ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ
ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ 2009
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ
ﻧﻪﺷﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ: ﺋﺎﻟﭙﺌﺎﺭﺳﻼﻥ ﺩﯗﺭﻣﯘﺵ ﺧﻪﺩﯨﺠﻪ ﺋﯩﺸﯩﻼﻕ ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ ﺋﺎﺳﻼﻥ ﻧﻪﺭﯨﻤﺎﻥ ﮔﯚﻛﭽﻪﮔﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺗﻪﻛﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ: ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺌﺎﻱ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ: ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻣﻪﻧﻪﻛﺸﻪ −2009ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ISBN: 975-19-3595-4
ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ: Eskişehir yolu 9. km. Çankaya / ANKARA Tel: (+90 312) 295 73 06 Faks: (+90 312) 284 72 88
ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ: w w w. d i y an et . g o v. t r
ﺋﯩﻠﺨﻪﺕ:
diniyayinlar@diyanet.gov.tr
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ! ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﻤﯩﺰ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ: ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺭ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ،ﺗﻪﻟﯩﻢ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ،ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯚﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺘﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻳﯧﯖﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﻤﯩﺰ .ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ،ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ ،ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺳﻪﺑﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻳﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﮬﻪﺟﻤﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﻠﯩﻢ ،ﮬﯧﺲ-ﺗﯘﻳﻐﯘ ﯞﻩ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮪ ،ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺩﯨﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮪ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﺷﻼﺷﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ،ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ .ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ .ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﭺ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ،ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ،ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ،ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺗﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻛﻰ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﭼﯜﻣﯜﻟﯩﮕﯩﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ،ﮬﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻮﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ .ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ .ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻼﺭ. ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﯩﺰ. ﺳﯚﻳﮕﯜ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ ،ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎ! ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ
ﻣﯘﻧﺪەﺭﯨﺠﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ 4 / .I
ﺑﺎﭖ
.II .1 .2 .3 .4 .5
ﺑﺎﭖ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ :ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ 11................... ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ :ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ 12..................................................... ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ :ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ 13....................................... ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ :ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ 15.................................................................... ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﺱ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ :ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ 17......................................................................
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ،ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ :ﺋﺎﻟﻼﮪ 6..............................................................................
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ 20 / .Iﺑﺎﭖ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯ 23................................................ .IIﺑﺎﭖ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﺯﺍ 28......................................................... .IIIﺑﺎﭖ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ :ﺯﺍﻛﺎﺕ 31......................................... .1 ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺳﻪﭘﻪﺭ :ﮬﻪﺝ 33........................................................................................................ .2
ﺋﻪﺧﻼﻕ 36 / .Iﺑﺎﭖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ 38......................................................................................................... .1 .2ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ 40......................................................................................................................... .IIﺑﺎﭖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ 42................................................ .IIIﺑﺎﭖ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ 46...............................
ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﻥ-ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻞ-ﺋﻮﻳﻼﻥ!
ﺋﯩﻤﺎﻥ 4
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
»ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ )ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ( ﯞﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ )ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ( ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ«.
)ﻧﯩﺴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-136 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
.1ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻟﻮﻏﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﯖﻼﺭ: ﺋﯩﻤﺎﻥ ،ﻣﯚﻣﯩﻦ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ،ﯞﻩﮬﻴﻰ .2ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﻛﯚﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ: ﺋﺎﻟﻼﮪ ،ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ،ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ » .3ﺩﯨﻦ ﻛﯜﻟﺘﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ« ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ: ﺋﺎ» .ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ ،ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻜﻤﻪﻥ« ،ﺋﺎ .ﻣﺎﮬﯩﺮ ﭘﻪﻛﺸﻪﻥ. ﺋﻪ» .ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ« ،ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﮕﺎﻥ. ﺏ» .ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻢ ،ﺳﯧﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ«، ﺯﺍﺭﯨﻔﻪ ﺟﺎﻧﺎﻥ.
»ﺋﺎﻣﻪﻧﺘﯘ«ﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﯔ!
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺋﯩﻤﺎﻥــــﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ،ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﺶ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯜﺑﮫﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ :ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ،ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ .ﺑﯘﻻﺭ »ﺋﺎﻣﻪﻧﺘﯘ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﺘﻪ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ.
5
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺷﻪﺭﻩﭘﻜﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺋﯘﻧﻰ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ،ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﺗﻨﻰ ،ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯗ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻴﯩﺶ-ﺋﯩﭽﯩﺶ ،ﺋﻮﺧﻼﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﯩﺴﺘﻪﻙ ﯞﻩ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻼﺭ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ،ﺋﻮﻳﻼﺵ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ،ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﯘﺭ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻼﺭ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻝ-ﺧﻮﺭﺍﻡ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.
.1ﺑﺎﭖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ،ﺭەﺑﺒﯩﻤﯩﺰ: ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺋﯩﻤﺎﻥ
»ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ«.
6
)ﺗﻪﻏﺎﺑﯘﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-11 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
»ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯖﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺷﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ«. )ﺋﻪﺋﺮﺍﻑ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-180 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ »ﺋﻪﺳﻤﺎﺋﻰ ﮬﯘﺳﻨﺎ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﮬﯩﭙﺘﯘﺭ:
ﺯﺍﺗﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ﺳﯘﺑﯘﺗﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ﺑﻪﻗﺎ )ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ،ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻴﺪﯗﺭ(
ﺳﻪﻣﻰ )ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﻰ(
ﯞﻩﮬﺪﺍﻧﯩﻴﻪﺕ )ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ(
ﺑﺎﺳﺎﺭ )ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﻰ(
ﻣﯘﺧﺎﻟﻪﻓﻪﺗﯘﻥ ﻟﯩﻞ-ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﺲ )ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ(
ﻛﻪﻻﻡ )ﺗﻮﻏﺮﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ( ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ )ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ(
ﻗﯩﻴﺎﻡ ﺑﯩﻨﻪﻓﺴﯩﮫﻰ )ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﯞﻩ ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ(
ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ )ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ( ﺗﻪﻛﯟﯨﻦ )ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ(
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺯﺍﺗﺘﯘﺭ .ﺋﯘ ﺋﻪﺯﻩﻟﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻴﺪﯗﺭ .ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺪﯨﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ .ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ .ﮬﻪﺭﻛﯩﻢ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎﺟﺘﯘﺭ .ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯘﺭ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﻗﯩﺪﻩﻡ )ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ(
ﺋﯩﻠﯩﻢ )ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ(
7
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﯞﯗﺟﯘﺩ )ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ(
ﮬﺎﻳﺎﺕ )ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﯩﺮﯨﻚ(
ﺋﯩﻤﺎﻥ 8
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯘ ﺋﯚﻟﻤﻪﺳﺘﯘﺭ ،ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﯘﺭ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻘﺘﯘﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ .ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ .ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ،ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﯩﺮ ﯞﻩ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ،ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻳﺌﯩﮕﻪ »ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻝ!« ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ،ﺋﯘ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ .ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ،ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﯕﻼﺭ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﯩﻼ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ .ﮬﻪﺭ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺶ ﮬﯧﻜﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭ.
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ...
ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮬﯩﺮﺭﺍﮬﻤﺎﻧﯩﺮﺭﺍﮬﯩﻢ
•
ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ.
•
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ،ﮬﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ» :ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻢ ،ﺳﻪﻥ ﮬﺎﻓﯩﺰﺳﻪﻥ ،ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ .ﻣﯧﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﻧﺎﮬﯩﯖﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼ! ﺋﺎﻣﯩﻴﯩﻦ«.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
•
ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﻤﯩﺰ.
9
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﺍ ﺩﯦﻴﯩﺸﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮ-ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻳﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ- ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ »ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮪ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. »ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮪ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ» ،ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮬﯩﺮﺭﺍﮬﻤﺎﻧﯩﺮﺭﺍﮬﯩﻢ« ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ» :ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ )ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ(« .ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ »ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮪ« ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ »ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ )ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ(« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮪ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ:
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯗﺭ .ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ،ﺑﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﯖﻼﺭ .ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ »ﺋﺎﻟﻼﮪ« ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ﯞﻩ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
• • • • • • • • •
10
•
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﺗﺴﻪ ،ﻣﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯘﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﺎﯕﺎ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ،ﻗﯧﻠﯩﭽﯩﯔ ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯧﺴﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺮ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﮬﻪﻕ ،ﺷﯩﺮﻧﻪ ﻗﺎﺭﺍ، ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺋﺎﻕ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﻪﯞﺭﻯ-ﺗﺎﻗﻪﺕ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ...
