﭘﺎﺧﺘـﺎ ۋە ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷـﺘﺎﻡ ،ﺋـﻮﺵ ،ﺋﻪﻧـﺪﯨﺠﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷـﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﺑـﺎﺭﺩﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺷـﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜـﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ۋﺍﻛﺎﻟﻪﺗﺨﺎﻧﺎﺳـﯩﻐﺎ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺭﻭﺳـﻼﺭ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ھــﯚﺟﺠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨــﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﻪھــﻤﻪﺩ ﭘﺎﺧﺘــﺎ ۋە ﻗﺎﺳــﯩﻢ ﺋــﺎﺧﯘﻧﻼﺭ ۋەﺯﯨﭙﯩﻨــﻰ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐـﺎ ھﯩﻠﯩﻐـﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺭﺍﻝ ۋە ﻳﺎ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﻪﺳـﻜﯩﺮﯨﻲ ﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨـﻦ ھـﯧﭻ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳـﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨـﻰ ﻳـﻮﻕ .ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﺮﻛـﯜﻥ ﻗﺎﻳﺘـﺎ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘـﺴﺎ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘ ﺳﻮﺭﺍﻗﯩـﺴﺰ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ھﻪﻕ )ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ( ﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗـﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﺋﺎﻟﯩـﺪﯗ .ھـﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘـﺎ ﻳﯧـﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ،ﺧﺎﻻﺱ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ،ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑـﯘ ﺧﯩﻠـﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳـﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺋﯩـﺸﻼﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ -1937 - 1935 ،ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺩەۋﺭﯨـﺪە ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﻏﺎ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 500،000000ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻣـﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﻐـﺎﻥ )ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻣﯜﺷـﯜﻛﻜﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪەﻙ( .ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺧﯘﺷـﻬﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ، ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﯩــﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﺪە ﺋﯩﭽﻜــﻰ ﺋــﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩــﺸﯩﭗ ،ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﯩــﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ﺭﻭﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﺏ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ،ﺑﯩـﺮﺍﻕ ﺭﯗﺳـﻼﺭ ﻛـﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺋـﯘ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﻐـﺎﻥ .ﻳﯧﻘﯩﻨﻘـﻰ ﺑﯩـﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠـﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﺋﯩـﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻟﻪﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﺎھـﺎﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩـﺮﻣﯩﮕﻪﻥ .ﺭﯗﺳـﻼﺭ ھﻪﺭ ﻣﺎﻛﺎﻥ ۋە ھﻪﺭ ﺯەﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻱ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ! ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ! ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺋﺎچ! ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﮔﺎھ ﺑﻮﻝ! ﺋﺎﻟﺪﺍﻧﻤﺎ! ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷـﺘﺎﻣﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋـﯘﺩﯗﻝ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﻳـﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺷﻼ ﻣﺎﻟﯩﻤــﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧــﺴﯘﺏ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘــﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩــﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺗﯘﺗﯘﻟﻐــﺎﻥ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺩﯗﻟﻠــﯘﻕ ﺋــﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﺗﯚھﭙﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺑﺎﻗﺘﻰ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﻗﺘﻰ. ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗــﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﯩﺘﯩﻤــﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﯖﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺑﯩﺘﯩﻢ ﻛﯜﭼﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻳﯧـﺘﯩﻢ ھـﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺭﯗﺳـﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻕ ﺗـﯜﺯﺩﻯ. ﺭﻭﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳــﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺟﯩــﯔ ﺷــﯘﺭﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑــﺪﺍﻥ ﺧﻪۋﯨــﺮﻯ ﺑــﺎﺭ ،ﭘﯘﺧﺘــﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷــﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑــﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙ ـﺎﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ۋەﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ،ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ۋە ﺗﯧﺨﻨﯩﻜـﺎ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩـﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﺷـﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ﺧــﺮﯨﺲ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻣﻪﺷــﻬﯘﺭ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻰ ﮔﺎﺳــﯩﻠﯩﯔ )ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩــﯔ( ﻧــﻰ ﺭﯗﺳــﯩﻴﯩﮕﻪ ﺟﻪﻟــﭗ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﮔﺎﺳــﯩﻠﯩﯔ ﺩەﺭھــﺎﻝ ھــﺎۋﺍ ﻳــﻮﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷــﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﭼﯜﺷــﺘﻰ. 100
www.uyghurweb.net ﮔﺎﺳﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘ ﺧـﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﻧﺎﻣﯩـﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﭽﻪ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﺋـﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﺋﺎﺳـﺘﺎ -ﺋﺎﺳـﺘﺎ ۋﺍﻟﯩﻼﺭﻧـﻰ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩـﺴﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳـﺎﻳﻠﯩﺪﻯ .ﻣـﯘھﯩﻢ ﺋﯩـﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟـﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩـﺴﺘﯩﻼﭼﯩﻠﯩﻖ ﻏﻪﺭﯨـﺰﻯ ﺋﺎﺷـﻜﺎﺭﺍ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘــﻰ .ﺑــﯘ ﭼﺎﻏﻘــﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە ﺗﯘﯕﮕــﺎﻧﻼﺭ ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ۋﻭﻟﻘﺎﻧﻐــﺎ ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺟﺎﻧﯩﺠﺎﻥ ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺷـﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗـﻮﻟﻰ ۋە ﻛـﯜﭼﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺗﺎﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﯘﻳـﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩـﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﺳـﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷ ـﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﭼــﺎﻕ ﻣﯘﺧﺘــﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻤــﯘ ﺋــﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐــﺎ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩ ـﺪﻯ .ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽــﻰ ﻛــﯜﭼﻠﻪﺭ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭ ،ھـﯚﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ھﻪﺭﺧﯩـﻞ ﺯﯨﻴـﺎﭘﻪﺕ ۋ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐـﺎ ﭼـﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﺑﺎھـﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﯚﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﯧﻨﯩـﺪﯨﻦ ﺟـﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﺋﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻤﯘ ﺳـﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ .ﻣﻪﻳـﺪﺍﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍۋﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﺭﺩە ﺋﺎﺭﻗﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷـﻘﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺭﯗﺳـﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﺎﺭﺍ -ﺑﺎﺭﺍ ﭘﻪﺭﺩە ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺋﯧـﺸﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛـﯚﺭﯛپ ،ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻤﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ھﻪﻣـﻤﻪ ﻳﻪﺭﻧـﻰ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩﺘﻠﯩـﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮۋﻻپ ،ﻟﯩﻤﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﺳـﯜﻳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ،ﭘﯘﭼـﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋـﺎﺗﺘﻰ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻧـﺪﺍ -ﺳـﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨـﻰ ﻛـﯚﺭەﺭ ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻧﻼﺭ ﺋـــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳـــﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﺎﻻﻟﯩـــﺪﻯ .ﺩﻭﺧﺘـــﯘﺭ ﻣﻪﺟﺪﯨـــﺪﺩﯨﻦ ﺑﯧـــﻚ ،ﻣﻪھﻤـــﯘﺩ ﺳـــﯩﺠﺎﯕﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ -1937 .ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎڭ ھﯩﺠﺎﺯﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ -1931ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩـﯔ ﻣﯧﯟﯨـﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﮕﯩـﻠﻪپ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻣـﺎﺩﺩﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩـﺪﻯ .ﺧﻪﻟـﻖ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ﻣﯧﻠـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ،ﻗﯧﻨـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭘﯩــﺪﺍﻛﺎﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷــﺘﻰ .ﻳﻮﻟﺒﺎﺷــﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻗــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩــﺪﺍ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷــﭽﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳــﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳــﺎﻛﻰ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﺟﻪھﻪﺗــﺘﻪ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩــﺪﯨﻨﻤﯘ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﻴﺘﺎۋﯗﺭ ﺋﺎﻟﻼھ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ،ۋەﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﺴﻪﻙ ﺷﯧﻬﯩﺪ ،ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺳـﻪﻙ ﻏـﺎﺯﻯ ﺩەپ ﺑـﺎﻳﺮﺍﻕ ﻛﯚﺗــﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩــﯔ ۋﯗﺟﯘﺩﯨــﺪﯨﻦ ،ﻗﯧﻨﯩــﺪﯨﻦ ﻻﻳﯩﻘﯩــﺪﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤــﯘ ﺗﯧـﺰ ﭘﺎﺭﻟﯩﻐــﺎﻥ ﺑــﯘ ﻳﯘﻟﺘــﯘﺯ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧـﺰ ﺋــﯚﭼﺘﻰ .ھــﺎﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳــﯩﺮ ﺑﻮﻟــﺪﻯ ،ﺋﻪﺳــﯩﺮﻟﻪﺭ ھــﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻧــﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟــﺪﻯ، ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺳﯩﻴﺎﺳــﻪﺕ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺗــﯜﺭﻯ ﺷــﺎﺧﻤﺎﺕ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩــﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛــﯚپ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺑــﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧــﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﺋﻮﻳــﯘﻧﭽﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯩﻨﯩـــﯔ ﻧـــﯧﻤﻪ ﺋﻮﻳـ ـﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎۋﺍﺗﻘـــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠـــﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩـ ـﺪﯗ .ﺷـــﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧـــﺸﺎﺵ ﻣﻮﺳـــﻜﯟﺍ -ﺋـــﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺕ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ،ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐـﺎ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘـﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩــﯔ ﻛــﯜﭼﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩ ـﺪﻯ-ﺩە ،ﺩەﺭھــﺎﻝ ﺋﯩﭽﻜــﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳــﻪﺗﻨﻰ ﺑﻮﺷــﺎﺗﺘﻰ ،ﺋــﺎﻟﺘﻪ ﺷــﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋــﺎﻟﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗــﺴﯩﻤﻠﻪپ ،ھﻪﻣﻤﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜــﻰ ﻣﯘﺳــﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩــﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ،ﺋــﯚﺯﻯ ﺧﺎھﻠﯩﻐــﺎﻧﭽﻪ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻗــﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴــﺎﺯﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﻣﯘﻧــﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ﻣﯘﺧﺘــﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑــﯘ ﻳﯧﯖــﻰ ۋەﺯﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻜــﻰ ﻣﻪﻣــﯘﺭﻯ ﺗﻪﻗــﺴﯩﻤﺎﺕ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ: . 1ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ۋﺍﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﺎﺧﻮﺳﻪﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ .ﭼﯩﻦ )ﺟﯘﯕﮕـﻮ( ،ﺗﯩـﺒﻪﺕ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻐـﺎﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩـﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﺪﻯ. . 2ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﯧﯖﺠﺎڭ ۋﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻏﺎﻓﯩﺮ ﺗﯧﯖﺠﺎڭ ھﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 101
www.uyghurweb.net . 3ﺋﺎﻗﺴﯘ ،ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪھﻪﺭ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ. . 4ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﻪگ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ، . 5ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ،ﺗﺎﺷــﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ،ﺭﯗﺳــﯩﻴﻪ ﭼﯧﮕﯩﺮﯨــﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨــﻰ ﺋﯩــﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩــﺶ ھﻮﻗــﯘﻗﻰ ﻣﻪھﻤــﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. .6ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﻪﺭﯨﭙﺨﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭەﺋﯩﺲ )ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ( ﮔﻪ ﻣﯘﺋـﺎۋﯨﻦ ﺭەﺋﯩـﺴﻠﯩﻚ ﺗﻪﺧـﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﺎھ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ،ﮔﺎھ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭەﺋﯩﺲ ﻧﺎﻣﯩـﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻣـﺎﻧﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺗﯘﺭﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ھﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ۋﯨﻼﻳﯩﺘـﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋـﯚﺯ ﻳﻮﻟﯩﻐـﺎ ﻗﻮﻳـﯘپ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗـﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺧﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩـﻞ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺗﯚۋەﻧـﺪە ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺩەۋﺭﯨـﺪە ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺑﯧـﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪھﺮﯨﻤـﺎﻧﻠﯩﻖ ﺷـﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ: ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ: ﻳﺎﺭ ﺋﯩﺸﻜﯩﯖﺪە ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﭼﯩﺮﺗﺎﺭ ﺋﯩﺸﯩﻚ ۋﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ۋەﺳﻠﯩﯔ ﺗﯩﻠﻪپ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﻳﺎﺭ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﻳﺎﺭ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﻣﯘﺋﻪﺗﺘﻪﻝ ﺗﯘﺭ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭﯨﻢ ﺧﻪۋەﺭ ﺋﺎﻝ، ﺋﺎﺷﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯗ -ﺋﯩﺨﻼﺳﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯەﺭ ﺳﺎﻝ، ﺳﻮﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯘﺭﻣﯩﺶ ﺑﺎﺷﯩﯖﮕﻪ ﺷﺎھﻰ ﺭﯗﻣﻤﺎﻝ، ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﻮﺭﺍپ ﺋﺎﻝ ﺑﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻪﺧﺘﯘ -ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ، ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ »ﻳﺎﺭ-ﻳﺎﺭ« ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﻪﺩﯨﯖﻤﯘ؟ ﺧﺎﻟﯩﯖﻨﻰ ﻧﯘﻗﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻞ ﺋﯩﺸﻘﯩﻢ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﺋﻪھﺪﯨﯖﻨﯩﯔ ﺩەﻓﺘﻪﺭﯨﻦ ﺋﺎچ ھﯚﺳﻨﯜﯕﻨﯩﯔ ۋﺍﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﮕﻪ ﺋﯘﺭﮔﻪﺕ ھﯧﭻ ﻗﻮﻳﻤﺎ ﻧﺎﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺷﻪﺭﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﻱ ﭼﯘﺳﺘﻰ)ﭼﯩﯔ( ﭘﯩﻴﺎﻟﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺑﯘ ﻣﻪﻳﮕﻪ ﺧﯘﻣﻤﺎﺭ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎ: ﺗﯘﺭﻣﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻱ ﻣﺎﺭ! ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪۋﻓﻠﻰ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭ ،ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺳﯜﺭﺗﯜﻧﻤﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﯘﻧﺨﯘﺍﺭ ،ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ 102