• • • • • • •
•
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻱ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﭼﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺷﻘﺎ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺷﺎﺥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﺳﻪ ،ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ،ﺳﻪﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ،ﻳﻪﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ )ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻤﻐﺎ( ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯚﺯ ﺑﯩﺮ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺮ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ،ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﻻﻕ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ،ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﺭ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ.
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﮬﻪﺭ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯗﺭﯗﺳﺖ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ،ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯗﺋﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ؛ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﭘﺎﻧﺎﮪ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ،ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
.2ﺑﺎﭖ .1ﺭەﺑﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ :ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ )ﮬﺎﻓﺎﺯﺍ( ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﺎﺗﯩﭗ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ )ﻛﯩﺮﺍﻣﻪﻥ ﻛﺎﺗﯩﺒﯩﻦ(ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﻰ-ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ-ﺩﻩ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
-49ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ...
)ﻧﻪﮬﻞ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ،
11
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻼﺭ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ )ﻣﻪﻟﻪﻙ( ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ-ﭼﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮ-ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺠﺎﻧﺪﯨﻞ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻳﺪﯗ .ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ: ﺟﯩﺒﺮﺍﺋﯩﻞ ،ﻣﯩﻜﺎﺋﯩﻞ ،ﺋﯩﺴﺮﺍﻓﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻞ.
»ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻼﺭ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ )ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ( ﭼﻮﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯗ«.
.2ﺋﯩﻼﻫﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﻯ: ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ »...ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﻮﺷﺨﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ) .ﺋﺎﻟﻼﮪ( ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
12
ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ«... )ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-213 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ،ﺋﻪﻣﯩﺮ- ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯗﺭ .ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ-ﻳﺎﻣﺎﻥ ،ﺗﻮﻏﺮﺍ-ﺧﺎﺗﺎﻧﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﯞﻩ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻣﻪﺷﺌﻪﻟﺪﯗﺭ .ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ :ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ ،ﺯﻩﺑﯘﺭ ،ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯗﺭ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯩﻤﺎﻥ ،ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺳﯚﺯ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ .ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ .ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺭﭘﯩﻤﯘ ﺋﯚﺭﮔﻪﺭﺗﯩﻠﻤﻪﻱ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﭘﯧﺘﻰ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯗﺭ .ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭ.
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ... ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﺴﯩﺰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ، ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ. ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﮬﯘﺯﯗﺭ ﯞﻩ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ،ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ )ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻼﺭ( ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ،ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ،ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻡ-ﻛﯜﺗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﻮﺷﺨﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ
13
»ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻮﺷﺨﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ )ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ( ﺗﯜﺯﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ )ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻦ( ﻏﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ«. )ﺋﻪﻧﺌﺎﻡ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-48 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
.3ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ :ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ-ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻼﺭﭼﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ.
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮ-ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯗﺭﯗﺳﺖ ،ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ،ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ-ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺑﻪﺵ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯖﻼ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ 14
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯗﺭ .ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴﯩﺪﯗﺭ .ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯗﺭ .ﺋﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯗﺭ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ... ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺩﯗﺭﯗﺳﺘﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﯗﺭﯗﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ ،ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ.
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ،ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
.4ﺑﯘ ﺩۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ: ﺋﺎﺧﯩﺮەﺕ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ .ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ .ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﺭﯗﺗﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﯩﺪﯗ.
ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ«.
)ﮬﯩﺠﺮ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-48-45 ،ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ(
ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﮬﺸﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ؟ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
15
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﮬﻪﺭ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻜﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ .ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯘﺭ .ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ،ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ .ﻛﯜﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺩﻩﻝ-ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺑﺎﮬﺎﺭ ﭘﻪﺳﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺩﻩﻝ- ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚﻛﻠﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ،ﻣﯧﯟﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ .ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.
»ﺷﯜﺑﮫﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻻﺭ )ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ( ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻻﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: »ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻥ- ﺋﯧﺴﻪﻥ ،ﺗﯩﻨﭻ ﻛﯩﺮﯨﯖﻼﺭ!« ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﻤﯩﺰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺧﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ
ﺋﯩﻤﺎﻥ 16
ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻛﯜﻧﻰ )ﻣﻪﮬﺸﻪﺭ(ﺩﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻛﯩﻢ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ،ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﯩﺴﻪ ،ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﮬﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺗﻪﯕﺪﯨﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﺧﯩﻠﻤﯘ-ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺭﺍﮬﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﺯﯗ-ﻧﯧﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﺮﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ...
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ-ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮ-ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻖ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺟﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺴﯩﺰ؟
.5ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﺱ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ: ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﻤﯩﺰﺩﯨﺪﯗﺭ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻼ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﻤﯩﺰ«. )ﮬﯩﺠﯩﺮ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-21 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
17
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ... ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﯩﺪﯨﺮﻻﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻕ، ﻣﯘﯞﺍﺯﯨﻨﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﺯﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ،ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﺱ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯘﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﺪﯗﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻳﺌﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ، ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﻪﺩﻩﺭ؛ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.
»ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ
»ﺋﺎﻣﻪﻧﺘﯘ« ﻛﯧﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ.
ﺳﯚﺯ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻕ .1 .2 .3
.4
ﺋﯩﻤﺎﻥ
.5 .6
18
.7
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
.8 .9 .10 .11 .12
ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﮬﻴﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ-ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻰ. ﺋﺎﺩﯨﻞ ،ﺟﻪﺳﯘﺭ ،ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ،ﻣﻪﺭﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ »ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻤﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﯧﺮﻯ. ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، »ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻴﺪﯗﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ. ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯜﺑﮫﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،ﭼﯩﻦ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ »ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯘ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻦ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﻰ. ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ. ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﻻ ﺋﯩﻼﮬﻪ ﺋﯩﻠﻼﻟﻼﮪ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﯗﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ« ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﯩﺠﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
.13
.14 .15
.16
.17
.18 .19 .20
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ »ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ،ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ،ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ. ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ »ﺩﻭﺳﺖ« ﯞﻩ »ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ. »ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯨﻦ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﻪﺳﺘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ،ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺵ ،ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ، ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ،ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﯞﻩ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﯞﻩ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﺍﺗﯩﻨﯩﯔ، ﭘﯧﺌﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﯨﺸﻰ ،ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ. ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺷﻪﺭﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ،ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ،ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ. ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﺎﺯﯗ-ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ.
ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻢ!
ﺋﯩﻤﺎﻥ 19
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺭﺍﮬﻤﺎﻧﺴﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻘﺎ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ .ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺭﺍﮬﯩﻤﺴﻪﻥ ،ﺳﯧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺷﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﻗﯘﺩﺩﯗﺳﺴﻪﻥ ،ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻳﯩﭗ-ﻧﻮﻗﺴﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺴﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻐﯩﻦ! ﺳﺎﻻﻣﺴﻪﻥ ،ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﯩﻴﯩﻢ-ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﺎﺯﻏﯩﻦ! ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﺴﻪﻥ ،ﻗﻪﻟﯩﺒﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺋﻪﺯﯨﺰﺳﻪﻥ ،ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺴﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺷﻪﺭﻩﭘﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﺎ! ﻣﯘﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯩﺮﺳﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻛﻰ ﺳﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼ! ﺑﺎﺭﯨﻴﺴﻪﻥ ،ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﺱ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎ! ﻣﯘﺳﺎﯞﯞﯨﺮﺳﻪﻥ ،ﮬﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻘﺎ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﺴﻪﻥ .ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ! ﻏﺎﻓﻔﺎﺭﺳﻪﻥ ،ﻛﯚﭖ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﭘﯘﺩﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎ! ﯞﻩﮬﮫﺎﺑﺴﻪﻥ ،ﻛﯚﭖ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﺴﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪﻟﯩﺮﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺭﻩﺯﺯﺍﻗﺴﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺭﯨﺰﻗﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﺴﻪﻥ .ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﻮﻳﻤﺎ! ﻓﻪﺗﺘﺎﮬﺴﻪﻥ ،ﮬﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﻳﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﭘﻤﺎ! ﺋﺎﻟﯩﻤﺴﻪﻥ ،ﮬﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼ! ﻗﺎﺑﯩﺪﺳﻪﻥ ،ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﺗﺎﺭﺍﻳﺘﻘﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﺴﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﻤﺎ! ﺑﺎﺳﯩﺘﺴﻪﻥ ،ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﯜﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻮﻟﻠﯘﻕ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ! ﺧﺎﻓﯩﺪﺳﻪﻥ ،ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﭘﻪﺳﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯨﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﺳﻠﻪﺷﺘﯜﺭﻣﻪ! ﺭﺍﻓﯩﺴﻪﻥ ،ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯨﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﮔﯩﻦ! ﻣﯘﺋﯩﺰﺳﻪﻥ ،ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﻣﯜﺯﯨﻠﺴﻪﻥ ،ﺧﺎﺭ ،ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎ! ﺳﻪﻣﯩﻴﺴﻪﻥ ،ﻣﻪﺧﭙﻰ ،ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎ! ﺑﺎﺳﯩﺮﺳﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﻛﯚﺯ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ! ﺋﺎﺩﻟﺴﻪﻥ ،ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺯﯗﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﻳﻠﻪ! ﻻﺗﯩﻔﺴﻪﻥ ،ﻟﯘﺗﻔﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻟﯘﺗﯘﻑ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﺍ ﺋﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺧﺎﺑﯩﺮﺳﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺳﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎ! ﮬﻪﻟﯩﻤﺴﻪﻥ ،ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﯩﻦ! ﻏﺎﻓﯘﺭﺳﻪﻥ ،ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺷﻪﻛﯘﺭﺳﻪﻥ ،ﺷﯜﻛﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ! ﮬﺎﻓﯩﺰﺳﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼ! ﮬﺎﺳﯩﺒﺴﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺳﻮﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﻛﻪﺭﯨﻤﺴﻪﻥ ،ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﺮﺍﻣﯩﯔ ﻣﻮﻟﺪﯗﺭ .ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺭﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﯩﻦ! ﺭﺍﻗﯩﺒﺴﻪﻥ ،ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻧﯘﺗﺘﯘﺭﻣﺎ! ﻣﯘﺟﯩﺒﺴﻪﻥ ،ﺩﯗﺋﺎﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ ﻗﻮﻳﻤﺎ! ﮬﺎﻛﯩﻤﺴﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻦ! ﯞﻩﺩﯗﺩﺳﻪﻥ ،ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺕ! ﺑﺎﺋﯩﺴﺴﻪﻥ ،ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﯜﭼﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﯩﻦ! ﺷﻪﮬﯩﺪﺳﻪﻥ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺷﺎﮬﯩﺘﺴﻪﻥ ،ﺳﯧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺷﺎﮬﯩﺖ ﺑﻮﻝ! ﮬﻪﻗﺴﻪﻥ ،ﺗﻪﻙ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺳﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮫﺎﻡ ﻗﯩﻞ! ﯞﻩﻛﯩﻠﺴﻪﻥ ،ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻧﯘﺗﺘﯘﺭﻣﺎ! ﻗﺎﯞﯨﻴﺴﻪﻥ ،ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯩﻦ! ﻣﻪﺗﯩﻨﺴﻪﻥ ،ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻮﻳﻤﺎ! ﯞﻩﻟﯩﻴﺴﻪﻥ ،ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﮬﺎﻣﯩﺪﺳﻪﻥ ،ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﻻﻳﯩﻘﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﮬﻪﻣﺪﯗ-ﺳﺎﻧﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﺘﻘﯩﻦ! ﺋﺎﻣﯩﻴﯩﻦ!
ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﻥ-ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻞ-ﺋﻮﻳﻼﻥ!
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
.1
.2
20
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
.3 .4
»ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ :ﺷﯜﺑﮫﯩﺴﯩﺰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻢ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﻢ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ«.
)ﺋﻪﻧﺌﺎﻡ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-162 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
.5
ﻛﻪﻟﯩﻤﻪﺋﻰ-ﺷﺎﮬﺎﺩﻩﺕ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ،ﺭﻭﺯﺍ ،ﺯﺍﻛﺎﺕ ﯞﻩ ﮬﻪﺝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ،ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ. ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﯖﻼﺭ. ﺑﯘ ﺑﺎﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﮫﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺟﺎﻣﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﻰ ،ﻳﻮﻗﺴﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ. »ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ؟ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ؟ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﯕﻼﺭ. »ﺩﯨﻦ ﻛﯜﻟﺘﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ« ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ: ﺋﺎ» .ﻳﺎﻧﭽﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﮫﺎﻟﻰ«) ،ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻓﯩﻘﯩﮭ ﻛﯩﺘﺎﺑﭽﯩﺴﻰ(، ﻣﻪﮬﻤﻪﺕ ﺳﻮﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪ» .ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﯞﻩ ﺭﻭﺯﺍ« ،ﺳﻪﻳﻔﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺯﯨﺠﻰ، ﺏ» .ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺭﺍﻣﻼﺭ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﮬﻼﺭ«، ﻟﯜﺗﻔﻰ ﺷﻪﻧﺘﯜﺭﻙ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ــــ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻻﭖ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ، ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ :ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ،ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺵ ،ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ،ﺭﻭﺯﺍ ،ﮬﻪﺝ ﯞﻩ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯗﺭ .ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ،ﺋﻮﺭﻧﻰ ،ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻧﻜﻰ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ .ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻧﻜﻰ ،ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.
21
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ؟ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ-ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ: »ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻛﻰ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻱ ﯞﻩ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ) «.ﺋﺎﻝ-ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-31 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﺪﯗﺭ .ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪﺋﻰ-ﺷﺎﮬﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ:
ﺋﻪﻗﻠﻰ-ﮬﯘﺷﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ،ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ »ﻣﯘﻛﻪﻟﻠﻪﻑ« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﯘﻛﻪﻟﻠﻪﻓﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﺯ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ: ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻪﺳﻨﺎﺳﯩﺪﺍ »ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ« ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ .ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﯔ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ 22
ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ،ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ،ﻣﯘﻛﻪﻟﻠﻪﻓﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ- ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯗﺭ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ،ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ،ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ،ﻣﯘﻛﻪﻟﻠﻪﻓﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﺴﺎ ،ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯗﺭ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ،ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.
ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﺧﻮﺷﭽﯩﺮﺍﻱ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻮﺗﻜﯩﻼﺵ ،ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.
ﻣﻪﻛﺮۇﻫ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﺵ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﭺ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.
ﻣﯘﺑﺎﻫ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﯘﻛﻪﻟﻠﻪﻓﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺶ- ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯗﺭ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﻳﯧﻴﯩﺶ-ﺋﯩﭽﯩﺶ ،ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ،ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.
.1ﺑﺎﭖ ﺭەﺑﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﯘﺯۇﺭﯨﺪﺍ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﻪﺵ ۋﺍﻗﯩﺖ :ﻧﺎﻣﺎﺯ
ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯘﺭﻣﻪﻥ، ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﺭﯛﻛﻰ، ﻣﯚﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯧﺮﺍﺟﻰ، ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ.
)ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ(
ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ .ﺷﯘﯕﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
23
ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ«. )ﺗﺎﮬﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-14 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﺪﻩ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺷﻪﺭﺕ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﺩﯗﺭ .ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﻣﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯗﺭ. ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ-ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﮬﺘﯘﺭ .ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯘ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
»ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ
ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ 12ﭘﻪﺭﺯﻯ ﺑﺎﺭ :ﺋﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺑﯘﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺭﯗﻛﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.