www.uyghurweb.net ﭼﯩﺮﺗﯩﭗ)ﭼﯧﻜﯩﭗ( ﺋﯩﺸﯩﻚ ،ﻧﯩﻤﻪڭ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ۋەﺳﻠﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﻪﺩەﺭﻛﺎﺭ ،ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﻛﯚﻛﺴﯩﯖﮕﻪ ﺩﺍﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺷﺘﺎﺏ)ھﯘﺟﯘﻡ( ﯨﻦ ﺋﻮﻳﻼ، ﺯﯗﻟﻤﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﺭﻗﺎﺩﺍﺷﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ، ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﻘﺎ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻼﺟﻰ ،ﺑﺎﻏﺮﻯ ﻛﻪﺑﺎﺑﯩﻦ ﺋﻮﻳﻼ، ﺑﻪﻧﺪ ﺋﻮﻟﺴﻪ ﻗﻪﻳﺴﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ھﺎﻟﻰ ﺧﻪﺭﺍﺑﯩﻦ ﺋﻮﻳﻼ، ﻗﻪﻳﺪﯨﯖﮕﻪ ﻛﯩﻢ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺳﺎﻟﻤﻪ ﻧﻪﺯەﺭ ﺑﻪﺩﯨﯖﻨﻰ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯚﻟﻜﻪﺳﯩﻐﻪ، ﺑﺎﻗﻤﻪﻳﺪﻯ ﺋﯩﻤﺪﻯ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﻗﻮﻧﻤﺎﻗﭽﯩﺴﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻡ ﺯﺍﻍ ﺑﺎﻏﯩﻤﻨﯩﯔ ﻻﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﺗﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﻪﺟﻪﻝ ﺷﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯚﻣﺮﯛڭ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﺋﯩﭻ ،ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎ ﺧﯘﻣﻤﺎﺭ ،ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﺎﻗﻤﻪﻳﺪﻯ ﺋﯩﻤﺪﻯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻨﻰ ﺷﺎﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﺗﯩﻜﻤﻪ ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ھﺎﺳﯩﺪ ﺳﺎﻗﯩﻨﻰ ﻛﺎﺳﻪﺳﯩﮕﻪ، ﺯەھﺮﯨﯖﻨﻰ ﺳﺎﭼﻤﻪ ﺋﯩﻤﺪﻯ ﺋﯚﻟﻜﻪﻣﻨﻰ ﻻﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺷﻪﺭﺍﺑﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﭼﯘﺳﺘﻰ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪﺳﯩﮕﻪ، ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺰﺩە ﺳﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﻪﺩﯨﯖﻤﯘ؟ ﺋﻪﻱ ﻛﯚﺯ ﺑﻮﻳﺎۋﭼﻰ ﻣﻪﻛﻜﺎﺭ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﻣﻪﻛﺮﯨﯔ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﻜﺎﺭ ،ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﺰﺍﺭ، ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭ ،ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ -ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺘﯩﻤﺪە ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴـﺎﺯ ،ﺷـﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺭﯗﺳﻼﺭ ﻛـﯜﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻳﯧﯖـﻰ ﻛﯧﻠﯩـﺸﯩﻢ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋـﺎﻟﺘﻪ ﺷـﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺭەپ - ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﺗــﯚﻛﺘﻰ .ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەپ ﺭﻭﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋــﺎﻕ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟــﺪﻯ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﭽﻮﻣﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳـﯘﺭﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧـﺪﯨﻦ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺪﻯ .ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ .ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﻪگ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﺷـﻼپ ﻗـﺎﭼﺘﻰ. ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﻪﻧﻪ ﺷــﯘ ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷــﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼــﯘپ ﺗﯜﮔﯩ ـﺪﻯ .ﺋــﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑــﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ۋﺍﻟﯩﻼﺭﻧﯩــﯔ ،ھﺎﻛﯩﻤﻼﺭﻧﯩــﯔ ،ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐــﺎ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩــﺴﺖ ﺧﯩﺘــﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳــﺪﻯ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺪە ﺭﻭﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻦ)ﺟﯘﯕﮕﻮ( ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣـﺪە ﺗـﺎﺯﯨﻼﺵ ﺑﺎﺷــﻼﻧﺪﻯ .ﺋﻪڭ ﺑﺎﺷــﺘﺎ ﺧﻮﺟــﺎ ﻧﯩﻴــﺎﺯ ھــﺎﺟﯩﻢ ﻛـﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠــﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﮔﻪﺷــﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩــﺮ -ﺑﯩــﺮﻟﻪپ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩـﺶ ۋە ھﻪﺭ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨـﺪە ﻛـﯚﺯﮔﻪ ﭼﯩﻠﯩﻘﯩـﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘـﺎﻱ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﭘﻪﺭﺩە ﺋﺎﺭﻗﯩـﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
103
www.uyghurweb.net ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗـﻮﺧﺘﻰ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻐـﺎ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩـﺸﺘﺎ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺳـﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺗـﻮﺧﺘﻰ ﻟﯜﻳﺠـﺎڭ ﺑﯩـﺮ ﻛـﯜﻧﻰ» :ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛـﺎ ،ﺳـﯩﺰ ﻣﺎﯕـﺎ ﺑﯩـﺮ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻳﺎﺧــﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﯩ ـﺪﯨﻢ .ﺳ ـﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧــﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻢ ﺷــﯘﻛﻰ ﺋــﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺩﺍﻟ ـﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯔ« ﺩەﻳـﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗـﺘﻪ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﺎﺷـﺘﯩﻼ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛـﯚﺭﯛپ ﻗﻮﻳﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻗﯘﺩﺭەﺗﯘﻟﻼﺧـﺎﻥ ﺗﯚﺭەﻧﯩـﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩــﺪە ﺋــﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﺋﻪﺷــﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷــﻘﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﺳــﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﺋــﯘ ﺗــﻮﺧﺘﻰ ﻟﯜﻳﺠﺎﯕﻨﯩــﯔ ﺋﺎﮔﺎھﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟــﺪﻯ -ﺋﺎﺭﻗﯩﻐــﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤــﺎﻱ ،ﻳﯧﯖﯩــﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ،ﺗﺎﺷــﻤﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟــﺪﻯ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ۋە ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳـﯜﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻗﯘﺩﺭەﺗﯘﻟﻼﺧـﺎﻥ ﺗـﯚﺭە ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣـﺎﯕﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋـﯘﺩﯗﻝ ﺗﺎﺷـﻘﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟـﺪﻯ. ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺑـﯘ ﺟﺎﻳـﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺗـﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻳـﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳـﺘﻰ .ﻳـﻮﻝ ﺗﻮﺳـﻘﺎﻥ ﺗـﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗـﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ،ﺑـﯘﻻﺭ ﻗـﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ھـﯧﭻ ﺋﯩـﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯەﺷـﺘﯜﺭﯛپ ،ھـﺎﺭﺩﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﺸﯩﭗ ﺋﺎﺳـﺘﺎ -ﺋﺎﺳـﺘﺎ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﺳـﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﻰ ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺕ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﺴﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻐـﺎ ﻗـﻮﺭﺍﻝ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺟـﺎۋﺍﺏ ﻗـﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ،ﺳـﺎﻕ -ﺳـﻪﻻﻣﻪﺕ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﺎﺳﺘﻰ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺗﺎﺷـﻤﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ،ﺋـﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺟﻪﯕــﮕﻪۋﺍﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷــﺘﯜﺭﯛپ ﺋــﯘﺩﯗﻝ ﺗﺎﺷــﻘﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﻛــﯚﺭﺩﯨﻜﻰ ھﻪﻣــﻤﻪ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩــﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘ ھﺎﺭﺩﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗـﯜﺯەپ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩـﺪﺍ ﺗـﺎﺟﯩﻜﻼﺭ )ﺑﯩـﺮ ﺭﯨـﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼﺭ( ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻐﺎ ﻳــﻮﻝ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗــﺎﻍ ﺗﯚﭘﯩ ـﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﻘــﺎ ﺗﯘﺗﯩ ـﺪﯗ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻣــﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺩﯨﻦ ﺋــﺎﺟﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺷﯘ ﻣﺎﯕﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﺎﺷـﻤﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ﻟﻪﯕـﮕﻪﺭ ﺗﺎﺷـﻼﻳﺪﯗ .ﺗـﻮﺧﺘﻰ ﻟﯜﻳﺠـــﺎڭ ﻳﯜﺳـــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﻛـــﺮﺍﺭ ﻗﯧﭽﯩـــﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪەﻳـــﺪﯗ .ﻳﯜﺳـــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـــﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨـ ـﺪﯨﻦ ﺋـــﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻳﺘﯩـــﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـــﻰ ،ﺗﺎﺷـــﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﺋـــﻮﺭﯗﺱ ﺗﻪﺭەﭘـــﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟـــﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـــﻰ ،ﺗﯘﯕﮕـــﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﺳﻼﺷــﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻘﻰ ﮔﺎﺳــﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴــﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺭﻭﺳــﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟــﺪﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ھﻪﻣــﻤﻪ ﺗﻪﺭەﭘﻨــﻰ ﺭﯗﺱ ﻗــﺎﭘﻼپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻧﻪﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩــﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠــﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ .ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻟﯜﻳﺠـﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ» :ﺋﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﺋﯧﻬﺘﯩﻴـﺎﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗـﯘﺭﯗڭ ﺋﺎﻛـﺎ« ﺩەپ ﻗﻮﻳﯩـﺪﯗ. ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﻧـﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠـﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ .ﺑـﯘ ،ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﺗﯘﯕﮕـﺎﻧﻼﺭ ھـﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩـﭗ ﻳﯧﯖـﻰ ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻍ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩـﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺗﺎﭘﻘـﺎﻥ ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩـﭗ ﺑﯩـﺮ ﻣـﯘﻧﭽﻪ ۋەﺩﯨﻠﻪﺭﻧـﻰ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﺋﻪﺯەﻟـﺪﯨﻦ ﺳـﯜﻟﻬﻰ ﺩﯦـﺴﻪ ﺧﻮﺷـﻰ ﻳـﻮﻕ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺳــﯜﻟﻬﯩﮕﻪ ﻛﯚﻧــﯜپ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨــﺪﯗ .ﺋــﯘ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ﻣﯘﺧﺘــﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﺋـﯜچ -ﺗـﯚﺕ ھﻪﭘـﺘﯩﻠﻪپ ﺋﯧـﺴﯩﻞ ﺗﺎﻣـﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪپ ،ﻗﯩﺰﯨــﻖ ﺋﻮﻳــﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ ،ﺟﻪﻣــﺸﯩﺘﭽﻪ ﺑﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﻧــﻰ ﻗــﯘﺭﯗپ ﻛﯚﯕــﯜﻝ ﺋﺎﭼﯩ ـﺪﯗ .ﺑﯩــﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟـﯘﻕ ﭘﻪﺭﻣـﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩـﺪﯗ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻐـﺎ ﻛـﯚﺭە ،ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﯨـﺪﯗ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﻮﺷـﯘﻧﻨﻰ ﺭەﺗـﻜﻪ ﺳـﯧﻠﯩﺶ ،ﻣﻪﺷـﯩﻖ ﻗﯩﻠـﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﻣﻪﺷﻘﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻗﻮﺷـﯘﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩـﻚ ﻗﯩﻠﻐـﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋـﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨـﺪە ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﺩە ﮔـﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﺋـﺎﻕ ﺋﻮﺭﯗﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋـﯚﺯﻯ ﺋﯩـﺪﻯ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑـﯘﻧﻰ ﻛـﯚﺭﯛپ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﭼﺎﭘـﺎﻥ ﻳﺎﭘﻘـﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩـﺸﯩﻐﺎ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚﻛﯜﻧﯩـﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳـﻮﻕ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑﯩـﺮ ﻛـﯜﻧﻰ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﻛﯜﻧـﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋـﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺷﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧـﺪﺍ ﺋـﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘـﺎﻥ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨـﻰ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺗﻠﻪﺷـﻜﻪﻥ ﺋـﺎﻕ ﺋﻮﺭﯗﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ 104