.1ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ 24
ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﯗﺭ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺴﯩﺰ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻪﺯﻯ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ: .1ﮬﺎﺩﻩﺳﺘﯩﻦ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ :ﮬﯚﻛﻤﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ،ﭘﺎﻙ-ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ،ﻏﯘﺳﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
.2ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ :ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯧﻴﮕﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ» :ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯘﺭ «.ﺩﯦﮕﻪﻥ) .ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ» :ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ«(61/31 ، .3ﺳﻪﺗﺮﻯ ﺋﻪﯞﺭﻩﺕ :ﺋﻪﯞﺭﻩﺕ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯚﮔﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. .4ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﻗﯩﺒﻠﻪ :ﻛﻪﺑﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻗﻪﻟﺒﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. .5ﯞﺍﻗﯩﺖ :ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. .6ﻧﯩﻴﻪﺕ :ﻧﺎﻣﺎﺯ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﻪﺯﻯ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ .ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ.
»ﺳﺎﯕﺎ ﯞﻩﮬﻴﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ ،ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺗﻪﺋﺪﯨﻞ-ﺋﻪﺭﻛﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﺳﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ«. )ﺋﻪﻧﻜﻪﺑﯘﺕ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-45 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻪﺳﻨﺎﺳﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯘﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺭﯗﻛﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ: .1ﺋﯩﻔﺘﯩﺘﺎﮪ )ﺑﺎﺷﻼﺵ( ﺗﻪﻛﺒﯩﺮﻯ :ﮬﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ« ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. .2ﻗﯩﻴﺎﻡ :ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. .3ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺕ :ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ، .4ﺭﯗﻛﯘ :ﻗﻮﻟﻨﻰ ﺗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺶ، .5ﺳﻪﺟﺪﻩ :ﭘﯩﺸﺎﻧﻪ ،ﺑﯘﺭﯗﻥ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﺰ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻝ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﺯﯨﻢ )ﺳﻪﺟﺪﻩ( ﻗﯩﻠﯩﺶ، .6ﻗﺎﺋﺪﻩ-ﺋﺎﺧﯩﺮﻩ :ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺗﺘﻪﮬﯩﻴﻴﺎﺗﯘ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ. ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ،ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯞﻩ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﯧﻴﯩﺖ )ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ» :ﻣﻪﯞﺍﻗﯩﺖ«(6 ، ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ.
25
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ: »ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﻩ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﻳﯘﻳﯘﻧﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺮ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ: »ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!« ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ» :ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮔﯘﻧﺎﮬﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ «.ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
.2ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺭﯗﻛﯘﻧﻠﯩﺮﻯ
.1 .2 .3 .4
ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻟﯩﺮﻯ
ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﯜﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ، ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯘﻳﯘﺵ، ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺗﯚﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﮫﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﭘﯘﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺷﯘﻗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯘﻳﯘﺵ.
ﻏﯘﺳﯘﻟﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻟﯩﺮﻯ
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ 26
.1ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ، .2ﺑﯘﺭﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ، .3ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ.
ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻟﯩﺮﻯ
.1ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، .2ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺗﯘﭘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﭖ ،ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺳﮫﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ )ﺳﯩﻼﺵ(.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻣﻰ ﭼﯩﺮﺗﯩﻴﻮﮊﯨﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﯔ .ﺟﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ،ﭼﯩﺮﺗﯩﻴﻮﮊﺩﺍ ﺭﻩﻗﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯔ.
4
2
1
3
5
6
ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ... ﻗﻪﺑﯩﮭ ﺳﯚﺯ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ-ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ
ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ. ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺭﻩﺑﺒﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﻴﺪﯗ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ» :ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﻪﯞﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﯕﻼﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﯩﺪﯗﺭ) «.ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-153 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ ،ﺑﯘ ﺳﺎﻳﯩﺪﺍ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻠﻰ ﻳﯘﺭﯗﻳﺪﯗ .ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﺎﺭﻻﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺩﻩﻥ ،ﺗﯩﻞ ،ﺋﻪﻗﯩﻞ ،ﻛﯚﯕﯜﻝ ،ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯜﻛﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺳﯘﻧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ.
27
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ،ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ.
.2ﺑﺎﭖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ :ﺭﻭﺯﺍ »ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ!
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
)ﮔﯘﻧﺎﮬﻼﺭﺩﯨﻦ( ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺯﺍ
28
ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭﺯ
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ«. )ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-183 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺭﻭﺯﯨﺴﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .ﺭﻭﺯﺍ ــــ ﻣﯘﻛﻪﻟﻠﻪﻑ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﯘﺭ )ﺯﻭ ﯞﺍﻗﺘﻰ ،ﺳﯜﺑﮫﻰ( ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﯧﻴﺶ- ﺋﯩﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯗﺭ .ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺭﻭﺯﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻓﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺭﻭﺯﯨﻐﺎ ،ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﻏﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯗ )ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ(.
»ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ«» ،ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ« )ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ(، »ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺵ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻟﯘﻏﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﯖﻼﺭ.
ﺳﯜﺑﮫﻰ :ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯗﺭ .ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﺎﻣﺪﺍﺕ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ :ﺭﻭﺯﺍ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﻗﯘﻳﺎﺵ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﺎﻡ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﺎﻍ. ﻗﺎﺯﺍ :ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﻟﯘﻗﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺵ. ﻓﯩﺪﯨﻴﻪ :ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ-ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﺷﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺭﻭﺯﺍ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯘﻗﺴﯘﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﭼﯜﺷﻠﯘﻕ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻳﻮﻗﺴﯘﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ.
29
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ» :ﺑﻪﻧﺪﻩﻡ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ) .ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ» :ﺳﺎﯞﻡ«(9 ، ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻻﭖ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﭗ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﺭ- ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ» :ﺭﻭﺯﺍ ﺳﻪﯞﺭ-ﺗﺎﻗﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯗﺭ «.ﺩﯦﮕﻪﻥ») .ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﮬﯩﺐ«(208/11 ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﯞﺍﻳﻰ-ﮬﻪﯞﻩﺳﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺑﯩﮭ ،ﻳﺎﻣﺎﻥ ،ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ» :ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﯕﻼﺭ «.ﺩﯦﮕﻪﻥ) .ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ» :ﺳﯩﻴﺎﻡ«(163 ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﻪﺟﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ )ﺋﻪﭘﯘ( ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺕ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ،ﮔﯘﻧﺎﮬﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯘﺭﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ...
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﺎﺭ ،ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﮬﻪﺭﭘﻠﻪﺭ ﺷﯩﻔﯩﺮﻟﻪﻧﺪﻯ ،ﺷﯩﻔﯩﺮﻧﻰ ﻳﯧﺸﻪﻟﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ ﻗﯧﻨﻰ ،ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ:
ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺩەﭘﺘﯩﺮﯨﺪە ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﮔﯜﻝ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﻰ -25ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ 30
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﻣﺎﯕﺪﻯ .ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻣﻮﻣﺎﻣﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻣﻮﻣﺎﻡ ﺋﯘﻧﻰ »ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﻤﻪ!« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ» ،ﻏﯘﺩﯨﺮﯨﻤﺎ! ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ Vﻣﻰ aﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﺗﯜﮔﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ!« ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ .ﺑﻮﯞﺍﻡ ﻗﻪﮬﯟﻩﺳﯩﺰ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻗﯧﻨﻰ ﮔﯧﭙﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺍﻻﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﻰ Vﯞﯗ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺗﯘﻧﺠﻰ aﻭﻍ ﻗﻮﭘﯩﻤﯩﺰ.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﯘﻟﯘﻕ a Vﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﯨﺪﯨﻢ ،ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ .ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ .ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. -26ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ،ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ .ﻣﻮﻣﺎﻡ ﺭﻭﺯﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ» :ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﯧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﺎ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﭙﺘﯘ «.ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﺪﻯ» .ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ!« ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻢ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﯨﺪﯨﻢ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ» :ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻜﯩﻦ «.ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺑﻮﯞﺍﻣﻨﯩﻤﯘ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ،ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﯩﻜﻰ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﺷﺘﯘﻕ .ﻣﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯩﺪﯨﻢ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯩﺪﻯ .ﺑﻮﯞﺍﻡ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺟﯘﻣﯘ! ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﯛﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭘﺘﯘ. ﻧﺎﺯﯗ-ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯨﺪﯨﻢ ،ﺑﻮﯞﺍﻡ» :ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﭙﺖ Vﺩﺍﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯘﺭ« ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﺪﻯ .ﻥ ﻡ aﺵ ﻡ ﺋﻪaﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚﺗﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ» :ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻢ! ﺑﯘ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ!« ﺩﯦﯟﯨﺪﯨﻢ ،ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
.3ﺑﺎﭖ .1ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ :ﺯﺍﻛﺎﺕ
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
)ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-261 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
)ﺗﻪﯞﺑﻪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-103 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
31
»ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﮫﯘﺩﻩ ﺳﯚﺯ ،ﺑﯩﮫﯘﺩﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ«.
)ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﯘﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-4-1 ،ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ(
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭ .ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ )ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ( ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻥ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...» : ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ،ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ،ﺯﺍﻛﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ) «.ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-31 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻟﯘﺗﻔﻰ )ﺋﯩﻨﺌﺎﻣﻰ( ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯗﺭ. »ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﺋﯩﻠﻼﺭ ﯞﻩ )ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻜﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ( ﻣﻮﮬﺘﺎﺟﻼﺭ ﮬﻮﻗﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ) «.ﺯﺍﺭﯨﻴﺎﺕ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، -19ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ )ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ( ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻧﯚﻟﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺯﺍﻛﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﻝ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﯗﭖ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ» :ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﭘﯘﻝ-ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ )ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﭗ( ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﺎﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ،ﮬﻪﺭ ﺑﺎﺷﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺩﺍﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﯩﺘﻰ ﻛﻪﯕﺪﯗﺭ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ«.
»ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻜﻪﻳﺴﻪﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ«.
ﻣﺎﻝ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ،ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ، ﻧﻪﺩﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ؟ ﻣﺎﻟﻤﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﻣﯜﻟﯜﻛﻤﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﺍﻥ.
ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺋﻪﻣﺮﻩﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ...
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ 32
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ ،ﭘﯩﺨﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ،ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ،ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ،ﮬﺎﻛﺎﯞﯗﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺳﯚﺯﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩﻠﻪ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺎﻕ-ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ،ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ،ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﺋﯩﻨﺎﻕ-ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺭﻭﮬﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺶ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﯘﻧﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻝ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﭼﯚﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﺪﯗ ،ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯧﺮﯨﺶ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ،ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ،ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ: »ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﺪﯗﺭ« )ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ» :ﻧﻪﻓﻪﻗﺎﺕ« (1 ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻮﺷﺨﻪﯞﻩﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. »ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﺎﻻ-ﻗﺎﺯﺍﻧﻰ ﻳﻪﻳﺪﯗ ،ﺗﻪﯞﺑﻪ ﮔﯘﻧﺎﮬﻨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
.2ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺳﻪﭘﻪﺭ :ﻫﻪﺝ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺝ ﮬﻪﻡ ﻣﺎﻝ ﮬﻪﻡ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭ .ﮬﻪﺝ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺑﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺋﯩﺮﻗﻰ ،ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ،ﺭﻩﯕﮕﻰ ،ﺟﯩﻨﺴﻰ ،ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﺸﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯘﺭ.
)ﺋﺎﻝ-ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-97 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﻪﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﯕﻼﺭ.
ﮬﻪﺟﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻟﯩﺮﻯ
ﺋﯩﮫﺮﺍﻡ :ﮬﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﻟﺒﯩﻴﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﻝ ﺋﯜﺯﯛﺵ ،ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻛﯧﺴﯩﺶ ،ﭼﺎﭺ-ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ،ﺗﯩﻜﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯧﻴﯩﺶ ،ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺝ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯗﺭ. ﻛﻪﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ :ﮬﻪﺟﻪﺭﯗﻝ-ﺋﻪﺳﯟﻩﺩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺋﻪﺭﺍﻓﺎﺗﺘﺎ ﯞﻩﻗﻔﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺵ :ﮬﺎﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﺍﻓﺎﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﺪﯗﺭ.
33
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻣﯩﻘﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﮬﻪﺭﻩﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﯧﮕﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ ،ﺋﺎﻳﺎﻍ ،ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻳﯚﮔﯩﻠﯩﭗ ،ﮬﻪﺟﮕﻪ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺗﻪﻟﺒﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺋﯩﮫﺮﺍﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﻪﺝ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺝ ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﻪﺟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺟﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﮬﻪﺝ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﮬﻪﺝ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺑﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺳﻪﻓﺎ، ﻣﻪﺭﯞﻩ ،ﺋﻪﺭﺍﻓﺎﺕ ،ﻣﯘﺯﺩﻩﻟﯩﻔﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻨﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
»...ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺑﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ«...
ﺗﻪﻟﺒﯩﻴﻪ
ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻢ! ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ... ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﻱ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻢ!... ﮬﻪﻣﺪﯗ-ﺳﺎﻧﺎ ،ﻣﺎﺧﺘﺎﺵ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺳﺎﯕﯩﻼ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ... ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯗﺭ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﻨﯩﯖﻜﻰ.... ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻜﯩﯔ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ! ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺷﻪﺧﺲ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭ .ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ،ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ 34
ﮬﻪﺟﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ...
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﺎﺟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ،ﺋﯜﻧﯟﺍﻥ ،ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺮﻕ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ،ﺭﻩﯓ ،ﺟﯩﻨﺲ ،ﺗﯩﻞ ،ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﺸﻪﺭ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﻪﯞﺭ-ﺗﺎﻗﻪﺕ ،ﭼﯩﺪﺍﻡ-ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ،ﻗﯧﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺶ ،ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ،ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ،ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ،ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻟﺪﯛﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺳﯚﺯ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻕ
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﻗﯘﻧﯘﺕ ﺩﯗﺋﺎﺳﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﺯ. .12ﺧﯘﭘﺘﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﺘﯩﺮ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ. .13ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻳﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ )ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ( ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﻪ. .14ﭘﻪﺭﺯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﻣﺪﺍﺕ، ﭘﯩﺸﯩﻦ ،ﺋﻪﺳﯩﺮ ،ﺷﺎﻡ ،ﺧﯘﭘﺘﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ،ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﻯ. .15ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ، ﮬﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﺯﺍﻛﺎﺗﻨﻰ ،ﭘﯩﺘﯩﺮ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺧﻪﻳﺮ-ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ. .16ﭘﻪﺭﺯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﭘﻪﺭﺯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﻗﻪﺩ ﻗﺎﻣﻪﺗﯩﺲ-ﺳﺎﻻﮪ« )ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ( ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ،ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ. » .17ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ \،ﺑﻪﻙ ﺳﯚﻳﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ \،ﮔﯜﻣﺒﯜﺭ-ﮔﯜﻣﺒﯜﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ\، ﮬﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ«. .18ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺎﻣﻐﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﻰ. .19ﭘﻪﺭﺯﻯ ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﺳﯘ ﺋﯧﻠﯩﺶ ،ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ،ﺑﻮﻱ ﺗﻪﺭﻩﺕ. .20ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﻰ.
35
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
» .1ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟﻩ \،ﺗﻪﮔﻤﻪﭘﺘﯘ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ\، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ ﻛﯜﻥ \ ،ﺋﯜﭼﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﭘﺘﯘ ﻛﯜﻥ«. .2ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ،ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ. .3ﭘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﻰ. .4ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ. .5ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ-ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﺍﺵ ﺳﯚﺯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻝ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ. .6ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻴﺎﻡ ،ﺑﯩﺮ ﺭﯗﻛﯘ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﺟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ. .7ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ، ﺳﯜﺑﮫﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ. .8ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﮬﻪﻣﺪﯗ-ﺳﺎﻧﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺧﻮﺷﺨﻪﯞﻩﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ. .9ﺳﯘ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﻏﯘﺳﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ،ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﭘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﯛﭖ ﻳﯜﺯﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻤﯟﯗﻝ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ. .10ﺗﻪﯓ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ،ﺗﯚﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﺯ. .11ﺧﯘﭘﺘﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﺎﻣﺪﺍﺕ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯞﺍﻗﺘﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﺘﻪ
ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯜﭺ
ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯩﺰﺩﻩﻥ-ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻞ-ﺋﻮﻳﻼﻥ!
ﺋﯩﻤﺎﻥ 36
.1ﺋﻪﺧﻼﻕ ،ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ،ﺋﯧﺴﯩﻞ ،ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ، ﺧﯘﻱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻟﯘﻏﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﯖﻼﺭ. .2ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ،ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
.3ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺷﮫﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﯩﺶ-ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ. .4ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ. .5ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ .6ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ» :ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ« )ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ: »ﻗﻪﺩﻩﺭ« (25 ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﯖﻼﺭ؟ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺑﯩﻠﻪﻥ .7ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ
.8ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ .9
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ »ﯞﯨﺪﺍﻟﯩﺸﯩﺶ ﺧﯘﺗﺒﯩﺴﻰ«ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﻧﻪﺳﯩﮫﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ.
.10ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺳﯩﻠﻪﺭ؟ » .11ﺩﯨﻦ ﻛﯜﻟﺘﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ« ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ: ﺋﺎ.
»ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭ«، ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﺎﻏﺎﮪ ﭼﯘﺑﯘﻗﭽﯘ.
ﺋﻪ.
»ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ« ،ﺯﺍﺭﯨﻔﻪ ﺟﺎﻧﺎﻥ.
ﺏ» .ﺋﺎﻳﻪﺕ ،ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ« ،ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﮔﯚﺯ. ﺕ» .ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺷﻪﺧﺲ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﯞﻩ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻖ« ،ﻳﺎﺷﺎﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ.
ﻫﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻗﯘﺭﺍﻝ :ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ، ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻞ!
)ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ» :ﺋﯩﻤﺎﻥ«(7 ،
37
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﺪﯗﺭ .ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ .ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ،ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺳﯚﻳﮕﯜ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﺎﻣﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ؛ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ،ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ؛ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯜﺗﺴﻪﻙ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ...ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻕ، ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ،ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ،ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: »ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ«.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ» .ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ!« ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﭼﯘﻗﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ »ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ!« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ .ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﯨﻘﺴﯩﻨﯩﭗ» :ﺳﻪﻥ ﻛﯩﻢ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ» .ﺳﻪﻥ ﻛﯩﻢ؟« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ» :ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻕ!« ﺩﻩﭖ ﯞﺍﻗﯩﺮﯨﺪﻯ .ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﺩﺍ: »ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻕ!« ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ» :ﺩﺍﺩﺍ ،ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯘ؟« ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ» :ﺳﺎﯕﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ!« ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ. ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﺩﺍ» :ﺳﺎﯕﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ!« ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ» :ﺳﻪﻥ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻜﺴﻪﻥ!« ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﺩﺍ» :ﺳﻪﻥ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻜﺴﻪﻥ!« ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ» :ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎﺩﺍ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ .ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ. ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ«.
.1ﺑﺎﭖ .1ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮔﯜﺯەﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯘﺭ
ﺋﯩﻤﺎﻥ 38
ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ــــ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ،ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯗﺭ .ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ» :ﻣﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﺪﯨﻢ «.ﺩﯦﮕﻪﻥ) .ﻣﯘﯞﺍﺗﺘﺎ» :ﮬﯜﺳﻨﯜﻝ-ﺧﯘﻟﻖ«(8 ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ» .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ» :ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ« ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. )»ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﮬﯩﺐ«(182\4 ،
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﯞﻩ ﻗﻪﺑﯩﮭ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ،ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﺎﭘﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ،ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ،ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﮬﻪﺟﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﺍﻛﺎﺗﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. »ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﺘﯘﺭ«.
)ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-22 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺋﯩﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ-ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ،ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﮔﯜﺯﻩﻝ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ،ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰ .ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﭖ ،ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ .ﺑﯘ ﺋﻪﻣﯩﺮ- ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﺴﻪﻙ ،ﺧﯘﻱ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻝ ﺋﯜﺯﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ،ﺩﻭﺳﺖ-ﺑﻮﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﺋﻮﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻘﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺧﺎﺭ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ .ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺧﯘﺷﺎﻝ-ﺧﻮﺭﺍﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: »ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯧﮫﺮﻯ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ )ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ( ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ) «.ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ» :ﺋﻪﺩﻩﺏ«(58 ،
39
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﺳﯘﺭﺍﻧﻪ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﺷﯩﺠﺎﺋﯩﺘﻰ ،ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ .ﺳﻪﯞﺭ-ﺗﺎﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﻏﻪﺯﻩﭖ- ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﺳﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺷﻘﺎ ،ﺑﯩﺮ ﺑﯜﺭﺟﻪﻛﺘﻪ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ،ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻗﻮﻝ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ...
.2ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ
»ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ـــ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻤﺎﻥ 40
ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺩ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ـــ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻟﮕﯩﺪﯗﺭ«. )ﺋﻪﮬﺰﺍﭖ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-21 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﮕﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺗﯧﭙﯩﭗ ،ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯘ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ: ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ،ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ. ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ،ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﺭﻯ-ﺗﺎﻗﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ. ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ.
ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ،ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﺯﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭ. ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺩﯨﺮ ،ﮬﯘﻧﻪﻳﻦ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺋﺎﻝ. ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﮬﯘﺩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺷﯧﮫﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ. ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﻪ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ.
ﺳﺎﯕﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ،ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ-ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ.
ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﯕﻼﺭ .ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪ ﺗﻪﺭﺗﯩﯟﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯘ ﮬﻪﺭﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯘﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ]ﺋﺎ[ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ]ﺋﻪ[ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ]ﺏ[ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﯧﮫﺮﻯ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺗﯜﺯﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ.
41
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺟﻪﺭﯗﻝ-ﺋﻪﺳﯟﻩﺩﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻕ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯩﺒﺮﺍﺋﯩﻞ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯚﻛﯜﻧﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼ.
.2ﺑﺎﭖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ »ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ
42
ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﻮﮬﻮﻱ ﺩﯦﻤﯩﮕﯩﻦ )ﻏﯘﺩﯗﺭﻣﯩﻐﯩﻦ( ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﻠﯩﻤﯩﮕﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﯚﺯ
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ-ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ ،ﺋﯩﺶ- ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯜﺯﻩﻳﻤﯩﺰ .ﺑﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ، ﺑﯘ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺪﯗ. ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎﻣﯘ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ »ﺋ ﺑﯘ ﺎﻟﻼﮪ ﻳﻮﻟ ﻳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﻩ ﺳﯧﻨﻰ ﻙ ﺪﺍ ﺳﯜﺭﯨﺴ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ .ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻰ « ، )
ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ﯞﻩ» :ﺋﻰ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ!