www.uyghurweb.net ﻗﻮﺭﺷــﺎپ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨ ـﺪﯗ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﭼﺎﻗﻘــﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻳﯧﻨﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺸﺎ -ﺋﯧﺘﯩﺸﺎ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯚﺳﯜپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩـﺮ ﺩەﺭﻳﺎﻏـﺎ ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋـﯘ ﺑـﯘ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﻗـﺸﻼﻗﺘﺎ ﻳﻮﺷـﯘﺭﯗﻧﯘپ ﻳـﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ .ﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ،ﻣﯘﺭﺍﺩ ﺋﻪﻟﻰ ،ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﯘﺗﻘـﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜپ ،ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ھﺎﻙ ﺗﯚﻛﯜپ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯩـﺪﯗ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻳﭽـﻰ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻟﻔﻪﺗﺘﺎھ ﺑﯩـﺮ ﺑﺎھﺎﻧﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺧﻪۋەﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧــﺪﺍ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻣﯘﺧﺘــﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺷــﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻳﺎﺭﺑــﺎﻍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩــﺮ ﺳــﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩــﺸﯩﺪﯗ .ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭەﻗﯩﺒــﻰ ﺋﻮﺳــﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟــﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻣــﯘ ﺗﺎﭘﻘــﺎﻥ ،ﺗﯘﺗﻘــﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼپ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﺷﯜپ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺳﺎﺭﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗﺭ )ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﭻ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﺩﯗﺭ(. ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺟﻪﻧﻨﯩـﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧـﺪەﻙ ،ﺋـﯚﺯ ﺑﯧـﺸﯩﭽﻪ ،ﺋـﯚﺯ ھﺎﻟﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺋﻪﻳﺶ -ﺋﯩـﺸﺮەﺕ ،ﺭﺍھﻪﺕ -ﭘـﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﻳﺎﺷـﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯩـﺮ ﻛـﯜﻧﻰ ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﺳـﯩﺠﺎڭ ﻧﺎﻣﯩـﺪﯨﻦ ﺭەھــﺒﻪﺭ ﺑﺎﮔﺪﺍﺳــﺎﺭﻭۋ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩــﯔ ﺑــﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧــﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺳــﯘﻥ ،ﺋﻪﺗﯩ ـﻼ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯩﻘــﺴﯘﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧـﺸﯩﻐﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﺪﯗ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺳـﯧﺮﯨﻘﺒﯘﻳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ 22ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ -ﻛﯧـﺮەﻙ ﺋﯧﻠﯩـﯟﯦﻠﯩﺶ ﺑﺎھﺎﻧﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗــﻮﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﯟﺍﻟﯩ ـﺪﯗ .ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑــﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛــﺎ ،ﻣــﯘﺋﻤﯩﻦ ﻗــﺎﺭﻯ ﻗﯘﺭﺑﯧ ـﺸﻰ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧــﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺭﯗﺱ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯧﺮﯨﻘﺒﯘﻳﺎﺩﺍ ﻗﯧﻠﯩـﭗ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷـﻼپ ﻛﯩﭽﯩـﻠﻪپ ﻳـﻮﻝ ﻳـﯜﺭﯛپ ﺳـﯧﺮﯨﻘﺒﯘﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩـﭗ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺷﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺟﻪڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﻛـﯧﭽﻪ -ﻛﯜﻧـﺪﯛﺯ ﺋﯧﺘﯩﺸﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ،ﺟﺎﻧﺒﺎﺯﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩـﺮﯨﮕﻪ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳـﺪﯗﺭ» :ھـﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﻳـﺎ ھﺎﻳـﺎﺕ ،ﻳـﺎ ﻣﺎﻣــﺎﺕ ،ﺳــﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏــﺎ ﺩەﻳــﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﯩ ـﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ھــﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ ،ﺋــﺎﺕ ۋە ﻗــﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽــﻰ ﺧﯩﻠﯩــﺪﯨﻦ ﺗــﺎﻟﻼپ ﺋﺎﻟــﺴﯘﻥ« .ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺋــﺎﺕ ۋە ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﻗــﻮﺭﺍﻝ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺟﺎﺑــﺪﯗﻧﻐﺎﻥ 7ﻳﯩﮕﯩــﺖ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻐﺎ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺑﻮﻟـﯘپ ﭼﯩﻘـﺪﯗ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺑـﯘ 7ﺋـﺎﺩەﻡ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷـﺎۋﯨﻨﻰ ﺑﯚﺳـﯜپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯧﺪﯗ .ﺑﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻼ ﺋﺎﺩەﻣـﺪﯨﻦ ﻳـﻮﻝ ﺳـﻮﺭﺍپ ﻳـﯜﺭﯛپ ھﯩﻨﺪﯨـﺴﺘﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭە -ﻳﯜﺭە ﺑﯩـﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺋـﯚﺯﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠـﻠﻪ ﻣـﯧﯖﯩﺶ- ﻣﺎﯕﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﯩﺴﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺑﯘﭼﺎﻏـﺪﺍ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﺪﯨﻦ ﺯﯨـﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﻳﯩﮕﯩـﺘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺩﯗ .ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﺎ -ﺟﯩـﻴﻪﻥ ﺗﯘﻏﻘـﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑـﺎﺭ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻳﯩﮕﯩـﺘﻼ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋـﯘﻻﺭ ﺋـﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻳـﻮﻟﻨﻰ ﺩەۋﺍﻣﻼﺷـﺘﯘﺭﯨﺪﯗﻯ .ﻳـﻮﻝ ﺑـﻮﻳﻰ ﻧﻪ ﺋـﺎﺗﭽﻰ ۋە ﻧﻪ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷـﭽﻰ ﻳـﻮﻕ، ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ ﺗﯘﺭﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑـﯘ ﻗﯩـﻴﯩﻦ ﺳـﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ھﻪﻣﺮﺍھـﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﯨﺮﯨﻜﯩﺪﯗ -ﺩە ،ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻏﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﮔﯧﭙﯩﻨـﻰ ﺑﯩـﺮ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯚﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚﻣـﯜپ ﺗﺎﺷـﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺋــﯘﺩﯗﻝ ﺧــﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯗ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺧﻮﺗﻪﻧــﺪە ﻳﻪﺭﻟﯩـﺸﯩﭗ ﺑﯩــﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩــﻞ ﺑــﺎﻳﯟەﭼﭽﯩﻠﻪﺭﺩەﻙ ﺗﯘﺭﻣــﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ .ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷـﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩـﺸﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣـﺎﻥ ﻧﻪﺯﯨـﺮﻯ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﺑـﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨـﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ،ﺩەﺭھﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﭽﯩﻐـﺎ ﻳـﻮﻝ ﺑﺎﺷـﻼﺗﻘﯘﺯﯗپ ھﯩﻨﺪﯨـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣـﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﺪﯗ .ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺋـﺎﺗﭽﻰ ﺑـﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩـﭗ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻳـﯜﺭﯛپ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﯚﻟﺘـﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗـﺎﻍ 105
www.uyghurweb.net ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ،ﺑﺎﻏﻼپ ،ﭘﯩﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺭﺍﺳـﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩـﺸﻘﺎ ﻗﯩــﺴﺘﺎﻳﺪﯗ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺋــﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﺋﯩﻘــﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩ ـﺪﯗ .ﺋ ـﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭﯨﻨــﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻳﯧﻨﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤــﺎﺱ ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻼﺭﻏــﺎ ﺋﯧﺮﯨــﺸﯩﺶ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳــﺎﻛﻰ ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩــﺴﺎﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤــﯘ ﺋﯧﻴﺘﺎۋﯗﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﻰ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗپ ﺗﯩﺮﯨـﻚ ﻛﯚﻣـﯜپ ﺗﺎﺷـﻼﻳﺪﯗﺭ )ﺑـﯘﻻﺭ ﺗﻮﻗـﺎ ھﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ھﯧﻜﺎﻳﻪﺕ( .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﺯﺭﯨﺘـﻰ ﺋﯩﻴـﺴﺎﻧﯩﯔ» :ﻗﯩﻠﯩـﭻ ﺋﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭻ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ« ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳـﯚﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩـﻲ ﺋﯩـﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ .ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨـﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺧﯘﻻﺳـﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ،ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩـﺮ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘـﺎﻡ ﺋﯧﻠﯩﻨـﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻼﺭﻧﯔ ﺋﺎھﻰ ،ﻧﺎھﻪﻕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﻰ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯜﺳـﯜﻓﺠﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏـﯘﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯚﻟـﯜﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳـﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ،ﻛﻪﻧﺠـﻰ ﻣﯩـﯔ ﺑﯧـﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩـﺴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠـﻰ ﺗـﺎﺱ ﻗﯧﻠﯩـﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟــﯘپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ،ﻛﺎﻣــﺎﻝ ﻣﻪﺧــﺪﯗﻡ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺑﯩــﺮ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩــﭻ ﻳﻪپ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋــﯚﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ،ﺋﻮﻣــﯘﻣﻪﻥ ﺋــﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘپ ﻗﯧﻠﯩـﭗ ،ﻳـﯜﺯ ﺋﯚﻟﯜپ ،ﻳـﯜﺯ ﺗﯩـﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﺋـﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩـﯔ ھﯧﻜﻤﯩﺘـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ھﻪﻣـﻤﻪ ﻣﻪﺭھﯘﻣﻼﺭﻧﯩـﯔ ﻗﯩـﺴﺎﺳﻰ ﺑﯩـﺮﺍﻗﻼ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺯﺩە ﻗﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻥ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻣــﺎﺩﻭﺗﻪﻱ »ﻗﯩﻠﻤﯩــﺶ ،ﻗﯩــﺪﯨﺮﻣﯩﺶ« ﺩﯦﮕﻪﻧ ـﺪەﻙ ،ﻗﯩــﺰﯨﻠﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐــﺎﻥ ﭘﯩــﺴﺘﯩﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ھﯘﺟﯘﻣﯩــﺪﺍ ﺋﯚﻟــﺪﻯ .ﻣﯘﻧــﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ﺋــﯚﺯﻯ ﻗﺎﺯﻏــﺎﻥ ﺋﻮﺭﯨﻐــﺎ ﺋــﯚﺯﻯ ﭼﯜﺷــﺘﻰ .ﺋﯩﺒــﺮﺍھﯩﻢ ﻟــﻮﺯﯗڭ ﺑﻮﻟــﺴﺎ، ﻳﯩﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜچ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟـﯘپ ﺋـﯚﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩـﭗ ،ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺟـﺎﻟﻼﺩﻻﺭ ﻗﻮﻟﯩـﺪﺍ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪۋﺭ -ﺯﯗﻟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ،ۋەﺗﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ،ﺑﺎﺷﭙﺎﻧﺎھ ﺋﯩـﺰﺩەپ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ،ﻣﯩـﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔـﯜﻝ -ﮔﯜﻟﯩـﺴﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺑـﺎﻏﯘ- ﺑﻮﺳــﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻗﯧﺮﯨﻨــﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻗﯘﭼــﺎﻕ ﺋﯧﭽﯩــﭗ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺋﯧﻠﯩــﺸﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ ﺷــﺎﺩﻻﻧﺪﻯ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘ -ھﺎۋﺍﺳﯩﻨﻰ ﺧﻮﻳﻤﯘ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗپ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ھﻪﺭ ﻗﺎﭼــﺎﻥ ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷــﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛــﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩــﺰﺩەپ ،ﺋــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﻪھــﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ،ﺧﯩﻠﻤـﯘ ﺧﯩـﻞ ﻧـﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ،ﻣـﺎﺩﺩﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩـﯟﯨﻲ ﻟﻪﺯﺯەﺗـﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷـﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ھﯧﭻ ﺋﯩـﺸﺘﺎ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳـﺎﺕ ﻛﯚﺭﻣﯩـﺪﻯ .ﺋﺎﺗـﺎ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﻧـﺎ ﺑﯩـﺮ ﺑـﯘ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨـﺪﺍﺵ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳـﺘﻠﯘﻕ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﻣﯘھـﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﯩﺠﺮەﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ،ﺋـﯚﺭپ -ﺋـﺎﺩەﺕ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ ﺗﯩـﻞ ﺟﻪھﻪﺗـﺘﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺪﻯ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ -ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﯘﺭﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩـﻚ ۋە ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩەۋﺍﺳـﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷـﺘﻰ .ﻣﯘھـﺎﺟﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷـﻼﺭ ﺑـﯘ ﮔـﯜﺯەﻝ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳـﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ» ،ﺋـﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗـﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ﺋــﺎﺩەﻡ ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻨﻤــﯘ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗــﺪﺍﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗــﻜﻪ ﺳــﺎﺩﯨﻖ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷــﯜپ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷـﯘﻟﯘپ ،ﻗـﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩـﺪﺍ ﺋـﯘﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳـﺎﻧﻤﯘ -ﻳـﺎﻥ ﺗـﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻪﺯﯨـﺰ ۋەﺗﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟـﺎﻥ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﻣـﺎﻝ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋـﯚﺯﻯ ﺋﯩـﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑـﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻤﻜـﺎﻥ -ﻗـﯘﺩﺭەﺗﻨﻰ ﺋﯩـﺸﻘﺎ ﺳـﺎﻟﺪﻯ .ﺋـﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﺑﯩــﺌﻪﺩەﺏ ،ﺋﻮﺳــﺎﻝ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺗﯧﮕﯩــﺸﻠﯩﻚ ﺩەﻛﻜﯩ ـﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ )ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ﺋﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗـﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ ،ﺋﯘﻧـﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـﻨﯩﯖﻤﯘ ھـﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﺘـﯘﺭ( .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤـﯘ، 106