-112ﺋﺎ ﮬﯘﺩ ﻳ ﻪﺕ(
ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻤﺪﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ« ﺩﯦﮕﯩﻦ«. )ﺋﯩﺴﺮﺍ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-24-23 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﮬﺎﻻ
ﻛﻪﺗﻜﻪ
ﯕﻼﺭﻧﻰ ﻩ ﺳﯜﺭ ..ﺋﯚﺯﻩ )ﺑﻪﻗﻪﺭ ». « ﺎﯕﻼﺭ ...ﺎﻳﻪﺕ( -19ﺋ ﻤ ﺗﺎﺷﻠﯩ 5
ﯨﺴﻰ،
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ» :ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﯩﺪﯗﺭ .ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﯩﺪﯗﺭ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯚﺯ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ﺭﺍﮬﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺯﯦﮫﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﺎﺭ .ﺑﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﭼﺎﺭ ،ﻗﻪﺑﯩﮭ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪﺕ ـــ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﮫﻨﯩﮕﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺧﻮﺷﺨﯘﻱ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮔﻪﭖ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺠﺎﻧﺪﯨﻞ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. »ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ«. )ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ» :ﺳﺎﻻﺕ«(176\127 ،
43
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﺘﯘﺭ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻤﯩﺰ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ» :ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ») .ﺗﺎﭺ«(100\2 ،
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺳﺎﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﻪﺭﺗﯩﺪﯗﺭ .ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ۋە ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ... ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ،ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎﻣﯘ ﺩﯗﺭﯗﺳﺘﺘﯘﺭ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺭﯨﺰﻗﻰ ﻣﻮﻝ ،ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.
44
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻤﻪﻧﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ» :ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﯩﻼ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ) «.ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-286 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺳﯚﻳﮕﯜ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ. ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻳﯧﯖﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺟﺎﮬﯩﻞ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﭙﻜﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ،ﺑﯘﻏﺎﻟﺘﯩﺮ ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ،ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺕ ،ﺋﯩﻤﺎﻡ ،ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ،ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭ ،ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ...ﯞﺍﮬﺎﻛﺎﺯﺍﻻﺭ. ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ.
• •
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ: ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ .ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ )ﻛﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ( ،ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﯗﺭﯗﺳﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﯧﺨﯩﻞ ،ﭘﯩﺨﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ،ﺳﻪﯞﺭﻯ-ﺗﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ .ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ،ﺳﺎﻟﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
) ) ) ) ) )
( ( ( ( ( (
) ( ) ( ) ( ) ( ) (
ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﯚﺯ ﺗﻮﺷﯘﻳﺪﯗ ،ﺑﯩﮫﯘﺩﻩ ﭘﺎﺭﺍﯓ ،ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ،ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﯩﻼ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ. ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﮬﺎﺭﺍﻡ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﮬﺎﻻﻝ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ.
) ) ) ) ) ) ) ) ) ) )
( ( ( ( ( ( ( ( ( ( (
) (
ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺪﺍ ﻛﻪﻡ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻳﯧﺘﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﮕﻪ-ﭼﺎﻗﯩﺴﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ. ﺳﻪﯞﺭﻯ-ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯕﻐﯘ. ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ. ﺯﯨﻨﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺧﻮﺷﭽﯩﺮﺍﻱ ،ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﺎﺭﺍ ﻳﻪﻳﺪﯗ ،ﭘﺎﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺷﻪﻳﺌﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯧﮫﺮﻯ- ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯚﺯ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻣﯩﺴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ .ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺕ )ﺗﻮﻏﺮﺍ( ،ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺥ )ﺧﺎﺗﺎ( ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﯔ.
45
.3ﺑﺎﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ۋە ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ
ﺋﯩﻤﺎﻥ 46
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
»ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﺍﯕﻼﺭ ،ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ .ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﻪﯞﻣﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭ )ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ( ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ .ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ .ﺑﯘ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭ«.
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ،ﮬﺎﻻﻝ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ ،ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ،ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ،ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺋﯚﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ» :ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯗﺭ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻟﺪﻯ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: »ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ« ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. )»ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﺱ-ﺳﺎﻏﯩﺮ«(47\9 ،
)ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-8 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ،ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﺎﺭﻩ-ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ.
»ﺋﯩﭽﻰ ﺗﯧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺵ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ؟ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﯕﻼﺭ.
»ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﻳﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ«. )ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-9 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
»ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﻟﺪﺍﺵ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ؟ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﯕﻼﺭ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ 47
)ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-153 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻧﺎﺯﺍﻛﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﻖ-ﺳﯩﭙﺎﻳﻪ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﮬﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻥ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻱ ،ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﭺ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ،ﺷﺎﻥ- ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ،ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ-ﺗﻪﺭﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ .ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ .ﮬﺎﻻﻝ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ» :ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺩﯗﺭﯗﺳﺘﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ) .ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ» :ﺑﯘﻳﯘ« (4 ،ﺑﺎﻱ-ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ،ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ-ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ،ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻗﻮﻝ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.
»ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﻪﯞﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﯕﻼﺭ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﯩﺪﯗﺭ«.
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ۋە ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ...
ﺋﯩﻤﺎﻥ 48
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
»ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻳﯘﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ )ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻪ( ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﺳﻮﺭﯨﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﯩﭽﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﯕﻼﺭ، ﯞﻩﺯ-ﻧﻪﺳﯩﮫﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ )ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ- ﺋﻪﺩﻩﺑﻜﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ( ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ )ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ( ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ«. )ﻧﯘﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-27 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺋﻪﻝ-ﺋﺎﻏﯩﻴﻨﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﺴﺎ ،ﺳﯩﺮﻧﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﭼﺎﺕ ﻛﯧﺮﯨﯟﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻧﺎﭼﺎﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ
)ﮬﯘﻣﻪﺯﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-2-1 ،ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ(
ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ
ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ
»)ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ( ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺳﯘﺧﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﯞﺍﻱ! ﺋﯘ ﻣﺎﻝ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ )ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ( ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺳﺎﻧﯩﺪﻯ«.
ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻗﺎﺭﺷﻰ
ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ
ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ
ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ
ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻐﺎ
ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.
ﮬﺎﻱ
ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ،
ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻐﺎ
ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺯﺍﻛﺎﺕ ،ﭘﯩﺘﯩﺮ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ
ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ،
ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﺷﻨﯩﯖﻤﯘ
ﺑﯩﺮ
ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ
)ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ،ﺗﻪﯓ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ( ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.
»ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺷﯜﺑﮫﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، )ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻦ( ﻏﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ،ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ( ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ .ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯘﺭ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ )ﻳﺎﺧﺸﻰ( ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ«. )ﺋﻪﮬﻘﺎﻑ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-14-13 ،ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ(
ﺋﯩﻤﺎﻥ
)ﻧﯩﺴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-29 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
49
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺧﺎﺗﺎ ،ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ» :ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﮕﻪ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﯘﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎ!« )ﺯﯗﮬﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-10 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺋﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺭﻩﺑﺒﯩﻨﯩﯔ» :ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ) «.ﺋﺎﻝ-ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، -92ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺧﻮﺷﭽﯩﺮﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻏﻮﺩﯗﺭﺍﭖ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﻰ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﯘﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ، ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ،ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺭﻩﭘﺒﺎﺯﻟﯩﻖ ،ﮔﻮﺭﻭﮬﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻧﺎﮬﻪﻕ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
»ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ )ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ،ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺑﯘﻻﺵ، ﺟﺎﺯﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ،ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ( ﻧﺎﮬﻪﻕ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﯞﺍﻟﻤﺎﯕﻼﺭ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ-ﺳﯧﺘﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ .ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﻰ )ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ( ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ ،ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ«.