www.uyghurweb.net ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐــﺎﻥ ﭼﺎﻏــﺪﺍ ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮﻻﺭ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯩــﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ۋە ﺗــﯚھﭙﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛــﯚﺯ ﻳﯘﻣــﯘپ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷـﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏـﯘﻧﻰ ،ﺟﯜﻣﻠﯩـﺪﯨﻦ ﺋﻪھﻠـﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣـﻠﻪﺭ ،ﻣـﯘﻧﻪۋۋەﺭ )ﺯﯨﻴـﺎﻟﯩﻲ( ﻟﻪﺭ ،ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ۋە ﺋـﺎﭘﯩﺮﯨﻨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩـﺪﯗ .ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﺑﯚﻟـﯜﻙ ﺑﯩﻠﯩﻤـﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩـﻞ، ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩەﻟﯩﻠﺴﯩﺰ ،ﭘﺎﻛﯩﺘﺴﯩﺰ ھﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺋﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﻮﻻﺭﻏﺎ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﻟﻪﻗﻪﻣﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺗﯧﭙﯩـﭗ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺩەپ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨـﺪﺍﺵ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﻐﺎ ﺳـﻮﻏﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩەپ -ﺋﻪﺧﻼﻗﻘــﺎ ﺋﯘﻳﻐــﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳــﺘﯘﺭ .ﺑﯩــﺰ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺷــﯘ ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﻐــﺎﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﻳﺎﻟﻐـﺎﻥ- ﺑﻮھﺘﺎﻧــﺪﯨﻦ ﺧــﺎﻟﻰ ،ﺩەﻳﻪﻟﻪﻳﻤﯩــﺰ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺭﯗﺱ ﺋﯩــﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺩەۋﺭﯨــﺪە ﺭﯗﺳــﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺳـﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮ ﺩﯦﮕﯩﻠـﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﺎﺷـﯘ ﻗﻪﺩﯨـﺮﺩﺍﻥ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺳــﺎﺩﺍﻗﻪﺕ -ﺳــﻪﻣﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩــﺮ -ﺋﯩﻜﻜــﻰ ۋەﻗﻪﻧــﻰ ﻛﻪﻟﺘــﯜﺭﯛپ ﺋﯚﺗــﯜﺵ ﭘﺎﻳــﺪﯨﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻱ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﻪﺟﺪﯨـﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪﮔﻨﯩـﯔ ﺋﺎﻧـﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩـﺪﺍ ﻗـﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﻳﺎﻟﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ،ﺋﻪﻝ -ۋەﺗﻪﻧـﮕﻪ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﭘﯘﺭﺳـﯩﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭙﺘـﯘﺭ ،ﺩەپ ﻳﺎۋﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻓﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪە ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ،ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺧﻮﺟـﺎ ﻧﯩﻴـﺎﺯ ھـﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷـﻜﯩﻠﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺗﯩﻠﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩـﺪﯗﻕ .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺳﯩﻴﺎﺳـﻪﺕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨـﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﺘﻰ .ﻣﺎﻧﺎ ﺷـﯘ ﭼـﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺟﺪﯨـﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨـﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩـﺪە ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﺒﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ،ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﺎﺋـﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﻗﻮﻳـﯘﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩـﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ .ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺋﯩـﺸﻠﻪپ ﺯﻭﺭ ﺋﯘﺗﯘﻗﻼﺭﻏـﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ .ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ،ھﯚﺭﻣﻪﺕ -ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ،ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳـﺎﺩﯨﻖ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗـﯚﺕ ﻛﯩـﺸﻰ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﺮﻯ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﯩﺮﻯ ﺷﯘ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩـﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩـﺪﺍ ﺷـﯘ ﻛﯩـﺸﻰ ﺩەﻝ ﺋـﯚﺯﻯ ﺷـﯘﺩﯗﺭ. ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ .ﻣﻪﻛﺘﯘپ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ: ﺋﻪﻱ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ! ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯ ﺷﯘ ﺑﺎھﺎﺭﺩﯨﻦ ﺧﯘﺷﺨﻪۋەﺭ، ﺷﯘﻣﺨﻪۋەﺭ ھﯘۋﻗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺋﺎﺭﺍﺩﯨﻦ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﺑﻪﺩەﺭ. ﺑــﯘ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧــﺎﺏ ﺩﻭﺧﺘــﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩــﺖ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭﺩە ﺋــﯜچ -ﺗــﯚﺕ ﻳﯩﻠــﭽﻪ ﺧﯩــﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺋــﯘ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺗﯜﺯﯨﺘﯩـﭗ ،ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧـﻰ ﻳﻮﻟﻐـﺎ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ھـﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩـﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜــﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ھﻮﻗــﯘﻗﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩــﻚ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﭽﻜــﻰ ﺋﯩــﺸﻼﺭﺩﯨﻼ ﺋــﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩــﻚ ﺑﯧــﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧـﺎﺯﯗﻙ ﺑﯩـﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧـﺪﺍ ﻣﻪﺟﺪﯨـﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗـﻜﻪ ﺋﯩﻠﯩﻤـﺪﯨﻦ ﺋـﺎﺑﻰ ھﺎﻳــﺎﺕ ﺋﯩﭽــﯜﺭﯛﺵ ،ﻳﯧﯖــﻰ ﺋــﺎڭ ﺋﯩﭽــﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩــﺪﺍ ﭘﯩــﺪﺍﻛﺎﺭﺍﻧﻪ ﻛﯜﺭەﺷــﻜﻪﻥ ﻛﯩــﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ ،ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﺘــﯘﺭ .ﻣﻪھﻤــﯘﺩ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩـﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩـﺴﻰ ﻗﯘﻟﯘﭘﻠـﯘﻕ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﺑـﯘ ﻗﯘﻟﻪﯗﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪﮔﺪە ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﺳـﯩﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻗﺎﭼـﺎﻧﻼ ﻣﻪھﻤـﯘﺩ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣــﺎﺕ ،ﺧﻪﺕ -ﺧﻪۋەﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟــﺴﺎ ،ﻣﻪﺟﺪﯨـﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﺋــﯘﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩــﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩـﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﻟﭙﯩﻼپ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ .ﺑﺎﻻ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨـﺴﻰ ﺳـﻮﻣﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩـﭗ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠـﮕﻪﻥ 107
www.uyghurweb.net ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ ۋە ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎﻻ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻜﻪ ﻣﺎﯕﺎﺭ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨـﺴﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺷـﯩﻔﯩﺮﻻﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐـﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧــﻰ ﺳــﻮﻣﻜﯩﻐﺎ ﺳــﯧﻠﯩﭗ ﺳــﻮﻣﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﻟ ـﯘﭘﻼپ ﻗﻮﻳﯩ ـﺪﯗ .ﺑــﺎﻻ ﺳــﻮﻣﻜﯩﻨﻰ ﻳــﯜﺩﯛپ ﻣﻪﻛــﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ھﺎﻣــﺎﻥ ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﺳـﻮﻣﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩـﭗ ﺷـﯩﻔﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧـﻰ ﺋﺎﻟﯩـﺪﯗ .ﺑـﺎﻻ ﺩەﺭﺳـﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷـﻜﯩﭽﻪ ﺳـﻮﻣﻜﺎ ﺋـﺎﻏﺰﻯ ﺋﻮﭼــﯘﻕ ھﺎﻟــﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩــﯔ ﻳﯧﻨﯩــﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨــﺪﯗ .ﺩەﺭﺳــﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷــﻜﻪﻧﺪە ﺳــﻮﻣﻜﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖــﻰ ﺋﺎﺧﺒــﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺳــﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯘﻟﭙﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ،ﻧﻪﺭﺳـﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﯩـﺪﯗ .ﻣﺎﻧـﺎ ﺷـﯘ ﻳـﻮﻝ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﻪھﻤــﯘﺩ ﺳــﯩﺠﺎڭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﻪﺟﺪﯨــﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﻣﻪﺧﭙﯩــﻲ ﺋــﺎﻻﻗﻪ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺳـﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋـﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳـﻪۋەﺑﻰ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋـﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﺋﻪﻟـﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﯩﻴﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺯ -ﻗﯘﻻﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐـﺎﻥ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﺳـﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪھﻤــﯘﺩ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩــﺪﺍ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺭﯗﺱ ﺭەھــﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑــﺎﺭ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻣــﯘ ﺳــﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﯚھﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻳﺎﺯﻏـﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷـﻰ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤـﯘ ﺑﯩـﺮ ۋەﻗﻪﺷـﯘﻧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩـﻢ ﺋـﯚﺯﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨـﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﻪۋﺭﯨﺘﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺑﯩـﺰ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧـﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳـﺎﻗﻼۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩـﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟـﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻧﻰ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ھﯧﻜﺎﻳﻪ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺋﻪﺳــﻐﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﯩــﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩــﺮەﻳﻠﻪﻥ ﺑــﺎﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻗﺎﺳــﺴﺎﭘﻠﯩﻖ ھﯜﻧﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩـﺪﺍ ﺋﻪﺳـﻐﻪﺭﺟﺎﻥ ﭘﯩـﺪﺍﺋﯩﻲ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩـﭗ ،ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ھﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺑﺎﺭﺍ -ﺑﺎﺭﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧـﺸﯩﻠﯩﻖ ﺩەﺭﯨﺠﯩـﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟـﯜپ ،ﺋﻪﻟﻠﯩـﻚ -ﺋـﺎﺗﻤﯩﺶ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑـﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ ،ھﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍۋەﺭ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩـﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩـﺪﯗ .ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻧـﯧﻤﻪ ﺳـﻪۋەﺑﺘﯩﻨﺪﯗﺭ ﺑﯩـﺮ ﻛــﯜﻧﻰ ﺧــﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺕ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳــﻐﻪﺭﺟﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟــﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷــﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺑــﯘﻧﻰ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻐﻪﺭﺟﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﻝ ﺳـﺎﻻﻟﯩﻐﯘﺩەﻙ ﻳﯜﺭەﻛﻠﯩـﻚ ،ﻛﯜﭼﻠـﯜﻙ ﺑﯩﺮەﺭﺳـﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤـﺎﻱ ﺋـﯜچ -ﺗـﯚﺕ ﻛـﯜﻥ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﺳﻐﻪﺭﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛـﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺋﻪﺳـﻐﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋـﺎﺗﻤﯩﺶ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺯەﺑﻪﺭﺩەﺱ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨـﺪﯗ .ھﻪﻣـﻤﻪ ھﻪﻳــﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻧــﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩــﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠــﻤﻪﻱ ﻗﯧﻠﯩــﺸﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺳــﻐﻪﺭﺟﺎﻥ ﺭەھــﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﯚۋەﻧﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳــﻪﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏـﺎ» :ﻗﻮﺭﻗﻤـﺎﯕﻼﺭ! ﺋـﯜچ -ﺗـﯜﺕ ﺋﯧﻐﯩـﺰ ﺋﻪﺭﺯﯨـﻢ ﺑـﺎﺭ ،ﺷـﯘﻧﻰ ﺩەۋﺍﻟﻐﯩﻠـﻰ ﻛﯩـﺮﺩﯨﻢ« .ﺩەﻳـﺪﯗ. ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ھـﺎڭ -ﺗـﺎڭ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ھﺎﻟـﺪﺍ» :ﻗﯧﻨـﻰ ﺳـﯚﺯﻟﻪڭ ،ﺋـﺎﯕﻼﻳﻠﻰ« ﺩﯦﻴﯩـﺸﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺳـﻐﻪﺭﺟﺎﻥ ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳـﺪﯗﺭ: »ﺗﻪﻗﺴﯩﺮﻟﻪﺭ ،ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺪﯗﺭﻛﻰ ،ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮ ﻗﺎﺳﺴﺎپ ﺋﯩـﺪﯨﻢ .ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺋﯧﭽﯩﻠـﺪﻯ .ﺧـﯘﺩﺍ ﻳﻮﻟﯩـﺪﺍ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﯨﻢ .ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻢ ﻳﺎﺭﺍپ ﺋﻮﻥ ﺑﯧـﺸﻰ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻡ .ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻳـﯜﺯ ﺑﯧـﺸﻰ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻡ .ھـﺎﺯﯨﺮ ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺘـﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗـﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ .ﻳﯧﻘﯩﻨـﺪﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ» :ﺋﯚﺯﺑﯧـﻚ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﺎﺭﻣﯩﺶ ،ﺋﻪﺳﻐﻪﺭﺟﺎﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﺎﺷﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻻﺭﻣﯩﺶ ،ﺋﯘ ﺋﯩﻤﯩﺶ ،ﺑـﯘ ﺋﯩﻤﯩـﺶ« ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪەﻙ ﺷـﯩﯟﯨﺮ- ﺷــﯩﯟﯨﺮ ،ۋﯨــﺴﯩﺮ -ۋﯨــﺴﯩﺮ ﮔﻪﭘــﻠﻪﺭ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐــﺎ ﻛﯩﺮﯨــﭗ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺗﺎﺭﻗــﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺗــﺎﺯﺍ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺋﯩــﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﺰ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩـﺰﺯەﺕ -ﻧﻪﭘـﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﮔـﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻐﺎ ﺑﯘﻧـﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ،ﺋﯩﺠﺮﺍﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ .ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﯩﻨـﻰ ﻗﯘﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸـﺴﺎﻻﺭ ،ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺗﻪﺭەپ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ھﺎﻟـــﺪﺍ ۋەﺯﯨﭙﯩـ ـﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠـــﺴﺎﻡ« ،ﺩﯨـــﺪﻯ-ﺩە ،ﻳﯧﻨﯩـــﺪﯨﻜﻰ ﺋـــﺎﺗﻤﯩﺶ ﻳﯩﮕﯩـــﺘﻜﻪ» :ﻗـــﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـــﭗ، 108
www.uyghurweb.net ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯕﻼﺭ ،ﺑﯜﮔـﯜﻥ ۋەﺯﯨﭙﯩﻤﯩـﺰ ﺗﯜﮔﯩـﺪﻯ« ﺩﯦـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﺑﺎﺷـﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨـﺪﯨﻜﻰ ھﻪﻣـﻤﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋـﺎﺗﻤﯩﺶ ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻤـﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺋﻪﮔﯩـﺸﯩﭗ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﺷـﺘﻰ. ﻳﯜﺳــﯜﻓﺠﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦــﺪﻯ» :ﻣﺎﻧــﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ -ﺭﯗﺗﺒﯩﻠﯩــﺮﯨﯖﻼﺭ ،ﻣﺎﻧــﺎ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ،ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﺭﯗﺧــﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ« .ﺑـﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐـﺎﻥ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻳﺮﺍﻧﯘ -ھﻪﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ،ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻗﯧﻠﯩـﺸﯩﺪﯗ .ﻛﯩـﻢ ﻧـﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩـﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟـﻤﻪﻱ ﺑﯩـﺮ ھـﺎﺯﺍ ﺳـﯜﻛﯜﺕ ھﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻗﯩـﻴﯩﻦ ۋەﺯﯨﻴﻪﺗـﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯩـﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳـﻐﻪﺭﺟﺎﻧﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗﺭ» :ﺋﻪﺳﻐﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﯘﻛﺎ! ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑـﯘﻧﭽﻪ ﺳـﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ،ﻣﻪﺭﺩ ﻳﯩﮕﯩـﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧـﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩ ـﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩــﺰ .ﺑــﻮﻻﺭ ﺋﯩــﺶ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻛﯧــﺮەﻙ ﻳــﻮﻕ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳــﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑــﯘﺭﯗﻧﺮﺍﻕ ﻗــﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩــﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﺋـﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤـﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺑـﯘ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺳـﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﻣﯘﺷـﯘ ﻗـﺎﺭﺍ ﻛـﯚﺯ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯖـﺪﯗﺭ .ﺳـﯩﺰ ﺋﻪﺳـــﻠﻰ ﺑﯘﻧـــﺪﯨﻦ ﻳـــﯘﻗﯩﺮﯨﺮﺍﻕ ﻣﻪﺭﺗــﯟﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩـــﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧـــﺴﯩﺰ .ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩـــﺰﮔﻪ ﺑـــﯘﻳﺮﯗڭ ،ﻗـــﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟـــﺴﯘﻥ. ھﻪﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩــﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩــﺪەﻙ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺋﻪﻣــﺮﻯ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ۋەﺯﯨﭙﯩــﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳــﺴﯩﺰﻟﻪﺭ ،ﺩەپ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺎﻳﺴﯩﺰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ،ﺋﯚﺯﺑﯧـﻚ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺩەۋﺭﯨـﺪە ﺋـﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎھﺎﻟﯩـﺴﯩﮕﻪ ﻳـﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮەﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠـﮕﻪﻥ ﺋـﺎﺩەﻡ ﻳـﻮﻕ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺧـﻮﺗﻪﻥ ۋﯨﻼﻳﯩﺘـﻰ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﯩﻐـﺎ ﺋــﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩەۋﺭ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺩەۋﺭﺩﯗﺭ .ﺭﯗﺳــﻼﺭ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺋﯩــﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩــﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﺋــﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩەﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪ ﻛﺎﺷـﻐﻪﺭ ،ﻧﻪ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧـﺖ ۋە ﻧﻪ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳـﯘﺭﺕ ﻗﺎﻟـﺪﻯ ﺩەﻳﺴﯩﺰ؟ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ -ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯘﺭ. ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻗﯩﻞ ﺳﻪﺧﺎۋەﺕ ﭘﯘﻟﯘ -ﻣﺎﻟﯩﯖﻨﻰ ،ﺑﺎﻻﯕﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻣﺎﻱ، ﮔﻪﺭ ﺩﯦﺴﻪڭ ،ﮔﯚﺭﯛڭ ﺋﺎﺭﺍ ﺟﺎﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻱ. ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐـﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷـﻘﺎﻥ ۋە ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩـﺪە ﺋﯩـﺸﻠﻪﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻳﺨﯧﺘﻰ: ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﯚﺗﻪﮔﻪﻥ ۋەﺯﯨﻴﻔﻪﺳﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ۋە ﺩﺍﯕﻘﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﻪﺟﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﻪگ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﺪە ﺭەھﺒﻪﺭ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ﺯەﺭﯨﻒ ﻗﺎﺭﯨﻬﺎﺟﻰ ﺳﻪھﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼھ ﺧﺎﻧﯩﻲ ھﯩﻼﻝ ﺋﻪھﻤﻪﺭﺩە ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﻪﺭﻏﯩﻼﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ھﻪﻛﯩﻢ ﻣﯘھﻴﯩﺪﺩﯨﻦ ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺗﻪﺑﯩﺐ ﺑﺎﺷﺘﺎ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﯨﺮﻯ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯩﺠـﺎﺭەﺕ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩـﯔ ﻧـﺎﺯﯨﺮﻯ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ﻣﻪﺭﻏﯩﻼﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﺒﯧﻚ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺯﺍﺩە ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﺘﻪ ﻻۋﺍﺯﯨﻤـﺎﺕ ﻣـﯘﺩﯨﺮﻯ ،ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪھﻜﯩﻤﻪﺳـﯩﻨﯩﯔ ﺭەﺋﯩﺴﻰ. ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪە ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﺐ ﻏﯘﻻﻣﺠﺎﻥ
109
www.uyghurweb.net ﻣﻪﺭﻏﯩﻼﻥ ﺩﺍﺭﯗﻟﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﯩــــــــــﯔ
ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻳﺒﻪﭼﭽﻪ ﺭەھﯩﻤﯩﻲ)ﺗﻮﻏﺮﯗﻝ( ،ﻛﯩﻴﻨﻜﻰ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺗﯘﻟﯘﺋﯩﻲ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ. ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﻗﺎﺭﻯ ﺳﻮﻓﯩﻴﺰﺍﺩە ﻧﻪﻣﻪﻧﮕﺎﻥ ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﺎﻻﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩــﺪە ﺋﺎﻛﺘﯩــﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽــﻰ» ،ﺋﯩــﺴﺘﯩﻘﻼﻝ« ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘھﻪﺭﺭﯨﺮﻯ ،ﺋﻪۋﻗﺎﻑ ﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻨﻰ. ھﯩــــﻼﻝ ﺋﻪھــــﻤﻪﺭ ۋە ﺧﻪﺳــــﺘﻪﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏــــﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ،ﺑــــﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠــــﮕﻪ ﻣﯘﺳﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪھﻪﺗﭽﻰ ،ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭ. ﺷﻪھﺮﯨﺨﺎﻥ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﺭﻣﯘﻧﺸﻰ )ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﺐ( ﻣﯘﺳﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺭﯨﺰﺍﺧﺎﻥ ﻧﻪﻣﻪﻧﮕﺎﻥ xxxﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﭽﻰ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻮﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﻮﺵ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﻧﻪﻣﻪﻧﮕﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﮔـــﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧـــﺪﺍﻧﻰ ،ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩـــﺴﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧـــﻚ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎﻥ ﻣﯩﯖﺒﺎﺷﻰ ﺷﻪھﺮﯨﺨﺎﻥ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ،ﺳﺎﻧﻰ 1500ﮔﻪ ﻳﻪﺗﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ،ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ. ﺋﻪﺳﻪﻛﻪ )ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻥ( ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻗﯘﺩﺭەﺗﯘﻟﻼﺧﺎﻥ ﺗﯚﺭە ﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﻤﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﺑﺎﺩ ﭘﺎﻧﺴﻪﺩ ،ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺋﺎﺭﯨﻒ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﻧﻪﻣﻪﻧﮕﺎﻥ ﭘﺎﻧﺴﻪﺩ ﻛﻪﺭﯨﻤﺠﺎﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﭘﺎﻧﺴﻪﺩ ﺋﻪﺳﻐﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪە ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﺎۋﯨﺮ. ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺠﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻥ ﻣﯘﺷﺎۋﯨﺮ ﺳﻮﻓﯩﻲ ﺑﯧﻚ ھﺎﺟﻰ ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ،ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﺍ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻣﯩﺮﺳﺎﻟﯩﻬ ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﺋﻮﺷﻰ ﺋﺎﺗﯩﺐ ﺩەﺳﺘﻰ ﻗﻪﺯﺍ ھﻪﺭﻳﺎﻧﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻝ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺗﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﺋﺎﻧﭽﯩﻨﺎﻧﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻳﻮﻕ ﺋﻮﻝ ﺟﻪﻣﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ. ﻗﻪﺩﺭ ﺑﺎﺩﻯ ﺧﻪﺯﺍﻧﻰ ﺗﻮﻛﺘﻰ ﺑﻪﺭﮔﯜ -ﺑﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮ، ﺳﺎﭼﯩﻠﺪﯨﻚ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺩﯨﻞ ﭘﯘﺭ ﺋﻪﺯ ﻳﻪﺋﺴﻰ -ﻣﻪﻻﻟﻪﺗﺘﯩﻦ. ﻓﯩﻐﺎﻧﻜﯩﻢ ﻓﯘﺭﻗﻪﺗﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﻱ ۋەﺗﻪﻥ ﺩﯨﻠﻠﻪﺭ ﺗﻮﻟﻪ ھﻪﺳﺮەﺕ، ۋە ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﻪﺭﻣﯩﺴﺎﺭﯨﺰ ھﻪﻗﻘﯩﯖﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﺎھﻪﺗﺘﯩﻦ. ﻛﯩﭽﯩﺮﺩﯨﻚ ﺩەۋﺭﻯ ﺩەۋﺭﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﻪﻧﺪﺍﻥ ﺋﻪﻱ ۋەﺗﻪﻥ ﺳﻪﻧﺪە، ۋەﻟﻰ ﻗﻪﺩﺭﯨﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﭼﻤﺎﺩﯗﻙ ﺑﯩﺮ ﻟﻪھﺰە ﻏﻪﻓﻠﻪﺗﺘﯩﻦ. ﻧﻪ ﺧﻮﺵ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﯨﻜﯩﻢ ﺋﻮﻝ ﺯەﻣﺎﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﻗﯘﭼﺎﻏﯩﯖﺪە، ﻳﺎﺷﺎﺭﺩﯨﻚ ﺋﯩﺰﺯەﺗﯘ -ﺭﺍھﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺋﻪﻳﺸﻰ -ﺋﯩﺸﺮەﺗﺘﯩﻦ. ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﺴﻨﺎﺩە ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻰ ﺋﯩﺮﺩﯨﯔ، ﺑﺎﺑﺎﻣﯩﺰﺩﯨﻚ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﯔ ﺑﯩﻠﻤﻪﺩﯨﻚ ﻗﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻦ. 110
www.uyghurweb.net ۋەﺗﻪﻥ ﻓﻪﺧﺮﯗ -ﺷﻪﺭەﻑ ھﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩە ھﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﺷﯩﺪە، ﻛﻰ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪە ﺗﯘﺷﺪﯨﻚ ﻗﻪﺩﺭﯗ -ﻗﯩﻴﻤﻪﺗﺘﯩﻦ. ﻛﯧﺮەﻛﻜﯩﻢ ﻳﯩﻐﻼﺳﯘﻥ ﻛﯚﺯ ،ﺩﯨﻞ ﺋﯩﺰﯨﻠﺴﯘﻥ ﺋﯩﻤﺪﻯ ھﻪﺟﺮﯨﯖﺪە، ﻧﯩﭽﯘﻧﻜﯩﻢ ﻏﺎﭘﯩﻞ ﺋﻮﻟﺪﯨﻚ ﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻛﺮ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﺘﯩﻦ. ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺮﺩﻯ ﺑﯩﺰﺩە ھﻪﻡ ھﻪﺭ ﻧﻪۋﺉ ﺋﻪﺳﺒﺎﺑﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﻠﻪﺭ، ﺩەﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺴﺘﯩﻔﺎﺩە ﻗﯩﻠﻤﺎﺩﯗﻙ ﺋﻪﻳﻴﺎﻣﻰ ﻓﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ. ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻏﯘﺭﺑﻪﺗﻪ ﺗﯘﺷﺪﯨﻚ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺭﻭﺯﯨﮕﺎﺭ ﺋﻮﻟﺪﯨﻚ، ﻳﯩﺘﻪﺭ ھﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯩﺰﻏﻪ ﺗﻪﺋﻨﯘ ﺩەﺷﻨﻪﻡ ﺋﻮﺯﮔﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ. ﻳﺎﺷﺎپ ﺭﺍھﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭ ﺋﻪﻱ ۋەﺗﻪﻥ ﺋﻪۋﻻﺩﯨﯔ ﺋﻮﻟﺴﯘﻥ ﺧﺎﺭ، ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﻚ ﻣﯧﻬﺮﻯ ﺷﻮﻟﻤﻰ؟ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﻮﻕ ﻣﯩﻬﺮ -ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺘﯩﻦ. ﺟﺎھﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﺭۋەﺗﯘ -ﻗﯘۋۋەﺗﻜﻪ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﻗﻪۋﻡ ﺋﯩﺪﯨﻚ ﺑﯩﺰ ھﻪﻡ، ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺸﺪﯨﻚ ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮ ،ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﻪﺷﯩﻴﺮەﺗﺘﯩﻦ. ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﻐﻪ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ھﻪﻡ ﺭﯨﺠﺎﻟﯘ ﺩﯨﻨﻰ -ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﻪﺭ، ﺟﺎھﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻤﻪﺳﺪﯨﻚ ﻓﻪﺧﺮ ﺋﯩﺘﺎﺭﻟﻰ ﺷﺎﻧﯘ -ﺷﻪۋﻛﻪﺗﺘﯩﻦ. ﺑﯩﺮﻭۋﺩﯨﯔ ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻦ ﺋﻪﻱ ﺧﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ،ھﻪﻳﻔﻜﯩﻢ ﺋﯩﺮﺳﻰ ﺷﻪﺟﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ. ﻗﺎﭼﺎﻧﻜﯩﻢ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍﻟﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺟﺎھﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻟﻤﺎﺩﻯ ﺑﯩﺰ ﻛﻮﺭﻣﻪﮔﻪﻥ ﻧﻪھﺴﯘ -ﻓﻪﻻﻛﻪﺗﺘﯩﻦ. ﺑﻪﺱ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﺋﻪﻱ ﺟﻪھﻠﻰ ،ﻏﻪﻓﻠﻪﺕ ﺳﯩﺰﻟﻪﺭە ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ، ﺩﯗ ﺑﺎﺭە ﻛﯩﻠﻤﺎﻏﯩﻞ ﺯﯨﻨﻬﺎﺭ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻮﻟﻐﯩﻞ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ. ﺗﯘﺗﯘپ ﺩﺍﻣﺎﻧﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻴﻤﯘ -ﺭﯨﺰﺍ ﺧﺎﻣﯘﺵ ﺑﻮﻝ ﺳﺎﻟﯩﻬ، ﺑﯘ ھﯚﻛﻤﻰ ﻣﺎﻟﯩﻜﯘﻟﻤﯘﻟﻚ ،ﺳﯘﺩ ﻳﻮﻕ ﺑﯘﻳﻠﻪ ھﻪﺳﺮەﺗﺘﯩﻦ. ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﻤﻪ ﺑﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ،ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻗـﺎﻧﻠﯩﻖ ﻓـﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘـﺎ ﻗﺎﻟـﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﯛﺷــﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﺳــﻼﺭ ۋە ﭼﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳــﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺯﯗﻟــﯘﻡ - ﺯﻭﺭﻟﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩەﻟﯩﻞ -ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯘﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷـﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨـﺸﺎ ﺋﯩـﺶ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻕ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴـﺎﺭﻣﯩﺰ .ﻣﯘﺑـﺎﺩﺍ ﻏـﺎﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻠﯩـﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻕ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﻪﻳﺎﻥ ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻼﺭﯨﻤﻐﺎ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭﻣﻪﻥ ھﺎﻣﺎﻥ
111
www.uyghurweb.net ﺋــﺎﺩەﻡ ﺑﺎﻟﯩـﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯩـﻨﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩــﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐــﺎﻥ .ﻗﻮﻟﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﯩـﮕﻪﻥ ۋە ﺧﺎﺗﺎﻻﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩــﺸﻼﺭﺩﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺷﻪﺭ -ﺷﺎھﻰ ﺷﻪﺭ )ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺷـﺎھﻰ( ،ﺩەﻳـﺪﯗﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳـﻤﯘ؟ ﺧﺎﺗﺎﺳـﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼھﻘﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻰ ﻏﻪﻟﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﻳﺎﺯﻣﯩﺸﺘﯩﻦ ﻏﻪﻟﻪﺕ ﺗﺎﭘﯩﻠﻤﺎﺱ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨـﭗ ﭘﯜﺗﺘـﯜﺭەﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻢ ﺟﺎﻧـﺎﺑﻰ ھﻪﻗﻨﯩـﯔ ﻣﺎﯕـﺎ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙـﺎﺕ -ﺋﯧﻬـﺴﺎﻧﻰ ،ﻣﺎﯕـﺎ ﺋﺎﺗـﺎ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﻛﺎﺗﺘــﺎ ﻧﯧﻤﺘﯩــﺪﯗﺭ .ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋــﺎﻟﻼھﺘﯩﻦ ھﻪﺭﻗــﺎﻧﭽﻪ ﺷــﯜﻛﯜﺭ ﮔــﯜﺯﺍﺭ)ﻣﯩﻨﻨﻪﺗــﺪﺍﺭ( ﺑﻮﻟــﺴﺎﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺋــﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ،ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼھﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩـﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗـﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻻﻳﯩﻘﯩـﺪﺍ ﺋـﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩـﺸﺘﯩﻦ ﺋـﺎﺟﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺷــﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ،ﺑــﯘ ﻧــﺎﺗﯩﯟﺍﻥ ﺑﻪﻧــﺪﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋ ـﯚﺯﻯ ﺋﯧﺮﯨــﺸﻜﻪﻥ ﻧ ـﯧﻤﻪﺗﻜﻪ ﻻﻳﯩﻘﯩــﺪﺍ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗــﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷــﺘﯩﻦ ﺗﯩﻠــﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺋﻪﻱ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﮕﻪﻡ! ﺋﯚﺯﯛڭ ھﺎﺯﯨﺮ ،ﺋﯚﺯﯛڭ ﻧﺎﺯﯨﺮ )ﻛﯚﺭﯛپ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ( ،ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺯﯛڭ ﻗﺎﺩﯨﺮﺳﻪﻥ. ﺋﻪﻱ ﺋـــﺎﻟﻼھ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩـــﯔ ،ﺋﺎﺗـــﺎ -ﺋﺎﻧﯩـــﺴﯩﻨﯩﯔ ،ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ۋە ﺑـــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺋﯩﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩـــﯔ ﮔﯘﻧـــﺎھﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻳﺴﻪﻥ. ﺋﯩﻼۋە ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﺳـﻰ ﻧـﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑـﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩـﯔ -1ﺑﯚﻟـﯜﻡ ۋە -2ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﻣـﺎۋﺯﯗﻻﺭ، ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺭەﺳﯩﻤﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ،ﻣـﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﯘﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﻗـﺪﯨﻢ ﺋﯧـﺘﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩـﺪە ﺳﺎﻗﻼپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭەﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘـﺎ ﺟـﺎﻳﻰ -ﺟﺎﻳﯩـﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷـﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯧـﺴﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺭەﺳـﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩـﺴﯩﻢ ،ﺭﻭﻳﺨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗـﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﺑﺎﺳﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺰ. ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﺷﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ،ﻣﻪﺭھﯘﻡ ﻣﯘﻧﻪۋۋەﺭ ﻗﺎﺭﻯ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﻪۋۋەﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ. ﺧﻮﻗﻪﻧﺪە ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﺋﺰﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﻧﯟەﺭ ﭘﺎﺷﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﭘﻮﺭﻣﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺭەﺳﯩﻤﻰ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﻪﺩەۋﻟﻪﺗﻨﯩـﯔ ﺑﯧـﺸﯩﺪﺍ ﺳـﻪﻟﻠﻪ ،ﻗﻮﻟﯩـﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩـﭻ ﺗﯘﺗﻘـﺎﻥ ھﺎﻟـﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺭەﺳﯩﻤﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺗﻮپ ھﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭەﺳﯩﻤﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﺎﺑﯩﻨﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺭەﺳﯩﻤﻰ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﺑﻨﯩﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻤﯩﺰ ﺷﯘﻛﻰ ،ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯەپ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ.
112
www.uyghurweb.net ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻱ ﺭەﺯﯨﻞ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﻪ ﺋﺎﭼﻘﺎﻱ ﻳﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎپ ،ﺋﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺷﺎپ ،ﻳﯩﻐﻰ ﺗﯜﮔﻪپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻘـﺎ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﺋـﯚﻣﺮﯛﻡ ﺗـﯜﮔﻪپ ،ھﻪﺭﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺯەﺋﯩﭙﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜپ ،ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗـﯜپ ،ﺧﯘﺩﺍﻏـﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩـﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩـﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺑــﯘ ﻳﯧــﺸﯩﻤﺪﺍ ،ﺗﯩﻠﯩﻤﯩــﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮ ﻛﻪﻟﯩــﻤﻪ ﺑﯩﻠﻤﯩــﮕﻪﻥ ﻣﻪﺗــﺒﻪ ﺋﯩــﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﻘــﺎﻥ ﻣﯩــﯔ ﺑﯩــﺮ ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﺑــﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ،ﺧﯘﺩﺍﻏـﺎ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺩﯗﺋـﺎﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺠـﺎۋەﺕ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺟﺎﻧـﺎﺑﻰ ھﻪﻗﻨﯩـﯔ ﻳـﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼھﻘـﺎ ﺳﺎﻧﺎﻗـﺴﯩﺰ ﻣﻪﺩھﯩـﻴﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺷــﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷــﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺷــﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤــﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ،ﺋﺎﻟﺘــﺎﻱ ﺗــﺎﻏﻠﯩﺮﻯ، ﺋـــﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗـــﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﺋﻪﻣﻪﺳـــﻤﯩﺪﻯ؟ ﺋـــﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋـــﻮﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﺋﻪﻣﻪﺳـــﻤﯩﺪﻯ؟ ﺋﯩـــﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘۋﯨـــﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛۋەﺗﻜﻪﻥ ،ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺋﯜچ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ھﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﯚﻣـﯜﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺋﻪﺟـﺪﺍﺩﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳـﻤﯩﺪﻯ؟ -1225 ﻳﯩﻠــﻰ ﭘﯩﻜﯩــﻦ )ﺑﯧﻴﺠﯩــﯔ( ﻧــﻰ ﺋﯩــﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧــﺪﺍﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧــﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳــﻤﯩﺪﻯ؟ ﻳﺎﺭﺍﺳــﻼۋ ﺑﺎﺷـــﻠﯩﻖ ﺭﯗﺱ ﻛﯩﻨﻪﺯﻟﯩـــﺮﻯ ،ﻣﯩﺨـــﺎﻳﯩﻠﻼﺭ ،ﺩﺍﻧﯩﻴـــﺎﻝ ﺭﻭﻣـــﺎﻧﻮۋﯨﭽﻼﺭ ،ﺋﯩـــﯟﺍﻧﻼﺭ ۋە ﺑﺎﺷـــﻘﯩﻼﺭ ﻗـــﺎﺭﺍﻗﯘﺭﯗﻡ )ﻣﻮﯕﻐـــﯘﻝ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ( ﺩﯨﻦ ﻳﻮﻝ -ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺳﻮﺭﯨﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﻛﯩـﻨﻪﺯﻟﻪﺭ ﺋـﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺳﯚﻳﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟ ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯩﻤـﯘﭼﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨـﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻗﻮﻳﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﺧﺎﺗـﺎ ﺋﯩــﺸﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻛﯩــﻨﻪﺯ ﻳﺎﺭﺍﺳــﻼۋ ﻗﺎﺭﺍﻗﯘﺭﯗﻣﻐــﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠﯩــﭗ ﺳــﻮﺕ -ﺳــﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻤﯩـﺪﯨﻤﯘ؟ ﻣﺎﻧــﺎ ﺑــﯘﻻﺭ ﺗــﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻱ ﺗــﯜﺭﻙ ﺋــﻮﻏﻠﻰ! ﺋﻪﻱ ﺑــﯘﺭﺍﺩەﺭﻟﻪﺭ! ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺩﯛﺷــﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﯩــﺮﺋﻪۋﻥ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ،ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﻛﺎﻻﻣﻰ ﺑﺎﺭ. ﺧﻪﺳﻤﯩﻤﯩﺰ ﭘﯩﺮﺋﻪۋﻥ ﺋﯩﺴﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭە ﻳﻮﻕ ﻧﺎﻣﯩﻖ ﻣﻪﺟﺎﻝ، ﺑﯩﺰ ﻗﯘﻟﯩﻤﯩﺰ ،ﻓﻪﻳﺰﻯ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗﺭ ﻛﺎﻻﻣﻰ ﭘﺎﻛﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻱ ﻧﺎﻣﯩﻖ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﭘﯩﺮﺋﻪۋﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺗﻪﻗـﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ھـﯧﭻ ۋەﻗﻪﺳـﻰ ﻳـﻮﻕ .ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ،ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﻛﺎﻻﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﻪﻱ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﻯ! ﭘﻪھﻠﯩﯟﺍﻥ ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ! ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺳـﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺒﺮەﺗﻠﯩــﻚ ۋە ھﻪﻳـﺮﺍﻥ ﻗـﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩــﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﺧﯩﺘـﺎﺏ )ﻧﻮﺗــﺎ( ﻧـﻰ ﺋﻪﺳـﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗــﯜﺵ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩـﺪﺍ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﮔﯩﺘﻠﯩـﺮﮔﻪ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺵ ﺟﺎھﺎﻧﻐـﺎ ﭘﺎﺗﻤـﺎﻱ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍ ﻛﯩــﻨﻪﺯﻯ ۋﺍﺳــﯩﻠﯩﮕﻪ ﺧﺎﻗــﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩــﯔ ﻣﻪﺷــﻬﯘﺭ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺮﻯ ﺋﯩــﺪﯨﮕﻮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐــﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﯩﺘﺎﺑﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺧﯩﺘﺎﺏ »ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﺳـﻰ« ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯩـﯔ -1ﺑﯚﻟـﯜﻡ -72 ،71 ،70ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨـﺪە ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩـﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺧﯩﺘـﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗـﯘپ ،ﻣـﯘﻻھﯩﺰە ﻗﯩﻠـﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﮔـﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﻨﯩـﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﺪﺍﻥ ﺩﺍھﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭ ،ﺧﯩﺘﺎﺑﯘ -ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻏـﺎ ﻣﻪﭘﺘـﯘﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯗ... ﺑﯩــﺰ ﺑــﯘ ﺧﯩﺘــﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﺑ ـﺎ ۋە ﺋﻪﺟــﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩــﻚ ﻛﻪﺳــﻜﯩﻦ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩ ـﺪە ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛۋﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ .ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺧﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ،ﻛـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼـﺴﺎ ،ﺋﻪﺳـﻠﯩﻤﯩﺰ ۋە ﻧﻪﺳـﻠﯩﻤﯩﺰ ھﻪﻣـﺪە ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧــﺴﻪ ،ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩ ـﺴﯩﺪە ﺋﺎﻟﺘــﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺋــﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﻪﺧــﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘــﺎ ﺋﻮﻟﺘــﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻏﻪﻳــﺮەﺕ ۋە ھﯩﻤﻤﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭ ،ﺩەپ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ.
113
www.uyghurweb.net
ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺑﺎﻕ ،ﺑﯩﻠﯘﺭﺳﻪﻥ ﺷﯘ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯜﯕﻨﻰ، ﺭﯗﺱ ۋە ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﭽﻪﻟﻪپ. ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭﻟﻪﺭ! ﺋﺎﻟﻼھﻘﺎ ﻣﻪﺩھﯩﻴﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻤﯩﺰ .ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪھﻜـﺎﻣﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩـﺰ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠـﺪﯨﻦ ﺗﻪۋﺑﻪ ﻗﯩﻼﻳﻠـﻰ! ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩـﺴﻰ ،ﺷـﻪﺭﯨﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻼﻳﻠـﻰ! ﻧﺎﻣـﺎﺯﻧﻰ ۋﺍﻗﺘﯩـﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﻠﻰ! ﺯﺍﻛﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭘﯩﻘﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮەﻳﻠﻰ! ﺋﯩﺸﭽﻰ ،ﻣﻪﺩﯨﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨـﻰ ﭘﯧـﺸﺎﻧﻪ ﺗﻪﺭﻯ ﻗﯘﺭﯗﻣﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ! ھﻪﻗﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣـﺎﺩﺩﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩـﯟﯨﻲ ھﻪﻗﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺗﺎﭘـﺸﯘﺭﺍﻳﻠﻰ! ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﺎﻳﻠﻰ! ﭘﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳـﺎﻗﻠﯩﻨﺎﻳﻠﻰ! ﺭﯨﻴـﺎﺩﯨﻦ ،ﺭﯨﺒـﺎﺩﯨﻦ ،ﺯﯨﻨـﺎﺩﯨﻦ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻳﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪەﻙ ﻗﺎﭼﺎﻳﻠﻰ! ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺳﯚﺯ :ﺋﯩﻼھﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋـﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤـﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻼﻳﻠـﻰ! ﺳـﯜﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐـﯘﻥ ﺋﯩـﺶ ﻗﯩﻼﻳﻠـﻰ! ھﻪﺭ ھــﺎﻝ ۋە ھﻪﺭ ﺋﯩــﺸﺘﺎ ﺋﺎﺩﯨــﻞ ﺑــﻮﻻﻳﻠﻰ! ﺑﯩــﺰ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﯩــﺴﺎﻗﻼ ،ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩــﯔ ﻳــﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ۋە ﺷــﻪﭘﻘﯩﺘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩ ـﺴﺎﺩﯨﻲ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ﺋﻪھــﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜﺯﯨﻠﯩ ـﭗ ،ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩــﺪەﻙ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩــﻖ ۋە ﺭﺍھﻪﺗــﺘﻪ ﻳﺎﺷــﺎﺵ ﻧﯧ ـﺴﯩﺐ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑــﯘ ﺋﯩــﺸﻼﺭ ﺧﯘﺩﺍﻏــﺎ ﺋﺎﺳــﺎﻧﺪﯗﺭ .ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛــﯜچ -ﻗــﯘﺩﺭەﺕ ۋە ﺑــﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩــﺪە ،ﺋــﯘ ﺗــﯜﮔﻪﻝ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﻪۋەﺑﻜﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻥ ،ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯧﻴﺘﯩـﭗ ﺋﯚﺗﻪﺭﻟﯩـﻚ ﮔـﯜﺯەﻝ ﺋﯜﮔﯜﺗﺘـﯘﺭ :ﺟﻪڭ — ﻛـﯜﺭەﺵ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻻﺯﯨﻢ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ،ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺴﯚﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ۋە ۋەﺗﻪﻧﭙﻪﺭۋەﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺗﯘﻏﺎﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ۋەﺋﺪە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﻥ، ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﺋﯘ ﺋﻪﺗﻪﺩﯗﺭ ۋە ﻳﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯗﺭ. ھﺎﺩﯨﺴﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻗﺘﯘﺭ ﺯەﻣﺎﻥ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯚﺭەﺩﯗﺭ ﺟﺎھﺎﻥ. ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭﻟﻪﺭ! ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩــﯔ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷــﺴﯩﺰ ﻗــﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ۋە ﻳــﺎﺭﻗﯩﻦ ھﯧﻜﻤﯩﺘــﻰ ،ﺗﻪﺩﺑﯩــﺮﻯ ،ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﺭﯗﺱ ،ﭼﯩــﻦ، ﻳﻪھﯘﺩ ،ﻣﻪﺟﯘﺱ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ،ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛـﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ؟ ﺑﯜﻳـﯜﻙ ﺩەﺳـﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﻗﯘﺭﺋـﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤـﺪە ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯗ)» :ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧــﻰ ﺋﯩﻨﻜــﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ( ﺷــﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎھﺎﻟﯩــﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ )ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ( ﺋﯘﺧﻼۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻣﺪﯗ؟« )ﺋﻪﺭﺍﻑ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ -96ﺋﺎﻳﻪﺕ( -1905ﻳﯩﻠﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺳـﯩﻴﻪ -ﻳــﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷــﻰ ﻣـﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨـﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﻛﯧــﺮەﻙ .ﺑــﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﺭﺕ-ﺋﺎﺭﺗﻮﺭ ﺳﯩﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﯗﺳـﯩﻴﻪ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺳـﯩﺰ ﺋﺎھـﺎﻧﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ -2 .ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺳﻮۋﯦﺖ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﺴﻰ )ﺷـﻪﻥ ﻛـﯘﻓﻪﻥ( ﻧـﻰ ﺑﯧـﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪڭ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﯘۋﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. -2ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﻏﺎ ﻳﺎﻏـﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧـﺮﻟﯩﻦ ﺑـﻮﻣﺒﯩﻠﯩﺮﻯ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﯘﺭﻣـــﺎﻱ» ،ۋﺍﻱ ﺩﺍﺕ!« ﺩﯦﮕـــﯜﺯﯛﯛپ ،ﻟﯩﻨﯩﻨﻨﯩـــﯔ ﻣﻮﻣﻴـــﺎ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﻟﻐـــﺎﻥ ﺟﻪﺳــﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨـــﻞ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛپ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧـﺎ ﺷـﻪھﯩﺮﻯ ﺳـﺎﻣﺎﺭﺍﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷـﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒـﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ،ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩـﻚ 114