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ» :ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﯘﭼﻰ ،ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮬﯩﻴﻠﯩﮕﻪﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ «.ﺩﯦﮕﻪﻥ») .ﻛﻪﻧﺰﯗﻝ-ﺋﯘﻣﻤﺎﻝ«(7825 ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﻪﺳﻼ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺧﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﺎﭺ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻮﻕ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯗ. ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ 50
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
»ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ«ﮔﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ
.1 ﺑﺎﮬﺎﻻ ﻣﻪﺳﺌﯘ ﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﮬﻪﻣ ﺵ ﺳﯘﺋﺎ ﻟ ﻠ ﯩ ﻗﻮﻳ ﺮ ﯩ ﻯ ﺪ : ﻤﻪ ﻛ ﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﯞﻩﻗﻪﻧ ﯩﺸﻰ ﺑ ﺎ ﺷ ﻣﻪﺳ ﻘ ﯩ ﯩ ﻠ ﯩ ﺴ ﻠﻪﺭ ﺋ ﻰ ﻛﯚ ﯩﻐﺎ ﺋﯩ ﻮ ﺭ ﺘ ﺗ ﺩ ﺘ ﺘ ﯛ ﯩ ﯘ ﺮ ﺭ ﯕ ﯨ ﯨ ﻐﺎ ﭗ .2ﺋ ﻼﺭﻣﯘ؟ ﻗﯩ ﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖ ﭼﯩﻘﺘﻰ؟ ﻼ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭ ﺩﺍ ﻠ »ﻣﯧ ﺴﯘﻥ« ﻨﯩﯔ ﻧ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﯧﻤﻪ ﻛﺎ ﺭ ﺷ ﯨ ﻪ ﻢ ؟ ﺧ ﻴ ﺑﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍ ﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎ ﺴﯩﻲ ﯞ ﺷﻘﯩﻼﺭ ﻩ ﺋﯩﺠﺘ ﺳﺎ ﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩ ﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛ ﯞﺍﻗﺪﺍ ﯔ ﺟﻪ ﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺷﻠﯩﺮﯨﯖ ﻣﯩﻴﻪﺗﻜ ﻼ ﻪ ﺭ ﺑ ﻗ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﯩ ﻮ ﺷﻘﺎ ﻠﻪﻥ ﻣﯘﮬﺎﻛ ﻥ ﺗﯚﮬﭙ ﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ﯩﺴﯩﻨﻰ .
ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻤﯩﺰ »ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ«» ،ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ«» ،ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ« ﯞﻩ »ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ« ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﯚﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ.
ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ» .ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ« »ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ«ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﻰ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ »ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ« ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺮﻩﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ »ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ« ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ» .ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ«ﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺶ »ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ«ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ» .ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ« »ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ«ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤﺎ »ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ« ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ »ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ«ﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ »ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ« ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ »ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ« ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، »ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ« »ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ«ﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺷﺘﻰ.
ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺍﻟﯩﺘﻰ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﮫﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﺩﻯ .ﻣﯧﮫﻤﺎﻥ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭﮔﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ:
ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ:
.1ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ .2ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﯩﯖﻼﺭﻣﯘ؟ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. .3ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ.
ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ؟ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ؟ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
51
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻣﻪﻥ ﺋﯚﭼﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺷﺎﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﯩﺶﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﻢ ﻳﻮﻕ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ،ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯩﻢ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺋﺎﯞﯗﻣﯘ ﺷﺎﻡ ،ﻣﺎﯞﯗﻣﯘ ﺷﺎﻡ .ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻳﯘﺭﯗﺗﯩﺪﯗ.ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺰ؟
ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ،ﺧﻮﺷﭽﯩﺮﺍﻱ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭ .ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺷﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ 52
»ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﻳﺪﯗ«.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
)ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ» :ﻣﻪﺯﺍﻟﯩﻢ«(3 ،
»ﻣﯚﻣﯩﻦ ـــ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ .ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﺍ ﺧﻪﻳﺮ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ«. )ﺋﻪﺧﻤﻪﺩ ﺑﯩﻦ ﮬﻪﻧﺒﻪﻝ(271\4 ،
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ: ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﺳﺎ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﺪﯗ. ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯧﻴﮕﯜﺯﺳﻪ ،ﺋﺎﻟﻼﮬﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. )ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ» :ﺋﻪﺩﻩﺏ«(46 ،
ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﯘﺩەﻙ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭ
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ» :ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ .ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯜﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﯜﺩﻩﻙ ﻳﻮﺗﻘﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺋﻮﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ،ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﻴﺎﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻟﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﯜﻙ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﻪﻡ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻳﯜﻙ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻢ ﯞﻩ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ«.
53
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﻰ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﻴﺎﻻﺭﻧﻰ ﻳﯜﻙ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻟﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﻙ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﯞﺍﺯﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ .ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﻪﻗﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺮ-ﻗﺎﺕ ﻳﯘﻳﯘﭖ ،ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻏﻮﺭﯨﮕﯘﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﻴﺎﻻﺭﻧﻰ ﻳﯜﻙ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻟﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ» :ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ» :ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﺗﻘﯩﻨﯩﻢ .ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯩﻜﺘﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﭼﯧﺪﯨﺮﻻﺭﺩﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯜﺷﺸﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ؟ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﺴﯘﻥ .ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﯞﯗ ﻣﯧﻨﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ «...ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﺎ ،ﯞﯨﯟﯨﺴﻜﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﺵ ﻳﻪﺭ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯚﺑﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻼﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﭘﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﭺ-ﺳﯘﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ» :ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﺋﺎﺭﻻﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ،ﻣﻮﮬﺘﺎﺟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﭘﯘﻟﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﻳﺸﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻻﺭ؟
ﺋﯩﻤﺎﻥ 54
ﮔﺎﺯ ﺗﯘﯕﻰ ﭘﺎﺭﺗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺋﺎﻳﺸﻪﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺧﺎﻟﯩﺪﻩﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﺎﻟﯩﺪﻩﻧﯩﯔ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ ،ﻛﯚﻳﯜﻙ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻳﺸﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﻮﻳﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﻮﺗﯧﺮ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﺎﻟﯩﺪﻩﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﻳﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﻮﺗﯧﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻳﺸﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯖﯩﺰ؟ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯔ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: »ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﺪﯗﺭ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ«.
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
)ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ» :ﺑﯩﺮﺭ«(58 ،
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻟﻮﻗﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺳﯩﮫﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ: »ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﺋﯘﻳﯘﻝ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ )ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺟﺎﻳﺪﺍ( ﻳﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ )ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ( ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ«.
)ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ-16 ،ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ »ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻞ ،ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺕ )ﺗﺎﺷﻼ( .ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ ،ﺧﺎﻟﯩﻖ )ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ( ﺑﯩﻠﻪﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ- ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
-18ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ:
.16ﺳﺎﻟﯩﮭ ﺋﻪﻣﻪﻝ
.9
ﻣﯚﻣﯩﻦ
.2
ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ
.17ﯞﻩﮬﺪﺍﻧﯩﻴﻪﺕ
.10ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ
.3
ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ
.18ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
.11ﻛﻪﻟﯩﻤﻪﺋﻰ ﺷﺎﮬﺎﺩﻩﺕ
.4
ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ
.19ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ
.12ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ
.5
ﺑﻪﻗﺎ
.20ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ
.13ﺭﻩﺏ
.6
ﺋﻪﺳﻤﺎﺋﻰ ﮬﯘﺳﻨﺎ
.14ﯞﻩﻟﻰ
.7
ﺋﯩﻤﺎﻥ
ﺋﯩﻤﺎﻥ
.15ﺋﯩﺴﻼﻡ
.8
ﺋﺎﻟﯩﻢ
.1
ﺟﯩﺒﺮﺍﺋﯩﻞ
55
.15ﺋﯩﻨﻔﺎﻕ
.8
ﺧﯘﺗﺒﻪ
.1
ﺑﻪﺵ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯ
.16ﻗﺎﻣﻪﺕ
.9
ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻡ
.2
ﻓﯩﺘﺮﻩ )ﭘﯩﺘﯩﺮ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﺴﻰ(
.17ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ )ﮬﯧﻴﺖ(
.10ﺗﻪﮬﻪﺟﺠﯘﺩ
.3
ﻧﻪﭘﻠﻪ
.18ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ
.11ﯞﯨﺘﯩﺮ
.4
ﺳﺎﮬﯘﺭ
.19ﻏﯘﺳﯘﻝ
.12ﺗﯧﺮﺍﯞﯨﮭ )ﺗﯩﺮﺍﯞﯗ(
.5
ﺳﻪﺩﺍﻗﺎ )ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ(
.20ﺋﯩﻤﺎﻡ
.13ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ
.6
ﺯﻩﻛﺎﺕ )ﺯﺍﻛﺎﺕ(
)ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ(
.14ﺋﻪﺯﺍﻥ
.7
ﺳﺎﮬﯘﺭ )ﺯﻭ(
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
-35ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ:
ﻳﯩﯖﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻤﺎﻥ 56
ﺩﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ،ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﯩﺰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ،ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ،ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.