www.uyghurweb.net ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ،ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯘﻥ .ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺋﻪھـﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛـﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ھـﺎﺟﻰ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳـﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﺴﯩﺪە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ: ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺷﻮﻝ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻧﻨﻰ، ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﯨﯖﻤﯘ ﺷﺎھﻰ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﻨﻰ؟ ﻳﺎﺯﯨﭗ ھﺎﺟﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﺮە ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻨﻰ، ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻪﺕ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﺭﻭﺳﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪۋﯨﻲ ﺩﯨﺸﯟﺍﺭ. ﻛﯚﺯﯛڭ ﺋﺎچ» ،ﻳﻮﻕ« ﺩەپ ﺋﯩﺮﺩﯨﯔ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺮﯗﺭﻣﻪﻥ ۋﺍھﯩﺪﯗﻟﻘﻪھﻬﺎﺭ، ﺩﯗﺋﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪڭ ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭﻟﻪﺭ ،ﻳﻮﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ﺑﺎﻟﺸﯩﯟﯨﻚ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭ، ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ! ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻏﯩﻠﻪﺭ! ﺋﯩﻨﯩﻠﻪﺭ! ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﮔﯩﺘﻠﯩـﺮ ﺩەھـﺸﯩﺘﻰ ،ﮔﯧﺮﻣـﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗـﺎﺭ ھﯘﺟـﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ،ﻛـﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ،ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ،ﺳﯘﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗـﯚﺕ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺷـﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﻏـﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩـﺪﺍ ،ﻛﯩﻤﻨﯩـﯔ ﭼﯜﺷـﯩﺪە ﺑـﺎﺭ ﺋﯩـﺪﻯ؟ ﺑـﯘ ﺋـﺎﺯﺍﺏ ،ﺑـﯘ ﺑـﺎﻻ ﭘﻪﻗﻪﺕ ھﻪﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﭘﻪﺕ ،ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯘﺭ. ﻣﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﺪﻟﻪﺭ! ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩــﺰ ،ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﯩﺰﻧــﻰ ﻳﯩﻐﯩــﭗ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩــﯔ ﻗــﯘﺩﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ،ھﯧﻜﻤﯩــﺘﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘــﻘﻪﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻧﻪﺯەﺭ ﺗﺎﺷــﻼﻳﻠﻰ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ۋە ﻳﯧﻘﯩﻨﯩﻘﻰ ﺗـﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﻠﯩـﺮﯨﮕﻪ ﻛـﯚﺯ ﺗﺎﺷـﻼﻳﻠﻰ .ﻗـﺎﺭﯗﻧﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﻳـﯘﺗﺘﻰ ،ﭘﯩـﺮﺋﻪۋﻧﻠﻪﺭ ﺳـﯘﻏﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟـﺪﻯ، ﻧﻪﻣﺮﯗﺩ ﻣﻪﺭﺩﯗﺩ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻧﺎﺗﺴﯧﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛـﯜﻟﻰ ﻛـﯚﻛﻜﻪ ﺳـﻮﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺋـﺎﻟﻼھ ھﻪﺭ ﺑﯩـﺮ ﻗﻪۋﻡ ۋە ھﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗـﻜﻪ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﺎﻻ ،ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗپ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ﺋﺎﻟﻼھﻘـﺎ ﻣﯘﻧﺎﺟـﺎﺕ ﻗﯩﻼﻳﻠـﻰ ،ﻳﯩﻠﯩﻨـﺎﻳﻠﻰ ،ﻳـﺎﻟﯟﯗﺭﺍﻳﻠﻰ ،ﻳﯩﻐﻼﻳﻠـﻰ ،ﺗﻪۋﺑﻪ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ .ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﺋـﺎﻟﻼھ ﺑﻮﻟـﺸﯩﯟﯨﻜﻠﻪﺭ ،ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩـﺴﺘﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻛـﯚﺯ ﻛـﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ،ﻗـﯘﻻﻕ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐـﺎﻥ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﺘـﺎ ﻛــﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺯﺍﻣــﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ،ﻳــﯧﯖﯩﭽﻪ ﭘــﺎﻻﻛﻪﺕ ۋە ھــﺎﻻﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗــﺴﻪ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺟﺎھﺎﻧﻨﯩــﯔ ﺋﯩﮕﯩــﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯗﺭ ،ﻛﯜچ -ﻗﯘﺩﺭەﺕ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﺪﯗﺭ .ﺋﯚﺯﯛڭ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺭەﺏ ،ﺋﯚﺯﯛڭ ھﺎﺯﯨﺮ ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺭەﺏ. ﻣﯘﻟﻜﯩﻨﺪە ھﻪﻕ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﻑ ﺋﯩﺪەﺭ ﻛﻪﻳﻔﻪ ﻳﻪﺷﺎﺋﯘ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭﺳﻪ ﻛﻪۋﻧﻰ ۋﺍﺭ ﺋﯩﺪەﺭ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪەﺭ ﺗﻪﺭﺟﻪﻣﻪﺳﻰ: ﺋﺎﻟﻼھ ﺋﯚﺯ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﺎھﺎﻧﻨﻰ ﺧﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯘ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺑـﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ ،ﺧﺎﻟﯩـﺴﺎ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗﺭ. ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺋﻮﻗـﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺩﯨﻘﻘﯩـﺘﯩﮕﻪ ﺷـﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳـﻜﻪﺭﺗﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ» ،ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﺳـﻰ« ﻧـﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑـﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟـﯜﻣﻰ ﺑﯧـﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳـﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭەﺑﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﻨﯩـﯔ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺗﻪﺷــﻪﻛﻜﯜﺭ ،ﺗﻪﺑــﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ،ﺧﻪﻳﺮﻟﯩــﻚ ﺩﯗﺋــﺎﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﺯﻣــﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘــﯘﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛــﯚﭘﻠﻪپ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗۋﺍﻟﺪﯗﻕ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩـﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳـﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـﺸﺘﯩﻦ ﺋـﺎﺟﯩﺰﻣﯩﺰ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﯩﻨﯩﻨﯩـﯔ ﺑـﯘ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼپ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﻪ ۋە ﺋﯧﻐﯩﺰﭼﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪھـﺴﻨﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ -ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ ﺭەھـﻤﻪﺕ ﺗﻪﺷــﻪﻛﻜﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠــﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮﮔﻪ ﺋــﯘﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻦ ﺗﯚۋەﻧــﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪۋﻟﯩــﯟﯨﻲ ﺳــﺎھﯩﺐ ھﻪﺯﺭەﺗﻨﯩــﯔﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﯩﻨﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﻣﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ .ﺑـﯘ ﻣﻪﻛﺘـﯘﺑﺘﯩﻦ ﻳﯧﯖـﻰ ﻧﻪﺳـﯩﻠﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﺳﻰ. 115
www.uyghurweb.net
ﺗﻪھﺴﯩﻨﻨﺎﻣﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋـﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧـﺪﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻓﻪﻳﻴـﺎﺯﻯ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ )ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﺳﺎﺧﺎۋەﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ( ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼھﻘـﺎ ﭼﻪﻛـﺴﯩﺰ ھﻪﻣـﺪﯗ ﺳـﺎﻧﺎﻻﺭ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻥ .ﺋـﯘ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻧﻜﻰ ۋە ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺟﯩﺴﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗپ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ۋە ﻣـﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔــﯘﻣﺮﺍھ ﺋﯩﻨــﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ۋە ﺋﯩﻤــﺎﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯜﺳــﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺋــﯘﻣﻤﯩﺘﻰ ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻴﻪﻧﻰ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﻣﯘﺳــﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﯗﻧﻴــﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩــﺴﻰ ،ﺋﯩﻨــﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺩﯗﻧﻴــﺎﻟﯩﻖ ﺑﻪﺧﺘــﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺟﯩﻬــﺎﺩ ۋە ﺗﻪﺑﻠﯩــﻎ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻏــﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩـﯔ ﻳــﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺳﯩﺮﺍﺗﯘﻟﻤﯘﺳــﺘﻪﻗﯩﻴﻢ — ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﻳــﻮﻟﻨﻰ ﺋﻮﭼــﯘﻕ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺩﯗﺭﯗﺩ ۋە ﺳﺎﻻﻣﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﺋﺎﻟﻼھﻘـــﺎ ھﻪﻣـــﺪﯗ ﺳـــﻪﻧﺎ ،ﭘﻪﯨﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩـــﺰﮔﻪ ﺩﯗﺭﯗﺩ -ﺳـــﺎﻻﺕ ﻳـــﻮﻟﻼپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ،ﻣـــﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨ ـﺸﯩﻤﯩﺰ ،ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪ ۋەﺗﻪﻧﺪﯨ ـﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺳــﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻤﮕﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻤــﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﻨــﺎپ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﺋﻪﺩەﺑﺴﯩﺰ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ۋە ﺭەھﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ: ﻣﺎﯕﺎ ھﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ ﻛﯩﺘـﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯩﺨـﻼﺱ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗـﯘپ ﭼﯩﻘـﺘﯩﻢ .ﺋﻪﺳـﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺋﻪﺳـﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘـﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔـﯜﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧـﺪﺍ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎ -ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩـﭗ ،ﺯﻭﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩـﺪە ﺗﯩﺮﯨـﺸﻘﺎﻥ .ھﻪﺭ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ﺗﯩﺮﯨـﺸﯩﺶ ھﯩﻤﻤﻪﺗـﻜﻪ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺩﯦــﻤﻪﻙ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩــﯔ ھﯩﻤﻤﯩﺘــﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘــﺘﯩﻦ ﺋﯜﺳــﺘﯜﻥ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ .ھﯩﻤــﻤﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ -ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭ: ھﯩﻤﻤﻪﺗﻰ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻰ ﻣﻪﺩەﺩﻯ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﯗﺋﺎﺋﻰ ﺩەﺭۋﯨﻴﺸﺎﻥ ﺭەھﻤﻪﺗﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﺗﻪﺭﺟﻪﻣﻪﺳﻰ: ﻛﯩﻠﺴﻪ ھﯩﻤﻤﻪﺕ ﻣﻪﺭﺩ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ،ﺑﯩﻞ ،ﺋﯘ ،ﺧﯘﺩﺍ ﻣﻪﺩەﺩﻯ، ﻣﻪﺭﺩﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ،ﻳﺎﻏﺎﺭ ﺧﯘﺩﺍ ﺭەھﻤﻪﺗﻰ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩــﭗ ﻗﻮﻟﯩــﺪﺍ ﺋﯩــﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷــﻘﺎﻥ ﺑــﯘ ﻛﺎﺗﺘــﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨــﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧــﺴﯜﺭﯛﻙ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩــﯔ ﻣﻪﺩﯨـﺪﻯ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺗــﯜﺯﯛﻙ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻨﯩــﯔ ﻣــﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻟــﻰ ﺷــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨـﺪﯗﺭﻛﻰ ،ﺋــﯘ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳــﻰ ﺗــﯜﺭﻙ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨــﻰ ﻛﯜﺭەﺷــﻜﻪ ﭼــﺎﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﭼــﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻗﻮﺯﻏــﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ﻗﻮﺯﻏــﺎﺗﻘﯘﺩﯗﺭ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﺳــﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩـﯔ ۋﯨﺠـﺪﺍﻧﻰ ﻗﺎﻳﻨـﺎپ ﺗﺎﺷـﯩﺪﯗ ،ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋـﺎﺩﺍۋەﺕ ۋە ﻏﻪﺯەﺏ ﺋﻮﺗﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ ۋە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯜﻳـﯜﻙ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘـﺎ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩـﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳـﻰ ﺋﻪﺳــﺮﻟﻪﺭﺩە ﻳﻪﻧﻪ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﻏﺎﺯﯨﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩــﺸﻰ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩــﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩــﺪﯨﻦ ﻳﯩــﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳــﺘﯘﺭ. ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﺋﻮﺭﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻬﺎﺩ -ﻛﯜﺭەﺵ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨـﻰ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﯛپ ﺯﻭﺭ ﻛـﯜچ -ﻗـﯘﺩﺭەﺗﻜﻪ ﺋﯩـﮕﻪ ﺑﯩـﺮ ﭼــﻮڭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨــﻰ ﺳــﯜﻟﻬﯩﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒــﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻘﻰ ﺷـﯧﻬﯩﺪ ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩــﻦ ﺑﯧــﻚ ﻏــﺎﺯﻯ)ﻣﯘﺷــﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ -1ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻏﯩـﻼﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨـﺪە ﺭﯗﺱ ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺑﺎﺳـﻘﯘﻧﭽﻰ 116
www.uyghurweb.net ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭەﺷﻜﻪﻥ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪ ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ( ﻣـﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘ ﺋﻪﻣﯩـﺮ ﺗﯚﻣـﯜﺭﺩﯨﻦ ﺗـﯚﺕ -ﺑﻪﺵ ﻳـﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯗﺭ .ﻏﺎﺯﻯ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﺑﯧﻜﻨﯩـﯔ ﺷـﯧﻬﻴﺪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐـﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ،ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺒﺮەﺕ ﺩەﺭﺳﯩﺪﯗﺭ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘﺎﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯘﺭﺳـﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ﻳﺎﺷـﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ،ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩـﺮﻯ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﺭﺳـﻼﻥ ﻛﻪﺑــﻰ ﻏﻪﺯەﺏ ﺋــﻮﺗﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷــﻤﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩــﺴﯩﺪﺍ ھــﯚﺭﻛﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺷــﯩﺮ ﺑﻮﻟــﯘ پ ،ﺩﯛﺷــﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﯩﻨــﻰ ۋەﻳــﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺐ ،ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛپ ﻛﯜﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺳﻮﺭﯗﺭ ،ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼھ .ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ،ﺑـﯘ ﺩﯗﻧﻴـﺎﺩﯨﻦ ﻏﻪﺯەﺏ ﺋـﻮﺗﯩﻨﻰ ﻳﯘﺗـﯘپ، ﺋــﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺭﻭھــﻰ ﺷــﺎﺩﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻣﯘﺟﺎھﯩــﺪﻻﺭ ﺑﯧ ـﺸﻰ ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩــﻦ ﺑﯧﻜــﺪەﻙ ﺑﯜﺗــﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ۋە ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﻪھﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ۋە ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑـﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻯ ﺋﻪﺯﯨﻤﻨﯩﯔ ﺷﺎھﺎﺩﺍﺗﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩـﺮ ۋﯨﺠـﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺩ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯨﻠﯩﻐـﺎ ھﻪﺳـﺮەﺕ ﺳـﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺋﯩﻤـﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘـﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑـﯘ ھﻪﺳـﺮەﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘﺵ ﺋـﯘ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳـﺎﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯗﺭ .ﺋﯘﻟـﯘﻏﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ :ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ھﻪﺳﺮەﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺴﻪﻥ. ﺑــﯘ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﺳــﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩــﺴﺖ ﺋﻮﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟــﯘﻡ -ﺯﻭﺭﻟــﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣــﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﻏــﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩـﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗــﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠــﺴﺎ ﺑﻪﻛﻤــﯘ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺑﻮﻟــﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ. - 1401ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ - 9ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪۋۋەﺭەﺩە ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ھﻪﻗﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪۋﻟﯩﯟﯨﻲ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭەھﯩﻴﻢ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺪﯨﻲ
ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ، ﺋﺎۋﭼﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ، ﺋﻮﻳﻼﻏﯩﻞ ﺑﺎﺑﺎﻟﯩﺮﯨﯔ ﺧﯘﺳﺮﺍۋ ھﯘﺟﯘﻣﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘپ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻯ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﻰ ﭼﯚﻟﺪە ﺳﻪﺭﺧﯘﻥ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﺳﻪۋﺗﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻧﻪﺋﺮەﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻟﻪﺑﺒﻪﻳﻚ ﺋﻮﻝ ﺯەﻣﺎﻥ، ﻣﯩﯖﭽﻪ ﻣﯩﯖﻠﻪﺭ ﻣﺎﻟﯘ ﺟﺎﻧﯩﻦ ﻧﻪﺯﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ، ﺟﻪﻳﺸﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﻪﻳﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯨﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻬﺎﺩﺩە ﻳﯜﺯﺩە ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﺋﯩﻠﻤﯘ -ﺗﻪﻓﯩﺴﯩﺮﯗ -ھﻪﺩﯨﻴﺴﯘ -ﻓﯩﻘﻬﯩﺪە ﺋﻪﻟﻼﻣﻪﻟﻪﺭ، ھﻪﻡ ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻲ ھﻪﻡ ﺳﻪﺭەﺧﺴﯩﻲ ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﯘﺭﺟﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ، ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ ،ﺳﻪﻛﻜﺎﻛﻰ -ﻳﯘ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺗﻪﻓﺘﺎﺯﺍﻥ ﻛﻪﺑﻰ، ﺋﻪﻧﻨﻪﺳﻪﺋﯩﻲ ھﻪﻡ ﺯەﻣﻪﺧﺸﻪﺭ ﻛﻮﻳﺪە ﺑﯘﺭھﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﺋﯩﻠﻤﯘ ﺋﻪﺷﺌﺎﺭﯗ ﻣﻪﺋﺎﻧﻰ ھﻪﻡ ﺋﻪﻗﺎﺋﯩﺪ ﺑﻪھﺮﯨﺪە، ﻣﺎﺗﯘﺭﯨﻴﺪﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺋﻮﺷﯩﻲ ﺋﻪھﻠﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﺋﻮﻝ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﯗ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺗﯩﻜﻠﻪﮔﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻦ، ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﺷﻜﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. 117
www.uyghurweb.net ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﯩﻴﻨﺎ ﺗﯩﺐ ﺋﯘﻟﯘﻣﯩﺪە ﻳﺎﺯﯨﺐ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﻪﻧﻰ، ھﻪﻧﺪەﺳﻪ ﺟﻪﺑﺮﯗ ھﯩﺴﺎﺑﺪە ﻳﺎﺯﺩﻯ ﺋﯩﺨﯟﺍﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ، ﻣﯩﺮ ﺋﻪﻟﻰ ھﻪﻡ ﻛﻮﺭەﮔﺎﻥ ،ﻣﺎﻧﻐﯩﺘﯘ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻴﻠﻪﺭ، ﻛﻪﭼﺘﻰ ﺷﺎھﯘ -ﺧﺎﻧﯘ -ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﺎﺋﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩە ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻓﺎﺯﯨﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ، ﺯﯨﻜﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﻧﺒﯩﻬ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺩ ﺋﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﯩﯖﺪە ﺑﺎﺭ ﺋﯜﻧﯜﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻡ ﻳﺎﺯﺍﻱ، ﻣﻪﻧﺒﻪﺋﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ،ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺋﻪﺳﻬﺎﺑﻰ ﻟﻪﻙ ﻛﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﭼﯚﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻬﯩﺸﺘﻰ ﻗﻮﻳﺪﯨﻠﻪﺭ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪھﺮﯗ ﻣﯩﯔ ﺑﯘﻻﻗﻘﺎ ھﻪﻗﻠﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﻳﯘﻣﻤﺎﻏﯩﻞ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ،ﺋﻮﻳﻼ ،ﻛﯩﻢ ﺋﻪۋﻻﺩﯨﺴﻪﻥ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺯەﻟﻠﻪﺕ ،ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺧﺎﺭﻟﯩﻜﺪە ﺋﻪﺯﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺩەۋﺭﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭ ﺋﯘﺭﮔﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯘ -ھﯜﻧﻪﺭ، ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﻟﯟﺍﺭ ﺗﯜﺯەپ ﺋﻪﺧﻼﻗﯘ -ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺗﻪۋﺳﯩﻔﻰ ﺳﻪﻟﯩﻤﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯘ -ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺯﮔﯩﻨﻪ ﺷﻪﺭھﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﻪﻱ ﺋﻪھﻠﻰ ﺋﯩﻬﺴﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﯩﻢ. )ﻗﺎﺭﻯ ﺋﻪﺑﺪﯗﺳﺴﻪﻻﻡ ﺷﯩﺮ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﯩﺪﯨﻦ( ﺗﯜﮔﻪﻧﭻ ﺳﯚﺯ ﺷﻪﻧﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﻼھﻘـﺎ ھﻪﻣـﺪﯗ -ﺳـﺎﻧﺎ ،ﺭەﺳـﯘﻝ ﺋﻪﻛـﺮەﻣﮕﻪ ﭼﻪﻛﯩـﺴﯩﺰ ﺩﯗﺭﯗﺩﻻﺭ ﺑﻮﻟـﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺋـﺎﻟﻼھ ﺋـﯚﺯ ﭘﻪﺯﻟــﻰ ۋە ﻛﻪﺭەﻣــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﻪﺗﺒﻪﻧﯩــﯔ ﺗﯜﺭﻟــﯜﻙ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤــﺎﻱ ،ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮﻟﯩﻖ ھﺎﻳــﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧــﻰ ﺑــﯘ ﻛﯩﺘــﺎﺑﻨﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻻﺷــﻘﺎ ﻣــﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﺟﺎﻧــﺎﺑﻰ ھﻪﻗﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺋــﺎﺟﯩﺰ ﺑﻪﻧﺪﯨــﺴﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﻧـﺪەﻙ ﺯەﺋﯩـﭗ ،ﺑﺎھـﺎﺭﻯ ﺧـﺎﺯﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻣﯘھـﺎﺟﯩﺮ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﻧـﯧﻤﻪﺕ ،ﺑﯜﻳـﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ھﻪﺭﻛﯩﻤﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﺴﻪ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻰ ھﯩﺠﺎﺏ ﺋﻮﻟﻤﻪﺯ ﮔﯜﻧﻪﺵ ﺩﯗﻏﺪﯨﻘﭽﻪ ﺯﯨﺮﺍ ﭘﻪﺭﺩەﺋﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﻧﯩﻘﺎﺏ ﺋﻮﻟﻤﻪﺯ ﺗﻪﺭﺟﻪﻣﻪﺳﻰ: ﺧﯘﺩﺍ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﮔﯘﻧﺎھﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﺯﯨﺮﺍ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﻏﺴﺎ ،ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﭘﻪﺭﺩەﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﺎﺭ ﺋﻪﺗﻤﻪﺱ. ﻣﯚھﺘﻪﺭەﻡ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ھﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺗﯩـﻠﻪﻙ -ﺩﯗﺋـﺎﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﻮﻳﯘﺷـﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳـﻮﺭﺍﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﮕﻪﻡ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ۋە ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺩەﺭﮔﺎھﯩـﺪﺍ ﻗﯘﺑـﯘﻝ ﻗﯩﻠـﺴﯘﻥ .ﺳـﻪﺩﯨﻘﻪ ﺟـﺎﺭﯨﻴﻪ ﻛﻪﺑـﻰ ﺋـﺎﺧﯩﺮەﺕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ .ﺋﺎﻣﯩﻴﻦ. 118
www.uyghurweb.net ﺋﻪﻱ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋـﺎﻟﻼھ ،ﻣـﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺗـﺎ -ﺋﺎﻧﯩـﺴﻰ ۋە ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣـﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺑﯩــﺰ ﻳﺎﺷــﺎۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩــﻢ -ﭘﻪﻥ ﺋﻪﺳــﺮﯨﺪە ،ﻣﯘھــﺎﺟﯩﺮﻟﯩﻖ ﺩەۋﺭﯨﻤﯩــﺰﺩە ،ﺳــﻪﺋﯘﺩﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩــﺪە ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﻮﺯ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﯚﺯ ﺷﯩﯟﯨﻤﯩﺰﺩە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺋﯚﻣﻠـﯜﻛﻰ ﭼـﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﭘﯜﺗﻜــﯜﻝ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺋﻪﻟﻠﯩــﺮﻯ ﺑــﻮﻳﻼپ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠــﺪە ھﻪﻣــﺪە ﭘﺎﺩﯨــﺸﺎھﯩﻤﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩــﺪ ﺋﯩﺒﻨــﻰ ﺋﻪﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺩەۋﺭﯨـﺪە ﺑﯧـﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﺰ ﻣﯘھـﺎﺟﯩﺮﻻﺭ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯜﻳـﯜﻙ ﺑﻪﺧﺘﺘـﯘﺭ .ﺑـﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰ ﻣﯘھﺎﺟﯩﺮﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨـﭗ ﺳﺎھﻪﺳـﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩـﻲ ۋە ﺋﻪﺩەﺑﯩـﻲ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻻﻳﯩﻘﯩـﺪﺍ ﺑﻪھـﺮﯨﻤﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺋﺎﺷــﻜﺎﺭﺍ ﺩەﻟﯩﻠﯩــﺪﯗﺭ .ﺋﯩﻼھــﺎ ﭘﺎﺩﯨــﺸﺎھﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘــﻰ ،ﺑﻪﺧﺘــﻰ ﺑﻪﺭ ﻗــﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻟــﺴﯘﻥ .ﺋﻪﺩﻟــﻰ- ﺋــﺎﺩﺍﻟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﯩﻤﯩــﺴﯘﻥ .ﺋﻪﺳـــﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻏﺎﻟﯩـــﺐ ،ﺩﯛﺷـــﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﻠـــﯘپ ،ﺋﻮﺭﺩﯨــﺴﻰ ﺯەﭘﻪﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟـــﺴﯘﻥ .ﺋﯩﻼھـــﺎ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺗﯩﻨﭻ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .ﺧﻪﻟﻖ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ،ﻛﻪﯕﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﺳﯘﻥ .ﺋﺎﻣﯩﻴﻦ! ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ ﺑﯚﻟـﯜﻣﻰ ﭼﺎﺭﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ۋە ﻗﯩﺰﯨـﻞ ﺭﻭﺳـﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟـﯘﻡ - ﺯﻭﺭﻟﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭ ،ﻛـﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩـﺮﯨﻢ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣـﯘﻥ ﺗـﺎﭘﺘﻰ .ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺯﺍﻣـﺎﻥ ۋە ﻣﺎﻛﺎﻧـﺪﺍ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩــﯔ ﺑﯧ ـﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ھﺎﺩﯨــﺴﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭘﺘــﯜﺭ .ﺑﯩــﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠــﮕﻪﻥ ۋە ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﺑﯘﺭﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘﺭ .ﺋﯘﺷـﺒﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣــﺪە ﺗﯜﺭﻛﯩــﺴﺘﺎﻥ ﻓﺎﺟﯩﺌﻪﺳــﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷــﻐﻪﺭ ﺳﻪھﻨﯩ ـﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧــﯜﺵ ﻧﺎﻣﯩــﺪﺍ ﻗــﺎﺭﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩــﯔ ﺯﯗﻟ ـﯘﻡ - ﺳــﯩﺘﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﯩﺰﯨــﻞ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩــﯔ ﻳــﺎۋﯗﺯﻟﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ،ﻣــﯘﺩھﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳــﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﺑﻪﻟﻜــﻰ ﺑــﯘﻻﺭ ﻳﯧﯖــﻰ -1981ﻳﯩﻞ ﺋﻪۋﻻﺩﻻﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﯩﺌﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯘﺭ .ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼھ. ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ» :ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ« ،ﻣﯩﺴﯩﺮ - 1945 ،ﻳﯩﻞ. ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﺗﯩﻒ» :ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« - 1882 ،ﻳﯩﻞ. ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩﻴﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍ» :ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«. ﻣﯩﺮ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﺋﻮﺷﯩﻲ» :ﺩەﺭﺩﻟﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ« ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﺎﻟﭙﺘﯩﻜﯩﻦ» :ﺩﻭﻏﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ«.
119